مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1187|ئىنكاس: 7

ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ تۇرمۇش مەدەنىيتى توغرىسىدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78017
يازما سانى: 318
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 9239
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 262 سائەت
تىزىم: 2012-3-27
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 12:51:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     يالقۇن رۇزى نەشىرگە تەييارلىغان ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئىمن ئەسەرلىرى -2(ئۇيغۇرلاردا ئسلام مەدەنىيتى )نامىلىق كىتابتىن ئېلىندى .
ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن كۆپ ئىزدىنىشلەرنى ئېلىپ بارغان ،ھاياتىنى مىللەت تەتقىقات ئىشلىرىغا بېغىشلاپ ،مىللەت ئۆتىدا كۆيۈپ ،بىزدىن ۋاقىتلىق ئايرىلغان مەرھۇم يىتۈك ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىننى ئەسلەش ۋە سېغىنىش يۈزسىدىن بۇ تىمىنى مۇنبەرگە يوللىدىم .مۇنبەرداشلارنىڭ تىمىنى ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىپ ،ئۆزتارىخىمىزدىن ئاز -تۇلا خەۋەردار بۇلۇش بىلەن بىرگە مەرھۇم ئالىمىمىزنى ئەسلەپ قۇيۇشنى ،ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ قۇيۇشىنى تەۋسىيە ھەم ئۈمۈد قىلىمەن !


      ئۇيغۇرلار شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىدا توپلىشىپ  ياشايدىغان غوللۇق ،يەرلىك مىللەت ۋە ئاپتۇنۇمىيە ھۇقۇقى يۈرگۈزگۈچى مىللەت. ئۇيغۇرلار پارچە ھالەتتە ،جۇڭگۇنىڭ بىر قاتار چوڭ شەھەرلىرىدە خىزمەت ۋە تىجارەت قىلىدۇ.ئۇيغۇرلار جۇڭگۇدىن باشقا  قازاقىستان ،قىرغىزىستان ،ئۆزبىكىستان ،تاجىكىستان ،تۈركىمەنىستان (ئاساسلىقى بايرام ئەلى رايۇنى)،ئەرەبىستان ،تۈركىيە ،ئاۋستىرالىيە ،گىرمانىيە ،روسىيە ، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردە كۆرنەرلىك نۇپۇستا ،مۇئەييەن جامائەت تۈركۈمى شەكلىدە ياشايدۇ .
     ئۇيغۇرلار ھازىر دېھقانچىلىق ،باغۋەنچىلىك ،چارۋىچىلىق ھۈنەرۋەنچىلىك ،سودا-سېتىق ،مەدەنىيەت-مائارىپ قاتارلىق  كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۇلار ھازىر بازار ئىگىلىكىنى مەركەز ۋە تەڭشىگۈچ قىلغان  ھازىرقى زامان ئىقتىسادى تۇرمۇشىغا بارغانسىرى ئۆزلەشمەكتە . ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە تارىخى تەرەققىياتنىڭ يىڭى قاتلىمىنى ھاسىل قىلماقتا.
    ئۇيغۇرلار مەركىزى ئاسىيا تىپىدىكى قەدىمكى قەبىلە ۋە خەلقلەردىن تەشكىل تاپقان .جۇڭگو ۋە چەتئەل ئالىملىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت مەنبەسى توغرىسىدا كۆپ ئىزدەندى .ئۇلار مىلادىيدىن 2000-3000يىل ئىلگىرى شىمالى ئالتاي دالىسىدىكى ئاندرونوۋ-مىنوسېنىك رايۇنلىرىدا ياشىغان ئارى(ئارىيان)قەبىلىلىرى ،سىكتاي-ساك خەلقلىرىنى  ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ۋە ئاسىياچە ئاق جىنىسلىق (ئاق تەنلىك )ئەجداتلىرى دەپ قاراشماقتا.قەدىمكى جەسەتلەرنىڭ باش سۈڭەك ئانالىزى،قان تىپى،قەدىمكى ئارىيان-سكتاي-ساك ئەپسانە فولكىلورى،كىينىش ۋە مۇزىكا ،ئۇسۇل ،بايرام ،سەيلە -مەرىكىلىرى بۇ مۇھاكىمىگە كۈچلۈك ئىسپات ھازىرلاپ بەردى .ئەينى زاماندىكى «ئات مەدەنىيتى »بۇ كەڭ ماكاندا جۇڭگونىڭ رەسمى يىلنامىلىردا «ئۇلۇغخور(大胡)»دەپ ئاتالغان ئارىيان -سىكتاي-ساك خەلقلىرىنىڭ زور يۇغۇرلۇشىنى مەيدانغا كەلتۈردى .ئارىيان -سىكتاي-ساك قەبىلىلىرى مىلادىيدىن ئىلگىرىكى 2000-يىللاردىن تاكى VI-Vئەسىرلەرگىچە غەرب،جەنۇب ۋە شەرققە يۆتكىلىپ  ،ئىران ئىگىزلىكى ،ھىندىستان زېمىنى ۋە چىلەن تاغلىرى ئەتراپىغا كىڭەيدى ۋە ئىرنىي خەلقلەر ،ھىندىستان ئارىيان ساكلىرى ،تارىم ساكلىرى ۋە تۇخار قەبىلىلىرىنىڭ مىللەت تەركىبىگە سالماقلىق تەسىر كۆرسەتتى .مىلادىيدىن ئىلگىرىلا ئاسىنا قەبىلىلىرى بىلەن مۇڭغۇللوئىد(مۇڭغۇل ئىرقى )تىپىدىكى ئاشىد قەبىلىلىرى ئاسىنا ئۇرۇقىنى ئاساس قىلىپ قۇشۇلدى .نەتىجىدە مەركىزى ئاسىيا ئۇلۇغخورلىرىنىڭ 2-تۈركۈمى-تۈركلەر مەيدانغا چىقتى .ئۇيغۇرلار ئەنە شۇ ئارىيان -سىكتاي-ساك خەلقىنىڭ يىراق ئەۋلادى .تۈركى تۈركۈمىنىڭ يېقىن ئەۋلادى ھىسابلىنىدۇ .
    جۇڭگو يىلنامىلىرىدا غەربى جۇ سۇلالىسى زاماندىكى ھازىرقى گەنسۇ (كەڭ ساي )ۋە ئوردۇس ئوتلىقى ئەتراپىدا ياشىغان گۇيفاڭ (鬼方)،دى-زەي(狄翟)قەبىلىلىرىنى ،كىيىنچە بايقال كۆلى ئەتىراپىدا ياشىغان دىڭلىڭ (دەنلەن)خەلقىنى ئۇيغۇرلارنىڭ بىۋاستە مەنبەلىرىدىن بىرى دەپ قارىغۇچىلارمۇ بار. ئۇلار دىڭلىڭلارنى شەرقىي ۋە غەربىي دىڭىلىڭلارغا ئاپىرىپ ، بايقالدىن  يېنسەيگىچە ، يېنسەيدىن يەتتە سۇ ۋە سىر دەرياسى ساھىللىرىغىچە ياشىغان دەپ قارايدۇ .يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دىڭلىڭلاردىن باشقا ،قەدىمكى تۇرپان ،كىروران ئاھالىلىرى بولغان ئۇجيې(乌结)،ئۇخۇ(乌护)ۋە قوش قاڭقىل (故师)قەبىلىلىرنى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت مەنبەسى دىگەن قاراشلارمۇ ئوتتۇرغا چىقتى .
    ئۇيغۇرلار مەركىزى ئاسىيادىكى قەدىمكى مىللەت ،ئارىيان سىكتاي-ساك-تۈركىي خەلىقلەر تۈركۈمىدىكى مەدەنىيەتلىك خەلق .ئۇلارنىڭ جىسمانىي خۇسۇسىيتى ۋە قان  ئالاھىدىلكى ،تىل ۋە ئەدەبىيات -سەنئەت ئالاھىدىلىكى ،مىللىي ئېتنوگىرافىك تۇرمۇش ئادىتى ۋە تۇرمۇش ئالاھىدىلكى ئۇيغۇرلارنىڭ ناھايتى يىراق تارىىخىي قاتلاملىرىنى ،تارقىلىش ماسشىتابىنى ،مىللەت مەنبەسى ۋە ھەرخىل تەركىبلەرنى ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارىنى ،ئەجدادلىرىنىڭ بارلىق مۇنەۋۋەر فولكىلورى ۋە تۇرمۇش مەدەنىيتىگە تۇلۇق ۋارىسلىق قىلىش سالاھىيتىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ.
    ئۇيغۇرلار ئوتلاق مەدەنىيتى ،ئاتلىق كۆچۈش قىسمەتلىرى ، بوستان مەدەنىيتى ،يىپەك يۇلى  ئالاقىلىرى ،كۆپ خىل دىنىي مەدەنىيەت باسقۇچلىرىنى باشتىن كەچۈردى .
    ھازىرقى زامان ئۇيغۇرلىرى ،نۇقۇل ھالدا ،840-يىلى ئورخۇن ۋادىستىن تارىم ۋادىسىغا كۆچكەن ۋە بۇ يەردىكى ساك،تۇخار ، سوغدىلارنى ئۆزلەشتۈرۈپ مەيدانغا كەلگەن  دىگەندە يەنىلا ئورخۇن ئۇيغۇرلىرى بىلەن تارىم ۋادىسدىكى ساك ، تۇخار ، سوغدىلارنىڭ قايسى تارىخىي قاتلامدا قانداق تىلدا سۆزلەشكەنلىكىدىن قەتئىينەزەر ، ئورتاق ھالدا مەركىزى ئاسىيا ئۇلۇغخورلىرى بولغان ئارىيان تۈركۈمى ۋە تۈركىي تۈركۈمىگە بولغان تېرەن يتىلتىزداشلىقىنى ئالدىنقى شەرت قىلىش كىرەك . بۇ خەلقلەر كۆچمە چارۋىچىلىق ۋە «ئات مەدەنىيتى » تۈپەيلىدىن مەركىزى ئاسىيا رايۇنىغا - مۇھىمى تارىم ۋە سىر دەريالىرى ۋادىلىرىغا ،بايقال ۋە مۇڭغۇل ئوتلاقلىرىغا كەڭ تارقىلىپ ياشىدى . ئۇلار جۇڭگو ۋە ئىران (ئاخمانى)ئىمپېريىلىرىگە يېقىن جايلاردا ھاكىميەت مەركەزلىرىنى بەرپا قىلغان ھون ۋە ساك ئەنئەنىلىرىگە دېيەرلىك ۋارىسلىق قىلدى .ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلىپ ، ئۇيغۇرلار غەربكە كۆچكەندىن كىيىنمۇ خان ئۇرۇقى بولغان ياغلاقالار گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرغاندىن باشقا ، ئادىزلار باشچىلىقىدىكى باشقا ئۇيغۇر قەبىلىلىرى قۇچۇ ، كۈسەن ،قەشقەر ،سۇياب -سىر دەرياسى ۋادىسغا يۆتكىلىپ ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى ،كۈسەن ئۇيغۇر خانلىقى ۋە قارا خانىيلار ھاكىميەتلىرىنى بەرپا قىلدى . خوتەن ياغلاقالار قالقالۇخانى داۋاملىق گەنجۇ ياغلاقار ئۇيغۇر خانلىقى  بىلەن قۇدىلىق مۇناسىۋتىنى ساقلىدى .بۇ ، ئورخۇن ۋە گەنجۇ ، خوتەن ياغلاقارلىرىنىڭ قەبىلىۋى يېقىنلىقىدىن دېرەك بىرىدۇ .
بۇ خۇددى ئۇيغۇرلار  قەدىمكى سەمەرقەند ھاكىمى ئاپراسىياپنى ئۆزىنىڭ قەھرىمان پادىشاھى دەپ ئىزچىل ھۆرمەتلەپ كەلگىنىگە ئوخشاش ئەھۋال .
   ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنونىمى (مىللەت نامى)قاچان كىلىپ چىققانلىقى نامەلۇم .بىرىنچىدىن ،بۇ نامنىڭ پەيدا بولغان ۋاقتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ دەسلەپكى ئېتنىك تۈركۈمىنىڭ مەيدانغا كەلگەن ۋاقتى قىلىپ بىكتىۋالغىلى بولمايدۇ؛ئىككىنچىدىن ،ئۇيغۇر دەپ ئاتالغان قەبىلە دەسلەپ ياغلاقار باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر ئىتتىپاقىغا قاتناشقان بىر قەبىلىنىڭ نامى بولۇپ ،بۇ خاسىيەتلىك  نام پۈتۈن ئۇيغۇر ئىتتىپاقى ۋە ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئورتاق نامى قىلىپ قۇبۇل قىلىنغان ، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلگەندىن كىيىنمۇ گەنجۇ ،ئىدىقۇت ،كۈسەن خانلىقلىرى ئۆز سەلتەنەت ناملىرىغا ئۇيغۇر نامىنى قۇشۇپ ئىشلەتكەن .ھازىرقى يۈگۇ -سېرىق ئۇيغۇرلارمۇ ئۆز نامىنى ياغلاقار ياكى باشقا قەبىلە نامىدا ئەمەس ،بەلكى ئۇيغۇر نامىدا ئىشلەتتى.
    «ئۇيغۇر»ئىبارىسى ئومۇمى مەنىدە «ئۇيۇشۇش،ئۇيۇشماق »دېگەن مەنىدە ئىزاھلانماقتا .
      ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش مەدەنىيتى ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر نامىنى قوللىنىشى ۋە سىياسى ھاكىميەت ئورنىتىشىدىن خىلى بۇرۇنلا تەدرىجىي شەكىللەندى ۋە ئۇيغۇر ھاياتىنىڭ ھەرقايسى تارىخىي قاتلاملىرىدا داۋاملىق راۋاجلىنىپ ،تۇرمۇش مەدەنىيتى ئىزچىللىقى بىلەن تارىخىي قاتلاملىقى زەنجىر ھالقىسىنى ھاسىل قىلدى .بىز ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش مەدەنىيتىگە نەزەر سالساق ،ئۇيغۇرلارنىڭ مۇكەممەل ئېتنولوگىيلىك تۇرمۇش مەدەنىيتىگە ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرىمىز.
       ئۇيغۇر تارىخىدا جەڭگىۋار ئاياللار ،ھاكىميەتكە قاتناشقان تۈركەن خاتۇندەك ئاياللار ،شائىر ۋە مائارىپچىلار خېلى كۆپ بولغان .تۇغۇت مۇناسىۋتى بىلەن ئانا-بالىلار مەبۇدىسى ئوماي ئانىغا (ئىسلامىيەتتتىن كىيىن بۈۋى پاتىمەگە)سېغىنىش ،بالىنىڭ قىرىق سۈيى ،ئات قۇيۇش مۇراسىمى ،بۆشۈك تويى ،ئوغۇل بالا يەتتە ياشقا تولغاندا خەتنە قىلدۇرۇپ مۇراسىم ئۆتكۈزۈش ، پەرزەنتىلىرىنى مەكتەپكە ياكى ھۈنەرگە بىرىش ئادەتلىرى ئىزچىل ساقلىنىپ كەلدى .
     ئۇيغۇرلاردا نىكاھ مۇناسىۋتى بىلەن چاي ئىچكۈزۈش ،توي ئالدىدىكى مەسلىھەت چايلىرى ،نىكاھ ئوقۇپ قىز -يىگىتنىڭ رازىلىقىنى ئېلىش ،توي مۇراسىمى ،يىگىت -قىزلار ئولتۇرشى ،قۇدىلار چىللاقلىرى ئىزچىل ساقلىنىپ كەلدى .ئۇيغۇرلاردا دەپنە مۇراسىمى ھەرقايسى دىنىي مەدەنىيەتلەر تەسىرىدە ھەرخىل بولسىمۇ .ئەمما مېيىتنى پاكىزە يۇيۇپ كىپەنلەش ھازىدارلار ئاق رومال سېلىپ ،ئاق بەلۋاغ باغلاپ يىغا -زارە قىلىش ،مېيىتنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈش،جىنازىنى ئالمىشىپ تالىشىپ كۆتۈرۈپ قەبرىستانلىققا ئېلىپ بېرىش،لەھەتتە مېيىتنىڭ يۈزىنى قىبلە (غەرب)تەرەپكە قىلىپ ياتقۇزۇش ،ئىچ گۆرىنىڭ ئاغزىنى كىسەك بىلەن ئېتىپ ،تاش گۆرنى توپا بىلەن كۆمۈش ،قەبرە بېشىدا مېيىتنىڭ ئىجابىي تەرپىگە گۇۋاھلىق بېرىش ،قەبرە تېشى -گۈمبەز ئورنىتىش ،مېيىتنىڭ يەتتە ، قىرىق ،يىل نەزىرلىرىنى ئۆتكۈزۈش ئادەتلىرى بىردەك ئىزچىل بولۇپ كەلدى .ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەجداتلىرى مېيىت سۈڭكىنى كاھىش (ساپال )ساندۇققا  سېلىپ يەرلىككە قۇيۇش ،مېيىتنى تاش گۆرگە قۇيۇش ،مېيتىنى ئاسىتىغا ياغاچ شادا قۇيۇلغان گۆرگە ياتقۇزۇپ ،ئۈستىگە قىزىل تۇپراق ۋە قۇم تۆكۈپ كۆمۈش ،شام گۆرگە قويۇش ،مېيتىنى كۆيدۈرۈپ كۈلىنى قۇتىغا سېلىپ بۇددا مۇنارلىرىغا تىزىپ قۇيۇش ىاتارلىق دەپنە مۇراسىملىرىنىمۇ قوللاندى .
    ئۇيغۇرلاردا ھېىيىت -ئايەملەر قەدىمكى تەقۋىم (كالېندار)بۇيىچە ئۆتكۈزلۈپ كەلدى .«نەۋرۇز»(نۇرۇز)بايرىمى ،«كۆك مەشرىپى »،«سۇ -مۈلەك »ئايەملىرى باھار -نۇرۇز بايرامىدىن ئىبارەت بولۇپ ،بۇ بايرام يىراق قەدىمكى زامانلاردىن بېرى ئۇيغۇر ۋە ئۇنىڭغا قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ ېڭى يىل بايرىمى بولۇپ كەلدى .ئۇيغۇرلار يەنە يەنە «قىزىل گۈل سەيلىسى »،«قوغۇن سەيلىسى » قاتارلىق يازلىق -كۈزلۈك بايراملارنى ئۆتكۈزىدۇ .
بۇددىزىم مەزگىلىدە بەش يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزلىدىغان «بۇرھان (بۇت)يۆتكەش»مۇراسىملىرى بولغاندى .ئىسلامىيەتتىن كىيىن قۇربان ھېيىت،رۇزا ھېيىت ئايەملىرى نۇرۇز بايرىمى بىلەن قۇشۇلۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىق بايراملىرى بولۇپ قالدى .
     ئۇيغۇرلاردا يېقىنقى يىللارغىچە (يېزىلاردا ھېلىمۇ بار )قورۇ ئىگىلىكى ھەربىر چوڭ ئائىلىنىڭ تۇرمۇش ھۈجەيرىسى بولۇپ كەلدى .چۆللۈكلەر بىلەن قورشالغان ھەرقايسى بوستانلىقلار قۇيۇق دەرەخلەر ،ئېقىن سۇلار ،ئۆم ئولتۇراقلاشقان ئاھالىلەر بىلەن قاپلىنىپ قالماستىن ،بەلكى ھەرقايسى قورۇلارمۇ مىۋىلىك باغ ،ئۈزۈم باراڭلىرى بىلەن قاپلىنىدۇ ،ئۇيغۇر قورۇلىرى نەقىشلىك دەرۋازا،،پىشايۋان ،ئايۋان -ساراي ،ئوغۇل -قىزلار ئۆيلىرى ،قازناقلار بىلەن بىر يۈرۈش قىلىنىدۇ .بەزى قورۇلار بالىخانا ئۆيلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .كۆپىنچە ئۆيلەر گەجلەنگەن ۋاسا بىلەن جۈپ قىلىپ يېپىلىدۇ .ھەرخىل نەقىشلىك مېھراپ (مەرەپ)، تەكچە ۋە مورىلار بىلەن بېزىلىدۇ .
     ئۇيغۇرلار ناخشا -ئۇسسۇل ،مۇزىكىغا ئەزەلدىن ھېرسمەن مىللەت . ئۇلار قەدىمكى مۇراسىملار ،مىلىس -مەشرەپلەر ئاساسىدا يەرلىك خەلق مۇقام -مەشرەپ-سەنەملەرنى شەكىللەندۈردى .مىلىس-مەشرەپلەر ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى ئېتنوگىرافىيە مەكتىپى ،ئەخلاق -ئەقىل مەكتىپى ،ناخشا -ئۇسسۇل مەكتىپى بولۇپ كەلدى . شۇ ئاساستا ئۇيغۇر كىلاسسىك مۇزىكىسى «ئون ئىككى مۇقام » شەكىللەندى .
       ئۇيغۇرلار خەلق فولكىلورى-ئېغىز ئەدەبىياتىغا باي خەلق.ئەڭ يىراق شامانىزىم ئەپسانىلىرىدىن بۇددىزىم ھېكايەتلىرىگىچە ،قەدىمكى قەھرىمانلىق رىۋايەتلىرى ،ئەجداد سېغىنىش رىۋايەتلىرى بولغان «بۆرە ھېكايىسى » ، «ئوغۇزنامە » ، «ئاپراسىياپ رىۋايىتى » ، «چىستانى ئىلىك بەك رىۋايىتى » ،«دەدە قۇرقۇت » ، «تۇمارىس » ، «غېرىب -سەنەم »قاتارلىقلار بىلەن مىڭلغان تارىخى قۇشاقلار ،لەتىپە ۋە ئەقلىيە سۆزلەر ئۇيغۇر خەلق ئەدەبىياتىنىڭ ئۇلىنى سالدى .ئۇيغۇرلار خەلق ئەدەبىياتى ئاساسىدا يازما ئەدەبىيات ۋە كىلاسسىك ئەدەبىيات دۇردانىلىرىنى ياراتتى .ئۇنىڭ ئەڭ بۈيۈك سەمەرىسى «قۇتادغۇ بىلىك »تىن ئىبارەت. ئۇيغۇر كىلاسسك ئەدەبىياتى ئۇيغۇرلاردىكى پەلسەپىۋى ،دىني ،ئەخلاقىي ،تارىخىي ،ھۇقۇقىي كۆز قاراشلارنى شېرىي تۈستە ئىپادىلەپ ،ئۇيغۇر رۇھىيەت تارىخى ۋە تەپەككۇر تارىخىنىڭ باي ،رەڭدار خەزىنىسىنى ھاسىل قىلدى .
    ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەجداتلىرى قەدىمكى زامانلاردىن باشلاپ تەسۋىرى سەنئەت ھېرىسمەنلىرى ئىدى، ئۇلار قىيالارغا تۇرمۇش ئوبرازلىرىنى چېكىپ ،بالباللار ۋە تاشپۈتۈك (ئابىدە)لەرنى ئورنىتىپ ،ئالتۇن ،مىس -كۈمۈشلەردىن زىبۇ -زىننەتلەرنى ياساپ ،تاشكېمىر سەنئىتى ،بىناكارلىق ، ھەايكەلتىراشلىق ،تام رەسساملىقى ، ياغاچ ئويما ، تاختا سىزما ، مېتال ۋە توقۇلمىلارغا رەسىم ئىشلەشتە ئالدىنقى سەۋيىگە يەتتى . شىنجاڭدىن تېپىلغان زوروئاستېر (ئاتەشپەرەسلىك )،بۇددا ۋە مانى دىنىغا ئائىت تەسۋىرى سەنئەت يادىكارلىقلىرىنىڭ قالدۇقلىرى ھېلىمۇ جاھان تەتقىقاتچىللىرىنى ھەيران قىلماقتا .
      ئۇيغۇرلار قەدىمدىن تارتىپ تاماق مەدەنىيتىدە مەركىزى ئاسىيا خەلقلىرى ئارسىدا ئالدىنقى شۆھرەتكە ئىگە . تاماق مەدەنىيتى بىر مىللەتىنىڭ تۇرمۇش  مەدەنىيتىنىڭ يىراق تارىخي قاتلاملىرى بىلەن ئۇنىڭ ئىرىشكەن كامالەت دەرىجىسنى كۆرسىتىدۇ . قايسى بىر تەتقىقاتچى :ئۈزۈپ تاشلاپ ياكى پىچاقتا كىسىپ  ئېتلىدىغان سۇيۇقئاش بىلەن ئىنچىكە سۇزۇلغان ئەشمە (لەغمەن ) ئارسىدا بىر مىڭ يىللىق مۇساپە ياتىدۇ ،دەپ توغرا ئېيىتقاندى .تۇنۇردا ھازىرلىنىدىغان ھەرخىل تائاملار ،ئۆپكە -ھېسىپ ،پېتىر مانتا ۋە مۇراببا قاتارلىق ئۇيغۇر تائاملىرىغا ئاپىرىن ئېيىتمايدىغان كىشى بولمىسا كېرەك .قوچۇ ئۇيغۇرلىرى ئىشلەپ چىقارغان ھەرخىل مەيزاپ ۋە ھاراقلار ھەتتا تاڭ تەيزۇڭنىمۇ ھەيران قالدۇرغانىدى . ئۇيغۇر تائاملىرى يىپەك يۇلى ئوتتۇترا بەلۋېغىغا جايلاشقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پىداكارانە مىھماندوسلۇق ئەنئەنىسىگە ھەسسە قوشتى . ئۇيغۇر تائاملىرى ، ئۆز نۆۋىتىدە ئوزۇقلۇق ۋە تېبابەت قائىدىلىرىگە ئۇيغۇن بولۇش بىلەن يەنە شەرق-غەرب خەلقلىرىنىڭ ئورتاق ئىشتىھا تەلپىگە ئۇيغۇن كەلدى .
     ئۇيغۇرلارنىڭ كىينىش مەدەنىيتى يىراق تارىىخىي ئىزچىللىققا ئىگە بولۇپ كەلدى .بىز بازىرىق ، قازاسۇق ، ئەسكى قەلئە ، كونا كروران ،قەدىمكى قۇمۇل قارا دۆۋە قاتارلىق قەبرستانلىقلار بىلەن سىكتاي - ساك سىزما يادىكارلىقلىرى ،بۇددا تاشكېمىرلىرىدىكى تام رەسىملىرى ،ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە مۇشۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا چەت ئەل ئېتنوگىرافلىرى سۈرەتكە ئالغان ئۇيغۇر كىشلىرىنىڭ كىينىشلىرىدىن ئۇيغۇر كىيىم مەدەنىيتىنىڭ تۇرمۇش ، ئاتلىق يۈرۈش ، جەڭ ئىھتىياجىغا  بۇلۇشتىن تاشقىرى ،يەنە غايەت زور ئېستىتېك ئالامەتلەرگە ، ھەتتا مانىنىزىملىق (زىننەتۋازلىق )ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولغانلىقىنى بايقايمىز .بۇ ھال مىلادىدىن ئىلگىرىكى جاۋلىن ۋاڭنىڭ ،مىلادىنىڭ بېشىدىكى شەرقى خەن سۇلالىسىنىڭ ،شىمالى سۇلالىلەرنىڭ ،ئوتتۇرا تاڭ زامانىنىڭ «خور كىيمى »قىزىقىش دولقۇنىنى شەكىللەندۇردى . ئۇيغۇرچە كىينىش ،زىبۇ -زىننەت ،ئاتقا مىنىش ۋە ساز -ئۇسسۇل ،ھەتتا مەي مەدەنىيتى نۇرغۇن شائىرلارنىڭ شېئىرىي مىسرالىرىغا ئىلھام بەردى .
      ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش مەدەنىيتىدە ئۇيغۇر سودا تىجارىتى  كۆرنەرلىك سالماقنى ئىگەللەيدۇ. ئۇيغۇرلار ئەڭ يىراق ئەجدادلىرىدىن سىكتايلارنىڭ ئاتلىق - تۆگىلىك جاھانكەشتىلىك ئەنئەنىسىنى ئۆزلەشتۈردى . ئۇلار قاشتېشى ۋە ئالتۇن سودىسى ،يىپەك يۇلى سودا تىجارىتىدە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك بىلەن ئىران ،ۋىزانىيە ئارسىدىكى سودىنى تىزگىنلىدى .مەشھۇر سودا ئاھالىسى دەپ ئاتالغان سوغدىلارنى ئۆز مىللەت تەركىبىگە سىڭدۈرۈپ ،ئىران سودىگەرلىرىنى سۇندۇردى ۋە سۇڭ سۇلالىسىنىڭ بازار سودا ۋازارىتىنى بىكار ،ئۇيغۇر سودا سارىيى قۇرۇشقا ئىقتىسادى جەھەتتىن بېسىم كۆرسەتتى ، ئۇيغۇر سودىگەرلىرى ياسىداق سودا دۇكانلىرى ،مەيخانا ئېچىپ ،ئۆز زېمىنىدا مال سېتىش ۋە يەرمەنكە بىلەن شۇغۇللانغۇچى «ھەتتار»دىن پەرىقلىق ھالدا ،دۆلەت ،رايۇن ھالقىپ ،يېنىك ۋە قىممەت باھالىق بۇيۇملارنى .ېلىپ يۈرۈيدىغان خەلقىئارالىق سودا كارۋانلىرى تۈزدى ۋە دۆلەت -رايۇنلار ئېتىراپ قىلغان ئالتۇن ئاقچا بىرلىكىنى ياراتتى.
     ئۇيغۇر تۇرمۇش مەدەنىيتىدە تەنتەربىيە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ . ئوقيانى ئات ئۈستىدە ئارقىغا ئېتىپ نىشانغا تەككۈزۈش ،چېلىشىش ، ئات ئۇيۇنى ،ئات توپ (چەۋگەن توپ) ، ئوغلاق تارتىېشىش ،ساغاردىئويناش ،دارۋازلىق ،گاگالىك ،موللاقچىلىق ،لەگلەك ئۇچۇرۇش ۋە نۇرغۇنلىغان بالىلار ئويۇنلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرادە چېنىقتۇرۇش ،ماھارەت يىتىلدۈرۈش تىپىدىكى تەنتەربىيە مەدەنىيتى سېستىمىسىنى شەكىللەندۈردى.
      ئۇيغۇرلارنىڭ بىر پۈتۈن ،ھەممە شەرتلىرى مۇكەممەل ئېتنولوگىيلىك مىللەت ئىكەنلىكى شۈبھسىزدۇر .ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە تۇرمۇش مەدەنىيتى بۇ ھۈكۈمنى ھەر تەرەپلىمە ئىسپاتلايدۇ. ئۇيغۇرلار تېخى ئىجىتمائىي مىللەت ۋە سىياسى مىللەت كاتېگوريىسىگە كۆتۈرۈلگەن ئەمەس .
      ئۇيغۇر رۇھىيتى ۋە ئۇنىڭ ئۆرپ-ئادەت قاتارلىق تۇرمۇش مەدەنىيتىدىكى ئىپادىلىرى ئۇلارنىڭ ياۋرۇپا مىللەتلىرىدەك ئۆز روھىيتىنى ئىنساننىڭ تەبىئەتكە بولغان مۇناسىۋتىنى  ئوق قىلىپ ئۇيۇشتۇرغان تەبىئەت تەقلىدچىلىكى ۋە تەبىئەت پەلسەپىسى تىپىدىكى مەدەنىيەتكە تەۋە ئەمەسلىكىنى ،بىراق شەرق مىللەتلىرىدەك ئۆز روھىيتىنى ئىنساننىڭ پادىشاھ ۋە ھوقۇقدارلارغا بولغان مۇناسىۋتىنى ئوق قىلىپ ئۇيۇشتۇرغان ھوقۇق  مۇقەددەسلىكى ۋە ھوقۇق كىشلىك قاراشلىرى تىپىدىكى مەدەنىيەتكىمۇ تەۋە ئەمەسلىكىنى ،ئۇيغۇرلار مەركىزى ئاسىيا ،جەنۇبى سىبىرىيە ۋە غەربى ئاسىيا مىللەتلىرىدەك ئۆز روھىيتىنى ئىنساننىڭ ئىلاھىيەتكە ،ئىنساننىڭ ئىنسانىيەتكە بولغان مۇناسىۋتىنى ئوق قىلىپ ئۇيۇشتۇرغان پانتىئىزم -تەبىئەت -ئىلاھىيەت -ئىنسانىيەت بىردەكلىكى  قاراشلىرى تىپىدىكى مەدەنىيەتكە تەۋە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ .قەدىمكى كۆك تەڭرى ئىتقادى ،شامانىزم ، ئىسلامىيەت ۋە كىلاسسىك سۇپىزم قاراشلىرى ئۆزىنىڭ ئىنسان بىلەن ئىلاھىيەت مۇناسىۋىتى تىپىدىكى ئورتاقلىقى تۈپەيلىدىن ئۇيغۇرلاردا كۈچلۈك ئېتقاد قىزغىنلىقىغا ئېرىشتى . ئۇيغۇر روھىيتى ئاللىقاچان ھۆكۈمران ئەقىدە نوپۇزىدىن قالغان بۇ ئىتقاد قالدۇقلىرىنى ھېلىمۇ ئۆز قاراشلىرى ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرىدە ئىزچىللاشتۇرۇپ كەلمەكتە . ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ تۇرمۇش مەدەنىيتى ئۈستىدە توختالغاندا ،تۈرلۈك ئۆرپ-ئادەت ھادىسلىرى ئاستىغا يۇشۇرۇنغان بۇ قانۇنىيەتلىكنى بىلىشكە توغرا كىلىدۇ . ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەت ۋە تۇرمۇش مەدەنىيتىنى تەتقىق قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ھۆرمەت -ئىتبار قىلىش ،قانداقتۇر ئايرىم قائىدە -يۇسۇنلارغا ھۆرمەت -ئىتبار قىلىش دىگەن تاشقى ،ھادىسىۋى شەكىلۋازلىقتىن ئۇيغۇر مەدەنىيىتنىڭ پەلسەپىۋى مەدەنىيەت تىپىگە ھۆرمەت -ئىتبار قىلىشقا كۆتۈرلۈشى لازىم .
                                                                           
                                                                           1994-يىلى ئۈرۈمچى
تۈگىدى ،


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   vmvdwar-uyhur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-11 12:52 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81195
يازما سانى: 1233
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7455
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 610 سائەت
تىزىم: 2012-6-6
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 01:36:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزى مەنبەلەردە كۆرسىتىلىشىچە ھازىرقى ئۇيغۇرلار  ھون ۋە تۇران خەلقىنىڭ ئەۋلاتلىرىكەن  .بۇ ھەقتە تالاش - تارتىش كۆپكەن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyghur05 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-11 01:36 PM  


زامانەم بۇ دىمە ھەرگىز ئۆتەر بولساڭ پاراغەتتە،
دىگىن دائىم:رەببىم مېنى بايقاپ تۇرار بۇ سائەتتە.
قىلار ئاللاھ بىپەرۋالىق دەپ ئويلىما بىرەر لەھزە،
خەۋەرداردۇر ئەسرارىڭدىن بولالمايسەن نە خىلۋەتتە.
????????? بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 02:34:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82272
يازما سانى: 879
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4464
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 353 سائەت
تىزىم: 2012-6-29
ئاخىرقى: 2014-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 04:13:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يېلتىزىمىزنى بىلىۋىلىشىمىز كېرەك   ئېسل تېمىكەن تېما ئىگىسىگە رەھمەت

ئامالسىز قالغاندا سۈكۈت ئەڭ ياخشى جاۋاپ،سۈكۈت دەل سەۋىر
AHMATJAN0995 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 08:39:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29519
يازما سانى: 1450
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9317
تۆھپە نۇمۇرى: 392
توردا: 987 سائەت
تىزىم: 2011-2-7
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 12:12:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇرلار پەقەت ئوتتۇرا ئاسىياغىلا ئەمەس بەلكى ياۋرۇپا شۇنداقلا شەرقى ئاسىياغا ناھايىت زور تۆھپىلەرنى قوشقان .قەدىمكى جوڭگۇنىڭ تەرەقىياتى مەدىنيەت ئالماشتۇرۇشىدا ئويغۇرلارنىڭ رولىنى سەل قاراشقا بولمايدۇ .يىپەك يولى 16-ئەسىردىن باشلاپ تەدىرجى ئىشلىتىلىشتىن قالغاندىن كىيىن سىرىت بىلەن ئالاقىمىز ئۈزۈلۈپ 2 ئەسىردىن ئارتۇق بىكېنمىچىلىكتە،قاراملىقتا ياشاپ دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان بۈيۈك مىللەت ئەمدىلىكتە دۇنيانىڭ ئارقىسىدا قالدى .

@ئۆزەمنىڭ ئۇيغۇر بولغانلىقىم ئۈچۈن پەخىرلىنىمەن@

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 1352
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7953
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 251 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-12 09:10:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئا. مۇھەممەتئىمىن ئەسەرلىرى ھەقىقەتەن ئېسىل ، قايىل قىلارلىق .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش