مىسرانىم باش بېتى | مودا MP3 | مىسرانىم MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر| يانفۇن مۇزىكىسى
ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 163 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: كۈندىلىك خاتىرە ئىچىدە قالغان مۇھەببەت ( پوۋېست )
almasyultuz★
★★★ ظالماس يذلتذز★★★
دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 3021
  جىنسى: خانىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 46
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە46دانە
ياخشى باھا: 38 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 899 سوم
تۆھپىسى: 6 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 213(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-06-24
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-08-28
0 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: ئۈلۈشكۈن 23:55

0 كۈندىلىك خاتىرە ئىچىدە قالغان مۇھەببەت ( پوۋېست )

                                           كۈندىلىك خاتىرە ئىچىدە قالغان مۇھەببەت

                                                               ( پوۋېست )


                                                      ئاپتۇر : ئالماس يۇلتۇز

         << ئادەم ھەقىقىي ئازاپلانغاندا كۆز يېشىنى ھېچكىمگە كۆرسەتمەيدۇ >>
      بۇ سۆزنى نەدىن  ئۆگىنىۋالغان بولغۇيتتىم ؟ مەن ئەسلىدە ئۇنى يىغىدىن توختىتىش ئۈچۈنلا  ئاشۇنداق دىگەن ئىدىم .  لېكىن ، ھازىر ئادەم يوق پىنھان يەردە يىغلاۋاتقىنىمدا يەنە شۇ سۆز ئېسىمگە كىلىپ قالدى . بەلكىم بۇنداق دېيىش ئارقىلىق  ئۆزۈمنىڭ ھەقىقىي << ئازاپلىنىپ>> كەتكەنلىكىمنى ئىپادىمەكچى بولغاندىمەن ...  نىمە دىگەن بىچارىلىك ___ ھە !؟
      ئازاپ ......
  
                              *          *          *          *         *          *          *          *

       بۈگۈن ، يەنە يېڭى بىر كۈن باشلاندى .
       قىز ئەتىگەندىلا  ئورنىدىن تۇرۇپ  ناشتا قىلىپ ، كۈندىلىك ئادىتى بۇيىچە ئالدىراپ مەكتەپكە ماڭدى .
ئۇ يولدا كېتىۋېتىپ ئەتراپىغا توختىماي قارايتتى .  خۇددى يولدا  ئۇنى ئۇچرىتىپ قالىدىغاندەك ، ئۇنى يىراقتىن بولسىمۇ بىر كۆرۈۋالسا ئاندىن  يۈرۈكى جايىغا  چۈشىدىغاندەك قىلاتتى .  
       بىر قەدەم ، ئىككى قەدەم ، ئۈچ قەدەم .... ئون قەدەم .... يىگىرمە بىر قەدەم ... ......... يەتمىش ئۈچ قەدەم ....
بىريۈز بىر قەدەم ....
  قىز مۇشۇنداق ساناپ ماڭدى ،ئەمما يەنىلا ئۇنى ئۇچرىتالمىدى . قىز ھەر كۈنى ئۆيىدىن مەكتەپكە كەلگۈچە مۇشۇنداق ساناپ ماڭاتتى . بىراق كۆڭلىدە ھەممىدىن بەك كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىدىغان  ئادىمىنى يولدا كۆرەلمەيتتى .
قىز سەل ئۈمۈدسىزلەنگەن ھالدا سىنىپىغا كىرىپ كەلدى .  قىزنىڭ بۇ ھالىنى كۆرگەن ساجىدە ئۇنىڭ يېنىغا كىلىپ سورىدى :
___  نىمە بولدۇڭ زۆھرە ؟  مىجەزىڭ يوقمۇ ؟
    زۆھرە بېشىنى كۆتۈرۈپ ساجىدەگە بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن ئۆزىنى تۇتالماي يىغلاپ كەتتى . ساجىدە زۆھرەنىڭ  
يىغىسىنى كۆرۈپ تېخىمۇ جىددىيلىشىپ كەتتى .
___  ماڭا قارىغىنە ، ساڭا نىمە بولدى __ ھە !؟  گەپ قىلساڭچۇ ؟
     زۆھرە بىر پەس يىغلىغاندىن كېيىن ، ساجىدەنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ  :
___  مەن بۈگۈنمۇ يەنە ئۇنى ئۇچرىتالمىدىم ، ئۇنى كۆرەلمىدىم . ___ دەپ يەنە كۆڭلى بۇزۇلدى . ساجىدە بىر چوڭقۇر ئۇھ تارتىۋەتكەندىن كېيىن :
___  بولدى قىل ئاداش ، ماڭ بىز ھازىرلا ئۇنىڭ سىنىپىنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ كېلەيلى .
___ ياق ، مەن بارغان بىلەنمۇ ئۇ بەرىبىر مېنى تۇنىماسقا چىقىرۋېتىدۇ . ئۇ مېنى رەسىم كۇرسىدا تۇنىغان بىلەن مەكتەپتە مېنى كۆرسىمۇ كۆرمىگەنگە سېلىپ ماڭىدۇ . رەسىم كۇرسىدا گەپ قىلغان بىلەن مەكتەپتە گەپ قىلمايدۇ .
___  ھەي ، ئەخمەق دوستۇم ! ئۇنداقتا قانداق قىلىسەن، مۇشۇنداق ئۆزىڭنى قىيناپ يۈرەمسەن ؟
___  مەنمۇ قانداق قىلىشىمنى بىلمىدىم . ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى ئۇ ئۆزى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ ،يەنە ماڭا  
پەرۋا قىلمىغاندەك يۈرىدۇ . مېنى ياخشى كۆرەمدىكىن دىسەم  ياخشى كۆرمەيدىغاندەك ، ياخشى كۆرمەمدىكىن  
دىسەم ياخشى كۆرىدىغاندەك  .. مەن  .... مە ... مەن .. بىلمىدىم !  __ زۆھرە يەنە يىغلاپ تاشلىدى .
___  بولدى ، بولدى كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلما ! سېنىڭمۇ ھامان كۈلۈپ يۈرىدىغان ۋاقتىڭ كېلىدۇ  . بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ
كېتىدۇ .___ ساجىدەنىڭ توختىماي تەسەللىي بېرىشى بىلەن زۆھرە يىغىدىن پەسەيدى



     كەچ سائەت 6:30 لەر بىلەن زۆھرە رەسىم كۇرسىغا كەلدى . ئۇ سىنىپقا كىرىشى بىلەن تۇرسۇن ئۇنىڭغا چاقچاق ئارىلاش :
___  ۋاي_ ۋۇي ، قاراڭلار سىنىپىمىزنىڭ مەلىكىسى كەپتۇ . ___ دېدى .
   باشقىلار بۇ گەپكە كۆنۈپ كەتكەچكە باشقا گەپ قىلماي كۈلۈپ قويدى . بىردەمدىن كېيىن سىرىتتىن تاھىر مۇئەللىم كىرىپ ئوقۇغۇچىللىرىدىن ئەھۋال سورىۋەتكەندىن كېيىن ئۇلارغا  :
___  ساۋاقداشلار ، مەن سىلەرگە بىر خەۋەرنى يەتكۈزۈپ قويماقچى    ___ دېدى .
    زۆھرە ، تۇرسۇن ، ئەخمەت ۋە ئابلەتلەر بىر ئىشنى كۆڭلى تۇيغاندەك بۇلۇپ ،پۈتۈن دېققىتى بىلەن مۇئەللىمنىڭ
سۆزىگە قۇلاق سالدى .
___  ئەتىدىن باشلاپ رەسىم كۇرسى توختىتىلدى. ئىدارىدىن مېنى بىر يىللىق بىلىم ئاشۇرۇشقا ئەۋەتمەكچى ، شۇڭا رەسىم كۇرسىنى توختىشىشنى قارار قىلدۇق .
   بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھەممەيلەن بوشىشىپ كەتتى . تاھىر مۇئەللىم ئوقۇغۇچىللىرىغا قاراپ بىر ئاز كۆڭلى بۇزىلدى .
  نىمىلا بولمىسۇن ، ئۇ مۇشۇ تۆت ئوقۇغۇچىنى بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت تەربىيلەش جەريانىدا  ئۇلارغا مېھرى چۈشۈپ قالغانىدى . سىنىپتا سەن ئوقۇغۇچى ،مەن ئوقۇتقۇچى دىيىشمەيلا  كۈلگەندە تەڭ كۈلۈپ ،ئۆز _ ئارا چاقچاقلىشىپ ،
قىيىنچىلىقنى تەڭ يېڭىپ  نۇرغۇن گۈزەل ئەسلىمىلەرنى بىرلىكتە ياراتقان ئەمەسمۇ . ھەي ! ....
    تاھىر مۇئەللىم ، ئارىدىكى جىمجىتلىقنى بۇزۇش ئۈچۈن ئوقۇغۇچىللىرىغا قاراپ :
___ ۋوي _ ۋوي ، نىمە بولدى سىلەرگە ؟ بۇرۇنقى جۇشقۇنلىقىڭلار قېنى ؟ سىلەر ھەر ۋاقىت مېنىڭ ئەڭ تالانتلىق ، ئەڭ ياخشى ئوقۇغۇچىللىرىم .  مەن سىلەرگە ئىشىنىمەن سىلەر چۇقۇم ھەر بىر ئىشتا نەتىجە قازىنالايسىلەر  . بۈگۈن ھەم ئەتە ئۈچۈن ئالغا !  قېنى بىرلىشەيلى ___ دېدى .
    مۇئەللىمنىڭ ھەركىتىگە قاراپ ، زۆھرە مۇئەللىمنىڭ يېنىغا كېلىپ :
___  شۇنداق مۇئەللىمنىڭ دېگىنى توغرا ، بىز گەرچە ئايرىلىپ كەتسەكمۇ  ،ئەمما  بىز يەنىلا مۇئەللىمنىڭ  ئەڭ ياخشى ئوقۇغۇچىللىرى . بىزنىڭ قەلبىمىز مەڭگۈ بىر تۇتاش ___ دېدى.
    زۆھرەنىڭ بۇ گېپى باشقىلارغا ئىلھام بولدى . ئۇلارمۇ ئاستا مۇئەللىمنىڭ يېنىغا كەلدى .
ئۇلار ئۆز _ ئارا قول باغلىشىپ بىرلىكتە :
___  بۈگۈن ھەم ئەتە ئۈچۈن ئالغا ، تىرىشايلى ! قېنى بىرلىشەيلى ! ___ دەپ شۇئارىنى توۋلىدى .
    ئۆيگە قايتىدىغان ۋاقىتتا ، مۇئەللىم ئوقۇغۇچىللىرى بىلەن خوشلىشىپ بۇلۇپ ، تۇرسۇنغا زۆھرەنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قۇيىشنى تاپىلىدى . چۈنكى تۇرسۇننىڭ ئۆيى زۆھرەنىڭ ئۆيىگە  باشقىلارنىڭكىگە قارىغاندا خېلى يېقىن  
  ئىدى .
      زۆھرە بىلەن تۇرسۇن يولدا يانمۇ يان كېتىپ باراتتى .  

   زۆھرە بىلەن تۇرسۇن يولدا يانمۇ يان كېتىپ باراتتى .  زۆھرەنىڭ كۆڭلىنى بىر خىل ئەنسىزلىك قاپلىۋالدى .
ئۇ يېنىدا مېڭىۋاتقان  تۇرسۇنغا ئوغۇرلىقچە قاراپ كۆڭلىدە : <<  ئەمدى قانداق قىلىشىم كېرەك ؟ بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنى كۆرەلمەيدىغان بولدۇم . ئۇنىڭغا ھازىر ئۆزۈمنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرۈدىغانلىقىمنى ئېيتايمۇ ياكى ھازىرچە  
  ئېيتماي تۇرايمۇ ؟ قانداق قىلىشىم كېرەك ؟ ئەڭ ياخشىسى ئۇنىڭغا چاندۇرۇپ قويماي ...>> دىگەنلەرنى ئويلىدى .
  
بىردەمدىن كېيىن تۇرسۇن ئېغىز ئاچتى .
___ توڭلىدىڭىزمۇ ،   شارپامنى ئوراپ قۇيايمۇ ؟ ___  دېدى يېنىدا كېتىۋاتقان زۆھرە گە قاراپ . زۆھرە جىددىيلىشىپ كېتىپ ، گەپ قىلالماي << ياق >> دىگەن مەنىنى بىلدۈرۈپ  بېشىنى چايقىدى .
     زۆھرە ئۇيان ئويلاپ ، بۇيان ئويلاپ ئاخىرى تۇرسۇنغا ئۆز كۆڭلىدى گەپنى دىيىش قارارىغا كەلدى . ئۇ  ناھايتى تەسلىكتە غەيرەتكە كېلىپ ، تۇرسۇنغا :
___  مېنىڭ سىزگە دەيدىغان گېپىم بار ئىدى . مەن سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم، مەن سىزنى ياخشى  كۆرىمەن .
دېدى مىڭ بىر تەسلىكتە ھەم << مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن >> دىگەن بۇ بىر ئېغىز سۆزنى دەپ بولغۇچە يۈرىكى سېلىپ جىدىيلىشىپ  كەتتى .
     تۇرسۇن، زۆھرەنىڭ گېپىنى ئېنىق ئاڭلىغان بولسىمۇ ،ئەمما زۆھرەگە  ھېچ نەرسە دېمىدى . تاكى زۆھرە ئۆيىگە كىرىپ كەتكۈچە بىر ئېغىز گەپ قىلمىدى .  زۆھرە ئۆيىگە كىرىپلا  ئاپىسىغا  ئۆزىنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتىپ قۇيۇپلا ياتاق ئۆيىگە كىرىپ ، ئىشىكنى ئىچىدى ئېتىۋەتكەندىن كېيىن ئۆزىنى كارۋاتقا ئېتىپ يىغلاشقا باشلىدى .
     بىر ھازادىن كېيىن ، ئۆزىنى يىغىدىن توختىتىپ ئورۇن سېلىپ ياتتى . لېكىن پەقەتلا ئۇخلىيالمىدى .
ئۇ كۆڭلىدە << مېنىڭ تۇنجى مۇھەببىتىم مۇشۇنداق بېشى يوقلا ئاياغلىشىارمۇ ؟ . ئۇنىڭ ماڭا بىر ئېغىزمۇ گەپ  قىلمىغىنىغا قارىغاندا ،ئۇ مېنى ياخشى كۆرمەيدىغان ئوخشايدۇ . ئەمدى قانداق قىلشىم كېرەك ؟ ...>> دىگەنلەرنى ئويلاپ ئاستا ئۇخلاپ قالدى .
       ئەتىسى ئەتىگەندە زۆھرە ئورنىدىن تۇرالمىدى .  كېچىچە قىززىپ بىر كېچە بىئارام بولدى .  شۇڭا بۈگۈن مەكتەپكە بارالمىدى .  ئەسلىدە بۈگۈن كەچتە، رەسىم كۇرسىدىكى يېقىن تۆت دوست بىرلىكتە رەسىم سىنىپىغا بېرىپ ئۇ يەردە كۆرۈشىدىغان بولغان ئىدى . ئەمما ، زۆھرە بېرىشقا شۇنچە تىرىشقان بولسىمۇ ئاپىسى << مىجەزىڭىز يوق  بولغاندىكىن بولدى بارماڭ ، سۇغۇق ئۆتۈپ قالسا يەنە ئاغرىپ قالىسىز >> دەپ زادىلا قويمىدى . شۇنىڭ بىلەن زۆھرە ئامالسىزلىقتىن بۈگۈنكى يىغىلىشقا بارالماي قالدى .
      يېڭى بىر كۈننىڭ باشلانغانلىقىدىن خەۋەر بېرىپ چىللىغان خورازنىڭ ئاۋازى بىلەن تەڭ  زۆھرە ئورنىدىن تۇرۇپ ناشتا قىلىپ ، مەكتەپكە ماڭدى .
     ئۇ يولدا كېتىۋېتىپ ، ئەتراپىغا قارىدى لېكىن ئۆزى ئىزدىگەن ئاشۇ يېقىملىق چىراينى  يەنىلا تاپالمىدى .
     كەچتە دەرىستىن چۈشۈپ ، ئۆيگە قايتىدىغان ۋاقىتتا  زۆھرە يولدا  تۇرسۇننى ئۇچراتتى . تۇرسۇن ئۇنىڭ يېنىغا كىلىپ ئەھۋال سوراش ئۇياقتا تۇرسۇن ، زەردە بىلەن :
___ سىزنى سىنىسام ، سىناقتىن ئۆتەلمىدىڭىز  ! ___ دەپ قۇيۇپلا كېتىپ قالدى .
      بىچچارە زۆھرە ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ، نىمە قىلىشىنى بىلەلمەي تۇرسۇننىڭ كەينىدىن قاراپ   جايىدا  تۇرۇپ  
   قالدى .  

                                 *            *            *             *             *            *            *

       ___  ھەدە تېز بول ، ئەمدى ئىشقا ماڭمىساڭ كېچىكىپ قالىسەن جۇمۇ !  سەندىن ھەجەپمۇ زىرىكتىم . دائىم سېنى مەن ئويغۇتامدىمەن ؟ مەن يا سېنىڭ ئاپاڭ بولمىسام  ،تاززىمۇ بىر .
     ___  بولدى قىل ئۇماق! مەن تەييار بۇلۇپ بولدۇم ،مانا ھازىرلا ماڭىمەن . سېنى جاپاغا قويىدىغان بولدۇم خاپا بولماي ئۆينى تازلىۋەتكىن ___ ھە ! ___  دېدى زۆھرە .
____  بولدى ، بولدى تېز ماڭ سېنىڭ  بۇ گېپىڭ ماڭا ئادەت بۇلۇپ كەتتى . سەن دىمىسەڭمۇ مەن ئۆزۈم بىلىپ
قىلىمەن  .
___  رەھمەت ، مەن ساڭا بەك ئامراق .  مېنى بىرنى سۆيۈپ قويغىنە  ! ___ زۆھرە شۇنداق دىگەچ ئىشىك ئالدىغا كېلىپ يۈزىنى سىڭلىسىغا تەڭلىدى .
___ بولدى قىل ، سېنى بۇرۇنراق ئەرگە بېرىۋەتسەك بولغۇدەك . ___ دېدى زۆھرەنىڭ سىڭلىسى چاقچاق قىلىپ .
___ ماقۇل ، ئەمسە مەن ئەر گە تەگكىلى ماڭدىم . خوش !
____  ھا ...ھا ...ھا  ،  سېنى __زە !
      
زۆھرە بىلەن بۇنداق قىزغىن ، يېقىن پاراڭلاشقان بۇ قىز  زۆھرەدىن 3 ياش كىچىك نەۋرە سىڭلىسى نىگارە ئىدى .  ئۇلار كىچىگىدىن تارتىپ بىر تۇغقان ئاچا  _ سىڭىلاردەك يېقىن ئىدى .  بىر _بىرسىدىن سىر ساقلاشمايتتى .
بىر _ بىر سىگە بەكلا ئامراق ئىدى . ئۇلار بەك چاقچاقلىشاتتى . بەزىدە چوڭلار بۇ ئىككىسىگە قاراپ :
____  ئىككىڭلار گەپلەشسەڭلار  ئادەم سىلەرنى قاچان ئۇرۇشۇپ قالىدىكىن دەپ ئەنسىرەپ قالىدىكەن . لېكىن سىلەر زادىلا ئۇرۇشۇپ باقمىغان . كۆز تەگمىسۇن ، كۆز تېگىپ كەتمىسۇن . ___ دەپ قۇياتتى .
      نىگارە  ھەدىسىنى يولغا سېلىۋېتىپ ئۆيگە قايتىپ كىرىپ  ئۆي تازلاشقا باشلىدى . ئۇ ھەدىسىنىڭ ياتاق ئۆيىنى تازلاۋاتقاندا قۇلىغا ھەدىسىنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى چىقىپ قالدى .  ئۇ كۆڭلىدە << ھەي ، سەن يەنە مۇشۇ خاتىرەڭ بىلەن ئۆزۈڭنى ئالداپ ، قىيناپ يۈرەمسەن ؟  >> دەپ ئويلىدى .  ئىلگىرى ھەدىسى نىگارەگە بۇ خاتىرىنى بىر نەچچە قېتىم كۆرسەتكەن ئىدى . نىگارە دېرىزە يېنىغا كىلىپ خاتىرىنى ۋاراقلىدى .
        قانداق ئەھۋالىڭىز ؟ ئوبدان تۇرۋاتامسىز ؟ مەن ئويلايمەن ، بىر ئادەمگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ئەزىز تېنى سالامەت بولسىلا باشقا جەھەتتىن ياخشى دەپ ئويلايمەن . مەندىن ئەھۋال سوراشنى خالىسىڭىز  مەنمۇ يامان ئەمەس تۇرۋاتىمەن .
    بۇ خەتنى يېزىشتىكى مەقسىتىم : سىز بايا ماڭا ھېلىقى گەپلەرنى دىگەندىن كېيىن  مۇشۇ خاتىرىگە ئۆز كۆڭۈل  
سۆزلىرىمنى يازماقچىمەن . سىزنىڭ ماڭا مۇشۇنچىلىك قىلغىنىڭىزغا رەھمەت ئېيتىمەن .  مەن سىزگە بۇئىشنى باشتىن سۆزلەپ بېرەي .
      مەن تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققان يىلى رەسىمگە ناھايتى قىزىقاتتىم . شۇنىڭ بىلەن تاھىر مۇئەللىم ئاچقان رەسىم كۇرسىغا باردىم . بارغان كۈنۈم ئۇ يەردە سىز بار ئىكەنسىز ، ئېسىڭىزدىمۇ ؟ بىز تۇنجى قېتىم گەپلەشكەن ۋاقىتتىلا مەن سىز قىلغان گەپنى ئېنىق ئاڭلىيالماي سىزنىڭ ئاچچىغىڭىزنى كەلتۈرۈپ قويدۇم . ئۇ كۈنى بىز گەرچە بەك پاراڭلىشىپ كەتمىگەن بولساقمۇ  سىز مەندە ناھايتى ياخشى تەسىر قالدۇرغان ئىدىڭىز . كېيىنچە سىز بىلەن بىللە ئۇقۇش جەريانىدا سىزنىڭ ئۆزگىچە خارەكتىرىڭىز مەندە قىزىقىش پەيدا قىلدى .  ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن ، بەلكىم شۇ جەرياندا سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغان بۇلىشىم مۇمكىن .  راستىنى ئېيتسام ، مەن تۇلۇقسىزغا چىققان يىلىدىن باشلاپلا باشقىلارنىڭ كۆزىگە ئالاھىدە كۆرۈنۈپ كەتتىمۇ قانداق ، باشقىلارنىڭ << خەت>> لىرى ئۈزۈلمەي كېلىپ   تۇردى . شۇڭىلاشقا مەندە بىر خىل ئوغۇللارغا  نىسبەتەن ياراتماسلىق كۆز قارىشى پەيدا بولغان بولسا كېرەك . كېيىنچە باشقىلار بەكرەك خەت يېزىپ ، ئارقىمغا كىرىۋالسا سەت گەپلەر بىلەن تىللىغان ۋاقتىممۇ بولدى . شۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك مەن ئوغۇللارغا ئۆچ بۇلۇپ قالدىم . لېكىن سىز مېنىڭ قارىشىمچە ئىنتايىن خۇشخۇي ، ئۆزىڭىزنىڭ ئىناۋېتىڭىزنى ساقلاشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدىكەنسىز . مەن سىزنى كۆزەتتىم . سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرۈشكە ئەرزىيدىكەن دىگەن قاراشقا كەلدىم . بۇ جەرياندا سىز نەچچە قېتىملاپ ماڭا ئازار بەردىڭىز ، بەلكىم مەن بەك چوڭقۇر ئويلاپ كەتكەندىمەن ، لېكىن سىز شۇنداق ۋاقىتلاردا بىر قىزنىڭ قانچىلىك ئازاپلانغانلىقىنى ، يۈرىكىنىڭ قانچىلىك ئازار يىگەنلىكىنى بىلمىگەنسىزمۇ ؟  
     سىز دائىم باشقىلارنى ماڭا چاپلاپ چاقچاق قىلاتتىڭىز . مېنىڭمۇ غۇرۇرۇم بار . سىز مېنىڭ ئۆزىڭىزنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى بىلىپ تۇرۇپ ئاشۇنداق قىلدىڭىز  . ئاددىيسى ئاشۇ ئەكبەر رەسىم كۇرسىغا بارغاندا مېڭا شۇنىمۇ  چاپلاپ باقتىڭىز  . ئەجىبا بۇرۇن ئۇنىڭ بىر پارچە خېتىنىڭ مېنى قانچىلىك قىينىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالغانمىدىڭىز ؟
  سىز مېنى قىلچىلىك كۆزگە ئىلمىدىڭىز . بۇ بەلكىم بۇرۇن باشقىلارغا قىلغانلىرىمنىڭ ماڭا يانغانلىقىدىندۇر .
مېنىڭ پەقەت سىزنىلا ياخشى كۆرۈدىغانلىقىمنى بىلىپ تۇرۇپ ،سىز مېنى ئاشۇنداق خارلىدىڭىز .  
     ھېلىقى بىر كۈنى كەچلىكى ، مەن سىزگە ئۆزۈمنىڭ سىزنى ياخشى كۆرۈدىغانلىقىمنى ئېيتتىم .  شۇ ۋاقىتتا مەن بەكلا ئالدىراقسانلىق قىلىپ قۇيۇپتىمەن  . كېيىن شۇنداق خىجىل بولدۇم ، نۇمۇستىن ئۆزۈمنى قۇيارغا يەر تاپالماي قالدىم .سىزگە قارىيالماي قالدىم . مەن بۇ ئىش ئۈچۈن سىزدىن كەچۈرۈپ سورايمەن . بەلكىم بۇ ئىش ئۈچۈن بىر ئۆمۈر ۋىجدان ئازابى تارتىشىم مۇمكىن . سىزمۇ  بەلكىم مېنى ئەجەپ خىجىل بۇلۇشنى بىلمەيدىغان قىز ئىكەن دىگەنسىز . لېكىن مەندىمۇ ئامال يوق . ئەگەر ۋاقىتنى كەينىگە سۈرگىلى بولغان بولسا ،مەن چۇقۇم ئۇ گەپنى دىمەس ئىدىم . لېكىن مەن ھەرگىز پۇشايمان قىلمايمەن .
     مەن كېيىن نۇرغۇن بالىلاردىن << سىز تۇرسۇنجانغا  سىزنى ياخشى كۆرىمەن دەپسىز ....>> دىگەندەك گەپلەرنى ئاڭلاپ شۇنداق خىجىل بولدۇم .  ھەتتا سىزنىڭ سىڭلىڭىزمۇ باشقىلارغا << قىز بالا تۇرۇپ ، ئاكامغا ئاشۇنداق گەپ قىلىپ يۇرۇپتۇ ، ئىززا تارتىشنىمۇ بىلمەيدىكەن ....>> دىگەندەك گەپلەرنى قىلىپ يۈرۈپتۇ. بۇ گەپلەر ماڭا بەك تەسىر قىلدى. ئۇ گەپنى سىزگە دىگىنىم راست ، لېكىن بۇنى باشقىلارغا دەپ يۈرۈشنىڭ ئورنى يوققۇ؟!
سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغىنىم بىر گۇناھمۇ ؟ سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغىنىم ئۈچۈن باشقىلەرنىڭ گېپىگە قېلىشىم كېرەكمۇ ؟ بولدى، ھەر قانچە دىسەممۇ بەرىبىر بۇلار ئىش بولدى .
     مەن سىزدىن باشقا نەرسە تەلەپ قىلمايتتىم  . پەقەت سىزنى ھەر كۈنى كۆرۈپ تۇرساملا شۇنداق خۇشال بۇلاتتىم .
      مەن بۇرۇن بىر ئىش قىلسام ئۆزۈمگە ناھايتى ئىشىنەتتىم . ئۆزۈمنىڭ خاتا بولسىمۇ  ، باشقىلار ئالدىدا تەن ئېلىشنى خالىمايتتىم . لېكىن مەن ھازىر ناھايتى جۈرئەتسىز بۇلۇپ كەتتىم . سىزنىڭ ئالدىڭىزدا  مەن بىر پۇڭغا  
ئەرزىمەس بىر ئادەم بۇلۇپ قالغانلىقىمدىن ناھايتى ئۆكۈنىمەن .
     بەزىدە ئويلاپ كېتىمەن ، ئادەم نىمە ئۈچۈن ئادەمنى ياخشى كۆرىدىغاندۇ ؟! مەن نىمەنچە تەتۈر پىشانىدۇرمەن ؟ باشقىلارنى ياخشى كۆرگەن ئادەم دىگەن شۇنداق ئاجىز بۇلامدىغاندۇ ؟ .....
كېيىن مەن سىزنىڭ دىلرابا بىلەن ئىنتايىن يېقىن ئارلاشقانلىقىڭىزنى ھەم ئۇنى ئىنتايىن ياخشى كۆرۈدىغانلىقىڭىزنى بىلدىم . بۇ ۋاقىتتىكى ھېسىياتىمنى تىل بىلەن ئىپادىلەشكە تۇلىمۇ ئاجىز مەن .
     ئوغۇل بالىلارغا نىسبەتەن << قول يەتمىگەن شاپتۇل ئاچچىق >> دىگەن تەمسىل ناھايتى توغرا ئېيتىلىپتىكەن . قىز بالا دىگەن شۇنداق ئاجىز ئوخشايدۇ . باشقىلار گەپ قىلىپ << ياق >> دىسىمۇ ، يەنىلا  قىز بالا  باشقىلارنىڭ سۆز _ چۆچىكىگە قالىدىكەن  .  سىز ياخشىراق ئويلاپ بېقىڭ ، بىر قىز بالىنىڭ بىر ئوغۇل بالىغا مۇشۇ گەپلەرنى قىلىشى ئاسانمۇ ؟  
    ئاخىرىدا دەيدىغىنىم ، بۇ خاتىرىدە سىزنىڭ كۆڭلىڭىزگە كەلگۈدەك گەپ _ سۆزلەر بولسا ، مېنى كەچۈرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن .  
                   خەيىر  ئامان  بۇلۇڭ !

                                             2003 _يىلى 3 _ ئاينىڭ  30 _ كۈنى  


       ياخشىمۇ سىز ؟
    مەن ھازىر قەلىمىمنى ئېلىپ نىمە يېزىشنى ، گەپنى نەدىن باشلاشنى بىلمەيۋاتىمەن . سىز بۇخاتىرىنى يېزىش ئارقىلىق  كۆڭلىڭىزدىكى ماڭا دىيەلمەي كېلىۋاتقان بارلىق سۆزلىرىڭىزنى ئېيتىپسىز .  ماڭا يازغان قەلىب ئىزھارىڭىزنى ئوقۇپ ھەقىقەتەن تەسىرلەندىم .
      مەن ئەينى يىلى رەسىم سىزىش قىزغىنلىقى بىلەن ئەشۇ رەسىم سىزىش كۇرسىغا قاتناشتىم  . ئۆزۈمنىڭ تەنھالىق ئىچىدىكى ئەڭ ئېچىنىشلىق كۈنلىرىدە ، سىزنىڭ ئۇ يەردە مەن بىلەن بىرگە رەسىم سىزىپ ئېچىنىشلىق تەقدىرىمگە خۇشاللىق  ئېلىپ كەلگىنىڭىزگە رەھمەت .  
      سىزنىڭ ماڭا بەرگەن تۇنجى تەسىرىڭىز ھازىرمۇ كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ . سىزنىڭ ئۇماققىنە كۈلۈمسىرىشىڭىز  ئىنتايىن يېقىملىق . سىزنىڭ ئاشۇ كۈنى تاھىر مۇئەللىم بىلەن كىرگەن قىياپىتىڭىزنى راستىنلا  تەسەۋۇر قىلالمايمەن . سىزنىڭ ئېسىڭىزدە بارمۇ يوق بىلمەيمەن . سىزنى تۇنجى قېتىم زۆھرە دەپ چاقىرغان ۋاقتىمدا مەن تىترەپ كەتكەن ئىدىم . . .
     مەن ھازىر سىزگە ، قىسقا داۋاملىشالماي قالغان تىراگىدىيىلىك مۇھەببەت پاجىئەسىنى ئېيتىپ بېرەي .
بىر قىز بىر يىگىتنى ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ . ئۇ قىز يىگىتنى مەڭگۈلۈك سۆيمەكچى بۇلۇپتۇ .  كۈنلەر ئۆتۈپتۇ ، يىللار ئۆتۈپتۇ . ئۇقىز ئاخىرى يىگىتكە سۆز ئېچىپتۇ . يىگىتمۇ قىزنىڭ بارلىق سۆزلىرىگە  ئىشىنىپ قىز بىلەن مەڭگۈگە بىرگە ئۆتمەكچى بۇلۇپتۇ . ئۇلار خۇشال _ خۇرام كۈنلىرىنى باشلاپتۇ .  ئۇ خۇشال كۈنلەر قىزنىڭ يىگىتنى ئالدىشى بىلەن  پاجىئەلىك ھالدا قىسقىغىنە مۇھەببەت تارىخى ۋەيران بوپتۇ . قىز ئۆزىنىڭ سۆيگەن يىگىتىنى تاشلاپ ، باشقا يىگىتلەربىلەن ئارلىشىپ يىگىتنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇنى ئازاپلاپ يۈرۈپتۇ . يىگىت ئېغىر ۋىجدان ئازابى تارتىپتۇ . قىز  
بىر مەزگىلدىن كېيىن  يەنە يىگىتكە سۆز ئېچىپتۇ . ئەمما يىگىت قىزنىڭ ئۆزىگە قىلغانلىرىنى ئويلاپ قىزغا پەرۋا قىلماپتۇ . سىزنىڭچە يىگىت ئاشۇنداق بىر قىزنى كەچۈرەرمۇ ؟ يىگىت قەيسەرلىك بىلەن تۇرمۇش يۇلىغا قەدەم قويۇپتۇ . قىز يەنىلا ئۆزىنىڭ بىلگەن سەنىمىگە دەسسەپ يۈرۈۋېرىپتۇ . كېيىن قىز پۇشايمان قىلىپ  يەنە يىگىتنى ئىزدەپتۇ . يىگىت پەرۋاسىز  تۇرمۇش قاينىمىدا ئۈزۈپ ، ئۆزىنىڭ چىقىش يولىنى ئىزدەپتۇ . بىر مەيدان مۇھەببەت پاجىئەسى يىگىتنى ،بىر غورۇر ئىگىسىنى قىز ئالدىدا يەرگە قارىتىپتۇ . بۇنىڭدىن قاتتىق ساۋاق ئالغان يىگىت ، بۇنىڭدىن كېيىن ئۆزىنىڭ بىر كىشلىك تۇرمۇش يولىنى ئىزدەش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا ئاتلىنىپتۇ .
    مانا بۇ بىر قىزنىڭ بىر ئاددىي يىگىتكە كەلتۈرگەن تۇنجى ئېغىر ئازاپلىرى . كىشلىك تۇرمۇشنىڭ ئىنتايىن جاپالىق بۇلىدىغانلىقى ، ھەر قانداق ئادەمنىڭ بېشىدىن ئىسسىق _ سۇغۇق ئۆتىدىغانلىقى ، كىشلىك تۇرمۇشتا خاتالىقلاردىن باش تارتىپ بولمايدىغانلىقى ، تەقدىرنىڭ چاقچاقلىرىغا  يۈزلىنەلەيدىغان بۇلۇش كېرەكلىكى ،،،،، نى ئۆگەتتى .
    بىر يەھۇدى ئالىم ؛<< بىر ئادەم ئوزۇن سوزۇلغان ئارغامچىنى تۇيۇقسىز كۆرسە ، 40 يىلغىچە ئارغامچىدىن قورقۇيدۇ . يىلاننى كۆرسە تېخىمۇ تىنى شۈركىنىدۇ .>> دەپتىكەن . شۇڭا مەن ھازىرغىچە باشقا قىز بىلەن ئارلىشىشنى ئويلاپ باقمىدىم .
     سىز گە دەيدىغان گەپلىرىم ھەقىقەتەن كۆپ ئىدى . بىراق بىز ئانچە كۆپ پاراڭلاشمىغاچقا مەن نىمە دىيىشىمنى بىلمىدىم ، شۇڭا خېتىمنى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتۇراي . ئۆزىڭىزگە قاتتىق تەلەپ قۇيۇپ ياخشى ئۆگىنىڭ !

                    تەنھا بۆرى دىن

         2003 _يىلى 3 _ئاينىڭ 31 _ كۈنى  


      ئەھۋالىڭىز ياخشىمۇ ؟
  مېنىڭ بۇخاتىرىنى قانچىلىك تەسلىكتە ئاچقانلىقىمنى سىز كۆرمىدىڭىز . خۇددى بارچە ھاياتلىق پەقەت مېنىڭ قۇلۇمدا تۇرغاندەكلا  ، خاتىرىنى ئاچساملا  ھەممە نەرسە تۈگەيدىغاندەكلا تۇيۇلدى .  





               داۋامى بار .  
     ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن تىرىشىپ مۇشۇنچىلىك يازالىدىم ، داۋامىنى يەنە يوللايمەن .
   تورداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .



        




  
تېما تەستىقلىغۇچى : خوك
تەستىقلانغان ۋاقىت :
2010-08-26, 18:11
-سىز كۆرۋاتقان تىما كۈندىلىك خاتىرە ئىچىدە قالغان مۇھەببەت ( پوۋېست ),دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
YELAN
ھەقىقەت ئېگلەرسۇنماس!
دەرىجە: تېرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 658
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 334
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە334دانە
ياخشى باھا: 41 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 1762 سوم
تۆھپىسى: 8 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 211(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-24
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-08-27
1 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 02:34

داۋامىنى تىزراق يۇللاڭ.............
ھەر قانچە كۆز يۇمساقمۇ ھەقىقەت يەنىلا ھەقىقەت،بۇ ئۆزگەرمەس ئەمەلىيەتتۇر....
TARHAN
تۇن كىچىدە بىر كۆك بۆرە ئەلەملىك   ھولىماقتا ...... ..
دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 5693
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 51
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە51دانە
ياخشى باھا: 46 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 387 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 427(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-05
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-08-27
2 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 07:19

قىزقىپ قالدىم تىزراق يوللاڭ !!!!!!!!!!!!!!!   
مەن خەلقىمگە خۈشبۇي گۈل چىمەن،  نائەھ لىلەرگە تىكەنمەن تىكەن .
jalipkarkiz
بەختىمنى بىرئۇلۇغ ئاللاھدىن تىلەيمەن
دەرىجە: دائىملىق ئــەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 5463
  جىنسى: خانىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 201
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە201دانە
ياخشى باھا: 80 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 838 سوم
تۆھپىسى: -3 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 167(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-02
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-08-28
3 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 09:56

مەنمۇ شۇ ناھايىتى مەزمۇنلۇق يېزىلغان ھېكايە ئىكەن 
بۇناخشىنى قۇشۇپ قۇياي تېخىمۇ بەك ياقتۇرۇپ ئوقۇشىمىز ئۈچۈن
gulistan
دەرىجە: دائىملىق ئــەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 927
  جىنسى: خانىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 157
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە157دانە
ياخشى باھا: 9 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 1078 سوم
تۆھپىسى: 4 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 548(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-26
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-08-27
4 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 10:32

ھىكاينىڭ قۇرۇلمىسى ئۆزگىچە ئىكەن . داۋامىغا ئىنتىزارمەن .
almasyultuz★
★★★ ظالماس يذلتذز★★★
دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 3021
  جىنسى: خانىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 46
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە46دانە
ياخشى باھا: 38 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 899 سوم
تۆھپىسى: 6 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 213(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-06-24
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-08-28
5 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 23:24

              كۈندىلىك خاتىرە ئىچىدە قالغان مۇھەببەت
                                 ( پوۋېست )

                   ئاپتۇر : ئالماس يۇلتۇز  

        ئەسەرنىڭ داۋامى

        ئەھۋالىڭىز ياخشىمۇ ؟
  مېنىڭ بۇخاتىرىنى قانچىلىك تەسلىكتە ئاچقانلىقىمنى سىز كۆرمىدىڭىز . خۇددى بارچە ھاياتلىق پەقەت مېنىڭ قۇلۇمدا تۇرغاندەكلا  ، خاتىرىنى ئاچساملا  ھەممە نەرسە تۈگەيدىغاندەكلا تۇيۇلدى .   خېتىڭىزنى ئوقۇپ نىمىشقىكىن بىلمەيمەن ، ئۆزۈمنى تۇتۋالالماي يىغلاپ كەتتىم .  مەن بۈگۈن تۇنجى قېتىم ئۆز _ ئۆزۈمنى چۈشەنمەيدىغاندەك ھېس قىلىپ قالدىم . چۈنكى مەن ئۆز ئىرادەمگە خىلاپ ھالدا  
خۇددى ساراڭ ئادەمدەك غەلىتە بۇلۇپ قالدىم . سىز بەلكىم بۇنى تەسەۋۇر قىلالىشىڭىز مۇمكىن .
     سىزنىڭ مېنى يېقىن كۆرۈپ ئىچ سىرىڭىزنى ئېيتىپ بەرگىنىڭىزدىن ئۆزۈمنى تولىمۇ بەخىتلىك ھېس قىلىۋاتىمەن . رەھمەت سىزگە !  
مەن باشتا سىزنى ئۇ قىزغا ئۆزى  تەلەپ قويغان دەپ خاتا چۈشۈنۈپ قاپتىمەن .
بۇنىڭ ئۈچۈن سىزدىن كەچۈرۈم سورايمەن .
       مەن ئويلايمەن ، سىناش ھېچ نەرسىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ . ئەگەر باشقىلار  سىناش توغرا دېسە  بۇنىمۇ ئىنكار قىلالمايمەن .  چۈنكى بەزى ۋاقىتلاردا سىناش  ئارقىلىقمۇ مەقسەتكە يەتكىلى بولىدۇ . بىراق بۇ پەقەت يۈزدە يىگىرمە پرسەنت ئۈنۈم بېرىشى مۇمكىن .
     مېنىڭچە سىز ھەقىقەتەن چىداملىق ئىكەنسىز . ( خۇددى ماڭا ئوخشاش )
   ماڭا سىزنىڭ ئەڭ ياققان يېرىڭىز ، سىرتىدىن قارىسا ئادەمگە ئىنتايىن ھاكاۋۇر تەسىر بەرسىمۇ ، ئەمما چۈشەنسە ،سىز  خۇشخۇي ، چىقىشقاق مىجەزىڭىز ۋە ھەر قانداق ئىشتا ئۆزىڭىزنى باشقىلار ئالدىدا تۆۋەن كۆرمەستىن ئۈستۈن كۆرىشىڭىز ، قارىماققا  ناھايتى شوخ كۆرۈنگىنىڭىز بىلەن ئەمەلىيەتتە ئىچىڭىزدە ئويلىغانلىرىڭىزنى ئاسانلىقچە سىرىتقا چىقارمايدىكەنسىز . يەڭگىل ، ئىنكاسى تېز كۆرۈنگىنىڭىز بىلەن گەپ _ سۆزنى ناھايتى ئويلاپ قىلىدىكەنسىز . بىر ئىشلاردا مەغلۇپ بولسىڭىزمۇ ئاسان تەن ئېلىشنى خالىمايدىكەنسىز  . قەنداق ، سىزنى خېلىلا چۈشۈنەمدىكەنمەن ؟
       خېتىڭىزنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى چۈشەندىم .
سىز بۇرۇن باشقا بىر قىز تەرىپىدىن ئالدىنىپ زور زەربىگە ئۇچرىغان ، شۇڭا ئاشۇنداق پاجىئەنىڭ قايتا يۈز بېرىشىدىن ئەنسىرەپ ، ماڭا ئىشىنەلمەيۋاتىسىز .   ماڭا ئىشەنمىسىڭىز مەيلى ، مەن بىر ئۆمۈر مۇشۇنداق ئۆتۈپ كېتىشكە رازى .
      ئەگەر مېنى ياخشى  كۆرمىسىڭىز ، بىز دوست قاتارىدا ياكى ئاكا _ سېڭىل قاتارىدا ئۆتسەك بۇلىدۇ . لېكىن ھەرگىزمۇ ھېسداشلىق قىلىمەن دېمەڭ .
مۇھەببەتتە ھېسداشلىققا ئورۇن يوق !
      ئاخىرىدا ، سىزگە ئاللادىن بەخت تىلەيمەن . سىزمۇ ھامان بىر كۈنى ئۆز بەختىڭىزنى تاپالايسىز .

             2003 _ يىلى 4_ ئاينىڭ 1 _ كۈنى.


      ياخشىمۇ سىز ؟
مەن سىزگە ئۆزۈمنىڭ ئويلىغانلىرىنى ئېيتىپ ئۆتەي .
      ئىنسانىيەت تارىخى ئىنتايىن قىزىقارلىق ھەم قايغۇغا تولغان بولىدىكەن . ئىنسان  ئۆزىنىڭ يىتىلىپ - ئۆسۈش جەريانىدا قاتمۇ _ قات توسالغۇلارغا ئۇچرايدىكەن ھەم بەخىتكە مۇيەسسەر بۇلالايدىكەن .
   لېكىن ماڭا ھەرخىل توسالغۇلار ھەمرا ، بەخىتىن قىلچىمۇ ئەسەر يوق ....
    تەقدىر ئادەملەرنىڭ بېشىغا نۇرغۇن قىسمەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىكەن . سىز ھاياتلىقتا بىر قەدەمنى خاتا باسسىڭىز  مەڭگۈلۈك دەرتكە قالىدىكەنسىز . بىر قەدەمنى توغرا باسسىڭىز  ھاياتلىق يولىڭىز ئېچىلىپ كېتىدىكەن.  دۇنيا رەھىمسىز ، كىشلەر ئۇنىڭدىن ئۆتەر رەھىمسىز . سىزنىڭ ماڭغان ھەربىر قەدەمدىكى ئىزىڭىزدا  
  گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلىپ ، خۇشخۇي ھىدلىرىنى چېچىپ تۇرسۇن ، ھەرگىزمۇ ئەدەمگە نەشتەردەك سانجىلىدىغان تىككەنگە ئايلانمىسۇن .
     سىزنىڭ دېگىنىڭىز توغرا . سىناش ھەرگىزمۇ ھەممە ئىشلاردا غەلبە قازىنىشنىڭ يولى ئەمەس . لېكىن سىز ھەر بىر قەدىمىڭىزدە دۇچ كەلگەن ئىشلاردا ،بەزىدە سىناشقا توغرا كېلىدۇ .
      سىز ماڭا ئىشەنمەيدىكەنسىز دەپ يېزىپسىز .
  خاتا ئويلاپ قالماڭ . مەن نىمە ئۈچۈن سىزگە ئىشەنمىگۈدەكمەن ؟ ئەگەر مەن سىزگە ئىشەنمىگەن بولسام ، ئۆزۈمنىڭ ئىچكى سىرلىرىمنى سىزگە سۆزلەپ بەرمىگەن بۇلاتتىم . مەن ئۆزۈمنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ئىشلارنى سىزگە سۆزلەپ بېرىپ خېلى يىنىكلەپ قالدىم ، مەن تېخى سىزگە رەھمەت ئېتسام بۇلىدۇ .
    ئاخرىدا ،مەن سىزنىڭ ماڭابولغان مۇھەببىتىڭىزگە تەشەككۈر ئېيتىمەن .
شۇنداقلا سىزنىڭ باشقىچە خىياللاردا بولماي ياخشى ئۆگۈنىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن .
    خۇشاللىق ھەم بەخت سىزگە يار بولسۇن .

                 خەير ، ئامان بۇلۇڭ !

           2003 _يىلى 4 _ئاينىڭ 3 _ كۈنى .

      
         چۈشەندىم ، يازغانلىرىڭىزنى چۈشەندىم . مەن سىزدىن ھەرگىز  ئاغرىنمايمەن . بۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئىختىيارى ، سىزنى مەجبۇرلاشقا ھەقىم يوق .
   قالغىنىنى خۇداغا تاپشۇردۇم . مېنىڭمۇ بىر يەرلەردە رىسقىم باردۇر . لېكىن سىزنى بىر ئۆمۈر ئۇنتالماسلىقىم مۇمكىن . بىر ئادەمنى 2 يىل ساقلاش ئاسان ئەمەس ئىكەن . بىر كۈنلەردە قەدرىمگە يىتىپ قالارسىز .
        
           بىر بەختسىز قىزدىن .

           2003 _يىلى 4 _ئاينىڭ  7 _كۈنى .


                    *         *          *          *          *         *          *

      
             (شەنبە) 18 . 9 . 2004

      ياخشىمۇ سىز ، ھۆرمەتلىك  يىگىت ؟
     قانداق ئەھۋالىڭىز  ؟ ئوبدان تۇرۋاتامسىز ؟ كۈنلىرىڭىز خۇشاللىق ئىچىدە ، مەنىلىك ئۆتۈۋاتامدۇ ؟
      مەندىن ئەھۋال سوراشنى خالىسىڭىز ، مەن يەنىلا شۇ سىز تۇنۇيدىغان <<يامان >> قىز .  ئەھۋالىم بۇرۇنقىغا قارىغاندا ھەرھالدا ياخشى .
       مەن يەنىلا بۇرۇنقىدەك يەنە شۇ ھەممىنى تەسىر لەندۈرگەن ساپ مۇھەببىتىم توغرىسىدا سۆز ئاچماقچىمەن . ( گەرچە سىز ياقتۇرمىسىڭىزمۇ )
     سىزگە ئايان مەن سىزنى چىن دىلىمدىن ياخشى كۆردۈم ، سىزنى ساپ مۇھەببىتىم بىلەن ساقلىدىم . لېكىن سىز ھېچنىمىنى بىلمىگەن قىياپەتكە كىرۋالدىڭىز .  بۇنىڭغا ، مۇنۇ ئۆزى ئاپئاق ، لېكىن ئاجىز بولغانلىقى ئۈچۈن قارا سىياھنىڭ قۇربانى بۇلۇپ كېتىۋاتقان بىچارە سىرداش خاتىرەم گۇۋاھ .
      ھۆرمەتلىك يىگىت ئېسىڭىزدىمۇ ؟ مەن ئەينى ۋاقىتتا قانداق قىز ئىدىم ؟ قانچىلىك يىگىتلەر مېنى قوغلاشقان ؟ قانچىلىك يىگىتلەر مۇھەببەت دېڭىزىدىن مېنىڭ << قەلىب ئارالىم>>نى ئىزدەپ يۇشۇرۇن ۋە ئاشكارە خادا تاشلارغا ئۇرۇلۇپ سوقۇلغان ، ھەتتا دېڭىزغا غەرىق بولغىلى تاس قالغان . لېكىن مەن كىم ئۈچۈن ئۇلارغا پەرۋاسىز قارىدىم ؟ زادى كىم ئۈچۈن ھەر خىل قار _ شىۋىرغان ، بۇران _ چاپقۇنلارغا بەرداشلىق بېرىپ ، يۈرۈكۈمگە سانجىلۋاتقان قانلىق تىكەنلەرنى بىر _ بىرلەپ يۇلۇپ تاشلاپ يەنىلا  ئاشۇ مۇھەببىتىم ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرلەۋاتىمەن ؟  
     لېكىن سىزچۇ ؟ سىز مېنى خۇددى كىچىك بالىنى ئالدىغاندەك ، << ئۈمۈد >> ناملىق سوسكا بىلەن مېنى پەپىلىدىڭىز . ھەر قېتىم سوسكا قۇرۇقدىلىنىپ ، ئۈمۈد چىچەكلىرىم تۇزۇپ ئۆز ئەركىم ئانچە _ مۇنچە ئەسلىگە كەلگەندە ، سىز مەندىن ئايرىلىپ قېلىشتىن ، ئۆزىڭىز ئۈچۈن بارلىقىنى ئاتاشقا رازى بىر قىزدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن ، مۇھىمى ئۆزىڭىزنىڭ نام _ ئابرويىنى تىكلەپ تۇرىدىغان ، باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئۆزىڭىزنى ياخشى كۆرۈدىغانلىقىمدىن ماختىنىپ باشقىلارنى ئۆزىڭىزگە قارىتالايدىغان بىر ياخشى << يەمچۈك >> تىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقۇپ ، يالغان ، تەسەللىي ، ساختا كۆيۈنۈشلەر بىلەن تۇۇدۇرماستىن سوسكىنى لىقلاپ قۇيۇپلا يۇقاپ كېتىسىز . سىز پەقەت شۇنىلا قىلالايسىز خالاس !
      سىز مېنى ئەزەلدىن كۆزگە ئېلىپ باقمىدىڭىز . بەلكىم ئەينى ۋاقىتتا مېنىڭ ئۆزىڭىزنى ياخشى كۆرۈدىغانلىقىمنى بىلمىگەن بولسىڭىز ، ئۇ چاغدا سىزنىڭ ماڭا بولغان پوزىتسىيىڭىز باشقىچە بولغان بۇلاتتى . بەلكىم  مەن سىزنى ئەمەس ، سىز مېنى كۈتكەن بۇلاتتىڭىز غۇ دەيمەن ! شۇنداقمۇ ؟ مەن سىزنى ياخشى چۈشىنىمەن . ئەگەر سىز بىلمىگەن بولسىڭىز ئەھۋال چۇقۇم باشقىچە بولغان بۇلاتتى .  مەنمۇ سەرسانلىق كوچىلىرىدا  بۇنچىلىك تىنەپ _ تەمتىرەپ يۈرمىگەن بۇلاتتىم .  
     مېنىڭ سىزنىڭ ئالدىڭىزدا ئۆتكۈزۈپ قويغان گۇناھىم سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغىنىم ، سىزنى چىن دىلىمدىن ئەزىزلەپ ، ھۆرمەتلەپ قەلب قەسىرىمنىڭ تەختىدىن ئورۇن بەرگەنلىكىم ، بارلىغىمنى سىزگە بېغىشلاپ ئۆزۈمنى ئالدىڭىزدا قۇل قىلغانلىقىمدىن ئىبارەت .  
       مەن سىزنى ھاياتىم بېغىنىڭ << بۇلبۇلى >> دېسەم ، سىز ئەسلى باشقىلارنى چۈشۈرۈش ئورنىغا ئۆزىڭىزنى كۆتۈرىدىغان بىر شەخسىيەتچى ئىنسان ئىكەنسىز .
      مەن بىلىمەن ،سىز ھەتتا مېنىڭ ئۆزىڭىزنى ياخشى كۆرۈدىغانلىقىمنى بىلگەندىن كېيىن ، ئۆزىڭىزنىڭ مېنى ياخشى كۆرىدىغان كۆرمەيدىغانلىقىڭىزنى ئېيتىشتىنمۇ باش تارتتىڭىز  .  لېكىن مەن يەنىلا سىزگە بولغان چەكسىز ئىشقىم بىلەن توختىماي ئالغا ئىلگىرلىدىم  . باشقىلارنىڭ << نۇمۇس قىلماي ، ئوغۇل بالىنىڭ كەينىگە كىرۋاپتۇ .....>> دىگەندەك سۆز _ چۆچەكلىرىگە قالدىم . دوستلىرىمنىڭ نەسىھەتلىرىنى ئاڭلىماي ، ئۇلارغا تەتۈر قاراپ ئۇلاردىن ئايرىلىپ قالدىم  . دەل شۇ
ۋاقىتلاردا سىز تۇيۇقسىز ئالدىمدا پەيدا بۇلۇپ ، ئۆز ئېغىزىڭىز بىلەن مېنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىڭىزنى  ئېيتىڭىز .  چۈنكى سىز ئاللىبۇرۇن مېنىڭ ھەرگىز كەينىمگە يانمايدىغانلىقىمنى ، مېنىڭ سىزنى ھەرگىزمۇ ئۇنتالمايدىغانلىقىمنى  بىلۋالغان ئىدىڭىز .  
      كۆز ئالدىم قاراڭغۇلاشتى . كۆز ئالدىمدا پەقەت سىزلا  بار ئىدىڭىز  . سىزدىن باشقا بارلىق مەۋجۈداتلار  ماڭا نىسبەتەن بارلىقىنى يوقاتقان ئىدى .  
     مەن نىمە قىلىشنى ، قانداق قىلىشنى بىلمىدىم . ئەمدى ئالدىمغا ماڭسام بولمايتى . چۈنكى مەن بىر غۇرۇرلۇققىز ، غۇرۇرۇمنى ،ۋىجدانىمنى يەرگە ئۇرالمايمەن . كەينىمگە قايتىشىم تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس ، چۈنكى قاتمۇ _ قات
تۇسالغۇلار ، ئالەمچە ئېغىر دەرتلەر مېنى كۈتۈپ تۇراتتى . سىزنى ئۇنتۇش مەن ئۈچۈن ئۆلۈمگە باراۋەر ئىدى !!!  ۋىجدانىم ، غۇرۇرۇم مېنى كەينىگە تارتسا ، يۈرۈگۈم ، سۆيگۈم مېنى ئالدىغا مېڭىشقا ئۈندەيتى .
       سىز ئىشىنەمسىز ؟ مەن سىزنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرەتتىم . شۇنچىلىك سۆيەتتىم . سىز ھامان قەلبىمدە ھۆكۈمران ئىدىڭىز . سىزگە تەۋە بولغان ھەر قانداق
نەرسە ، ھەتتا ئۆيىڭىز ئالدىدىكى بىر تال يۇپۇرماقمۇ مەن ئۈچۈن جەننەت ئىدى .  سىزنىڭ قىلىۋاتقان ھەربىر ئىشىڭىز ،سۆز _ ھەركەتلىرىڭىز مېنى ئازاپلىسىمۇ ،
مەن يەنىلا سىزنى كەچۈرەتتىم . سىزنى نوقسانسىز ، ئۇلۇغ قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشاتتىم .  ...
قىسقىسى ، مەن سىزگە ئاشىق ئىدىم . سىز ئۈچۈن كۆيەتتىم .
       كۈنلەرنىڭ بىرىدە ، بىز ئۇچرىشىپ قالدۇق . مەن سىز بىلەن سالاملاشتىم .
لېكىن نىمىشقىدۇر بۇرۇنقىدەك يۈرۈكىم خۇشاللىقتىن ئوينىمىدى ، قەلبىم ھاياجاندىن
دولقۇنلىمىدى . پەقەتلا  يۈرۈكۈمدە ئاللىبۇرۇن قېتىپ قالغان جاراھىتىم قايتىدىن  ئۆتكۈر تىرناقلار بىلەن تاتلاندى .  مەن شۇ چاغدا ھېس قىلدىمكى ، سىزبىلەن بىللە قىچىپ كېتىپ مېنى سەرسانلىق كوچىسىغا تاشلىۋەتكەن قەلبىم ماڭا ئاسىيلىق قىلغان ئىدى .   ئۇ سىزنىڭ يۈرۈكىڭىزنىڭ يېنىدىن ئورۇن ئالالماي ، مېنىڭ يېنىمغا يېنىپ كەلگەن ئىدى . مەن ئۇنى ئەيىبلەشنى ياكى تەقدىرلەشنى بىلەلمىدىم .  چۈنكى
ئۇنى ئەيىبلەي دىسەم ئۇنىڭ قىلغانلىرى مەن ئۈچۈن ئىدى . تەقدىرلەي دىسەم مېنىڭ << مۇھەببەت >> بېغىم پۈتۈنلەي ۋەيران بولغان ئىدى ، ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇمكىن ئەمەس ئىدى . ھەتتا ، سىزمۇ تىرىلدۈرەلمەيتىڭىز ، يەنى مۇھەببەت ئەمدى ماڭا ئەبەدىي يات ئىدى !!!
      مانا شۇندىن بېرى مەن تەنھا . بۇ  تۇرمۇشقا كۆنۈپمۇ قالدىم . بەزىدە خىيال كەپتىرىم ئوغىرلىقچە سىزنىڭ يېنىڭىزغا قېچىپ كېتىدۇ . خۇددى قەلبىمگە ئوخشاش .
ئىشىنىمەنكى ، ئۇ ھامان قايتىپ كېلىدۇ ، چۈنكى ئۇ ماڭا مانسۇپ ، ئەمدى ھېچكىمگە تەۋە بولمايدۇ !


