مىسرانىم باش بېتى | مودا MP3 | مىسرانىم MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر| يانفۇن مۇزىكىسى
ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 3416 قېتىم كۆرۈلدى
«12345»Pages: 1/5     Go
تېما: كۆڭۈل دېگەن ساراڭ - پوۋېست
DDV
ئادەم بولماق تەس
دەرىجە: دائىملىق ئــەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 6010
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 1
ئومومىي يازما: 80
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە80دانە
ياخشى باھا: 28 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 1220 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 23(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-10
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-03
0 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-08-21 08:36 PM

0 كۆڭۈل دېگەن ساراڭ - پوۋېست

ئەسكەرتىش: تېما باشقۇرغۇچى ئۇيغۇرۇم007 تەرپىدىن نادىرلاندى. (2010-08-23)


سىز مەيلى كىم بولۇشىڭىزدىن قەتئىينەزەر، ئەسىرىمنى رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!

كۆڭۈل دېگەن ساراڭ


پوۋېست


ئابابەكرى ئابدۇقادىر


1

ئەتراپىمدىكى تامامىي شەيئىيلەرنىڭ ئۆز تىلىدا ئۈنسىز ياڭرىتىۋاتقان ناخشىسىدىن زوق ئېلىپ، ھاياتتىن نېسىۋە قىلىپ ئالغان ھەر دەقىقەمنى ئۇنتۇلغۇسىز مەنالارغا ئوراپ، جاھاندىكى بارچە غەم - غۇسسىلەردىن خالىي ھالدا خىرامان ئويناپ يۈرگەن شېئىردەك گۈزەل ۋاقىتلىرىمنىڭ بىر دەقىقىسىدە ئارزۇگۈل ئىسىملىك چىرايلىق بىر قىز تۇيۇقسىز كۆڭۈل بېغىمغا بىر ئۈلۈش لېرىك ناخشىلارنى ئەگەشتۈرگىنىچە كىرىپ كەلدى. تىپتىنچ تۇرغان قەلب ئالىمىم يېنىك كۈيلەردىن يەڭگىل تەۋرىنىپ كەتتى. ئۇنى ئۇچراتقان شۇ كۈندىن باشلاپ يۈرىكىمنىڭ سوقۇشلىرىغا تاتلىق بىر تۇيغۇ ھەمراھ بولۇۋاتقان بولسىمۇ ئەمما ئارامىم بۇزۇلۇشقا باشلىدى. ئۇنىڭ قاپقارا قاشلىرى، قىياقتەك كىرپىكلىرى ئارىسىدىكى قۇياشتەك نۇرلۇق شەھلا كۆزلىرى، ئېقىپ چۈشكەن مۇز پارچىسىدەك چىرايلىق بۇرنى ئاستىدىكى ئويماقتەك ئېغىزى، سەدەپتەك چىشلىرى، كىلىشكەن قەددى - قامىتىگە ماسلاشتۇرۇپ كىيىنىشلىرى، بەئەينى پەيدەك يەڭگىل قەدەم ئېلىشلىرى قەلب ئالىمىمگە ھۆكۈمران بولۇپ يۈرىكىمنى تاتلىق ھېسلار ئىلكىدە لەرزان ئەللەيلىتەتتى. قەلبىمنىڭ چاڭ قونمىغان پىنھان دالاسىدا بىخ سۈرۈپ، يىلتىز تارتىپ، ئاستا - ئاستا پورەكلەپ ئېچىلىشقا باشلىغان شېرىن بىر ئىستەك ۋۇجۇدۇمنى ھەردەم تاتلىق قىينايتتى. ئۇنى كېچە - كۈندۈز ئويلايتتىم. خىيالىمدا ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىمنى تالاي رەت ئىزھار قىلاتتىم. ئۇنىڭ بىلەن مۇڭدىشاتتىم، كۈلەتتىم، يايرايتتىم...
رېئاللىققا قايتقىنىمدا قەلبىمگە يەنىلا ئەسلەش، سېغىنىش، تەلپۈنۈش ھەمراھ ئىدى. ئۇنى ھەر قېتىم ئۇچراتقان چېغىمدا ماڭا تاتلىق بىر تەبەسسۇم ھەدىيە قىلىپ قويۇپ، قارىغانلا ئادەمگە راسا بەرق ئۇرۇپ ئېچىلغان بىر دەستە قىزىلگۈلنى ئەسلىتىدىغان لاتاپەتلىك تۇرقى بىلەن كۆز ئالدىمدىن قۇشتەك يەڭگىل قەدەملەر بىلەن ئۆتۈپ كېتەتتى. شۇ ھامان ئۇنىڭ كەينىدىن بېرىشنى ۋە مۇھەببىتىمنى ئىزھار قىلىشنى ئويلايتتىم - يۇ، لېكىن پۇتلىرىم ئورنىدىن قىمىرلىمايتتى. ئۆز - ئۆزۈمگە: ( توۋا، تاغنى تالقان قىلغۇدەك ئەپتىم بار - يۇ، ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن قىزنىڭ كەينىدىن تۆت قەدەم تاشلىغۇدەك جۈرئىتىم يوق. بۇ نېمە ئىشتۇ؟ ) دەپ پىچىرلايتتىم. ھەر ئاخشىمى ئۇنىڭغا دېيىش ئۈچۈن كاللامدا نۇرغۇنلىغان تاتلىق سۆزلەر خۇددى ئەسكەرلەردەك رەت - رېتى بىلەن تىزىلىپ كىتەتتى. ( ھەر قانچە ئىش بولسىمۇ ئەتە ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىمنى چۇقۇم ئىزھار قىلىمەن. ) دەپ ئۆز - ئۆزۈمگە شۇنداق ۋەدە بىرەتتىم. لېكىن ئەتىسى ئۇنى كۆرگەن ھامان ئاخشىمى ئۆزۈمگە بەرگەن ۋەدىلىرىم ئۇۋىسىغا سۇ كىرگەن چۈمۈلىلەردەك پېتىراپ قاياقلارغىدۇر يوقاپ كېتەتتى. ئۇ كەتكەندىن كېيىن ئۆز - ئۆزۈمگە كايىيتتىم. جۈرئەتسىزلىكىمدىن ئاغرىنىپ، ئۇنىڭ كەينىدىن قاراپ خىيال دەرياسىغا چۆككىنىمچە مۇڭلىنىپ تۇرۇپ قالاتتىم.


2

ئۇنىڭ ئىشقىدا ساق ئالتە ئاي ئازاب تارتقاندىن كېيىن پۈتكۈل ۋۇجۇدۇمنى بىر تونۇر ئوت ئىچىدە قىيناپ كەلگەن پاك سۆيگۈمنى خەت ئارقىلىق ئىزھار قىلىش قارارىغا كەلدىم. شۇ تاپتا قولۇمدا قەلەم، ئالدىمدىكى شىرەدە گۈللۈك، خۇشپۇراق قەغەز. خەتنى نېمە دەپ باشلاشنى، قانداق يېزىشنى بىلمەي پۇرقىرىتىپ تاماكا چىكىپ ئولتۇرىمەن. كاللام خۇددى ئۆي ئىچى تاماكا ئىسىغا لىق تولغاندەك زىددىيەتلىك خىياللار بىلەن لىق تولغان ئىدى.
ئاخىرى نەچچە ئاخشام ھەپىلىشىپ يۈرۈپ مىڭ تەسلىكتە بىر پارچە سۆيگۈ مەكتۇپىنى يېزىپ پۈتتۈرۈپ ئۇنىڭ يېزا بازىرىدا تىككۈچىلىكنى ئۆگۈنۈۋاتقان بىر دوستىدىن ئەۋەتتىم. ئارزۇگۈل بۇ چاغدا ناھىيىلىك سەھىيە ئىدارىسىدىن دەم ئېلىشقا چىقىپ، ئۆيىدە خۇسۇسىي دوختۇرخانا ئېچىۋالغان پىشقەدەم بىر دوختۇرنىڭ ئۆيىدە دوختۇرلۇقنى ئۆگۈنۈۋاتاتتى.
ئۇنىڭ خېتىمنى تاپشۇرۇپ ئالغان ياكى ئالمىغانلىقىنى بىلمەيمەن. ئارىدىن ئۈچ كۈن ئۆتۈپ ئارزۇگۈل بىلەن ئىككىمىز يۈز - تۇرانە كۆرۈشتۇق. ئۇ بۈگۈن ئۈستىگە قىزىل رەڭلىك بىر قۇر كىيىم كىيىۋالغان بولۇپ پۈتكۈل تۇرقىدىن ئاجايىپ بىر خىل گۈزەللىك تۆكۈلەتتى. ئۇنى كۆرگەن ھامان يۈرەك سوقۇشۇم تېزلىشىپ كۆكرەك قەپىزىمگە شىددەت بىلەن ئۇرۇلۇشقا، پۈتكۈل جىسمىم ئاجايىپ بىر خىل شېرىن تۇيغۇ ئىچىدە يېنىك تىترەشكە باشلىدى. يۈز كۆرۈشكەندىن كېيىن يېزا بازىرىدىكى بىر ئاشخانىغا كىرىپ ئايرىمخانىدا ئولتۇرۇپ تاماق يېگەچ پاراڭلاشتۇق. ئۇنىڭ ئەتتىگەننىڭ ساپ ھاۋاسىدەك تاتلىق ئاۋازى قۇلاقلىرىم ئارقىلىق تۇمۇرلىرىمغا ئېقىپ كىرىپ، ۋۇجۇدۇمنى چەكسىز بىر لەززەت قوينىغا ئىتتىرىۋەتتى. ھاياجاندا تىلىم سۆزگە كەلمەيتتى. ئۇنىڭ يۈرىكىمنى ئىشق ئوتىدا زارلاتقان سېيماسى كۆز ئالدىمدا قۇياشتەك پارلاپ ئەس - ھوشۇمنى نەلەرگىدۇر سەرسان قىلىشقا ئۇرۇناتتى. كىيىۋالغان قىزىل رەڭلىك بىر قۇر كىيىمى چىرايى بىلەن بىرلىشىپ كۆرگەنلا ئادەمگە لاۋۇلداپ تۇرغان بىر دەستە ئوتنى ئەسلىتەتتى...
شۇنداق قىلىپ ئىككىمىز ئۆز - ئارا تونۇشتۇق، شۇنىڭدىن كېيىن كۈندە دېگۈدەك ئۇچراشتۇق، پاراڭلاشتۇق، مۇڭداشتۇق، سىرداشتۇق...
ئىككىمىز تونۇشۇپ ئىككى ئايدىن كېيىنكى بىر كۈنى كەچتە ئۇنىڭغا يۈز - تۇرانە تەلەپ قويدۇم. شۇ تاپتا ئۇنىڭ ئېغىزىدىن ماقۇللۇق جاۋابىنى ئاڭلاشنى بەكمۇ خالايتتىم. ئەمما ئۇ ئۈن - تىنسىزلا يېنىمغا كىلىپ خۇددى قىزىرىپ پىشقان ئالۇچىدەك لەۋلىرى بىلەن مەڭزىمگە يېنىككىنە بىرنى سۆيۈپ قويغاندىن كېيىن قىزىرىپ تۇرۇپ ماقۇللۇق بىلدۈردى ۋە مۆرەمگە بېشىنى ئاستاغىنە قويدى. ئۇنىڭ ئويماقتەك ئېغىزىدىن خۇددى بۇلاق سۈيىدەك ئاستاغىنە سىرغىپ چىقىۋاتقان ماقۇللۇق جاۋابىنى ئاڭلىغان چېغىمدا شۇنداق خوشال بولدۇمكى، شۇ چاغدىكى ھېسسىياتىمنى تىل بىلەن ئىپادىلەپ بېرەلمەيمەن ھەم شۇ چاغدا ئۇنى باغرىمغا چىڭ بېسىپ تۇرۇپ قۇلىقىغا تاتلىق شىۋىرلىغىنىمنى مەڭگۈ ئۇنتۇيالمايمەن...
ھاياتىمنىڭ قىزىلگۈلدەك خۇشپۇراق مىنۇتلىرى سۆيگۈ بەھرىدە ياشلىقىم بەتلىرىگە بىر - بىرىدىن تەسىرلىك نامىلەرنى پۈتۈپ، يۈرەك - باغرىمنى تاتلىق كۈيلەر قوينىدا ئەللەيلىتەتتى. ئارزۇگۈلنىڭ قۇياشتەك ئىسسىق مېھرى قەلب بوشلۇقۇمغا شەربەت بولۇپ قۇيۇلاتتى. بىر - بىرىدىن گۈزەل ئەستىلىكلەر روھىيىتىم دالاسىغا ئۇنتۇلماس سۆيگۈ خاتىرىلىرىنى ئابىدە قىلىپ ئويۇۋاتاتتى...


3

جىمىي ئەتراپ كۈز پەسلىنىڭ مۇڭلۇق ناخشىسىغا جۆر بولۇۋاتقان بىر كەچتە ئارزۇگۈلنىڭ ئۆيىنىڭ غەرب تەرىپىدىكى كىچىككىنە دەريا بويىدا كۆرۈشتۇق. ئالتۇندەك تاۋلىنىپ تۇرغان ساپسېرىق خازانلار پىرىلداپ چۈشۈپ ئۆز ناخشىسى بىلەن ئاشىق يۈرەكلەرنى چەكسىز رومانتىكا قوينىغا بۆلەيتتى.
- پەرھاد، بىز ئايرىلىپ كىتەيلى! - ئۇنىڭ كۈتمىگەندە قىلغان بۇ سۆزىدىن يۈرىكىم تۇيۇقسىز پۇلاڭلاپ كەتتى. تىترەك ئاۋازدا سورىدىم:
- نېمىشقا؟
- مەن دوختۇرلۇقنى ئۆگىنىپ بولغان كېيىن يەنە 3 - 4 يىل ئوقۇمىسام بولمايدۇ. شۇڭا...
- ئاران بىر كۆرۈشكەندە بۇنداق گەپلەرنى قىلمىغىنە بولدى...
- بۇ گېپىم راست. بۈگۈندىن باشلاپ سىز بىلەن كۆرۈشەلمەيمەن. - ئۇ شۇنداق دەپلا مېڭىشقا تەمشەلدى...
- سېنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغىنىمنى بىلەمسەن ئارزۇگۈل، مەن سەندىن ئايرىلىپ قېلىشنى ھەرگىز خالىمايمەن! - دېدىم ۋە ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇۋالدىم.
- كەچۈرۈڭ، ھازىر مەندىمۇ ئامال يوق. - ئارزۇگۈل شۇنداق دېگىنىچە قولىنى قولۇمدىن ئاجراتماقچى بولدى. مەن ئۇنىڭ قولىنى تېخىمۇ چىڭ تۇتۇۋېلىپ:
- ياق، ياق... - دېگىنىمچە ئەسەبىيلەرچە ۋارقىراپ كەتتىم ۋە ئۇنى چىڭ قۇچاقلىۋالدىم. ئۇ قۇچىقىمدىن چىقىش ئۈچۈن تىرمىشاتتى - يۇ، لېكىن چىقالماي ئاۋارە ئىدى. مەن ئۇنىڭ قۇلىقىغا: ( سېنى چىن دىلىمدىن سۆيىمەن ئارزۇگۈل. سېنى ھېچكىمگە بەرمەيمەن، سەن مەڭگۈ مېنىڭ! ) دەپ توختىماي پىچىرلاشقا باشلىدىم. ئۇ قۇچىقىمدىن چىقالماي ( ئەسكى، ئەسكى... ) دەپ ئوماققىنە قېيدىغىنىچە باغرىمغا چىڭ يېپىشتى...
كۈز كېچىسىنىڭ سۈتتەك ئايدىڭ ئاسمىنى يۇلتۇزلارغا لىق تولغان بولۇپ، ئىككىمىزگە ھەۋەس قىلغاندەك كۆز قىسىپ جىمىرلىشاتتى. بىز دەريا بويىنى بويلاپ ماڭغاچ قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتتۇق. ئارزۇ - ئارمان تۆكۈلۈپ تۇرغان بالدىن تەملىك پاراڭلار بىزنى بەخت دالاسىغا چىللايتتى...
كېچە تەڭ بولدى. ئارزۇگۈل قايتىپ كەتمەكچى بولدى. كۆڭلۈمدە ئۇنى بۇنىڭدىن كېيىن قايتا كۆرەلمەيدىغاندەك بىر تەشۋىش بار ئىدى. شۇڭا ئۇنى قويۇپ بەرمەسلىكنى ئويلاپ:
- مېنىڭ ئۆيۈمگە چىقايلى. ئەتە كەچ ئاتا - ئاناڭغا ئۇستامنىڭ ئۆيىدە قوندۇم، دەپ قويغىن. - دېدىم. ئۇنى بۇ گېپىمگە چۇقۇم قوشۇلمايدۇ، دەپ ئويلىغان ئىدىم. ئەمما ئۇ تارتىشىپراق قوشۇلدى. ئۆيگە چىقتۇق. مەن ئاتا - ئانام بىلەن بىر ھويلىدا بولغاچقا ئاۋۋال ئۆزۈم دەرۋازىنىڭ يېنىدىكى پاكار تامدىن ئارتىلىپ ھويلىغا كىرىپ دەرۋازىنى ئېچىپ قويۇپ ئاندىن كېيىن سىرتقا چىقىپ ئارزۇگۈلنى ئەكىردىم. بىز ئۆيگە كىرىپ ياتتۇق. ئارىدىن مىنۇت ئۆتمەيلا ۋۇجۇدۇمدىكى شەيتان ئويغىنىپ كەتتى...
ئىش شۇنداق تېز ھەم شېرىنلىك ئىچىدە ئاخىرلاشتى. ئەمما كۆڭلۈم نېمىشقىدۇر يېرىم ئىدى. يۈرىكىمنىڭ قانداقتۇر بىر يېرى دەز كەتكەندەك تۇيغۇدا ئىدىم. چۈنكى باغقا ئوغرى كىرىپ ئۆزۈمگە مەنسۇپ دەپ بىلگەن مېۋىنى ئوغرىلاپ كەتكەن ئىدى. قەلب خانەم خۇددى قارا بوراندا قالغان تاشلاندۇق ئۆڭكۈردەك ۋەھىمىلىك ھۇۋۇلداشقا، ۋۇجۇدۇم مۇزلاشقا باشلىدى...
چىراقنى ياندۇرۇپ ئارزۇگۈلگە قارىدىم. ئۇ دۇنيادىن بىغەم ھالدا يېنىك پۇشۇلدىغىنىچە تاتلىق ئۇخلاۋاتاتتى. سىرتقا چىقتىم. كېچە تەڭدىن ئاشقان بولۇپ، جىمىي ئەتراپ چەكسىز سۈكۈتكە چۆمگەن ئىدى. ھارغىن قەدەملىرىم بىلەن ئۆيۈم ئالدىدىكى ئۆستەڭ بويىغا كىلىپ ئولتۇرۇپ بىر تال تاماكا تۇتاشتۇرۇپ كۈچ بىلەن شورىغاچ خىيال دەرياسىغا غەرق بولدۇم. ئەجەبا جېنىمدىن ئارتۇق بىلىپ سۆيگەن قىز...
شۇ تاپتا مەن تاماكىنى چېكىۋاتامدىم ياكى تاماكا مېنى چېكىۋاتامدۇ، بىلمەيتتىم...
ئۆكتەبىر ئېيىنىڭ سوغۇق ھاۋاسى بەدىنىمنى قورۇغاندىلا ئۆيگە قايتىپ كىردىم. ئارزۇگۈل يەنە تاتلىق ئۇخلاۋاتاتتى. ئۇنىڭ مەڭزىگە چۈشىنىپ بولمايدىغان تۇيغۇدا بىرنى سۆيدۈم ۋە قوينىغا كىردىم. ئۇ نازلىق ئىڭرىغىنىچە ئويغاندى ۋە مېنى چىڭ قۇچاقلاپ ئوقچۇپ - ئوقچۇپ سۆيۈشكە باشلىدى. شەيتان يەنە ئويغىنىپ كەتتى...


4

ئورنىمىزدىن تۇرۇش خۇشياقماي خېلى ئۇزۇنغىچە پاراڭلىشىپ ياتتۇق. شۇنچە قىزغىن پاراڭلىشىۋاتقان بولساقمۇ كۆڭلۈم خۇددى خام ماي ئىچىۋالغاندەك غەلىتىلا ئىدى. ئورنۇمدىن تۇرۇپ مۇنچىغا كىرىپ، مۇزدەك سوغۇق سۇ بىلەن ئۇزاققىچە يۇيۇندۇم. مەن مۇنچىدىن چىققان چېغىمدا ئارزۇگۈل ئورنىدىن تۇرۇپ يوتقان - كۆرپىلەرنى يىغۇشتۇرۇپ قويۇپ تېلېۋىزور كۆرۈپ ئولتۇرۇپتۇ. مەن چىققاندىن كېيىن ئۇ مۇنچىغا كىرىپ كەتتى. مەن دەرھال بېرىپ كۆرپىنى ئېلىپ قېتىنى ئېچىپ كىرلىككە قارىدىم. كىرلىكتىن نېمىنىدۇر ئىزدەيتتىم. ئەمما ئىزدىگەن نەرسىنى تاپالماي كۆڭلۈم لەسسىدە بولۇپ ئۆزۈمنى سافاغا تاشلاپ بىر تال تاماكا تۇتاشتۇردۇم...
بىز ناشتا قىلماقچى بولۇپ، مەھەللە دوقمۇشىدىكى ئاشخانىغا بېرىپ ناشتىلىق ئەكەلدىم. ئىشىكنى ئېچىپ كىرىپلا تاڭ قالدىم. ئارزۇگۈل ئۆيدە كۆرۈنمەيتتى. يۈرىكىم پۇلاڭلاپ كەتتى. ئىچكىرىكى ئۆيگە قارىدىم، يوق. مۇنچىدىمۇ كۆرۈنمەيتتى. بىر چاغدا ئۇنىڭ قوڭغۇراقتەك زىل ئاۋازدا كۈلگەن كۈلكە ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئاۋاز چىققان تەرەپكە قارىدىم. ئۇ بۇلۇڭدىكى پەردە ئارقىسىغا مۆكۈنۈۋالغان ئىكەن. ئۇ كۈلۈمسىرىگىنىچە چىقىپ ئالدىمغا كەلدى. ئۇنىڭغا ئامراقلىقىم كېلىپ چىڭ قۇچاقلىۋالدىم. بىر - بىرىمىزدىن ئايرىلغۇمىز كەلمەيتتى. شۇڭا ئارزۇگۈلنى ئۆيىگە قايتقىلى قويمىدىم...
ناشتا قىلىپ بولۇپ چۈشكىچە تېلېۋىزور كۆرگەندىن كېيىن ئارزۇگۈلنى كىچىك ئاكامنىڭ ئۆيىگە باشلاپ باردىم. يەڭگەم ئۇنى قىزغىن كۈتۈۋالدى. ئىككەيلەننىڭ خۇددى بىر تۇققان ئاچا - سىڭىللاردەك شۇنداق قىزغىن پاراڭلىشىپ ئولتۇرغىنىنى ۋە قولمۇ - قول تاماق ئېتىپ، قىزغىن كەيپىيات بىلەن يەۋاتقىنىنى كۆرۈپ ئاچچىق تۇيغۇلار قوينىدا چايقالدىم. خىيال قۇشۇم پەقەت كېچىدىكى ئىش ئۈستىدىلا پەرۋاز قىلاتتى...
شۇ كۈنى كەچتە ئارزۇگۈلنى مەھەللىسىگە ئەكىرىپ قويۇپ چىقتىم. مەھەللىگە چىقىپلا يېقىن دوستۇم توختىنىڭ ئۆيى ئالدىغا كىلىشىمگە يەنە بىر دوستۇم ئابدۇسالام كەلدى. مەن ئۇنىڭدىن ئارزۇگۈلنىڭ ئانىسى بىلەن چوڭ ئانىسىنىڭ ئۇنى ئېلىپ بىزنىڭ ئۆيگە چىققانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئارزۇگۈلنى بىزنىڭ ئۆيدە تىللاپ، دۈشكەللەپ، ئۇرۇپ ھارغاندىن كېيىن ئاتا - ئانامغا: ( ئوغلۇڭغا خوتۇن ئېلىپ بېرىشكەن بولساڭ قىزىمىزنى ئېلىپ قاچمايتتى، ئوغلۇڭنى تېپىپ بىرىش، بولمىسا ئەرز قىلىمىز! ) دەپ جىدەل قىلغانلىقىنى ئۇقتۇم ۋە تەڭ كېچىدىن ئاشقاندا ئاستاغىنە ئۆي ئالدىغا كىلىپ تامدىن ئارتىلىپ ئۆيۈمگە كىرىپ ياتتىم.


5

ئەتتىگەن ئۆيۈمدە تاتلىق ئۇخلاۋاتاتتىم. بىر چاغدا ئىشىكنىڭ قاتتىق قېقىلىشىدىن چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتىم. چوڭ ئاكام مېنى چاقىرىۋاتاتتى. ئورنۇمدىن تۇرۇپ بېشىمنى تۆۋەن سالغىنىمچە ئاستاغىنە چوڭ ئۆيگە چىقتىم. مېھمانخانىدا دادام، ئانام ۋە ئىككى ئاكام چىرايىدىن قار - مۇز ياغدۇرۇپ ئولتۇرۇشاتتى. بىر قاراپلا ئىشنىڭ ئۆزۈم ئويلىغاندەك ئاددىي ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدىم. دادام بىلەن چوڭ ئاكامنىڭ كايىشلىرىغا سۈكۈت بىلەن جاۋاب قايتۇرۇپ ئولتۇردۇم. بولۇپمۇ دادامنىڭ:
- ئېسىت، سېنىمۇ ئوغۇل بالا دەپ بېقىپتىمەن؟ نەدىكى بىر لالمىنى يۇشۇرۇنچە ئۆيگە ئەكىرىپ پاك زېمىنىمىزنى بۇلغىغۇچە خوتۇن ئالغۇڭ كەلگەن بولسا بىزگە دېسەڭ بولمامدۇ؟ بىلىپ قوي، توي قىلماي تۇرۇپ ئەر كىشىنىڭ كەينىدىن چىقىپ نىكاھسىز پېتى بىر ئۆيدە ياتقان ئۇنداق رەسۋانى ئۆلۈپ كېتىدىغان ئىش بولسىمۇ ھەرگىز كىلىن قىلمايمەن! - دەپ ساقاللىرىنى تىترىتىپ قايناشلىرىدىن شۇنداق خىجىل بولدۇمكى، شۇ تاپتا مۇمكىن بولسا ئاسمانغا چىقىپ كەتكۈم ياكى يەر ئاستىغا كىرىپ كەتكۈم بار ئىدى. ئۇلارمۇ كايىپ - قاقشاپ بىر چاغلاردا توختىدى. ئۇلارنىڭ كېيىنكى سۆزلىرىدىن چوڭ ئاكامنىڭ ئايالى بىلەن ئارزۇگۈلنىڭ ئانىسىنىڭ بىر نەۋرە تۇققان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىزنىڭ چوڭ ئۆيدە تۇيۇقسىز كۆرۈشۈپ قېلىشى ۋە يەڭگەمنىڭ ئوتتۇرىغا چۈشۈشى بىلەن جىدەلنىڭ پەسەيگەنلىكىنى، ئاتا - ئانامنىڭ، تاغامنىڭ، ئىككى ئاكامنىڭ ۋە يەڭگىلىرىمنىڭ ئارزۇگۈلنىڭ ئانىسى بىلەن چوڭ ئانىسىغا كۆڭۈل قويغانلىقىنى، كېيىن ئاكامنىڭ كىچىك ماشىنىسى بىلەن ئۇلارنى ئۆيىگە ئەكىرىپ قويۇپ چىققانلىقىنى بىلدىم.
بىر چاغلاردا ئاستاغىنە سىرتقا چىقتىم ۋە دوستۇم ئابدۇسالامنىڭ ئۆيىگە بېرىپ بىردەم تاماكا چىكىشىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ بىر نەچچە كۈن ئايلىنىپ كىلىش ئۈچۈن شەھەرگە كىردىم ۋە شەھەر ئىچىنى كەچ كىرگىچە ئايلاندىم. كاللام گادىرماچ خىياللارغا لىق تولغان بولۇپ، خىيالىمنىڭ ئاخىرى يەنە شۇ ( مۇھەببەت، پاكلىق، كەلگۈسى... ) دېگەنلەرگە تاقىلاتتى.
يېنىمدىن كىشىلەر ئۈزۈلمەي ئۆتۈشۈپ تۇرسىمۇ ئۆزۈمنى يەر شارىدا يىگانە قالغاندەك ھېس قىلاتتىم. كەچ كىرىپ كوچا چىراقلىرى ياندى. كوچىدا بىرەر سائەتتەك ئايلانغاندىن كېيىن ئۇخلاش ئۈچۈن شەھەر مەركىزىگە جايلاشقان خەلق باغچىسىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى بىر مېھمانخانىغا كىردىم. لېكىن ئۇيقۇم كېلىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. ياتاقنىڭ دېرىزىسى چوڭ يولغا قارايدىغان بولۇپ، ئۇياق - بۇياققا ئۆتۈۋاتقان ماشىنىلارنىڭ سىگناللىرى ياتاق ئىچىگە ئېنىق ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ھەر قانچە قىلساممۇ ئۇيقۇم كەلمىدى. ئورنۇمدىن تۇرۇپ بالكونغا چىقىپ شەھەرنىڭ كەچكى مەنزىرىسىگە نەزەر سالدىم. كېچە بوپ قالغىنىغا قارىماي يوللاردا ئادەملەر ۋە ماشىنىلار كۆپ ئىدى. پۈتكۈل ئەتراپنى ئاپئاق يورۇتۇپ تۇرغان كوچا چىراقلىرىغا قارىغاچ خىيال سۈرەتتىم...


6

ئەتىسى ئەتتىگەن دوقمۇشتىكى بىر ئاشخانىدا ناشتا قىلىپ بولغاندىن كېيىن يول بويىدىكى بىر ئاممىۋىي تېلېفون بوتكىسىدىن ئاكامنىڭ ئۆيىگە تېلېفون قىلدىم. تېلېفوننى يەڭگەم ئالدى. ئۇ ماڭا ھەممە ئىشنىڭ ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى، مېنىڭ ئارزۇگۈل بىلەن توي قىلىدىغانلىقىمنى، ئۆيدىكىلەرنىڭ ھەممە ئىشنى چىرايلىق بىر تەرەپ قىلىپ بولغانلىقىنى، خاتىرجەم بولۇپ چوڭ ئۆيگە بېرىۋىرىشىمنى ئېيتتى. باشقا گەپ - سۆز قىلمايلا چوڭ ئۆيگە باردىم ۋە ھېچكىم بىلەن كۆرۈشمەيلا ياتاق ئۆيۈمگە كىرىپ خىيال دەرياسىغا چۆكتۈم.
كىچىك چېغىمدىن باشلاپ يات ئەركەكلەر بىلەن تولا پاراڭلاشقان، چاقچاقلىشىپ كۈلۈشكەن قىزلارمۇ كۆزۈمگە باشقىچە كۆرۈنەتتى. ئۇنداقلارنى شاللاق دەپ قارايتتىم. كەلگۈسىدە مەن بىلەن توي قىلىدىغان قىز بولسا ئەدەب - ئەخلاقلىق، شەرمىي - ھايالىق، پاكىز... بولۇشى كېرەك ئىدى. ئەمما شۇ تاپتا ئەسەبىيلەرچە ياخشى كۆرۈپ قالغىنىم ئىپپىتىنى يوقاتقان بىر قىز ئىدى. خىيالىم داۋاملىشىۋاتاتتى: ( ئۇنى چىن دىلىمدىن ياخشى كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن غۇرۇرۇمنى بىر ياققا قايرىپ قۇيۇپ، ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىشىم كېرەكمۇ، ياكى بارلىق ئازابقا چىداپ تۇرۇپ ئۇنىڭدىن، ئۇنىڭغا بولغان سۆيگۈمدىن ۋاز كېچىشىم كېرەكمۇ؟ ) دېگەن مەسىلە ئۈستىدە ئويلىناتتىم. ئويلىرىم ئاخىرى ئېڭىمدا ئىككى ئاۋازنى پەيدا قىلاتتى. بىرسى: ( سەن تېخى توي قىلمىغان يىگىت بولغاندىكىن ئىپپىتى بۇزۇلمىغان قىز بىلەن توي قىلىشىڭ كېرەك! ) دېسە، يەنە بىرى: ( ئەگەر ئۇ قىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرسەڭ باشقا ئىشلارنى ئويلاپ ئولتۇرماي دەرھال توي قىل! ) دەيتتى. شۇ ھامان يۈرىكىمگە قول سېلىپ بېقىپ ئۇنىڭدىن ۋاز كېچەلمەيدىغانلىقىمنى ھېس قىلدىم. ئەمما غۇرۇرۇمنىڭ نالىسى مېنى قىينايتتى. ئەزەلدىن بېشىمغا قانداقلا كۈن كەلسۇن، قوغداپ كەلگەن غۇرۇرۇم بىلەن مۇرەسسە قىلىۋاتقىنىمنى ئويلىسام ئۆزۈمنىڭ بىچارە ھالىمغا كۈلگۈم كېلەتتى. كونىلارنىڭ: ( كۆڭۈل ياتقان يەردە ئىت ياتمايدۇ. ) دېگىنى شۇ بولسا كېرەك. مانا ئەمدىلىكتە ئارزۇ بىلەن رېئاللىقنىڭ ئاسانلىقچە كېسىشمەيدىغان پاراللىل سىزىق ئىكەنلىكىنى، ئىپپەتلىك بىر قىز بىلەن توي قىلىپ بەخت ئىچىدە خاتىرجەم ياشاش توغرىسىدا سۈرگەن خىياللىرىمنىڭ ئېرىشىش بىلەن ۋاز كېچىش ئوتتۇرىسىدىكى پايانسىز بوشلۇقتا لەيلەپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدىم...
مەھەللە دوقمۇشىدىكى ماگىزىندىن تاماكا ئېلىپ چوڭ ئۆينىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا كىلىشىمگە ھويلا ئىچىدىن دادامنىڭ ئانامغا ئارزۇگۈل توغرىسىدا بىر نەرسە دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قالدىم ۋە دەرۋازا تۈۋىدە تۇرۇپ ئۇلارنىڭ گېپىنى تىڭشىدىم. ئارزۈگۈلنىڭ دادىسى بۈگۈن ئاكامنىڭ ئۆيىگە تېلېفون قىلىپ دادامغا: ( ئوغۇللىرى قىزىمنى نېمە قىلىۋەتكەن بولسا مەيلى، مەن قىزىمنى ئوقۇتىمەن! ) دېگەنلىكىنى ئۇقتۇم. ئارزۇگۈلنى ئۆيىدىكىلىرى بىزنىڭ ئۆيگە ئېلىپ چىققان چاغدا ئەرز قىلىمىز، دەپ تۇرۇۋالغاچقا دادام توي ئىشىغا ئامالسىز قۇشۇلغان ئىكەن.
ئاكام يۈك ماشىنىسى ھەيدەيتتى. مەن ئاكامغا ياردەملىشىپ ماشىنا بىلەن بىللە ماڭاتتىم. شۇ كۈنى ھېچيەرگە بارغۇم كەلمىدى. ئاكاممۇ ئارتۇق گەپ قىلماي ماشىنىغا يۈك بېسىپ ئۈرۈمچىگە ماڭدى. ئەتتىگەندىن تارتىپ كەچكىچە ياتاق ئۆيۈمدىن سىرتقا چىقماي، تاماقمۇ يىمەي، تاماكا چىكىپ ياتتىم. كاللام ئوغرى كىرگەن ئۆيدەك قۇرۇقدىلىپ كەتكەن ئىدى. شۇ تاپتا تازا ھۆركىرەپ بىر ۋاقىرىۋالغۇملا بار ئىدى. تاماكام تۈگەپ قالغاچقا ماگىزىنغا ماڭدىم. ئۆيىمىز ئالدىدىكى چوڭ يولغا چىقىشىمغا يېقىن دوستلىرىمدىن توختى، تۇردى، ئادىل، ئابدۇسالام، قاھار ۋە ئىمىر قاتارلىقلار بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم. ئۇلار بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۆلارنىڭ قاھارنىڭ ئۆيىگە سورۇن تۈزگىلى ماڭغانلىقىنى بىلدىم. ئۇلار مېنىمۇ بىللە كىرىشنى ئېيتتى. بۇ گەپ ماڭا شۇنداق خۇشياقتى ۋە ئۈن - تىنسىزلا ئۇلارغا ئەگەشتىم. يېزا بازىرىغا كىرىپ بىر قانچە بوتۇلكا ئاق ھاراق، بىر ساندۇق پىۋا، تاماكا، گۆش... قاتارلىق لازىمەتلىكلەرنى ئالغاندىن كېيىن قاھارنىڭ ئۆيىگە كىردۇق. قاھارنىڭ ئاتا - ئانىسى ئۈرۈمچىگە چىقىپ كەتكەچكە، ئۆي ئۇنىڭغا ئوڭچە قالغان ئىدى. قاھارنىڭ ئايالى غۇنچەم بىر نەچچە خىل سەي قورۇپ بىرىپ بولغاندىن كېيىن قالغان گۆشنى قازانغا سېلىپ بىرىپ، قاھارنىڭ سىڭلىسى بىلەن يېقىنلا يەردىكى ئاتا - ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كەتتى. غۇنچەم كېتىشىگىلا يەتتىمىز چەمبەرسىمان ھالدا ئولتۇرۇشۇپ سورۇننى تۈزدۇق ۋە ئىچىشىشنى باشلىۋەتتۇق. قوشنا يېزىلىق نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت ئىشخانىسىدا ئىشلەيدىغان توختى بىلەن ناھىيە بازىرىدا ماشىنا رېمۇنتچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تۇردىنىڭ ئاندا - ساندا ئەمما ئادەمنىڭ ئۈچىيىنى ئۈزۈۋەتكۈدەك قىزىق گەپلىرى، شىنجاڭ سودا مەكتىپىنى پۈتتۈرۈپ ئىش كۈتۈپ تۇرغان ئىمىر بىلەن ناھىيە بازىرىدا تاللا بازىرى ئاچىدىغان قاھارنىڭ باشقا يۇرتلارنىڭ شىۋىسىنى دوراپ قىلغان چاقچاقلىرى، بېزەكچىلىك دۇكىنى ئاچىدىغان ئادىل بىلەن تۆمۈرچىلىك قىلىدىغان ئابدۇسالامنىڭ ئاز ئەمما ئۇرۇنلۇق گەپلىرى ئۆي ئىچىنى ئاجايىپ بىر قىزغىن كەيپىياتقا چۆمدۈرۈۋەتكەن ئىدى. بولۇپمۇ دوستلىرىمنىڭ توختىنىڭ خىزمىتىگە پاس كەلتۈرۈپ قىلىشقان چاقچاقلىرىدىن ئۆينىڭ تورۇسىنى ئېچىۋەتكۈدەك كۈلكە ياڭرايتتى...


7

قەلبىمنىڭ يالغۇز قالغان بوشلۇقلىرى ئارزۇگۈلنى سېغىناتتى. مەۋھۇم بىر نەرسە يۈرىكىمنى تاتىلايتتى. ساۋاتىم چىققاندىن باشلاپ كىتاب ئوقۇش تۇرمۇشۇمنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كەتكەن ئىدى. كىچىككىنە ۋاقىت تاپساملا كىتاب ئوقۇيتتۇم. ھەتتا ماشىنا بىلەن ماڭغان چاغلاردا ئاكام ماشىنا ھەيدىسە مەن چېكى كۆرۈنمەس چۆلدىن زېرىكىپ كىتابنى قولۇمغا ئالاتتىم. ئۆيدىكى چاغلاردا خاتىرەمگە ئانچە - مۇنچە بىر نەرسىلەرنى جىجىلاپ قوياتتىم. ئەمما بۇ كۈنلەردە پۈتكۈل روھىيىتىمنى ئارزۇگۈل ئىستىلا قىلىۋالغاچقا بىر نەرسە يېزىش تۈگۈل، كىتاب ئوقۇشمۇ خۇشياقمايتتى...
ئاخىرى سېغىنىشقا بەرداشلىق بېرەلمەي يۈرىكىمنىڭ پىنھان تەكتىدە ئاران - ئاران پىلدىرلاپ تۇرغان ئۈمىد شولىسىنى سۈرتۈپ تۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئۇنى ئۆتەر يولىدا ساقلىدىم. ئۇ كەلدى. ئەمما ئۇنىڭ ھاكاۋۇرلۇقى قەلب بېغىمدا تىترەپ تۇرغان ئۈمىد دەرىخىنىڭ چوققىسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر تال يوپۇرماقنى بەرگىدىن ئۈزۈپ تاشلىۋەتتى. مەزگىلسىز ئۈزۈلگەن يوپۇرماق تەقدىرىگە رازى بولمىغاندەك ئاستا قەدەملەر بىلەن يەرگە چۈشتى. ئۆنىڭ تىرىسلىغان ئاۋازىدىن روھىي دۇنيارىمغا ئېچىنىشلىق بىر مۇزىكا تارقالدى. لەپىلدەپ قار يېغىپ تۇرغان شىۋىرغانلىق دەمدە بىراۋ قوينۇمغا بىر چىلەك مۇزدەك سۇنى قۇيغاندەك، يۈرەك - باغرىمنى بىر تالاي سېرىق ھەرىلەر يەۋاتقاندەك ۋە زەھەرلىك يىلان چېقىۋالغاندەك تولغىنىپ كەتتىم...
ئۇ كەتتى. ساپ مۇھەببىتىمنى، پاك ئەقىدەمنى ۋە سەمىمىي - ساداقىتىمنى كۆزىگە ئىلماي، خۇددى ئەسكى چاپاننى تاشلىۋەتكەندەك تاشلاپ، مېنى چېكى كۆرۈنمەس ئازاب دەرياسىغا غەرق قىلىۋېتىپ پەرۋاسىزلا كەتتى. ئازابلىق دەقىقىلەر پاك مۇھەببەتكە، سەمىمىي ساداقەتكە ۋە چىن ئەقىدىگە تەشنا قەلبىمگە جۇدالىق مىنۇتلىرىنى باشلاپ كەلدى. ھىجران تىغى ۋۇجۇدۇمنى تىلىم - تىلىم قىلىۋەتتى. شۇنىڭدىن باشلاپ خۇشخۇي، پاراڭچى، شوخ مىجەزىم يوقالدى. يۈرىكىمدىن ياش قۇرۇمىدى. پۈتكۈل ۋۇجۇدۇمدىن چەكسىز ھەسرەت، غېرىبلىق ۋە دەرد - ئەلەم تۆكۈلۈپ تۇراتتى. يارىلانغان كىيىكنىڭكىدەك ھالسىز قەدەملىرىمدىن، قىلىۋاتقان گەپ - سۆزلىرىمدىن ۋە كېچە - كۈندۈز سۈرۈۋاتقان خىياللىرىمغىچە ھەممە - ھەممىسىدىن ئىنسان چىداپ تۇرغۇسىز ھالدىكى بىر خىل ئېچىنىشلىق يىغا پۇرايتتى. قەلبىم تەگسىز مىسكىنلىك قوينىغا چۆكۈپ كەتكەن بولۇپ، يۈرىكىم ھەر دەقىق يالغۇزلۇق چاڭگىلىدا ئىڭرايتتى، زارلايتتى، قاقشايتتى. جاننى ئىكەكدەپ، مەن - مەن دېگەن ئادەمنى چۈشكۈنلەشتۈرۈپ، ھەممە - ھەممىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر قىلىدىغان مۇدھىش يالغۇزلۇق ياش ھاياتىمغا سىڭىپ كەتتى.
بۇرۇن ئوقۇغان مۇھەببەت ھېكايىلىرىدىكى سۆيگۈ تەسۋىرلىرىدىن رېئاللىقتا ئۇنداق مۇھەببەتنىڭ بولۇشىغا ئىشەنمەيتتىم ھەم كىتابتا تەسۋىرلەنگەن ئۇ خىلدىكى مۇھەببەتنى تۇرمۇشتىن بىر ھەسسە يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدىغان خىيالىي تۇيغۇ دەپ چۈشىنەتتىم. مانا ئەمدى ئاشۇ دەقىقىلەر ئۆزۈمنىڭ بېشىغا كەلگەندە نېمە قىلىشىمنى بىلەلمەيلا قالدىم. ھەر دەقىق ئىنسان چىداپ تۇرغۇسىز بىر خىل ئوت ئىچىدە قىينىلاتتىم، ئۈنسىز ئاھ ئۇراتتىم، زارلايتتىم، قاقشايتتىم، تىپىرلايتتىم. كۈنلىرىم تىغ ئۈستىدە قىلدەك ئۆتمەكتە ئىدى. ھەر كۈنى ياتىقىمدىن چىقماي خىيال سۈرەتتىم. خىيال قۇشۇم ئارزۇگۈل بىلەن ئۆتكەن ۋاقىتلارنىڭ سۈپسۈزۈك ئاسمىنىدا ھارغىن پالاقشىيتتى...


8

باھارنىڭ كىشى قەلبىگە يېپيېڭى تۇيغۇلارنى ئاتا قىلىدىغان گۈزەل كۈنلىرىنىڭ بىرىدە ئەتتىگەن ياتاق ئۆيۈمدە خىيال سۈرۈپ ياتاتتىم. بىر چاغدا ئىشىك يېنىك چىكىلگەندىن كېيىن يېقىن دوستۇم قەييۇم كىردى. ئىككىمىز كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۇ:
- پەرھاد، باياتىن ئارزۇگۈل يېنىمغا كىرىپتىكەن. ئۇ سېنى چاقىرىپ ئەكىرىپ بىرىشىمنى دېگەن ئىدى. شۇڭا يېنىڭغا چىقىشىم؟
- نېمە، چاقچاق قىلىۋاتمايدىغانسەن؟
- ئىشەنمەيۋاتامسەن؟ ئورنۇڭدىن تۇر. ئۇ سېنى ساقلاپ قالدى. - بۇ گەپنى ئاڭلاپ نەچچە يىل كېسەل تارتىپ تۇيۇقسىز ساقىيىپ كەتكەن ئادەمدەك ئورنۇمدىن چاچراپ تۇردۇم ۋە قەييۇم بىلەن يېزا بازىرىغا كىردىم. ۋۇجۇدۇم خۇشلۇقتىن يەڭگىللەپ كەتتى. يېزا بازىرىغا كىردۇق. ئارزۇگۈل يېزا بازىرىدىكى بىر ماگىزىننىڭ ئالدىدا تۇراتتى. ئۇنىڭ ئاپئاق كىيىم بىلەن تۇرغان تۇرقى ئادەمنىڭ كۆز ئالدىغا بەئەينى رىۋايەتلەردىكى پەرىزاتلارنى كەلتۈرەتتى. ئۇنى كۆرۈپ يۈرىكىم مىسلىسىز بىر شادلىق ئىچىدە خۇددى كەلكۈن سۈيى دەريا دامبىسىغا زەرب بىلەن سوقۇلغاندەك سوقۇشقا باشلىدى. دەرھال ئۇنىڭ يېنىغا باردىم. ئەھۋال سورىشىپ بولغاندىن كېيىن قەييۇمنىڭ ئۆيىگە چىقتۇق. ھىجران پەسلىنىڭ رەھىمسىز مىنۇتلىرى ۋىسال دەرياسىنىڭ شاۋقۇنىدا قاياقلارغىدۇر ئېقىپ كەتتى. تەشنالىق تۇيغۇسى يۈرەكلەرنى بىر - بىرىگە جۈپلەپ، لەۋلەر سۆيگۈ شارابىنى قانماي ئىچمەكتە، ۋۇجۇدلار مەستلىكتە چەكلەنگەن مېۋىنىڭ لەززىتىنى تېتىماقتا ئىدى...
ئاكامغا دەپ بىر مەزگىل ئارام ئالماقچى بولدۇم. ئاكام ماشىنىغا شوپۇر ياللىدى. ھەر كۈنى چۈشكىچە ئىشىمنى تۈگىتىپ يېزا بازىرىغا كىرەتتىم. ئارزۇگۈلمۇ كېسەللەرنىڭ چۈشلۈك ئۇكۇلىنى ئۇرۇپ بولۇپلا يېزا بازىرىغا چىقاتتى. چۈشلۈك تاماقنى يەپلا بىر دانە ئەدىيالنى ئېلىپ يېزا بازىرىغا يېقىنلا يەردىكى داخان سۇ ئامبىرىغا چىقاتتۇق. ئامبارنىڭ غەرب تەرىپىدىكى بۈككىدە سۆگەتلەر بىلەن چۈمكەلگەن پىنھان يەرگە كىلىپ ئەدىيالنى سېلىپ قويۇپ پاراڭغا چۈشەتتۇق. ئاپتاپ كۈچەيگەندە سۇغا چۆمۈلەتتۇق، سۇ چېچىشاتتۇق، قوغلىشىپ ئوينايتتۇق...
ۋىسال دەرياسىدا ئاقاتتۇق. قاغجىراپ كەتكەن يۈرەكلەر سەگىدەيتتى. سۆيگۈ بېغىدا سەيلە قىلاتتۇق. زېرىكىپ كەتكەن يۈرەكلەر ساپ ھاۋالىق دەقىقىلەرنى تويماي سۈمۈرەتتى. بىر - بىرىمىزگە قانمايتتۇق. دىدار دەملىرى قۇمدەك ئاقاتتى. قەلب بەتلىرىمىزگە ئۇيۇلغان ئەستىلىكلەرنى ۋاراقلايتتۇق. شېرىن دەملەر رومانتىك تۇيغۇلارنى ئاپىرىدە قىلاتتى. ۋۇجۇدىمىزدىن مۇستەھكەم ئۇرۇن ئېلىۋالغان شەيتاننى قوغلىيالماي چەكلەنگەن مېۋىنى قانماي يەيتتۇق...
ئارزۇگۈل شۇ كۈنلەردە ۋىلايەت بويىچە ئەڭ چوڭ ئالىي مەكتەپنىڭ بىرسى - شىنجاڭ ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى ئالىي تېخنىكومىدا ئوقۇپ دىپلوم ئېلىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتاتتى. ئۇ ھەر قېتىم ئوقۇشنىڭ گېپىنى قىلسىلا ھامان بىر كۈنى ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالىدىغاندەكلا ھېس قىلاتتىم. ئارزۇگۈل خىيالىمنى بىلىۋالغاندەك خاتىرجەم بولۇشۇمنى، ھەر قانچە ئىش بولسىمۇ مەن بىلەن توي قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ كۆڭلۈمنى ئارام تاپقۇزاتتى...


9

ۋىسال قوينىدا يايراۋاتقان شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇنى يېزا بازىرىدا ئۇچراتتىم، ئەمما ئۇ مېنى كۆرمەي كېتىۋەردى. چاقىرىش ئەپسىز ئىدى. مەن ئۇنىڭ كەينىدىن يىتىشىپ بارغاندا ئۇ يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى بىر ماگىزىن ئالدىدا ئاممىۋىي تېلېفوندا بىر يىگىتكە ( ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى چىراي ئىپادىسىدىن قارشى تەرەپنىڭ ئوغۇل بالا ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلدىم. ) ئەركىلەپ سۆزلەۋاتاتتى. ئوت ئۈستىدە مەجبۇرىي ئولتۇردۇم. ئۇ بىر چاغدا گېپىنى تۈگىتىپ قايتىش ئۈچۈن كەينىگە قايرىلدى - دە، مېنى كۆرۈپ ئازراق ھودۇققاندەك بولۇپ، يەنە تېزلا ئۆزىنى ئوڭشىۋالدى. تاشتەك ئېغىر قەدەملىرىم بىلەن ئۇنىڭ ئالدىغا باردىم.
- پەرھاد، مەن ئالىي مەكتەپكە ماڭماقچى، سىز مېنى 4 يىل ساقلىيالمايسىز، شۇڭا بىز...
- نېمە، سەن مېنى 4 يىل ساقلىيالمايسىز دەۋاتامسەن. مەن سېنى 4 يىل ئەمەس، 20 - 30 يىل دېسەڭمۇ ساقلايمەن.
- ئەڭ ياخشىسى بىز ئايرىلىپ كېتەيلى، مەن ئوقۇپ كەلسەم ئاتا - ئانام سىزدەك دېھقان بىلەن توي قىلىشىمغا قوشۇلمايدۇ.
پۈتكۈل ۋۇجۇدۇمغا يامرىغان مۇزدەك ئەلەمدىن جاقىلداپ تىترەپ كەتتىم... بۈگۈن ئۇنىڭ بىلەن مىڭ تەستە كۆرۈشتۈم. مۇھەببىتىمىزنى ۋەيران قىلماسلىقىنى ئۆتۈندۈم. ئۇنىڭ شەپقەتسىز رەت قىلىشلىرى باغرىمنى پارە - پارە قىلىش بىلەن نەتىجىلەندى. ئۇ كەتتى. ھىجران تىغلىرى يۈرىكىمنى تاتىلاپ يارا قىلىۋەتتى. ئۇنىڭ بىلەن تالاي قېتىم كۆرۈشۈشكە تىرىشتىم. ھەممىسى بىھۇدە ئۇرۇنۇشقا ئايلاندى. ئۇنىڭ بىلەن ئويلىغان رومانتىك ئارزۇلىرىم قۇرۇق چۈش دۆۋىسىگە ئايلىنىپ كەتتى. كەينى - كەينىدىن كىلىۋاتقان روھىي زەربىلەر روھىيىتىمنى بارا - بارا ھالسىرىتىپ قويۇۋاتاتتى.
ئاخىرى يېقىن دوستۇم ئادىل بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ئۇنىڭ ئىچكىرىدە رېستۇران ئېچىۋاتقان نەۋرە ئاكىسىنىڭ يېنىغا كىرىپ بىر - ئىككى يىل تۇرۇپ چىقماقچى بولدۇق. ئىككى كۈندىن كېيىن ئىچكىرىگە مېڭىش ئۈچۈن ناھىيە بازىرىغا كىرىپ بېكەتكە كەلدۇق ۋە ئۈرۈمچىگە بىلەت ئېلىپ بولغاندىن كېيىن ماشىنا يېنىغا كەلدۇق. بىر چاغدا ماشىنىنىڭ ماڭىدىغان ۋاقتى توشتى. ماشىنا ئىشىكىدىن پۇتۇمنى ئېلىشىمغا كەينى تەرىپىمدىن بىرسىنىڭ ( ئارزۇگۈل ) دەپ توۋلىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ يۈرىكىم ( قارت ) تىدە قىلدى. شۇ ھامان كەينىمگە قارىدىم. بىر ئايال 10 مېتىرچە يىراقتا تۇرغان 13 - 14 ياشلاردىكى بىر قىزنى چاقىرىۋاتاتتى. مەن ئارزۇگۈل دېگەن ئاۋازنى ئاڭلاپلا شۇ ھامان يېلى چىقىپ كەتكەن توپتەك سولىشىپلا كەتتىم - دە، ئاستاغىنە ماشىنىدىن چۈشۈۋالدىم. ئاڭغىچە ئادىل ئالدىرىتىشقا باشلىدى. ماشىنا قوزغىلىش ئالدىدا تۇراتتى. مەن بىردەم ئويلانغاندىن كېيىن ئىچكىرىگە كىرمەسلىكنى ئويلاپ ئادىلغا دېدىم. ئادىل مېنى چۈشەنگەچكە بوپتۇلا، دەپ ئۆزى يالغۇز مېڭىشقا تەرەددۇت قىلدى. ئادىلنى يولغا سېلىپ قويۇپ خوشلىشىپ ئۆيۈمگە قايتتىم.


10

ھەر كۈنى ئۆيدىكى ئۇششاق - چۈششەك ئىشلارنى تۈگىتىپ بولۇپ ئەدىيالنى ئېلىپ ئۆيىمىز ئالدىدىكى ئۆستەڭ بويىغا چىقاتتىم - دە، ئادەم كەلمەيدىغان خىلۋەت سۆگەت تۈۋىگە كىلىپ ئەدىيالنى سېلىپ قويۇپ خىيالغا چۆكەتتىم. كۈنلەر خۇددى سۆرەمگە سالغان كالىنىڭ قەدەملىرىدەك ئۆتەتتى. ئەس - يادىمنى خۇددى ئۆمۈچۈك تورىدەك چىرمىۋالغان خىياللىرىمنىڭ باش - ئاخىرى يوق. ۋىسال ۋە جۇدالىق يالدامىسى بولمىش دەقىقىلەر تالاي كارتىنىلارنى كۆز ئالدىمغا تۆكەتتى. يۈرىكىم ئاللىقانداق تۇيغۇلار ئىلكىدە گاھ كۈلسە، گاھ ئېچىنىشلىق ئۇھسىناتتى. كېچىلىرى تۆت تامنىڭ ئارىسىدا قىستىلاتتىم، ئۆز - ئۆزۈمگە پاتماي چىڭقىلاتتىم، ئىپپەتسىز بىر قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغىنىمغا، كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرىپ بىر يىگىت ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك بولغان غۇرۇرۇمنى يوقاتقىنىمغا ئېچىنىپ ۋارقىرايتتىم. قاقشال ئاۋازىم ئەكس سادا بولۇپ قايتىپ كىلەتتى...
بەزى كۈنلىرى كەچلەردە توختىنىڭ ئۆيىگە يىغىلىشىپ كېچە - كېچىلەپ پاراڭلىشىپ ئولتۇرىمىز، قارت ئوينايمىز، ئانچە - مۇنچە ئىچىشىپ دەرد تۆكىشىمىز. پاراڭلىرىمىز تۈگىمەي كېچە يۇرۇپمۇ كېتىدۇ. ئەمما كۈندۈزى ھەممىمىز ئۆز ئىشىمىز بىلەن بولغاچقا يەنە زېرىكىشلىك مىنۇتلار روھىمنى چاڭگاللاپ قويۇپ بەرمەيدۇ...
ئارزۇگۈل بىلەن تونۇشقاندىن بۇيان كىتاب ئوقۇپ باقمىغان ئىدىم. كىتابلىرىمنى يەنە تېپىۋالدىم. ئامال بار كىتاب ئوقۇپ زېرىكىشلىك دەقىقىلەردىن بىردەم بولسىمۇ يىراق تۇرۇشنى ئىزدەيتتىم.
شۇ كۈنلەردە بىر ژۇرنالدىن بىر پارچە شېئىرنى ئوقۇپ قالدىم. جۇدالىق پۇراپ تۇرغان بۇ شېئىر ماڭا بەكلا ياقتى. كىچىك چېغىمدىن باشلاپ كىتابنى بەكلا ياقتۇرغاچقىمۇ - تاڭ، تۇرۇپلا شېئىر يېزىشنى ئويلاپ قالدىم. ئاخىرى ( جۇدالىق ) دېگەن ماۋزۇدا بەش كۇپلېتلىق بىر پارچە شېئىر يازدىم. شېئىرىمغا سىڭدۈرۈلگەن ھېسسىياتىمدىن بەكلا سۆيۈنەتتىم. ئارزۇگۈلگە دېمەكچى بولغان تالاي - تالاي سۆزلىرىم شېئىرىمغا سىڭىپ كەتكەن ئىدى. ئەتىسى شېئىرىمنى ئاپتونۇم رايون بويىچە نوپۇزلۇق بىر ژۇرنالغا ئەۋەتتىم.
كۈندىن - كۈنگە چۈشكۈنلىشىپ كېتىۋاتاتتىم. تاماكا بولسىلا ھېچ ئىش بىلەن كارىم يوق ئىدى. ھەر كۈنى ئەتتىگەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ خۇشياقار - خۇشياقماس ھالدا ناشتا قىلغاندىن كېيىن ئۆيۈم ئالدىدىكى ئۆستەڭ بويىغا چىقاتتىم - دە، ئۆزۈم ھەر دائىم كىلىدىغان سۆگەت تۈۋىدە ئولتۇرۇپ تاماكا چەككەچ يەنە شۇ چېكى كۆرۈنمەس خىيال دەرياسىغا غەرق بولاتتىم. ئەتراپىمدىكى ھېچقانداق بىر شەيئىي خىيالىمنى بۆلۈۋىتەلمەيتتى. پەقەت كۈن كەچ بولۇپ گۇگۇم ئۆزىنىڭ قاپقارا قانىتىنى ئەتراپقا يېيىشقا باشلىغاندىلا ئاندىن ئورنۇمدىن ئۆيۈمگە كىرىپ كەچلىك تامىقىمنى يوقنىڭ ئورنىدا يەپلا يەنە ئۆستەڭ بويىغا چىقاتتىم. خىيال بىلەن تەڭ كېچىگىچە ئولتۇرغاندىن كېيىن ئاندىن كىرىپ ئۇخلاش ئۈچۈن ياتاتتىم. ئەمما قاچانلاردا ئۇيقۇغا كەتكىنىمنى سەزمەي قالاتتىم.


11

ئەتتىگەندىلا ئۆيۈم ئالدىدىكى ئۆستەڭدىن تاشيولغا ئۆتىدىغان چوڭ كۆۋرۈكنىڭ گىرۋىكىگە كىلىپ ئۆستەڭنىڭ ئاياغ تەرىپىگە قاراپ پۇتۇمنى ئۆستەڭگە ساڭگىلىتىپ ئولتۇردۇم ۋە تاماكا چەككەچ خىيال دەرياسىغا چۆمۈلۈشكە باشلىدىم. بىر چاغلاردا بىرسىنىڭ مۆرەمگە يېنىك شاپىلاقلىشىدىن ئېسىمگە كەلدىم. يېنىمدا يېزىلىق پوچتىخانىدا ئىشلەيدىغان دوستۇم روزى تۇراتتى. ئۇ مەن بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن:
- پەرھاد، ساڭا خۇشخەۋەر - دېدى.
- دېگىنە ئەمىسە؟
- سۆيۈنچەڭ باردۇر؟
- ۋاي ئاۋۋال دېگىنە ئاداش؟
- سېنىڭ بىر پارچە شېئىرىڭ ژۇرنالدا ئېلان قىلىنىپتۇ.
- قېنى ئۇ ژۇرنال؟ - روزى باشقا گەپ قىلماي گېزىت - ژۇرنال سالىدىغان سومكىسىنىڭ سىيرىتمىسىنى ئېچىپ ھېلىقى ژۇرنالنى ئېلىپ بەردى. شۇ ھامان ژۇرنالنىڭ شېئىرىيەت سەھىپىسىگە كۆز يۈگۈرتتۈم. ئىسمىم ئاستىدا شېئىرىم مەن ئەۋەتكەن پېتى ئايرىم بىر كاتەكچە ئىچىدە چىرايلىق لايىھىلىنىپ بېسىلغان ئىدى. شېئىرىمنى دەقىق ئىچىدىلا ئوقۇپ چىقتىم ۋە شۇ خوشلۇقۇمدا روزىغا خوش دېيىشكىمۇ ئۈلگۈرمەي يۈگۈرگىنىمچە ياتاق ئۆيۈمگە كىرىپ شېئىرىمنى كەينى - كەينىدىن ئون نەچچە قېتىم ئوقۇپ چىقتىم. شۇ تاپتا قەلبىم ئاجايىپ لېرىك تۇيغۇلار ئىچىدە يېنىك چايقىلاتتى.
بۈگۈن ھېلىقى شېئىرىمغا كەلگەن 40.00 يۈەن قەلەم ھەققىنى ئېلىش ئۈچۈن ناھىيىلىك پوچتىخانىغا كىردىم. تۇنجى قەلەم ھەققىنى ئالغاندىكى خۇشاللىقىمنى تەسۋىرلەشكە قەلەم ئاجىزلىق قىلاتتى. بۇ خۇشاللىق 40.00 يۈەن پۇلدا ئەمەس بەلكى، ئۆزۈمگە روھىي جەھەتتىن خۇشاللىق بېغىشلىغان تۇنجى ئەقلىي ئەمگىكىمنىڭ مېۋىسى ئاتا قىلغان خۇشاللىق ئىدى. شۇ ھامان كىتابخانىغا كىرىپ كەلگەن قەلەم ھەققىگە ئىككى پارچە كىتاب سېتىۋالدىم - دە، ئۆيگە قايتتىم.
تۇنجى شېئىرىمنىڭ ئېلان قىلىنىشى بىلەن تەڭ روھىيەت ئاسمىنىمدا پەيدا بولغان شادلىق يامغۇرى نەچچە ۋاقىتلاردىن بۇيان قەلبىمدە ساقلىنىپ قالغان ئازاب داغلىرىنى يۇيۇشقا باشلىدى. ئەمدى خىيال قوينىدىن قۇتۇلۇپ ئۇنى - بۇنى يېزىشقا ۋە گېزىت - ژۇرناللارغا ئەۋەتىشكە باشلىدىم. گەرچە باشلانغۇچنى پۈتتۈرۈپ ئوقۇشتىن توختاپ قالغان بولساممۇ ھەر ھالدا تارتقان جاپايىمغا چۇشلۇق يازغان ئەسەرلىرىم كەينى - كەينىدىن ھەر قايسى گېزىت - ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنىشقا باشلىدى. يۈرىكىمنىڭ پىچىرلاشلىرى بولمىش يازمىلىرىم ئاتا قىلغان شادلىق تۇمان قاپلىغان روھىي دۇنيارىمنى ئاستا - ئاستا سۈزۈلدۈرۈشكە باشلىدى.
بۇ كۈنلەردە يېزىقچىلىق بىردىنبىر كۆڭۈل خوشلۇقۇم بولۇپ قالدى. روھىيىتىمنى چىرمىۋالغان دەرد - ئازابلىرىم قەلەمنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن قەغەز يۈزىگە خۇددى چېچەكتەك تۆكۈلەتتى. گېزىت - ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنىۋاتقان ھەر بىر پارچە ئەسىرىم روھىيىتىمنى چەكسىز شادلىق ئىچىگە باشلايتتى.


12

چۈشتە بىردەم ئۇخلىۋالماقچى بولۇپ بىردەم ياتقان ئىدىم. ئانامنىڭ چۈشلۈك تاماققا چاقىرغان ئاۋازىدىن ئويغىنىپ تامدىكى سائەتكە قارىدىم. سائەت بىردىن ئاشقان ئىدى. ئورنۇمدىن تۇرۇپ چوڭ ئۆيگە چىقتىم. ئانام مەن ئەڭ ئامراق - لەڭمەن ئەتكەن ئىدى. قورسىقىمنى تويغۇزۇپ بولغاندىن كېيىن تالانتلىق ياش يازغۇچى ياسىنجان سادىق چوغلاننىڭ تېخىچە ئوقۇشقا ۋاقىت چىقىرالمىغان ( نازىنىن قىزلار ) ناملىق رومانىنى ئوقۇۋېلىش ئۈچۈن ئەدىيالنى ئېلىپ ئۆستەڭ بويىغا چىقتىم. ئىيۇل ئېيىنىڭ قۇياشى ئۆزىنىڭ كۆيدۈرگۈچ نۇرلىرى بىلەن يەر - جاھاننى تونۇردەك قىزىتىۋەتكەن ئىدى. ئۆستەڭنىڭ ئاياغ تەرىپىدىكى سۆگەتلەر قۇيۇق ئۆسكەن خىلۋەت يەرگە كەلدىم. ئۆستەڭ بويى ئىنتايىن تىنچ ۋە سالقىن بولۇپ، تولغىنىپ ئېقىۋاتقان سۈزۈك سۇ، يېشىللىققا چۈمكەلگەن تۆت ئەتراپ ۋە ساپ ھاۋا ئادەمگە چەكسىز ھۇزۇر ۋە رومانتىك تۇيغۇ بېغىشلايتتى. قايسىدۇر بىر ئاھاڭغا ئىسقىرتقىنىمچە ئەدىيالنى بىر تۈپ سۆگەت تۈۋىگە سالغاندىن كېيىن ئولتۇرۇپ روماننى ئوقۇشقا باشلىدىم.
رومانىنى ئىشتىياق بىلەن ئوقۇشقا باشلىدىم - يۇ، بېشىدىن 30 نەچچە بەت ئوقۇپ بولۇپ توختاپ قالدىم. چۈنكى، روماندىكى باش پىرسۇناژ - ئاينۇرنىڭ بىر كىشىلىك خىزمەتنى دەپ چىن دىلىدىن سۆيگەن ئادىمى ئەركىنگە، پاك مۇھەببىتىگە ۋە قىزلار ئۈچۈن جاندىن ئەزىز بىلىنىپ قوغدىلىدىغان قىزلىق ئىپپەت - نۇمۇسىغا خىيانەت قىلىشىدىن غەزىپىم ئۆرلەپ، چىشلىرىم غۇچۇرلاپ، كىرىشىپ كەتتى. ئەركىننىڭ ساپ مۇھەببىتى ئۈچۈن تارتقان ئازابلىرىدىن ئۆكۈنۈپ، ئۇنىڭ شورلۇق مۇھەببىتىگە غايىبانە ئىچ ئاغرىتتىم. بولۇپمۇ ئەركىننىڭ ئاينۇر بىلەن يۈرۈۋاتقان چاغلىرىدا ئىككىسى دائىم بىللە تاماق يەيدىغان ئاشخانىنىڭ ئايرىمخانىسىدا ئاينۇرنىڭ ( مېنى كەچۈر ئەركىن، بىز مۇناسىۋىتىمىزنى ئاخىرلاشتۇرايلى، مەن ئەمدى سېنى ھەرگىز سۆيەلمەيمەن! ) دېگەن گېپىنى ئاڭلاپلا ئاينۇرنى ئىككى تەستەك سېلىۋېتىپ، ئاينۇر چىقىپ كېتىشىگىلا تامغا مۇشتلاپ تۇرۇپ بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتكەن يىرىنى ئوقۇپ ئۆپكەم ئۆرۈلۈپ، بۇرۇن تۆشۈكلىرىم ئاچچىق بىر تۇيغۇدا كېڭىيىپ كەتتى. تۇرۇپلا روماننى ئوقۇغۇم كەلمىدى. بايىقى قىزغىنلىقىم نەلەرگىدۇر يوقالغان بولۇپ، كىتابنى تاشلاپ قويۇپ ئەدىيال ئۈستىدە سوزۇلۇپ ياتتىم...
ئارزۇگۈلمۇ بىر چاغلاردا مېنى ئەسەبىيلەرچە سۆيگەن ۋە مەن بىلەن بىر ئۆمۈر بىللە ياشاش ئۈچۈن ھەممىدىن ۋاز كېچىشكە تەييار ئىكەنلىكىڭنى تەكرار - تەكرار ئېيتقان ئىدى. مەنمۇ ئۇنىڭ ۋەدىلىرىگە ئىشەنگەن، بارلىق ئۈمىد - ئىشەنچىمنى، ئارزۇ - ئارمانلىرىمنى ھەتتا بارلىقىمنى ئۇنىڭغا ئاتىغان ئىدىم. مەن شۇ ۋاقىتلاردا دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك ئىنسان ئىدىم. مۇھەببەتنىڭ سىھرىي كۈچىدە جاھاندىكى جىمىي مەۋجۇدات كۆزۈمگە ئىنتايىن سۆيۈملۈك كۆرۈنۈپ، تۇيغۇمنى غىدىقلاپ، روھ قۇشۇمنى سۆيگۈ ئاسمىنىدا ئەركىن پەرۋاز قىلدۇراتتى. تەسۋىرلىگۈسىز دەرىجىدىكى شېرىن بىر ھېسسىيات پۈتكۈل تۇمۇر - ھۈجەيرىلىرىمگىچە تاراپ كەتكەن ئىدى. ئەمدىلىكتە شۇ گۈزەل دەقىقىلەرنى ئويلىساملا پۈتكۈل ۋۇجۇدۇم دەھشەتلىك بىر ئوت دېڭىزى ئۈستىدە گوياكى سىمابتەك لىغىلدايتتى. يۈرىكىم يۈرەك بولغىنىغا جاق تۇيۇپ، بەئەينى چوغ ئۈستىدىكى كاۋاپتەك پىژىلدايتتى.


13

كۈنلەر كۈلدۈرۈپ، ئايلار ئالداپ، يىللار يىغلىتىپ ھەش - پەش دېگۈچە ئارزۇگۈل بىلەن ئايرىلىپ كەتكىنىمگىمۇ مانا تۆت يىلدىن ئاشتى. بۇ ۋاقىت ئىچىدە ماشىنا بىلەن ئۇزاق سەپەرگە چىققاندىمۇ، ئۇخلاپ ياتقاندىمۇ، ئۆيدىكى چاغلىرىمدىمۇ ئۇ ئېسىمدىن پەقەت چىقمايتتى. ئۇنى سېغىنىپ قانچىلىك ئازابلارنى تارتقىنىمنى، ئەتىيازلىق شاماللىق، يازنىڭ تىنچىق، كۈزنىڭ نەمخۇش ۋە زىمىستان قىشنىڭ جۇدۇنلۇق تالاي كېچىلىرىنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزگىنىمنى بىر خۇدا، بىر ئۆزۈم بىلىمەن. مەھەللىدىكى چاغلاردا ئۇنى پات - پات ئۇچرىتىپ تۇراتتىم. ھەر قېتىم ئۇچراتقان چېغىمدا يۈرىكىمنىڭ پىژىلداپ ئېچىشىشىغا چىدىيالماي نەچچە يۈز كۆرۈشۈشنىمۇ ئويلايتتىم، ئەمما ئۇنىڭ ھاكاۋۇرلۇقى كۆز ئالدىمغا كەلسىلا بولدى قىلاتتىم...
ئۇ ئاخىرى ئوقۇش پۈتتۈردى. شۇ ئارىدا ئۇنىڭ بىر دوستى بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ، ئۇنىڭدىن ئارزۇگۈلنىڭ تېلېفون نومۇرىنى سورىۋېلىپ بىر شەنبە كۈنى ئۇنىڭغا تېلېفون قىلدىم. ئۇ ماڭا ياخشى مۇئامىلە قىلدى. بىردەم پاراڭلاشقاندىن كېيىن چىرايلىق خوشلاشتۇق. شۇنىڭدىن كېيىن يەنە پات - پات تېلېفونلىشىدىغان بولدۇق. قولۇمدىن يانفون چۈشمەيتتى. ئۇچۇر دۇنياسىنىڭ كىچىككىنە نەرسىسى سېغىنىش دەستىدىن يىرتىلغان يۈرىكىمنىڭ مۇھەببەتلىك تىنىقلىرىنى سىمسىز بوشلۇق ئارقىلىق ئۇنىڭغا يوللاپ تۇراتتى. ھەر كۈنى ئۇنىڭ كەچلىك تەكراردىن چۈشۈشىگە ئۇنىڭغا تېلېفون قىلاتتىم. كەچمىش، رېئاللىق ۋە كەلگۈسى توغرىسىدىكى پاراڭلىرىمىز قاغجىرىغان روھىيىتىمگە ئۈمىد چېچەكلىرىنى تۆكەتتى. كەچمىشتىكى گۈزەل دەقىقىلىرىمىزنىڭ قايتا يۈز ئېچىشىنى، كېچىككەن ۋىسال پەسلىنىڭ قەلب ئاسمىنىمنى ئىستىلا قىلىۋالغان ئازاب بۇلۇتلىرىنى تېرىپىرەن قىلىۋېتىشىنى ئىستەيتتىم. گەرچە يۈز كۆرۈشمەي، تېلېفوندىلا كۆرۈشۈپ تۇرۇۋاتقان بولساقمۇ تۇيغۇمدىكى كەلمىش دىدار دەملىرى يۈرىكىمدىكى ئىنتىزارلىقنى ئەللەيلىتىپ، ئۈمىد بۆشۈكىگە بۆلەپ پەپىلەيتتى...


14

سارغايغان خازانلار كەچكۈز ئېيىنىڭ سوغۇق شامىلىدا تىرىسلاپ چۈشكىنىچە ياتاق ئۆيۈمنىڭ دېرىزىسىنىڭ ئەينىكىگە ئۇرۇلۇپ يەرگە چۈشۈپ ئۆز تراگېدىيىسىگە كۆمۈلەتتى. دېرىزىدىن سىرتقا قاراپ تاتلىق خىياللارغا چۆمۈلەتتىم. ئىنسان ۋۇجۇدىغا ئەڭ چوڭ شادلىق بەخش ئەتكۈچى مۇھەببەتنىڭ ھەر بىر دەقىقىسى يۈرىكىمنى چەكسىز شادلىق قوينىدا يايرىتاتتى. ئارزۇگۈل بىلەن ئۆتكۈزگەن گۈزەل مىنۇتلارنىڭ يەنە كېلىشىنى ئويلاپ ھاياتقا ئاللىقانداق ئۈمىد ئىلكىدە تەشنالىق بىلەن باقاتتىم. ھاياتىمنى ئۇنىڭ بىلەن چەمبەرچاس باغلاپ تۇرۇپ ئىنتايىن گۈزەل تەسەۋۋۇر قىلاتتىم...
ياتاق ئۆيۈمدىكى ئاۋاز ياڭراتقۇدىن مۇھەممەتجان ئەبەينىڭ جانان دېگەن ناخشىسى لەرزان ياڭراپ ئۆي ئىچىگە يېيىلاتتى. يانفونۇم سايراپ كەتتى. تېلېفوننى ئېلىپ ئېكرانغا قارىدىم. ئېكراندا ئارزۇگۈلنىڭ تېلېفون نومۇرى لىپىلداپ تۇراتتى. تاتلىق تۇيغۇلار ئىلكىدە تېلېفوننى قۇلىقىمغا تۇتتۇم:
- كەچۈرۈڭ پەرھاد، بۇنىڭدىن كېيىن بىز كۆرۈشمەيلى!
ئۇ كونا ناخشىسىنى يەنە باشلىدى. تېلېفونمۇ ئۇنىڭغا ماسلىشىپ ئايرىلىش كۈيىنى زوق بىلەن ياڭراتتى. يۈرىكىم چىمىلداپ ئېچىشىپ كەتتى ۋە قات - قېتىدىن قان ئارىلاش ئېچىنىشلىق سوئاللار توروكلاپ تۆكۈلدى.
- نېمىشقا؟
- مەن ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈردۈم. توي قىلىشىمىزغا ئاتا - ئانام...
چوڭ - كىچىك پۈتكۈل تۇمۇرۇمدىكى جىمىي قانلىرىم بىر يەرگە يىغىلىپ شىددەت بىلەن شۇۋۇلداپ كەلگىنىچە مېڭەمگە زەرب بىلەن تەپتى.
- ئىسىت، ساڭا قىلغان ئەقىدەم... - جان - جەھلىم بىلەن ۋاقىرىغان ئاۋازىمدىن پۈتكۈل ۋۇجۇدۇم جاقىلداپ تىترەپ كەتتى.
ھەپتە بولار - بولمايلا سېغىنىش ئوتىغا چىدىيالماي ئۇنىڭغا يەنە تېلېفون قىلدىم. ئۇنىڭ تەكەببۇرلۇق پۇراپ تۇرغان گەپلىرىدىن ۋۇجۇدۇم تاشتەك قېتىپ تۇرسىمۇ يەنىلا چاندۇرماي سىلىق گەپ قىلىشقا تىرىشاتتىم. ئەمما ئۇ ئاتتىن چۈشسىمۇ يەنىلا ئۆزەڭگىدىن چۈشمەي:
- بۇنىڭدىن كېيىن ئەمدى ماڭا تېلېفون قىلماڭ. سىز مىڭ قىلغان بىلەن بىز ھامان توي قىلالمايمىز.
- ھەمىشە مۇشۇ گەپنىلا تەكرارلامسەن؟
- ئەمىسە نېمە دەيمەن. دېمىسىمۇ ئىككىمىزنىڭ جەمئىيەتتىكى ئىجتىمائىي ئورنىمىزدا پەرق بار تۇرسا.
- نېمە؟ مۇشۇ گەپ سېنىڭ ئېغىزىڭدىن چىقتىما؟ قېنى بىر چاغلاردا سېنىڭ ماڭا يىغلاپ تۇرۇپ بەرگەن ۋەدىلىرىڭ؟
- ئۇ دېگەن ئۆتكەن ئىشلار. ياخشىراق ئويلاپ بېقىڭ. ھازىر دېگەن سىز كىم؟ مەن كىم؟ - مەن ئاڭلاشنى خالىمايدىغان بىر ئېغىز گەپ ئاخىرى ئۇنىڭ ئېغىزىدىن ئېتىلىپ چىقىپ، ئۇنىڭغا بولغان بەش يىللىق ئەقىدەمنى، سەمىمىي - ساداقىتىمنى، غۇرۇرۇمنى ۋە جىمىكى ئارزۇ - ئۈمىدلىرىمنى شامالغا سورۇپ، ئۇنىڭغا بولغان ساداقىتىم لېيىدا پۈتكەن سەۋر قاچامنى كۇكۇم - تالقان قىلىۋەتتى.
- ھەي، سەن تېخى ئۆزۈڭنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغىنىڭنى پەش قىلىپ، ئۆزۈڭنى ماڭا سېلىشتۇرغىدەك بولدۇڭما؟ كىملىكىڭنى بىلەلمەي قالغان بولساڭ ئوبدان ئاڭلا. سەن توي قىلماي تۇرۇپ ئىپپىتىنى يوقاتقان نۇمۇسسىز رەسۋا. مەن بولسام كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرىپ سېنىڭدەك بىر بۇزۇقنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ئەخمەق!
- سەن...
- بىلىپ قوي. بۇنىڭدىن كېيىن ساڭا سۆزلەيدىغان ئېغىزىمنى كېسىۋەتمەيدىغان، ساڭا قارايدىغان كۆزۈمنى ئويۇۋەتمەيدىغان، سېنىڭ كەينىڭدىن ماڭىدىغان پۇتۇمنى سۇندۇرۇۋەتمەيدىغان بولسام ئادەم بالىسى بولماي كېتەي! - دەپ قەسەم قىلدىم ۋە ئۇنىڭغا خوشمۇ دېمەي تېلېفونۇمنى تامغا قارىتىپ زەرب بىلەن ئاتتىم. تېلېفون خۇددى يۈرىكىمدەك چۇل - چۇل بولۇپ كەتتى. ئورنۇمدىن چاچراپ تۇرۇپ بېرىپلا كىتاب ئىشكاپىمنىڭ يېنىدىكى تومپۇچكا ئۈستىدە تۇرغان رەسىم جاھازىسىنى قولۇمغا ئالدىم. ئۇنىڭدا ئۇنىڭ يالغۇز چۈشكەن بىر پارچە رەسىمى بار ئىدى. رەسىمنى ئېلىپ پارچە - پارچە قىلىپ يىرتىپ سىرتقا تاشلىۋەتتىم. شۇ ھامان يۈرىكىم بىرسى پىچاق تىققاندەك زىڭىلداپ ئاغرىپ كەتتى. جۇدالىق ئۆزىنىڭ بىر تالاي مۇڭى بىلەن يۈرىكىمنى تىتىپ - تىتىپ يېيىشكە ۋە كەينىدىن يارا ئۈستىگە چاڭگاللاپ تۇز چېچىشقا باشلىدى. كەينىدىنلا پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنى چاڭگاللاپ ئېلىپ، سەرسان روھىيىتىمنىڭ پىنھان دالاسىدا ھۇۋۇلداپ تۇرغان بوشلۇققا تاشلىۋەتتى. قەلب بېغىمدا شىۋىرغان قۇتراپ، بارلىق يېشىللىقنى خانىۋەيران قىلىۋەتتى. بارلىقىم يۈرىكىمدىن تۆكۈلگەن قىيان قوينىغا ئاستا - ئاستا چۆكۈشكە باشلىدى...
ئاچچىق تىنىقلار ئىچىدە ئاستا پىچىرلىدىم:
توۋا، توي قىلىشقا ماڭا بۇ ئالەمدىن باشقا بىر قىز چىقماسمۇ؟ مەن پۈتۈنسۈرۈك بىر ئەركەكقۇ ئاخىر...

تۈگىدى

2010 - يىلى 8 - ئاينىڭ 20 - كۈنى
قاراقاش - كۇيا
[ بۇ يازما kun^kiz تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]
تېما تەستىقلىغۇچى : گۈل-چۈشى
تەستىقلانغان ۋاقىت :
2010-08-21, 12:39
-سىز كۆرۋاتقان تىما كۆڭۈل دېگەن ساراڭ - پوۋېست,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
بۇ يازمىنىڭ باھالىنىش ئەھۋالى:
  • مۇنبەر پۇلى:+100(تارىم) ئىجادىيەت
  • مۇنبەر پۇلى:+200(ئۇيغۇرۇم007) نادىر ئەسەر
  • ئەدەبىيات كوچىسىغا يېڭىدىن كىرگەن بىر بالا ئۈچ يىل بۇرۇن ماڭا: ( بىر پارچە ھېكايەم ئېلان قىلىنغان. شۇنى ماختاپ بىر پارچە ئوبزور يازغان بولسىڭىز... ) دېدى. مەن رەت قىلدىم. شۇ سەۋەبلىك ئۇ ئۈچ يىلدىن بۇيان مېنى ئىتتەك تالاپ كەلدى!
    izbasar
    بۇرۇنقىلارنىڭ ئورۇن باسارى.........ئىز باسار..@!!!
    دەرىجە: كــۆنگەن ئــەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 346
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 784
    ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە784دانە
    ياخشى باھا: 22 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 3010 سوم
    تۆھپىسى: 2 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 74(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-22
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-04
    1 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-08-21 08:46 PM

    كۆڭۈل دېگەن ساراڭ

    مەن ھەممىسىنى ئوقۇپ بولۇپ ئاندىن تەھرىرلەي......
    كۈلىۋەرمەڭ كۈلكىنى،
    ھىسابى بار بىر كۈنى.
    توخۇ يىگەن تۈلكىنى،
    بۆرە يەيدۇ بىر كـۈنى.
    kun^kiz
    ئۇنتۇپ كەت يۈرگۈم ئۇ ئازاپلارنى!
    دەرىجە: مۇنبەر باشقۇرغۇچى

    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 37
      جىنسى: خانىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 704
    ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە704دانە
    ياخشى باھا: 121 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 2617 سوم
    تۆھپىسى: 99 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 274(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-19
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-05
    2 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-08-21 08:56 PM

    بۇ ئەسەرنى بۇرۇن ئوقۇپ بولغان بولساممۇ يەنە بىر قىتىم ئوقۇدۇم . ئادەم ئىرشىشنى بىلدىكەنمىز چوقۇم  ۋاز كىچىشنىمۇ بىلىشىمىش كىرەك . تېمىنىڭ ئاخىردىكى پەرھادنىڭ  ئارزىگۈلگە چىقارغان قارارىدىن تولىمۇ خۇش بولدۇم .
    پىكىر قىلۋاتىمەن_دېمەك مەۋجۇتمەن !!!
    كارۋان
    چېقىلغان ئەقىدەمنى ئۆزۈڭ تىرىۋال-!!!
    دەرىجە: كــۆنگەن ئــەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 79
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 762
    ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە762دانە
    ياخشى باھا: 22 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 2959 سوم
    تۆھپىسى: 4 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 168(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-20
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-05
    3 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-08-21 08:57 PM

    كۆڭۈل دىگەن ساراڭ ئەمەس،،شۇ كۆڭۈلنىڭ ئىگىسى ساراڭ،،نىمىشقا مۇھەببەت دائىملا مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشدىكىنا؟
    ئىتلار قاۋاۋېرىدۇ،كارۋان يولىغا مېڭىۋىرىدۇ!ساراڭغا سوت يوق.ساراڭ بىلەن ئۈزەڭنى تەڭ قىلما!بولمىسا ئاخىردا زىيان تارتىدىغىنى يەنىلا سەن!
    Paxa
    دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 3480
      جىنسى: يوشۇرۇن
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 85
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە85دانە
    ياخشى باھا: 3 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 274 سوم
    تۆھپىسى: 2 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 66(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-07-06
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-08-25
    4 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-08-21 09:05 PM

    ساراڭ بوممىسا سەمەرقەتنىڭ چوللىرىغا ئاپىرىپ تاشلىمايدۇدە ...
    sene-dayman
    سىنى دەپلا مۇشۇ كۈنگە كەلگەنمەن  يەنە قاچان ..
    دەرىجە: دائىملىق ئــەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 3986
      جىنسى: خانىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 162
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە162دانە
    ياخشى باھا: 11 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 1024 سوم
    تۆھپىسى: 2 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 210(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-07-15
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-08-23
    5 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-08-21 09:07 PM

    نەقىل ئېلىش
    ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 1قەۋەت  qiwar823 كە 2010-08-21 08:44 PMئەۋەتىلدى  :
                  

               ماۋۇ تېمىدىن    ياخشى تەسىرات  ئاپسىز     چاۋاك!

    تېما  ئىگىسى  ئەسىرڭىز  تولېمۇ ياخشى چېقىپتۇ...قەلەم قۇۋېتىڭىز   ياخشىكەن...بولۇپمۇ  ئاۋۇ  ئوغۇل بالىنىڭ  روھىي دۇنياسى ياخشى ئىپادە قىلىنىپتۇ.....ئوقىسا  ئۇنىڭغا ئوخشاش تەسىراتقا كىلدىكەن...
    ```````````سەنسىز ياشىيالمايمەن     ``````
    arkan
    دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 3854
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 114
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە114دانە
    ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 374 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 474(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-07-12
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-04
    6 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-08-21 09:28 PM

    سەل مۇبالىغە   قىلىۋىتىلگەن   بۇلسىمۇ .يۇرەكنى   خىلىلا   تىترەتتى.   
    AlgaNazar
    غالىپلارچە ياشاشنى بىلمىسەڭ، ئەسىرلەرچە ياشايس& ..
    دەرىجە: ئالىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 419
      جىنسى: يوشۇرۇن
    نادىر تېما: 1
    ئومومىي يازما: 244
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە244دانە
    ياخشى باھا: 79 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 2513 سوم
    تۆھپىسى: 5 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 427(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-22
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-05
    7 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-08-21 09:36 PM

    مەن ئوقۇپ بولغىچە بىر ھاردىم. سىز يوللاپ بولغىچە قانچە ھارغانسىز؟ ھەقىقەتەن كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى رىئاللىقنى ياخشى يورۇتۇپ بېرىپتۇ.
    AlgaNazar
    غالىپلارچە ياشاشنى بىلمىسەڭ، ئەسىرلەرچە ياشايس& ..
    دەرىجە: ئالىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 419
      جىنسى: يوشۇرۇن
    نادىر تېما: 1
    ئومومىي يازما: 244
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە244دانە
    ياخشى باھا: 79 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 2513 سوم
    تۆھپىسى: 5 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 427(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-22
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-05
    8 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-08-21 09:48 PM

    مىسران مۇنبىرىدە يازغۇچىمىز ئابابەكرى ئابدۇقادىر بىلەن ئۆز يازمىسى ئارقىلىق دىدارلاشقانلىقىمدىن خوشالمەن. خالىسىڭىز بىر قاتار مەسىللەرنى سورۇغىم بار؟
    teklimakan
    دەرىجە: ئىجادچان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 278
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 1342
    ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1342دانە
    ياخشى باھا: 132 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 6955 سوم
    تۆھپىسى: 1 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 439(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-21
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-05
    9 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-08-21 10:54 PM

    كۆڭۈل دېگەن شۇنداق ساراڭ نېمە....................شۇنىڭغا كۆڭۈلنىڭ ئارقىسىغا كىرمە دەيدۇ چوڭلار.
    بىز ئىسلامدىن ئىززەت تاپتۇق، قاچانىكى ئىسلامدىن باشقا نەرسىدىن ئىززەت ئىزدىسەك ئاللاھ بىزنى خار قىلىدۇ.....
    ھەزىرىتى ئۆمەر.
    aziza613
    دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 6466
      جىنسى: خانىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 58
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە58دانە
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 176 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 101(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-15
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-04
    10 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-08-21 11:16 PM

    قىزلار ... ھەي قىزلار ، ئىپپىتىمىزنى ھەرگىز يوقاتمايلى .
    ياخشى يېزىپسىز ، قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن .
    اللاھ خالىسا كۈلۈپ ياشايمەن ...
    TATLIK~UYGUR
    دەرىجە: تېرىشچان ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 3805
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 323
    ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە323دانە
    ياخشى باھا: 19 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 1090 سوم
    تۆھپىسى: 1 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 339(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-07-12
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-03
    11 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-08-21 11:54 PM

    10-قەۋەت (aziza613) نىڭ يازمىسىغا

    راسدەيسىز قىزلار بىزنىڭ ئۈمۈدىمىزنى ئاخلاڭلار بىزنى يەرگە قاراتماڭلار~~!
    ئۇيغۇر  ئۇيغۇرۇڭنى قەدىرلە~~~~!
    XOHKIZ
    قەشىقەر قىزى
    دەرىجە: يىـــڭى ئـــەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 6382
      جىنسى: خانىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 30
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە30دانە
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 95 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 95(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-14
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-08-25
    12 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-08-22 12:07 AM

    كۆڭۈل دېگەن شۇنداق ساراڭ نېمە..ھە قانداق قىلمىز ئەمدى
    قايغۇرمائەي قىزچاق بولدى ئەمدى بەس،
    يىگىتنىڭ قەلبىدە سۇيگۇ بىر ھەۋەس.
    خۇشىياقسا كۇلدۇرەر خۇشىياقمىسا يۇق،
    ئۆزەڭنى چىڭ تۇت سەن قونچاق ئەمەس.
    baxmaltak
    دەرىجە: يىـــڭى ئـــەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 5036
      جىنسى: خانىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 6
    ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە6دانە
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 43 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 301(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-07-28
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-01
    13 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-08-22 12:42 AM

    بەك ياخشى يېزىپسىز! ئەسەرنىڭ تىلى شۇنداق راۋان،نەسىرلەردەك چىرايلىق چىقىپتۇ. قولىڭىزغا دەرد كەلمىسۇن! ئەگەر ئارزىگۈل قىز بولغان بولسا،داۋامى قانداق چىقار بولغىيدى؟  
    ھايات مۇھەببەت بىلەن گۈزەل