ئىنساپ يوق
(غەزەل)

بۇ ھاياتنىڭ بابىدا، ئىنساپسىزغا ھېساپ يوق ،
قىيامەتنى سەل چاغلاپ قالغانلاردا ئىنساپ يوق .

يالغان سۆزلەپ ھەر جايدا ،خەقنى ئالداپ گاھىدا ،
كۆڭلىنى ھەم بۇلىنى ئىپ قاچقانلاردا ئىنساپ يوق .

پۇل تېپىشنىڭ كويىدا ، كوچا دوقمۇش بويىدا ،
ئەيىش–ئىشرەت سورۇنى ئاچقانلاردا ئىنساپ يوق .

كىم ماڭسا دۇرۇس يولغا ،پۇتلاپ شۇنىڭ كەينىدىن ،
رەزىل ۋاستە قوللىنىپ باسقانلاردا ئىنساپ يوق .

شەرەپ قۇچسا باشقىلار ،قوللىماستىن شۇلارنى ،
غەيۋەت قىلىپ كەينىدىن ساتقانلاردا ئىنساپ يوق .

خوشامەت قىپ يۇقىرغا ، تۈلكىلەردەك ھېجىيىپ ،
ياخشى كىشىنى دارغا ئاسقانلاردا ئىنساپ يوق .

ئىناق ئۆتسە باشقىلار ،كۆرەلمەستىن ھەسەت قىپ ،
پىتنە تېرىپ ئارىنى ئاچقانلاردا ئىنساپ يوق .

گەر يىقىلسا باشقىلار ، تۇرىۋىلىپ بىر چەتتە ،
ياڭرىتىپ شۇ سازىنى چالغانلاردا ئىنساپ يوق .

پۇلنى كۆرسە شاتلىنىپ ، سورۇنلارغا ئاتلىنىپ ،
ئەيىش-ئىشرەت ئىچىدە ياتقانلاردا ئىنساپ يوق .

باي بولغاندا كۆرەڭلەپ ، يۆلىمەستىن يوقسۇلنى ،
ئات قىلىپ ھەم ھارۋىغا قاتقانلاردا ئىنساپ يوق .

ئۆزمەنپەتى ئۈچۈن ،ۋاستە تاللاپ ئولتۇرماي ،
خەقنى ئالداپ كۆپ پايدا ئالغانلاردا ئىنساپ يوق .

بۇ دۇنيانىڭ قوينىغا ئادەم سىياق تۇغۇلۇپ ،
ھايۋان كەبى ياشاپ، قالغانلاردا ئىنساپ يوق .

مەنبە ؛ ئىجادىيەت
سەممىي ئەسكەرتىش ؛ مەندىن رۇخسەتسىز ھەرقانداق مۇنبەرگە يوللاشقا بولمايدۇ ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا danixman1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-13 10:19 AM