خەيرى خوش كونا يىل
چەكسىز ئۈمۈد ئىشەنىچ بىلەن كۈتۈۋۈلماقنى كۆزلىدىم،
ئارمىنىمنى ،دىل سۆزۈمنى كونا يىلغا سۆزلىدىم.
ئەي كونا يىل ،كونا دېسەم قاپاق تۈرمېگىن،
سەن ئەمەس كونا ،مەيۇس يۈرمېگىن.
ئۈگەتتىڭ تۇرمۇشنى بەردىڭ ئەسلىمە
قىرىتتىم سىنى دەپ، ھەم سەن كۈلمېگىن.
قىرانلىق دەۋرىمنى ئوغۇرلاپ قېچىش،
كەسىپىڭ، ئامالسىز بۇندا ھەم بەندە.
لېكىن سەن بىلمىدىڭ بەرگەنلىرىڭنى
كۆرىسەن كارامەت يىڭىچە تەندە.
زۇلمەتلىك كېچىدىن ئۆتسەم تىچ ئامان،
كۈتكىنى سىنىڭدىن قەبىھ بىر جاللات،
ئەلگەكتە تاسقايدۇ، تۇرمۇشتا قىسىپ
تۆمۈرلەر يىغلايدۇ، يايرايدۇ پولات.
مەدەت بەرگىن سەپەردىشىم كونا يىل،
يىڭى يىلغا ئىشەنىچ بىلەن تۈز ماڭاي.
ئۈمۈدۈمنى سۆزلەپ بەرگىن ئەتىگە،
يىڭى يىلدا يىڭى ئىشلار كۆپ تالاي.......
2012.12.31 .21:30
مەنبەسى: مۇھەممەد رېھىم ئابلىز (ئوت)