ياخشلىق ئىزىڭدىن كەتسۇن چېچەكلەپ...
(-ئاقسۇ مائارىپ ئىنىستىتوتىنىڭ قابىل ئوقۇتقۇچىسى، ئەخلاق ئۈلگۈسى ئابدۇللا ئابدۇرەھىمگە بېغىشلايمەن)
ئەيساجان تۇردى ئاچچىق
رەزىللىك تۇرسىمۇ كۆزۈڭنى نەملەپ،
رىئاللىق تۇرسىمۇ مىلتىقنى تەڭلەپ ،
ۋاقىتنى ساتمىدىڭ ھەۋەسكە خەجلەپ،
ياشىدىڭ بەك ئاددى تۇرمۇشنى غەملەپ،
ئىجادىڭ، مېھرىڭدىن چايلارنى دەملەپ.
بىر تال قۇش قەلبىڭنى تۇرغاھقا چوقۇپ،
يالغاندىن قوشاقنى باقمىدىڭ توقۇپ.
بىر گۈزەل چھەۋەستە يۈرىكىڭ سوقۇپ،
سۆزلىدىڭ مۇنبەردە ئورنۇڭدىن قوپۇپ،
بىز ئۈچۈن ھەرىدەك شىرننى جەملەپ.
ماختىنىش تاماغا بولمىدىڭ ئامراق،
ۋىجدانىڭ سەن ئۈچۈن ئەڭ كۈچلۈك ياراق،
ھەر مەۋسۈم بىز ئۈچۈن تۆلەيسەن" پاراق"
ئاخەرەت بىر كۈنى بوپ قالسا سوراق،
بولمىغاي ئاشۇ چاغ قېلىش تەمتىرەپ.
بەزىلەر مەخسىدى ئادەمنى چاقماق،
غەيۋەتتە يېڭىلىق، رىكورت ياراتماق،
ئىماننى، ئەخلاقنى ئەرزانلا ساتماق،
يوقمىدى ئۇلارغا بىرەر سىرىتماق،
يالغاننى بازارغا سالمىدىڭ ئەپلەپ.
بەلكىم رېستۇران ساڭا ناتۇنۇش،
ئادىتىڭ تاڭ سەھەر ئەتىگەن قوپۇش،
ئازارلىق كۆڭۈلنى كۆڭۈلگە قوشۇش،
ساڭا يات ئەل ئارا يېڭى گەپ توقۇش،
دوستلارنى يېڭىلاپ باقمىدىڭ سەپلەپ.
ساناقسىز قەلىپتە ئۇلۇغ مۇئەللىم،
تەييارلىق دەستۇرى تۇلۇق مۇئەللىم،
يوق سەندە ساقتىلىق ، قۇۋلۇق مۇئەللىم،
يولۇڭنى توسمىسۇن شۇملۇق مۇئەللىم،
ياخشىلىق ئىزىڭدىن كەتسۇن چېچەكلەپ.
ئاپتور:ئەيساجان تۇردى ئاچچىق
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-12 05:29 PM