مىسرانىم باش بېتى | مودا MP3 | مىسرانىم MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر| يانفۇن مۇزىكىسى
ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 644 قېتىم كۆرۈلدى
«123»Pages: 1/3     Go
تېما: خولىرا شىنجاڭغا تەھدىت ئېلىپ كىلەلەمدۇ؟
shakira
www.dostum.cn
دەرىجە: تېرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 2820
  جىنسى: خانىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 252
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە252دانە
ياخشى باھا: 12 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 2108 سوم
تۆھپىسى: 3 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 306(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-06-16
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-08-28
0 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 02:55

0 خولىرا شىنجاڭغا تەھدىت ئېلىپ كىلەلەمدۇ؟

خولىرا شىنجاڭغا تەھدىت ئېلىپ كىلەلەمدۇ؟
    پاكىستاندا كەلكۈن ئاپىتى بولغاندىن كىيىن مۇشۇ ئاينىڭ 18-كۈنىگىچە 1540 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.200 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى.10 مىڭدىن ئارتۇن كەنىت ئاپەتكە ئۇچىردى.900 مىڭدىن ئارتۇق ئۆي ۋەيران بولدى.توققۇزدە بىر ئۈلۈش ئامما ئاپەتكە ئۇچىردى.تۆتتىن بىر ئۈلۈش زىمىن ئاپەت رايونىغا ئايلاندى.80 پىرسەنىت ئاشلىقنى كەلكۈن يۈتىۋەتتى.ھۆكۈمەتنىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىدىن رازى بولمىغان ئامما پاكىستان ھۆكۈمىتى ۋە پاكىستان زۇڭتۇڭىغا نارازلىق بىلدۈردى.بىر ياشانغان ئايال ئۇنىڭغا قارىتىپ ئايىقىنى ئاتتى.8-ئاينىڭ 11-كۈنى تالىبان چەتئەلنىڭ بارلىق ياردەملىرىنى رەت قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئامرىكىغا قارىتىلغان «غازات» ئۇرىشىنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇردىغانلىقىنى بىلدۈردى،لىكىن ئامرىكا قۇتقۇزۇش ئەتىرتى پاكىستانقا قۇتقۇزۇش ھەركىتىنى قانات يايدۇرغاندىن بۇيان ھىچقانداق بىخەتەرلىك تەھتىدىگە ئۇچىرمىدى.پاكىستان خەلقى قاتمۇ-قات قىيىنچىلىقتا قالدى.ئۇلارنى قىيناۋاتقىنى ئاچلىق،ئۇسۇزلۇق ۋە كەلكۈنلا ئەمەس بەلكى يەنە خولىرا.
    پاكىستاندا مۇشۇ ئاينىڭ 26-كۈنىگىچە خولىرا كېسىلى سەۋەبى بىلەن 39 ئادەم قازا قىلدى.پاكىستاننىڭ بىر سەھىيە ئەمەلدارى 16-چىسلا «ھازىر ئاپەت رايونىدىكى 30 مىڭچە ئامما بۇ كېسەل بىلەن يۇقۇملانغان بولىشى مۈمكىن» دەپ ئېيىتتى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى مۇتەخەسىسلىرى 8-ئاينىڭ 19-كۈنى ئاگاھلاندۇرۇش چىقاردى.ئافرىقىدىكى بىر قىسىم دۆلەتلەردە خولىرانىڭ ئۆلۈش نىسبىتى تارىختىكى يۇقىرى سەۋىيەنى ياراتتى.دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى خادىملىرى «خولىرا يۇقۇم ئەھۋالى يېقىنقى مەزگىلدە يامانلىشىپ ماڭىدۇ» دەپ كۆرسەتتى.كامېروندا 2849 كىشى يۇقۇملىنىپ،222 ئادەم ئۆلدى.ئۆلۈش نىسبىتى 7.8 پىرسەنىتكە يەتتى.ئادەتتىكى ئەھۋالدا خولىرانىڭ ئۆلۈش نىسبىتى 1 پىرسەنىت ئەتراپىدا بولاتتى.ئەمما بۇ قېتىملىق يۇقۇمدا 5 پىرسەنىتتىن يۇقىرى بولىۋاتىدۇ.نىگىرىيە،كامېرون،ئۇگاندا،كونگو،جىبۇتى،لائوس،ئافغانىستان،نىپال قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ يۇقۇم ئەھۋالى ئېغىر بولىۋاتىدۇ.
    دىمەك،شىنجاڭ بىلەن چىگرىداش بىر نەچچە دۆلەتتىكى يۇقۇم ئەھۋالى كىشىنى ئەنسىرتىپ قويىۋاتىدۇ.ئۇنداقتا قوشنا دۆلەتلەردىكى خولىرا يۇقۇم ئەھۋالى شىنجاڭ خەلقىنىڭ سالامەتلىكى ۋە ھاياتىغا تەھدىت ئېلىپ كىلەمدۇ؟بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن،خولىرا دىگەن بۇ كېسەلنى چۈشىنىپ بېقىشقا توغرا كىلىدۇ.تۆۋەندە مەن تورداشلارغا چۈشىنىشلىك قىلىپ،ئاددىراق چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي.
    خولىرا-ۋابا دەپمۇ ئاتىلىدۇ.خولىرا تىرناقسىمان باكتىرىيىسى كەلتۈرۈپ چىقىردىغان ئۆتكۈر خارەكتىرلىك ئۈچەي يولى يۇقۇملۇق كېسىلى.قوزغىلىشى جىددي،تارقىلىشى تىز.ئاسىيا ۋە ئافرىقىدىكى كۆپ قىسىم رايونلاردىكى ئىچى سۈرۈشنىڭ مۇھىم سەۋەبى.خەلىقئارادا كارانتىن قىلىندىغان كېسەل.
    ئېپىدېمىئولوگىيىسى:
    1.تارقىلىش مەنبەسى:كېسەل ۋە باكتىرىيە ئېلىپ يۈرگۈچىلەر ئاساسلىق كېسەل تارقىلىش مەنبەسى.بۇنىڭ ئىچىدىكى يىنىك تىپتىكى ۋە يۇشۇرۇن تىپتىكى يۇقۇملانغۇچىلارغا ئاسانلىقچە ئېنىق دىئاگىنوز قويغىلى بولمايدۇ.دائىم ۋاقتىدا ئايرىپ داۋالاش قىلغىلى بولمىغانلىق سەۋەبى كېسەلنىڭ تارقىلىپ كىتىشىدە ئاساسلىق رول ئوينايدۇ.
    2.تارقىلىش يوللىرى:بىمار ياكى باكتىرىيە ئېلىپ يۈرگۈچىلەرنىڭ چوڭ تەرىتى ۋە ياكى باشقا چىقىرىندىلىرى سۇ مەنبەسىنى ياكى يىمەكلىكنى بۇلغىغاندىن كىيىن پارتىلاش خارەكتىرلىك تارقىلىدۇ.خولىرا تىرناقسىمان باكتىرىيىسى بېلىق،راك قاتارلىق سۇ جانلىقلىرى ۋە چىۋىن ئارقىلىقمۇ تارقىلىدۇ.
    3.ئاسان يۇقۇملىندىغانلار:ھەر قانداق ئادەم ئاسان يۇقۇملىندۇ.يۇشۇرۇن يۇقۇملانغۇچىلار كۆپرەك بولىدۇ.كېسەللەنگەندىن كىيىن مۇشۇ كېسەلگە قارىتا مۇئەييەن ئىممونىت كۈچى ھاسىل بولىدۇ،ئەمما قايتا يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقى يەنىلا بولىدۇ.
    4.تارقىلىش پەسلى ۋە رايونلىرى:دۆلىتىمىزدە ئاساسلىقى ياز ۋە كۈز پەسلىدە تارقىلىدۇ.يەتتىنجى ئايدىن ئونىنجى ئايغىچە ئارلىقتا ئەڭ كۆپ بولىدۇ.ئاساسلىقى دېڭىز بويى رايونلاردا تارقىلىدۇ.
    كىلىنكىلىق ئىپادىسى:
    يۇشۇرۇن دەۋرى بىر كۈندىن ئۈچ كۈنگىچە بولىدۇ.كۆپىنچە تۇيۇقسىز قوزغىلىدۇ.ئەڭ ئاۋال ئىچى سۈرىدۇ،قىزىمايدۇ،قۇرۇق ئىنجىق بولمايدۇ.كۆپىنچە قورساق ئاغىرمايدۇ.تەرەتتىن كىيىن راھەت ھىس قىلىدۇ.دەسلەپتە ئادەتتىكى چوڭ تەرەت كىلىدۇ،ئاندىن سېرىق، سۇدەك سۇيۇق چوڭ تەرەت كىلىدۇ.ئۈچىيى قانىغانلارنىڭ گۆش يۇغان سۇدەك قىزغۇچ تەرەت كىلىدۇ.سېسىق پۇرىقى بولمايدۇ.چوڭ تەرەت مىقدارى ۋە قېتىم سانى كۆپ بولىدۇ.ھەر كۈنى تەخمىنەن 10 قېتىم ئەتراپىدا بولىدۇ.ھەتتا بەزىدە تەرەتنى تۇتىۋالغىلى بولمايدۇ.139 O قان زەردابى تىپتىكىسى بولسا قىزىيدۇ،قورساق ئاغرىيدۇ،ھەتتا باكتىرىيەلىك قان كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.ئىچ سۈرۈشتىن كىيىن قۇسۇش ئالامەتلىرى كۆرىلىدۇ.پۈركۈپ قۇسىدۇ.كۆڭلى ئېلىشىش ئالامەتلىرى ئاز بولىدۇ.قايتا-قايتا ئىچى سۈرۈش،قۇسۇش ئادەمنى تىزلا سۇسىزلاندۇرىدۇ،ئىلىكتىروئىدلار تەڭپۇڭلىقى بۇزىلىدۇ،مىتابولىزىم خارەكتىرلىك كىسلاتادىن زەھەرلىنىدۇ.كېسەللىك جەريانىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى داۋالاشنىڭ ۋاقتىدا ۋە توغرا بولۇش بولماسلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.
    1.سۇسىزلىنىش؛يىنىك دەرىجىدە سۇسىزلانغاندا تېرە قۇرغاقلىشىدۇ،تېرىنىڭ ئىلاستىكىلىقى تۆۋەنلەيدۇ،تەخمىنەن 1000 مىللىلىتىر،كىچىك بالا بولسا 70-80مللىلىتر ھەر كىلوگىرام سۇ يۇقاتقان بولىدۇ.ئوتتۇرا دەرىجىلىك سۇسىزلانغاندا تېرە ئىلاستىكىلىقى ناچارلىشىدۇ.كۆز ئولتۇرىشىدۇ،قان بېسىم تۆۋەنلەيدۇ،سۈيدۈك ئازلايدۇ.3000-3500مىللىلىتىر ،كىچىك بالا بولسا 100-80مللىلىتر ھەر كىلوگىرام سۇ يۇقاتقان بولىدۇ.ئېغىر دەرىجىدە سۇسىزلانغاندا تېرە قۇرۇلىدۇ،ئىلاستىكىلىقى بولمايدۇ،ئاۋازى پۈتۈپ قالىدۇ،كۆزى روشەن ئولتۇرىشىدۇ.ئەس-ھوشى ئېنىق بولمايدۇ.ئېغىر دەرىجىدە كۈچسىزلىنىدۇ.سۈيدۈك روشەن ئازلايدۇ.4000مىللىلىتىر،،كىچىك بالا بولسا 100-120مللىلىتر ھەر كىلوگىرام سۇ يۇقاتقان بولىدۇ.
    2.مۇسكۇللار تارتىشىدۇ.
    3.قاندىكى كالي مىقدارى تۆۋەنلەيدۇ؛بۇنىڭدا مۇسكۇل تەرەڭلىكى تۆۋەنلەيدۇ.پەي رىفلىكىسى ئاجىزلايدۇ ياكى يوقايدۇ.قورساق كۆپىدۇ ھەتتا يۈرەك سوقۇشى قالايمىقانلىشىدۇ.
    4.سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش،كىسلاتادىن زەھەرلىنىش؛بۇنىڭدا نەپەس تىزلىشىدۇ،ئەس-ھوشى ئوچۇق بولمايدۇ ھەتتا ھوشسىزلىنىدۇ.
    5.قان ئايلىنىش زەئىپلىشىش؛شۈك بولۇپ قالىدۇ.قول-پۇت مۇزلايدۇ،تومۇز سوقۇشى ئاجزلايدۇ،قان بېسىم تۆۋەنلەيدۇ ياكى ئۆلچەپ چىققىلى بولمايدۇ.ھوشسىزلىنىدۇ.
    ئەگەشمە كېسىلى:
    1.جىددي خارەكتىرلىك بۆرەك زەئىپلىشىش.ئېغىر بولغاندا سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىپ ئۆلۈپ كىتىدۇ.
    2.جىددي خارەكتىرلىك ئۆپكە سۇلۇق ئىششىقى.
    داۋالاش:
    1.سۇيۇقلۇق تولۇقلاش
    2.باكتىرىيەگە قارشى داۋالاش
    (قىسقىچىلا چۈشەنچە بېرىلدى)
    ئالدىنى ئېلىش:
    1.يۇقۇم مەنبەسىنى كونتورول قىلىش.
    2.يۇقۇش يولىنى ئۆزۈپ تاشلاش.
    3.ئادەملەرنىڭ ئىممونىت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش.
    1820-يىلى خولىرا دۆلىتىمىزگە كىرگەندىن بېرى،ھەر قېتىم دۇنيا خارەكتىرلىك چوڭ يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلگەندە دۆلىتىمىزگە تەسىر قىلىپ كەلدى.7-ئايدا دۆلىتىمىزدىكى ئۇمۇمي يۇقۇملانغانلار 10 كىشى،ئۆلۈم-يىتىم ئەھۋالى كۆرۈلمىدى.بۇ قېتىممۇ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا يۇقۇم ئەھۋالى يۈز بەردى،بولۇپمۇ شىنجاڭ بىلەن چىگرىداش دۆلەتلەردە.شىنجاڭدا ھازىرچە يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلمىدى.خولىرا شىنجاڭغا تەھدىت ئېلىپ كىلەلەمدۇ؟ياخشى يېرى شىنجاڭ ئاھالىسى بىلەن ئافغانىستان ۋە پاكىستانلارنىڭ ئورتاق ئىچىملىك سۇ مەنبەسى يوق.ئەمما بۇنىڭغا قاراپ ئالدىراپ خوشال بولۇپ كىتىشكە بولمايدۇ.ئالدىنى ئېلىشنى بىرىنجى ئورۇنغا قويىشىمىز كېرەك.چىگرادىن كىرىپ-چىققانلارنى ۋە چەت-ئەلدىن كىرگۈزۈلىدىغان يىمەكلىكلەرنى قاتتىق كارانتىن قىلىش كېرەك.كېسەلدىن ئالدىنى ئېلىش تەييارلىقىنى پۇختا قىلىشىمىز كېرەك.ھەر قايسى دوختۇرخانىلار ئۈچەي كېسەللىكى ئامبىلاتورىيىسىنى قۇرىشى،گۇمانلىق كېسەل بايقالغان ھامان ۋاقتىدا ئايرىپ داۋالىشى،گۇمانلىق كېسەللەر بىلەن ئۇچراشقانلارنىمۇ قاتتىق كۈزىتىشى كېرەك.يىمەكلىك ۋە ئىچىملىك سۇ تازلىقى باشقۇرۇشىنى قاتتىق كۈچەيتىش كېرەك.ياخشى بولغان تازىلىق ئەسلەھەلىرىنى قۇرۇش كېرەك.كېسەللەر ،باكتىرىيە ئېلىپ يۈرگۈچىلەرنىڭ چىقىرىندىلىرىنى دەل ۋاقتىدا دىزىمفىكسىيەلەپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.چىۋىنغا ئوخشاش كېسەللىك باكتىرىيەسىنى توشىغۇچىنى ئۆلتۈرۈش كېرەك.ئالدىنى ئېلىشنى مۇھىم ھالقا سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ ئېلىپ بېرىش كېرەك.داۋالاشنى مۇھىم ئورۇنغا قويىۋالساق،خولىرا خەلقىمىزنىڭ سالامەتلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كىلىدۇ.چۈنكى،بۇ كېسەل ئاساسلىقى تۇرمۇش ۋە تازىلىق شارائىتى ناچار رايونلاردا ئاسان تارقىلىدۇ،ئەلۋەتتە بۇنداق رايونلاردا داۋالاش يەنىلا ئاجىز ھالقا،ئىلغار ئۈسكىنە،يېڭى تېخنىكا،ياخشى دورا يەنىلا چوڭ شەھەرلەردىكى چوڭ دوختۇرخانىلارغا مەركەزلىشىپ قالغان،ئەگەر شىنجاڭدا بۇ كېسەل كەڭ دائىرىدە تارقىلىپ قالسا ئاساسى قاتلامدىكى دوختۇرخانىلارغا بۇ يۈك سەل ئېغىر كىلىپ قالىدۇ.شۇڭا «كەلگەندە داۋالايمەن» دىگەندىن كۆرە،«سۇ كەلگۈچە توغان تۇت»قىنىمىز ئەۋزەل.تور ئالدىدا ئولتۇرغانلارمۇ قاراپ تۇرساق بولمايدۇ.ھازىردىن باشلاپ ياخشى بولغان شەخسى تازىلىق ئادىتىنى يىتىلدۈرىشىمىز،ھاجەتخانىلارنىڭ تازىلىقىنى ياخشىلىشىمىز،پات-پات دىزىمفىكسىيە قىلىپ تۇرىشىمىز،كۆرگەنلا يەرگە چوڭ-كىچىك تەرەت قىلماسلىقىمىز كېرەك.سۇنى ئوبدان قاينىتىپ ئاندىن ئىچىشىمىز كېرەك.يۇقارقىدەك كېسەللىك ئالامەتلىرى بايقالغاندا،دەل ۋاقتىدا ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى دوختۇرخانىلارغا بېرىپ تەكشۈرۈش ۋە داۋالاشنى قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك.  

مەنبە:مەن شۇ.
بىر قىسىم سانلىق قىممەتلەر سوخۇ تورىدىن ئېلىندى.

 
[ بۇ يازما shakira تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]
تېما تەستىقلىغۇچى : خوك
تەستىقلانغان ۋاقىت :
2010-08-26, 19:16
-سىز كۆرۋاتقان تىما خولىرا شىنجاڭغا تەھدىت ئېلىپ كىلەلەمدۇ؟,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
بۇ يازمىنىڭ باھالىنىش ئەھۋالى:
  • مۇنبەر پۇلى:+100(sefura) ياخشى تېما ي ..
  • مۇنبەر پۇلى:+200(خوك) ياخشى تىمىلل ..
  • خوك
    دەرىجە: مۇنبەر باشقۇرغۇچى

    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 2297
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 433
    ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە433دانە
    ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 6046 سوم
    تۆھپىسى: 3 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 1316(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-06-03
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-08-28
    1 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 03:23

    تەھرىرلەش جەريانىدا ئىككى پارچە رەسىم ئېچىلمىغانلىقى ئۈچۇن ئۆچۇرۋەتتىم،توغرا چۇشىنىڭ.
    __________________________________________________
    ياخشى تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز،  بۇ كىسەل دىيارىمىزغا كىرىشتىن خۇدا ساقلىسۇن.ناۋادا كىرىپ قالسا ئادەم ئۆلمىگەن تەقدىردىمۇ ۋەھىمە پەيدا قىلىدۇ،تۇرمۇشىمىزغا نۇرغۇن ئاۋارچىلىقلارنى ئېلىپ كىلىدۇ.
    _____________________QQ:413544560______________________
    alnazar
    ئۆزگىنى ئۆزگەرتىمەن دېگۈچە ئاۋال ئۆزەڭنى ئۆزگەر ..
    دەرىجە: دائىملىق ئــەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 1594
      جىنسى: يوشۇرۇن
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 209
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە209دانە
    ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 1118 سوم
    تۆھپىسى: 3 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 598(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-30
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-08-28
    2 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 03:32

    قورقىۋاتىمەن  جۇمۇ `!~! خۇدا  ساقلىسۇن~!~!
    gunes
    ئادەم يېنىدىكى نەرسىنىڭ قەدرىنى بىلمەيدۇ !
    دەرىجە: دائىملىق ئــەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 2676
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 134
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە134دانە
    ياخشى باھا: 21 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 951 سوم
    تۆھپىسى: 4 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 23(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-06-14
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-08-27
    3 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 03:37

    8-ئاينىڭ 11-كۈنى تالىبان چەتئەلنىڭ بارلىق ياردەملىرىنى رەت قىلىدىغانلىقىنى.............
    ___________تالىبان پاكستاننىڭ ئىشلىرىغا ئارلىشالامدۇ ؟
    ئازاب چەككەن ئادەمنىڭ مەيۈسلىنىشكە ھەققى يوق !
    sabda
    san kaq man koglay
    دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 3276
      جىنسى: يوشۇرۇن
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 29
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە29دانە
    ياخشى باھا: 14 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 608 سوم
    تۆھپىسى: 3 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 68(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-07-03
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-08-28
    4 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 03:52

    زىمىن ئەجەپ ئەنسىزلىككە چۆكتى دىسە
    General
    دەرىجە: دائىملىق ئــەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 579
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 102
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە102دانە
    ياخشى باھا: 25 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 1467 سوم
    تۆھپىسى: 4 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 35(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-24
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-08-28
    5 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 03:54