       (چارشەنبە ) 9 . 3 . 2005

      قانداق ئەھۋالىڭىز ، ياخشى تۇرۋاتامسىز ؟
ئاللادىن سىزگە بەخت ھەم سالامەتلىك تىلەيمەن .
      بۈگۈن مەن ئاخىرى يېڭى مەكتەپكە ئورۇنلىشىۋالدىم . باشتا مېنى ئۆيدىكىلەر
ساقچى _ ئوفىسىرلار مەكتىپىگە،بىر تۇغقىنىمىز ئارقىلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ قويماقچى بولدى . سىزنىڭ ساقچى بۇلۇش ئارزۇيىڭىز بارلىقى ئېسىمگە كېلىپ دەرھال ماقۇل بولدۇم . كېيىن يەنە ئىككىلىنىپ قالدىم . مەن ئەسلىدىمۇ سىز ئۈچۈن بارلىغىمنى ئاتا قىلىپ ئۆز _ ئۆزۈمنى بەخىتسىز قىلىپ قويدۇم . ئەجىبا بۇ قېتىممۇ سىزنىڭ ئارزۇيىڭىز ئۈچۈن ئۆزۈم خالىمايدىغان مەكتەپتە ئوقۇشۇم كېرەكمۇ ؟ بۇنداق قىلسام
ۋىجدانىمغا قانداق يۈز كېلەلەيمەن ؟ ئۇيان ئويلا  بۇيان ئويلا  ئاخىرى
<< رەزىل مۇھەببەت >> تىن كېچىپ ، ئۆز ئەركىنلىكىمنى تاللىدىم .
       سىزدىن نەپرەتلىنىمەن !
   ئەمدى بىلسەم سىز مېنىڭ گۈزەل چۈشلىرىمنى ، تاتلىق ھېسلىرىمنى ، ھاياتىمدىكى خۇشاللىق بولغان مۇھەببەتنى خازان قىپسىز .
      سىزگە ئۆچ بولدۇم ! سىز مېنىڭ بارلىغىمنى ۋەيران قىلغان تۇرۇقلۇق ، يەنە خىيالىمدىن چىقمايۋاتىسىز !  سىزنىڭ مەقسىتىڭىز زادى نىمە ؟!!!
     نىمە دىسەم بۇلار ؟ ھەر قېتىم كۆڭلۈم يېرىم بولغاندا ياكى خۇشال بولغاندا سىز بىلەن تەڭ ئورتاقلاشقىم كېلىدۇ ....  مەن راستىنلا بەك قىيلىنىپ كەتتىم !
        سىزدىن ئۆتۈنەي كاللامدىن ، ۋۇجۇدۇمدىن چىقىپ كېتىڭ ! سىزدىن
ئۆتۈنەي ! ... چىقىپ كەت !


        (شەنبە) 23 . 4 . 2005

      قانداق ئەھۋالىڭىز ؟
    يەنە شۇ مەن . زىرىكسىڭىزمۇ ، تىرىكسىڭىزمۇ ئامالىم يوق .
ھەر قېتىم قەلەمنى قۇلۇمغا ئالساملا ، مۇنۇ خاتىرە قۇلۇمغا چىقىپ قالىدۇ .
     كۈنلىرىڭىز ياخشى ئۆتۈۋاتامدۇ ؟
      بۈگۈن يەنە ياتاقتا يالغۇز قالدىم . ياتاق شۇنچىلىك جىمجىت . سەھەرنىڭ ساپ ھاۋاسى جانغا راھەت بېغىشلايدۇ . سىرىتقا قارىسام توختىماي ئۆتىشىۋاتقان ئاپتوموبىللار ، ئۇلار شۇنداق ئالدىراش . ئۇلار نېمىگە بۇنچە ئالدىرايدىغاندۇ ؟
      كەچۈرۈڭ ، سىزگە نىمىلەرنى دەپ كەتتىم !


      (سەيشەنبە ) 22 . 6 . 2005

       كەچلىكىڭىز خەيرىلىك بولسۇن !
   يېقىندىن بۇيان ياخشى تۇرۋاتامسىز ؟ چۈشۈمگە كىرىپ قاپتىكەنسىز ، سىزدىن ئەنسىرەپ قالدىم . ئاغرىپ قالمىغانسىز ؟
     ھەي ئىنسان بالىسى ! شۇ تاپتا نىمە ئىش قىلىۋاتقانسىز ___ ھە ؟!
  ئىشقىڭىزدا ۋەيران بولغان بىر  ئاجىز مەسۇمنىڭ كۆزلىرىگە  لىق ياش ئالغان ھالدا ، ئاي يۇرۇقىدا ئولتۇرۇپ سىزگە خەت يېزىۋاتقانلىقىنى بىلەمدىغانسىز ؟
       ھېچ بىلمىدىم . مەندىكى زادى قانداق يۈرەكتۇر ؟
  ئەتراپىمغا قارىسام مەندەك دەرتمەنلەر كۆپ . لېكىن ئۇلار تۇلىمۇ تەلەيلىك. ئۇلارنىڭ جانانى ئاسانلا مۇنۇ ئاشىقىنى  ياقتۇرۇپ قالىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ شېرىن كۈنلىرى باشلىنىدۇ . شۇنچىلىك بەختلىك .ئەمما بۇ ئوزۇنغا بارمايدۇ . ئۇلار تېزلا زېرىكىش ھېس قىلىدۇ__دە ، نىشاننى باشقا تەرەپكە بۇرايدۇ ....


    (دۈشەنبە)   5 . 9 . 2005  

     قانداق ئەھۋالىڭىز ، ئوبدان تۇرۋاتامسىز ؟
راستىنى ئېتسام قەلەمنى قۇلۇمغا ئېلىپ بۇلۇپ نىمە دىيىشىمنى ، نىمەدەپ خەت يېزىشنى بىلەلمىدىم . خۇددى بىر ناتۇنۇش ئادەمگە خەت يېزىۋاتقاندەك ياكى بولمىسا ئەدەبىياتتىن ماقالە تاپشۇرۇق ئىشلەۋاتقاندەك .
       ئەسلىدە مۇشۇ خاتىرنى قۇلۇمغا ئالماي دەپ ئويلىغان . ئەمما ئېغىزدا دىگەن
بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسەتمەك تەس ئىكەن .
      ھازىر سىزگە ھېچنىمە دىگىم يوق .
نىمىشقا مېنى ئازاپلايسىز ، قاچانغىچە مۇشۇنداق يۈرىمەن ؟  ... دىگەنگە ئوخشاش بىچارىلەرچە سوئاللارنى سورىغىم ياكى بولمىسا << ئازاپلاندىم ، كۆيدۈم _ پىشتىم  ، كۆزۈمدىن قان _ياش ئاقتى >> دىگەنگە ئوخشاش سۆزلەرنى قىلغۇم يوق . چۈنكى سىز بۇلارنى چۈشەنمەيسىز .
  خۇدا سىزگە بۇنداق قۇدرەتنى بەرمىگەن .  سىز مۇھەببەتكە ئىشەنمەيسىز ، سىز نىمەدىگەن بىچارە ___ ھە !



          داۋامىنى يەنە يوللايمەن !
بۈگۈن مۇشۇنچىلىك يوللاپ تۇراي . توغرا چۈشىنەرسىلەر !