سېلىم بويۋاي ئۆمۈرلۈك ھەمرىيى پاتەمخان ئانا ۋاپات بولغاندىىن كېيىن ،ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى شۇندىن بۇيان. ئوغۇللىرى بالىلىق بۇرچىنى ئادا قىلىشىپ ھالىدىن ناھايىتى ئوبدان خەۋەر ئېلىشتى، بوۋاي بالىلىرىغا يىتىشمەي قالاتتى.گەرچە بوۋاينىڭ قىز پەرزەنتى بولمىسىمۇ بىراق كېلىنلەر كۈندە دىگۈدەك كىر- قاتلىرىنى يۇيۇپ ،نەچچە رەت كېيىم ئالماشتۇرۇپ تۇراتتى.شۇ تۈپەيلى پۈتۈن يۇرت ئەھلىنىڭ سېلىم بوۋاينىڭ پەرزەنتلىرىگە مەستلىكى كېلىشەتتى.
2~f*o^%l بوۋايمۇ ئاللاھنىڭ ئۆزىگە موشۇنداق كۆيۈمچان -مېھرىبان پەرزەنت ئاتا قىلغانلىقىدىن يۈز مىڭ مەرتىۋە رازى ئىدى. بوۋاي تولىمۇ ئويچان نۇرغۇن جۇدۇن-چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈرگەن ،كىتابخۇمار كىشى ئىدى،تولىمۇ ۋەزىنلىك سۆز قىلىدىغان كىشى بولۇپ، پۈتۈن يېزىدىكىلەردىن ئۇنىڭغا قول لويمايدىغىنى يوق ئىدى.
;X+tCkzF مانا بۇ خىزىر سۈپەت بوۋاينىڭ كېسىلىمۇ پىشىپ قالغاندى، قارىغاندا ئۇمۇ پەرزەنتلىرىنى ھەسرەت-نادامەتتە قويۇپ مېھرىبان ھەمرىيى پاتەمخان ئانىنىڭ قېشىغا كېتىدىغاندەك قىلاتتى. شۇ تۈپەيلى بالىلار بىر تەرەپتىن بوۋاينىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى بېجىرگەچ يەنەن بىر تەرەپتىن دوختۇرغا كۆرسىتىش بىلەن ئاۋارە ئىدى.ئۇلار نىڭ ئازراقمۇ پۇرسەتنى قولدىن بەرگۈسى كەلمەيتتى، ئامالنىڭ بارىچە دادىسىنىڭ ياخشى بولۇپ قېلىشىغا تىلەكداش ئىدى .بىر كۈنى كېلىشكەن قامەتلىك 30نەچچە ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان بۇغداي ئۆڭ،قوي كۆزلۈك دوختۇر بالىلارنىڭ چوڭى جالالىدىننى چاقىرتتى ۋە ئۇنىڭغا.
z3i`O
La -ئۇكام داداڭلارنىڭ كېسىلى پىشىپ قالدى،ئامال يوق ۋاقتىدا ئۆيگە ئېلىپ چىقىپ كېتىپ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى بېجىرگەچ تۇرۇڭلار دىدى.دوختۇرنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ياش تامچىلىرى دەريا كەبىي ئېقىشقا باشلىدى ۋە ئۇنىڭغا ئىلتىجا نەزىرىدە تىكىلىپ تۇرۇپ.
!9
kNL -دوختۇر پەقەت ئامال بولماسمۇ ؟دەپ سورىدى.
f\=
@jV -سىزنىڭ ھېسىياتىڭىزنى چۈشىنىۋاتىمەن ئۇكام ئامال يوق بىزنىڭ ۋەزىپىمىز كېسەل داۋالاپ ئادەم قۇتقۇزۇش بىراق دادىڭىزنىڭ كېسىلى پىشىپ قالدى دىدى ئېچىنغان ھالدا. ئامالنىڭ يوقىدىن سېلىم بوۋاي ئۆيگە ئېلىپ چىقىلدى.بوۋاينى يوقلايدىغانلارنىڭ ئايىقىمۇ ئۈزۈلمەيتتى.بىر كۈنى تاڭ ئەمدىلا سۈزۈلۈشىگە بوۋاي چوڭ ئوغلى جالالىدىنغا.
