ئۇنتۇلمىغاي باشتىكى سۆيگۈ
(مۇھەممەتجان راشىدىن )
كەلگىنىڭنى دوستلاردىن ئۇقتۇم ،
كەتكىنىڭنى دۈشمەنلىرىڭدىن .
ئۇچۇرۇڭغا ئالدىم گۇۋاھلىق ،
شاخ ئۈستىگە يايغان كىرىڭدىن .
ئەگىپ باقتىم ئۆيۈڭنى قانچە ،
شۇ گەپلەرنىڭ راستتىنى ئۇققىلى .
سوراپ باقاي دېسەم سىڭلىڭدىن ،
يامان بولدى ئاناڭ چىققىنى .
راست كەتتىمۇ مېنىڭ يارىم ؟ دەپ ،
ئۇيات ئىكەن ئەلدىن سورىماق .
ئىزلىرىڭنى ئىزدەپ يۈرىمەن ،
خۇمار قىلىپ سېنى پۇرىماق .
بېدە كۆكى تەرگەن باغلارغا ،
كىرىپ چىقتىم ،كەتتى دېسىمۇ .
ئىشەنمىدىم : يارىڭ كۆڭلىدىن ،
سېنى تەرك ئەتتى ! دېسىمۇ .
دۈشمەن دېگەن نېمە دېمەيدۇ ،
دۈشمەن دائىم كۆرەلمەسلىكتە .
تەڭرىم بىلۇر ،بىر مەن بىلۇرمەن ،
كەتكىنىڭنى بۇندىن تەسلىكتە .
تۇرۇپ قايتتىڭ قايسى سۆگەتنىڭ ،
دالدىسىدا مېنى كېلەر دەپ ،
قىلمىدىڭمۇ بۇلتۇرمۇ شۇنداق ،
كەلگىنىمنى ئۆزى بىلەر دەپ .
ئادەت ساڭا كۆكلەمدە كەلمەك ،
ھەر باھاردا بىر كۆرمەك مېنى .
مەن ھېلىمۇ كۈتۈپ ئۆلمىدىم ،
چىڭ ئىكەنغۇ ئاشىقنىڭ جېنى .
باھار دېسە ، سېنى ئەسلەيمەن ،
كۆكلەم دېسە كېلىدۇ كۆرگۈم .
تەڭرى بەرسە ياشلىقنى قايتا ،
يېڭىباشتىن كېلىدۇ سۆيگۈم .
غورا ئېلىپ بەرسەم باغلاردىن ،
ئاچچىق دېمەي يېگۈزسەم دەيمەن .
سېغىز ئېتىپ بېرىپ ھەر كۈنى ،
مىڭ-مىڭ رەھمەت ! دېگۈزسەم دەيمەن .
توزۇپ كەتكەن گۈلنى بىراقتا ،
ئەمدى ئىزدەپ نەدىن تاپىمەن ؟
بۇ ئۆمۈردىن كەتكەن ياشلىقنى ،
تاپىمەن ، دەپ نەگە چاپىمەن ؟
سورۇپ قالدى كونا ئاشىقىڭ ،
خىيالىدا كونا خاماننى .
ئۆرۈپ قالدى بىتەلەي كۆڭلۈم ،
ئۆزۈڭ يىغقان كونا ساماننى .
قوشمايدىكەن قىسمەت بەزىدە ،
قەدىردانغا قەدىرلىگەننى .
سەن كەتكەندە مەھەللىمىزدىن ،
ئاندىن بىلدىم تەقدىر دېگەننى .
شۇندىن بۇيان شولاڭ كۆڭلۈمدە ،
ئىچ - ئىچىمدىن يىغلاپ كېلىمەن .
سەن شەھەردە مەن بۇ سەھرادا ،
يەر - زېمىننى تىلغاپ كېلىمەن .
سەن كېلىسەن ،گاھ مەن بارىمەن ،
ئىككىمىزگە باھار باھانە .
ئۇچرىشىىمىز سىرىن تۈۋىدە ،
ئۆتەر ئاشۇ دەملەر شاھانە .
سەن كېلىسەن ، يېشىل دۆڭلەردىن ،
كاككۇك گۈلى تەرگۈم كەلدى ، دەپ .
بۇلبۇل ئۇۋا سالغان باغلارغا ،
بىر-بىر سالام بەرگۈم كەلدى ، دەپ .
مەن ئوقۇيمەن باھارغا رەھمەت ،
باھار بەردى بىزگە ۋىسالنى .
ئالەم ئالسۇن ئۆلمەس سۆيگۈگە ،
شۇ باھاردا بىزدىن مىسالنى .
قاقىرلارنىڭ قاتارىدا بار ،
سېنىڭ ھىدىڭ ، سېنىڭ ئاۋازىڭ .
قارلىغاچلارنىڭ خۇلقىدا كەلدى ،
قارلىغاچ بولۇپ سېنىڭ پەرۋازىڭ .
ماڭا مەكتۈپ قالدۇرمىساڭمۇ ،
ئىزلىرىڭدىن خەتلەر ئوقۇيمەن .
باھار كەلسە ، تورغايدىن ئاۋۋال ،
سېنىڭ ئۈچۈن قوشاق توقۇيمەن .
مەيلى باھار كەلسۇن ، كەلمىسۇن ،
سېغىنغاندا كېلىپ تۇر گۈلۈم .
ئۇنتۇلمىغاي باشتىكى سۆيگۈ ،
مەندىن خەۋەر ئېلىپ تۇر گۈلۈم .
مۇھەممەتجان راشىدىن .
1993-يىل . ئاپرىل ، غۇلجا .
ئەسسالامۇ -ئەلەيكۈم مىسرانىم ئەھلى . . . جۈمە مۇبارەك .
يېڭى ئەزادىن سىلەرگە سالام !
بۈگۈن ئەل سۆيگەن شائىرىمىزنىڭ بىر تاتلىق ئەسىرىنى سىلەرگە سۇنۇپ سالام يوللىۋېلىش نۆۋىتى ماڭا كەپتۇ .
بەلكىم ھەممىمىزنىڭ ئۇنتۇلمايدىغان تاتلىق - ئاچچىق ئەسلىمىلىرىمىز بار . . .
ئاللاھ ! ھېچبىر بەندىنى سۆيگۈسىز ، ئەسلىمىسىز قويمىسۇن . . .
مۇھەممەتجان راشىدىن ئەپەندىمگە ئۇزۇن ئۆمۈر سالامەتلىك تىلەيمىز ! ! !
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ozgurluk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-25 04:39 PM