مىسرانىم باش بېتى | مودا MP3 | مىسرانىم MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر| يانفۇن مۇزىكىسى
ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 818 قېتىم كۆرۈلدى
«123»Pages: 1/3     Go
تېما: ۋەيلۇن دوزاخنىڭ تۆۋرۈكى
DDV
ئادەم بولماق تەس
دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 6010
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 1
ئومومىي يازما: 50
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە50دانە
ياخشى باھا: 24 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 1120 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 19(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-10
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-08-26
0 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-08-25 04:53 PM

0 ۋەيلۇن دوزاخنىڭ تۆۋرۈكى

ئەسكەرتىش: بۇ تېمىنى ئىدىرىسجان مىسرانىم مۇكاپاتلىق ئەسەرلىرى دىن بۇ يەرگە يۆتكەپ ئەكەلدى (2010-08-26)
مىسرانىم مۇنبىرى مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيىتىگە ئەۋەتىلگەن ئەسەر


ۋەيلۇن دوزاخنىڭ تۆۋرۈكى


ھېكايە


ئابابەكرى ئابدۇقادىر


بارات ئاخۇن ئاكا بىلەن گۈلنىساخان ھەدىنىڭ توي قىلغىنىغا بۇ يىل توپتوغرا 30 يىل بولغان ئىدى. ئۇ توي قىلغان شۇنچە يىلدىن بېرى سوقۇشۇپ قېلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، بىرەر - يېرىم ئېغىز قاتتىق - يىرىك گەپلىشىپ قالغىنىنىمۇ بىلمەيتتى. ئەمما ياراتقان خۇدا ئۇلارغا بارچە خۇشاللىقنى، ئىناقلىقنى ۋە ھۇزۇر - ھالاۋەتنى بەرگەن بولسىمۇ تا ھازىرغىچە بالا يۈزى كۆرۈش بەختىنى نىسىپ قىلمىغان ئىدى. ئەر - خوتۇن ئىككىسىنىڭ كېچە - كۈندۈز ئويلايدىغىنى بالىلىق بولۇپ بىللە قاتارغا قوشۇش ئىدى. ئۇلار ھەمىشە: ( كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆلۈپ تارتىپ - قالساق جىنازا ئالدىغا كىممۇ يىغلاپ چىقار، چىرىقىمىزنى كىممۇ ياندۇرار؟ ) دەپ غەم يەيتتى. شۇ سەۋەبتىن ئۇلار تالاي قېتىم چوڭ دوختۇرخانىلاردا داۋالىنىپ باقتى. ناھىيە بازىرىدىكى ئاتاقلىق تېۋىپلاردىن دورا ئېلىپ يەپ باقتى. موللا - ئاخۇنلارغا ئوقۇتۇپ، دېمىدە سۈيى قىلدۇرۇپ ئىچىپمۇ باقتى. مازارلارغا بېرىپ دۇئا قىلىپ ئاللاھتىن ئۆزلىرىگە پەرزەنت ئاتا قىلىشنى تىلەپ باقتى. لېكىن ئۇلارنىڭ دۇئالىرى، ئۈمىد - ئىلتىجالىرى شۇ پېتى قېلىۋەردى.
دەل شۇ كۈنلەردە گۈلنىساخان ھەدىنىڭ سىڭلىسى ئايشەمخان قوشكېزەك ئوغۇل تۇغدى. ئۇلارنىڭ ئالتە بالىسى بار بولۇپ، تۇرمۇشى ئىنتايىن نامرات ئىدى. بارات ئاخۇنلار ئەر - خوتۇن مەسلىھەتلىشىپ ئايشامخان ۋە ئېرىنىڭ قۇشۇلۇشى بىلەن قوشكېزەكلەرنىڭ بىرسىنى بېقىۋالدى ۋە بالىغا خۇدابەردى دەپ ئىسىم قويدى. شۇنداق قىلىپ خۇدابەردى نەچچە ئون يىلدىن بۇيان پەرزەنت ئىشقىدا يۈرەك - باغرى داغلانغان بارات ئاخۇن ئاكا بىلەن گۈلنىساخان ھەدىنىڭ تۇرمۇشىغا يېڭىچە مەزمۇن، ئالەمچە خۇشاللىق ئاتا قىلدى. ئەر - خوتۇن ئىككىسى خۇدابەردىگە بارلىقىنى ئاتىدى. يىمەي يىگۈزۈپ، كىيمەي كىيگۈزۈپ بېقىپ قاتارغا قوشتى. شادلىق ئۈستىگە شادلىق دېگەندەك خۇدابەردى ئالتە ياشقا كىرگەن يىلى گۈلنىساخان ھەدە قورساق كۆتۈرۈپ چىرايلىق بىر قىز تۇغدى. كۈتۈلمىگەن بۇ بەختتىن ئەر - خوتۇن ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز خۇشاللىققا چۆمدى.
كېلەركى يىلى ئەر - خوتۇن ئەر - خوتۇن ئەتىۋارلاپ چوڭ قىلغان ئارزۇلۇق ئوغۇل خۇدابەردى مەكتەپكە كىردى. ئۇ مەكتەپكە كىرىپ ئىككى ئايدا ئۆزىنىڭ ئىسمىنىڭ كەينىگە دادىسىنىڭ ئىسمىنى قوشۇپ يېزىشنى ئۆگىنىپ كىلىپ بارات ئاخۇن بىلەن گۈلنىساخان ھەدىگە يېزىپ بەرگەندە ئاتا - ئانا چەكسىز خۇشال بولۇشۇپ خۇدابەردىنى نوۋەت بىلەن قۇچىقىغا ئېلىپ مەڭزىگە سۆيۈپ كېتىشتى.
ئەمما مەكتەپتە شۇنداق ياخشى ئوقۇۋاتقان خۇدابەردى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپلا ئوقۇشتىن توختىۋالدى. ئاتا - ئانىسىنىڭ چىرايلىق گەپلەر بىلەن قىلغان نەسىھەتلىرى، يالۋۇرۇشلىرى ۋە تىللاپ قورقۇتۇشلىرى ئۇنىڭغا قىلچىلىك كار قىلمىدى. نەسىھەت قىلىپ زېرىككەن ئاتا - ئانا ئاخىرى بولدى قىلدى ۋە ئۇنى مەيلىگە قويۇپ بەردى.
يىللارنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ خۇدابەردى 20 ياشلارغا كىرىپ قالدى. بارات ئاخۇن ئەر - خوتۇن ئىككىسى زىممىسىدىكى پەرزنى ئادا قىلىش ئۈچۈن خۇدابەردىنى ئۆيلەپ قۇيۇشتى. ئەمما ئۇ تۇنجى خوتۇنىنى ئىككى ئايلا خوتۇن قىلىپ ئاتا - ئانىسىنىڭ شۇنچە توسقىنىغا پەرۋا قىلماي خېتىنى بېرىۋەتتى...
ئۇ ئىككىنچى ئايالىدىن ئاجراشقاندىن كېيىن ھېچقانداق كەسىپ بىلەن شوغۇللانماي كېچە - كۈندۈز داپ داراڭلىغان، ئېشەك ھاڭرىغان يەرلەردە يۈرۈپ كېيىن ئالغان ئىككى خوتۇنى بىلەنمۇ ئاجراشتى ۋە ئۇنى ئاز دېگەندەك ھاراق ئىچىش، نەشە چېكىش ۋە قىمار ئويناشتەك يامان ئىللەتلەرنى يۇقتۇرۇۋالدى. ئۇ ياشىنىپ قالغان ئاتا - ئانىسىنى بېقىش ۋە ھالىغا ھال بولۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە، ئۆيىگە ھەپتە - ھەپتىلەپ كىرمەيتتى. كىردى دېگەندىمۇ يانچۇقىدا پۇلى تۈگەپ قالغان چاغلاردا كىرىپ ئاتا - ئانىسىنى قورقىتىپ پۇل ئالغاندىن كېيىن نەلەرگىدۇر يوقاپ كېتەتتى. ھاراق بىلەن قىمارغا بېشىچىلاپ كىرىپ كەتكەن خۇدابەردى ئاتا - ئانىسىنىڭ چىشىنىڭ كاۋىكىدا يىغىپ ساقلاپ كەلگەن پۇللىرىنى، قوي - كالىلىرىنى ۋە بۇغداي - قوناقلىرىنى سېتىپ تۈگىتىپ بولۇپ، مەھەللىسىدىكى كېرىم ئاخۇننىڭ ئۆيىگە ئوغرىلىققا كىرىپ 6000.00 يۈەن نەق پۇلنى ئوغرىلاپ چىقىۋاتقاندا كەنت ئامانلىق مۇدىرىغا تۇتۇلۇپ قېلىپ ئۈچ يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. قېرىغان چېغىدا ئىزا - ئەلەم، نومۇس ئىچىدە قالغان ئاتا - ئانا شۇ ئىشتىن كېيىنلا تۈگىشىپ كەتتى. شۇنداقتىمۇ ئۇلار يەنىلا ئىككى ئايدا بىر قېتىم ئۆيىدىن 200 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانىغا بېرىپ خۇدابەردىنى يوقلاپ تۇردى. ئارىدىن بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن گۈلنىساخان ئانا خۇدابەردىنىڭ دەردىدە ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى. ئۇ ھەمىشە بارات بوۋايغا:
- بالامنىڭ قورسىقى ئاچ قالغانمىدۇ؟ توڭۇپ قالغانمىدۇ؟ جاپا تارتىپ قالغانمىدۇ؟ ئاغرىپ قالسا ھالىدىن كىم خەۋەر ئالغاندۇ ؟ - دەپ يىغلاپ كېتەتتى.
- يىغلىماڭلا ئانىسى، بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتەر... - بارات بوۋاي ئېغىزىدا شۇنداق دېگەن بىلەن ئۇمۇ چىدىماي بەزى چاغلاردا ھېچكىمگە كۆرسەتمەي ياش تۆكەتتى.
چەكسىز ھەسرەت ۋە نادامەت ئىچىدە يەنە بىر يىلمۇ ئۆتۈپ كەتتى. بوۋاي بىلەن موماي ئۇرۇق - تۇققانلار ۋە يىگىت تەرەپنىڭ ئالدىرىتىشى بىلەن ئامالسىز قىزى خەلچەمنىڭ تويىنى قىلدى. توي كۈنى قىزىنى قان يىغلاپ ھەسرەتلىك كۆز ياشلىرى بىلەن ئۇزىتىشتى.
ئارىدىن بىر يىل ئۆتۈپ خۇدابەردى جازا مۇددىتى توشۇپ قايتىپ كەلدى. ئەمما ئۇ باشقىچە بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالغان ئىدى. ئۇ قايتىپ كىلىپ بىرەر ئايدەك جىم يۈرگەندىن كېيىن ئاتا - ئانىسىنى قىيناشقا باشلىدى. ئۇ ھەر كۈنى: ( ماڭا خوتۇن ئېلىپ بىرىڭلار! ) دەپ جېدەل قىلاتتى. بىچارە ئاتا - ئانا ئۇنىڭغا خوتۇن ئىزدەپ بارمىغان - كەلمىگەن يېرى قالمىدى. لېكىن ئۇنىڭغا لايىق خوتۇن تېپىلمىدى. تېپىلغاندىمۇ ئۇنىڭ قاشقىسى بارلىقىنى بىلگەن قىز ئىگىلىرى بىرەر باھانە بىلەن ئاستاغىنە ئۆزلىرى تارتىشتى.
بۈگۈن ئەتتىگەن گەپ تېشەلمەي تۇرغان خۇدابەردى بارات بوۋاي بىر ئىش بىلەن قوشنىلارنىڭ ئۆيىگە چىقىپ كەتكەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئانىسىغا ۋارقىرىدى:
- ماڭا خوتۇن ئېلىپ بىرىشەمسەن، يوق؟ - ئارزۇلاپ بېقىپ چوڭ قىلغان ئوغلىنىڭ يولسىزلىقىدىن جاق تويغان گۈلنىساخان ئانا ئاخىرى ئاچچىقىغا چىدىماي:
- سەندەك ئوغرىغا ھېچكىم قىزىنى بەرگىلى ئۇنىمىسا قانداق قىلىمىز؟ - دەپ ۋارقىرىدى.
- خوتۇن ئېلىپ بەرمىسەڭ مانا ئەمىسە! - ئەقلىنى يوقاتقان خۇدابەردى شۇنداق دەپلا ئانىسىنىڭ قولىدىن سۆرەپ قازناق ئۆيگە ئەكىرىپ، قولىنى كەينىگە قىلىپ باغلاپ، ئېغىزىغا سۇلياۋ كەپلەپ قويۇپ، 20 نەچچە يىلدىن بۇيان مىڭبىر جاپالار بىلەن ئۆزىنى بېقىپ چوڭ قىلغان مىھرىبان ئانىسىغا باسقۇنچىلىق قىلدى. تۈرمىدە ئۈچ يىل ياتقاچقىمۇ، تاڭ، ئۇنىڭ ئەرلىكى پەقەت كارغا كەلمىدى. شۇ تاپتا ئۇ ئەقىلىنى پۈتۈنلەي يوقاتقان بولۇپ 80 ياشلارغا يېقىنلاپ قالغان ئانىسىنىڭ تىپىرلاشلىرى بىلەن كارى يوق ئىدى. بىردەمدىن كېيىن بىچارە ئانىنىڭ ئېغىزىغا كەپلەپ قويۇلغان سۇلياۋ گېلىغا كەپلىشىپ قېلىپ تىنالماي نەپەستىن قالدى. خۇدابەردى ئانىسىنىڭ نەپىسى توختاپ قالغانلىقىنى سەزدى - دە، بىردىنلا چۆچۈپ ئورنىدىن تۇرۇپ سىرتقا قاراپ يۈگۈردى. ئۇ ساراڭدەك ئۇيان - بۇيان يۈگۈرۈپ چوڭ يولغا چىقىپ قارشى تەرەپكە ئۆتمەكچى بولۇپ يولنى كېسىپ يۈگۈرۈشىگە يېزا تەرەپتىن ناھىيە بازىرىغا پىششىق خىش ئېلىپ ماڭغان چوڭ يۈك ماشىنىسىغا سوقۇلۇپ يىقىلىپ چۈشتى. تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن بۇ ئىشتىن قاتتىق چۆچۈگەن شوپۇر ماشىنىنى دەرھال تورمۇزلاشقا ئۈلگۈرەلمەي خۇدابەردىنى بېسىپ ئۆتۈپ يىگىرمە نەچچە مېتىر يىراققا بېرىپ توختىدى ۋە بىردەم نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدى. كېيىن ئاستا ماشىنىدىن چۈشۈپ خۇدابەردىنىڭ يېنىغا كەلدى. ماشىنا خۇدابەردىنىڭ نەق بېلىدىن باسقاچقا ئۇ شۇ ھامان جان ئۈزگەن بولۇپ، يول يۈزى قانغا بويىلىپ كەتكەن ئىدى. قورقۇپ كەتكەن شوپۇر يانفونىنى چىقىرىپ نومۇر بېسىشقا باشلىدى...
قوشنىلارنىڭ ئۆيىدىكى ئىشىنى تۈگىتىپ چىققان بارات بوۋاي ھويلىسىغا كىرىپلا گۈلنىساخان ئانىنى چاقىردى. ئۇ شۇنچە چاقىرسىمۇ ئايالىنىڭ چىقمىغىنىنى كۆرۈپ ئۆيلەرگە قاراشقا باشلىدى. ھەممە ئۆينى ئىزدەپ ئاخىرى قازناق ئۆيگە كىرگەن بارات بوۋاي قولى كەينىگە باغلانغان ھالدا ئىشتانسىز ياتقان ئەللىك نەچچە يىللىق قەدىناس ھەمراھىنى كۆرۈپ ئېچىنىشلىق ۋارقىرىغىنىچە كەينىگە يىقىلىپ چۈشتى...
كېيىنكى كۈنى مەھەللە مەسچىتىدە ئۈچ ئادەمنىڭ نامىزى تەڭ چۈشۈرۈلدى. ئۈچ جىنازا تالايلىغان باشلار ئۈستىدا لەرزان ئۈزگىنىچە مازارلىق تەرەپكە قاراپ ماڭماقتا ئىدى. بۇ ئۈچ جىنازىنىڭ ئىككىسى بالىسىنىڭ ۋاپاسىزلىقى سەۋەبىدىن ئۇ دۇنياغا مەزگىلسىز يول ئالغان بارات بوۋاي بىلەن گۈلنىسا ئانىنىڭ ئىدى. يەنە بىرى ئادەم قېلىپىدىن چىققان مەلئۇن - خۇدابەردىنىڭ ئىدى...
شۇ كۈندىن تارتىپ ئىككى ھەپتىگىچە بۇ يۇرتتا ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان قارا بوران ئاپىتى يۈز بەردى. رەھىمسىز قارا بوران كېچە - كۈندۈز تىنىم تاپماي گۆلدۈرلەيتتى. كىچىك بالىلار ئەنسىز ۋارقىرايتتى. قوي - كالىلار مۆرىشەتتى. ئىتلار قاۋىشاتتى. دەل - دەرەخلەر قاراسلاپ سۇناتتى. ئۆيلەر ئۆرۈلۈپ چۈشەتتى...

2004 - يىلى 7 - ئاي
قاراقاش - كۇيا
[ بۇ يازما DDV تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]
تېما تەستىقلىغۇچى : سەھرا ئوغلى
تەستىقلانغان ۋاقىت :
2010-08-25, 08:55
-سىز كۆرۋاتقان تىما ۋەيلۇن دوزاخنىڭ تۆۋرۈكى,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
بۇ يازمىنىڭ باھالىنىش ئەھۋالى:
  • مۇنبەر پۇلى:+200(marvayit)
  • ئەدەبىيات كوچىسىغا يېڭىدىن كىرگەن بىر بالا ئۈچ يىل بۇرۇن ماڭا: ( بىر پارچە ھېكايەم ئېلان قىلىنغان. شۇنى ماختاپ بىر پارچە ئوبزور يازغان بولسىڭىز... ) دېدى. مەن رەت قىلدىم. شۇ سەۋەبلىك ئۇ ئۈچ يىلدىن بۇيان مېنى ئىتتەك تالاپ كەلدى!
    bulbul
    ئاشىق،بولساڭ ئاداققىچە بول،قىزىل گۇلگە كۆيگەند& ..
    دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 4553
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 115
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە115دانە
    ياخشى باھا: 8 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 374 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 627(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-07-23
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-08-28
    1 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-08-25 05:11 PM

    ئەجەپ ئىچىم ئاچچىق بولدى .بىچارە بوۋاي مومايلارغا ھەممە كەگىلىك كەپتۇ.
       بالا باققانغا تويغۇزۇپتۇ ئۇ ،مۇناپىق،
    bilgakut
    غەلبە ھامان غالىپلارغا مەنسۇپ!!!!!!!
    دەرىجە: تېرىشچان ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 2846
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 309
    ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە309دانە
    ياخشى باھا: 14 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 1650 سوم
    تۆھپىسى: 3 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 777(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-06-22
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-08-27
    2 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-08-25 05:12 PM

    ھايۋان بالىسىنى باقساڭ ئاغزى-بۇرنىڭنى ياغ ئېتەر ، ئادەم بالىسىنى باقىساڭ ئاغزى -بۇرنىڭنى قان ئېتەر دىگەننىڭ ئۆزى بوپتۇغۇ
    ئالتۇن  ھەل بەرسەڭمۇ كېسەكتۇر كېسەك،
    گەر ھالۋا بەرسەڭمۇ تېزەكلەر ئىشەك.
    ئەنە شۇ كۆرۇمسىز پىلە قۇرتىغا باق،
    يەپ ئاددىي يۇپۇرماق بېرىدۇ يىپەك.
    gadankax000
    دەرىجە: يېـڭى مــېھان
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 7686
      جىنسى: يوشۇرۇن
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 6
    ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە6دانە
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 18 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 1(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-24
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-08-25
    3 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-08-25 05:17 PM

    نېمە  بولاپ كەتتې  بۇجاھان
    سۇبويېدا مەن سۇغا تەشنا  لەۋ يالېسام ئاغېزېمغاپەشۋا
    Tomoquk
    دەرىجە: مەستانە ئـــەزا

    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 2382
      جىنسى: يوشۇرۇن
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 770
    ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە770دانە
    ياخشى باھا: 35 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 486 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 440(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-06-10
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-08-27
    4 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-08-25 05:22 PM

    بەك تەسىرلىك بوپتۇ،كۆڭلۈم يىرىم بولدى،يەنە يوللاپ تۇراسىز
    ئىمام
    تەقدىرىم شۇنداق ئوخشايدۇ!!!!
    دەرىجە: يىـــڭى ئـــەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 7565
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 38
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە38دانە
    ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 120 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 41(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-23
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-08-27
    5 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-08-25 05:28 PM

       ئۇلۇغ ئاللاھ  ھەممىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ ، دىلىمىزغا تەۋپىق - ھىدايەت بەرسۇن !!!!
    zapar
    دەرىجە: ئىجادچان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 1766
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 1247
    ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1247دانە
    ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 5273 سوم
    تۆھپىسى: 3 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 448(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-31
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-08-27
    6 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-08-25 05:31 PM

    راسىت ۋەقەلىك بولمىسا سەل ئېشىپ كىتىپتۇ، ھەرقانچە ھايۋان بولسىمۇ، سىيۇژىت تەلىپى بۇيىچە ئۇنى ئەڭ ئەسكى ھالەتتە كۆرسەتمەكچى بولغاندىمۇ 80ياشلىق ئانسىنى ئاچىققىدا ئۇرۇپ ئۆلتۇرۇپ قويسىمۇ بولاتتىغۇ. ئەلۋەتتە بۇنداق مۇناپىقلارغۇ بار، لىكىن بۇخىل يېزىش ماڭا تازا ياقمىدى.
    DDV
    ئادەم بولماق تەس
    دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 6010
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 1
    ئومومىي يازما: 50
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە50دانە
    ياخشى باھا: 24 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 1120 سوم
    تۆھپىسى: 1 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 19(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-10
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-08-26
    7 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-08-25 05:33 PM

    بۇ قاراقاش ناھىيىسىنىڭ مەلۇم يېزىسىدا ھەقىقىي بولغان ۋەقە!
    ئەدەبىيات كوچىسىغا يېڭىدىن كىرگەن بىر بالا ئۈچ يىل بۇرۇن ماڭا: ( بىر پارچە ھېكايەم ئېلان قىلىنغان. شۇنى ماختاپ بىر پارچە ئوبزور يازغان بولسىڭىز... ) دېدى. مەن رەت قىلدىم. شۇ سەۋەبلىك ئۇ ئۈچ يىلدىن بۇيان مېنى ئىتتەك تالاپ كەلدى!
    karmalika
    بارلىغىمىز مىسرانىم  ئۈچۈن
    دەرىجە: ئىجادچان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 2025
      جىنسى: خانىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 1074
    ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1074دانە
    ياخشى باھا: 325 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 7481 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 935(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-06-02
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-08-28
    8 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-08-25 05:38 PM

    ئۇۋا بۇزغۇچىنىڭ ئۆز ئۇۋىسى بۇزىلىدۇ.
                                          _ ئۇيغۇر خەلق ماقالى.

    شۇنداق يىنىك، شۇنداق چىرايلىق ھەم پاكىزە چىققان تىما بوپتۇ.  قالغىنىنى بىزنىڭ يازغۇچىلىرىمىز باھالاپ باقسۇن .يازغان قوللارغا گۈللەر سۇندۇم.
    بۇلبۇل
    BAHADIRHAN
    مەن ئۆزەمدىن باشلىدىم.
    دەرىجە: يىـــڭى ئـــەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 6585
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 12
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە12دانە
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 37 سوم
    تۆھپىسى: 1 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 143(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-17
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-08-27
    9 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-08-25 05:38 PM

    ئىنساننىڭ زالىملىقىغا زىمىن ھىلىمۇ كۆتۈرۈپ يۈرىدۇ بىز ئىنساننى،
    ئاشۇنداق پىئىل ئىگىلىرىنى نىمىدەپ ئاتاش مۇمكىن، ھايۋان دىسەك ھايۋانغا ھاقارەت بولىدۇ، چۈنكى ئىشەكمۇ ئۆزىنىڭ ئانىسىغا چىپىلمايدۇ.
    گەپنىڭ ئەڭ ياخشىسى خۇدايا توۋا، ئىگەم ھەر ئىنساننىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ، تەۋپىق ، ھىدايەت ئاتا قىلسۇن.
    تۆت تەرەپ ياۋ ھوۋلىشىپ، سەككىز تەرەپ تىغ تەڭلىسە،
    ئېلىشىپ قانغا بويال نۇمۇسنى ھەرگىز ساتمىغىل.
    http://kagilik.com/bbs/
    ISKANDARBUYUK
    karahan
    دەرىجە: يىـــڭى ئـــەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 6135
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 21
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە21دانە
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 64 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 22(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-12
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-08-27
    10 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-08-25 05:47 PM

    ئاپتۇر (DDV) نىڭ يازمىسىغا

    ھۇ ئىت ئەجەپ ئاچچىغىم كەلدى. ئىگىسىنى چىشلىگەن ئىت. ئىنساپسىز مۇناپىق . تۈپى لەنەت ساڭا؟