##Pzc~xSn -ئوغلۇم ئىمامنى چاقىرىپ كىرگىن دىدى پەس ئاۋازدا . ئۇ ئىمام،مەيزىن قاتارلىق بىر قانچە جامائەتنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلدى. ئۇلار ئەھۋال سورۇشۇپ بولغاندىن كېيىن داستىرخان سېلىندى ،چايدىن كېيىن سۈرە ياسىن ئوقۇلۇپ دېمىدە قىلىنىشقا باشلىدى.بوۋاي قانداقتۇر بىر نەرسىلەرنى خىيال قىلاتتى .ئۇ بىر ئىشنى ئىسىگە ئالغاندەك بولدى-دە،كۆپچىلىككە بىر قۇر كۆز يۈگۈرتكەندىن كېيىن ئۇلۇغ-كىچىك بىرنى تىنىۋالغاندىن كېيىن،نۇر سىز كۆزلىرىنى ئۇلارغا تىكىپ تۇرۇپ . ھەممىڭلار بىلىسىلەن مېىنىڭ دۇنيالىقتا تۆتلا ئوغلۇم بار ،ئۇلار مىنىڭ ھالىمدىن تولىمۇ ياخشى خەۋەر ئالدى مەن ئۇلاردىن ئۇ دۇنيا -بۇ دۇنيا رازى . لېكىن مىنىڭ ئۇلارغا قالدۇرغىدەك ھېچقانداق بايلىقم يوق پەقەتلا بىر جۈملە سۆز بىلەن دۇئايىمنى قالدۇرىمەن دىدى.
k
6[ ھەممنىڭ كۆزى بوۋايغا تىكىلدى ھەم قۇلاقلىرىنى دىڭ تۇتۇشۇپ بوۋاينىڭ نىمە دەيدىغانلىقىغا ئىتائەت قىلىشىپ تۇرۇشتى.بوۋاي يەنە بىرنى يۆتىلىپ كەتتى ۋە ئارانلا بالىلىرىم سىلەر چوقۇم "ئىشەكتەك ئەقىللىق،ئايال كىشىدەك غەيرەتلىك "بولۇڭلار دىگىنىچە بۇ دۇنيا بىلەن خۇشلىشىپ كېتىپ قالدى.بالىلارنىڭ كۆز ياشلىرى دەريا بولۇپ ئاقتى بىراق نىمە ئامال بار دەيسىز.
{l$)X بوۋاينىڭ نامىزىمۇ چۈشۈرۈلۈپ بولدى كىشىلەر: توۋا سېلىم ئاكىنىڭ قىلغان ئىشىنى باللىلىرى شۇنچە ياخشى قارىسىمۇ جان ئۈزىدىغان پەيتتە"ئىشەكتەك ئەقىللىق،ئايال كىشىدەك غەيرەتلىك "بولۇڭلار دىگىنى نېمىسى ئەمدى ؟تازىمۇ قاملاشمىغان گەپ قىلىپتۇ دىيىشمەكتە ،غۇلغۇلا قىلىشماقتا...
#Y7iJPO ھەش-پەش دىگۈچە بۇ سۆز پۈتۈن يۇرتقا بىر كەتتى بالىلارنىڭمۇ كۆڭلى غەش بولۇشتى .لېكىن ئۇلار ئۇ گەپلەرنى ئاغزىدىن چىقىرىشمىدى.مانا بوۋاينىڭ قىرقى نەزىرس بولدى يىراق-يېقىندىن كەلگەنلەر خېلى كۆپ ئىدى .شۇ ئەسنادا چاچ-ساقاللىرى ئۇچتەك ئاقارغان بىر مويسىپىت بوۋاي كىرىپ كەلدى .ئەسلىدە ئۇ سېلىم بوۋاينىڭ بالىلىق چاغلىرىدىكى ئاغىنىسى بولۇپ بۇندىن بىر نەچچە ئون يىللار بۇرۇن شەھەرگە ئوقۇشقا كېتىپ ئوقۇتقۇچى بولۇپ شەھەردە قالغاندى. ئۇ بۇرادېرىنىڭ ۋاپاتىدىن خەۋەر تاپالمىغاچقا كېلەلمىگەن بولۇپ قىرقى نەزىرسىگە كەلگەندى .
W?zj^y[w نەزىر داۋامىدا بوۋاي دوستىنىڭ پەرزەنتلىرىگە قىلغان نەسىھىتىنى،باشقىلاردىن ئاڭلىغاندى،ئۇ كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئالغان ھالدا .
6Zn[l,\ بالىلىلىرىم داداڭلار سىلەرگە ناھايتىت ياخشى نەسىھەت قىلىپتۇ "بىز چوقۇم ئىشەكتەك ئەقىللىق،ئايال كىشىدەك"غەيرەتلىك بولۇشىمىز كېرەك دىدى بالىالارغا قاراپ تۇرۇپ بالىلارنىڭ چوڭى نېمىنىدۇر چۈشەنگەندەك بولۇپ
n$SL"iezW? -رەھمەت سىزگە بىز تېخى دادىمىزدىن ئاغرىنىپ يۈرۈپتۇق دىدى.قالغانىلىرىمى ئاكىسىنىڭ سۆزىنى قۇۋەتلىگەندەك باشلىرىنى لىڭشىتىشتى.جامائەتمۇ بۇ سۆز تولىمۇ ئورۇنلۇق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشىپ سېلىم بوۋاينىڭ ئەقلىگە بارىكاللا ئېيتىشتى.
,0h{RZKw w,j!%N (مەنبەسى ئىجادىيىتىم)
[ بۇ يازما پادىشاھ تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]