مىسرانىم باش بېتى | مودا MP3 | مىسرانىم MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر| يانفۇن مۇزىكىسى
ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1464 قېتىم كۆرۈلدى
«12345»Pages: 1/6     Go
تېما: بىر قىسىم ئۇيغۇر تىلىدىكى فىلىملەرنى كۆرگەندىن كىيىن...
kay~nam
دەرىجە: تېرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 6091
  جىنسى: يوشۇرۇن
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 75
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە75دانە
ياخشى باھا: 18 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 3314 سوم
تۆھپىسى: 3 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 199(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-11
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-08-28
0 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-08-26 06:35 PM

0 بىر قىسىم ئۇيغۇر تىلىدىكى فىلىملەرنى كۆرگەندىن كىيىن...

بىر قىسىم ئۇيغۇر تېلىدىكى فىلىملەرنى كۆرگەندىن كىيىن "1h|1'S50?  
قاينام c1jgBty  
يىقىندىن بۇيان –بولۇپمۇ تەتىل باشلانغاندىن بىرى بوش ۋاقتىلىرىم بولغاچقىمىكىن ،ئانچە مۇنچە كىنو-فىلىملارنى كۆرۈپ قويىدىغان بولدۇم.بارا –بارا كىنو توربەتلىرىگە كىرىپ ،كىنو ئىزدەيدىغان دەرىجىگە بىرىپ يەتتىم. \T<?=A  
يەنىلا ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنىڭكىنى كۆرۈش ئىستىكى بويىچە ئۇيغۇرلار ئىشلىگەن نورغۇن فىلىملەرنى كۆرۈپ چىقتىم.«ئازابلىق ھايات»،«قىيا تاشتا ئېچىلغان گۈل»،«ئارتىس بولالمىغان قىز »(مېنىڭچە بۇ كىنو ئىسمى خاتا قويۇلۇپ قالغاندەكلا)،«داپ »،«ئاتا ئارزۇسى »،«ئۈچ ئوغۇل»،«مۇھەببەت قىرىمايدۇ»،«ئەرلەر تاڭسىخانىسىدىكى ئايال چولپان»(نەزىرىمدىكى ئەڭ تېتىقسىز فىلىم)،«غەربىي دىيار ئۇسۇل مەستانلىرى »،«مەمەت ھەققىدە پاراڭ »،«سىرلىق كارۋان»،«شەيتان ئېلىپ كەلگەن قىيامەت»،«قىرلىق ئىستاكان»،«چارخوراز»،«ساراڭ»،«تۇتقۇن قىلىنغان قاچقۇن»،«ساقال ماجراسى»...قاتارلىق سانىسا تۈگىمەيدىغان فىلىملىرىمىز بارئىكەن .ئۇيغۇر كىنوچىلىقىنىڭ تەرەققىي قىلىپ ،فىلىملىرىمىزنىڭ بۇنداق موللىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ بىردە خوش بولدۇم.چۈنكى بۇ مۇ مەدىنىيەت جەھەتتىكى تەرەققىياتنىڭ بەلگىسى ئەمەسمۇ. Z 
بىراق فىلىملەرنى كۆرۈپ ،ھېلىقى خوشاللىقلىرىم پۈتۈللەي يوقىدى دېسەممۇ بولىدۇ.چۈنكى ناھايىتى ئاز ساندىكى فىلىملارنى ھېساپقا ئالمىدا نۇرغۇن ئۇيغۇرتېلىدىكى فىلىملەر قانداقتۇر ئىككى –ئۈچ ئادەم ئولتۇرۇپلا ئىشلەيمىز مۇ –ئىشلەيمىز دېيىشىپ فىلىم قىلىپ ئىشلىگەندەكلا بىلىندى.بۇ جەرياندا ھېس قىلغانلىرىم تۆۋەندىكىچە بولدى. u_zp?Nc  
1.      جەمئىىيەت تەرەققىي قىلىپ پۇلدىن ئىبارەت بۇ ئوقۇم ھەممىمىزنىڭ بىلىپ –بىلمەي قوغلىشىغان نىشانىغا ئايلانغاندىن بۇيان ،بىر قىىسم فىلىم قەلەندەرلىرى،نۆۋەتتىكى پۇل تېپىشنىڭ  ئەۋزەل شارائىتنى بىلىپ يىتىپ ،بىزنىڭ ئۈن –سىن بازارلىرىمىزنى راستىنلا قالايمىغانلاشتۇرۇپتۇ.خالمىرات ئۆمەرنىڭ ھېلىقى ئىتۇتى ئېسىمدە تۇرۇپتۇ.ئۇنىڭدا مۇنداق بىر گەپلەر بار .«بىر كۈنى تونۇش بىربالا ئۆيگە كىرىپتۇ .نېمە ئىشىڭ بار دېسەم : شۇ بىكار يۈرگىچە كىنو ئىشلەپ باقايمىكىن دەيدۇ ...»،«بۇداقى ئەكەلگەن كىنودىن يىگەن ئېچكەننى چىقىرۋەتكەندە ساق 750سوم پايدا قاپتۇ» ...بەلكىم بۇ بايانلار ھەممىمىزنىڭ يادىدا بولۇشى مومكىن.دىمەك ،ھازىرقى كىنوچىلىىمىز ئاز بىر قىسىم ھايانكەش سودىگەرلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ ،مۇشۇ ھالغا كېلىپ قالدى.شۇ ئىتۇتتا شۇندا ق بىر گەپ با ر :«پۇتپۇل دېگەننىمىچۇ ؟ شۇ 11دىن 22 ئادەم ئىككى تەرەپكە بۆلۈنۈپ بىر –بىرنىڭ ۋاراتارىغا ئۇرۇپ ئوينىسا ئاندىن ئۇ پۇتپۇل بولىدۇ ،ھەممە ئادەم مەيدانغا كىرىۋالسا بۇنى قانداقمۇ مۇسابىقە دېگىلى بولسۇن ،پۇتپۇلچى مەيداندا بولسۇن ،تاماشىبىن سىرتتا تاماشىبىن ئولتۈرىدىغان ئورۇندا تۇرۇپ مۇسابىقەكۆرسۇن».دەرھەقىقەت ھازىر ھەممە نەرسە ئارلىشىپ كەتتى.ياۋرۇپا كىنو ساھەسىدىكى نادىر كىنو فىلىملەرنى باھالاش پائالىيەتلىردە ياخىشى فىلىم ،ياخشى سىنارىست ،ياخشى ئەرتىس ،ياخشى رىژىسسۇر ،ياخشى ئوپىراتۇر ...دېگەنگە ئوخشاش باھالاش بايانلىرىنى ئاڭلاپ قالىمىز. ياخشى بىر فىلىمنىڭ مەيدانغا چىقىشى ئۈچۈن يالغۇر ئۇنىڭ سىنارىيىسىنى يازغان يازغۇچىنىڭ قانداقلىقى بىلەنلا ئەمەس ،بەلكى فىلىمدە رول ئالغان ئارتىس،فىلىم رىژىسسۇرى ،فىلىم ئوپىراتۇر ...ئىشقىلىپ بۇ مۇشۇ فىلىمنى ئىشلەشكە قاتنىشىدىغان ھەممە ئادەمنىڭ ھەر جەھەتتىن مۇكەممەل بولۇشى ئاساسىي ئۇرۇندا تۇرىدۇ.«قۇچقاچ بولسىمۇ قاساپ سويسۇن»دېگەندەك ياخشى ئارتىسلىرىمىز رول ئالغان فىلىملار ئادەمنى ھەقىقەتە ن ھورۇزلاندۇرۇىدۇ.مەسىلەن :«قىرلىق ئىستاكان »،«چارخوراز»فىلىملىرىدە خالمۇرات ئۆمەر ،ئادىل مىجىت ،تۇرغۇن ئىمىر ،مەۋلان نىياز ...قاتارلىق ئەل قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان ئەرتىسلىرىمىز رولنى ھەقىقەتەنمۇ ياخشى ئېلىپ ،ئۆز تالانتىنى يەنە بىر قىتىم نامايە ن قىلدى. بىراق ھازىر ئىشلىنىۋاتقان فىلىملىرىمىزدە فىلىم ئىشلىگۈچىلەر ئۇچرىغانلا ئادەمنى فىلىمگە قاتناشتۇردىكەن.(چۈنكى داڭقى بار ئارتىس قىممەت دەپ شۇنداق قىلىدۇ).شۇڭا بۇخىل فىلىملەرنى كۆرگەن ئادەمدە بىر خىل زىرىكىش ،بىزار بولۇش تويغۇسى پەيدا بولىدۇ.چۈنكى باش قەھرىماندا بولسۇن ياكى يانداش پىرسۇناژلاردا بولسۇن تەبىئىيلىك يوق.خۇددىي قورالنى تەڭلەپ ،ناخشىسى يوق ئۇسسۇلغا سالغاندەكلا.ئۇنداق ئۇسسۇلنى قانداقمۇ ھەقىقىي ئۇسسۇل دېگىلى بولسۇن. 0m51nw~B  
2.      بىزنىڭ كىنوچىلىقىمىزدا مۇھاببەت تېمىسدا ئىشلەنگەن فىلىملەر بىر قەدەر كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدىكەن .بۇ فىلىملەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى قانداقتۇر ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان قىز –يىگىتلەر ئارىسىدىكى مۇھاببەت تېراگىدىيسى بولۇپ، بىزنىڭ ئالىي مەكتەپلىرىمىزگە ھاقارات قىلىدىغان فىلىملەر مۇ بار .بۇنداق فىلىملەرنى كۆرگەن كىشىنى بىزنىڭ بالىلىرىمىز ئالىي مەكتەپتە بىلىم ئالماي مۇشۇنداق ئىشلارنى قىلىۋاتامدۇ؟ ياكى بىزنىڭ ئالىي مەكتەپلىرىمىز مۇشۇنداقمۇ ؟ دېگەندەك تويغۇغا كەلتۈرۈپ قويىدۇ.تۈنۈگۈن «ئازابلىق مۇھاببەت »مۇ ئىشقىلىپ ئالىي مەكتەپ تۇرمۇشى ئەكىس ئەتكەن بىرفىلىمنى كۆردۇم.بۇنىڭغا ئالىي مەكتەپكە دەسلەپ قوبۇل قىلىنغاندا بارغان روخسار،نەفىسە ،ماھىرە ،گۈلبەكرەم ...قاتارلىق قىزلارغا رىژىسسۇرنىڭ كىيدۇرگەن كىيىمى غەزىۋىمنى كەلتۈردى.نەدىمۇ تىخى ئوقۇشقا يېڭى بار غان بالىلار بۇنداق كىيىم كىيسۇن.ئۇلار دەرستە شۇنداق ياخشى قىلىپ تەسۋىرلىنىپتۇ.تىخى ئارىدىكى بىرى بىيجىڭدا ئىچىلىدىغان بىر مۇھاكىمە يېغىنىغا بارماقچى.بىراق ئۇ قىزنىڭ سىرتقى قىياپىتىدىن ئۇنداق خاراكتىرىنى كۆرۋالغىلى بولمايدۇ.تار ئىشتان ،قويىۋىتىلگەن چاچلار،ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ،دۇمبىسى خىلى بىريەرگىچە ئوچۇق مايكا ... cp[4$lu  
ئۇندىن باشقا قاراپ باقسام فىلىمدە شۇ قىز –يىگىتلەر ئوتتۇرسىدىكى مۇھاببەت سىنىپتىمۇ ،ياتاقتىمۇ ،مەكتەپ مەيدانىدىمۇ ئىشقىلىپ فىلىمنىڭ قايسى كۆرۈنىشى چىقسا شۇنىڭدا بار .ئەجىبا بىزنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمىز مەكتەپتە ئوقۇماي مۇشۇنداق ئىشلارنى قىلىۋاتامدۇ؟ شۇڭا مۇشۇ خىلدىكى فىلىملەرنى ئىشلىگەندە ئالاھىدە دىققەت قىلمىسا بىر مىللەتنىڭ ،مەرىپەت بۆشۈكى بولغان مەكتەپلىرىمىزنىڭ ئوبرازىغا ئېغىر تەسىر يىتىدۇ.ئۇندىن باشقا مۇشۇنداق فىلىملەردە  ئالىي مەكتە پ دەرسخانە ئوقۇتۇشىمۇ قىسمەن قىستۇرۇلىدۇ.بۇ قانداقتۇر رىژىسسۇرنىڭ تەلىپى بويىچە قىستۇرلۇپ قالغاندەكلا بىر كۆرۈنۈشلەر.ئوقۇتقۇچىنىڭ  سۆزلىگەن دەرىسى قانداقتۇر بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىنىڭ سۆزىگە ئوخشىمايدۇ.مۇنداقچە ئىيتقاندا شۇ ئىشلەنگەن فىلىم ماھىيەتتە نۆۋەتتىكى جەمئىيەتنىڭ كىچىكلىتىلگەن كۆرنىشى.بىر ئالىي مەكتەپتە دەرس ئۆتىۋاتقان ئوقۇتقۇچىغا تولۇقسىز مەكتەپلەردىكى ئەڭ ئاددىي بىرساۋاتلارنى سۆزلىتىپ تۇرۇپ فىلىمگە ئىلىۋاتسا بۇنى قانداقمۇ قوبۇل قىلغىلى بولسۇن؟ d&.)Dw  
3.ئۇچرىغانغا بىر ھېكايە ۋەقەلىكىنى تۇتۇپ تۇرۇپ فىلىم ئىشلەش .ياكى باشقىلارنى دوراپ فىلىم ئىشلەش ئەھۋالى ئېغىركەن.خۇددىي ھېندىستان فىلىملىرىنىڭ باش قىسمىنى كۆرۈپ ئاخىرىنى كۆرمەي تۇرۇپ خۇلاسىسىنى چىقىرۋەتكەنگە ئوخشاش ،بىزنىڭ فىلىملىمىزمۇ شۇنداق ھالدا ئىشلىنىۋىتىپتۇ.قاتناشقان پىرسۇناژلارنىڭ ھەرىكەت ھالىتى،پىسخىكا، تىل ئىشلىتىش قاتارلىقلار بىر فىلىمنىڭ مۇۋاپپىقىيىتىنى بەلگىلەيدۇ.قارايدىغان بولساق ھەممىسى ياسالما.مۇنداقچە قىلىپ ئىيتقاندا سۈرەتكە ئالغۇچىنىڭ كەينىدە تۇرۇپ بىرى سۆز تېكىستىنى ئوقۇپ بىرىدۇ .ئەسەردىكى پىرسۇناژ سۆز ئوقۇلۇپ بولغاندىن كىيىن شۇ سۆزنى تەكرارلايدۇ.شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ سۆزلىرى ئۈزۈلۈپ –ئۈزۈلۈپ چىقىدۇ.خۇددىي نېمە دېيىشىنى بىلمەي قالغان ئادەمدەك تويغۇ بىرىدۇ. E]_sl/`{od  
4.ھېچقانداق مەقسەتسىز ئىشلەنگەن فىلىملەركۆپ ئىكەن مەسىلەن : @ ;rU#  
«غەربىي دىيادىكى ئۇسسۇ ل مەستانىسى »،«ئەرلەر تاڭسىخانىسىدىكى ئايال چولپان»،«داپ»...فىلىمنىڭ باش –ئاخىرى ماس كەلمىگەن .بۇنداق فىلىملەردە قارايدىغان بولساق ھەممە نەرسە ئاستىن –ئۈستۈن قىلىۋىتىلگەن .قاراپ باقايلى :«ئازادە ئۆيدە بىر نەچچەيلەن پاراڭلىشىپ ئولتۈرىدۇ.ئۆيدىكى ھالەتتىن قارىغاندا كەچ ئىكەنلىكى چىقىپ تۇرىدۇ.چۈنكى ئاسما چىراق تامدىكى چىراقلار ھەممىسى يىنېقلىق، كىنودىكى شۇئۆينىڭ خوجايىنىمۇ ئوخلاش كىيىمى بىلەن »بىراق ئۆيدىن يىنىپ سىرتقا چىققاندا ئەتراپ يورۇق ،تىخى باش پىرسۇناژ نومۇ س قىلماي قىزدوستىغا :«چۈش بولۇپ قاپتۇ ،بىريەرگە بىرىپ تاماقلىنايلى »دەيدۇ.بۇ ئاپئاشكارا كۆرەرمەنلەرنى ئەخمەق قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.بىر فىلىمدە بىر ئارتىسنىڭ بىرقانچە رولغا چىقىشىدىن ئىبارەت كۆرۈنىشلەرمۇ بار.بۇنداق فىلىملەرمۇ ئادەمدە غەلىتە تۇيغۇ پەيدا قىلىدۇ.پىرسۇناژنىڭ دۇمبىسىنى سۈرەتكە ئېلىپ گەپ قىلدۇرسا قانداق ئالدىدىن بىۋاستە ئېلىپ سۆزلەتسە قانداق ؟ گەرچە بىچارە رىژىسسۇر چاندۇرماسلىققا تىرىشقان بولسىمۇ بىراق ئاقىۋەتتە ياخشى فىلىملەرنىڭ مۇۋاپىقىيەتسىز ،باشقىلارنەزىرىدە شۇ نداق ئىشلار سەۋەبىدىن باشقىچە بولۇپ قىلىشىغا سەۋەپچى بولۇپ قالغاندەك تۇرىدۇ.نۇرغۇ ن فىلىملەر يوقۇرىدا ئىيتىپ ئۆتكىنىمدەك نەق مەيداندا بىر چەتتىن فىلىم مەزمۇنى ئوقۇلۇپ ،بىرتەرەپتىن سۈرەتكە ئېلىنغانلىقى ئۈچۈن تەبىئىيلىك دېگەندىن ئەسەر يوق. ECU:3KH>MF  
يېغىپ ئىيتقاندا مانا مۇشۇنداق بىر قىسىم سەۋەپلەر تۈپەيلى بىزنىڭ كىنوچىلىق ئىشلىرىمىز دا ئىلگىرلەش ئەمەس بەلكى زوراۋانلىققا يۈزلىنىش ئەھۋالى ئېغىركەن... Jr\4x7a;`~  
تېما تەستىقلىغۇچى : ئۇيغۇرۇم007
تەستىقلانغان ۋاقىت :
2010-08-26, 10:46
-سىز كۆرۋاتقان تىما بىر قىسىم ئۇيغۇر تىلىدىكى فىلىملەرنى كۆرگەندىن كىيىن...,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
بۇ يازمىنىڭ باھالىنىش ئەھۋالى:
  • مۇنبەر پۇلى:+200(ئۇيغۇرۇم007) نادىر ئەسەر
  • aysiz~keqa
    قەدىرلە،قەدرىڭنى بىلگەنلەرنى!
    دەرىجە: مەستانە ئـــەزا

    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 3093
      جىنسى: يوشۇرۇن
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 485
    ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە485دانە
    ياخشى باھا: 81 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 2920 سوم
    تۆھپىسى: 1 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 220(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-07-01
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-08-28
    1 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-08-26 06:54 PM

    راست گەپنى قىلسام بۇرۇن ئۇيغۇرچە تېلۋىزيە فىلىملەرنى خېلى كۆرۈپ قوياتتىم ھەم بۇرۇنقى تېلۋىزيە فىلىملىرىنى كۆرگۈسى كېلەتتى لېكىن بىر ئىككى يىل بولۇپ قالدى ئۇيغۇرچە فىلىملەرنى قەتئىلا كۆرمەس بولدۇم، كۆردۈممۇ ھەممىسىنىڭ مەنىسى ئوخشاشتەكلا ھەم ئىپادىلەيدىغىنى يەنىلا بىزدىكى بەزى ئەسكى، يامان ئادەتلەردەكلا (ھازىرقى تېلۋىزيە فىلىملىرىدا ياخشى تەرەپلىرىمىز يۈشۈرۈپ قويىلىۋاتىدۇ)تۇيۇلدىغان بولۇپ قالدى.
    بىلگىنكى دىلىڭ ساپ،ئەقىدەڭ چىن،ئېتىقادىڭ ساپ،يۈرىكىڭ سادىق بولسىلا جەننەت ساڭا دائىم كۈلۈپ قارايدۇ.
    Azizan
    The wolf , he used to be
    دەرىجە: ئالىي ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 1579
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 1
    ئومومىي يازما: 781
    ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە781دانە
    ياخشى باھا: 121 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 6629 سوم
    تۆھپىسى: 4 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 690(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-30
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-08-28
    2 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-08-26 07:01 PM

    ئۇيغۇرچە فىلىمدا رولغا چىقمىغان كەمىنە فەقىرلا قالغان چېغىم دەپ ئويلايتتىم . قارىغاندا بۇ ئىشنى قىلىپ باقمىغانلار خېلى كۆپ ئوخشايدۇ ... 4~DFtWbf  
    بۇرۇن تويدا سۈرەت تارتىدىغان بىر بۇرادەر بولىدىغان ، يېقىندا بىر كىنو ئىشلەپتۇ . " ئۇيغۇر كىنوچىلىقىغا تۆھپە قوشاي دېدىم ، بىز قىلمىساق كىم قىلىدۇ ئاداش ، ئۆزىمىز چوقۇم كۈچىشىمىز كېرەك " دەپ ماڭا بىر تالاي ۋەز ئېيتتى . b":cj:mxL  
    7 45Uo'  
    ئەگەر گانا كىنو-فىلىم بايرىمىدا " ئەڭ تېتىقسىز فىلىم " دېگەن مۇكاپات تەسسىس قىلىنغان بولسا ، ئۇيغۇر كىنوچىلىقى جاھانغا راستتىنلا تونۇلۇپ قالغان بولاتتى . مېنىڭ ئۇ رېژىسسور بۇرادىرىممۇ راستتىنلا تۆھپە قوشقان بولاتتى ...
    Messi , kaka , Forlan , c-ronaldo , Xavi , who is the winner ?
    wolf007
    دەرىجە: يىـــڭى ئـــەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 7093
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 12
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە12دانە
    ياخشى باھا: -1 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 39 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 12(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-20
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-08-28
    3 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-08-26 07:03 PM

    راسلا .. كىنو ساھاسى يەنە مۇشۇنداق كىتىۋىرىدىغان بولسا ئۇيغۇر كىنوچىىغى ۋەيران بولىدۇ جۇمۇ.    ھازىر قويۇپ بەرسە بەزى كىشىلەر يانفۇننىڭ سىن ئىلىش ئىختىدارىدىن پايدىلىنىپلا كىنو ئىشلىۋىتەمىكىن دەيمەن.(خالمۇرات ئومەرنىڭ سوزى)
    ھامان بىر كۇنى گېنرال بولىمەن!!!
    Azizan
    The wolf , he used to be
    دەرىجە: ئالىي ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 1579
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 1
    ئومومىي يازما: 781
    ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە781دانە
    ياخشى باھا: 121 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 6629 سوم
    تۆھپىسى: 4 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 690(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-30
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-08-28
    4 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-08-26 07:03 PM

    ھازىر چىقىۋاتقان ئۇيغۇرچە فىلىملەر تۆۋەنكىدەك ئىككى لىنىيەدە : E[)`+:G]  
    1. باشتا ناخشا-ئۇسسۇل بىلەن باشلىنىدۇ ، تۈگىگۈچە ناخشا-ئۇسسۇل . gle_~es'K  
    2. باشتا يىغا-زارە بىلەن باشلىنىدۇ ، تۈگىگۈچە يىغا-زارە ...
    Messi , kaka , Forlan , c-ronaldo , Xavi , who is the winner ?
    sultan
    سەن تېخى ئۆزۈڭنى چۈشەنمىدىڭ!
    دەرىجە: مۇنبەر باشقۇرغۇچى

    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 498
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 389
    ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە389دانە
    ياخشى باھا: 42 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 10163 سوم
    تۆھپىسى: 8 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 1630(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-23
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-08-29
    5 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-08-26 07:05 PM

    Re:ئەزىزانغا

    نەقىل ئېلىش
    ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 3قەۋەت Azizan كە 2010-08-26 07:01 PMئەۋەتىلدى : ' e @`HG  
    ئۇيغۇرچە فىلىمدا رولغا چىقمىغان كەمىنە فەقىرلا قالغان چېغىم دەپ ئويلايتتىم . قارىغاندا بۇ ئىشنى قىلىپ باقمىغانلار خېلى كۆپ ئوخشايدۇ ... eb%`ox@&  
    بۇرۇن تويدا سۈرەت تارتىدىغان بىر بۇرادەر بولىدىغان ، يېقىندا بىر كىنو ئىشلەپتۇ . " ئۇيغۇر كىنوچىلىقىغا تۆھپە قوشاي دېدىم ، بىز قىلمىساق كىم قىلىدۇ ئاداش ، ئۆزىمىز چوقۇم كۈچىشىمىز كېرەك " دەپ ماڭا بىر تالاي ۋەز ئېيتتى . 4L 
    O)v?GQRj  
    ئەگەر گانا كىنو-فىلىم بايرىمىدا " ئەڭ تېتىقسىز فىلىم " دېگەن مۇكاپات تەسسىس قىلىنغان بولسا ، ئۇيغۇر كىنوچىلىقى جاھانغا راستتىنلا تونۇلۇپ قالغان بولاتتى . مېنىڭ ئۇ رېژىسسور بۇرادىرىممۇ راستتىنلا تۆھپە قوشقان بولاتتى ... O.OPIQ=?:w  
    phkfPvL{  
    ئاڭلىسام ئۇ مۇكاپاتمۇ ئىچكى قىسىمدا بامىش... ھى ھى ھى
    ئەي جانان سەنسىز ماڭا مۇنداق جاھانلار نەكېرەك،
    ئايرىلىپ سەندىن يايرىڭ يۇرگەن زامانلار نەكېرەك.
    bilgakut
    غەلبە ھامان غالىپلارغا مەنسۇپ!!!!!!!
    دەرىجە: تېرىشچان ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 2846
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 315
    ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە315دانە
    ياخشى باھا: 14 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 1668 سوم
    تۆھپىسى: 3 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 801(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-06-22
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-08-29
    6 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-08-26 07:11 PM

    مېنىڭچە يوقتىن بار بولغىنى ياخشى ، ئازدىن كۆپ بولغىنى ياخشى ، ناچاردىن ياخشى بولغىنى ياخشى . ھەممە ئىشتا بىر تەرەققىيات باسقۇچى بولىدۇ ئەلۋەتتە. خەلىق ئەڭ ياخشى باھالىغۇچى . سىلەر ئېيتقاندەك ناچار ، تېتىقسىز  كىنولار گەرچە بازارنى ئاۋەت قىلغىنىدەك قىلسىمۇ ھامان شاللىنىپ قالىدۇ. بۇمۇ بىر تەرەققىيات باسقۇچى . ھوللىۋوتنىڭ تەرەققىياتى سۆزلەنگەن بىر ھۆججەتلىك فىلىمنى كۆرگەن . ئۇمۇ بىر قېتىمدىلا ھازىرقىدەك چوڭ كىنو شەھەرچىسى بولغان ئەمەس . ھەممىسىگە تەرەققىيات باسقۇچى كېتىدۇ. بولسا بۇنىڭدىن كىيىن ياخشى ، نادىر فىلىملەرنى قوللاپ قۇۋۋەتلىسەك. ناچار ، تېتىقسىز فېلىملەر ئارىمىزدىن شاللاپ چىقارساق . بەزى «ئاتاقلىق » چولپانلار ۋە فىلىم ئىشلىگۇچىلەرنىڭ بازىرى ھامان كاساتلىشىدۇ دەپ ئويلايمەن.
    ئالتۇن  ھەل بەرسەڭمۇ كېسەكتۇر كېسەك،
    گەر ھالۋا بەرسەڭمۇ تېزەكلەر ئىشەك.
    ئەنە شۇ كۆرۇمسىز پىلە قۇرتىغا باق،
    يەپ ئاددىي يۇپۇرماق بېرىدۇ يىپەك.
    ohho~duqu
    دەرىجە: يىـــڭى ئـــەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 6092
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 26
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە26دانە
    ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 82 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 98(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-11
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-08-28
    7 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-08-26 07:12 PM

    ماز كىنورىنڭنى ئۆزەڭ كۆرۈۋالەۋا شېشاڭچى! 7]J7'!Iz  
    ھە دىسىلا ناچار ئىللەتلەرنى كۆككە سورۇپ كىنو ئىشلىگەن با ئاخىرى ماسلاشمىغان، كۆپ كۆرۈپ ھۆ بولدۇم مۇشۇ يېقىننىڭ ياقى چىققان فىلىملەردىن.... *hV$\CLT.  
    ئۇنىڭدىن ئى قېرىنداش مىللەلەر مەبلەخ سالغان، مەمەتنىڭ2010-يىلى،ھېلىقى نىمىتى 12مۇقامنىڭ كىنوسى ،يېنە بىر كىنو بار تۇرپاندا ئىشلەنگەن ئىسمى ئىسىمدە يوق ، شۇ كىنولار گەرچە بەزى جەھەتتە ئۆرپ ئادىتىمىزنى كەمتۈك -چالا تەۋىرلەپ قويغان بولسىمۇ ، لېكىن ما شېشاڭچىلاردىن مىڭ ياخشى چىققان ، قۇيۇق مىللىيچە كىيىم ، مىللىيچە سالام-سائەت، مىللىيچە تۇرالغۇلار ئېنىڭ ئەكىس ئەتكەن ، قاچانمۇ كىنوچىلىقىمىز تەرەققى قىلىپ باشقىلارنىڭ بىزنىڭ ئۆرپ ئادەتلىرىمىزگە تېخىمۇ قىزىقتۇرالارمىز؟ مۇشۇ شېشاڭچىلارنىڭ ئىشلىگەن كىنولىرىنى ئۇيغۇر تىلىنى بىلىدىغان ھەر قانداق مىللەت كۆرۈپ چۈشىنەلەيدۇ، ئۇنداق ئاقچى،كۆچى، دىۋانە،ئوغرى،خوتۇنپۇرۇش،زابايلارنىڭ كىنولىرىنى كەينى-كەينىدىن ئىشلەۋەسە خەق نىمە دەر؟ خۇددى كۇڭجۇ-يۈنجۇلارنىڭ كىنولىرىغا ئىشەنگەندەك بىزنىڭ مىللى ئۆرپ ئادىتىمىزنى چۈشۈنۈشنى خالايدىغانلار كۆرسە قانداق چۈشەنچىگە كىلە ؟
    بالام خوراز چىللىغىلى نەۋەق تېخىچە ئويغانمىدىڭما؟
    kay~nam
    دەرىجە: تېرىشچان ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 6091
      جىنسى: يوشۇرۇن
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 75
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە75دانە
    ياخشى باھا: 18 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 3314 سوم
    تۆھپىسى: 3 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 199(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-11
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-08-28
    8 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-08-26 07:12 PM

    مەھەللىمىزدە بىر بالا بولىدىغان .دەسلەپ بىر ئۈن -سىن لىنتىلىرىنى سىتىش ئورنى ئاچقان ئىدى.كىيىن ئانچە مۇنچە فىلىم ئېلىشنى ئۈگۈنۈپ تويلارنى سىنغا ئېلىپ يۈردى.بۇلتۇر دەل قىش مەزگىلى .بىزنىڭ ئۆيگە كىرىپتۇ .بىر قانچە خەلق ناخشىچىسىنىنىڭ ھەرخىل سورۇنلاردا ئىيتقان ناخشىسىنى رەتلەپ بىر پىلاستىنكاچىقارماقچى ئىكەن.شۇڭا ئالدى بىلەن شۇ ناخشىچىلارنىڭ ناخشا ئىيتقان ھەرخىل كۆرۈنىشلىرىنى ئالماقچى بولۇپتۇ. <_8p6{=  
    ئىككى كۈندىن كىيىن ئۇنىڭ ئۈگزىدىن يىقىلىپ پۇتى سۈنۇپ كەتكەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلىدۇق.كىيىن بىلسەك ، بىرناخشىچىسىنىڭ بىرقىزنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ناخىشا ئىيتقان بىركۆرۈنۈشى دەمدۇ شۇنداق بىر كۆرۈنۈش بار ئىكەن.ئۇ شۇ كۆرۈنىشنى ئۆگزىگە چىقىپ ئالىمەن دەپ مال ئېغىلىنىڭ ئۈستىدىن چۈشۈپ كىتىپتۇ.
    nurlan0018
    نۇر ئوغلى
    دەرىجە: دائىملىق ئــەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 2776
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 93
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە93دانە
    ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 1105 سوم
    تۆھپىسى: 4 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 60(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-06-16
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-08-27
    9 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-08-26 07:12 PM

    كىنوچىلارمۇ ( ياق ھايانكەشلەر ) پۇلغا دۈم چۈشكەندەك نىمىلا بولسا ئىشلىگەن ئۆزىنىڭ نىمە ئېشلارنى قىلۋاتقانلىقىنى ئىشلەۋاتقان مۇشۇ كىنوسىدا نىمە مەزمۇننىڭ ئەكىس ئەتتۈرلىۋاتقانلىقىنى بىلمىگىدەك دەرىجىدە . كۆرۈرمەنلامۇ كىنونى كۆرۈپ چۈشەنگەن بىلەن كىنونىڭ مەزمۇنىنى ، كىنودا نىمە مەزمۇن ئەكىس ئەتكەنلىكىنى قايسى ئىشلار قامچىلانغان قايسىلار يورۇتۇپ بىرىلگەن دىگندەكلەرنى قايتا قايتا كۆرسىمۇ ئەسلا چۈشىنىپ بولغىلى بولمايدۇ ( قايتا كۆرۈشىڭىزغۇ مومكىن ئەمەس ) يەنە بىرسى كۆپىنچە كىنودا ئەتتىگەندىن كەچكىچە مىش مىش يىغلاشلا ، تۇرمۇشىمىزغا ئەسلا ماس كەلمىگەن مەزمۇنلار ئادەمنى ھەقىقەتەن زىرىكتۈرۋىتىدۇ .
    تەڭ ئىدۇق ئىككىمىزتەڭرى ئالدىدا،
    ۋەلىكىن تەڭ ئەمەس دەۋرى ئالدىدا .
    كۆرەڭلەپ كەتمىگىن كەلگەندە ئامەت ،
    ئاخىرى تەڭ بولۇرمىز قەبىرى قىيامەت .
    shakira
    www.dostum.cn
    دەرىجە: تېرىشچان ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 2820
      جىنسى: خانىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 257
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە257دانە
    ياخشى باھا: 12 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 2123 سوم
    تۆھپىسى: 3 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 325(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-06-16
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-08-28
    10 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-08-26 07:20 PM

    "قارا مۆشۈك" دىگەن كىنونى كۆرگەندىن كىيىن،"خەپ،شىنجاڭنىڭ كىنولىرىنى ئەمدى كۆرمەسمەن" دەۋەتكەن.دەششەت ماز كىنودە بۇ.لىكىن "مەمەتنىڭ 2008-يىلى" دىگەن كىنونى كۆرۈپ قايتا ئۈمىد تۇغۇلدى.