    يامان كىسەلكەن بۇ قانداق قىلامىز ئەمدى بۇنى ئەمدى بىر قۇش زۇكىمىدىن قۇتۇلسا يەنە بۇ پەيدا بۇلاپتۇ ئەمدى .... شىنجاڭغىمۇ كىرەمدۇ بۇمۇ تىخى
    ئاپلا خۇدايىم ساقلىسۇن كىسەلگە مۇپتىلا بۇلاپ قىلىشتىن دەل كىسەل يوقىدىغان كۈن كەن تىخى  ئەجەپ تۇغرا كەپتۇ دىسە  ۋابا كىسىلى زادى چاتاق ئىسمىدىنلا ئەدەمنى قۇرقۇتىدۇ...  كۆڭلۈم يىرىم بۇلاپ تۇرغاندا بۇ كىسەلنى بىلىپ تىخىدىنمۇ  كۆڭلۈم يىرىم بولدى دىسە
    ئۇلۇغ ئاللا
    YELAN
    ھەقىقەت ئېگلەرسۇنماس!
    دەرىجە: تېرىشچان ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 658
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 334
    ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە334دانە
    ياخشى باھا: 41 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 1762 سوم
    تۆھپىسى: 8 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 211(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-24
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-08-27
    6 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 03:59

    خۇدايىم ئۇنداق كۈنلەرنى كۈزىمىزگە كۆرسەتمسۇن...
    ھەر قانچە كۆز يۇمساقمۇ ھەقىقەت يەنىلا ھەقىقەت،بۇ ئۆزگەرمەس ئەمەلىيەتتۇر....
    gunes
    ئادەم يېنىدىكى نەرسىنىڭ قەدرىنى بىلمەيدۇ !
    دەرىجە: دائىملىق ئــەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 2676
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 134
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە134دانە
    ياخشى باھا: 21 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 951 سوم
    تۆھپىسى: 4 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 23(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-06-14
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-08-27
    7 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 04:11

    نەقىل ئېلىش
    ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 5قەۋەت General كە 2010-08-27 03:54 AMئەۋەتىلدى :
    يامان كىسەلكەن بۇ قانداق قىلامىز ئەمدى بۇنى ئەمدى بىر قۇش زۇكىمىدىن قۇتۇلسا يەنە بۇ پەيدا بۇلاپتۇ ئەمدى .... شىنجاڭغىمۇ كىرەمدۇ بۇمۇ تىخى
    ئاپلا خۇدايىم ساقلىسۇن كىسەلگە مۇپتىلا بۇلاپ قىلىشتىن دەل كىسەل يوقىدىغان كۈن كەن تىخى  ئەجەپ تۇغرا كەپتۇ دىسە  ۋابا كىسىلى زادى چاتاق ئىسمىدىنلا ئەدەمنى قۇرقۇتىدۇ...  كۆڭلۈم يىرىم بۇلاپ تۇرغاندا بۇ كىسەلنى بىلىپ تىخىدىنمۇ  كۆڭلۈم يىرىم بولدى دىسە

    بۇ ۋابا كېسىلى ئەمەس .لىكىن خولېرا(瘪螺痧 biěluóshā مۇشۇنداق دەمدۇ خەنزۇچىدا؟)مۇ ئۆتكۈر يۇقۇملۇق كېسەل .
    ئازاب چەككەن ئادەمنىڭ مەيۈسلىنىشكە ھەققى يوق !
    zarapshan
    قۇبۇل قىلغاندىكىن ھەممىنى قۇبۇل قىل
    دەرىجە: دائىملىق ئــەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 4402
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 240
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە240دانە
    ياخشى باھا: 11 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 796 سوم
    تۆھپىسى: 2 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 345(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-07-21
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-08-28
    8 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 04:11

    ئۇنداق مەينەت كىسەلنى، ئاللاھ بىزدىن يىراق قىلسۇن.
    Datlirim
    ئاتام بەرگەن غورۇر بۇ ،ئانام بەرگەن غورۇر بۇ قان& ..
    دەرىجە: يىـــڭى ئـــەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 8064
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 6
    ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە6دانە
    ياخشى باھا: 6 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 127 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 2(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-27
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-08-28
    9 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 04:28

    ئۇلۇغ ئاللاھدىن تىنىچ ئامانلىقنى تىلەڭلار ....ئامىن !
    ئاتام بەرگەن غورۇر بۇ ،ئانام بەرگەن غورۇر بۇ
    قان - قېنىمغا تېنىمگە ۋۇجۇدۇمغا سىڭگەن ئۇ
    karrwan
    دەرىجە: ئىجادچان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 2175
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 1302
    ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1302دانە
    ياخشى باھا: 71 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 5737 سوم
    تۆھپىسى: 2 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 1415(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-06-03
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-08-27
    10 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 07:25

    ئاللاھ ھەممىمىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي