مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 573|ئىنكاس: 12

بىر قانچە شېئىرلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79626
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3326
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 73 سائەت
تىزىم: 2012-5-2
ئاخىرقى: 2015-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-7 09:08:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

سەن كېتىپ


ئاكا-ئىنى ياتلاشتۇق، جېنىم ئاتا سەن كېتىپ،

ئاچا-سىڭىل چاشلاشتۇق،جېنىم ئاتا سەن كېتىپ.



ئورۇق-تۇققان ئەپ ئەمەس،قىين بولدى جەم قىلماق،

يېقىن تۇققان ياتلاشتۇق،جېنىم ئاتا سەن كېتىپ.



پىچىر-پىچىر كۆپ بولدى،دوست-يارەنلەر ئارسىدا،

ئەجەپ يېغىر تاتلاشتۇق،جېنىم ئاتا سەن كېتىپ.



مىراس دىدۇق،پۇل دىدۇق،ئانام قالدى تۇل دىدۇق،

خوراز كەبى ئاتلاشتۇق،جېنىم ئاتا سەن كېتىپ.



گويا شەمشاد قەددىمىز ئىگىلمەيتى،سۇنمايتى،

بىزمۇ سۇلۇپ قاتلاشتۇق،جېنىم ئاتا سەن كېتىپ.



خۇشال ئىدى يارەنلەر بىزنىڭ زەپەر مارشىدىن،

قارا،تالاي ماتلاشتۇق،جېنىم ئاتا سەن كېتىپ.



جىمى يەردە ۋاي ئىدۇق،خۇددى ئەركە تاي ئىدۇق،

غېرىپسىنىپ داتلاشتۇق،جېنىم ئاتا سەن كېتىپ.


كۆككە يەتكەن بېشىمىز،ئۈزۈلمىگەن رىشتىمىز،

بىر ئۈزۈلدۇق تاشلاشتۇق،جېنىم ئاتا سەن كېتىپ.


ئىجادىيتىم

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-7 10:31 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79626
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3326
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 73 سائەت
تىزىم: 2012-5-2
ئاخىرقى: 2015-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-7 09:11:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

پارچىلار

پارچىلار

ھاياتقا بىر كەلدىم قايتا كەلمەيمەن،
كەلگىدەك پۇرسەتمۇ بەرمەيدۇ تەڭرى.
ئۆزگىلەر ھەققىنى يېمەيمەن زىنھار،
ئۆزۈمنىڭ رىسقسمۇ يىتىدۇ كەڭرى.

※※※※        ※※※※       ※※※※

ئېسىڭدىمۇ بۇرادەر بىز ئوينىغان جۈپمۇ-تاق،
يىللار بىز گە بىزەك قىپ چاچ-ساقالغا تەردى ئاق.
تەلۋە ئىدۇق بىر چاغدامازارغىمۇ تاش ئاتقان،
سۆرەپ يۈرسە نەۋرىلەر ،دىيەلمىدۇق ئەمدى ياق.

※※※※        ※※※※       ※※※※

ئالغىنىم كۆپ بولدى بەرگەنلىرىمدىن،
ئۈزگىنىم كۆپ بولدى تەرگەنلىرىمدىن.
قانداقمۇ ماختىناي خەلقىم ئالدىدا،
ئانچىكى بىر قۇچاق كەرگەنلىرىمدىن.



ئىجادىيىتىم


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79626
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3326
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 73 سائەت
تىزىم: 2012-5-2
ئاخىرقى: 2015-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-7 09:16:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مۇۋەششەھ


مۇۋەششەھ

1

ئاشىقىڭمەن رايىڭغا باقالمىسام بولامدۇ؟
تونۇرۇڭغا قاتلىما ياقالمىسام بولامدۇ؟
يىراق كەتمەي يېنىڭدىن ئەندىشەم كۆپ سېنىڭدىن،
بىرى قارىسا چاياندەك چاقالمىسام بولامدۇ؟
شامۇ-سەھەر سېغىنىپ شوخ سابادىن قىزغىنىپ،
دەرۋازاڭنى كۈندە بىر قاقالمىسام بولامدۇ؟
ئەلدىن سوراپ ئىشىڭنى، غەمدە قالغان بېشىڭنى،
لازىملىقنى ۋاقتىدا تاپالمىسام بولامدۇ؟
مەيدىن ئىزدەپ ھوزۇرنى، چەتتە قويۇپ قۇسۇرنى،
تەرىپىڭگە بىر قوشاق قاتالمىسام بولامدۇ؟
گاھ چۆللەرگە سۇ باشلاپ، ھەسرەتتە كۆزۈم ياشلاپ،
پەرھاد كەبى بىر ئۆستەڭ چاپالمىسام بولامدۇ؟
ئۇزلۇقۇڭدىن مەست بولۇپ، گاھى ئېگىز- پەس بولۇپ،
سېنىڭ ئۆتەر يولۇڭدا ياتالمىسام بولامدۇ؟
لەيلى بولساڭ مەجنۇنمەن، ھەردەم ساڭا مەپتۇنمەن،
ئوتتا كۆيۈپ سۈيۈڭدە ئاقالمىسام بولامدۇ؟


2

ئالمىدەك بەرنالىقىڭدىن ئۆرگىلەي.
شۇ ئوماق تەرسالىقىڭدىن ئۆرگىلەي.
مىڭ جېنىن تىككەن يىگىت ئاشىق كەبى،
گۈل چىراي رەنالىقىڭدىن ئۆرگىلەي.
ئىزلىبان كەزسەم جاھاننى ئايلىنىپ،
ئۇچرىماس يەكتالىقىڭدىن ئۆرگىلەي.
ناتىۋان كاككۇك كەبى قانلار قۇسۇپ،
ئوت يۈرەك ھەغدالىقىڭدىن ئۆرگىلەي.
ئەقىل بىرلە كۆز سېلىپ ئالەم ئارا،
شوخ زېرەك دانالىقىڭدىن ئۆرگىلەي.



ئىجادىيىتىم


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29519
يازما سانى: 1455
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9334
تۆھپە نۇمۇرى: 392
توردا: 994 سائەت
تىزىم: 2011-2-7
ئاخىرقى: 2015-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-7 11:23:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز قېرىندىشىم ،قەلەم قوۋىتىڭىز بولىدىكەن .تىرىشىڭ قوللايمەن .

@ئۆزەمنىڭ ئۇيغۇر بولغانلىقىم ئۈچۈن پەخىرلىنىمەن@

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73888
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3325
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 116 سائەت
تىزىم: 2012-1-24
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-7 11:47:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تىخى ئۆزەمنى ئانچە-مۇنچە شىئېر يازالايمەنغۇ دەيىتتىم ، ئەسلىدە دېڭىزنىڭ ئالدڭدا تامچە ئىكەنمەن......
  بەك ياخشى يېزىپسىز ، ھەۋىسىم كىلىىۋاتىدۇ.......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86902
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2 سائەت
تىزىم: 2012-11-6
ئاخىرقى: 2012-11-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-7 12:27:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسساللامۇئەلەيكۇم قېرىندىشم،قۇلىڭىزغادەت كەلمىسۇن.
مەنمۇئانچە-مۇنچەيېزىپ قۇياتتىم لېكىن سىزنىڭ ئىجادىيەتلىرىڭىزنى كۈرۈپ ئۈزۈمنىڭ بەكلا ئارقىدا ئىكەنلىكىمنى ھېس قىلدىم.
بولسامۇشۇنداق ھەمىمىزگە ھۇزۇر-ئىلھام بېغشلايدىغان ئىجادىيەتلىرىڭىز مۈنبەردىن ئۈزۈلمىسۇن،ئاخىردا تىنىڭىزگە سالامەتلىك،ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85950
يازما سانى: 377
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 2477
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 260 سائەت
تىزىم: 2012-10-11
ئاخىرقى: 2015-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-7 12:29:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز رەھمەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81966
يازما سانى: 98
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3469
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 205 سائەت
تىزىم: 2012-6-22
ئاخىرقى: 2014-10-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-7 01:02:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن مىسرانىم تور بېتى بىلەن تونۇشقاندىن باشلاپ، شائىر ۋە شائىرەلىرىمىزنىڭ ناھايىتى كۆپ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. بۇنىڭدىن ئەجداتلىرىمىزنىڭ مىراسىغا ۋارسلىق قىلالايدىغانلىقىمىزدىن پەخىرلىنىۋاتىمەن. بولسا شۇنداق ئالىم، ئەدىب، پەيلاسوب، يازغۇچى، شائىرلىرىمىز كۈنسېرى كۆپەيسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86084
يازما سانى: 355
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1838
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 232 سائەت
تىزىم: 2012-10-15
ئاخىرقى: 2014-7-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-7 02:43:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بولسا شۇنداق ئالىم، ئەدىب، پەيلاسوب، يازغۇچى، شائىرلىرىمىز كۈنسېرى كۆپەيسۇن.

مەنمۇ شۇ ئۆمۈدتە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82720
يازما سانى: 1185
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5131
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1081 سائەت
تىزىم: 2012-7-10
ئاخىرقى: 2014-8-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-7 05:38:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يېزىپسىز قېرىندىشىم ، رەھمەت

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش