3Yr  
__  ئەمدىغۇ بىرەرسەن ، بىز يۈرگىلىمۇ 2 يىل بولاي دىدى ..
__ ...   سەن مىنى تاشلىۋەتسەڭچۇ ؟
__  مەن سېنى ھەرگىز تاشلىۋەتمەيمەن جىنىم ، ماڭا ئىشەنگىن ..كىيىن ئىككىمىز تېخىمۇ بەخىتلىك ، تېخىمۇ ياخشى ئۆتىمىز .. ئارىمىزغا ھېچكىم قىسىلالمايدۇ .
__ بەكمۇ ئىشەنچىم يوق ، سىنى بەك ياخشى كۆرىمەن ، بىراق .. مىنى شۇنداقلا تاشلىۋەتسەڭچۇ ؟
__ مەن تاشلىمايمەن دىدىمغۇ ، تاشلاش نىيتىم بولغان بولسا بۇرۇنلا ئايرىلىپ كىتەتتىم ، مەن سىنى ھەقىقىي ياخشى كۆرگەچكە شۇنداق دىۋاتىمەن .
__ شۇنداقمۇ .. لىكىن مىنىڭ راسلا ئىشەنچىم يوق ، نەچچە خەقلەردىن بۇ توغۇرلۇق پاجىئەلەرنى ئاڭلىغان ئىدىم ..
__ بىز ئۇ خەققە ئوخشىمايمىز جىنىم .. ماقۇل دىۋىتە ، سېنى بەخىتلىك قىلىمەن ، سېنى ئالىمەن ! بىز توي قىلىمىز ..
__ بەرىبىر توي قىلغاندىكىن ، شۇ چاغدىلا ...
__ ھازىردىن باشلاپ مۇناسىۋىتىمىزنى ئوڭشىمامدۇق ..
__يەنىلا كاللامدىن ئۆتمىدى .. بۇنداق قىلسام بولمايدۇ !
__ ئاپپىغىم ، ماقۇل دىگىن ، بىز ھازىرقىدىنمۇ بەخىتلىك بولىمىز ..
__.... بۇ ..
__ كۆپ ئويلانما بولدى 
__ ......
  
 u(lq9; ;Th  
 7"S|GEs:  
 
__ ئايرىلىپ كىتىلى ،  سەن بىلەن پەقەت يۈرگۈم كەلمىدى .. بەك بىزار بولدۇم !
__ ئەمىسە مەن قانداق قىلىمەن ؟!
__ قانداق قىلساڭ قىلمامسەن ! بۇنىمۇ مەن دەپ بىرەمتىم ؟!
__ ماڭا بۇنچە ئۇۋال قىلمىغىن  ، مەن قانداق قىلىمەن ؟!
__ ۋاي نىمە قىلساڭ قىلمامسە ھېي ، نىمانداق ..
__ سەن ماڭا نىمە دىگەن ؟!  سەن ئادەممۇ ؟!
__ تولا بېشىمنى ئاغرىتمىيە ھېي !
__ گەپ قىلە ، مەن ئاسان بوزەكمىكەنمەن ؟!
__ ۋاي بوپتۇ ! نىم دىسەڭ دە !
__ مېنى ئەخمەق قىلدىڭما ؟
__ھە ! كۆزۈمگە سەت كۆرۈنمىيە ،راس گەپ قىلسام ساڭا بەك ئۆچ بولۇپ كەتتىم ، يۈرگۈم پەقەت كەلمىدى 
__ ئەمسە نېمىشقا بالدۇر دىمەيسەن ؟!
__ ۋاقىت يوق !
__ مەن ئاسان بوزەكمىكەنمەن ؟!
__ قاراپ باقە ئەپتىڭگە ، كىچىك بالىدەكلا تۇساڭ ، خەقلە سېنى مىنىڭ سىڭلىم ئوخشايدۇ دەپ قالىدىكەن ، مەن قايسى يۈزۈم بىلەن مابىتىم دەيمەن !
__ بۇرۇن ئۇنداق دىمىگەنغۇ؟! 2 يىلدىن ئاشقاندا .. ئەمدىلىكتە ..
__ مەنمۇ ئەمدى ھېس قىلدىم 
__ ئۆتۈنۈپ قالاي ، ماڭا بۇنچە ئۇۋال قىلما ،ساڭا يېنىپ قالىدۇ ..
__ يانسا يانمامدۇ ۋە ، كىمدىن قوقۇتۇم ، سەن كۆزۈمدىن نېرى تۇرساڭلا ،كۈنۈمگە شۈكرى !
__ مەن قانداق قىلىمەن ؟! مىنى نابۇت قىلىۋەتتىڭ ..
__ كارىم نىمە ، ئىشىڭنى قىلە ، مەن كەتتىم ھە ، خوش !
__........... ؟؟؟ .........؟؟؟
 lca.(3u  
 RSkpf94`  
  
ئاپتۇردىن  قوشۇمچە: 
 ,
*bxNs'/  
مۇھەببەت ئادەمنى نىمەكويلارغا سالمايدۇ ؟ ئادەمنى ناخشىچى ، رەسسامچى ھەتتا يازغۇچى شائىرمۇ قىلىۋىتەلەيدۇ ! 
بەزىدە قىزلارنىڭ ئىرادىسىنىڭ بوشلىقى ، ئەقلىنىڭ كەمتۈكلىكى ، ئەخلاقىنىڭ ناچارلىقىدىن ئەمەس بەلكى ، بەزى ئوغۇللارنىڭ جىڭغا توشماس ،ئەمما قىزلارنىڭ قەلبىگە بىر كېلىدىغان ساختا ۋەدىللىرى ،نۇمۇس قىلماي ئۇلۇغ ياراتقۇچىمىزنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ ئېيتقان ، شىرىن ئەمما "زەھەر"سۆزلىرى دەستىدىن پاكلىقىنى يوقىتىدۇ !
شۇنداقتىمۇ ، قىزلار ئۆزىنى چىڭ تۇتىشى لازىم ، بۇ دۇنيادا قىزلارنى مۇتلەق ئاسرايدىغان ئوغۇللار مەۋجۈت ئەمەس !
 b>waxQxjS  
ئاددىي دىئالوگدىن ، نۇرلۇق ھەقىقەتنى ئۆزۈڭلار ھېس قىلىۋىلىڭلار ..
 cq!>B{  
 zPVA6~|l  
 Cvl"")ZZ`  
 jUfc&bi3  
 HAU8H'h  
 FB~
g  
 F4:ssy^  
 WIbU^WJ0  
 ?^6RFbke+  
 8d>OtDLa  
 '8W }|aF  
 ,
0])]  
مەنبە :  ئۆز ئىجادىيىتىم
 _H;ObTiB  
خالىغانچە كۆچۈرۈپ ،تارقىتىشقا بولمايدۇ ،دىققەت قىلىڭ