ئويغان
بولدى ماڭا ۋىسالىڭ ئارمان،
ئارمىنىمغا بولغىن يار دەرمان.
سىنى كۈتتۈم ئۇيقۇدىن بىدار،
تۈن ئۇلاشتى تاڭلارغا ئويغان.
مەھەللەڭگە باردىم نەچچە رەت،
ئۇچرىشىشقا بولمىدى پۇرسەت.
كۈتەر كۆڭلۈم سىنىڭدىن شەپقەت،
قويما دەرتلىك ئەھۋالغا ئويغان.
سۈرىتىڭگە قارايمەن ھەردەم،
چىدىماسمەن قارىماي بىردەم،
سەنسىز مىنى ئورىۋالدى غەم،
شاتلىق تولسۇن دىلىمغا ئويغان.
تائام ئۆتمەس بولدى گىلىمدىن،
ھىجران دەردى ئۆتتى جىنىمدىن،
زەپ كەلمىدى جاۋاپ سىنىڭدىن،
يەتكىن جانان ھالىمغا ئويغان.
سەن بىخەۋەر ئۇخلايسەن نىگار،
پەرىشانمەن كۆرمىگەچ دىدار،
گاھ يىغلايمەن ئاھ ئۇرۇپ زار-زار،
قۇلاق سىلىپ زارىمغا ئويغان.
نۇرئەھمەدجان روزى سۇلتاننۇر
2012-يىلى 23-دىكابىر (ئۈرۈمچى)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سەھرا ئوغلى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-24 11:33 AM