مىسرانىم باش بېتى | مودا MP3 | مىسرانىم MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر| يانفۇن مۇزىكىسى
ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1310 قېتىم كۆرۈلدى
«1234»Pages: 1/4     Go
تېما: ئەكــەل دوسـتـۇم قـــولــۇڭــنـى!
kugul
كۆڭۈل غەيرەت قىل!روھلۇق بول!
دەرىجە: ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 129
  جىنسى: يوشۇرۇن
نادىر تېما: 3
ئومومىي يازما: 1605
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1605دانە
ياخشى باھا: 197 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 9486 سوم
تۆھپىسى: 7 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 551(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-20
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-04
0 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-08-21 06:30 AM

0 ئەكــەل دوسـتـۇم قـــولــۇڭــنـى!

ئەسكەرتىش: بۇ تېمىنى ئىدىرىسجان مىسرانىم مۇكاپاتلىق ئەسەرلىرى دىن بۇ يەرگە يۆتكەپ ئەكەلدى (2010-08-23)

بۇ دۇنيادا بىكارچىلىقتىنمۇ ئازاب ۋە زېرىكىشلىك ئىش بولمىسا كېرەك،بىكارچىلىقتا ئۆتكەن كۈنلەر ھەقىقەتەن مەنىسىزلىك ئىچىدە، كىشلەرنىڭ مەڭسىتمىگەندەك قاراشلىرى ئىچىدە ، تىنەش -تەمتىرەش بىلەن ئۈتىدىكەن .
مانا مەن بىكار يۈرىۋاتقىلىمۇ، ھەش-پەش دىگۈچە تۆت يىلچە بۇلۇپ قاپتۇ.بۇ كۈنلىرىمگە نىمە دەيمەن ھەم نىمىمۇ دىيەلەيمەن ،ئۆز ۋاقتىدا ئانام بىلەن دادام ئومدان ئۇقۇغىن بالام .كىيىنچە بىزدىن ئايرىلىپ قالساڭ تۇققانلار ئالدىدا ،ئەل -يۇرت ئالدىدا بوينۇڭ قىسىلىپ قالمىسۇن .بىر ئۆمۈر پۇشايمانغا قالما! دەپ ،شۇنچە نەسىھەت قىلسىمۇ ئاڭلىمىغاننىڭ جازاسىنى مانا ئەمدى بەك تارتىۋاتىمەن.ياش بىر يەرگە بارغاندا بولسا كەينىمىزگە قاراپ ،بەكمۇ كىچىككەنلىكمىزنى ھەم شۇ چاغلارغا، ئوقۇغۇچىلىق چاغلارغا قايتايلى دىسەكمۇ ھەرگىز قايتالمايدىكەنمىز.ئاتا-ئانىمىزنىڭ بىزنى ياخشى بولسۇن -دەپ قىلغان، ھەربىر نەسىھەتلىرىگە ئۆڭۈپ بۇيۇن قاققان بۇ بويۇنلىرىمىز،ئەمدىلىكتە بولسا بىزگە بوي سۇنماي باشقىلار ئالدىدا ئامالسىز يەرگە ئىگىلىدىكەن.
ۋاي ئانا،ئاتا،شۇ بەڭۋاش چاغلىرىمدا مىنى چىڭ تۇتۇپ بەكىرەك باشقۇرسىڭىزچۇ ؟ئاڭلىمىغان مۇشۇ قۇلۇقۇمنى سوزۇپ ۋە چىشلەپ ئۈزىۋەتسىڭىزچۇ؟دەپ، ئىچىمىزدە ئۈنسىز ياش تۈكىدىكەنمىز.مەن ئانام بىلەن ئاتامنىڭ نەسىھەتلىرىنىڭ نەقەدەر توغۇرلىقىنى ئەمدىلىكتە تۇلۇق چۈشەندىم. ئەمما كىچىكىپ چۈشەنگەن بىلەن تۇلىمۇ كىچىكتىم.بۇرۇن مەكتەپتە ئۇقۇۋاتقان چاغلىرىمدا ،باشقا ساۋاقداشلارنىڭ كىتابنى قولتۇقلاپ باغچىلاردا دەرىس- مۇزاكىرە قىلىپ يۈرگەنلىكىنى كۆرسەم ، ۋاي مەتۇلار! ۋاي كىتاب خالتىسى، دەپ مازاق قىپتىكەنمەن.ھەم شۇ
ئاتا-ئانامىنى قاخشىتىپ يۈرۈپ يالغان-ياۋداق سۆزلەرنى قىلىپ، پۇل ئىلىپ سەتەڭ قىزلارنى توغۇرلاپ باغچىلاردا ،مۇھەببەتنىڭ پەيزىنى بۇلىشىغا سۈرۈپتىكەنمەن.ئەمدىچۇ نىمە بولدى!
ساۋاقداشلىرىم ئاشۇ مەن مازاق قىلغان ساۋاقداشلىرىم، تىرىشىپ ئۈگۈنۈپ ئالىي ئۇنۋىرستلارغا ئۆتۈپ -ئالىي بىلىم بۇلىقىدا سۇغۇرۇلۇپ ياخشى نەتىجىلەرنى ئىلىپ مەكتەپنى تاماملاپ، ئالدى يۇقىرى قاتلاملاردا ،كەينى مەمۇرىي ئورۇنلاردا، كادىرلىق خىزمەتلەردە ئولتۇرۇپ ھۆكىرەۋاتىدۇ.مەنچۇ! مەن، بىر تىيىنگە سارغىيىپ بۈگۈن تاپسام ئەتىگە يوق !ياخشى ئۇقۇش پۇرسىتىنى قولدىن بىرىپ مەدىكارلىق قىلىپ باشقىلارنىڭ ئېغىر يۈكىنى كۆتۈرۈپ-چۈشۈرۈپ ،ئۇلارنىڭ بەرگەن ئىككى تال پۇلىغا قاراپ كۈن ئۆتكۈزىۋاتىمەن.كۈنلەر-يىللار، بىر -بىرنى قوغلۇشۇپ ئۆتۈپ مانا يىشىممۇ ئوتتۇزگەئۇلاشتى. ئارلاشقان دوسلۇرۇمنىڭ، ئالدى توي قىلىپ بالىسى مەكتەپ يۈزى كۆردى بىراق مانا مەن يەنىلا بويتاق!بۇرۇن رەھمەتلىك ئاتا-ئانامنىڭ يانچۇقىدىكىنى زارلىتىپ -قاخشىتىپ ئەپچىقىپ خەجلەپ بەرگەن قىزلىرىم ،مانا ئەمدى ئەسكى چاپاننى كەيگەندە ماڭا قاراپمۇ قويمايدۇ.تىخى ئالدىمدىن، مىنى كۆزگە ئىلماي موتسىكىلىتلىرىنى ھەيدەپ لاي-پاتقاقلارنى كىيىملىرىمگە چاچىرتىپ ئۈتۈپ كىتىشلىرىچۇ .ھەي.......ئاتا-ئانام ئېغىر كىسەل بىلەن ئارقا-ئارقىدىن ئىككى يىل ئىچىدە ئالەمدىن ئۆتتى.ئاتا-ئانام راس دەتپىكەن ئانام ھايات ۋاقتىدا ئانچە-مۇنچە ئىزلەپ تۇرىدىغان تۇققانلار مانا ئانامنىڭ- ئاتامنىڭ ۋاپاتىدىن كىيىن بۇ غېرىپ خانامگە كىلىپمۇ قويمايدىغان يوللاردا كۆرسە ئۇدۇل كىلىپ قالمىساق كۆرمەسكە سىلىپ كىتىدىغان بۇلۇپ قالدى.ئۆز ۋاقتىدا ئانام رەھمەتلىك كېسەل سەۋەبىدىن ئاران ھەدەم ئىككىمىزنى تۇغۇپتىكەن،كىيىن ھەدەم تۇغما يۈرەك كېسىلى بىلەن مەن ئون ياشقا كىرگەندە بىزنى زار يىغلىتىپ بۇ باغرى تار دۇنيادىن خوشلاشقان ئىدى.ئاتا-ئانام ھەدەمنىڭ ئىچ ئاغرىقىنى بەك ئىچىگە سىلىپمۇ كەتكەنتى.شۇ ھەدەم بولغان بولسىمۇ بۇنچە غېرىب بۇلۇپ قالماستىم،دۇنيادا يىتىملىك تاشتىنمۇ قاتتىقكەن.
ئاتا-ئانام تۈگەپ كەتكەندىن كىيىن ،كىچىكىمدە بىللە ئويناپ چوڭ بولغان دوستۇم خالىقلا مىنى ھەقىقەتەن يالغۇز قالدۇرماي ئىزلەپ تۇردى.ئۆز ۋاقتىدا ئاتا-ئانىسى بىلەن ئاتام-ئاناملار ياخشى ئۆتكەن قوشنىلار ئىدى.
خالىق تۇلىمۇ تىرىشچان بالا ئىدى مەن زورلاپ تۇرىۋالساممۇ تەلىۋىمنى تاتلىق گگپلەر بىلەن چىرايلىق گەپلەر بىلەن رەت قىلىپ ئۈگىنىشىنى قىلاتتى،كىيىن ئۇمۇ ئالىي مەكتەپ قوينىغا كىرىپ ئۇقۇپ پۈتتۈرۈپ ھازىر مائارىپ ئىدارىسىدە ئىشلەيدۇ،ئانام رەھمەتلىك ئۇنىڭغا بەكمۇ مەسلىگى كىلەتتى ۋە مىنىڭ كۆڭلۈمنى يىرىم بۇلۇپ قالمىسۇن دەپ سىلىشتۇرۇپمۇ كەتمەيتى.مەن بولسام ئاتا-ئانامنىڭ پۇلىنى خەجلەپلا كۈن ئۆتكۈزەتتىم ،بەزىدە ئاتامنىڭ قاتتىق خاپا بولغانلىقىنى كۆرسەم قۇلۇمنىڭ ئۇچىدا ئۇنىڭ ئانچە-مۇنچە كۇتۇرۇپ يۈرۈپ ساتىدىغان
سودا ئىشلىرىغا ياردەم قىلىپ قۇياتتىم.يوللاردا دوسلارنى كۆرۈپ قالسام ئاتامنى تاشلاپ قىچىپ كىتەتتىم.ھازىر ئويلىسام تۇلىمۇ ئەقىلسىزلىقمدىن ئۈكۈنىمەن،يارىماسلىقىمغا قاراپ بىكار تەلەتلىكىمگە قاتتىق ئىچىنىمەن.
دوستۇم خالىق شۇنچىلىك بىلىملىك ھەم دۆلەت كادىرى بولسىمۇ،قەتئي كىبىرى يوق بەك مۇلايىم .توي قىلىپ بالىلىق بۇلۇپ بىر ئۆي زىممىسىگە يۈكلەنگەن تۇرۇقلۇقمۇ، بىكار بولسىلا مىنى تاشلاپ قويماي ھازىرغىچە ئىزلەپ تۇرىدۇ.ئۇ مىنى بەزىدە دوسلىرىنىڭ چايلىرىغا مەجبۇرى باشلاپ بارىدۇ ،بەزىدە ئۇ باشلاپ بارغان سورۇنلاردىكى، كاستىيوم- بۇرۇلكىلارنى كىيىپ تاقاپ ئولتۇرۇپ كەتكەن ،باللارغا قاراپ ئىچىم ئاچچىق بۇلۇپ قالىدۇ.يەنىلا ئامالسىز ئۆزۈمنى زورىغا بىسىپ،بىر چەتتە تاماكىنى قاتتىق -قاتتىق شوراپ ئولتۇرۇپ كىتىمەن.ئۇلارنىڭ سورۇندا خىزمەت ،مۇئاش،ئۇنۋان ، توغورلۇق گەپلىرى باشلانسا، بوينۇم قىسىلىپ قورۇنغىنىمدىن بىشىم ساڭگىلاپلا كىتەتتى.بۇنداق چاغلاردا، دوستۇم خالىق قەلبىمنى چۈشەنگەندەك دوسلىرىنىڭ قىلىۋاتقان گەپلىرىنىڭ مەزمونىنى بىردەمدىلا باشقا ياققا بۇرىۋىتەتتى .شۇڭا بەزى-بەزىدە، ئاغىنەمنىڭ يۈزىنى قىلىپلا سورۇنلىرىغا قاتنىشىپ قۇياتتىم .بەزىدە ئۇ باشلىغان سورۇندا بۇيۇن قىسىپ ئولتۇرغاندىن بولدىلا دەپ، بىر ئىشلارنى باھانە قىلىپ تۇرىۋىلىپ قەتئي بارغىلى ئۇنىماي تۇرىۋالاتتىم.بۇنداق چاغلاردا خالىق كەيپىياتىمغا قاراپ ،مىنى ئارتۇق زورلاپ كەتمەيتى.مانا بۈگۈنمۇ بىر خۇجايىننىڭ شىركىتىدە ،سائەتلىك پۈتۈشۈپ يۇك بىسىپ ئىشلەۋاتسام تېلفۇن قىپتۇ.
-تاھىر بۈگۈن ۋاقتىڭ بارمۇ؟بۈگۈن مۇھىم ئەل-ئاغىنىلەر بىلەن ئۇچىرشىپ مۇڭداشماقچىتۇق، بالدۇرراق بىكار بولساڭ بىللە بىرىپ بىردەم-يىرمدەم ئولتۇرۇپ كەلمەيلىمۇ.
-ئاداش ،بارساق بەك ياخشى بۇلارئىكەنتۇق . قارا بۈگۈن كۆپىرەك ئىشنى سۆزلىشىپ قۇيۇپتىكەنمەن شۇڭا باشقا كۈنى بولسۇن سەن بىرىۋەرگىن .
خالىق كۆڭلۈمنىڭ تارتمايۋاتقانلىقىنى چۈشەندىمۇ بىلمىدىم ،گەپنى يەنە بۇراشقا باشلىدى.
- ئاداش نىمانداق قىلىسەن! بۈگۈن رەڭلىك سورۇن بارتى بىر توپ قىزلارنى توغۇرلاپ قۇيۇپتىكەنمەن .
ئۇنداق قىلما ،ئىشىڭنى بىركۈن بولسىمۇ توختىتىپ قۇيۇپ مەن بىلەن بىرگە بىرىشىپ بەرگىن نىمانداق قىلىسەن؟
ساقال-بۇرۇتلىرىڭنى ئىلىپ، رەتلىك كىيىنىپ باراسەن ھەممىسى ئوقەتچى خىنىملارتى .
دەپلا ماڭا گەپ بەرمەي سۆزلەپلا كەتتى.مەن ئوقەتچى خىنىملار بىلەن ئولتۇرسام، مىنى نەدە ئىشلەيسىز ؟دەپ سوراپ قالسا، نىمە دەپ جاۋاب بىرىمەن !دىگەنلەرنى ئويلاپ يەنىلا باھانە كۆرسۈتۈپ تۇرىۋالدىم .ئەمما خالىق بەك رەنجىپ تۇرىۋالدى، ئادەتتە ئۇ مەن ئۇنىماي قەتئى تۇرىۋالسام زورلىمايتى. بۇ قىتىم بەكلا زورلاپ يار-يىلىمدەك يىپشىپلا ئالدى، مەن تۇرۇپلا ئۇنىڭ ئىستىلىدا مەسىلە بارلىقىنى بىلىپ راسلا كۈلگۈم كەلدى.ۋەخىجىل قىلماي بوپتۇ بارساممۇ باراي، ئۇسەتەڭلەر بىرەر ئورۇننىڭ خىزمەتچى خادىمى بولمىغاندىكىن ،مەن ئەڭ بولمىغاندا ئۆزەمنى تىجارەتچى دەپ تۇنۇشتۇرامەن-دەپ ئويلاپ ،خالىقنىڭ سۆزىگە تەستە قۇشۇلدۇم .
خالىقنىڭ، خۇتۇنى، بالىسى، بار تۇرۇپ- نىمانچە بۇ رەڭلىك سورۇنغا قىزىقپ قالغاندۇ ؟ھا..ھا خۇتۇن كونىرغانسىرى تىتىمىغان ئوخشىمامدۇ؟مەن شۇلارنى ئويلىۋەتكەندىن كىيىن ،تىلىفۇندا خالىق بىلەن كىلىشىپ مەركىزى كوچا دوقمۇشىدا ئۇچىراشماقچى بولدۇم ،خالىق تەلىۋىنى رەت قىلىمىغانلىقمغا قەۋەتلا خوش بوپ كەتتى.


ئىشىمنى تېز-تېز ئىشلەپ پۈتتۈرۈپ خۇجايىنىدىن، بىركۈنلىك ئىش-ھەققىمنى ھېسابلىشىپ ئىلىپ قايتتىم.
ئۆيگە كىلىپ تازا بىر يۇيۇندۇم ۋە ساقال-بۇرۇتلىرىمنى ئىلىپ، سورۇنلۇق كىيمنىنى كەيدىم ۋە قارا دىگەندەك كەينمىدىكى ئەينەك جاھازىسىغا قاراپ تۇرۇپلا قالدىم. ئۇ ئەينەكتە ماڭا قاراپ تۇرغىنى، مىنىڭ قاملاشقان سىمايىم تۇلىمۇ قاملاشقان ھەقىقي ئەركەكلەرگەخاس گەۋدە، بوي ، دولقۇنسىمان پارقىراق چاچ .مانا مىنىڭ
مۇشۇ تۇرۇقۇمنى باشقىلار كۆرسە خۇجايىنلارغا سائەتلىك ئىشلەۋاتقان مەدىكار ئەمەس، بەلكى ئەڭ چوڭ  ئىلغار
ئىدارە- ئورۇننىڭ ،كۆزگەكۆرۈنگەن كادىرى دەپ ئويلاپ قىلىشى تۇرغانلا گەپ ئىدى .ھەي...... 


مەن سائىتىمگە قارىۋىتىپ ئۆيدىن چىقتىم، مەركىزى كۇچىدا بىردەم خالىق كەلگۈچە، يول بۇيىدىكى
ئىچىلىپ كەتكەن قىزىل گۈللەرگە ۋە شەھەرنىڭ پاك-پاكىز كۇچىلىرىغا قاراپ تاماكامنى چىشلەپ تۇرسام ،خالىق بىردەمدە يىنىمدا جىندەكلا پەيدا بولدى.ئۇ مىنى ساقلىتىپ قويغانلىقىنى، ھەم ئۆزىنىڭ ئىدارە ئىشى بىلەن شەخسى ئۆزىنىڭ ئىچىۋالغان دۇكىنىڭ ئىشىنى، ئورۇنلاشتۇرۋىتىپ ھايال بۇلۇپ قالغانلىقىنى چۈشەندۈردى.بىز تاكسىدىن بىرنى تۇسۇپ خالىق باشلىغان ئاق لالە ئارامگاھىغا يىتىپ كەلدۇق.
مۇلازىمەتچىلەرنىڭ باشلىشى بىلەن ئايرىمخانا ئىچىگە كىردۇق، بۇ ئارمگاھ ئىچى مۇزىكىلىق ئارامگاھ بۇلۇپ رومانتىك ساكىسفون مۇزىكىلىرى قۇيۇلۇپ بەكمۇ يىقىملىق ئىدى.ئارامگاھ ئىچىگە كىرسەك ،ئىچىدە بەكمۇ سالاپەتلىك بىزدىن ياش پەرىقى خىلى چوڭلا ،ئاكىمىز دىمەتلىك ئەرلەر ئولتۇرۇپ كىتىپتۇ . مەن خاتا كىرىپ قالغان ئوخشايمىز ،دەپ -دوستۇم خالىقىنىڭ، قۇلىنى نۇقۇپ قويدۇم.ئۇ مىنىڭ نۇقۇشۇمنى سەزمىگەندەكلا بارغىنىچە ، ئۇ ئاكىمىز دىمەتلىك كىشلەر بىلەن ئالاھىدە قول ئىلىشىپ كۆرۈشۈپ كەتتى.ئۇلارغا قاراپ ئىچىمدە، قىرى بويتاقلاركەندە، دەپ ئويلۇدۇم ،ۋە مەنمۇ ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ بىرىپ، ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈپ قۇيۇپ تىچلىق -ئامانلىق سوراشقاندىن كىيىن، ئورۇندۇقىنى تارتىپ ئۈستەلگە كىلىپ ئولتۇردۇق.بىز كىرىپ بىردەمدىن كىيىن، مۇلازىمەتچى قىزلار تاماقلارنى تارتىۋىرەمدۇق،- دەپ كىرىپتۇ .ئۇلار ياق بىرئاز ساقلايلى! تىخى كىلىپ بۇلالمىغان مېھمانلار بار دىيىشتى ،بىز بىردەم ئادەتتكى يۇسۇندا پاراڭلىشىپ ئولتۇردۇق. ئارىدىن ئوتتۇرا بوي دىقماق كەلگەن بىركىشى ئورنىدىن تۇرۇپ ، ئۇمېھمانلار كەلگۈچە بىرەردىن ئىچىپ ئولتۇرمايمىزمۇ؟ دەپ ئورنىدىن تۇرۇپ، تالادىن ئىچىملىك ئالغىلى چىقىپ كەتتى.مەن تىخى ئاق-قىزللارنى ئىلىپ كىرسە، تازا بىر قىززىۋالساق ،كەلگەن سەتەڭ قىزلارنى تازا بىر گەپكە سالىدىكەنمىزدە، دىگەنلەرنى ئويلاپمۇ ئۈلگۈردۇم. ئەمما ئۇ ئادەم سىرتقا چىقىپ ھايال ئۆتمەيلا ،قاراقات، ئۆرۈك، قوغۇن، قاتارلىق يەرلىك مەھسۇلاتلارنىڭ ،مىۋە سۈيىنى كۈتۈرۈپ كىرىتپتۇ .مەن ئۇ دىماق ئەپەندىمنىڭ كۇتۇرۇپ كىرگەن قۇلىدىكى سوغۇق ئىچىملىكلەرنى كۆرۈپ، شەيتىنىم قوزغۇلۇپ تاسلا قالدىم كۈلىۋەتكىلى. مەن ئىچىمدە، ۋاي مەتۇ !مۇشۇنداق قىلىپ ئولتۇرساڭ، ھىلى كىلىدىغان تۇمۇچۇقلار نىمە دەپ قالار دەپ ئويلىدىم.
ئۇ ئادەم ھەر بىرىمىزگە ،بىر ئىستاكاندىن سوغۇق ئىچىملىكلەرنى قۇيۇپ بەردى.ئۇ بىزگە قاراپ.
- بۇ مىۋە سۈيى تازا مۇزدەككەن ،بۇ ئېسسىقتا چاڭقىغان يىرىمىزگە بارىدۇ ئەمەسمۇ دەپ، يوغان سىمىز -گۆشلۈك كالپۇكلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ كۈلۈپ قويدى .بىزمۇ ئۈندىمەي قۇيۇپ بەرگىنىنى ئىچىپ ئولتۇردۇق.
يېرىم سائەتلەردىن كىيىن ئىشىك ئاستا چىكىلدى ،ئۇلار كەلدى ھەقىچان دەپ، ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشتى. مەنلا ئورنۇمدىن تۇرمىدىم،ھەم ۋاي قېرى ئوغۇرلار !ھەجەب يۈرۈگۈڭ قېرىشمىغان ئادەملەركەنسىلەر !دەپ كۈلگۈم كەلدى.ئىشىك ئىچىلىپ ئارقا-ئارقىدىن ئۈچ ئايال كىرىپ كەلدى ،ئۇ ئاياللارغا قاراپ تاسلا قالدىم كەينىمگە ئۇچۇپ كەتكىلى، شۇنداق سىمىز ،شۇنداق تەتۈر ئۇستىخان كەلگەن ، قىرىق ،ئەللىك ياشلار چاممىسىدىكى چوڭلا خۇتۇنلاركەن .ئۇخۇتۇنلار ئاران ،ئېيىقتەك قەدەملىرىنى ئىلىپ -مىڭىپ، يالغان كۈلۈپ پۇشۇلداپ ئۇدۇلىمىزغا كىلىپ ئولتۇردى. ۋە ھەممىمىز بىلەن تىچلىق-ئامانلىق سورىشىۋەتكەندىن كىيىن ،باشقا ئاياللار كەلمىگەن ئوخشىمامدۇ؟ دىيىشىپ سوراپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۆرۈلۈپ خالىققا قارىدىم .
-ھوي سەن ،نىمانداق مەتۇلىشىپ كەتتىڭ! مۇشۇ قېرى خۇتۇنلارنى دەپ كەلدۇقما؟ قۇيە سىنى! ماڭا دىگەن بولساڭچۇ ،دەپ قۇلقىغا ئاستا، قۇلۇمنى تۇسۇپ تۇرۇپ پىچىرلىدىم.
ئۇ ماڭا جىم تۇر !ھىلى كىلىدۇ باشقىلىرى دەپ قۇيۇپ، ئۇ ئاياللارغا خۇتۇنىغا يىقىنچىلىق قىلغاندەك، مىۋە سۈيىنى قۇيۇپ مېھماندوسلۇق قىلىپ كەتتى. راس گەپ قىلسام: بۇ سورۇندىن شۇنداق چىقىپ كەتكۈم كىلىپ كەتكەنتى. شۇنداق بىردەم ئولتۇرغاندىن كىيىن  ئىشىك چىكىلىدى، ۋە سورۇنغا يەنە ئىككى ئايال، ئۈچ ئەر، كىرىپ كەلدى.مەن باشقىلارنىڭ سالاملىشىۋاتقان ۋاقىتدىن پايدىلىنىپ، بۇ يىڭى كىرگەن خۇتۇنلارغا يۇشۇرۇن قارىدىم. بۇ خۇتۇنلار ئانچە-مۇنچە پەردازلاپ چىرايىدىكى قورۇقلارنى توسقان بولسىمۇ، يەنىلا بايامقى خۇتۇنلاردىن ياش پەرىقى كام ئەمەستى. بىراق بۇلار خىلى ئۇرۇق زىلۋا بويكەن، شۇنداقتىمۇ قېرى خۇتۇنلار ،ھەدىمىزدەك ئاياللار بىلەن ئولتۇرۇپ نىمە كەپتۇ. خالىقنىڭ -خۇتۇنى بولمىسا بۇلاردىن مىڭ ھەسسە چىرايلىقتى. بۇ ئاداش كۆزىگە ئىشتان كىيىۋالدىمىكىنە!شۇنىڭ بىلەن مەن خالىققا قاراپ تۈۋەن ئاۋازدا؛ مەن ماڭايمىكىن دىسەم ،تۇرۇپ تۇر !تەڭ ماڭىمىز ،ھازىرلا ماڭىمىز جىم ئولتۇر دىدى.خالىقنىڭ پۈرلەشكەن چىرايىغا قاراپ بۇ خۇتۇنلار خالىققىمۇ ياقماپتۇ دە، دەپ كۈلۈپ سالغىلى تاسلا قالدىم. ئارىدىكى جىمجىلىتقنى بۇزۇپ يەنە بىر يوغان قۇساق ئاكىمىز مۇلازىمەتچىلەرنى چاقىرىپ،ھەرخىل ئېسىل قۇرۇمىلارنى ئۈستەلگە ئەكىلىشكە باشلىدى. بۇ ئېسىل قورۇمىلارنى ئەسلى ،گۈزەل نازىنىلار يىسە توغرا بۇلاتتى! بۇ قېرى خۇتۇنلارغا زايا كەتتى -دە،شۇنداق قىلىپ تاماقلار بىرئىككى كويزا يىيىلگەندىن كىيىن ئۇلار ئۆز-ئارا تۇنۇشمايدىغانلار ،بىر-بىرىگە تۇنۇشلۇق بىرىشكە باشلىدى.ئاڭلاپ ئولتۇرسام بىرسى بىر چوڭ كارخانىنىڭ باشلىقى، يەنە بىرسى بىر چوڭ شىركەتنىڭ باشقىلىرى،يەنە باج ئىدارىلىرىنىڭ خادىملىرى ھەم چوڭ-چوڭ ئوقەتچىلەر ئىكەن .ئىشقىلىپ تۇنۇشتۇرغۇچىنىڭ ئاغزىدىن  ئۇ سەت قېرى خۇتۇنلارنىڭ،ھەممىسىنىڭ ئەمەللىرىنىڭ خىلى چوڭلىقىنى بىلىپ ،ئاغزىم سەل سىڭايان ئىچىلىپ قالدى. خالىقنى بۇلارنىڭ ئىچىدىكىلەرنىڭ كۆپىرەكى دىگەندەك تۇنۇيدىكەن، مىنى بولسا خالىق دۇكىنىمغا مەبلەغ سالغان يىقىن دوستۇم ئۆزى تىجارەتچى -دەپ ،تۇنۇشتۇرۇپ سورۇندا خىلى يۈزۈمنى قىلىپ قويدى. مەن بۈگۈن چوڭلار بىلەن ئولتۇرغاچقا ،باشقا چاغلاردىكىدەك قورۇنۇش ھېس قىلىپمۇ كەتمىدىم . بۇ باي ئوقەتچى-كارخانىچىلار بىرئاز تاماق يەپ قۇساقلار بىرئاز ئەستەرلەنگەندىن كىيىن،ئۆز-ئارا سۆھبەتكە چۈشتى.مەن شۇ ئارلىقتا تالاغا نەچچە چىقىپ كىرگىنىمنىمۇ بىلمەيمەن .
مەن تالاغا بىرچىقىپ كىرسەم ئۇلار بەس-مۇنازىرىگە چۈشۈپتۇ، قانداق قىلغاندا؟ چوڭ-چوڭ ئوقەتلەرنى تەرەققي قىلدۇرۇش ھەم كارخانىلىرىنى كىڭەيتىشى توغۇرلۇق، يەنە نەچچە مىلىيون سالىدىغان مەبلەغنىڭمۇ گەپلىرىمۇ بۇلاندى. مەن ئۇلارنىڭ گەپلىرىگە بارغانچە قىزىقىپ قالدىم، ئارىدىن بىرسى دىدى:
-مەن ئوقەت باشلىغاندا ،ئۆز يۇرتۇمدىن قۇرۇق قوللا ، ياقا يۇرتقا چىقىپ سودا ساھەسىگە قەدەم ئالغان .ئۇ چاغلاردا مىنىڭ تارتمىغان جاپالىرىم قالمىغان ،ھەتتا قىشتا پاناھلانغىدەك جاي يوق ،دوختۇرخانىلارنىڭ مەشلىرى يىنىدا تۈنەيتىم.مىنىڭ مىلىيونىر دەرىجىلىك شىركىتىمنىڭ بولغانلىقى، باشقىلارنىڭ قوللىغانلىقى ھەم ئۆزۈمنىڭ تىرىشچانلىقىدىن ئايرىپ قالالمەيمەن!
مەن بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئۆزۈمنى، ئۇ باينىڭ ئورنىدا قۇيۇپ، ئۆز ۋاقتىدا مەنچىلىك سەۋىيىدە باشلىغانلىقىغا سىلىشتۇرۇپ ئاغزىغا قاراپ ئولتۇرۇپ كەتتىم. ئۇ يەنە قولىغا پۇل كىرگەن ياقى مۇناسىۋەتنى ياخىشلاش، سودا ساھەسىدە ئۇتۇق قازىنىش ۋە چەئەللەر بىلەن ئىمپرت-ئىكىسپورت قىلىشتا، تىل بىلمىسە بولمايدىغانلىقىنى تۇنۇپ يىتىپ، كەچلىك كۇرۇستا ئىنگىلىزچە ،فىرانسوزچە ،تۈرۈكچە، تىللارنى ئۆزلۈگىدىن ئۈگۈنۈپتۇ. يەنە باشقا تىللارنى ۋاقىت چىقىرالىسا ،چۇقۇم ئۈگىنىدىغانلىقىنى بىرەرقۇر سۆزلەپ ئۆتتى.
يەنە بىرسى ،ئۆزىنىڭ يىتىم باللارنى بىقىش- ئۇقۇتۇش ئىشلىرىنى ئۈستىگە ئالغانلىقىنى. يەنە بىرسى، ئۇيغۇر كارخانىلىرىنى دۇنياغا تۇنۇتۇش ئۈچۈن چۇقۇم مول تەجىربە توپلاش كېرەك . دىگەندەك، گەپلەرنى قىلىپ ئۆتتى. شۇنىڭ بىلەن سورۇندىكى بەزىلىرى ،ئۇلاردىن سۇئال دىگەننى ئايىماي سورىغىلى تۇردى.ئۇلار بىردەم بەس-مۇنازىرە قىلىشىپ بولغاندىن كىيىن، بايامقى كەلگەن مېھمانلارنىڭ يەنە باشقا جايدا سۆھبەتلىرى بارلىقىنى چۈشەندۈرۈپ، بىر-بىرلەپ سورۇندىن قايتىشتى.بايام ئۇلاردىن كىرگەندە يىرگەنگەن قەلبىم ،ۋاللىدە يورۇپ كەتتى ھەم بىردەم ئولتۇرسا يەنە كۆپىرەك ئاڭلىۋالاتتىم، دەپ- ئۇلارنىڭ كەينىدىن قاراپ قالدىم. شۇنىڭ بىلەن باشتا بىز كەلگەندە بار بايامقى سودىگەرلەر خالىق بىلەن بىرگە چىقىپ، ئۇلارنى ئۇزۇتۇپ قۇيۇپ كىرگەندىن كىيىن ، ئۆز ئارا بىردەم ئولتۇرۇشۇپ بۈگۈنكى سۆھبەتنىڭ بەكمۇ پايدىسى زور بولغانلىقىنى دىيىشىپ-مۇڭدىشىۋەتكەندىن كىيىن ، بۇ سورۇننىڭ ھېساۋاتىنى تالىشىپ يۈرۈپ تۆلىۋىتىپ ،ماڭا ھەرقايسىسى بىردىن ئىسىم كارتوچكىلىرىنى قالدۇرۇپ خوشلاشتى. ئۇلارمۇ كىتىپ بۇ ئايرىمخانىدا ،خالىق ئىككەيلەنلا قالدۇق. مەن، خالىقنىڭ بۇيەرگەمىنى مەقسەتلىك ھالدا باشلاپ كەتكەنلىكنى بىلىپ يەتتىم ۋە دوستۇمنىڭ ماڭا ھەقىقي يول كۆرسىتىۋاتقانلىقىدىن بەكمۇ تەسىرلەندىم. ئۇ ماڭا :

-تاھىر سىنىڭ بۇسۆھبەتلەرنى ئاڭلاپ، قانداق ئويدا بۇلىۋاتقانلىقىڭ ماڭا نامەلۇم. قارا! ئۇلارنىڭ بىرەرسى، ئالىي مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىمۇ ئەمەس. ھەممىسى تىرىشىپ -تىرمىشىپ جاپالارنى يىڭىپ يۈز تاپقان كىشلەر. بىزدەك ئالىي مەلۇماتلىقلار ،ئۇلارنى ئەتىۋارلاپ سورۇنغا ئاران باشلاپ كىلىمىز. ئۇلار سودا -ساھەسىدە يۈز تاپقان كىشلەر! سەنمۇ ئاڭلىدىڭ، ئۇلارمۇ باشتا قۇرۇق قول ھالەتتە ، تىرىشىپ بىر ئىشنىڭ يۇلىنى تۇتۇشنى باشلىغان. سىنىڭمۇ مۇشۇ ئالتۇندەك ۋاقتىڭنى بىكارچىلىقتا ،مەدىكار بۇلۇپ كۈن ئۆتكۈزۈپ ياشلىقىڭنى نابۇت قىلماسلىقىڭىنى ئۈمۈت قىلىمەن. سەنلا تىرىشساڭ مانا مەن سىنى قوللايمەن!
مەن ئالدىمدا سۆزلەۋاتقان خالىقنىڭ ،بۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ رەھمەتلىك ئاتا-ئانامنىڭ نەسىھەتلىرى، ئېسىمگە كىلىپ كۆزۈمگە ياش ئالدىم .ئۇ يەنە ماڭا قاراپ ئەركىشىنىڭ كۆزىدىن ياش ئاقسا بولمايدۇ! ئەكەل قۇلۇڭنى دوستۇم ،ئەمدى ئۇيقۇڭنى ئاچقىن! ھازىر سەندىن باشقا ھەممە كىشلەر ئالدىراش. پەقەت سەنلا ۋاقىتنى بىكار ئۆتكۈزىۋاتىسەن، شۇڭا چۇقۇم تىرىشقىن !مەن خالىقنى قۇچاقلاپ چوڭقۇر رەھمىتىمنى ئېيتىپ كەتتىم .ھەم شۇنداق يەڭگىل بوپ قالدىم،شۇنىڭ بىلەن بىز بىردەم مۇڭداشقاندىن كىيىن قايتتۇق.
مەن يالغۇز يىگانە ئاتا-ئانامدىن قالغان غېرىپ خانەمگە قايتىپ كەلدىم، كىچىچە ئۇخلىيالماي كىرپىك قاقماي چىقتىم. ھېلىقى باي سودىگەرنىڭ ،كىچىك ۋاقتىدا ماڭا ئوخشاش يىتىم قىلىپ ئاشخانىلاردا ئىشلەپ، خۇجايىنلاردىن تاياق يىگەنلىكىنى، سوغۇقتا دوختۇرخانىلارنىڭ بۇلۇڭ -بۇشقاقلىرىدا تاڭ ئاتقۇزغانلىقىنى ئويلاپ ئۆزۈمنىڭ ھەقىقەتەن يارىماسلىقىمغا ئۆكۈندۇم. ھەم ئۆزەمنىڭ كەلگۈسۈم ئۈچۈن بولسىمۇ چۇقۇم ئورنۇمدىن دەس تۇرۇشۇم كېرەكلىكىنى ھېس قىلدىم .
ئاخىرى بۇ ئۇزۇن كىچە ئاخىرلىشىپ تاڭمۇ يورۇدى، مەن بۈگۈندىن باشلاپ مەدىكارلىققا بارماسلىق قارارىغا كەلدىم ھەم ئاتا-ئانامدىن قالغان بۇ يىگانە خارابەمنى سىتىشنى ئويلىدىم .شۇنىڭ بىلەن خالىقنىڭ يىنىغا بىرىپ مەسلىھەت سىلىپ، ئۈيۈم كىچىك بولسىمۇ شەھەر ئىچىدە بولغاچقا سەكسەنمىڭ يۇەنگە سېتىۋەتتىم. مەن ئۈيۈمدىن كېرەكلىك نەرسىلىرىمنى ئىلىپ چىقىۋىتىپ ،ئاتا-ئانامنىڭ ماڭا قاراپ :ئەمدى ئەقلىڭنى تاپتىڭ، ياخشى قىلدىڭ بالام !ئەمدى ئۇغۇل بالىدەك ياشا! دىگەندەك كۈلۈپ تۇرغان سىماسىنى غۇۋا كۆرگەندەك بولدۇم.ئۆينى سېتىۋالغۇچىلارغا تاپشۇرۇپ بىرىپ خالىقنىڭ دۇكىنىنىڭ بوتكىسىدا ئۆزۈمنى ئوڭشىۋالغۇچە، نەرسە كىرەكلىرىمنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قۇيۇپ ئۇدۇل قۇشخانىغا قاراپ يول ئالدىم. ئوغۇل بالا بىكار يۈرگەندىن: مالچىلىق قىلسا بەكمۇ يارىشىدۇ ،دەپ مەھەللەمدىكى قېرى مۇمايلارنىڭ پاراڭلىشىۋاتقىنى بۇرۇن ئۇلارنىڭ يىنىدىن ئۈتۈپ كىتىۋىتىپ ئاڭلاپ قالاتتىم .مەن ئۇ يەردىن، ئىككى كالا ،ئىككى قوي سىتىۋالدىم ۋە خالىقنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن قالغان كونا زىمىنىغا ئىلىپ بىرىپ باقتىم .بىركۈنى تازا ئالدىراش ماللارغا يەم بىرىۋاتسام خالىق بۇرۇن بىز بىللە ئۇقۇغان ساۋاقدىشىمىز قاسىمنى قوتانغا  باشلاپ كەپتۇ . مەن ئۇنى خىلى ئۇزۇن بوپتىكەن كۆرمىگىلى بىز بىردەم مۇڭداشتۇق، ئۇمۇ مەندەك بىكارچىلىقتا قاخشاپ يۈرۈپتىكەن خالىق ماڭا ياردەملىشىكە ئىلىپ كەپتۇ .مەن ئۇنىڭ تەكلىۋىگە قۇشۇلدۇم ۋە خوش بولدۇم، قاسىم شۇ كۈندىن باشلاپ ماڭا ياردەملەشتى. بورداقچىلىق ئىشلىرى شۇنداق تەس بولسىمۇ ئەركىشى ئۈچۈن، بۇنچىلىك ئىش ھىچقانچە ئىش ئەمەس دەپ ئويلۇدۇم..شۇنداق قىلىپ كالا،قوي بىر-بىرلەپ تۇغۇپ كۆپىيىشكە باشلىدى .مەنمۇ ئۆز ۋاقتىدا ھورۇنلۇقتا سەمىرىپ كەتكەنتىم ،ھازىر بولسا ئۇرۇقلاپ كىچىك مەكتەپ بالىلىرىغا ئوخشاپمۇ قالغان ئىدىم.بىر كۈن كەچكىچە قوتاندا ئىشلەپ ،كەچلىرى قاسىم ئىككىمىز چارچىغىنىمىزدىن ھىچنىمىنى تۇيماي مەي بۇلۇپ تاتلىق ئۇخلاپ كىتىمىز .بەزىدە ئۇيقۇم كەلمىسە ھىلىقى سورۇندىكى كارخانىچىلارنىڭ جاراڭلىق گەپ-سۆزلىرى، ئېسىمگە كىلىۋالىدۇ  شۇنىڭ بىلەن چارچاشلىرىم بولسا نەلەرگىدۇر قىچىپ كىتىدۇ. شۇنداق قىلىپ مەن بورداقچىلىق قىلىپ 3-يىلىغا قەدەم قويدۇم .بۇ جەرياندا پايدىمۇ ئالدىم -زىيانمۇ تارتتىم ،دىگەندەك ئاخىرى چارۋىچىلىقتا كۆزگە كۆرۈنگەن ئوقەتچىلەردىن بۇلۇپ قالدىم.
بۇرۇن مەن باشقىلارغا مەدىكار بۇلۇپ ئىشلىگەن بولسام، ھازىر ماڭا مەدىكار بۇلۇپ ئىشلەيدىغانلارنىڭ سانى كۈندىن-كۈنگە ئاشتى .شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەن ياشلىقتا ئىزىپ ،ئۇيۇنغا بىرىلىپ ياخشى ئۇقىيالمىغان ئانامەكتىۋىم يادىمغا كەچتى. چاۋا مەيدانىمغا باللارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قۇيۇپ كەچلىك كۇرۇستا خەنزۇچە بىلىم ئىگەللىدىم ،ئىچكىرىگىمۇ نەچچە نۆۋەت مال ئىلىپ چىقىپ سېتىپ كىردىم.چارۋا مەيدانىممۇ بارغانسىرى كىڭەيدى دوسلارنىڭ مەسلىھەت قىلىشى بىلەن  قۇشۇمچە ساياھەت ئورنىمۇ ئىچىۋالدىم .ھەم بىنادىنمۇ ئۆزۈمگە يارىشا  بىر يۈرۈشلۈك ئۆيمۇ سىتىۋالدىم ،ساياھەت ئورۇننىڭ تازا بازىرى ئالدىراش كۈنلەرنىڭ، بىركۈنى دوستۇم خالىق نەچچە يىل بۇرۇن بىز  بىللە ئولتۇرغان ،ماڭا ئىسىم كارتوچكىلىرىنى بەرگەن ئاكا دىمەت دوسلارنى ئارامگاھىمغا ئىلىپ چىقىپتۇ. ئۇلار بىلەن كونا تۇنۇشلاردەك ۋاي ئاكىلار، خۇش كەپسىزلەر  دەپ،خۇشاللىقىمدا  ئالاھىدە سورۇن تۈزدۈم .ئۇلار مەن بىلەن يەنە سودا توغۇرلۇق ماڭا بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىگەللەشكە تىگىشلىك، مۇھىم ئىشلار توغۇرسىدا ماڭا يول كۆرسۈتۈپ مۇڭدشىپ قايتىشتى.
كونىلاردا :پۇلى بارنىڭ گىپى ئوڭ ،پۇلى يوقنىڭ گىپى توڭ دىگىنىدەك،بۇرۇن مىنى كۆزگە ئىلمايدىغانلار ئەمدىلىكتە بولسا ۋاي تاھىر! ۋاي تاھىر! دەپ،بىشىدا كۈتىرىدىغان بۇلۇپ كەتتى.بۇنداق چاغلاردا ئىچىمدە:
ھەي پۇل !ھەي دۆلەت !ھەي يۈز ئابروي! دەپ كۈلۈپمۇ قۇياتتىم. ھەم دوستۇم خالىقنىڭ مىنى قوللىشى ۋە ماڭا يىقىندىن ماسلىشىپ ،ياردەمدە بۇلىشى بىلەن مۇشۇ كۈنگە ئۇلاشقانلىقمنى ئويلىسام ئۇنىڭ ماڭا قىلغان بۇ ياخشىلىقىنى ئۇنىڭغا بولغان دوسلۇق قەرزىمنى، قانداق قايتۇرۇشنى ئويلاپ بىشىم بەكمۇ قاتاتتى.


مەن يازلىق ساياھەت ئورنىدىن ،باشقا شەھەر ئىچىدە كىچىك ئاشپۇزۇلدىن بىرنى ئىچىشقا تۇتۇش قىلدىم.
بۇرۇنقى ئاتا-ئانامنىڭ ۋە مىنىڭ تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ،مەھەللەمدىكى بىكارچى باللارنى يىغىپ ئاشخانامنىڭ يۈگۈر ئىشلىرىغا سالدىم.ئۇستا ئاشپەزلەرنى تەكلىپ قىلدىم، بۇ ئاشخاناممۇ خۇدانىڭ رەھمىتى بىلەن بەك بازار تاپتى.مەن بىردەم چاۋىچىلىق مەيدانىغا يۈگۈرسەم ،بىردەم يازلىق ساياھەت ئورنى ،بىردەم شەھەردىكى ئاشخانىغا يۈگۈرۈپ، يۈرۈپ بەك چارچىدىم .پۇل كۆپەيسە دوسلارمۇ كۆپىيىدىكەن .شۇنىڭ بىلەن دوسلارنىڭ مەسلىھەتى بۇيىچە. ئەپلىك ماشىنىدىن بىرنىمۇ ئىلىۋالدىم .ماشىنام بىلەن ھەممە ئىش بەك ئۇڭاي ھەل بۇلۇپ كىتىەتتى.بەزىدە ئىچىم پۇشۇپ قالسا، ماشىنامنىڭ ياڭراتقۇسىدىكى ناخشىنى قۇلاققىچە قۇيىۋىتىپ ،شەھەر سىرتىنى ئايلىنىپ كىلەتتىم.بىر كۈنى ماشىنام بىلەن تازا ناخشىغا مۇڭ بۇلۇپ كىتىۋاتسام ،ماڭا ئۆز ۋاقتىدا موتوسىكىلىت بىلەن لاي-پاتقاق چاچىرتىپ ئۈتۈپ كەتكەن، بۇرۇنقى يۈزسىز مۇھەببىتىم قۇلىنى كۆتۈرۈپ ،ماشىنامنىڭ ئالدىنى توستى.بوپتۇلا ،خەق قىلغاننى مەن بولساممۇ قىلماي دەپ، ماشىنامنى توختىتىپ ئۇنى ماشىنامغا سىلىۋالدىم.ئۇ مىنى باشتا تۇنىمىغان چىغى، كىيىن ماڭا قاراپ، ھۇي! بۇ، سىز تاھىرجانغۇ! دەپ باشقىچە خۇشامەت ئارلاش سۆزلەپ كەتتى .مەن ئىسىمىمغا تۇيۇقسىز جان دىگەن سۆز قىتىلىپ، مۇنۇ قىزنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقانلىقىغا قاراپ كۈلگۈم كەلدى.بۇرۇنقى ۋاقىتلىرىمدا بولسا تاھىرمۇ ئەمەس، ھەي تاھى دەپ چاقىرىدىغان قىز! ئەمدى....
-شۇنداق كۆزىڭىز تورلىشىپ قالمىغاندۇ؟مەن شۇ تاھىرجان! دەپ ئاۋازىمنى ئۈنلۈگىرەك چىقىرىپ سۆزلەپ بۇلۇپ كۆزۈمنىڭ قۇيرۇقىدا ئۇنىڭغا قاراپ باقسام ،ئۇ مەندىن خىجىل بولغاندەك يەرگە قاراپ ئولتۇراتتى.
-تاھىرجان نەدە ئىشلەۋاتىسىز؟سىز بۇرۇن ئالىي مەكتەپتە ئۇقۇمىغانغۇ دەيمەن.
-ھۆرىگۈل ئالىي مەكتەپ ئۇقۇغانلار، شۇنداق يۇقىرى ئورۇندا تۇرامدۇ؟مەن ئاددىي بولسىمۇ تەرجىمانلىق كەسىپنى پۈتتۈردۈم .ھازىر مال-چارۋىچىلىق ھەم ئاشخانا ئىچىش دىگەندەك، ئىشلارنى قىلىۋاتىمەن.
-نىمە،سىز چوڭ ئوقەتچى بۇلۇپ خۇجايىن بۇلۇپ قاپسىزدە!نىمانداق مىنى خوش قىلىسىز.سىز ئۈچۈن مەن خۇش بۇلىۋاتىمەن،بۇرۇن مەكتەپتىمۇ ئەقىللىق ئىدىڭىز!سەل ئۇيۇنچىلىقىڭىزنى ھېسابقا ئالمىغاندا بەك ياخشى بوپتۇ.

ئۇ خۇددى ، قۇۋ تۈلكىنىڭ ،ئۆزىدەك يالغان كۈلۈپ مىنى ماختىغىلى تۇردى.ئۇنىڭ بۇ گەپلىرى ماڭا تىتىمىسىمۇ چاندۇرمىدىم .ئۇ خۇددى سېغىزخاندەك ئاغزى بىسىلماي سۆزلەپ مىنى ماختاپ كۆككە ئۇچۇرۋاتاتتى.

-مەن ئۈچۈن سىزنىڭ، خۇشال بۇلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق!شۇنداقتىمۇ رەھمەت ساۋاقدىشىم. قاراڭ !گەپ بىلەن بۇلۇپ سىزنىڭ چۈشىدىغان جايىڭىزغىمۇ، كىلىپمۇ قالدۇققۇ دەيمەن.
مەن تۇلىمۇ تەنە ئارلاش گەپ قىلىپ ئۇنى ماشىنامدىن چۈشۈرۈپ قۇيۇپ، ئالدىدىن ماشىنام بىلەن غۇيۇلداپ مىڭىپ كەتتىم. كىيىن باشقىلاردىن ئاڭلىسام، ئۇنىڭ خىلى ئەمىلى يۇقىرى بالا بىلەن توي قىلىپ، تۇلا تاياق يەپ ئاجىرشىپ كىتىپتۇ .كىيىن يەنە مەن يوق چاغلاردا ئۇنىڭ مىنى ئىزلەپ ئاشخانامغىچە كەلگىنىمۇ ئاڭلىدىم .
شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە، دوستۇم خالىقنىڭ ،بىر نەۋرە سىڭلىسى باشقىلار تەرىپىدىن ئۇۋالچىلىققا ئۇچىراپ ئۈلىۋىلىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى ،باشقىلاردىن تاساددىبىي ئاڭلاپ قالدىم.كونىلاردا قول -قولنى يۇيسا قول قۇپۇپ يۈزنى يۇيىدۇ ،دىگەن بىر ھىكىمەتلىك سۆزى ئىسىمگە كەلدى.مەن شۇ ئىشتىن كىيىن خالىقنىڭ بەكمۇ چۈشكۈنلىشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدىم ،ئەمما خالىققا چاندۇرماي شۇ سىڭلىسىنى ئىزلەپ تاپتىم .ئۇ قىزنىڭ ئىسمى گۈلپەرى بۇلۇپ راستىنلا ئىسمى-جىسمىغا لايىق پەرىدەكلا چىرايلىق قىز ئىدى، بىچارە قىز تويدىن قايتارشىدا قارا قولنىڭ پەسكەشلىكىگە ئۇچىراپتۇ.
پەسكەشلىك قىلغان ئۇ بالا ئاق چىكىدىغان ،يولدىن چىققان بالا ئىكەن.ئۇ بالىنى قانۇن تورىغا تاپشۇرۇپ بىرىپتۇ، خالىقنىڭ ئاپىسىنىڭ، سىڭلىسى قىزىغا قاراپ بەكمۇ تۈگىشىپ كىتىپتۇ.قىزى بولسا نەچچە رەت ئۆلىۋىلىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ ئۈيىدىكىلەر قۇتۇلدۇرۇپ قاپتۇ،مەن ئۇ قىزنى پاراڭلىشىقا تەكلىپ قىلدىم،خالىقنىڭ كىچىك ئاپىسىنىڭ ئۈيىدىكىلەرمۇ ،مىنى ئۆز بالىسىدەكلا كۆرەتتى ھەم ماڭا ئىشىنەتتى.مەن ئۇ قىزنى زورلاپ ئىلىپ ماشىنامغا ئولتۇرغۇزۇپ ، شەھەر سىرتىغا يىقىن بىر سەيلىگاھقا ئىلىپ كەلدىم. بىز بىردەم تارتىنىشىپ جىم ئولتۇرۇپ كەتتۇق ،مەن ئوغۇل بالا بولغانلىقىم ئۈچۈن بۇنداق سۈكۈتتە ئولتۇرىۋەرمەي ئۇنىڭغا سۆز ئاچتىم .ئۇ ئادەمنىڭ يۈرىگىنى ئەزگۈدەك مۆل-مۆل يىغلايتى،ئۇ مىنى بۇرۇنلا يۇشۇرۇن ياخشى كۆرۈپ ،يۈرگەنلىكىنى شۇكۈنى ماڭا ئۆز ئاغزى بىلەن ئۇچۇقلا ئېيتقاندا،ئۇڭۇممۇ - چۈشۈممۇ دەپ ھاڭ-تاڭلا قالدىم.
چۈنكى مەن تىجارەت بىلەن بۇلۇپ كىتىپ ، ھەم بۇ قىز سىڭلىمدەكلا بولغاچقىمۇ دىققەتمۇ قىلماپتىكەنمەن.مەن ئۇنىڭغا كۆڭلۈمنى بىلدۈردۈم ،ئۇ ماڭا مىنى دەپ بەختسىز بۇلۇپ قالماڭ ئاكا!سىزمۇ ئۆزىڭىزگە لايىق پاك ئىنساننى ئىلىشقا ھوقۇقلۇق دەپ ئۇنىمىدى.بىز نىڭ مۇشۇ مۇڭدىشىش جەريانىدا ئۇ قىزغا بىرخىل مېھىرىم چۈشۈپ قىلىۋاتاتتى.مەن زورلاپ يۈرۈپ ئۇ قىزنى ئاران قايىل قىلدىم.تۇلىمۇ بىچارە ماڭا يۇشۇرۇن كۆيگەن، تەلەيسىز قىز ماڭا ئۆزىنى تاشلىغىنىچە، ئۆزىنى قۇيىۋىتىپ يىغلاپ كەتتى.مەن ئۇ تەلەيسىز قىزغا قاراپ باغرىمنى كەڭ ئاچتىم. شۇنداق قىلىپ بىز بىرنەچچە ئاي ئارلىشىپ، داغ-دۇغىلىق توي مۇراسىمىمزنى ئۆتكۈزدۇق .توي كۈنۈمدە سورۇنغا دوسلار بەكمۇ كۆپ كەلگەن ئىدى،قىشىمدا ئولتۇرغان مىنىڭ مەشۇغۇم ھۆر پەرىدەكلا ئىچىلىپ مەسلىگىمنى كەلتۈرۈپ ئولتۇراتتى.ئىچىمدە بولسا سورۇن بالدۇر ئاياغلاشسا ،بۇ گۈزەل ئايالىمنى كارۋاتقا ياتقۇزۇپ ھاردۇق يەتكەن، پۇت-قوللىرىنى ئۇۋىلاپ قويسام دەپ كۈلۈپ قۇياتتىم.مەن شۇ خىيال بىلەن ئولتۇرسام ،توي مەركىمىزنى دوستۇم رەسمىي ئېلان قىلىپ توينى ئۆزىمىزنىڭ ئەنئەنە مەشىرىپى بولغان ئۇسۇلدىن باشلىدى.مەن ئاپئاق ئۇيغۇرچە كەشتە قىلىپ ئىشلەنگەن كۆينەك، بىشمىغا بادان دوپپا ،قاپقارا پىچاقتەك قىر چىقىرىپ دەزماللانغان ئىشتان كىيىپ ھەقىقي ئۇيغۇر ئوغلانىدەك، سالاپەتلىك بۇلۇپ كەتكەنلىكىمنى قىشىمدىكى قولدۇشۇمدىن ئاڭلاپ خۇشال بولدۇم.شۇنىڭ بىلەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ ، دوسلۇرۇمنىڭ تەكلىپ قىلىپ تارتىشى بىلەن ئۇسۇلغا چۈشتۈم، ئۆز تۇيۇمدا خۇشاللىق كۈنۈمدە ، بىچارە ئانام-ئاتام يوق! دىلىم شۇنداق سۇنۇق ئىدى.شۇنداقتىمۇ گۈلپەرى ئۈچۈن بولسىمۇ ئىچىلىپ ئولتۇردۇم،تويۇمغا كەلگەن دوسلار ئارقا-ئارقىدىن مەن ئولتۇرغان ئۈستەلگە كىلىپ مىنى مۇبارەكلىشىپ سالاملاشتى.شۇلار ئارىسىدا دوستۇم خالىقمۇ بار ئىدى،ئۇ قىشىمغا كىلىپ ئەكەل دوستۇم قۇلۇڭنى !دەپ ماڭا رەھمەت ئېيتقاندەك قۇلۇمنى تۇلىمۇ مەنىلىك چىڭ سىقىپ قۇيۇپ،قىشىمدا ئولتۇرغان نەۋرە سىڭلىسىنڭ پىشانىسىگە، بەخىتلىك بول سىڭلىم! دەپ سۈيۈپ قۇيۇپ كەينىگە ئۆرۈلدى.

مەنبە:كۆڭۈل.
2010.8.21日
[ بۇ يازما خوك تەرپىدىن 2010-08-21 06:01 PM دە قايتا ]
-سىز كۆرۋاتقان تىما ئەكــەل دوسـتـۇم قـــولــۇڭــنـى!,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
بۇ يازمىنىڭ باھالىنىش ئەھۋالى:
  • مۇنبەر پۇلى:+200(گۈل-چۈشى) .............ھې ھې ..
  • مۇنبەر پۇلى:+55(دەقيانوس) ئىسىل تىما!... ..
  • مۇنبەر پۇلى:+100(arxang) نادىر ئەسەر
  • ھامان ئۆلۈپ كىتىمىز،ئۆلمەيدىغاندەك پاتماي كىتىمىز!ھەر ۋاقىت، ئۈ دۇنياغا مىڭىشىمىزنى ئۇنتۇپ قالمايلى!ئىناقلىق ئەۋزەلدۇر!


    ھاياتلىقنى قەدىرلەيلى!
    dilgiya
    دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 854
      جىنسى: يوشۇرۇن
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 84
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە84دانە
    ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 775 سوم
    تۆھپىسى: 4 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 356(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-26
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-04
    1 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-08-21 06:41 AM

    قاق سەھەردە ئەسىرىڭىزگە داخىل بوپتىىمەن ،جاپا تارتىپسىز  رەھمەت.
    karmalika
    بارلىغىمىز مىسرانىم  ئۈچۈن
    دەرىجە: ئىجادچان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 2025
      جىنسى: خانىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 1196
    ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1196دانە
    ياخشى باھا: 331 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 8126 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 1048(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-06-02
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-04
    2 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-08-21 07:14 AM

    سىزگە كۆپ رەھمەت.شۇنداق ياخشى ئەسەركەن.. تاڭ-سەھەردىلا سىزنىڭ تېتىملىق ئەسىرىڭىزنى ئۇقۇش شەرىپىگە نائىل بولغۇنىمدىن خۇشالمەن كۈڭۈل قېرىندىشىم
    بۇلبۇل
    kok-sultan
    دەرىجە: ئالىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 3170
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 224
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە224دانە
    ياخشى باھا: 100 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 2171 سوم
    تۆھپىسى: 3 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 301(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-07-02
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-03
    3 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-08-21 09:49 AM

    مېھرى مۇھەببەت بىباھا بايلىق، ئۇنىڭ قىممىتىنى نېمە بىلەن ئۆلچىگىلى بولسۇن!
    پۇرسەت تەييەرلىقى بار  كىشىلەرگىلا كېلىدۇ
    قوشاق
    دەرىجە: تېرىشچان ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 5514
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 438
    ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە438دانە
    ياخشى باھا: 17 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 1705 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 477(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-03
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-04
    4 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-08-21 11:14 AM

    ھەقىقىي دوست باشقا كۈن چۈشكەندە ئەسقاتىدۇ ، توغرا يولغا باشلايدۇ ، ھەر ۋاقىت توغرا مەسلىھەت كۆرسىتەلەيدۇ . شۇڭلاشقا ھەقىقىي دوست تاپماق تەس بولسىمۇ ، ئۇچراپلا قالسا چوقۇم قەدىرلەش كېرەك .
    ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپسىز ، ياخشى تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن !!!
    كەلدى باھار يامغۇرى ،
    قوشاق توقۇسام دەيدۇ .
    ئىسمىدۇر ئابدۇمىجىت ،
    خۇشال يايرىسام دەيدۇ .

    چ چ : 975642745
    hapilik927
    غەلبە ئۈچۇن چەككەن مۇشەققەت مۇقەددەستۇر!!
    دەرىجە: ئىجادچان ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 755
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 1342
    ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1342دانە
    ياخشى باھا: 59 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 4962 سوم
    تۆھپىسى: 33 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 571(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-25
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-04
    5 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-08-21 12:00 PM

    ئەتتىگەندە بۇنداق  ياخشى ئەسەرنى كۆرەمەن دەپ ئويلىماپتىكەنمەن...بەك ياخشى چىقىپتۇ...ھارمىغايسىز.
    ئىنسان ئىنساندەك ياشىغىن مەغرۇر ،
    ھەممىدە بولمايدۇ، ۋېژدان ۋە غورۇر.
    يىلىنىپ ، يالۋۇرۇپ ياشىما ھەرگىز،
    دىيارىڭ شىنجاڭدۇر،مىللىتىڭ ئۇيغۇر.
    arxang
    ئانام ئۈچۈن بارلىغىم.
    دەرىجە: مۇنبەر باشقۇرغۇچى

    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 68
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 1
    ئومومىي يازما: 341
    ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە341دانە
    ياخشى باھا: 86 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 11442 سوم
    تۆھپىسى: 3 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 1034(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-20
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-05
    6 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-08-21 01:28 PM

    ئەسەر ۋەقەلىكىنى ئىپادىلەش ئۇسلۇبىڭىزغا قول قويدۇم ، مۇشۇنداق ياخشى ئەسەرلىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز.
    دۇنيا مىھرى-مۇھاببەت بىلەن گۈزەل.
    يىللارنى ئۆتكۈزدۈم لىۋىمنى تامچىپ،
    ئايلارنى سانىماق تەس ئىكەن ئاندىن.
    ھەپتىلەر كەلگەندە خىيالچان بولۇپ،
    مىنۇتلار كەلگەندە ئۇيقۇدىن قالدىم.
    Michael
    越狱
    دەرىجە: مەستانە ئـــەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 3227
      جىنسى: يوشۇرۇن
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 640
    ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە640دانە
    ياخشى باھا: 25 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 2873 سوم
    تۆھپىسى: 1 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 751(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-07-03
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-04
    7 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-08-21 01:54 PM

    دۇنيا مىھىر-مۇھابەت بىلەن گۈزەلدۇر.ياخشى تېمىڭىزغا رەخمەت!
    مايكول سىكوفيوت
    ISLAMNUR
    تۇغۇلمىغان بولساڭ ئۆلمەيتىڭ...
    دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 3629
      جىنسى: خانىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 119
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە119دانە
    ياخشى باھا: 37 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 688 سوم
    تۆھپىسى: 4 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 213(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-07-09
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-05
    8 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-08-21 02:46 PM

    ئەسىرىڭىزنى ئوقۇپ شۇنداق تەسىرلەندىم . بەك ياخشى يېزىپسىز، ھازىرقى جەمىيتىمىزدە سىزگە ئوخشاش ئوقۇمىغان ۋە بىر قىسىم ئالى مەكتەپتە ئوقۇغان ياشلىرىمىز بۇ جەمىيەتتە قايمۇقۇش ۋە گاڭگىراشلار بىلەن ئۈزىگە چىقىش يولى تاپالماي ئاخىردا ئائىلىسىنى ۋە ئۈزىنى نابۇت قىلىۋتىدىغانلار نۇرغۇن مەن شۇ ياشلىرىمىزنىڭ سىزدەك باتۇر ، غەيرەتلىك بۇلۇشىنى ئۈمۈد قلىمەن.ئەسىرىڭىزنىڭ ئاخىرنى ئوقۇپ تېخىمۇ تەسىرلەندىم. چۈنكى سىز ھەقىقى ئەركەكتەك ئىش قىپسىز!! جەمىيتىمىزدە سىزدەك ئوغوللار جىقىراق بولغان بولسا ياخشى بۇلار ئىدى.
    بۇ قىسقىغىنە ھاياتتا چىقىش يولى تاپالماي گاڭگراش، قايمۇقۇش ئىچىدە ياشاۋاتقان ياش ئوغول قىزلىرىمىزغا شەرمىي-ھايا، ئىپپەت-نۇمۇس، ھەقىقى چىن ئىتىقاد، توغرا يول ئاتا قىلغايسەن، ئۇلۇغ اللاھ!
    دەقيانوس
    غەلىبە، سەن نەدە؟
    دەرىجە: ئالىي ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 53
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 925
    ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە925دانە
    ياخشى باھا: 112 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 5466 سوم
    تۆھپىسى: 2 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 34(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-20
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-04
    9 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-08-21 04:00 PM

    يەنە بىر قىتىم ئۇغۇل بالنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ ھىكايە يىزىپسىز. شۇنىڭ بىلەن سىزنى ئۇغۇل بالىكەن دىيدىغانلار يەنىمۇ كۆپىيىپ قالىدىغان بولدى.
    ئەسىرىڭىزدە تىلغا ئىلىنغان مەننىڭ مەدىكارلىقتىن خۇجايىنغا ئۆزگەرگۇچە بولغان جەريانىنى غەلبىلىك يورۇتۇپ بېرىپسىز. بۇ ئەسەردىكى قىممەتلىك روھ دەل ئىگىلىك تىكلەش ئۈچۈن دادىل ھەركەت قىلش، ئۇنىڭدىن باشقا خالىقتىن ئىبارەت بىر ئۇنىڭغا ياردەم بەرگۇچىمۇ دەل جايىغا چۇشۇپتۇ.
    [ بۇ يازما دەقيانوس تەرپىدىن 2010-08-21 05:08 PM دە ]
    شۇنداق ۋاپادار بولساڭ يۈرىكىڭنى يېرىپ قاراپ باققىن، ئاشۇ قانلىق يۈرەكتە مەن بار
    زامانى
    مەن بىر پولات،چوقۇم تاۋلىنمەن.....
    دەرىجە: ئالىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 2839
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 2
    ئومومىي يازما: 560
    ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە560دانە
    ياخشى باھا: 91 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 5733 سوم
    تۆھپىسى: 17 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 475(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-06-20
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-04
    10 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-08-21 04:10 PM

    مەزمۇنلۇق  ھەققىقي تۇرمۇش كارتىنسىغا باغلانغان ئېسىل ئەسەركەن
    ئەتراپىڭدىكلەرنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكنى بىلگەنسەن،سەن بولساڭمۇ،ئۆز پاكلىقڭ،ھاللالىقىڭ،غەزەپ-نەپرەت ئىچىدىكى،مھر-مۇھەببتڭ بىلەن،ھەقىقىي ئەركەكتەك ياشا!!!
    YELAN
    بارلىقىم مىسرانىم ئۈچۈن@!!
    دەرىجە: تېرىشچان ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 658
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 448
    ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە448دانە
    ياخشى باھا: 45 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 2143 سوم
    تۆھپىسى: 8 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 239(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-24
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-05
    11 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-08-21 04:29 PM

    دۇست دېگەن ئەنە ئاشۇنداق بۇلسا...
    ھەر قانچە كۆز يۇمساقمۇ ھەقىقەت يەنىلا ھەقىقەت،بۇ ئۆزگەرمەس ئەمەلىيەتتۇر....
    musilina
    ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلۈمگە ئىنساپ تىلەيمەن
    دەرىجە: ئالىي ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 120
      جىنسى: خانىم
    نادىر تېما: 3
    ئومومىي يازما: 1108
    ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1108دانە
    ياخشى باھا: 263 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 11721 سوم
    تۆھپىسى: 10 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 521(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-20
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-04
    12 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-08-21 05:26 PM

    <<تىرىشقان ئۇزار>><<ئىشلىگەننىڭ يۈزى يورۇق، ئىشلىمىگەننىڭ يۈزى چورۇق>> دېگەن شۇ...جەمىيىتىمىز يازمىڭىزدا تىلغا ئېلىنغان تاھىردەك يىگىتلەرگە مۇھتاج.......ئەسىرىڭىز ئاساسەن مۇۋاپپەققىيەتلىك چىقىپتۇ.....تاھىر ئوبرازىنى مۇۋاپپەققىيەتلىك يارىتىپسىز.....

    كىچىككىنە تەكلىبىم:
      <<ئەمما كىچىكىپ چۈشەنگەن بىلەن تۇلىمۇ كىچىكتىممەن>>دېگەن جۈملىنى <<ئەمما بۇ سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشەنگەندە بولسا ،تولىمۇ كېچىككىنىمنى ھېس قىلدىم>>دەپ ئالغان بولسىڭىز.... <<زورلاپ تۇرىۋالساممۇ تەلىۋىمنى تاتلىق گگپلەر بىلەن چىرايلىق گەپلەر بىلەن رەت قىلىپ ئۈگىنىشىنى قىلاتتى>>دېگەن جۈملىنى << زورلاپ تۇرىۋالسام، چىرايىلىق گەپلەر بىلەن تەلىۋىمنى رەت قىلىپ ،ئۆگىنىشىنى قىلاتتى>>دەپ ئالغان بولسىڭىز تېخىمۇ مۇۋاپىق بولاتتى......يەنە باشقا جايلاردىمۇ تىل جايىدا ئىشلىتىلمەسلىك ئەھۋاللىرى ئازىراقچە كۆرۈلۈپ قاپتۇ.......

       << ئۆز ۋاقتىدا ئانام بىلەن دادام ئومدان ئۇقۇغىن بالام .كىيىنچە بىزدىن ئايرىلىپ قالساڭ تۇققانلار ئالدىدا ،ئەل -يۇرت ئالدىدا بوينۇڭ قىسىلىپ قالمىسۇن .بىر ئۆمۈر پۇشايمانغا قالما! دەپ ،شۇنچە نەسىھەت قىلسىمۇ ئاڭلىمىغاننىڭ جازاسىنى مانا ئەمدى بەك تارتىۋاتىمەن>>دېگەن بۇ جۈملىدىكى ئاپىسى بىلەن دادىسىنىڭ نەسىھەتلىرى ئاپتور سۆزى ئىچىدە كەلگەن كۆچۈرمە جۈملە بولۇپ  ،كۆچۈرمە جۈملە قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ.
      بۇ جۈملە:
      ئۆز ۋاقتىدا ئانام بىلەن دادام <<ئوبدان ئۇقۇغىن بالام .كىيىنچە بىزدىن ئايرىلىپ قالساڭ تۇققانلار ئالدىدا ،ئەل -يۇرت ئالدىدا بوينۇڭ قىسىلىپ قالمىسۇن .بىر ئۆمۈر پۇشايمانغا قالما! >>دەپ ،شۇنچە نەسىھەت قىلسىمۇ ئاڭلىمىغاننىڭ جازاسىنى مانا ئەمدى بەك تارتىۋاتىمەن.
    دەپ ئېلىنسا تېخىمۇ جايىغا چۈشكەن بولىدۇ......
      ئاتكاچىلىق قىلىپ قويدۇم، <<دوست يىغلىتىپ ئېيتار،دۈشمەن كۈلدۈرۈپ>>دېگەن گەپ بار،رەنجىمىگەيسىز.....
    مەيلى ئادەم بار چاغدا بولسۇن ياكى يالغۇز قالغان  ۋاقىتتا بولسۇن،ئازىراقمۇ يامان ئىش قىلما،ئۆز ئىززىتىنى بىلىش ھەممىدىن مۇھىم.
    kugul
    كۆڭۈل غەيرەت قىل!روھلۇق بول!
    دەرىجە: ئالىي ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 129
      جىنسى: يوشۇرۇن
    نادىر تېما: 3
    ئومومىي يازما: 1605
    ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1605دانە
    ياخشى باھا: 197 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 9486 سوم
    تۆھپىسى: 7 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 551(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-20
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-09-04
    13 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-08-21 05:35 PM

    12-قەۋەت (musilina) نىڭ يازمىسىغا

    مۇسلىنە ماڭا كۆرسەتكەن پىكىرىڭىزدىن بەك سۈيۈندۇم.مەن بۇتىمىنى كىچىلەپ يازغاچقا ،بەزى جايلار سىزدىگەندەك ياخشى چىقماي قالغان بۇلىشى مۇمكىن. دوسلارنىڭ قىممەتلىك پىكىرىنى چۇقۇم قۇبۇل قىلمەن چۇنكى ئىلگىرلەشتە دوسلارنىڭ پىكىرى بولمىسا ئۇتۇق قازانغىلى بولمايدۇ.دەقيانۇسىنىڭ باشتا ماڭا كۆرسەتكەن بەرگەن پىكىرىنىمۇ بەك ئورۇنلۇق دەپ قارىدىم.رەھمەت دوسلار سىلەرگە.بولسا يەنە ئاجىز نۇقتىلار بولسا داۋاملىق يول كۆرسەتكەيسىزلەر!
    ھامان ئۆلۈپ كىتىمىز،ئۆلمەيدىغاندەك پاتماي كىتىمىز!ھەر ۋاقىت، ئۈ دۇنياغا مىڭىشىمىزنى ئۇنتۇپ قالمايلى!ئىناقلىق ئەۋزەلدۇر!


    ھاياتلىقنى قەدىرلەيلى!