مىسرانىم باش بېتى | مودا MP3 | مىسرانىم MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر| يانفۇن مۇزىكىسى
ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1986 قېتىم كۆرۈلدى
«123»Pages: 1/3     Go
تېما: ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد بىلەن سۆھبەت
تارىم
تارىمنىڭ سۈيى كەينىگە ئاقمايدۇ!
دەرىجە: مۇنبەر باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 155
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 1
ئومومىي يازما: 1495
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1495دانە
ياخشى باھا: 417 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 5375 سوم
تۆھپىسى: 376 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 1703(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-20
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-05
0 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-08-23 02:57 PM

0 ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد بىلەن سۆھبەت

ئەسكەرتىش: تېما باشقۇرغۇچى ئىدىرىسجان تەرپىدىن نادىرلاندى. (2010-08-23)
ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد بىلەن سۆھبەت @bT3'K-4  
:G}DAUFN  
WNa3^K/W{  
oIb) Rq!m  
ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد ئىجادىيەت ئۈستىدە
&DLhb90  
j=W@P-  
4UD' %}>y  
| 3giZ{  
تارىم: مەزكۇر سۆھبەت خاتىرىسى ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەدنىڭ رۇخسىتى بىلەن مىسرانىم مۇنبىرىگە يوللاندى.
]_u`EvEx6  
تالانتلىق ياش يازغۇچىمىزمۇ بىز بىلەن بىر داستىخاندا، ئۇمۇ مەزكۇر مۇنبەرگە ئەزا g\&2s,  
!BUi)mo  
سۆھبەت مەزمۇنىنى ئوقۇشتىن ئاۋال ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەدنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالىدىن خەۋەردار بولغاچ،ئۇنىڭ ھىس-تۇيغۇلىرى بىلەن ئانچە-مۇنچە ئورتاقلىشىپ باقايلى...
TEWAZVE*  
6m+W#]^  
&z >q#'X;.  
&XQZs`41+  
ئۆز ھالىم، ئەدەبىي ھاياتىم، دەردىم + |C=ZU  
C3}Aq8$6  
lw[ 
ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد
j"hASBTgp  
azX`oU,l  
مەتبۇئاتلاردا ئانچە-مۇنچە چېلىقىپ قالىدىغان ئىسمىم ئەنۋەر مۇھەممەد، كېيىن ھەج قىلغاندىن كېيىن ئۆزەمنى ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد دەپ ئاتاشقا باشلىدىم، بۇنىڭدا ئاتا-بالىنىڭ ھەر ئىككىسىنىڭ ھاجى ئىكەنلىكى ئىپادىلىنىدىكەن، شۇنداقلا باشقا ئەنۋەر مۇھەممەد ئىسىملىك ئاپتورلاردىن پەرقلىنىدىكەنمەن. تەخەللۇس قوللانمىغاندىكىن، بۇمۇ بولغىدەك دەپ ئويلىدىم، ئەمما مەتبۇئاتلار بەزىدە ئەنۋەر مۇھەممەد، بەزىدە ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد دەپ كەلمەكتە. بۇنىڭغىمۇ مەيلى دېدىم. تورلاردا ئىزچىل، بىردەك قوللىنىۋاتقان نامىم Erturk (ئەرتۈرك)، بەزى قۇلاق كەستىلەر بۇ ئىسىمدىن قۇسۇر ئىزدەپ، ئەرتۈرك، خوتۇنتۈرك... قانداق ئىسىم بۇ دەپ ئىنكاس يازدى، يەنە بىرلىرى ئەلتۈرك، بەگتۈرك دېگەندەك يېقىن ئىسىملارنى ئىشلەتكەچكە، ئەسەرلىرىمنى كۆچۈرۈپ چاپلىغانلار ئىسمىمنى ئېلىشتۇرۇۋەتتى، شۇنداقتىمۇ مۇشۇ نامنى ئىشلىتىۋەردىم. بۇ نام ئارقىلىق بىرىنچىدىن ئەركەكلىك يوقىلىپ كېتىۋاتقان بۇ دەۋردە ئەركەكلىكىمنى ھەر دائىم تەكىتلەپ تۇراي دېدىم، ئىككىنچىدىن، تۈرك قەۋمىدىن بولغانلىقىم، تۈركىيىدە يېرىم يىل بولسىمۇ ئوقۇغانلىقىم ئۈچۈن تۈرك دېگەن ئېتنىك نامنى قوشۇۋالدىم.  
مەن 1974-يىلنىڭ كۈز ئايلىرىدا قوناق سويۇۋاتقان مەزگىلدە تۇغۇلۇپتكەنمەن، ھامماچامنىڭ خاتىرىلىشىچە 10-ئاينىڭ 25-كۈنى تۇغۇلغان كۈنۈم ئىكەن، ئەمما كىملىكىمدە خاتا ھالدا 4-ئاينىڭ 10-كۈنى دەپ يېزىقلىق. تۇغۇلغان كۈنۈمنى 25 ياشلاردىن كېيىن ئانچە-مۇنچە خاتىرىلەپ قويىدىغان بولدۇم، ھازىر پەقەت كۆڭۈل بۆلمەيمەن. 1991-يىلى ئۇچتۇرپان ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى 91-يىللىق ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى سىنىپىغا قوبۇل قىلىندىم، 1996-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىگە ئورۇنلىشىپ، تا ھازىرغىچە بۇ جەمئىيەتنىڭ نەشر ئەپكارى بولغان«جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە ئىشلەۋاتىمەن. ug# 
cPuHLwwYf  
بىز بىر چوڭ ئائىلە، 5 ئوغۇل، 4 قىز، مەن بالىنىڭ ئالتىنچىسى. دادام كىچىكىدە مەدرىستە، كېيىن پەننى مەكتەپتە ئوقۇپ كادىر بوپتىكەن، 1985-يىلدىن 1990-يىلغىچە ئۇچتۇرپان ناھىيە ئاقيار يېزىسىغا شۇجى بولدى، ئۇ يىللاردا بالىلار بايرىمى يېزا مەركىزىدە داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلەتتى، مەن ئاپام تەييارلاپ بەرگەن ئاق كۆينەك، قارا ئىشتىنىمنى كىيىپ، ساۋاقداشلىرىم بىلەن رەتلىك تىزىلىپ رەئىس سەھنىسىدە ئولتۇرغان دادام باشلىق كادىرلارنىڭ ئالدىدىن توپا-چاڭ توزىتىپ، ھەيۋەتلىك شوئار توۋلاپ ئۆتەتتىم. جايىمىزغا بېرىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن دادامنىڭ بالىلار بايرىمىغا بېغىشلاپ سۆزلىگەن نۇتقىنى تىڭشايتتىم، دادام بەستلىك، سالاپەتلىك، ناتىق ئادەم ئىدى. بالىلارغۇ كىچىكقۇ، زالدا نەچچە مىڭ دېھقان ئالدىدىمۇ تەمتىرىمەي، ھېچ نەرسىگە قارىماي راۋان سۆزلەيتتى، مەن تا ھازىرغىچە 4-5 ئادەمنىڭ ئالدىدا گەپ قىلالمايمەن، قىلساممۇ گېپىمنى قاملاشتۇرالمايمەن. دادام كىچىكىدىن دىندا ئوقۇغاچقا ھالال بىلەن ھارامنى ئېنىق پەرقلەندۈرۈپ ياشايدىغان، تەكەببۇرلۇق، تەمەخورلۇقتىن يىراق ئىنسان ئىدى، ھوقۇق تۇتقان مەزگىلىدە يۇرتنى ئادىل سوراپ، ئىگىلىكنى خېلى گۈللەندۈرۈپتىكەن، ئىشلەپچىقىرىشنى چىڭ تۇتۇپ دېھقانلارنى بېيتىپتىكەن، بىر نەچچە زاۋۇت قۇرۇپ، باغ-ۋاران بىنا قىلىپتىكەن. دادام كېسەل سەۋەبىدىن دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىنمۇ كىشىلەر دادامنى «مەمەت سالى شۇجى» دەپ چاقىرىپ ھۆرمىتىنى ئىپادىلەيتتى، دادام 1995-يىلى 7 ھاجىنى باشلاپ شەخسىي ھەج قىلىپ كەلگەندىن كېيىن ئاندىن كىشىلەر تولۇق ئىسمى بىلەن مەھەممەت سالىھ ھاجى دەپ ئاتىشىدىغان بولدى. XLb0 9;  
مەن باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرگەندە شېئىر، نەسىرگە ئامراق ئىدىم، بالىلار بايرىمىدا سەھنىدە ناخشا ئوقۇيتتىم، تۇنجى قېتىم «شەمۇ شەگە داڭ كەتكەن، قەشقەرنىڭ ئانارى بار» دېگەن ناخشىنى باشلاپ، جىق ئادەمنىڭ ئالدىدا تەمتىرەپ، ئاھاڭىدا ئوسەي كېتىپ، ئوسال بولۇپ سەھنىدىن چۈشۈپ كەتتىم. ئىككىنچى قېتىم بىر ساۋاقدىشىم بىلەن بىللە چىقىپ ئېيتتىم. شۇنىڭغا قارىغاندا بۇرۇندىنلا ئىچىم ئاجىز، زىيادە تەسىرچان، بىر نەرسىنى كۆپ ئويلىۋالىدىغان، كۆپنىڭ كۆزىدىن ئەيمىنىدىغان بولسام كېرەك. كىتابنى كۆپ ئوقۇيتتىم، داداممۇ كىتابخۇمار ئادەم ئىدى، خىزمىتى ئالدىراش بولسىمۇ ماڭا ھېكايە-چۆچەك، رەسىملىك كىتابلارنى ئالغاچ كېلەتتى. خەتمەمنى قىلىپ بىر ھەپتە ياتقاندا «چاھار دەرۋىش»نى ئوقۇپ، چۆچەكسىمان دۇنيادا ئەللەيلىنىپ ياتقانلىقىم ئېسىمدىن پەقەت چىقمايدۇ. 4RQ5(YTTuR  
Tpzw=bC^  
تولۇقسىزدا ئوقۇۋاتقان چاغدا يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئائىلىكلەر قورۇسىدا يېتىپ ئوقۇدۇم. ھەپتىدە بىر قېتىم مەھەللىدىكى چوڭ ئۆيگە چىقىپ دېھقانچىلىققا ياردەملىشەتتىم. دادام 30 مىڭدىن كۆپ ئاھالىسى بار بىر چوڭ يېزىنىڭ بىرىنچى قول رەھبىرى بولسىمۇ، ئائىلىمىز ھېچقاچان ئالاھىدە ئىمتىيازدىن بەھرىمەن بولمايتتى، ئىزچىل يەر تېرىپ، ھاشارغا بېرىپ، ھەممە مەجبۇرىيەتنى تولۇق ئادا قىلاتتۇق. مەنمۇ ھېچقاچان بەگزادىلەرچە ياشىغان ئەمەس، مۇئەللىملەرمۇ ماڭا تەلەپنى چىڭ قوياتتى. ھازىر ئايالىم بىزنىڭ ئۆيلەرگە بارسا مەرھۇم دادامنىڭ ھوقۇق تۇتۇپ ئۆتكەن ئادەم ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەي قالىدۇ، بىزنىڭ خوتەندىكى يېزا باشلىقلىرىنىڭ ئايۋان سارايلىق، كەڭ باغ-ۋارانلىق ئۆيلىرى ئالدىدا سىلەرنىڭ ئۆيۈڭلار ھېچنېمە ئەمەسكەن... دەپ چېقىشىپ قويىدۇ. دادام دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىن مەندىن كىچىكلىرىنىڭ خىزمىتىنى ھەل قىلىش ئۈچۈنمۇ ناھىيىدىكى باشلىقلارنىڭ ئالدىغا، بۇرۇن قول ئاستىدا ئىشلىگەنلەرنىڭ يېنىغا بىر قېتىممۇ ھال ئېيتىپ بېرىپ باققان ئەمەس. ئاللاھ رىسقىڭلارنى بېرىدۇ دەيتتى، دەرۋەقە، ھېچقايسىسى ئىشسىز قالمىدى. كۈنىمىز قەدىرئەھۋال ئۆتمەكتە. S}7>RHe  
دادامنىڭ بىر شېئىر خاتىرىسى بولىدىغان، بىر قېتىم كۆرۈپ قېلىپ ئازراق ئوقۇغانىدىم، كېيىن ئۆي كۆچكەندە يوقاپ كەتتى، دادام بىزنى پۇل بىلەن قىزىقتۇرپ شۇ خاتىرىنى تېپىپ بېرىشكە شۇنچە كۈچىگەن بولسىمۇ، ئۇ خاتىرە پەقەت تېپىلمىدى، ئېسىمدە قېلىشىچە، ئۇ خاتىرىدە پوشكىننىڭ، ئابدۇللا توقاينىڭ، يەنە ئۆزىنىڭ نەزمىلىرى بار ئىدى. دادام يەنە دۇتتار، تەمبۇر چالاتتى، بىر چاغلاردا يېزىلىق سەنئەت ئۆمىكىنىڭ باشلىقىمۇ بوپتىكەن، ناخشىنى بەلەن توۋلايتتى، ئەمما مەن چوڭ بولۇپ كۆپ ئاڭلىيالمىدىم، ئاكا-ھەدىلىرىم تەرىپلەپ بېرەتتى. ئارامغا چىققاندىن كېيىن دادامنىڭ ئۇ خۇشئاۋازى قىرائەتكە ئالماشتى. يىغىپ ئېيتقاندا، مېنىڭ ھازىرقى كىتابخۇمارلىقىم، سازخۇمارلىقىم، ناخشىغا ھېرىسمەنلىكىم دادامدىن ئۇدۇم قالغان، ئۈچ ياشلىق قىزىممۇ مېنى دوراپ، ناخشا-مۇزىكىغا ئالاھىدە سەزگۈر چوڭ بولدى. /9_#U#vhY  
!O{ z 3W  
ئاپام قۇرئان ساۋاتلىق، ئۇقۇمۇشلۇق ئايال ئىدى. ئىلمىي سەۋىيىدە دادامغا يەتمىسىمۇ، كۈندىلىك تۇرمۇش تەجرىبىسى مول بۈيۈك ئانىلارنىڭ بىرى سۈپىتىدە باشتىن ئاخىر دادامنىڭ ۋە بىز 9 بالىنىڭ ھۆرمەت تۆرىدە ئورۇن تۇتۇپ كەلدى. ئاپام خىيالچان، گەپدان ئايال، سۆزلىرىدىن ئانا تىلىمنىڭ گۈزەللىكىنى، ماقال-تەمسىلگە بايلىقىنى ھېس قىلىمەن، ئاپام بىلەن پاراڭلىشىشقا ئامراقمەن، پات-پات تېلېفون قىلىپ گېپىنى ئاڭلاپ زوقلىنىمەن. مەندىكى تىل سەزگۈرلۈكى، ئېغىزىم گال بولسىمۇ، يېزىقچىلىققا كەلگەندە كاللامنىڭ ئانچە-مۇنچە ئىشلەپ قويۇشى تېگى-تەكتىدىن ئالغاندا ئاتا-ئانامنىڭ خۇسۇسىيىتى ۋە تەربىيىسىدىن كەلگەن دەپ ئويلايمەن. 2xTT)9Tq*  
1995-يىلى مەھەللەمنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ يېزىپ چىققان «لاي سۇ ئىچكەن جانلار» ناملىق تۇنجى پوۋېستىم مەھەللەمدىن ھالقىپ پۈتۈن يېزىغا پۇر كەتكەندە، «مەھەممەت سالى شۇجىنىڭ بېيجىڭدىكى بالىسى بىر كىتاب يېزىپتۇ... ئاجايىپ يېزىپتۇ...» دېگەن گەپلەر قۇلاقتىن قۇلاققا تاراپ يۈرگەندە دادام ماڭا بىر پارچە خەت يېزىپ، بۇندىن كېيىن ئەسەر يازغاندا پىرسۇناژ ئىسىملىرىغا دىققەت قىلىشىم كېرەكلىكىنى، كىشىنىڭ ئىززەت-غۇرۇرىغا تەگمەسلىكنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. تەتىلدە ئۆيگە بارغىنىمىدا مەھەللىدىكى شۇ پىرسۇناژلار بىزنىڭ ئۆيگە داتلاپ كىرگەندە بېشىمغا تاغ يىقىلدى، دادام «تارىم»ژۇرنىلىدىن شۇ پوۋېستنى كۆرۈپ ئادەم ئىسىملىرىنىڭ ئۆز ئەينى ئېلىنغانلىقىنى كۆرۈپلا يەرگە ئاتقانلىقىنى دېگىنىدە بۇ ئەسەر ئارقىلىق ئېرىشكەن شەرەپلىرىم نۆلگە تەڭ بولغاندەك ھېس قىلدىم، بۇ ساۋاتسىز دېھقانلارنى سەل چاغلىغىنىمغا بۇرنى-قۇلىقىمىغىچە تويدۇم. دادام ئاخىر مېنىڭ تەرىپىمنى ئالدى، «بالا كىچىك، ئۇقماي يېزىپ قاپتۇ، ئەدەبىي ئەسەر دېگەندە ئوخشاپ قالىدىغان ئىش بولىدۇ، گېپىڭلار بولسا سوتقا بېرىپ دەڭلا... » دەپ، ئۇلارنى يولغا سالدى. كۆپ ئۆتمەي، دادامنىڭ ئىچىدە بىر خۇرسەنلىكنىڭ بارلىقىنى بايقىۋالدىم. ئەمما دادامنىڭ تەنبىھلىرى خېلىغىچە يادىمدىن چىقمىدى. uV~e|X "9s  
دادام 99-يىلى 7-ئايدا 61 يېشىدا تۈگەپ كەتتى، قىسمەت شۇنداق بولسا كېرەك، يۈز كۆرۈشەلمىدۇق. ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى دەقىقىلىرىدە يولۇمغا بەك قاراپتىكەن، شۇلارنى ئويلىسام، يۈرىكىم ئاغرىيدۇ، غاپىللىقتا قالغان كۈنلىرىمگە قاتتىق ئېچىنىمەن. دادامغا شۇ چاغلاردا نەشر قىلىنغان «جان ئوتى» دېگەن تۇنجى پوۋېستلار توپلىمىمنى كۆرسىتەلمىدىم. tcA ;#^jc  
مەن ئەسەر يازغاندا دادامنىڭ تەنبىھلىرىنى ئېسىمدە تۇتۇپ، ئەسەردە ئىمكان بار ئادەم، ماكان ئىسىملىرىنى ئۆزگەرتىپ ئېلىشقا تىرىشقان بولساممۇ، مېنى بىلىدىغانلارنىڭ ئۆزىگە ئېلىۋېلىشىدىن يەنىلا قۇتۇلالمىدىم. 1998-يىلى «تارىم»ژۇرنىلىدا «ماھىيەتلىك مۆجىزە» دېگەن پوۋېستىم ئېلان قىلىنغاندا مەركىزىي تىياتىر ئىنستىتۇتىدىكى بالىلار مەندىن قاتتىق رەنجىدى. يەنە شۇ يىلى «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «گۇناھ» دېگەن پوۋېستىم ئاقسۇدا غولغۇلا قوزغاپ، پىتنە-پاسات پىلتىسىگە ئوت يېقىپ، باش مۇھەررىرنىڭ تەختتىن غۇلىشىغا سەۋەب بولدى، مەن ئۇ ژۇرنالدا ئەسەر ئېلان قىلىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولدۇم. بۇ ئىشلارنىڭ جەريانىنى بۇ يەردە سۆزلەپ كەلسەم يەنە پىتنە-پاسات پەيدا بولىدۇ. JJ5C}`(  
> 
1998-يىلى ئۈرۈمچىدىكى ياش يازغۇچىلار سىمنارىيىسىگە قاتنىشىپ، مەشھۇر يازغۇچىلار بىلەن كۆرۈشتۈم، ياتاقتا تەمبۇر چېلىپ ئولتۇرسام مەمتىمىن ھوشۇر، ئالىمجان ئىسمائىل كىرىپ كەلدى، ناخشا ئېيتىپ بەردىم، ئىجادىيەت ھەققىدە پاراڭلاشتۇق، مەن ئۇلارنى شۇنچە چوڭ بىلىپ قورۇنۇپ تۇرسام ئۇلار ئەكسىچە مېنى چوڭ يەردە ئىشلەيدۇ، بىلىمى چوڭ دەپ ئويلاپ بەك ئىززەتلەپ كەتتى. بىر كۈنى كەچتە مەھەممەت باغراش كەپتىكەن، كورلىلىق ھەۋەسكارلار مېنىمۇ كۆرۈشۈۋالسۇن دەپ ئۇنىڭ يېنىغا باشلاپ ئەكەلدى، قارىسام ئىچىپ تەڭشىلىپ قاپتىكەن، قايسىبىر جانباقتى ئەدىبلەرنى «پوق زەمبىللىرى» دەپ سەت ئوخشاتتى، ئۇنىڭ «يۈرەكتاغ»دېگەن پوۋېستى بىلەن مېنىڭ «لاي سۇ ئىچكەن جانلار»دېگەن پوۋېستىم «تارىم»ژۇرنىلىنىڭ 1995-يىللىق 1-، 2-سانىدا تەڭ ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، «تارىم ئەدەبىياتى مۇكاپاتى»غا مېنىڭ ئەسىرىم ئېرىشىپ قالغانىدى، بۇ ئىش ئۇنىڭ ئېسىدە بولسا كېرەك، ھەۋەسكارلارنىڭ تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلاپ سەگەكلەشتى، بىر-ئىككى ئېغىز تۈزۈك ئەھۋاللىشارمىز دەپ ئويلىغانىدىم، ئەمما ئۇنىڭ بۇ ھالى نورمال ئولتۇرۇپ سۆزلىشىشكە پەقەت يار بەرمەيتتى، بىر دەم ئولتۇرۇپ بېقىپ چىقىپ كەتتىم. ئەسەرلىرىنى كۆپ ئوقۇغان، مەن ئىزچىل قايىل بولۇپ كېلىۋاتقان بۇ مودېرنىست يازغۇچى فرانسىيە يازغۇچىسى ئالبېرت كامۇسنىڭ «يىگانە ئادەم» ھېكايىسىدەك غۇۋا، چۈشكۈن تەسىرات قالدۇرۇپ ئۆتتى. W-D[z#)/Y  
شۇ قېتىملىق سىمنارىيىنى ئەسلىسەم ئەنۋەر ئابدۇرەھىم، مەخمۇتجان ئىسلام، رىزۋانگۇل يۈسۈپ، يۈسۈپجان سۇلايمان، مۇختەر قادىر (ھونزادە)، دىلنۇر ئەسمەت... قاتارلىق يېقىملىق سىمالار تەڭرىتاغ كىنو سىتودىيىسىنىڭ سەيناسى، ئۈرۈمچىدىكى رېستۇرانلار، بۇغدا كۆلىدە جىمىرلاپ تۇرغان گۈزەل مەنزىرىلەر بىلەن قوشۇلۇپ خىيالىمدا جانلىنىپ كېتىدۇ. o.^y1mH'  
xR908+>5  
ماخمۇتجان ئىسلام شۇ سىمنارىيىنى ئۇيۇشتۇرغۇچى مۇھىم ئادەم ئىدى، ئۆلۈپ كېتىپتۇ. 2004-يىلى مىللەتلەر نەشرىياتىدىكىلەرنىڭ ھاۋالىسى بىلەن ئۇنىڭ «مۇھەببەت پەلسەپىسى» دېگەن بىر تەرجىمە كىتابىنى تەھرىرلەش جەريانىدا ئۇنىڭ تەرجىمە ماھارىتىگە ھەقىقەتەن قايىل بولغانىدىم. سەمەت دوگايلىنىڭ «تارىم»(2007-يىللىق 2-سان)دىكى «تۇمار ئاسمىغان مەخمۇتجان ئىسلام» دېگەن ئەسلىمىسىنى ئوقۇپ، ئۇ ئىنساننى تېخىمۇ ياخشى چۈشەندىم. مۇختەر قادىر ھونزادە بىلەنمۇ نەچچە يىللار ئىلگىرى بېيجىڭدىكى بىر سورۇندا كۆرۈشۈپ ئەھۋاللاشقان ئىدىم، مەخمۇت ھېسام ئۇنى كەلتۈرۈپ: شائىر دېگەن سىزدەك سەت بولامدۇ... دەپ چاقچاق قىلغان، مۇختەر قادىر كۈلۈپ قورۇلۇپ كەتكەنىدى. يېقىندا ئۇنىڭمۇ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئاڭلىدۇق. «ئېگىك نۇردىن توقۇلغان تاغار» دېگەن نادىر شېئىرلارنى، «شۇڭقار بولغان خانىكە» دېگەن تەسىرلىك ئەدەبىي ئاخباراتنى يازغان باتۇر روزىمۇ شۇڭقار بوپتۇ، ئەجەل كەلسە تەقۋامۇ، پاسىقمۇ، شائىرمۇ، قاسساپمۇ، جاللاتمۇ، مەھبۇسمۇ ئوخشاشلا جان تەسلىم قىلىدىغان گەپ؛ ھېسسىياتلىق ئەركىن ئادەم بىز دەپ كەيىپ-ساپا سۈرۈپ، ئىشرەت جاپاسى تارتقانلارمۇ، ئۆزىنى ئاياپ پاكىز ياشىغانلارمۇ ئوخشاشلا رىزقىنى يەپ بولۇپ كېتىدۇ، بىز ئۇلارغا ياخشى تىلەك تىلەپلا قالىمىز، ھالبۇكى مەرھۇمنىڭ ئۇ دۇنيادا قانداق ئاقىۋەتكە قالىدىغانلىقىنى ھەرگىز بىلمەيمىز، شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، مەيلى موللام، مەيلى سەنئەتچى ياكى ياغاچچى بولسۇن، ھەر كىم ئۆزىنىڭ قىلغان ئىشىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ. DB@EVH  
يازغۇچى- شائىر دېگەن دەرت-ھەسرەت چىرمىۋالغان بىر تۈركۈم كېسەل كىشىلەرمىدۇ؟... كېسەل سەۋەبى ئۆپكە، مېڭە، ياكى يۈرەك... ئەڭ ئاۋۋال رەئىس ئەزالىرىمىز كاردىن چىقىدىغان ئوخشايدۇ. مەن بىر ياش ھەۋەسكار تۇرۇپ ھەر قېتىم سالامەتلىك تەكشۈرتسەم يۈرىكىم يا ئۆپكەمدە بىر مەسىلە چىقىپلا تۇرىدۇ، ئېغىر ئەمەس، ئەمما ئېغىرلىشىش، بىر كۈنلەردە تۇيۇقسىز قوزغىلىپ جېنىمغا ھۇجۇم قىلىش ئېھتىمالى بار. قوغدىنىش ئىقتىدارىمنى مەنىۋى، جىسمانىي جەھەتتىن كۈچەيتىپ تۇرسام دەيمەن، ئەمما دائىم ئۇنتۇپ قالىمەن، بىر نېمە يېزىشقا سۆرەلمىلىك قىلغاندەك، ئۆزەمنى ئاسراشتەك ئەڭ ئاددىي، ئەقەللىي ئىشتىمۇ ھورۇنلۇق قىلىمەن. ئۆلۈم تېخى يىراقتەك بىلىنىدۇ، دېمەك، روھىم غەپلەتكە يېقىن. ۋۇجۇدۇمدىكى ئەسەبىيلىكنى قېنىم قىززىق چاغدىلا چۈشىنەلەيمەن. ئەمما مەن تىنچلىققا، سۈكۈناتقا، قىزلارنىڭ سېھىرلىك، تىنىق كۆزىگە، مەجنۇنتاللارنى ئويناتقۇچ مەيىن شامالغا، كۈن نۇرىدا جىمىرلاپ تۇرىدىغان سۈزۈك سۇلارغا، باھاردا بىخ ئۇرۇپ ئېچىلغان چېچەكلەرگە... بالىلىق چۈشلىرىمگە ئايلىنىپ كەتكەن، ھەر ئەسلىسەم ئېرىشكۈسىز گۈزەل، غايىۋى تۇيۇلىدىغان مەنزىرە- ئەسنالارغا ئەسەبىي ئاشىق. تىمتاسلىق ئىچىدىكى ئاددىي گۈزەللىككە تەلپۈنۈپ ياشاپ كەلگەچكە ئۆيۈمنىڭ ئەتراپىدىكى شەھەر شاۋقۇنلىرىمۇ ماڭا نېرۋامنى تىنچلاندۇرغۇچى يېنىك مۇزىكىلاردەك ئاڭلىنىدىغان بولۇپ كەتتى. xo WT*f  
تۈركىيىدە ئالتە ئاي تۇرۇپ ئورخان پامۇكنى بايقىغان بولدۇم، ئۇنىڭ ئىچ پۇشۇقىدىن، بىر نېمە يېزىشتىكى ئىشەنچىسىدىن، ئۆزىنى ئىپادىلەشتىكى جاھىللىقىدىن تەسىرلەندىم. ئۇنىڭ «يېڭى ھايات» رومانىنى خوتۇنۇمنى دوختۇرخانىدا باققاچ ئوقۇپ تۈگىتىپ، تۇيۇقسىزلا تەرجىمە قىلىشقا كىرىشىپ قالدىم، گويا يولۋاسقا مىنىپ چۈشەلمىدىم، ئىككى يىلدىن ئارتۇق ۋايسىدىم، روماندىكى ئورخاننىڭ جاھىللىقى ماڭىمۇ ئۆتكەن بولسا كېرەك، تەرجىمىنى بىرەر رومان يازغاندىنمۇ ئۆتە مۇشەققەت ئىچىدە داۋاملاشتۇردۇم، بۇ جاپانى ئۇنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىپ باققانلارلا چۈشىنەلىشى مۇمكىن. y $V[_TN  
تەرجىمە ماڭا ئۆزەم بىر نەرسە يازغاندىنمۇ مۇشەققەتلىك، تەس بىلىنىدۇ. چۈنكى مەن A قان تىپلىق، بىر ئىشقا زىيادە ئىنچكە، مۇكەممەللىكنى بەك قوغلىشىپ تۇرۇۋالىمەن، تەرجىمە جېڭىدە كەسكىن بىر قارار بىلەن ئېھتىمال مەنىلەردىن ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتەلمەيمەن، نەق يېرىنى تاپمىغىچە قويمايمەن، ئادەتتە ھەتتا ئىملادىمۇ، كىچىككىنە بىر پەش، چېكىتكىمۇ بەك دىققەت قىلىمەن. بىر يېرىدە ناقىسلىق، نامۇۋاپىقلىقنى بايقاپ قالسام ئىچىم پۇشۇپ كېتىدۇ. Zq*eX\#C  
bGv4.:)  
دەسلەپتە قەلەمگە تۈكۈرۈپ، قەغەز جىجىلاپ، ئاندىن تۈزەتكەچ ئاققا كۆچۈرۈپ ئەسەر يازغان بولسام ، 21-ئەسىر كىرگەندىن كېيىن كومپيۇتېردا بىۋاسىىتە يېزىپ تەھرىرلەيدىغان بولدۇم. خەنزۇ يازغۇچى جيا پىڭۋا ئۆزىنىڭ سۆھبەت خاتىرىسىدە كومپيۇتېرغا تېخىچە كۆنەلمىگەنلىكىنى يېزىپتىكەن، ئۇنىڭ دېيىشىچە، پەقەت قەلەملا ئۇنىڭ تۇيغۇلىرىنى ئەڭ چىن ئىپادىلەپ بېرەلەيدىكەن، بۇ ئادىتىنى ئۆزگەرتەلمەيدىكەن. مەندە ئۇنداق ئالامەت بولمىدى، مەن داڭلىق بولمىغاچقا ھەم داڭلىق بولۇشنى ئۆزەمگە بېسىم قىلىۋالمىغاچقا قەلەمنى ئىتتىكلا تاشلاپ، كومپيۇتېرغا ئۆتتۈم ۋە بۇ قولايلىقتىن ئايرىلالماس ھالغا كەلدىم. قەلەم بىلەن يېزىپ باشلاپ يېرىمىغا ئەكىلىپ تاشلاپ قويغان «ھارامزادە ۋە ئېسىلزادە» (كېيىن«كۆپۈك» دەپ ئۆزگەرتىلگەن) رومانىمنى كومپيۇتېردا يېزىپ تاماملىدىم ۋە قايتا-قايتا تۈزىتىپ تەھرىرلىدىم، ئەگەر قەلەمدە يازغان بولسام نەچچە ئۆچۈرۈپ، ئاققا نەچچە كۆچۈرۈپ بولغان بولاتتىم. ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئەسەرلىرىممۇ كومپيۇتېردا پۈتتى. ئەمما دىققەت قىلماي، بىر نەچچە قېتىم ئەسەر يۈتۈپ كەتكەن، ساقلىنىلماي قالغان ئىشلارمۇ يۈز بەردى. «يېڭى ھايات»نىڭ تەرجىمىسى يېرىم بولغاندا سىستېمىدىن تۇيۇقسىز چاتاق چىقىپ ھەممىسى يۈتۈپ كەتتى، 200 يۈەن خەجلەپ ئاران ئەسلىگە كەلتۈرۋالدىم. شۇندىن كېيىن ھەر بىر ئەسىرىم پۈتكەندىلا ئايرىم دېسكىغا كۆچۈرۈۋالىدىغان بولدۇم. 1S%}xs R0  
FFe) e>bH  
تورغا ئىلىنىپ قالغىلىمۇ 10 يىل بولاي دەپتۇ، دەسلەپتە ياخو ئۇيغۇرلار گۇرۇپپىسىغا شېئىر يوللاپ يۈردۈم، «قىزىل شېئىر» دېگەن شېئىرىم يامان ئەمەس چىققانىدى. 2004-يىلى «ئىزدىنىش»قا ئەزا بولۇپ مېڭەمنى غىدىقلاشقا باشلىدىم. كونا مۇنبەردە «پاچاقلانغان قىزلار»، «بېيجىڭدا ئۆلگەن بىر ئۇيغۇر»، «مودىدىن قالمايدىغان سالام خەت» ، يېڭى مۇنبەردە «چىرىك ئىدىيىنىڭ ئىجادىيەتتىكى تەسىرى»، «ئۈچ كۈنلۈك مۇھەببەت»، «بۇلۇڭدىكى خوتۇن»، «ئىككى ھەرەم خاتىرىسى» دېگەن ئەسەرلىرىم كۆپ كۆرۈلگەن ۋە مۇنازىرە قوزغىغان تېمىلار بولۇپ قالدى، باشقا تور بەتلىرىگىمۇ چاپلاندى. بۇلارنىڭ ئىچىدە «ئۈچ كۈنلۈك مۇھەببەت» دېگەن ھېكايەم «تەڭرىتاغ»ژۇرنىلىدا «مۇھەببەت» دېگەن ماۋزۇدا ئېلان قىلىنىپ ياخشى باھاغا ئېرىشتى ۋە 2006-يىللىق «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى. يەنە «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «ئاق شامال» دېگەن ھېكايەممۇ ئاۋۋال «ئىزدىنىش»تورىدا يېزىلغانىدى. كېيىنكى كۈنلەردە uighur.cn(شىنجاڭ لىنىيىسى)نىڭ تەكلىپلىك يازغۇچىسى بولدۇم، ئەينى چاغدا مېنى «ئىزدىنىش»كە مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىققا تەكلىپ قىلغان بابۇر ئەپەندى بۇ قېتىم مېنى مائاشلىق «كەسپىي يازغۇچى»لىققا ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭ لىىنىيىسىدە ئەسەر يېزىشىمغا تۈرتكە بولدى. بۇ لىنىيىدە مەن «ئىزدىنىش»تا يېزىشنى باشلاپ كېيىن شۇ تور بېتىدە يوقاپ كەتكەن «سېرىق كۈنلەر» پوۋېستىنى قايتا يېزىپ تاماملىدىم، ئۇنى كۆرگەن ئابونتلار 2000دىن ئاشتى، ئارقىدىن «زىنا ئالدىدا ئولتۇرغان قىز» دېگەن پوۋېستىمنى ئۇلاپ يېزىپ تاماملىدىم، بۇنى كۆرگەنلەر 11مىڭدىن ئېشىپ كەتتى(كىيىنچە مىسرانىم...قاتارلىق تور بېكەتلەردە ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن ئەسەرنى كۆرگەنلەر نەچچە يۈزمىڭدىن ئېشىپ كەتكەن-:تارىمدىن)، ئىنكاسلارمۇ كۆپ بولدى، ئەسەرنىڭ ئاخىرىغا «تۈگىدى» دەپ يېزىپ قويساممۇ، داۋامىنى سورايدىغانلار تۈگىمىدى. ھازىر يەنە «ئورۇق بەدەن، سېمىز ھېسسىيات»نى ئۇلاپ يېزىۋاتىمەن، لېكىن ھورۇنلۇق قىلىپ سۆرەۋاتىمەن، ئابونتلارمۇ بۇنىڭغا كۆنۈپ كەتكەندەك قىلىدۇ، سۈيلەيدىغانلار ئاز، ئاز بولغانچە ئالدىرىمايمەن. شۇنداقتىمۇ ھازىر مەن ئىلھامغا ئەمەس، بېسىمغا، ئىختىيارىيلىققا ئەمەس، مەجبۇرىيلىققا ئامراق بولۇپ كەتتىم. پوۋېست يېزىشقا خۇمار بولسام كېرەك، ھېكايىنى ئانچە يازغۇم كەلمەيدۇ. ئىنكاس كۆزنىكىگە ھەر بىر بۆلەكنى ئۇلاپ يېزىشنى داۋاملاشتۇرغىنىمدا شۇ بىر نەچچە كۈندىكى خۇسۇسىي كەچمىشلىرىم— ئوقۇغان بىرەر كىتاب، كۆرگەن بىرەر كىنو ، ئاڭلىغان بىرەر گەپ-سۆز، خىيالىمدا تۇيۇقسىز جانلىنىپ قالىدىغان بىرەر ئەسلىمە- تەسراتلىرىم يېزىقچىلىق ھالىتىگە كىرگەندىكى يېزىش كەيپىياتىم ۋە سۈرئىتىمگە تەسىر قىلىدۇ. يېقىندا «تۈرمىدىن قېچىش»نى قىزىقىپ كۆرۈپ، بىر نېمە يېزىشنى ئۇنتۇپلا كەتتىم. قاقۋاش، مەردانە ئامېرىكىلىقلار ئالدىدا قاچانغىچە نادان بالىلاردەك بىر ئىشلارنى قىلىپ يۈرۈيدىغاندىمىز؟ دەپ ئىچىم پۇشتى. بۇمۇ ئۆتكۈنچى بىر كەيپىيات بولۇپ قالغۇسى.
Q6^x8  
jO)&KEh  
Coa-8j*R7  
ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد بىلەن سۆھبەت
[ rdsv  
8#f$rs(}  
كۆزگە كۆرۈنگەن يازغۇچى ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد 1996-يىلى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ تۈركىي تىللار مەدەنىيىتى كەسىپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىگە تەقسىم قىلىنغان. ھازىرغىچە جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى ژۇرنىلىنىڭ ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە ئىشلەپ كىلىۋاتىدۇ. ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەت ئۆز خىزمىتىنى جانپىدالىق بىلەن ئورۇندىغاندىن تاشقىرى بوش ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ مەنىۋى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ كەلمەكتە. ھازىرغىچە ئۇنىڭ «جان ئوتى»، «لاي سۇ ئىچكەن جانلار»، «ھەر كاللىدا ھەر خىيال»، «كۆپۈك» «يېڭى ھايات» (تۈركچىدىن تەرجىمە قىلىنغان:-تۈرك يازغۇچىسى ئورخان پاموكنىڭ نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئەسىرى) قاتارلىق كىتابلىرى نەشىر قىلىنغان. ئەنۋەر ھاجىنىڭ بىر شەخسىي بلوگى بار بولۇپ، ئۇ ئادەتتە ئەسەرلىرىنى بلوگدا ئېلان قىلىدۇ. بلوگ ئادرىسى: www.erturk.cn , Oli  
7GZq|M_:y  
خەلق تورى مۇخبىرى ھەبىبە ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد بىلەن ئەنۋەر ھاجىنىڭ ئىشخانىسىدا ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى. سۆھبەت سوئال - جاۋاپ تەرىقىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە: oJY[{-qW  
LfX0Z=<  
_;e\:7 
سىز ھازىر كۆزگە كۆرۈنگەن يازغۇچى، شۇنداقلا توردا نۇرغۇن ئەسەرلىرىڭىز بار. سىزدىن سوراپ باقسام، سىز ئەدەبىي ئىجادىيەتنى قاچان باشلىغان؟ سىزنىڭ مۇشۇنداق بىر يازغۇچى بولۇش ئارزۇيىڭىز بالىلىق چاغلىرىڭىزدىلا بىخلانغانمۇ؟ T[.[ g/`  
SRz&Nb  
مەن باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندىلا ئەدەبىيات دەرىسىنى، شېئىر يادلاشنى، ناخشا ئوقۇشنى، ھۆسنىخەت يېزىشنى ياخشى كۆرەتتىم، ئېلىپبە دەرسى تاپشۇرۇقىنى ئىشلىگەن چاغدا ھەرپلەرنى ھۆسنىخەت شەكلىدە بوياپ دەپتىرىمنى چىرايلىق بېزىۋېتەتتىم. بۇنى كۆرۈپ يېنىمدىكى بالىلارنىڭ «كېيىن شائىر بولىدۇ بۇ» دېگەنلىرى ئېسىمدە. مۇئەللىم خەلق قوشاقلىرى يېزىپ كېلىشنى تاپشۇرسا، باشقا بالىلار 4- 5 كۇپلېت توپلاپ يېزىپ كەلسە مەن 4-5 بەت يېزىپ كېلەتتىم، ئومۇمەن بۇ دەرستە ئاكتىپ ھەم ئۈمىدۋار ئىدىم. شۇ يىللاردا دادامنىڭ يىغىپ قويغان كىتابلىرىنى ئوقۇيتتىم، دادام ماڭا رەسىملىك كىتابلارنى ئېلىپ بېرەتتى. بىر يەكشەنبە كۈنى بازارغا بارماي «نۇرلۇق قىزىل يۇلتۇز» دېگەن روماننى ئوقۇپ تەسىرلىنىپ كەتكىنىم، خەتمەمنى قىلىپ بىر ھەپتە ياتقاندا «چاھار دەرۋىش»نى ئوقۇپ ئاجايىپ-غارايىپ خىياللارغا چۆكۈپ كەتكىنىم ئېسىمدە. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە چىققاندا تېخىمۇ كۆپ كىتابلارنى ئوقۇشقا باشلىدىم، 2-دەرسخانا پائالىيىتى جانلىنىپ كەتكەن ۋاقىتلار ئىدى، ئەدەبىيات كۇرژۇكلىرىغا قاتناشتىم. كىچىك ھېكايىلەرنى، شېئىرلارنى يېزىپ باقتىم. باغقا ئۆرۈك يېگىلى كىرسەم ئىچىمدە شېئىر توقۇيتتىم، خىلمۇ خىل چۆچەك، ھېكايىلەر كاللامغا كېلىۋالاتتى. ئەمما بۇ چاغدا يازغۇچى بولىمەن دەپ ئويلاپ باقمىغان، پەقەت تولۇق ئوتتۇرىنىڭ 2- يىللىقىغا چىققاندا ئاندىن بۇ غايىنى تىكلىدىم. -(;LQDG |  
h~miP7,c 
`WlE| G[  
ھازىر ئۆزىڭىزنىڭ تور بېتى(بىلوگ) بار ئىكەن، ئۆزىڭىز ھېكايە، شېئىرلارنى يېزىپ يېڭىلاپ تۇرىدىكەنسىز، قارىغاندا سىز تور ئارقىلىق تارقىتىشقا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدىكەنسىز. سىزنىڭ ھېس قىلىشىڭىزچە گېزىت-ژۇرنال ئوقۇرمەنلىرى ۋە تور ئوقۇرمەنلىرى ئوتتۇرىسىدا قانداق پەرق بار. a8s4T$  
@ajM^L!O  
;f%|3-q1[  
تور مەتبۇئاتقا قارىغاندا بىر قەدەر ئەركىن، مەتبۇئات، نەشرىيات دېگەنلەرنىڭ ئاخىرقى مەقسىتىمۇ بىر ئادەمنىڭ يازغانلىرىنى كۆپچىلىككە يەتكۈزۈش، بىر ئادەمنىڭ ئاۋازىنى باشقىلارغا ئاڭلىتىش. تورنىڭ تارقىتىش رولى ھازىر مەتبۇئاتتىن كۆپ ئېشىپ كەتتى، دائىرىسىمۇ تەسەۋۋۇرىمىزدىن كۆپ ھالقىپ كەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە توردا مەزمۇنلارنىڭ يېڭىلىنىشى، ئۇچۇرلارنىڭ يەتكۈزۈلۈشى مەتبۇئاتقا قارىغاندا تېز. بۇ ئەۋزەللىك ھازىر بارغانچە مۇھىم ئورۇنغا ئۆتتى. شۇڭا مەن ھازىر مەتبۇئاتتا ئەسەر ئېلان قىلىشتىن كۆرە بلوگىمنى يېڭىلاپ تۇرۇشقا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىمەن. مېنىڭچە، ھازىر مەتبۇئات ئوقۇرمەنلىرى بىلەن تور ئوقۇرمەنلىرىنىڭ پەرقى ئانچە چوڭ ئەمەس، مەتبۇئاتتا ئەسەر ئوقۇيدىغانلار تورغا كىرسىمۇ ئەسەر ئوقۇيدۇ. xP@/9SM  
oR %agvc^^  
)HVcG0H1  
سىز ئەڭ ئۇتۇقلۇق چىقتى دەپ قارىغان ئەسىرىڭىز قايسى؟ نېمىشقا؟ K $-;;pUl  
V}9;eJRvw  
ئەڭ ئۇتۇقلۇق چىقتى دەپ قارىغان ئەسەرلىرىم «چاقىرىش»، «يىراق سەھرادىكى يېڭى ھېكايە»، «مۇھەببەت»، «تالىپ بىلەن راھىپ»، «ئاق شامال»، «سوراق» دېگەن ھېكايىلىرىم؛ «لاي سۇ ئىچكەن جانلار»، «گۇناھ»، «قىيامەتلىك كېسەل»، «سېمىز بەدەن، ئورۇق ھېسسىيات» دېگەن پوۋېستلىرىم؛ «زىنا ئالدىدا ئولتۇرغان قىز»، «كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنى» دېگەن رومانلىرىم. بۇ ئەسەرلىرىمنىڭ كۆپىنچىسى توردا يېزىلىپ توردا ئېلان قىلىندى، ئوقۇرمەنلەرنى خېلى جەلپ قىلدى، ئۆزەممۇ رازى بولدۇم. چۈنكى بۇ ئەسەرلەر بىر قەدەر ئەركىن تەپەككۇر ۋە ھەقىقىي ھېسسىيات بىلەن يېزىلدى. چۈنكى توردىكى نىسبىي ئەركىنلىك ماڭا تەپەككۇر قىزغىنلىقى، يېزىش ئىشتىياقى، يېڭىلىق يارىتىش ئىستىكى بەخش ئەتتى. ?q X s-  
'ZnIRE,N  
)H+kB 
ئىلھام سىزگە نەدىن كېلىدۇ؟ - ]Y wl  
Z.Pi0c+  
sh6(z?KP  
ئىلھام ماڭا پارچە-پۇرات ئەسلىمىلىرىمدىن، رەڭگارەڭ تۇيغۇلىرىمدىن كېلىدۇ. بىرەر ناخشا، بىرەر مەنزىرە،بىرەر گۈزەل قىزنىڭ غەمكىن تۇرقى... ئىلھام بولىدۇ بەزىدە. #x~_`>mDN  
% h+uD^^$  
2R`u[  
سىز «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى»ژۇرنىلى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە ئىشلەۋاتىسىز، ژۇرنال خىزمىتى بىلەن ئىشتىن سىرتقى يېزىقچىلىقىڭىز توقۇنۇشۇپ قالىدىغان ئەھۋال بارمۇ؟ ZvH{wt   
Y6VQ:glDT-  
ژۇرنىلىمىز پەسىللىك ژۇرنال، ۋاقىت بىر قەدەر كەڭرى، شۇڭا يېزىقچىلىققا ۋاقىت ئاجرىتالايمەن. g rbTcLSF  
cU+>|'f &  
c{>|o  
سىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئۇيغۇر يازغۇچى كىم؟ سىز ئادەتتە قانداق كىتابلارنى ئوقۇشنى ياخشى كۆرىسىز؟ X47Ol  
d@g2k> >  
مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان يازغۇچى زۇنۇن قادىرى. مەن ئادەتتە ئسىلام دىنىغا دائىر ئەسەرلەرنى، داڭقى چىققان رومانلار، تارىخ ۋە پەلسەپە كىتابلىرىنى ئوقۇشنى ياخشى كۆرىمەن. ou6j*eSN  
d@>\E/zA  
ORH93 `  
سىزنىڭ قارىشىڭىزچە تور ئەدەبىياتنىڭ يازما ئەدەبىياتتىن ئەۋزەللىكى قايسى تەرەپتە؟ rzV"Dm$'  
2U%qCfh6|  
تور ئەدەبىياتى تور ئالاقىسى داۋامىدا مەيدانغا كەلگەن ھەم تور ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ دەۋر سۈرۈۋاتقان ئەدەبىيات، يازغۇچىلار، بولۇپمۇ تور يازغۇچىلىرى بۇ ساھەدە ئۆز قابىلىيىتىنى تولۇق جارى قىلدۇرالايدۇ ھەم ئەسەرلىرىنى ئوقۇرمەنلەرگە ئەينەن يەتكۈزەلەيدۇ. تور ئەدەبىياتى ئۆز نۆۋىتىدە نەق مەيدان ئەدەبىياتى بولۇپ، يازغۇچىلار نەق مەيداندا ماھارەت كۆرسىتىدۇ، ئوقۇرمەنلەر گويا تاماشىبىنلاردەك ئۇلارغا دەرھال باھا بېرىدۇ، ئالقىشلايدۇ ياكى تەنقىدلەيدۇ. مەتبۇئاتتا بۇنداق ئەۋزەللىك يوق. \n0gTwiO%  
l* Y[^'  
MPvWCPB  
تور ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشى قانداق؟ سىزنىڭ بلوگ ئېچىپ ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئاپتورلارغا دەيدىغان قانداق يۈرەك سۆزلىرىڭىز بار؟ J3&Sj{ o  
$ !5f" 
تور ئەدەبىياتى بارغانچە گۈللىنىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ئىستىقبالى پارلاق. خەنزۇ تور ئەدەبىياتىنىڭ گۈللىنىش مەنزىرىسىگە قاراپ باقسىڭىز بۇنى ئېنىق كۆرەلەيسىز. توردا ئەسەر يېزىپ تونۇلغان خەنخەن، گو جىڭمىڭ قاتارلىق ياش يازغۇچىلارنىڭ تەسىر دائىرىسى ھازىر ۋاڭ مېڭ، جيا پىڭۋا، مويەن قاتارلىق مەشھۇرلاردىن قېلىشمايدۇ. خەنخەن يېقىندا داڭلىق شەخسلەرنى تونۇتىدىغان ئامېرىكا «دەۋر ھەپتىلىك ژۇرنىلى»نىڭ مۇقاۋىسىغا تاللاندى. ئۇنىڭ بلوگىنىڭ چېكىلىش قېتىم سانى 400 مىليونغا بېرىپ قالدى. مانا بۇ تور ئەدەبىياتى ۋە توردا پىكىر بايان قىلىشنىڭ غايەت زور سېھرىي كۈچىنى كۆرسىتىدۇ. بىزنىڭ بلوگلار تېخى ئەمدى تۇغۇلغان بوۋاققا ئوخشايدۇ، ئۇنى پەرۋىش قىلىش، تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن بلوگنى تېخنىكىلىق جەھەتتىن ياخشىلاش بىلەن بىرگە مەزمۇن جەھەتتىن يېڭىلاش ۋە سۈپەتنى داۋاملىق ئۆستۈرۈش كېرەك. C BlXC7_Mi  
IJIQ" s  
o<J5!  
بۇنىڭدىن كېيىن يەنە قانداق ئىجادىيەت پىلانلىرىڭىز بار؟ kY!C_kFcn  
.. UoyBV  
بۇنىڭدىن كېيىن كۆپرەك ئۆگىنىپ ئازراق يېزىش ئارزۇيۇم بار. تۇرمۇش، خىزمەت ھەلەكچىلىكى بىلەن بولۇپ كېتىپ بۇ ئىشلار تاشلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. شۇنداقتىمۇ پۇرسەت چىقىرىپ يېزىقچىلىقنى قەتئىي داۋاملاشتۇرىمەن. ھازىر كاللامدا ئىككى روماننىڭ ۋەقەلىكى بار، بۇلار توغرىسىدا ھامان يازىمەن، ئاۋۋال بلوگدا ئېلان قىلىپ، ئاندىن كىتاب قىلىپ نەشر قىلدۇرىمەن. } J(1V!EA  
?9S+Cj`  
* * * * * * *
fq(5Lfe}  
KpGUq0d@  
تىما ئاخىرىدا بىز مىسرانىم مۇنبىرىدىكى بارلىق تورداشلار،ھەم كەڭ ئوقۇرمەنلەر نامىدىن ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەدنىڭ ئىجادىيىتىگە ئۇتۇق،تىنىگە سالامەتلىك،ئىشلىرىغا بەرىكەت،ئائىلىسىگە بەخت،تۇرمۇشىغا شاد-خوراملىق تىلەيمىز. lh$CWsx  
raHVkE{<  
[ بۇ يازما تارىم تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]
تېما تەستىقلىغۇچى : قىزغىن
تەستىقلانغان ۋاقىت :
2010-08-23, 07:01
-سىز كۆرۋاتقان تىما ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد بىلەن سۆھبەت,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
بۇ يازمىنىڭ باھالىنىش ئەھۋالى:
  • مۇنبەر پۇلى:+100(@OTKAX@) نادىر تىما
  • مۇنبەر پۇلى:+100(padixah) سۆھبەتنىڭ ئۇ ..
  • ۋاقىت - يېتىلىش دېمەكتۇر ! ۋاقىتى - سائىتى پىشقان نەرسىنىڭ مۆجىزە يارتىشى ۋاقىتنىڭ يېتىلگەنلىكىنىڭ دەلىلى .

    ـــــ QQ:1196769821 ـــــ
    DILYARA
    دەرىجە: يېـڭى مــېھان
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 7207
      جىنسى: يوشۇرۇن
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 4
    ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە4دانە
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 13 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 55(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-21
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-02
    1 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-08-23 03:10 PM

    بۇيازغۇچىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كىيېنكى ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن . يازغۇچىلارنى كۆرەلمەي ئۇلارنىڭ كەينىدىن بۇرتۇقاي يالغانلارنى ،تۇقۇپ ئۆز كۆڭلىنى خوش قىلىدىغان مەددە قۇرۇتلار تور دۇنياسىدىلا بارمىكىن دىسەم ئەسلى رىئاللىقتىمۇ مەۋجۇت ئىكەن ئەمەسمۇ ...
    kokyal
    تۆت تادۇ ئۇيغۇر تېبابىتى
    دەرىجە: ئالىي ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 4418
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 772
    ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە772دانە
    ياخشى باھا: 111 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 9712 سوم
    تۆھپىسى: 2 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 532(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-07-21
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-04
    2 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-08-23 03:10 PM

    ئەنۋەر ھاجىنى تور ئەدەبىياتىدىكى باشلامچىلاردىن دەپ قاراشقا بولىدۇ . بولۇپمۇ ئۇنىڭ زىنا ئالدىدا ئولتۇرغان قىز ناملىق رومانى مۇنازىرە مۇنبەرلەردىكى  نۇرغۇن ئەڭ...لەرنى ياراتقان . كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنىمۇ ھەم شۇنداق . يازغۇچىنى  مۇشۇ ئىككى رومانى ئارقىلىق ئۇيغۇر  تور ئەدەبىياتىغا مۇستەھكەم ئۇل قويدى دەپ قارايمەن . بىزدىنمۇ ئەشۇ خەنزۇ يازغۇچىلارنىڭ بلوگلىرىغا ئوخشاش بلوگلار مەيدانغا كەلسە  دەيمەن. u}^a^B$  
    بۇ تېمىنى نادىرلاپ قويۇڭلار . نادىر تېمىلار قاتارىغا نۇر چېچىپ تۇرسۇن.
    [ بۇ يازما kokyal تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]
    ئىچىڭدىكى ئىچىڭدىدۇر.
    sultan
    سەن تېخى ئۆزۈڭنى چۈشەنمىدىڭ!
    دەرىجە: مۇنبەر باشقۇرغۇچى

    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 498
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 401
    ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە401دانە
    ياخشى باھا: 44 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 10206 سوم
    تۆھپىسى: 11 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 1750(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-23
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-05
    3 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-08-23 03:16 PM

    تەھرىرلىنىۋاتىدۇ....   
    XERHAN
    ئادەم ئۇ ئاخىرى بىر ئۇچۇم تۇپراق !
    دەرىجە: تېرىشچان ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 446
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 316
    ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە316دانە
    ياخشى باھا: 44 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 1941 سوم
    تۆھپىسى: 5 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 213(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-23
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-04
    4 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-08-23 03:28 PM

    يەنە بىر بىلىم ئىگىسى بىلەن تونىشقىنىمدىن خوشالمەن ! @2x0V]AI  
    V+4k!  
    مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك خاتىرە سۆھبەتلەرنى كۆپرەك كۆرۈشنى ياقتۇرىمەن .
             قايغۇرساڭ قايغۇرغىن لىكىن ئىچىڭــدە
                 نامەرىتلەر ئالدىدا زادى چاندۇرمــــا
    AlgaNazar
    غالىپلارچە ياشاشنى بىلمىسەڭ، ئەسىرلەرچە ياشايس& ..
    دەرىجە: ئالىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 419
      جىنسى: يوشۇرۇن
    نادىر تېما: 1
    ئومومىي يازما: 244
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە244دانە
    ياخشى باھا: 79 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 2513 سوم
    تۆھپىسى: 5 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 427(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-22
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-05
    5 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-08-23 03:29 PM

    تارىم بۇ بۇ سۆھبەت بەكمۇ ئوڭۇشلىق بولغاندىن سېرت ئەھمىيىتى بەكمۇ زور بولىپتۇ. بىر يازغۇچىمىزنى چۈشىنىش بىلەن تەڭ ئەدىبىيات سېپىدىكى يازغۇچىللىرىمىزنىڭ بېشىغا كىلدىغان ھەر خىل ئىشلارنىمۇ چۈشەنگەندەك بولدۇم.
    marjan
    كۈلۈمسىرەش - ئەڭ چوڭ مۇۋەپپىقىيەت!
    دەرىجە: دائىملىق ئــەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 1742
      جىنسى: خانىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 133
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە133دانە
    ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 929 سوم
    تۆھپىسى: 4 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 107(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-31
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-03
    6 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-08-23 03:39 PM

    ئەنۋەر ئاكىنى مەن بەك ھۆرمەتلەيمەن، بۇ قېتىم ئۇنىڭ تەرجىمھالى بىلەن تونۇشۇپ چىقىپ ھۆرمىتىم تېخىمۇ ئاشتى، ئەسەر يېزىشتا ئۆزگىچە ئۇسلۇپ ياراتقان، تىلى ئۆتكۈر،تىرىشچان بۇ يازغۇچىمىزنىڭ تېنىگە سالامەتلىك ،ئائىلىسىگە خاتىرجەملىك تىلەيمەن...
    UYGHURAAA
    ئۇيغۇرغائىتتىپاق قانۇن بىلىم لازىم
    دەرىجە: دائىملىق ئــەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 3750
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 205
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە205دانە
    ياخشى باھا: 114 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 1770 سوم
    تۆھپىسى: -1 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 116(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-07-11
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-03
    7 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-08-23 04:00 PM

    مەن بىلەن قۇرداش كىلىدىكەن. نادىر تىما، باشقۇرغۇچىلار سىلەرگە ھىكايە، رومان ياكى پوۋست بولسىلا نادىر تىما بولۇپ مۇنداق تىمىلار قالامدۇ؟
    ئۇيغۇر كەلگۈسىى ئۈچۈن قانۇن،بىلىم ئۈگىنىش كېرەك.

    ياخشىنى بىرى تارقاتسا،ئىغۋانى مىڭى تارقىتىدۇ.
    kaisar
    سەن ئۆزەڭنىڭ كىملىكىنى ئۇنتۇپ قالما
    دەرىجە: كــۆنگەن ئــەزا

    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 427
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 1060
    ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1060دانە
    ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 2670 سوم
    تۆھپىسى: 4 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 792(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-23
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-03
    8 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-08-23 04:07 PM

    مانا مەن بىر تور يازغۇچىسى بىلەن تۇنۇشتۇم       ..      ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشىنى تىلەيمەن  .
    مۇۋاپىقىيەت تىرىشقارلارغا مەنسۇپ
    begana
    ئاددىيلىقىمنىڭ ئۆزى مودا..
    دەرىجە: يىـــڭى ئـــەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 7197
      جىنسى: خانىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 13
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە13دانە
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 40 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 45(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-21
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-05
    9 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-08-23 04:08 PM

    بۇ تىمىنى قايتا -قايتا ئوقۇپ يازغۇچىغا بولغان ھۆرمىتىم تىخمۇ ئاشتى. xO9]yULgu  
    بولۇپمۇ ئۇنىڭ توردىكى ئىسىمىنىڭ مەنسى .  دادىسىنىڭ ۋە ئاپىسىنىڭ ^* /v,+01f  
    ئەڭ ئىسىل ئاتا-ئانا ئىكەنلىكىدىن سۆيۈندۈم.دادىسىنىڭ ياتقان يىرى جەننەتتە بولسۇن.مەيلى قايسى كەسىپ،قايسى ساھەدە بولسۇن ئوخشىمىغان ئوڭۈشسىزلىقلار بولىدۇ.بەزىدە ئاقمۇ قارا بولۇپ قالىدۇ.ئاخىرىغىچە بەل قويۋەتمەسلىكلا ئادەملىكىنىڭ پىرىنسىپى. 84oW  
    قارىسام يازغۇچىمىز ئۆزگىچە ئۇسلۇپقا ئىگە بولۇپ قالمايلا ئىقىمغا يىقىن ،مودىراق . s*~jvL  
    پىكرى سەل ئالدىدا ماڭغاندەك بىلىنىدۇ. @tv];t  
    بىر چاغلاردا بىرەيلەننىڭ ئابدىقادىر جالالدىنىڭ ئەسەرلىرنى چۈشەنمەيمەن. g7}z &S ;_  
    بۇ كىشى بىزنىڭ بەك ئالدىمىزدا ماڭامدۇ ياكى خىلى كەينىمىزدىمۇ دىگىنى ئىسىمدە. 2}#wd J`  
    بەزىدە سەل .ئاشۇرۇلغانمۇ نىمە دەپمۇ قالىمەن.مەن سەھرالىق ئەمەسمۇ؟ )Fr;'JYC1S  
    كۆزۈممۇ بەك ئىچىلىپ كەتمىگەن........... `@.s!L(V  
    ئاخىرىسدا يازغۇچىنىڭ يۈرىكى ۋە ئۆپكىسىگە شىپالىق تىلەيمەن .تەن ساقلىق ئەڭ تەسىرلىك رومان(چاقچاق) /%q9hI   
    ئىلھامىڭىزنى كۆپچىلىكتىن ئايىمىغايسىز. t>h i$NX{p  
    تىمىنى يوللاپ يازغۇچىنى تۇنۇشتۇرۇشقا مۇيەسسەر قىلغان توردىشىمىزغا رەھمەت.
    suzuk-ay
    ئەركەك بول ، قېلىچتەك بول!
    دەرىجە: ئالىي ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 1729
      جىنسى: خانىم
    نادىر تېما: 5
    ئومومىي يازما: 811
    ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە811دانە
    ياخشى باھا: 149 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 10834 سوم
    تۆھپىسى: 9 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 1035(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-31
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-03
    10 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-08-23 04:09 PM

    رەھمەت تېمىڭىزغا تارىم ...  
    بۇ تېمىنى ئوقۇۋېتىپ ئەنۋەر ئاكىمىزنىڭ "لاي سۇ ئىچكەن جانلار" ناملىق پوۋىستىنى ئەسلەپ قالدىم.مۇشۇ ئەسەرنى ئوقۇپلا مۇئەللىپكە قول قويغانىدىم . DMxS-hl  
    نادىر تېمىدىن يەنە بىرنى يوللاپسىز ...بولسا بۇ تېما نادىرلانسا...
    تىلىكىم ئەقلىمدىن ئازدۇرما خۇدا ،
    قېپ قالماي پوكانغا سەجدە -ئىقتىدا.
    مېھنەتسىز غايىپتىن كەلمىسۇن رىسقىم،
    قىسقىسى ھارامدىن ئەيلىگىن جۇدا.
    mihir
    دۇنيا دا بىكارغا بىر ۋاخ تاماق يوق
    دەرىجە: تېرىشچان ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 594
      جىنسى: خانىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 328
    ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە328دانە
    ياخشى باھا: 7 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 1510 سوم
    تۆھپىسى: 3 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 811(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-24
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-03
    11 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-08-23 04:13 PM

    سۆھبەتنىڭ مەزمۇنىدىن خەۋەردار قىلغان قىرىندىشىمىزغا تەشەككۈر ، ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەدنىڭ تەرجىمە ئەسەرلىرى بولسۇن ياكى ئۆز يازمىلىرى بولسۇن ناھايتى جانلىق ، بايانلىرى ئىنىق يىزىلىدۇ ، بۇنىڭدىن يازغۇچىنىڭ تۇرمۇشقا بولغان كۆز قارىشىنىڭ نەقەدەر گۈزەللىگىنى ، كۆڭلى كۆكسىنىڭ كەڭلىكىنى بىلىۋىلىش قىيىن ئەمەس ،ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد قىرىندىشىمىزنىڭ تىنىگە سالامەتلىك ، تۇرمۇشىغا ئاسايىشلىق يار بولسۇن .
    [ بۇ يازما mihir تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]
    ئەلۋەتتە بىكارغا مۈشۈك ئاپتاپقا چىقمايدۇ  ھې ھې ھې...
    alimjan277
    qahqahqi
    دەرىجە: تېرىشچان ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 7182
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 340
    ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە340دانە
    ياخشى باھا: 22 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 1199 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 56(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-21
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-04
    12 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-08-23 04:33 PM

    ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەت ھەقىقەتەن ماختاشقا ئەرزىگۈدەك ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ پەخىرى !!!!!!مەن ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەتنىڭ < لاي سۇ ئىچكەن جانلار >دىگەن ئەسىرنى ئۇقۇغان .بەك ياخشى يېزىلغان ئەسەر ئۇ .     تارىم، رەھمەت سىزگە ماڭا ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەت ئاكىمىزنى تېىخىمۇ ياخشى چۈشۇنۇش پۇرسىتىگە ئىگە  قىلدىڭىز !!!!!!
    ئۆزىنى بىلىش ئىنساننىڭ ئەڭ ئېسىل خىسلىتى!!!!!ھايات يەنىلا گۈزەل!!!
    harsan
    دەرىجە: دائىملىق ئــەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 1311
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 180
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە180دانە
    ياخشى باھا: 39 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 1367 سوم
    تۆھپىسى: 4 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 609(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-29
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-04
    13 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-08-23 04:49 PM

    بۇ بىر كۆۈرۈشكە ئەرزىگۈدەك تېما بوتۇ ،تەپسىلى ئوقۇپ چىقتىم ،يازغۇچىنىڭ تەرجىمىھالى بىلەن قىسقچە تونىشىۋالدىم. بۇ ھەقىقەتەن ياخشى تېما بوپتۇ.