 |
 |
 |
 |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھەممىڭىزلەرگە خۇشاللىق تىلەيمەن!~~~
جان قېرىنداش
تىپتىنىچ كۆل سۈيى كەبى بىر ھايات،
چالغۇدى ئاھ تەقدىر بورىنى بىلەن.
تىغ سالدى يۈرەككە تۈگىمەس ئەلەم،
نەيلەيىن تەقدىرنىڭ قىسمىتى تۈمەن.
تۇيۇقسىز يىقىلىپ قامەتلىك تېغىم،
گۈلىستان ئاھ خازان بولاي دىگەندە.
كۆكلىدى پەرىشتە بەرگەن مېھىردىن،
يەنە بىر تۈۋرۈكۈم ئېقىپ سۈيۈمدە.
ھىجراننىڭ دەشتىدە چاڭقىغان ۋۇجۇد،
ياشاردى بىر ئوتلۇق مېھىر تەپتىدە.
جانلاندى گۈل بېغىم قۇۋۋەتلەر تېپىپ،
بىر يۈرەك ئۆزىنى ئاتىغان دەمدە.
پەسەيدى كۈۋەجەپ ئاققان ھەسرىتىم،
جان ئاكام مېھىردىن سالغاندا توغان.
قايتىدىن تەبەسسۇم تەپتى چىھرىمگە،
دىلخانەم ئىچىدىن قاچتى غەم پىغان.
بىر ئولۇغ رەھمەتتىن تۇغۇلغان سۆيگۈ،
بۇلاركەن ھەرقاچان غېمىڭگە قاياش.
كۈلەركەن ھاياتىڭ باشقىچە يەنە،
كۆيگەندە سەن ئۈچۈن شۇ جان قېرىنداش.
مەنبەسى: ئۆز قەلىمىم (ئەردەمئاي)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا katran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-31 06:31 PM
|
 |
 |
 |
 |
|