 |
 |
 |
 |
چارلاۋاتقان ساقچىلار بىرسىنىڭ يانفۇن بۇلىغان دىلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۋالغان ھامان نەق مەيدانغا يىتىپ بېتىپ ،گۇماندارنى قورشىۋالدى .
ساقچىلار بۇلاڭچىنى تۇتماقچى بولغاندا ،ئۇ قۇلىدىكى يانفۇننى ئىگىز كۆتۈرگىنىچە <يىقىن كەلسەڭلار بۇنى چېقىپ كۇكۇم -تالقان قىلىۋىتىمەن >دەپ ھەيۋە قىلدى .دەل شۇ پەيتتە يانفۇننىڭ ئىگىسى كىلىپ،ساقچىلارغا :<يانفۇنۇمنى ساق ئېلىپ بەرسەڭلا ر ،ئىچىدە ناھايتى مۇھىم تېلفۇن نۇمۇرلىرى ،يىگىتىم يازغان ئۇچۇرلار ھەم ئۆيدىكىلەرنىڭ سۆرەتلىرى بار ئىدى >دەپ يالۋۇرۇشقا باشلىدى .بۇ چاغدا بىر ساقچى قىزغا :<ئەگەر يانفۇننى چېقىۋەتسە ،بىز ئۇنى تۇتقاندىن كىيىن قۇشۇمچە ھەق-تەلەپ قىسمىدا زىيىنىڭىزنى تۆلەپ بەرسە بۇلىدۇ ئەمەسمۇ >دەپ چۈشەندۈردى .قىزنىڭ كۆزى ۋاللىدە يۇرۇپ كەتتى -دە ،بۇلاڭچىغا <يامان بولساڭ چاقە ،چېقىپ بۇلۇپ ماڭا ئەڭ يېڭى تىپتىكى يانفۇن ئېلىپ بەر >دەپ ۋاقىردى .
بۇنى ئاڭلىغان بۇلاڭچى شۇ يەردە داڭقېتىپ قالدى ،ساقچىلارمۇ مۇشۇ پۇرسەتتە ئۇنى تۇتىۋالدى .ساقچى يانفۇننى قىزغا قايتۇرۇپ بەرگەندە ،قىز غودۇڭشىپ :<چاقىمەن دىگەنكىن ،چېقىرۋەرسە بولماسمىدى >دىدى.بۇنى ئاڭلاپ قالغان بۇلاڭچى غەزەبلەنگەن ھالدا قىزغا ۋاقىردى <ھەي سىزدەك ئادەمنى كۆرمەپتىكەنمەن ،سىز نىمە دىگەن ساپاسىز >.
ساختا كۆز دورىسى
بىر يىگىت كۆزىگە كۆز دورىسى تېمىتىپ ،بىردەمدىن كىيىن كۆزىنى ئېچىپ ھېچنىمىنى كۆرەلمەپتۇ -دە ،يالغان كۆز دورىسى ئىشلىتىپ ئەما بۇلۇپ قالغان ئوخشايمەن دەپ ۋاقىراپ يىغلاباشلاپتۇ .بۇ چاغدا يىگىتنىڭ ئاتىسى شامنى كۆتۈرگىنىچە كىرىپ :<نىمە قىلىق بۇ ؟چوپچوڭ تۇرۇپ توك كەتكەندىمۇ قورققان بارمۇ ؟>دەپ قاقشاپتۇ .
قىسمەن جايلار
بىر موماي خەت تۇنۇمايدىكەن ،بىراق رادىئو ئاڭلاشنى ياخشى كۆرىدىكەن ،كۈندە ھاۋا رايىدىن بىرىلگەن مەلۇماتنى ئاڭلايدىكەن . بىر كۈنى تاماق يىگەچ بالىلىرىدىن سوراپتۇ موماي < قىسمەن جايلار دىگەن قەيەر ؟ ئەجەپ كۈندە يامغۇر ياغىدىغان جايكىنا ؟
مەنبە: قانۇنچىلىق گېزىتى
كومپىيوتېر مەشغۇلاتىدا :سەلكىنئاي
|
 |
 |
 |
 |
|