مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 604|ئىنكاس: 9

سۆيگۈ ئەسلىمىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30135
يازما سانى: 1001
نادىر تېمىسى: 10
مۇنبەر پۇلى : 46224
تۆھپە نۇمۇرى: 2387
توردا: 6648 سائەت
تىزىم: 2011-2-12
ئاخىرقى: 2015-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-24 01:05:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

سۆيگۈ ئەسلىمىسى


1


ئۇپۇققا  ھەسرەتتە  تەلمۈرەر   بوۋاي،

    غەربىي تاغ  كەينىگە مۈككەندە  قۇياش.

  بىر  كەچمىش   قىينىدى  ئۇنى  ئېھتىمال،

   تاراملار   كۆزىدىن  مۆلدۈر   كەبى  ياش.



2



  كائىنات  زەر كىمخاپ يېپىنغان  باھار،

      جۈپ كۆزلەر  خىلۋەتتە  قالدى  ئۇچرۇشۇپ.

     ئاھ، نېتەي! سۆيگۈنىڭ قىسمىتى  ئەجەپ،

      يىگىتنى  قىز  تاشلاپ  كەتتى  خوشلۇشۇپ...



3



ئۇپۇققا  تەلمۈرۈپ  قانمايدۇ  بوۋاي،

مۆكسىمۇ  تاغلارنىڭ كەينىگە قۇياش.

       بولۇر  كۆز   ئالدىدا  جۈپ  بۇلاق  زاھىر،

        ئەسلەپ گۈل ياشلىقنى تۆكسە قەترە ياش.



        (مەنبەسى: ياسىنجان ئوسمان ئەركزات نەزمىلىرىدىن )

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-25 09:19 AM  


توۋا دەيمەن.

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49057
يازما سانى: 1469
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1449
تۆھپە نۇمۇرى: 1593
توردا: 1282 سائەت
تىزىم: 2011-7-25
ئاخىرقى: 2015-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-24 01:12:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئولتۇراتتى بىر بوۋاي ئۇپۇققا قارپ
كەتكەنتى بۇرۇنلا بۇلۇتلار تاراپ،


                             ئاخرنى يازالمدىم .شئېر ھەققەتەن ياخشى چىقىپتۇ .

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   natik تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-24 01:15 AM  


ئاتاڭ قانداق بولسا ، سەنمۇ شۇنداقسەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73690
يازما سانى: 81
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3523
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 154 سائەت
تىزىم: 2012-1-22
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-24 01:15:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى چىقىپتۇ..........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78191
يازما سانى: 711
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4745
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 415 سائەت
تىزىم: 2012-3-31
ئاخىرقى: 2015-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-24 01:55:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياشخى چىقىپتۇ ، مەنمۇ بىر شېئىر قىستۇرۇپ قۇييا  دىسەم تۈززۇك بىر شېئىر تۇقۇيامىىدم

ئاشىق-مەشۇق ئۈندىدار سالونى مەزمۇنلارنى داڭلىماي كىرسىڭىز كۆرىسىز سالون ئىزدەش نۇمۇرى : Axikmaxuk

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76773
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3337
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 49 سائەت
تىزىم: 2012-3-1
ئاخىرقى: 2015-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-24 01:57:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شېئىر ياخشى چىقىپتۇ.
سەمىمىي پىكىر: باشلىقلار ئىملاغا بەكرەك دېققەت قىلمىسا بولماس.
ئەجەب=ئەجەپ
مۈكسىمۇ=مۆكسىمۇ ....مۇۋاپىق كۆرسىڭىز تەھرىرلەپ قويۇڭ!

تەقدىرىم مېنى كۈتۈشكە ھۆكۈم قىلدى!

ھەر ئىشتا بىر خەيىر بار !

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12341
يازما سانى: 974
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 11238
تۆھپە نۇمۇرى: 1449
توردا: 1144 سائەت
تىزىم: 2010-10-1
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-24 02:20:27 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
natik يوللىغان ۋاقتى  2012-7-24 01:12 AM
ئولتۇراتتى بىر بوۋاي ئۇپۇققا قارپ
كەتكەنتى بۇرۇنلا بۇ ...

ئولتۇراتتى بىر بوۋاي ئۇپۇققا قاراپ ،
كەتكەنتى بۇرۇنلا بۇلۇتلار تاراپ .
ۋە لىكىن توسقاچقا قۇياشنى تۇمان ،
كۈرۈنمەس ئۇز قۇياش ھالى بەك خاراپ.

مەن تۇلۇقلاپ باقتىم .
قاملاشتىمۇ باھا بەرگەيسىز ؟

كۆزۈمنىڭ نۇرىسەن~

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10903
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10305
تۆھپە نۇمۇرى: 356
توردا: 63 سائەت
تىزىم: 2010-9-20
ئاخىرقى: 2012-12-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-24 11:35:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كۈن نۇرى يوقالغان ئاشۇ مىنۇتتا،   
تەلمۈرۈپ كېلىدۇ تەنھا بىر ئايال.

يارىدار يۈرىكى تېڭىلغان قات_قات،   
قەدىناس ياغلىققا چىگىلگەن خىيال.


نە ئۇندا زوق ھەۋەس نە ئۇندا كۈلكە،

كۆز يېشى ئۆتمۈشىن قىلىدۇ بايان.

يوللاردىن كېلىدۇ ناتونۇش سادا،   
كىملەردىن تەما قىپ ئىللىق بىر ماكان.  

كىم كېلەر باغرىغا ئوتلار يېقىشقا،  
كىم كېلەر بېشىنى سىلاپ قويۇشقا.   
ئاھ تەغدىر يىقىتتى پۇتلىدى تالاي،

كىم كېلەر ۋايسىماي يۆلەپ تۇرۇشقا.

بىر چاغلار قولىنى سۇنغانتى ئاڭا،   
تارتىۋال مېنى دەپ ئازاپ قوينىدىن.
كېچىگە يۈزلەنگەن مىسكىن شەپەقتەك،

غېرىبان سىيماھى يوقالدى دىلدىن.


تەلمۈرۈپ كېلىدۇ تەنھا بىر ئايال،

قايتىشنى ئىستەيدۇ قايتالماس بەلكىم.
لەۋلىرى تىترەيدۇ تونۇش ناخشىغا،

ئۆتەرمۇ كۈنلىرى نۇرسىز بىسېزىم.



  

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   gulmaxuk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-24 11:35 AM  


ئۇلۇغ ئاللاھ بىزنى غەزىپىڭگە يۇلۇققانلارنىڭ ۋەئازغانلارنىڭ يۇلىغا ئەمەس،سەن ئىنئام قىلغانلارنىڭ يولىغا باشلىغىن. ئامىن!!!

ئەردەمئاي

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41612
يازما سانى: 847
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8930
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 794 سائەت
تىزىم: 2011-5-21
ئاخىرقى: 2015-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-24 11:57:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسلەپ گۈل ياشلىقنى تۆكسە قەترە ياش،
يىغلايدۇ كۆك ئاسمان يىغلايدۇ قۇياش.
ھىجراندا چۇل بولغان ئاجىز بىر يۈرەك،
ئۆكىنىش ،ھەسرەتكە بوپ قالدى قاياش.

ھەربىر قەلب گۈزەل بولغاندىلا پۈتكۈل ھاياتلىق گۈزەللىككە تولىدۇ! مېھرى مۇھەببەت بىلەن تولسۇن كەڭ ئالەم!!!

توۋا دەيمەن.

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49057
يازما سانى: 1469
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1449
تۆھپە نۇمۇرى: 1593
توردا: 1282 سائەت
تىزىم: 2011-7-25
ئاخىرقى: 2015-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-24 04:18:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
barquk8 يوللىغان ۋاقتى  2012-7-24 02:20 AM
ئولتۇراتتى بىر بوۋاي ئۇپۇققا قاراپ ،
كەتكەنتى بۇرۇنل ...


ئىلھامىڭىزغا باركاللا،  تۇلۇقلغان مىسرالىرىڭىزدىن بىرخىلى مۇڭ تۈكلىپ تۇردىكەن . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   natik تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-24 04:19 PM  


ئاتاڭ قانداق بولسا ، سەنمۇ شۇنداقسەن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش