ئامېرىكىنىڭ ياساش كەسپىنى قايتا جانلاندۇرۇشىدىكى ئىستىراتېگىيىلىك ۋە سىياسى ئويلىنىشلار
J9{B J)*y1 U,)+wZJ شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى: IUwY/R9Q eqXW|,zUm ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما مۇشۇ ئاينىڭ 11- كۈنى، ئامېرىكا ياساش كەسپىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇن لايىھىسىگە ئىمزا قويدى. بۇ قانۇن لايىھىسىنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ئاۋام پالاتا ۋە كېڭەش پالاتا ئۆتكەن ئايدا ماقۇللىغان بولۇپ، ئامېرىكا كارخانىلىرى ئىشلەپچىقىرىش خام ماتىرىياللىرىنى ئىمپورت قىلغاندا چوقۇم تاپشۇرىدىغان بىر قىسىم تاموژنا باجلىرىنى تۆۋەنلىتىش ياكى ۋاقىتلىق توختىتىش ئارقىلىق، ئامېرىكا ياساش كەسپىنىڭ تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئىش ئورنى چىقىرىش ھەمدە ئوباما ئوتتۇرىغا قويغان ئامېرىكىنىڭ ئېكىسپورت مىقدارىنى 5 يىلدا بىر قاتلاش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مەقسەد قىلىنىدۇ.
#*
?a" SdN|-'qf ·تەرەققىياتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى يۆتكەش.
HAP9XC(F] D_'Zucq ئوباما ئىمزا قويۇش مۇراسىمىدا "ئامېرىكا-- باشقا دۆلەتلەردىن مەھسۇلات سېتىۋېلىش باشقا دۆلەتلەرگە مەھسۇلات سېتىپ بېرىشتىن كۆپ بولۇش ئادىتىنى ئۆزگەرتىپ، تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان ئامېرىكا ئىقتىسادى يادروسىنى قايتا قۇرۇشى يەنى "ئامېرىكا ياساش"نى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى كېرەك." دېدى. ياساش كەسپىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇن لايىھىسى-- ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ياساش كەسپىنى قايتا جانلاندۇرۇشىدىكى بىر قاتار لايىھىلەرنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، پاكىزە ئېنىرگىيە مەنبەسى ۋە يول قاتنىشىغا كەڭ كۆلەمدە مەبلەغ سېلىش، كەڭ بەلباغلىق تور مۇلازىمىتىنى ياخشىلاش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئومۇمىي مەبلەغ سېلىنمىسى 17 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولىدۇ. ئامېرىكىنىڭ سىياسىي ئىشلىرىدا ئېغىر بۆلۈنۈش ئەھۋالى كۆرۈلگەن بۈگۈنكى كۈندە، "ئامېرىكا ياساش"نى قايتا جانلاندۇرۇش-- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ئىككى پارتىيە نىسبەتەن بىردەكلىك ھاسىل قىلالايدىغان ئاز ساندىكى ساھەلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ياساش كەسپىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇن لايىھىسىنىڭ بۇ يىل 7- ئايدا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن ماقۇللىنىشى-- بۇنىڭ ئىسپاتى بولالايدۇ.
)KkA
ZcIwyh(`
ئامېرىكا-- نۆۋەتتىكى دۇنيا ياساش كەسپىدىكى ئەڭ چوڭ دۆلەت بولۇپ، كۈچلۈك بولغان ياساش كەسپى-- ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ 20- ئەسىرنىڭ مۇتلەق كۆپ ۋاقىتلىرىدا گۈللەپ راۋاجلىنىشىنىڭ ئاساسىنى تىكلىدى. ئەمما، 20- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىنىڭ باشلىرىدىن بۇيان، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن ياساش كەسپى يوقالدى ياكى ئاپتوماتىكلىشىش دەرىجىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى ۋە ياكى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيىسىنى چەتئەللەرگە كۆچۈردى. ياساش كەسپىنىڭ ئامېرىكا ئىقتىسادىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى كۈنسېرى تۆۋەنلەپ، ئامېرىكا ئىقتىسادى--مۇلازىمەتنى ئاساس قىلغان ئىقتىسادقا ئايلىنىشقا باشلىدى. ياساش كەسپى تەمىنلىگەن ئىش ئورنى كۈنسېرى ئازايدى. ئامېرىكا ئەمگەكچىلەر ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق ماتىرىيالىغا قارىغاندا، ئۆتكەن 10 يىلدا، ئامېرىكا ياساش كەسپىدە ئازايغان ئىش ئورنى 6 مىليونغا يەتكەن. ئامېرىكا جامائەتچىلىكى ياساش كەسپىدىكى ئىش ئورنىنىڭ يوقاپ كېتىشى ۋە ئاتالمىش "كەسپ بوشلۇقى"دىن ئەندىشە قىلىشقا باشلىغان. J1g
`0XH
*|MPYxJ<
ئوباما ھۆكۈمىتى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشكە باشلىغاندىن كېيىن، "ئامېرىكا ياساش"نى قايتا جانلاندۇرۇشنى ئىقتىسادنى قوزغىتىش، ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ رىقابەت كۈچىنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلدى ھەمدە بۇنىڭدىكى مۇھىم نۇقتىنى پاكىزە ئېنىرگىيە مەنبەسى ساھەسىگە قارىتىپ، ياساش كەسپىنىڭ كېيىنكى كىرىزىس دەۋرىدە، ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ قەرز ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچى تىپىدىن ئېكىسپورت ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچى تىپىغا يۈزلىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشىنى ئۈمىد قىلدى. ئىلگىرى، ئوباما تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن "ئامېرىكا ياكى داۋاملىق ھالدا دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ نېفىت ئىمپورت دۆلىتى بولىدۇ، ياكى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ پاكىزە ئېنىرگىيە مەنبەسى تېخنىكىسى ئېكىسپورت دۆلىتىگە ئايلىنىدۇ." دېگەن ھەمدە 5 يىل ئىچىدە، ئامېرىكىنىڭ ئېكىسپورت مىقدارىنى بىر قاتلاش نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئاجراتقان 800 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق بازار قۇتقۇزۇش مەبلىغى ئىچىدە، پاكىزە ئېنىرگىيە مەنبەسىگە بىۋاستە سېلىنىدىغان ۋە پاكىزە ئېنىرگىيە مەنبەسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىلھام بېرىدىغان باج كېمەيتىش سىياسىتى مەبلىغىلا 100 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى. پىلانغا ئاساسەن، 2012- يىلغا بارغاندا، ئامېرىكىنىڭ ئېلىكتىر ئېنىرگىيە ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %10ى شامال ئېنىرگىيىسى، قۇياش ئېنىرگىيىسى قاتارلىق ھاسىلىي ئېنىرگىيە مەنبەلىرىدىن كېلىدىغان؛ 2025- يىلغا بارغاندا، %25كە يېتىدىغان بولدى. z9E*Mh(NE
jR*1%.Ng
·ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىرىنى جانلاندۇرۇش. .DIHd/wA
y1FS?hSD0
ئۇزاق مۇددەتلىك ئىستىراتېگىيىلىك ئويلىنىشلاردىن باشقا، ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قانۇن لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى-- ئاساسلىقى ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلام ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى قاتارلىق سىياسىي جەھەتتىكى ئويلىنىشلاردىن بولدى. ئامېرىكا ئىقتىسادىدا، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئاشماسلىق ئەھۋالىنىڭ داۋاملىشىۋاتقىنىغا بىر يىل بولاي دېدى. ئىقتىساد چېكىنىشكە باشلىغاندىن بۇيان، ئامېرىكىدا يېڭىدىن ئاشقان ئىشسىزلار سانى 8مىليونغا يېتىپ، پۈتكۈل ئىشسىزلار قوشۇنىنىڭ سانى 15 مىليونغا يەتتى. يېقىندا ئېلان قىلىنغان 7- ئايلىق ئىشسىزلىق سانلىق ماتىرىياللىرى كىشىلەرنى ئۈمىدسىزلەندۈردى. بارغانسېرى كۆپلىگەن كىشىلەر ئىشسىزلىق بازىرىدىن چېكىنىپ چىققان بولسىمۇ، ئىشسىزلىق نىسبىتى يەنىلا %9.5لىك يۇقىرى سەۋىيىدە تۇردى. ئىستاتىستىكا سانلىق ماتىرىياللىرىغا قارىغاندا، ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلاۋاتقان بولۇپ، ئىشسىزلىق نىسبىتىنى ئازايتىشقا كېرەكلىك بولغان ئاز بولغاندىمۇ %2.5لىك ئىقتىسادنىڭ تەبىئىي ئېشىش نىسبىتىگە يەتمەيدىكەن. ئىقتىسادشۇناسلار ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ كەلگۈسى بىر قانچە يىلدىكى تۆۋەنلىشىنىڭ ناھايىتى تەس بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى. ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشى-- ئىشچىلارنىڭ ئىش ھەققىنىڭ بىر ئىزدا توختاپ قېلىشى، ئىستىمال چىقىمىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىشى قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.بۇنىڭ ئىچىدە، ئىستىمال چىقىمى-- ئامېرىكا ئىقتىسادىي ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %70ىنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشىغا بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىرىنىڭ كاسات بولۇشى-- كىشىلەرنىڭ ئوباما ھۆكۈمىتىگە بولغان قوللاش نىسبىتىگە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، دېمۇكىراتلار پارتىيىسىنىڭ بۇ يىل 11- ئايدا ئېلىپ بېرىلىدىغان ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىكى ئەھۋالىغا بىۋاستە تەھدىت يەتكۈزىدۇ. مۇشۇ خىل ئارقا كۆرۈنۈش ئالدىدا، ئوباما ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت مەجلىسىدىكى دېمۇكىراتلار پارتىيىسىدىكىلەر ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىرىنى جانلاندۇرۇشنىڭ ئۈمىدىنى ياساش كەسپىگە قاراتتى.ياساش كەسپىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇن لايىھىسى-- باج كېمەيتىش ۋاستىسى ئارقىلىق، ئامېرىكىنىڭ ياساش كەسپىنىڭ ئېكىسپورتتىكى رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش ۋە تېخىمۇ كۆپ ئىش ئورنى يارىتىشنى مەقسەد قىلىدۇ. Bz]j&`
-k")#1
ئەمەلىيەتتە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئوباما ھۆكۈمىتى ياساش كەسپىنىڭ ئورنىنى ئامېرىكىدا ساقلاپ قالىدىغان بىر قاتار كونكرېت تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.مەسىلەن، 2مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئاجرىتىپ، قۇياش ئېنىرگىيىسى كارخانىلىرىنى قوللىدى؛ ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىشى ۋە يادرو ئېنىرگىيىسىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇردى؛ مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن ئاپتوموبىل يېقىلغۇ ماي سەرپىياتى ئۆلچىمىنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئامېرىكا ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ دەرىجىسىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئارىلاشما ئېنىرگىيە مەنبەلىك ئاپتوموبىل ۋە يېڭى يېقىلغۇ باتارىيىسى تەتقىقاتىنى 2 مىليارد 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش ھەمدە ئېنىرگىيە تىجەش تىپىدىكى ئاپتوموبىل سېتىۋالغۇچىلارغا باج قايتۇرۇش توغرىسىدا ۋەدە بەردى.يېشىل ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تەدبىرلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ يىل 2- ئايدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يەنە باش ئىشتابى گىئورگىيە ئىشتاتىنىڭ ئاتلانتا شەھىرىگە جايلاشقان جەنۇپ شىركىتىنى 8مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق ھۆكۈمەت قەرز پۇلى كاپالىتى بىلەن تەمىنلەپ، جەنۇپ شىركىتىنىڭ گىئورگىيە ئىشتاتىدا يادرو رىئاكسىيە قازىنىدىن ئىككىنى قۇرۇشىنى قوللايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ-- ئامېرىكا يېقىنقى 30 يىلدىن بۇيان قۇرغان تۇنجى يادرو ئېلىكتىر ئىستانسىسى بولۇپ، ئامېرىكا جامائەتچىلىكى "ئەگەر فېدىراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشى بولمىسا، بۇ تۈردىكى خىزمەت پۇرسەتلىرىنىڭ ھەممىسى ئامېرىكىدا قېلىش ئەمەس بەلكى جۇڭگو، ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئېقىپ كەتكەن بولاتتى." دەپ قارىدى. مۇشۇ ئاينىڭ 11- كۈنىدىكى ئىمزا قويۇش مۇراسىمىدا، ئوباما يەنە دۆلەت مەجلىسىدىكى ئىككى پارتىيىنىڭ داۋاملىق ھەمكارلىشىپ، پاكىزە ئېنىرگىيە مەنبەسى كارخانىلىرىغا قارىتىلغان 5 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق باجدا ئېتىبار بېرىش قانۇن لايىھىسىنى تېزدىن ماقۇللىشىنى تەشەببۇس قىلدى. KTd4pW?w
kznmA`#jn
ئەمما، ئامېرىكىنىڭ ياساش كەسپى-- ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىرىنى قۇتقۇزۇپ قېلىشتىن ئىبارەت ئېغىر ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالالامدۇ- يوق؟ ئىقتىسادشۇناسلار سىياسىئونلارغا ئوخشاش ئۇنداق ئۈۈمىدۋار بولۇپ كەتمىدى. <<ۋول- سىترىت كوچىسى گېزىتى>> يېقىندا ئىقتىسادشۇناسلارنى تەشكىللەپ ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىدا تۈپتىن ئۆزگىرىش بولغانلىقتىن، بىناكارلىق قۇرۇلۇش، ئۆي-جاي مۈلۈك كەسپىگە ئالاقىدار بولغان شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ ياساش كەسپىدىكى باشقا كەسپلىرىدىكى ئىش ئورنىنى كىرىزىس يۈز بېرىشتىن ئىلگىرىكى سەۋىيىگە قايتۇرۇش مۇمكىن بولمايدىكەن. ئىقتىسادشۇناسلار مۇنداق دەپ قارىدى:"دۇنيادىكى ياساش كەسپى بويىچە ئەڭ چوڭ ئىشلەپچىقىرىش دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئامېرىكىنىڭ ياساش كەسپى--ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىرىنى قۇتقۇزۇپ قېلىشتىكى ئەڭ ئاخىرقى قارانچۇق بولالماسلىقى مۇمكىن. ئەمما، ئامېرىكىنىڭ ياساش كەسپىدە رەھبەرلىك ئورۇننى ئىگىلەيدىغان يۇقىرى قوشۇلما قىممەتلىك مەھسۇلاتلار جەھەتتە يەنىلا كۆرۈنەرلىك ئەۋزەللىككە ئىگە بولۇشى-- ئىسپاتلاش تەلەپ قىلمايدىغان ھەقىقەت ھىساپلىنىدۇ. OlQ7Yi>
LeXuTd
كىشىلەرنىڭ دېققىتىنى تارتقىنى شۇكى، ئامېرىكىنىڭ ياساش كەسپىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇن لايىھىسى يەنە چەتئەللەردە تىجارەت قىلىۋاتقان ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ھالقىغان كارخانىلىرىدىن 10 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىن باج ئېلىشتىن ئىبارەت يېڭى مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، شەكلى ئۆزگەرگەن جازالاش تەدبىرى ئارقىلىق، ئامېرىكا ياساش كەسپىدىكىلەرنى ئىش ئورنىنى ئامېرىكىدا قالدۇرۇشقا مەجبۇرلىدى. ئامېرىكا جامائەتچىلىكى بۇنىڭ ئوباما ھۆكۈمىتى بىلەن ئامېرىكا سودىگەرلەر جەمئىيىتىنى ۋەكىل قىلغان كارخانا ساھەسىدىكىلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى يىرىكلەشتۈرىۋېتىشىدىن ئەندىشە قىلىشقا باشلىدى.