ھـــەي ، مــۇســاپــىــرچــىــلــىــق ...
(نەسىر)
مەن بۈگۈن سەھەردە جۈپ قەدىردانىمنىڭ، ماڭا قېرىنداشلىق مېھرىنى بېرىپ كېلىۋاتقان ئەزىزلەرنىڭ مەندىن كۈتىۋاتقان ئارزۇ - ئارمانلىرىنى يۈرىكىمگە چىڭ تېڭىپ ، بۇ سوغۇق شەھەرگە قايتىپ كەلدىم...

بىر يىل مۇقەددەم، ئالىي مەكتەپكە تۇنجى قەدىمىمنى "بىسمىللاھ" دەپ باسقاندىن باشلاپ بۇ يات شەھەردە ياشاپ كېلىۋاتىمەن. يېڭىچە مەكتەپ ھاياتى، ناتونۇش مۇھىت، پەرۋاسىزلىق بىلەن بىر - بىرىگە سۈركىلىپ ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئادەملەر، ئېغىر چاقلىرىنى سۆرەپ موكىدەك ئۆتۈشىۋاتقان ماشىنىلار، تۇتۇق ئاسمان ... بۇلار مېنى تولىمۇ غېرىبلىق ھېس قىلدۇردى. ئاپام بىلەن خوشلىشىش ئۈچۈن ئۇنى مەكتەپ دەرۋازىسىغىچە ئۇزۇتىپ چىقتىم. ئاپام چاناقلىرىدىكى ياش كەلكۈنلىرىنى قانچە زورىغا باسسىمۇ، مەن يەنىلا ئۇنىڭ ماڭا قىيماي يۈرىكى پارە ھالدا خوشلىشىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپتىمەن... مەن يىغلىمىدىم، چۈنكى بۈزرۈكۋار مومامغا ۋەدە بەرگەنىدىم :"ھەرگىز ياش تۆكمەيمەن، ئارزۇ - ئارمانلىرىمنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىلەرنىڭ مەندىن كۈتكەن ئۈمىدىڭلارغا، ئەجرىڭلارغا جاۋاب قايتۇرغىدەك بولمىغۇچە، ھەرگىز قايتىپ كەلمەيمەن(بۇ تەتىلنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)" دەپ ... مۇشۇ ۋەدەمدە چىڭ تۇرۇشۇم كېرەك! باغرى يۇمشاق مېھرىبان ئاپام يۈرىكى ، كۆز نۇرلىرىنى مەندە قالدۇرۇپ، بېكەتكە قاراپ يۈرۈپ كەتتى. مەكتەپ ئىچىگە قايتىپ كىرىپ ئۆزۈمنى زادىلا توختىتىۋالالمىدىم.

18 يىل ئاتا - ئانامنىڭ يېنىدىن ئايرىلماي يۈرۈپ، بۇ ئايرىلىش ماڭا تولىمۇ ئېغىر كەلگەنلىكىنى كۆز ياشلىرىم مەڭزىمنى بويلاپ دومىلاپ چۈشكەندىلا ھەقىقىي ھېس قىلدىم. ئەمدى دادام بىلەن نىمىگىدۇر باغلىشىپ، چاقچاقلىشىپ ئوينىيالمايمەن؛ ئاپام بىلەن ئۇزۇندىن - ئۇزۇن مۇڭدىشىپ، چاچلىرىمنى سىلاپ ، ھىدلىرىمنى پۇراشلىرىدىن ھوزۇر ئالالمايمەن؛ مومامنىڭ ھاسىسىنى شوخلۇق بىلەن ئېلىپ قېچىپ "قايتۇرۇپ بەر ھاي ، جىنتەك !" دەپ سۆيۈملۈك ئەركىلىتىشلىرىنى ئاڭلىيالمايمەن؛ بىردە ئۇرۇشۇپ ، بىردە يالىشىپ كىچىكىمىزدىن مومام ئۆز قولى بىلەن بىللە بېقىپ چوڭ قىلغان نەۋرە - ئاكا ئاچىلىرىم بىلەن قانداقتۇر يېڭىلىقلار ئۈستىدە قىزغىن بەس - مۇنازىرە قىلالمايمەن... راست ، مەن غېرىبلىقنىڭ قانداق بولىدىغىنىنى ئەنە شۇ چاغدىلا چۈشەندىم...

ئالىي مەكتەپ ھاياتىمدىكى تۇنجى يىل، جەمئىيەتنىڭ كىچىكلىتىلگەن كارتىنىسىدىن ئىبارەت بۇ ماكاندا رىقابەت ، مۇرەككەپ كىشىلىك مۇناسىۋەت چەمبىرىكى، جىدىي ئۆگىنىش رېتىمى، خىلمۇخىل ئىجتىمائىي پائالىيەت ۋە مۇستەقىللىق خاراكتېرى يېتىلدۈرۈش جەريانىنى باشتىن كەچۈرۈش بىلەن ئۆتۈپ كەتتى. ھەرۋاقىت ئۆزۈمگە : " سەن چوڭ بولدۇڭ مېھرى، غەيرەتلىك بول!"دەپ زىكرى قىلاتتىم. بىراق، مەن راست غەيرەتلىكمۇ ؟ دەپ ئويلاپ قالىمەن بەزىدە...
بۈگۈن ، مەن يەنە قايتىپ كەلدىم ، يەنە مۇساپىر بولغىلى ، ئەمما نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىپ، ئارزۇ - ئارمانلىرىمنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا يەنە بىر بالداق ئۆرلەش ئۈچۈن قايتىپ كەلدىم. قەدىردانلىرىمنىڭ يۈرىكىنى باغرىمغا باسقىنىمچە قايتىپ كەلدىم...
شەھەر ، يەنىلا سوغوق. مەنزىلىمنى تېپىش ئۈچۈن يۈرۈپ كەتتىم. ھەممە نەرسە تونۇش ھەم ناتونۇش. كۆزلىرىمدا مومامنىڭ مېنى ئۇزىتىپ، ئىشىك تۈۋىدە بەختىمنى، زىيادە ئەقلىمنى شەپقەتلىك ئاللاھتىن تىلەپ ياش تۆكۈپ تەلمۈرۈپ قاراپ قالغىنى، دادام ۋە ئاپامنىڭ ئاپتوبۇس بېكىتىدە ماڭا نۇرغۇن نەرسىلەرنى جېكىلىگەچ، ۋاقىتنىڭ ئاستىراق ئۆتۈشىنى ئۈمىد قىلغاندەك پات - پات سائەتكە قاراپ قويۇشلىرى، ئاپتوبۇس قوزغالغاندا بولسا چاناقلىرىدىن ياش ئەگىگەن ھالدا قوللىرىنى پۇلاڭلىتىپ ئۇزىتىشى ...
ئاتا - ئانىسى "يالغۇزۇم ، كۆز نۇرۇم، دۇنيالىقتا بىر دانەم " ... دەپ چوڭ قىلغان بالىلار مەندەك نازۇك ۋە ئىرادىسى ئاجىز بولامدىغاندۇ؟ نىمىدىگەن تۈگىمىگەن ياش بۇ؟
مەن ئاخىرقى مەنزىلىم - مەكتەپكە قايتىپ كەلدىم. تاكسى شوپۇرىنىڭ قوپال سىلكىپ يۈك - تاقامنى يەرگە "جاققىدە" تاشلاپ بېرىشىدىن ئىچىم ئاچچىق بولغان بولسىمۇ، ئۆزۈمنى تەستە تۇتىۋېلىپ ، ئۆزۈمدىنمۇ ئېغىر چامادان - سومكىلىرىمنى سۆرىگەن پېتى مەكتەپ ھويلىسىغا كىرىپ كەلدىم. كۈزنىڭ باشلانغىنىدىن دېرەك بېرىدىغان تاڭ شامىلى كىشىنىڭ دولىسىنى قوراتتى. ئاندا - ساندا ئۇچرايدىغان ئوقۇغۇچىلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا مەكتەپ تەتىلدىكىدەكلا چۆلدەرەكلىك ئىدى. قەدەملىرىمنى تەستە يۆتكەپ تەتىلدىن بۇرۇن كۆچۈش قارار قىلىنغان يېڭى ياتاق بىناسى ئالدىغا كېلىپ ئەتراپقا تەلمۈردۈم، ھېچكىم يوق، ھېچكىم يوق!...
نەچچە سائەتنى شۇنچىلىك تەستە ئۆتكۈزدۈم. بىنانى ھېچبىر ئاچىدىغاندەك ئەمەس. توڭلاۋاتىمەن ...
قۇياش خېلىلا كۆتۈرۈلگەن چاغ، بىردىن ئىككىدىن كېلىۋاتقان ساۋاقداشلىرىم بىلەن بىللە ، كۆچۈش بۇيرىقىنى كۈتۈپ شۇ بىنا ئالدىدا ئولتۇرۇپتىمىز... ۋاقىت تولىمۇ ئاستا ئۆتتى...
چۈش بولغان چاغ ، ھېچقانداق خەۋەر يوق ... مەكتەپتە بىزدىن باشقىلار كۆرۈنمەيتتى. ئەجەبا، فاكۇلتىت تەتىلدىن يىغىلىش ۋاقتىدىن خاتا ئۇقتۇرۇش بەردىمۇ؟ ياق ...
چۈشتىن كېيىن يەنە بىر يېڭى ئۇقتۇرۇش تاپشۇرىۋالدۇق... يېڭى ياتاق بىناسى تېخى يېڭىدىن رىمنوت قىلىنىپ سىرلانغان بولغاچقا بىخىەتەرلىكىمىزنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا پەقەتلا يۈك - تاقىلىرىمىزنى بىنا ئىچىگە ئەكىرىپ ساقلاشقا قويۇپ قويۇشقا رۇخسەتكەن، ئەمما بۈگۈن ۋە ئەتە كۆچۈشكە، تۇرۇشقا رۇخسەت ئەمەسكەن! ئاھ ... خۇدا! يول ئازابىنى يەتكۈچە تارتىپ ، ئەمدى بۇ كۆزدە تۇتۇلغان ئاتالمىش "بىخەتەرلىكنىڭ" قۇربانىغا ئايلىنىپ يەنە نەدە سەرسان بولۇپ يۈرەرمەن؟
بىر سىنىپ "ئەتىۋارلىق" مىنكاۋخەن بالىلارنى مۇددەتتىن بۇرۇن يىغىۋېلىپ مەسئۇل بولىدىغان ئادەم چىقمىدى. ئۆز ئۆيى، تۇققىنىنىڭ ئۆيى بارلار قايتىشتى... بىز بىر تۈركۈم "مۇساپىرلار" بويۇن قىسىپ غېرىبسىنىپ ، بوران ھۇۋلاۋاتقان مەكتەپ مەيدانىدا تەمتىرىگىنىمىزچە بىر - بىرىمىزگە ئىلتىجالىق كۆزلىرىمىزنى تىكىپ قارىشاتتۇق ...
قاراڭغۇ چۈشۈپ كېتىۋاتقان بولغاچقا، ھەقىقىي بىخەتەرلىك ئۈچۈن بىر - بىرىمىزدىن ئايرىلساق بولمايتتى. قىزلار - ئوغۇللار ... ئوخشاش مۇساپىر ئوقۇغۇچىلار ... تورخانىدا تۈنەيلى ، دىيىشتۇق، كىملىكىمىزنى تەييارلاپ تورخانىغا كىرىشتۇق. چېچىلىپ كەتمەي يېقىن ئولتۇرۇشتۇق. ھازىر بىز ئۈچۈن ئەڭ بىخەتەر يەر مۇشۇ ئىدى. بۇندىن باشقا نىمە چارە؟
ھارغىنلىق ، ئۇيقۇسىزلىق، خورلۇق ... مېنى قىينىماقتا. بەلكى بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر مۇساپىرچىلىق دەردىنى تارتىۋاتقانلار باردۇ؟ لېكىن ، ھازىر مەن ئۆزۈم ئۈچۈن ئەڭ ئېغىرىنى تارتىۋاتىمەن.
ئاھ ، جېنىم ئاپا ! مېنى كەچۈرۈڭ ... سىزنى ئالدىغۇم يوق ئىدى، بىراق مەن تالادا قالدىم دىسەم، سىز ۋە دادامنىڭ قانچىلىك سەكپارە بولۇپ كېتىدىغىنىنى بىلىپ تۇرۇپتىمەن. تېخى بايىلا تېلفۇن قىلغىنىڭىزدا " يېڭى ياتاققا تنىچ ئامان كۆچىۋالدىم، مەندىن ئەنسىرىمەڭلار ... " دىيىشكە مەجبۇر بولدۇم. كىچىكىمدىن سەمىمىي ئادەم بولۇش ، يالغان ئېيتماسلىق ھەققىدىكى تەربىيىلىرىڭىز يۈرىكىمگە مۆھۈردەك بېسىلىپ كەتكەنىدى... بۈگۈن مېنى كەچۈرۈڭ ئاپا... مەن سىزگە يالغان ئېيتتىم ، سىزگە كېيىن چوقۇم ھەممىنى دەيمەن... مۇساپىر قىزىڭىزنى كەچۈرۈڭ ...
يەنە قانچىلىك كىشىلەرئەل - ۋەتەن، يۇرتىدىن ، مېھرىبان ئەزىزلىرىدىن ئايرىلىپ مۇساپىرچىلىقنىڭ دەردۇ - ئەلەم، خورلۇقلىرىنى تارتىپ يۈرىۋاتىدىغاندۇ-ھە؟ ئاچچىق ھېسلىرىم، ئەلەملىك كۆز ياشلىرىم بىلەن يېزىلغان مۇنۇ نەسىرىم ئارقىلىق ئۇلارغا سەمىمىي سالىمىمنى يوللايمەن، ئۇلۇغ ئاللاھتىن ئۇلارغا تىنچ - پاراۋانلىق ، سالامەتلىك ، ھۆر بەختنىڭ يار بولۇشىنى ، ئەزىز باشلىرىنىڭ ئامان بولۇشىنى ھەر ئىبادىتىمدە دۇئا قىلىپ تىلەيمەن...
E9v_6d[ 629#t`W\ 6%fF6
^#&:-4/ مەنبە: مۇساپىرچىلىق
2010-يىل 24-ئاۋۇستتىن 25-ئاۋغۇستقىچە بىر كېچە ، ئۈرۈمچىدە يېزىلدى.
[ بۇ يازما مېھرىزات تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]