مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 13957|ئىنكاس: 36

تېپىشماقنىڭ گرامى مىليۇن دوللار! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50478
يازما سانى: 999
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7824
تۆھپە نۇمۇرى: 437
توردا: 1713 سائەت
تىزىم: 2011-8-4
ئاخىرقى: 2015-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-29 05:10:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

        ( 1)


قارمۇ قارشى 2 تامدا

2 چىۋىن      ئوڭ تامدىكى چىۋىن ناخشا ئېيتسا

سول تامدىكى چىۋىن يەرگە چۈشۈپ كىتىپتۇ بۇ نىمە ئۈچۈن؟


(2)


بىر باغچىنىڭ ئىچىدە يوغاندىن - يوغان بىر تاش بار ئىكەن . تاشنىڭ ئۈستىدە بىر قۇر خەت بار ئىكەن . قىززىق يېرى شۇكى بۇ خەتنى كۆرگەن يېقىن دوستلار مۇھەببەتلىشىپ قالىدىكەن . مۇھەببەتلىشىۋاتقان ئاشىق - مەشۇقلار بولسا ئايرىلىپ كېتىدىكەن ...........
قېنى تېپىپ بېقىڭلار بۇ تاشتا زادى نىمە خەت بار.....؟

(3)


مەن خوتۇنۇمنىڭ تۇغۇلغان كۇنىنى خاتىرلەش ئۇچۇن بىر جىڭ تورت سېتىۋالغان ئىدىم ، ئۇنى باشقىلار يەۋاپتۇ . مەن راسا ئاچچىقلىنىپ گۇمانلىق تۆت ئادەمدىن سورىسام ئۇلار مۇنداق جاۋاپ بەردى :
  B > : A يەۋالدى . >
  D > :B يەۋالدى . >
C : < مەن يېمىدىم .>
  B > : D يالغان ئېيتىۋاتىدۇ .>
      ئۇلارنىڭ ئىچىدە پەقەت بىرىلا راست سۆزلەپ ، قالغانلىرى يالغان ئېيىتقان . ئۇ ئىشنىمۇ پەقەت بىرىلا سادىر قىلغان ، سىزچە ئۇ كىم ؟

         (4)

ئەقىللىق شاھزادە بازاردىكى كىشىلەرگە ئىككى تېپىشماقنى ئېيتتى،
لېكىن ئۇلار جاۋابىنى تاپالدىمۇ؟

بۇرۇنسىدا بىر پادىشاھنىڭ تولىمۇ ئەقىللىق بىر شاھزادىسى بولغانىكەن. پادىشاھ ئۇنىڭغا بەك ئامراق ئىكەن. بىر كۈنى، شاھزادە بازارغا كېلىپ ھەممەيلەنگە شۇنداق جاكارلاپتۇ: - مەن ئىككى تېپىشماق  ئېيتىمەن، سىلەر جاۋابىنى تاپالمىغۇدەك بولساڭلار، بۈگۈن سودا - سېتىق قىلىشنى ئويلىماڭلار! ساتارمەنلەرنىڭ سېتىشىغا، ئالارمەنلەرنىڭ ئېلىشىغا رۇخسەت يوق. بىرىنچى تېپىشماق: «ئەتىگەندە تۆت پۇتلۇق، چۈشتە ئىككى پۇتلۇق، كەچتە ئۈچ پۈتلۇق، ئۇ قانداق ھايۋان؟»؛ ئىككىنچى تېپىشماق: «بىر دەرەختە 12 شاخ، ھەر بىر شاختا ئوتتۇز يوپۇرماق، ئۇ نېمە؟» دەپتۇ. كىشىلەرنىڭ بىرسىمۇ تېپىشماقلارنىڭ جاۋابىنى تاپالماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بازار تارقاپتۇ. بىر ھەپتە ئۆتۈپ، يەنە بازار كۈنى يېتىپ كەپتۇ. شاھزادىمۇ يەنە بازارغا كېلىپ: - مەن ئېيتقان تېپىشماقلارنىڭ جاۋابىنى تاپالىدىڭلارمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ. كىشىلەر بۇ قېتىممۇ ئۈندىيەلمەي، كېتىشكە ئالدىراپتۇ. ساتارمەنلەر مېلىنى ساتالماپتۇ. ئالارمەنلەرمۇ ئالدىغىنىنى ئالالماپتۇ. شۇنداق قىلىپ بازار يەنە تارقاپتۇ. بازارغا كەلگەنلەر ئارىسىدا بىر بازار قاراۋۇلى بار ئىكەن. ئۇ تولىمۇ نامرات بولۇپ، ئۇنىڭ پەقەت ئىككى قىزى بار ئىكەن، چوڭ قىزى تولىمۇ گۈزەل ئىكەن، كىچىك قىزى بولسا ئورۇق، ۋىجىك، ئەمما ئادەتتىن تاشقىرى ئەقىللىق بولۇپ، ئەقىل - پاراسەتتە باشقىلارنى بېسىپ چۈشىدىكەن. كەچتە قاراۋۇل بوۋاي قايتىپ كەلگەندە، كىچىك قىزى دادىسىدىن: - دادا، سەن ئىككى قېتىم بازارغا باردىڭ، ئەمما ھەر قېتىمدىلا قۇرۇق قول قايتىپ كەلدىڭ، بۇ قانداق ئىش؟ - دەپ سوراپتۇ. - ھەي قىزىم، - دەپتۇ قاراۋۇل، - شاھزادە بازارغا كېلىپ: «سىلەر مېنىڭ ئېيتقان تېپشماقلىرىمنىڭ مەنىسىنى دەپ بېرەلمىسەڭلار، سودا - سېتىق قىلماڭلار» دەپ جاكارلىدى، - دەپتۇ. - شاھزادە سىلەرگە نېمە تېپىشماق ئېيتتى؟ - دەپ سوراپتۇ كىچىك قىزى. - ئۇنىڭ بىر تېپىشمىقى: «ئەتىگەندە تۆت پۇتلۇق، چۈشتە ئىككى پۇتلۇق، كەچتە ئۈچ پۇتلۇق، ئۇ قانداق جانىۋار؟»، يەنە بىرسى: «بىر دەرەختە 12 شاخ، ھەر بىر شاختا ئوتتۇز يوپۇرماق» ئىكەن، - دەپتۇ بوۋاي. - بۇنى تاپماق بەك ئاسانكەنغۇ، دادا، - دەپتۇ كىچىك قىزى ئويلىنىۋېلىپ، - بىرىنچى تېپىشماقتا دېيىلىۋاتقىنى - ئادەم. ئادەم، ئۆمرىنىڭ ئەتىگىنىدە يەنى بوۋاق چېغىدا ئىككى قل ۋە  ئىككى پۇتى بىلەن ئۆمىلەپ ماڭىدۇ؛ چوڭ بولغاندىن كېيىن ئىككى پۇتى بىلەن ماڭىدۇ، قېرىغاندا ھاسىغا تايىنىپ ئۈچ پۇتلۇق بولۇپ قالىدۇ. ھېلىقى «دەرەخ» بولسا «يىل»، بىر يىلدا 12 ئاي بولىدۇ، ھەر بىر ئايدا ئوتتۇز كۈن بولىدۇ. بىر ھەپتە ئۆتۈپ، يەنە بىر بازار كۈنى يېتىپ كەپتۇ، شاھزادە يەنە بازارغا كەپتۇ. - بۈگۈن جاۋاپ تاپپتىڭلارمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ ئۇ. - تاپتىم، ئالىيلىرى - دەپتۇ قاراۋۇل بوۋاي، - ئەتىگەندە تۆت پۇتلۇق، چۈشتە ئىككى پۇتلۇق، كەچتە ئۈچ پۇتلۇق بولىدىغان جانىۋار - ئادەم. ھېلىقى دەرەخ - يىل، بىر يىلدا 12 ئاي، ھەر بىر ئايدا ئوتتۇز كۈن بولىدۇ. - سودا - سېتىقنى باشلاڭلار! - دەپ بۇيرۇق قىپتۇ شاھزادە ھەيران بولغان ھالدا. گۇگۇم چۈشۈشكە ئاز قالغاندا، شاھزادە قاراۋۇل بوۋاينىڭ يېنىغا كېلىپ قاراۋۇل بوۋايدىن: - ساڭا تېپشماقلارنىڭ جاۋابىنى كىم تېپىشىپ بەردى؟ - دەپ سوراپتۇ. قاراۋۇل بوۋاي شاھزادىگە راست گەپنى ئېيتىپتۇ. - بۈگۈن كەچ مەن سېنىڭ ئۆيۈڭدە مېھمان بولىمەن، - دەپتۇ شاھزادە ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن. شاھزادە قاراۋۇلنىڭ ئۆيىدە ئۇنىڭ ئىككى قىزىنى كۆرۈپتۇ. كىچىك قىزىنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ئۇنىڭ قەلبىنى لەرزىگە ساپتۇ. كېيىن، شاھزادە قاراۋۇلنىڭ كىچىك قىزىنى ئۆزىنىڭ نىكاھىغا ئاپتۇ.




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   赛乃木江 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-29 12:16 PM  


[img][/img]تېۋىنىپ ياشىغان مىڭ يىل ئۆمۈردىن،مىڭ ئەلا دولقۇنلاپ ئۆتكەن بىر نەپەس!

دىل ئازارى،خۇدا

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4825
يازما سانى: 959
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11381
تۆھپە نۇمۇرى: 553
توردا: 1152 سائەت
تىزىم: 2010-7-26
ئاخىرقى: 2015-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-29 05:36:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋايجون  نىمانداق جىق تېپىشماق بۇ ..مىنىڭ تىپىشماق تىپىشقا كەلگەندە كاللام سەل دۆت بوپ قالىدۇ..

مېرۇل مەرگەن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85428
يازما سانى: 1067
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1059
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 952 سائەت
تىزىم: 2012-9-26
ئاخىرقى: 2015-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-29 05:51:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۆتىنچى تېپىشماقنىڭ جاۋابىنى تاپقانداق قىلىمەن.
بىردەرەختە 12شاخ، ھەربىر شاختا 30يوپۇرماق: جاۋابى  1يىل  ۋە 1ئاي ئىچىدىكى 30كۈنغۇ دەيمەن.
تاپقاندىمەن ھە........مۇكاپات باردۇ.

كۆز يېشىغا چىلىنىپ چىققان كۈلكە شىرىن بولىدۇ، غەم قايغۇدىن كېيىن ئېيتىلغان ناخشا مۇڭلۇق بولىدۇ، تېڭىرقاشتىن يۇلقۇپ چىققان روھ سەگەك بولىدۇ، يالغۇزلۇقتىن قۇتۇلغان قەلىب كۆتۈرەڭگۈ بولىدۇ. مانا بۇ تۇرمۇش.........

مېرۇل مەرگەن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85428
يازما سانى: 1067
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1059
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 952 سائەت
تىزىم: 2012-9-26
ئاخىرقى: 2015-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-29 05:53:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپلا تېپىشماقنىڭ جاۋابىنى تاپىمەن دەپ ئاخىرىنى ئوقۇماپتىمەن ئەمەسمۇ، ئەسلى جاۋابى باركەن دە................تازىمۇ سەت بولدى.

كۆز يېشىغا چىلىنىپ چىققان كۈلكە شىرىن بولىدۇ، غەم قايغۇدىن كېيىن ئېيتىلغان ناخشا مۇڭلۇق بولىدۇ، تېڭىرقاشتىن يۇلقۇپ چىققان روھ سەگەك بولىدۇ، يالغۇزلۇقتىن قۇتۇلغان قەلىب كۆتۈرەڭگۈ بولىدۇ. مانا بۇ تۇرمۇش.........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5579
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32306
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3438 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-29 05:53:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەتتە تۈپ كۆچەتنى سەككىز رەتكە ئۈچ تۈپتىن پويالامسىز؟

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

دىھقاننىڭ مۇڭدىشى-كەتمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3572
يازما سانى: 1537
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16665
تۆھپە نۇمۇرى: 804
توردا: 6597 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2015-5-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-29 05:53:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1- تىپىشماق : مەنچە چوقۇم پالاق يىدى .
2-تىپىشماق : بۇ كۈن ئاخىر يىتىپ كەلدى .
3-تىپىشماق : ب يەۋالغان .

ھاياتىڭىز ئاق قەغەز ، قىنى نام ئەمىلىڭىزنى يىزىڭ ، ئاللاھ سىزگە قەلەمنى بەردى ، ئەمما ئىسىڭىزدە تۇتۇڭ سىزدە ئۈچۈرگۈچ يوق .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85023
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 37 سائەت
تىزىم: 2012-9-13
ئاخىرقى: 2013-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-29 05:57:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1-جاۋابى  يەنەبىر چىۋىن ناخشىغا  ئۇسۇل ئويناش ئۈچۈن تامدىن چۈشۈپ كەتكەن
2- جاۋابى  تاش ئۈستىدىكى  ئۇخەت   بىز مۇشۇنداق ئۆتىۋىرەمدۇق .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 3888
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17690
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1560 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2014-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-29 06:13:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   كەيپىم ئۇچۇپ  تۇرغاندا ،  سۈيۈملۈك كاللامنى  ئۇپراتقۇم يوق   .

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
bayhenim + 10 نىمە ئىش بولدى تىشلىق.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ھاياتلىقىڭنىڭ قەدرىنى بىل

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57928
يازما سانى: 3555
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 278
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1714 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2015-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-29 06:25:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1-تېپىشماقنى تېپىپ باقاي ھە .ئۇ تامنىڭ بىر سىدە ئەينەك بار .ناخشا ئېيىتقان چىۋىن پالاق يېگەندىكىن چۈشۈپ كەتكەن .......................باشقىسىنى تاپالمايمەن چۈنكى مەن بەك ئەقىللىق

بىر كۈنۈڭ ئۆتسە قەبرىگە بىرقەدەم يېقىنلايسەن . .....
                                         ئۆلۈمگە ياخشى تەييارلىق قىل  ...........

ھەمىمىز ئۇلۇغ ال

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43241
يازما سانى: 2394
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18880
تۆھپە نۇمۇرى: 1533
توردا: 5993 سائەت
تىزىم: 2011-6-5
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-29 06:59:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
bayhenim يوللىغان ۋاقتى  2012-9-29 06:25 PM
1-تېپىشماقنى تېپىپ باقاي ھە .ئۇ تامنىڭ بىر سىدە ئەينەك ب ...

مىنىڭ قارىشىممۇ يۇقۇردىكى تورداشلار بىلەن ئوخشاش،مەن ئويلىغاننى ئۇلار دەپ بوپتۇ،قېنى قايسى توغرا، تېمىنىڭ داۋامىدىكى ئىنكاسلارغا قاراپ باقايلى.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش