مەكىت ناھىيە بولۇپ قۇرۇلغاندىن كىيىنكى تەيىنلەنگەن ھاكىملار
مىنگۇنىڭ 17 – يىلى (1928 – يىلى)
8 – ئايدا مەكىت ناھىيىسى مارالبېشى ناھىيىسىدىن ئايرىلىپ چىقىپ مۇستەقىل ناھىيە بولۇپ قۇرۇلۇپ ، قەشقەرگە بىۋاستە قارايدىغان ئۈچىنچى دەرىجىلىك ناھىيە قاتارىغا كىرگۈزۈلۈپ ، ليۇ XXتۇنجى قېتىملىق ھاكىملىققا تەيىنلەنگەن .
مىنگۇنىڭ 18 – يىلى (1929 – يىلى)
8 – ئايدا ئىلگىرىكى ھاكىم ليۇ XX يۆتكىلىپ كىتىپ ، شۈي XX ھاكىم بولغان .
مىنگۇنىڭ 19 – يىلى (1930 – يىلى)
8 – ئايدا شۈي XXيۆتكىلىپ كىتىپ ، جۇ يۈلىڭ (خەلق ئىچىدە جۈ باشۈي دەپ ئاتالغان) ھاكىم بولغان ، شۇ مەزگىللەردە دەرسخانا ، ئىشخانىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 12 ئېغىزلىق قۇرۇلۇش سېلىنىپ ، ھۆكۈمەت باشقۇرىشىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ قۇرۇلغان .
مىنگۇنىڭ 22 – يىلى (1933 – يىلى)
1 – ئايدىن 3 – ئايغىچە ، قەشقەر مەمۇرى مەھكىمىسى ۋاڭ داجۇڭنى ھاكىم قىلىپ ئەۋەتكەن . 3- ئايدا ، خوتەن قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ باشلىقى مۇھەممەتئىمىن پەيدا قىلغان ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقىغا ماسلىشىش ئۈچۈن مەكىت بازىرىدا قالايمىقانچىلىق يۈز بىرىپ ، ھاكىم ۋاڭ داجۇڭ قېچىپ كەتكەن .
4 – ئايدىن 10 – ئايغىچە بۇ ناھىيىدىكى چوڭ ئاخۇنلار ۋە ئالتە يېزىنىڭ بەگلىرى ھاشىمخان خوجىنى ھاكىملىققا ، كېرىم قازى ، مەمەت ئەلەم بەگ ھاجى قاتارلىق ئىككى كىشىنى مۇئاۋىن ھاكىملىققا جامائەت بىلەن بىرلىكتە كۆرسەتكەن بولسىمۇ ، يۇقۇرىدىن تەستىق كەلمىگەن .
12 – ئايدا يەكەندە تۇرۇشلۇق مىللىتارىست ماخۇسەن ، ۋاڭ جىڭسەينى مەكىت ناھىيىسىگە ھاكىم قىلىپ ئەۋەتكەن .
مىنگۇنىڭ 23 – يىلى (1934 – يىلى)
3 – ئايدا ، خوجىنىياز ھاجى ئۆز قىسمىدىكى ئېلى ھاجىنىڭ پولكىدىن نىياز بەگنى مەكىت ناھىيىسىنىڭ ھاكىملىقىغا تەيىنلىگەن .
4 – ئايدا ، خوجىنىياز ھاجىنىڭ قىسىملىرى ما خۇسەن قىسىملىرىنىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ ، مەكىت ناھىيىسىنىڭ شىھىتدۆڭ تەۋەسىگە چىكىنگەن ھەم شۇ جايدا مەلۇم ۋاقىت تۇرۇپ ، دەم ئالغاچ ئۆزلىرىنى تۈزەشتۈرىۋالغاندىن كىيىن ، ھازىرقى بازار جەمى يېزىسىنىڭ ياخۇمدان كەنتىگە يۆتكەلگەن . 4 – ئاينىڭ 20 – كۈنى ماخۇسەن قىسىملىرىمۇ ياخۇمدانغا يىتىپ كىلىپ ، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا قاتتىق ئۇرۇش بولغان . ئۇرۇش يېرىم كۈن داۋام قىلىپ ، خوجا نىياز قىسىملىرى چېكىنىپ ، يانتاق ، تۈمەنتال قاتارلىق جايلار ئارقىلىق مارالبېشىغا كەتكەن .
8 – ئايدا ، خوتەن توپىلاڭچىللىرىنىڭ كاتتىۋېشى شاھ ماڭسۇر ھوشۇر داموللا (خوتەنلىك) دىگەن كىشىنى مەكىت ناھىيىسىگە ھاكىم ، شەمشىدىن داموللا (قاراقاشلىق) نى مۇئاۋىن ھاكىملىققا تەيىنلىگەن .
مىنگۇنىڭ 24 – يىلى (1935 – يىلى)
2 – ئايدا ، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ھەبىبۇللا (بۇ دارېن) نى مەكىت ناھىيىسىنىڭ رەسمى ھاكىمى قىلىپ ئەۋەتكەن .
12 – ئايدا ، بونا (ھەبىبۇللا بەگ) يۆتكىلىپ ۋۇ يىڭسۇڭ (ئۇيغۇر بولۇپ ، ئەسلى ئىسمى ئۇرايىم) ھاكىم بولغان .
مىنگۇنىڭ 25 – يىلى (1936 – يىلى)
10 – ئاينىڭ 30 – كۈنى ، ۋۇ يىڭگۇڭ يۆتكىلىپ كەتكەچكە قۇربان دىگەن كىشى ھاكىم قىلىپ تەيىنلەنگەن .
مىنگۇنىڭ 26 – يىلى (1937 – يىلى)
4 – ئايدا ، قەشقەر ھەربى رايۇن باشلىقى مامۇت سىجاڭ قۇرباننى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇپ ، ھىدايىتۇللا بەگنى مەكىتكە ھاكىم قىلىپ تەيىنلىگەن .
10 – ئايدا قەشقەر مەمۇرى مەھكىمىسى ئابدۇللا دىگەن كىشىنى مەكىتكە ھاكىم قىلىپ تەيىنلىگەن . ھىدايىتۇللا بەگ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان .
مىنگۇنىڭ 27 – يىلى (1938 – يىلى)
7 – ئايدا ھاكىم ئابدۇللا ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇپ ، 8 – ئايدا ئاۋۇت (ھاجى بەگ) دىگەن كىشى مەكىتكە ھاكىم بولغان .
مىنگۇنىڭ 28 – يىلى (1939 – يىلى)
2 – ئايدا ، ھاكىم ئاۋۇت خىيانەت قىلغانلىقتىن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇپ ، ۋاڭ يۇڭچاڭ ھاكىم ، نامەت دىگەن كىشى مۇئاۋىن ھاكىم بولغان .
مىنگۇنىڭ 29 – يىلى (1940 – يىلى)
6 – ئايدا ، مەكىت ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى ۋاڭ يۇڭچاڭ يۆتكىلىپ كىتىپ ، پۇلى (تاشقورغان) ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى شۈلياڭ (كومپارتىيە ئەزاسى) مەكىت ناھىيىسىنىڭ ھاكىملىقىغا يۆتكىلىپ كەلگەن .
مىنگۇنىڭ 31 – يىلى (1942 – يىلى)
7 – ئايدا ، شۈلياڭ يۆتكىلىپ ، مۇئاۋىن ھاكىم نامەت خىزمەتكە رىياسەتچىلىك قىلغان .
9 – ئايدا ، چىڭ شىجۇ مۇۋەققەت ھاكىم بولغان .
10 – ئايدا ، نامەت يۆتكىلىپ كىتىپ ، چاڭ يۆيى مۇئاۋىن ھاكىم بولغان .
مىنگۇنىڭ 33 – يىلى (1944 – يىلى)
2 – ئايدا ، جيۇ گوجىڭ ھاكىم بولغان .
مىنگۇنىڭ 34 – يىلى (1945 – يىلى)
4 – ئايدا ، جيۇ گوجىڭ يۆتكىلىپ كىتىپ ، دەي ياچېن مەكىت ناھىيىسىگە مۇۋەققەت ھاكىم بولغان .
10 – ئايدا ، گومىنداڭ مەكىت ناھىيىلىك پىرقىسى قۇرۇلۇپ ، ھاكىم دەي ياچېن پىرقىنىڭ شۇجىسى بولغان .
مىنگۇنىڭ 35 – يىلى (1946 – يىلى)
12 – ئاينىڭ 1 – كۈنى ، ئاتالمىش «دىموكراتىك سايلام» ئارقىلىق مۆيدىن نىايز ھاكىملىققا سايلانغان .
مىنگۇنىڭ 36 – يىلى (1947 – يىلى)
7 – ئايدا ، يەكەن ۋالىيسى جۇ فاڭگاڭ مۆيدىن نىيازنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرغان . خۇ جىشىياڭ ناھىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمىتىگە رىياسەتچىلىك قىلغان .
9 – ئايدا ، زوشىخۇا ناھىلىك پىرقىنىڭ شۇجىسى بولغان .
10 – ئايدا ، يۈسۈپ ھاكىم ، لياڭ گودۇڭ مۇئاۋىن ھاكىملىققا تەيىنلەنگەن .
مىنگۇنىڭ 37 – يىلى (1948 – يىلى)
8 – ئايدا ، يۈسۈپ چوڭ ئاخۇن ناھىيىلىك پىرقىنىڭ باشلىقى بولغان .
مىنگۇنىڭ 38 – يىلى (1949 – يىلى)
3 – ئايدا ، لياڭ گودۇڭ قوشۇمچە گومىنداڭ ناھىلىك پىرقىنىڭ شۇجىلىقىغا تەيىنلەندى . يۈسۈپ ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىپ ، سەيدۇللا دىگەن كىشى ھاكىم بولدى .
1949 – يىلى
10 – ئايدا ، يەكەن ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى ياڭ لياڭسەي قوشۇمچە مەكىت ناھىيىسىگە ھاكىم بولدى .
1950 – يىلى
1 – ئاينىڭ ئاخىرىدا ، جوڭگۇ كومۇنىستىك پارتىيىسى مەكىت ناھىيىلىك كومىتىتى قۇرۇلۇپ ، شۈ جىڭۋېي شۇجىلىققا تەيىنلەندى .
3- ئاينىڭ 22 – 26 – كۈنلىرى ، مەكىت ناھىيىلىك 1 – نۆۋەتلىك ھەر مىللەت ، ھەر ساھە خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ئېچىلىپ ، مەكىت ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى قۇرۇلدى . ئابدۇكېرىم ھاشىم ھاكىم بولۇپ سايلاندى .
1954 – يىلى
4 – ئاينىڭ 13 – 18 – كۈنلىرى ، مەكىت ناھىيىلىك 1 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – سانلىق يىغىنى ئېچىلدى . ئىبراھىم سايىم ھاكىملىققا ، ساۋ بوجىن مۇئاۋىن ھاكىملىققا سايلاندى .
11 – ئايدا ، جوڭگۇ خەلق سىياسى مەسلىھەت كېڭىشى مەكىت ناھىيىلىك كومىتىتى قۇرۇلۇپ ، تۇنجى نۆۋەتلىك يىغىن ئېچىلدى . مىڭ چىڭ رەئىس ، ئىبراھىم سايىم ، قاىر خەلىپىلەر مۇئاۋىن رەئىس بولدى .
1956 – يىلى
4 – ئاينىڭ 17 – كۈنى ، ج ك پ مەكىت ناھىيىلىك 1 – نۆۋەتلىك پارتىيە قۇرۇلتىيى ئېچىلىپ ، مىڭ چىڭ ناھىلىك پارتىكوم شۇجىسى بولۇپ سايلاندى .
6 – ئايدا ، يەكەن مەمۇرىي مەھكىمە ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ ، مەكىت قەشقەر مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ باقۇرىشىغا ئۆتتى .
1957 – يىلى
10 – ئاينىڭ 14- ، 19 – كۈنلىرى ، مەكىت ناھىيىلىك 2 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – سانلىق يىشىنى ئېچىلدى ، ئىبراھىم سايىم ھاكىملىققا ، لوليەنتاۋ مۇئاۋىن ھاكىملىققا تەيىنلەندى .
1958 – يىلى
5 – ئاينىڭ 30 – كۈنىدىن 6 – ئاينىڭ 6 – كۈنىگىچە ، مەكىت ناھىيىلىك 3 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – سانلىق يىغىنى ئېچىلىپ ، تۇردۇ سوپى ھاكىم بولۇپ سايلاندى .
1959 - يىلى
4 – ئايدا ، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتىكوم گاۋ نىڭبىڭنى ناھىيىلىك پارتىكوم شۇجىسى قىلىپ تەيىنلىدى .
11 – ئايدا ، مەكىت ناھىيىلىك 2 – نۆۋەتلىك سىياسى كېڭەش يىغىنى ئېچىلىپ ، گاۋ نىڭبىڭ رەئىس ، تۇردى سوپى ، قادىر خەلىپىلەر مۇئاۋىن رەئىس بولدى .
1961 – يىلى
3 – ئاينىڭ 21 ــــ 25 – كۈنلىرى ، مەكىت ناھىيىلىك 4 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – قېتىملىق يىغىنى ئېچىلدى . تۇردى سوپى ھاكىملىققا سايلاندى . جاۋ شىڭشىياڭ ، مەمەت نىياز مۇئاۋىن ھاكىملىققا سايلاندى .
1962 – يىلى
6 – ئاينىڭ 5 ــــ 14 – كۈنلىرى ، ج ك پ مەكىت ناھىيىلىك 2 – نۆۋەتلىك پارتىيە قۇرۇلتىيى ئېچىلىپ ، گاۋ نىڭبىڭ ناھىيىلىك پارتىكوم شۇجىسى ، ئابدۇكېرىم ئىسلام ، لوليەنباۋ مۇئاۋىن شۇجى بولۇپ سايلاندى .
1963 – يىلى
3 – ئايدا ، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتىكوم گو داۋشېڭنى ناھىيىلىك پارتىكومنىڭ 1 – شۇجىلىقىغا ، ئەسلىدىكى شۇجى گاۋ نىڭبىڭنى 2 – شۇجىلىققا تەيىنلىدى . شۇ يىلى تۇردى سوپى يۆتكىلىپ ، ئابلا سايىم ھاكىملىققا تەيىنلەندى .
9 – ئاينىڭ 23 - ، 29 – كۈنلىرى مەكىت ناھىيىلىك 5 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – قېتىملىق يىغىنى ئېچىلىپ ، ئابلا سايىم ھاكىم ، لو ليەنباۋ مۇئاۋىن ھاكىم بولۇپ سايلاندى .سىياسى كېڭەش يىغىنىدا گو داۋشېڭ رەئىس ، ئابلا سايىم ، قادىر خەلىپىلەر مۇئاۋىن رەئىس بولۇپ سايلاندى .
1965 – يىلى
8 – ئاينىڭ 23 - ، 29 – كۈنلىرى مەكىت ناھىيىلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – قېتىملىق يىغىنى ۋە مەكىت ناھىيىلىك 4 – نۆۋەتلىك سىياسى مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنى ئېچىلدى . خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىدا ئابلا سايىم ھاكىم بولۇپ سايلاندى . لو ليەنباۋ ، سىدىق ئابىخان مۇئاۋىن ھاكىم بولۇپ سايلاندى . سىياسى مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنىدا گوداۋشېڭ رەئىس ، ئابلا سايىم ، قادىر خەلىپە ، جاۋ شىڭشىياڭ مۇئاۋىن رەئىس بولۇپ سايلاندى .
1968 – يىلى
2 – ئاينىڭ 25 – كۈنى ، جەنۇبى شىنجاڭ ھەربى رايۇنى پارتىكومىنىڭ تەستىقلىشى ئارقىلىق ، مەكىت ناھىيىلىك ئىنقىبىي كومىتىت قۇرۇلۇپ ، گو داۋشېڭ مۇدىر بولدى .
1971 – يىلى
1 – ئاينىڭ 1 – كۈنى ، ج ك پ مەكىت ناھىيىلىك 3 – نۆۋەتلىك پارتىيە قۇرۇلتىيى ئېچىلىپ ، پەن جاڭيۈ شۇجى ، شې مىڭ ، ياڭ جىڭرېن ، ھوشۇر قادىر قاتارلىقلار مۇئاۋىن شۇجى بولۇپ سايلاندى .
1973 – يىلى
3- ئايدا پەن جاڭيۈ يۆتكىلىپ ، شې مىڭ ناھىيىلىك پارتىكوم شۇجىسى ۋە ناھىيىلىك ئىنقىلاۋى كومىتىتنىڭ مۇدىرلىقىغا تەيىنلەندى .
1975 – يىلى
9 – ئايدا ، ج ك پ قەشقەر ۋىلايەتلىك كومېتىتى ھەمراخان سىدىقنى ناھىيىلىك پاتىكومغا مۇئاۋىن شۇجى قىلىپ تەيىنلىدى .
1976 – يىلى
3 – ئايدا ، لى كېيى ناھىيىلىك پارتىكومغا شۇجى بولۇپ تەيىنلەندى .
1978 – يىلى
11 – ئايدا ، قەشقەر ۋىلايەتلىك ئىنقىلاۋى كومىتىتى ئوسمان قاسىمنى ناھىلىك ئىنقىلاۋى كومېتىتنىڭ مۇدىرلىقىغا تەيىنلىدى .
1981 – يىلى
6 – ئاينىڭ 23 ــــ 27 – كۈنلىرى ، مەكىت ناھىيىلىك 7 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – سانلىق يىغىنى ئېچىلىپ ، ئوسمان قاسىم ھاكىم بولۇپ سايلاندى . يىغىندا ، مەكىت ناھىيىلىك ئىنقىلاۋى كومېتىت مەكىت ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى دەپ ئۆزگەرتىلدى .
شۇ ئايدا ، جپڭگۇ خەلق سىياسى مەسلىھەت كېڭىشى مەكىت ناھىيىلىك كومېتىتى ئەسلىگە كېلىپ ، 5 – نۆۋەتلىك ناھىلىيىلىك سىياسى مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنى ئېچىلدى . لى كېيى رەئىس بولۇپ سايلاندى .
1982 – يىلى
4 – ئاينىڭ 24 – كۈنى ، مەكىت ناھىيىلىك 7 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى ئېچىلدى ھەمدە ناھىيىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومېتىتى قۇرۇلۇپ ، ئىبرھىم سايىم مۇدىرلىققا ، سىدىق ھوشۇر ، ھوشۇر قادىر ، جاۋ شېڭشىياڭلار مۇئاۋىن مۇدىرلىققا سايلاندى .
1984 – يىلى
7 – ئاينىڭ 23 ـــــ 28 – كۈنلىرى ، مەكىت ناھىيىلىك 8 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – سانلىق يىغىنى ئېچىلدى . بىرلا ۋاقىتتا يەنە ، مەكىت ناھىيىلىك سىياسى مەسلىھەت كېڭىشى 6 – نۆۋەتلىك يىغىنى ئېچىلدى . خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىدا ئوسمان قاسىم ھاكىملىققا سايلاندى . يۈ جاگۇ ، بو جېخۇي ، تۇرغۇن موللاق ، ئانلىز روزى قاتارلىقلار مۇئاۋىن ھاكىملىققا سايلاندى . ئابدۇۋەلى ئاۋۇت خەلق قۇرۇلتىيى دائىمى كومىتىتىنىڭ مۇدىرلىقىغا سەيلاندى . سىياسى كېڭەش يىغىنىدا ئاۋۇت روزى رەئىس بولۇپ سايلاندى .
1985- يىلى
قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتىكوم يولداش خۇ چىشىننى ناھىيىلىك پارتىكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىلىقىغا تەيىنلىدى .
1986 – يىلى
1 – ئايدا ، لى كېيى يۆتكىلىپ ، لى گۇاڭيۈ ناھىيىلىك پارتىكوم شۇجىلىقىغا تەيىنلەندى .
2 – ئاينىڭ 18 ـــــ 21 – كۈنلىرى ، مەكىت ناھىيىلىك 4 – نۆۋەتلىك پارتىيە قۇرۇلتىيى ئېچىلىپ ، لى گۇاڭيۈ پارتىكوم شۇجىلىقىغا ، خۇ چىشىن ، ئىمىن ئۆمەر مۇئاۋىن شۇجىلىققا سايلاندى .
1987 – يىلى
5 – ئاينىڭ 19 ــــ 23 – كۈنلىرى ، مەكىت ناھىيىلىك 9 نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – سانلىق يىغىنى ئېچىلدى ۋە بىرلا ۋاقىتتا ، مەكىت ناھىيىلىك سىياسى مەسلىھەت كېڭىشى 7 – نۆۋەتلىك يىغىنى چاقىرىلدى . ئوسمان قاسىم ھاكىملىققا ، تۇرغۇن موللاق ، ئابلىز روزى ، گاۋ يىجوڭ مۇئاۋىن ھاكىملىققا سايلاندى . ئابدۇۋەلى ئاۋۇت خەلق قۇرۇلتىيى دائىمى كومىتىتىنىڭ مۇدىرلىقىغا سايلاندى . سىياسى كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى سايلىنىپ ، رەئىسنىڭ ئورنى بوش قالدى .
8 – ئايدا ، خۇ چىشىن ناھىيىلىك پارتىكومغا شۇجى بولۇپ تەيىنلەندى .
1989 – يىلى
5 – ئاينىڭ 3 ـــــ 5 – كۈنلىرى ، ج ك پ مەكىت ناھىيىلىك 5 – نۆۋەتلىك پارتىيە قۇرۇلتىيى ئېچىلىپ ، خۇ چىشىن ناھىيىلىك پارتىكوم شۇجىسى ، ئىمىن ئۆمەر مۇئاۋىن شۇجى بولۇپ سايلاندى .
1990 – يىلى
3 – ئاينىڭ 23 ـــــ 26 – كۈنلىرى ، مەكىت ناھىيىلىك 10 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – سانلىق يىغىنى ئېچىلدى . بىرلا ۋاقىتتا مەكىت ناھىيىلىك سىياسى مەسلىھەت كېڭىشى 8 – نۆۋەتلىك يىغىنى چاقىرىلدى . خەلق قۇرۇلتىيى يىغنىدا ئوسمان قاسىم ھاكىملىققا سايلاندى . ئابدۇۋەلى ئاۋۇت خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومېتىتىنىڭ مۇدىرلىقىغا سايلاندى . خۇ چىشىن سىياسى كېڭەش رەئىسى بولۇپ سايلاندى .
مەنبە : «مەكىت تارىخ - مەدەنىيىتى» ، شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى نەشىرىياتى ، 2006 - يىلى4 - ئاي نەشىرى ، 1522~1548 – بەتلەر .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا taltograk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-17 01:20 AM