2
قەدىردان دوستى ئالىمجان بىلەن بىرلىكتە مائارىپ ئىدارىسىغىمۇ كەلدى. مائارىپ ئىدارىسىدە ئادەم ئادەتتىكىگە قارىغاندا سەل كۆپرەك ئىدى. قەدىردان سەل ئىككىلىنىپ قالدى. قانداق قىلىش كېرەك؟ مائارىپ ئىدارىسىگە كىرىپ «مەن ئىچكىرى شىنجاڭ تۇلۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئىمتىھان بەرگەن، نەتىجەمنى ئۇققىلى كەلدىم.» دېيىش كېرەكمۇ؟
ياق، قەدىرداندا بۇنداق جۈرئەت نەدە تۇرسۇن. ئۇ ھەتتا مائارىپ ئىدارىسىدىكىلەر تۈگۈل ئۆزىنىڭ دەرس بەرگەن ئوقۇتقۇچىلىرىغىمۇ بىر ئېغىز سۆزنى دادىللىق بىلەن قىلالمايدىغان تۇرسا، ئۇ بۇ ھاياتىدا ھېچنېمىدىن قورقمىسا قورقمايدۇكى لېكىن مۇئەللىمدىن ئۆلگۈدەك تەپ تارتىدۇ. ئۇنىڭ بىرەر قېتىم مۇئەللىملەرگە ئەركىن ئازادە گەپ قىلىپ باققىنىنى كىم كۆرۈپتۇ دەيسىز. ئۇنىڭ بۇنداق مۇئەللىمنى كۆرسە خۇددى ئەزرائىلدىن قورققاندەك قورقۇپ تىلىغا گەپ كەلمەيدىغان بولۇپ قېلىشىغا يەنىلا شۇ مۇئەللىملەر سەۋەبچى بولغان ئەمەسمۇ؟
ئەسلىدە ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچى دېگەن دەرستە ئۇستاز ۋە ئوقۇغۇچى مۇناسىۋىتىدە بولسىمۇ لېكىن دەرستىن چۈشكىنىدە ئەركىن ھالدا ئۆز-ئارا پاراڭلىشىپ پىكىرلىشىپ، سىرداشسا بۇنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا نېمە تەسىرى بولسۇن؟ لېكىن قەدىردانلار ئوقۇغان مەكتەپتە بۇنداق ئەركىن ئازادە ھالدا مۇئەللىملەر بىلەن پىكىرلىشىش نەدە تۇرۇپتۇ دەيسىز. مەكتەپ بىر يېزا مەكتىپى بولغانلىقى ئۈچۈنمىكىن تاڭ ئىشقىلىپ قەدىردانلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ھەممىسى دېگۈدەك ئوقۇغۇچىلارغا قاپىقىنى ئاچمايدىغان، ھە دېسە ئوقۇغۇچىلارنى ھاقارەتلەپ ئۇلارنىڭ ساپ، سۈزۈك، زىبا دىلىغا ئازار بېرىپلا يۈرەتتى.
قەدىردان ھېلىمۇ ئۇنتۇپ قالغىنى يوق. تۇلۇقسىز 1-يىللىققا چىققاندا ماتېماتىكا دەرسى بېرىدىغان مۇئەللىم ھەمىشە ئوقۇغۇچىلارغا پوپوزا قىلىپ ئۇلارنى ھاقارەتلەيدىغان بىر مىجەزى بار ئىدى. بىر كۈنى مۇئەللىم ھەركۈندىكىدەك قاپىقى تۈرۈلگەن ھالدا سىنىپقا كىرىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىنقى سائەتلىك دەرسلەرنى ئۆزلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى بىر قۇر ئىگىلەش ئۈچۈن ئالدىدا ئولتۇرغان پاتىمە ئىسىملىك بىر ئوقۇغۇچىنى دوسكىغا چىقىرىپ ھېساب ئىشلەتكۈزۈپ كۆردى. لېكىن پاتىمە ئالدىنقى قېتىملىق دەرسنى تازا ئۆزلەشتۇرەلمىگەنمۇ قانداق مۇئەللىم دوسكىغا يېزىپ بەرگەن ھېسابنى زادىلا ئىشلىيەلمىدى. شۇنىڭ بىلەن مۇئەللىم قايناشقا باشلىدى.
ــــ سەن قاسماقلار، دەرسنىمۇ ياخشى ئۆگەنمەي كېلىشىسەن. ئېيتىشە قېنى قاسماقلار، ئۆيۈڭگە بارساڭ نېمىش قىلىشىسەن؟ پوق يەمسەن ھە؟ سەن قاسماقلارغا دەرس بېرىپ مەن ھەقىقەتەن زايە بولۇپ كەتتىم بىلىشەمسەن؟ مەن دېگەن بېن كې سىڭ(本科生) ئۇقۇشامسەن ھە؟ مەن بېن كې سىڭ(قەدىردان بۇ ۋاقىتتا بېن كې سىڭ دېگەننىڭ نېمىلىكىنىمۇ بىلمەيتتى) تۇرۇپ سەن قاسماقلارغا دەرس بېرىمەن دەپ مۇشۇ يەردە ئۆزۈمنى زايە قىلىپ يۈرىيمەن. سەندەك قاسماقلارغا دېسەم بارغۇ قارا، مېنىڭ بەش ياشلىق بالاممۇ سەن قاسماقلاردىن كۆپ نەرسە بىلىدۇ. ئۇقۇشتۇڭمۇ؟ مېنىڭ بەششششششش ياشلىق بالام(مۇئەللىم شۇنداق دېگىنىچە بەش بارمىقىنى چىقىرىپ بالىلارغا خۇددى مېنىڭ ماۋۇ ئالتۇن ئۈزۈكۈمنى كۆردۈڭمۇ؟ دېگەندەك بارماقلىرىنى سوزۇپ قالايمىقان پۇلاڭلاتقىنىچە سۆزلەشكە باشلىدى.)
سەنلەر ھازىر بەش ياش ئەمەس ئون ئۈچ ياش بولۇپ قالغان قاسماقلار تۇرۇپ ئاشۇ بەش ياشلىق بالىچىلىك نەرسە بىلىشمىسەڭ. سەن قاسماقلارغا دەرس بېرىپ ۋاقتىمنى ئىسراپ قىلغۇچە ئىشخانامدا ئولتۇرۇپ ئارامىمنى ئالسامچۇ كاشكى...
قەدىردان مۇئەللىمنىڭ ئېغىزىغا قاراپ ھاڭ تاڭ قالدى. مۇئەللىم تۇرۇپ مۇشۇنداق گەپلەرنى قىلسا، ئاشۇنداق ئۆز ئوقۇغۇچىلىرىنى خارلىسا بۇ قانداق بولغىنى؟ ئۇنىڭ بېن كې سىڭ دېگىنى نېمە دېگىنىدۇ؟ ئەجەب قەدىردان ئاڭلاپ باقمىغان سۆزكىنا بۇ؟ ئەجەب ئۇيغۇرچىغا ئازراقمۇ ئوخشىمايدىغان گەپكىنا؟
مانا شۇنىڭدىن باشلاپ قەدىرداننىڭ ئوقۇتقۇچىلارغا بولغان كۆز قارىشى ئۆزگىرىشكە باشلىدى ھەمدە ئوقۇتقۇچىلارنى كۆرسە خۇددى ئەزرائىلنى كۆرگەندەك قاچىدىغان بولۇپ قالدى.
مانا بۈگۈن مائارىپ ئىدارىسىگە كېلىپ ئىدارىدىكى بىرەر رەھبەردىن ئۆزىنىڭ نەتىجىسىنى سوراش ئۇنىڭغا شۇنچە تەس كەلگەن ئىدى. ئۇ شۇنداق دېلىغۇل بولۇپ تۇرغان پەيتتە ئىشخانىدىن سېمىز ئەمما ياش بىرى چىقىپ كەلدى. بۇ ئادەم قەدىردانلارنىڭ مەكتىپىگە كۆپ قېتىم چىققان ئىدى. شۇڭا قەدىردان گەرچە بۇ ئادەمنى تونۇمىسىمۇ لېكىن ئۇنىڭ مائارىپ ئىدارىسىدىكى بىر غوللۇق كادىر ئىكەنلىكىنى، بولۇپمۇ ئىچكىرىگە ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشلىرىغا مەسئۇل ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. شۇڭا قەدىردان ئۇ ئادەمدىن سوراپ بېقىش ئۈچۈن ئالدىغا تەمشىلىۋېدى ئۇ ئادەم ئۆزى گەپ باشلاپ قالدى.
ـــ ھە ئۇكىلىرىم كەپقاپسىلەرغۇ؟
ـــ ئاڭلىساق... ئىچكىرى شىنجاڭ سىنىپىغا ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى چىقىپتىمىش شۇڭا نەتىجىمىزنى ئۇقۇپ باقايلى دەپ كەلگەن.
ـــ ھە مۇنداق دەڭلار، قايسى مەكتەپ ئوقۇيسىلەر؟
ـــ قۇمكۆل مەكتىپى.
ـــ ھە، سىلەرنىڭ نەتىجەڭلارنى ھازىرلا سىلەرنىڭ ئىلمىي مۇدىرىڭلار ئېلىپ چىقىپ كەتتى. سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ مەكتىپىگە بېرىپ شۇ يەردىن سۈرۈشتۈرسەڭلار بولىدۇ.
ـــ رەھمەت سىزگە، ئاۋارە قىلدۇق.
ـــ ياق، ھېچقىسى يوق.
ئۇلار ئىككىسى بازاردىن يېزىدىكى مەكتىپىگە چىققۇچە قەدىردان يولدا ھەرخىل پەرەزلەرنى قىلىپ چىقتى، مەن بۇ قېتىم ئىمتىھاندىن ئۆتەلىشىم مۇمكىن ئەمەس، مېنىڭچە مەكتەپكە چىقمىغىنىم تۈزۈك، بولمىسا ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگەنلىكى ئايان بولغاندىن كىيىن ئاۋۇ مۇئەللىم يەنە ئېغىزىنى بۇزۇپ تازا تىللاپ كەتسە قانداق قىلغۇلۇق؟
مۇئەللىم يەنە قەدىردانغا:
ھە، قەدىردان ئادەتتە دەرستە خېلى ياخشىدەك قىلاتتىڭىز، ئىمتىھاندىن ئۆتىدۇ دەپ شۇنچە ئۈمىد كۈتكەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويۇپسىزدە؟ «ئىشەنگەن تاغدا كېيىك ياتماپتۇ.» دەپ ھالىڭىز شۇمىدى؟ ئوقۇتقۇچىلار سىزگە قانچىلىك ئۈمىد باغلىغان ھە؟ مائارىپ ئىدارىسىدىكىلەر قۇمكۆل مەكتىپىدىن بىرمۇ بالا ئىچكىرىگە ئۆتەلمەپتۇ دەپ مەكتەپكە بولغان ئىشەنچىنى يوقىتىپ قويسا، بۇنىڭدىن كىيىن بىزنىڭ مەكتەپتىن يەنە ئۈمىد كۈتكىلى بۇلامدۇ؟ سىزدەك ئوقۇغۇچىلار ئۆتەلمىگەن يەردە باشقا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆتەلىشى مۇمكىنمۇ ھە؟
ئۇلار مەكتەپكە چىقىۋاتقاندا، مەكتەپنىڭ ئىلمى مۇدىرى ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن موتسىكىلىت بىلەن كېلىپ ئۇلارغا دەرھال مەكتەپكە چىقىشنى ھەمدە باشقا بالىلارغىمۇ ئۇقتۇرۇش قىلىپ قۇيۇپ، (ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تۇلۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارغا) ئۇلارنىڭ تىزدىن مەكتەپكە چىقىشىنى ئۇقتۇرۇپ قۇيۇپ تىزلا مەكتەپكە كەتتى.
ئۇلار يولدا باشقا ساۋاقداشلىرىغا خەۋەر قىلىش ئۈچۈن يۈرۈپ كەتتى.
قەدىردان كاللىسىدا ھەر خىل خىياللارنى قىلىپ گاراڭ ھالدا مەكتەپكە كېلىپ ئەمدىلا ئىشخانا ئالدىغا كېلىشىگە قايەردىندۇ بىر قانچە مۇئەللىملەرنىڭ «قەدىردان مۇبارەك بولسۇن!» دېگەن سۆزى كېلىشكە باشلىدى. قەدىردان بۇ سۆزنىڭ قايسى ئىشخانىدىن كەلگەنلىكىنى ئاڭقىرىپ بولغىچە، يەنە بۇ سۆزنىڭ كېلىش مەنبەسى ئاللىقاياقلارغا يۆتكىلىپ يەنە ئاۋاز تۈسى ئۆزگىرىپ ئوخشاشلا «قەدىردان مۇبارەك بولسۇن!» دەپ ئاڭلىنىشقا باشلىدى. بۇ ۋاقىتتا قەدىردان ئۆزىنىڭ ئىمتىھاندىن ئۆتكەنلىكىگە ئاز-تولا ئىشىنىشكە باشلىدى، لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئىمتىھان مەزگىلىدە ھەر قېتىملىق ئىمتىھاندىن چىققىنىدا چوڭ ئاكىسى نۇرمەمەتنىڭ ئۇنىڭدىن «ئىمتىھاننى قانداقراق بەردىڭ؟» دەپ سورىغان سوئالىغا «بەك تەس ئىكەن ئىشلەپ بولالمىدىم سوئال قەغىزى ئاق قالدى.» دەپ جاۋاب بەرگىنىنى، ئاكىسى ئۇنىڭغا «ئۇكام، ئاشۇ يىراق يەردىن بۇ يەرگە ئىمتىھان سوئال قەغىزىنى ئاق قۇيۇپ قويغىلى كەلگەنمۇ؟» دېگەن سوئالىغا جاۋابەن «ئىشلەپ بولالمىسام، قانداق قىلىمەن ئەمدى ئاكا، ئىشلەپ بولالمىغاندىكىن ئاق قالىدىغان گەپكەن شۇ.» دەپ جاۋاب بەرگەنلىكىنى، نۇرمەمەتنىڭ ئۇنىڭغا:
ـــ بوپتۇ، ئىمتىھاندىن ئۆتسىەڭ كۇلىغا كىرىپ كىتەرسەن. ئۆتەلمىسەڭ ئۆيدە چوڭ كەتمەن بارغۇ، شۇ ساڭا تەييار ئۇكام.
دەپ ئۇنىڭغا ئارتۇقچە گەپ قىلمىغان، چۈشلۈك تاماققا ماڭغاندا بۇ بىر مەكتەپتىن ئىمتىھانغا تىزىماتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۆز بالىلىرىدىن ئىمتىھاننى قاندانراق بەرگەنلىكىنى سورىغىنىدا بىرسى «مەن ماتىماتىكىدىن 95 ئالىمەن.» دېسەن يەنە بىرى تۇرۇپ « مەن 86 ئالىمەن.» دەپ ئۆز ئاتا ئانىلىرىنى خۇشال قىلىۋاتقان پەيتتە قەدىردان ئاكىسىنىڭ سۆزسىز كېتىۋاتقىنىغا قاراپ، ئىچىدە«ئەجىبا بۇلار شۇنداق ياخشى بەرگەنمىدۇر؟ سۇئال ماڭا ئەجەپ تەس تۇيۇلغان تۇرسا بۇلار قورقماي ئانچە ئالىمەنەي، بۇنچە ئالىمەن دەپ ئۆزىنى كۆرسىتىۋاتمامدۇ؟ مەن ھازىر ئۆزۈمنىڭ بۇ قېتىمقى ماتىماتىكا ئىمتىھاندىن 60 ئالالىشىمغا ئىشەنمەي تۇرىۋاتقسام ماۋۇلار ئەجەپ ياخشى بېرىپتۇغۇ. قارىغاندا مەندە راستىنلا ئۈمىد يوق ئوخشايدۇ.» دەپ ئۆزىنىڭ ئىچكىرىگە ئۆتۈش خىيالىنىڭ بىر ئەمەلگە ئاشمايدىغان چۈش ئىكەنلىكىگە ئىشىنىپ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى يۇقاتقان ۋاقىتتىكى خىيالىنى ئەسلەپ، مۇشۇنداق ئۆزىنىڭ قىلغان، ئەتكىنىنى ئاڭقىرالمىغان ھالدا ئىلمىي مۇدىرنىڭ ئىشخانىسى ئالدىغا قانداق كېلىپ قالغانلىقىنىمۇ سەزمەي قالدى.
ئۇ دوستى ئالىمجان بىلەن ئەمدىلا ئىلمىي مۇدىر ئىشخانىسىنىڭ ئالدىغا كېلىشىگە ئىلمى مۇدىر سۆزلەشكە باشلىدى:
ـــ قەدىردان ئىمتىھاندىن ئۆتۈپسىز، مەكتىپىتمىزدىن زاھىت بىلەن ئىككىڭلار ئۆتۈپسىلەر، ئەمدىكى مەسىلە ئۆگۈنلۈككە ۋىلايەتكە سالامەتلىك تەكشۇرتۈشكە بېرىشقا تەييارلىق قىلىش. شۇڭا ھازىر ئۆيگە بېرىپ بۇ خوش-خەۋەرنى ئۆيدىكىلەرگە يەتكۈزۈپ ئۆگۈنلۈككە ۋىلايەتكە بېرىشقا تەييارلىق قىلىڭلار. ھە راست، سالامەتلىك تەكشۈرتۇش ھەققى ئۈچۈن 180.00 يۈەن تەييارلايسىلەر. ئەمىسە قايتىپ تەييارلىق قىلىڭلار.
قەدىردان ئۆزىنىڭ قۇلىقىغا ئىشەنمەيلا قالدى. ئۇ خاتا ئاڭلىۋالمىغاندىمەن دېگەن خىيال بىلەن يېنىدىكى ئالىمجاندىن پەس ئاۋازدا سورىدى.
ـــ ئاداش، مۇئەللىم نىمە دەۋاتىدۇ؟
ـــ سىلىدە چاتاق يوقتۇ؟ نىمە دەيتتى شۇ سىلنى ئىمتىھاندىن ئۆتۈپسىز دەۋاتمامدۇ؟ ئالىمجان خوش ياقمىغان ھالدا جاۋاپ بەردى. چۈنكى ئۇنىڭ ئۆتەلمىگەنلىكى ئايان بولغان ئىدى.
ئاھ!... مەن ئىمتىھاندىن ئۆتۈپتىمەن-دە!
لېكىن قەدىردىن تۇيۇقسىز يەنىلا جىم بۇلۇپ قالدى. چۈنكى ئۇنىڭ قۇلاق تۆۋىدە مۇئەللىم ھېلىلا ئېيتقان: «سالامەتلىك تەكشۇرتۇش ھەققى ئۈچۈن 180.00 يۈەن...» دېگەن سۆز ئەكس سادا بۇلۇپ ياڭراۋاتاتتى.
ھايات ئادەمگە راستىنلا چاقچاق قىلىدىكەن. بەزىلەرنى كۈلدۇرسە، بەزىلەرنى يىغلىتىدىكەن. بەزىلەر بەخت قۇشىنىڭ بېشىغا قۇنۇشىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈپ كىچىسى كۆزىگە ئۇيقۇ كەلمىسە، بەزىلەر بەخت قۇشىنىڭ ئۆز بېشىغا قۇنۇپ قالغانلىقىنى ئۇققىنىدا بىردىنلا روھسىز بۇلۇپ كېتىدىكەن. ھاياتنىڭ ئۆزى بىر خۇشاللىقىدىن قايغۇسى كۆپ، جاۋابىدىن سۇئالى كۆپ بولغان بىر ھادىسە ئىكەن.
مانا قەدىردان ئۆزىنىڭ باشقىلار چۈشىدىمۇ ئېرىشەلمەيدىغان ئاشۇ ئىچكىرىكى تەرەققىي قىلغان شەھەرلەردە ئېچىلغان شىنجاڭ تۇلۇق ئوتتۇرا سىنىپىدا ھەقسىز ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى ئۇقۇپ بىردىنلا غەمگە پاتتى.