بىر دانىشمەننىڭ پەرزەنىتلىرىگە قىلغان ئون نەسىھەتى
1. ئۆزۈڭدىن چوڭ، مويسىپىت، بۈيۈك ئادەملەر بىلەن ئېيتىشما، ھۆرمەتسىزلىك قىلما .
2.ئۆزۈڭدىن ئاجىزلارغا، ئورنى تۆۋەنلەرگە، خىزمەتكارلارغا زۇلۇم قىلما .
3.ھەسەتخور، كۆزى كىچىك، كۆڭلى تار، چىدىماس ئادەملەر بىلەن سۆھبەتداش بولما .
4. بېخىل بىلەن، ئەخلاقسىز بىلەن، نامى يامان كىشى بىلەن سۆھبەتداش بولما .
5.نادان، جاھىللار بىلەن مۇنازىرىلەشمە.
6. ئەقىدىسىز، كۆڭلى تۇراقسىز كىشى بىلەن دوست بولما .
7. تەماخور، يالغانچى، كاززاپ ئادەم بىلەن مۇئامىلە قىلما .
8.ئۇرۇشقاق، جىدەلخورلار بىلەن ئۈلپەتداش بولما .
9. ئەمەلدارلار، ئاياللار سۆھبىتىدە كۆپ ئولتۇرما .
10.گۇناھلىرىڭنى، مەخپى سىرلىرىڭنى ئۆزگە كىشىگە ئېيىتما .
مەنبە : « دانىشمەنلەر ھېكمەتلىرى »ناملىق كىتابتىن ئېلىندى)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا huxqiray تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-25 11:12 AM