مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1247|ئىنكاس: 17

«1001 كەشپىيات»ئۇيغۇرچە خەتلىك ھۆججەتلىك فىلىم ھەققىدە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئى  ئال

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7896
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9060
تۆھپە نۇمۇرى: 395
توردا: 950 سائەت
تىزىم: 2010-8-25
ئاخىرقى: 2013-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-7 05:21:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار،
«1001 كەشپىيات»ئۇيغۇرچە خەتلىك يۈرۈشلۈك ھۆججەتلىك فىلىمنى تەرجىمە قىلىش ۋە كىرىشتۈرۈش ئىشلىرى ئاستا-ئاستا پۈتىۋاتىدۇ.
«1001 كەشپىيات (ئىجاد)» دېگەن فىلىمدە مىلادىي 600-يىلىدىن 1600-يىلىغىچە بولغان، ياۋروپالىقلار «قاراڭغۇ تارىخ» دەپ ئات قويۇۋالغان شۇ مىڭ يىللىق مۇسۇلمانلارنىڭ گۈللەپ ياشنىغان تارىخىدا ئېلىپ بارغان ئىجادىيەتلىرى ۋە ئەندۇلۇس (ھازىرقى ئىسپانىيە) دە تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلەر ئارقىلىق ياۋرۇپا ئويغىنىش ھەرىكىتى ۋە سانائەت ئىنقىلابىغا سېلىنغان ئاساسلار بىرمۇبىر پاكىتلىرى بىلەن سۆزلەنگەن. بۇ فىلىمنىڭ تىلى تۈركچە بولغانلىقتىن، بىز، ھەر ساھەدە تىنماي ئىزدىنىۋاتقان، دۇنيانىڭ ھەر قايسى يەرلىرىدە ئاللاھ رىزالىقىنى كۆزلەپ ئۇيغۇر مىللىتى ۋە ۋەتىنى ئۈچۈن توختىماستىن، تىنىم – تاپماي سوقۇۋاتقان خالىس يۈرەكلەرنىڭ چۈشىنىشىگە ئاسانلىق تۇغدۇرۇش نىيىتىدە، ئۇ.ئا  ۋە كۆكلەم تورىدىكى خالىس پىدائىيلارنىڭ يېرىم يىلغا يېقىن جاپالىق ئىزدىنىشى ۋە تەرجىمە قىلىشى نەتىجىسىدە، ئۇيغۇرچە خەتلىك ھۆججەتلىك فىلىم قىلىپ ئىشلەندى. ئاللاھنىڭ ھەر قۇلىغا تەڭ تەقسىم قىلغان بىباھا نېمىتى بولغان ۋاقتىدىن پەقەت 7 سائەت چىقىرىپ بۇ ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ ھەممە بۆلۈمىنى كۆرگەن ئادەم، مۇسۇلمانلارنىڭ شانلىق تارىخىدىن پەخىرلىنىپ، ئىمانى كۈچىيىپ تېخىمۇ ئۈمىدۋار ياشايدۇ. خۇددى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىننىڭ «ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى» نى ئوقۇغان ئادەمنىڭ ئىمانى نەچچە ھەسسە چىڭىپ كەتكەندەكلا بىر ئىش.

  بۇ فىلىمدە دەل شۇ شاھ ئەسىرىمىز «ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى» دا تىلغا ئېلىنغان نۇرغۇنلىغان ئالىملارنىڭ دۇنيا ئىلىم -پەن تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىلىرى تارىخىي ۋە ئىلمىي پاكىتلار بىلەن چۈشەندۈرۈلگەن.
ئەنگىلىيە بىلىم ۋە تېخنىكا ۋەقفى 10 نەچچە يىلدىن بېرى تەتقىق قىلىپ ھازىرلىغان «1001 كەشپىيات» دېگەن كىتابتا، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىنسانىيەت ئىلىم – پەن تارىخىغا قوشقان شانلىق تۆھپىلىرى ۋە 1000 يىللىق ئىلىم – پەن نەتىجىلىرى بىلەن كىتاپ ھەققىدە سۆزلەنگەن تەسىراتلار تۈركىيەدىكى داڭلىق ئۈنىۋېرسىتىتلاردا دەرس بېرىۋاتقان ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان پروفىسسور ۋە دوكتور ئالىملارنىڭ ئىلمىي پاكىتلىرى بىلەن 7 بۆلۈمدە ئايرىم – ئايرىم تېمىلار بىلەن يۇرۇتۇپ بېرىلىدۇ.
بۇ فىلىمدە خاس دىن توغرىلىقلا ئەمەس، ئىلىم توغرىسىدا سۆزلەنسىمۇ، «سۈتتە ئاغزى كۆيگەن قېتىقنى پۈۋلەپ ئىچىپتۇ» دېگەندەك، يېقىن كەلگىلى ئۇنىمايدىغانلارمۇ يوق ئەمەس. شۇڭا بۇنداق پەننى ئومۇملاشتۇرىدىغان ۋە ئىلىم – پەن تارىخىغا ئائىت ھۆججەتلىك فىلىملەرنى كېڭەيتىش، ئۆزىنى ئىلىم ئىشقىدا كۆيگەن بىرى دەپ ھېساپلايدىغان ھەرقانداق ئىلىم ئىگىسىنىڭ ئىشىدۇر.
بۇ فىلىمنى كۆرگەندىن كېيىن شۇنداق بەختلىك ياشايدىغانلىقىڭىزغا، غەربلىكلەرنىڭ مەيدىسىنى كېرىپ مەغرۇرلۇق بىلەن «ھازىرقى زامانىۋى تەرەققىياتنى پەقەت بىزلا ياراتتۇق، مۇسۇلمانلار ئەزەلدىن قالاق، ئىنسانىيەتكە ھېچقانداق ھەسسىسى بولۇپ باقمىغان» دەيدىغان سەپسەتىلىرىنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇپ چىقىپ، كاللىڭىزنى سىلكىۋىتىپ، شۇ كۆزىمىز بىلەن كۆرۈۋاتقان تەرەققىياتنىڭ ئاساسىنى مۇسۇلمانلار ياراتقان ئىجادىيەت ۋە كەشپىياتلارنىڭ مېۋىسى بىلەن بولغانلىقىنى چۈشۈنۈپ يېتىپ، مۇسۇلمانلار ئۆزۈمىزنىڭ 1000 يىللىق شانلىق تارىخىدىن پەخىرلىنىپ، تېخىمۇ ئۈمىدۋار ياشايدىغانلىقىڭىزغا ئىشەنچىمىز كامىلدۇر.
ئەمدىكى مەسىلە، شۇنداق شانلىق تارىخىمىزنى ياراتقان ئەجدادلىرىمىز بولغانىكەن، بۇنى قايتا نۇرلاندۇرىدىغان سىز ۋە بىزدەك ئەۋلادلار يەنە نېمىشقا پەيدا بولمىسۇن؟!
ئەگەر بۇ مەزمۇنلاردىن داۋاملىق خەۋەردار بولماقچى بولسىڭىز، دىققىتىڭىز داۋامى ئۇيغۇرچە خەتلىك قىلىپ ئىشلىنىۋاتقان 7 بۆلۈملۈك «1001 كەشپىيات» يۈرۈشلۈك ھۆججەتلىك فىلىملىرىدە بولسۇن.
سىزدىن پەقەت ئالتۇندەك ۋاقتىڭىزدىن 7 سائەت چىقىرىپ بۇ فىلىمنىڭ بارلىق بۆلۈملىرىنى كۆرۈش بىلەن بىرلىكتە، باشقىلارغا تەۋسىيە قىلىشىڭىزنى ئۆتۈنىمىز. بۇ سىزنىڭ ئۇ.ئا نىڭ خىزمىتىنى قوللاپ – قۇۋۋەتلىگىنىڭىز ۋە قوشقان تۆھپىڭىز بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.

ئاخىرىدا، فىلىمنىڭ رۇياپقا چىقىشىغا يېقىندىن ياردەمدە بولغان ئۇ.ئا نىڭ ھارماس ئەزالىرى ۋە كۆكلەم تورى تەرجىمە گۇرۇپپىسى ھەمدە فىلىمنىڭ ئەسلى نۇسخىسى بىلەن تەمىنلىگەن ھىلال تېلىۋىزىيىسىگە چىن كۆڭلىمىزدىن مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز.
چەتئەلدىكىلەرنىڭ كۆرۈشى ئۈچۈن يۇتيۇپتىكى مۇنۇ ئادرېسقا يوللاندى.
1-قىسىم ئا قىسمى http://www.youtube.com/watch?v=_8rOpC_Y5hY&feature=youtu.be
1-قىسىم ب قىسمى http://www.youtube.com/watch?v=V4MbADpIfvY&feature=youtu.be
ۋەتەندىكىلەر ئۈچۈن : http://v.youku.com/v_show/id_XNDg3Mjg4Mjcy.html
http://v.youku.com/v_show/id_XNDg3MzI0NjIw.html

چۈشۈرۈش ئۈچۈن:
www.dropbox.com تىكى ئادرىسى:
ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ھازىرغىچە ئىشلىنىپ يوللانغانلىرىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈۋېلىڭ!10كۈندىن كېيىن يوق!
https://www.dropbox.com/sh/0qha1yb1hlp6d9w/24PkjaV1If
https://www.dropbox.com/s/kdgajc18r1xmcxn/1-a-ug.rmvb
https://www.dropbox.com/s/g9ftmspha530mqf/1-a-ug.wmv
https://www.dropbox.com/s/41libl ... CA_ALTYAZILI_1A.flv

بەيدۇدىكى چۈشۈرۈش ئادرىسى:
1001 ئىجاد 1-بۈلۈم ئا قىسمى http://pan.baidu.com/share/link?shareid=140774&uk=3172432234
1001 ئىجاد 1-بۈلۈم ب قىسمى http://pan.baidu.com/share/link?shareid=144675&uk=3172432234
1001 ئىجاد 3- بۈلۈم ئا قىسمى http://pan.baidu.com/share/link?shareid=145408&uk=3172432234
1001 ئىجاد 3- بۈلۈم ب قىسمى http://pan.baidu.com/share/link?shareid=146275&uk=3172432234
1001 ئىجاد 5-بۈلۈم ئا قىسمى http://pan.baidu.com/share/link?shareid=153953&uk=3172432234
1001 ئىجاد 6-بۈلۈم ب قىسمى http://pan.baidu.com/share/link?shareid=153955&uk=3172432234
1001 ئىجاد 7-بۈلۈم ئا قىسمى  http://pan.baidu.com/share/link?shareid=164408&uk=3172432234

ھۆرمەت بىلەن ئۇ.ئا. تەشۋىقات بۆلۈمى
http://www.akademiye.org/ug/?p=839



1001 ئىجاد 1-بۈلۈم ئا قىسمى http://www.koklem.com/forum.php?mod=viewthread&tid=2929
1001 ئىجاد 1- بۈلۈم ب قىسمى http://www.koklem.com/forum.php?mod=viewthread&tid=2952

http://www.koklem.com/forum.php?mod=viewthread&tid=2952
1001 ئىجاد 3- بۈلۈم ئا قىسمى
http://www.koklem.com/forum.php?mod=viewthread&tid=2961
1001 ئىجاد 3- بۈلۈم ب قىسمى
http://www.koklem.com/forum.php?mod=viewthread&tid=2973
1001 كەشپىيات 5-قىسىم ئا
http://www.koklem.com/forum.php? ... tid=3018&extra=
1001 كەشپىيات 6-قىسىم ب
http://www.koklem.com/forum.php? ... tid=3019&extra=


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
ALIMJAN580 + 300 ماختاشقا تېگىشلىك
ap~qilam + 500 جاپا چەكتىڭلار

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 800   باھا خاتىرىسى

مەن ھامان پارتىلايمەن!

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 1675
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 6336
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 864 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2013-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-7 06:52:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاۋال ئىنكاسلىرىم ئارقىلىق ساقلىۋالاي ، جاپا چەكتىڭلار 500مۇنبەر پۇلى مۇكاپات ھازىرچە ، تېخىمۇ ياخشى تەرجىمە ئەسەرلەرنى  سۇنۇشىڭلارغا تىلەكداشمەن

كىـشــى مــېنـى كـىــشى دېـــسە كـىـشـى مـېـنـىڭ كىـشمىــشىم، كـىشـى مېـنــى كـىـشـى دېـمـىـسە كىـــشى بــىلـەن نېمـــە ئىــشـىم .→مەرھابا 21 باھارىم

مەن ھامان پارتىلايمەن!

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 1675
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 6336
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 864 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2013-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-7 06:52:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاۋال ئىنكاسلىرىم ئارقىلىق ساقلىۋالاي ، جاپا چەكتىڭلار 500مۇنبەر پۇلى مۇكاپات ھازىرچە ، تېخىمۇ ياخشى تەرجىمە ئەسەرلەرنى  سۇنۇشىڭلارغا تىلەكداشمەن

كىـشــى مــېنـى كـىــشى دېـــسە كـىـشـى مـېـنـىڭ كىـشمىــشىم، كـىشـى مېـنــى كـىـشـى دېـمـىـسە كىـــشى بــىلـەن نېمـــە ئىــشـىم .→مەرھابا 21 باھارىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51902
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4395
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 63 سائەت
تىزىم: 2011-8-16
ئاخىرقى: 2013-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-7 07:03:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت ، مەن چۈشۈرۈشنى باشلىدىم ئەمىسە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82788
يازما سانى: 594
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5826
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 553 سائەت
تىزىم: 2012-7-21
ئاخىرقى: 2013-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-7 07:31:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
فىلىمنى تەرجىمە قىلىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۆپ جاپا تارتقان ئەزىزلەرنىڭ ئەجىرىگە كۆپتىن كۆپ تەشەككۈر!!
كۆكلەم ئۇيغۇر مۇنبىرىدىكى قىرىنداشلارنىڭ بۇ  كاتتا تىرىشچانلىقى بارچە يۈرەكلەرنى سۆيۈندۈرگۈسى!!

خارلانماسلىقنىڭ يولى - خارلىماسلىق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88708
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 67
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 34 سائەت
تىزىم: 2012-12-17
ئاخىرقى: 2013-1-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-7 07:38:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت! مەن چۈشۈرۈپ ئالدىم!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73000
يازما سانى: 876
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2556
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1629 سائەت
تىزىم: 2012-1-12
ئاخىرقى: 2013-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-7 07:45:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۇنىڭ تۇلۇق قىسىمى بەيدۇدىكى چۈشۈرۈش ئادرىسى دىگەن يەردىكى :1001 ئىجاد 7-بۈلۈم ئا قىسمى بىلەن تۈگەمدۇ ؟2- يوققۇ ؟
ئاستىدا يەنە باركەن .. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   joda☠ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-7 07:54 PM  


بولۇۋەرسە ئىتقا، كۆر،باش ئارىسلان،
بولۇر ئىتلار ھەممە ئارىسلانسىمان.
ئەگەر بولسا ئىت ئۇ ئارىسلانغا باش،
بولۇر ئارسلانلار ھەممە ئىتتەك ھامان.

سەن بۇ دۇنياغا نىمە ئۈچۈن كەلد

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31520
يازما سانى: 1733
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5845
تۆھپە نۇمۇرى: 204
توردا: 573 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2013-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-7 08:35:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تولۇق قىسمى يوقمۇ؟

كىمىكى زەررچلىك ياخشلىق قىلدىكەن  ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزى كۆرىدۇ !كىمىكى زەررچىلىك يامانلىق قىلدىكەن ئۇنىڭ جازاسىنى ئۆزى تارتىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57513
يازما سانى: 189
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3996
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 295 سائەت
تىزىم: 2011-9-22
ئاخىرقى: 2013-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-7 08:52:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     ئالىي ئۇيغۇر تورىدا ئىلان قىلسا  بولغۇدەك. يوۋكۇ غا چىقىرىپ قويسىمۇ ئاسان چۈشۈرگىلى بولامىكى.  مەنمۇ چۈشۈرۋالاي.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79754
يازما سانى: 2119
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9115
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1580 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2013-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-7 09:04:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇلۇق ئەمەسمۇيا ؟

ئاڭلا دۇنيا ! بىز ئۇيغۇرلار تىرورچى ئەمەس ،تارىخىمىز تارىمدەك ئۇزۇن ،  شۆھرىتىمىز تەڭرىتېغىدەك سەلتەنەتلىك ،دۇنيا مەدەنىيتىگە قوشقان توھپىمىز زور، ئۆز يىزىقى ئۆز  تىلى بار  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا رەسمى ئەزا 122دۆلەتنىڭكىدىن كۆپ نوپوسقا ساھىپ مەدەنىيەتلىك ئىنسان .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش