مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2069|ئىنكاس: 18

كۈيچىدىكى مۇھەببەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6968
يازما سانى: 489
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 19844
تۆھپە نۇمۇرى: 671
توردا: 1932 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-14 11:28:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كۈيچىدىكى مۇھەببەت

ئاخسا شۇم

مەسلىگىمىنىڭ يېشىلگەن يېشىلمىگىنىنى بىلەلمىدىم ، ‹‹كارۋاتتا ئاسمانغا قاراپ ئۇيقۇسىز ياتقاندىن ، ئۆزۈمگە ئاچچىق تاپقان كومپيۇتېردىن ئاچچىقىمنى چىقارمامدىم ›› شۇ ئوي بىلەن مانا كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپتىمەن ، قولۇمنىڭ ئاغرىقى پات-پات مېڭەمگە چىقاتتى .ھېچنىمىنى  سەزمىگەن بولۇپ كونۇپكا تاختىسىغا يەنە قولۇمنى ئاپاردىم. قۇلۇقۇمغا يەنە شۇ مەن كۈيچىگە كىرگەندىن كىيىن داۋام ئاڭلايدىغان ناخشا ئاڭلانماقتا .

ھەممە گۇناھ مەندە ئىدى ، نىمىشقا شۇ كۈيچىگە كىرىمەن ، نىمىشقا يەنە شۇ كۈيچىدە باشقۇرغۇچى بولىمەن ؟ مەندە شۇنچىلىك سەۋىيەزادى بارمىدى ؟ ئەمما كۈيچىدە بىر قىزغا ياردەم قىلغاندىن كىيىن ، ئەنە شۇ قىزنى كۆرگەندىن كىيىن مېنىڭ ئەسلىدىكى تاشقا ئايلانغان يۈرۈگۈمگە ئىللىقلىق سىڭىپ كىرىشكە، توڭ مۇز قاتقان يۈرۈگۈمدىكى مۇزلار ئېرىشكە باشلىغان ئىدى .

1

ئەتىگەندىلا چ چ بوشلۇق تورىغا يوللانغان كۈيچىنىڭ ۋايۋاي كۇلۇب نۇمۇرىغا كۆزۈم چۈشتى ، بىرخىل قىزىقىش بىلەن شۇ نۇمۇرلارنى كۇلۇپ ئىزدەيدىغان يەرگە كىرگۈزدۈم . بۇندىن بۇرۇن ئويۇن ئوينىغاندىلا ئىشلىتىدىغان بۇ نەرسىدىن چىققان ، كۆز ئالدىمدا پەيدا بولغان بۇ نەرسىدىن  ھەم ھەيران بولاتتىم ، ھەم تەمتىرەش ئىچىدە ،يولدىن ئازغاندەك بولماقتا ئىدىم .

‹‹چولتۇك›› خۇددى سۇغا بىرى تاش ئاتقاندەك بىر ئاۋاز بىلەن بىر مۇنچە ئادەملەر خەت يېزىۋاتقان ھەم گەپ قىلىۋاتقان بىر يەرگە چۈشۈپ قالدىم . بۇ يەردە تېخىمۇ تەمتىرىمەكتە ئىدىم . ھەممىسى خۇددىبىر- بىرلىرى بىلەن تونۇشىدىغاندەك قىزغىن پاراڭلىشىۋاتقان ، خەت يېزىشىۋاتقان ئىدى. مەنمۇ خەت يازدىم ، بىراق خېتمنى ھېچكىم كۆرمىگەندەك ، تۇيۇقسىز ‹‹ئاستىدىكىيېشىل چاپان بالىلار ، ھەم يېڭىدىن كىرگەن بالىلار ئەزا بولمىغان بالىلار ، ئەزابولۇشنى خالىساڭلار ئاستىدىكى يېڭىدىن كىرگەنلەر ئۆيىگە كىرىپ ئەزا بولىۋالساڭلاربولىدۇ ›› مۇشۇ گەپلەرنى بىرسى دىمەكتە ئىدى .

‹‹ ئاستىغا قانداق چۈشۈدىغاندۇ ؟؟››كاللامدا شۇنى ئويلۇدۇم‹‹ ئاستى دىگىنى قەيەركىنە؟›› بىر خىل ياتسىراش ئىچىدە قېلىپ قالماقتا ئىدىم . نىمە قىلىشىمىنى ھېچ بىلەلمەيتتىم ، ئېكرانغا يەنە شۇ ئەزەلدىن ئىشلىتىپ كۆنۈپ قالغان لاتىن تىل يېزىقىدا ‹‹ ئاستىنى تاپالمىدىم ، قانداق چۈشۈدۇ سىز دىگەن يەرگە؟›› دەپ باستىم . راست بىز ئوينايدىغان ئۇچقۇر ماشىننىڭ ئويۇنلىرىنى ، يەنە گۇرۇپ بوپ ئېتىشىپ ئوينايدىغان ئويۇنلاردىمۇ بۇنداق مۇرەككەپلىك يوقتى .

‹‹چولتۇك !!!!›› يەنە بىرىنىڭ كۆلدىكى سۇغا چالما ئېتىشى بىلەن ئۆزۈممۇ بىلمەي يەنە بىر يەرگە چۈشۈپ قالدىم . بۇ يەردەبىر نەچچە قىزىل چاپان ياردەم قىلىپ ئىسىم يوللىماقتا ئىدى . ‹‹ ماڭىمۇ يوللاپ بېرىڭلار ! ›› ‹‹قايسى ئىسىمنى قوللۇنىسىز ؟›› بېشمنى بىردەم قاشلىدىم ، قايسى ئىسىمنى قوللۇنۇش ھەققىدە ئويلۇنىۋاتاتتىم . تۇيۇقسىز يېنىمدىكى ‹‹تۇران قەلئەسى ۋە ئۇيغۇرلار››دىگەن تارىخى رومانغا  كۆزۈم چۈشتى . ھازىر ئۆزۈمگە ئەڭ روماندىكى ئەڭ تەسىر قىلغان كىشىنىڭ ئىسمىنى قويماقچى ئىدىم ، قايسىنى قوياي ؟؟

تۇران؟ راستىنى دىسەم بۇ بىر قەلئەدە ئۇيغۇرلارلا ئەمەس يەنە باشقا مىللەتمۇ بار ئىدى ، شۇڭلاشقا بۇ ئىسىمنى قوللانغۇم كەلمىدى. كاللامدا ئاندىن كىيىن پەيدا بولغىنى تۇران قەلئەسىدىكى تۆت سەركەردە بولدى تۆت سەركەردە ئىچىدىن ماڭا ئەڭ ياقىدىغنى مېجەز خاراكتىرى ماڭا ئوخشايدىغانبىرى بار ئىدى، ئۇ بولسىمۇ رومانننىڭ ئەڭ ئاخرىدا مىللىتى ئۈچۈن جان دوستى ئۈچۈن ئۆز جېننى تىكىپ تۇرۇپ يانا بىر قەلئەنىڭ مەلىكىسىنى ئوغۇرلايدىغان ، دوستىنىڭ ياخشى كۆردىغان قىزىنى بۇلاپ ئەكىلىپ بېرىدىغان ، دوستىنىڭ بەختى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ جېننى قۇربان قىلغان ، نۇرغۇن جەڭلەردە شانلىق نەتىجە قۇچقان زۇننات ئىدى .

‹‹ ماڭا زۇننات دەپ قويۇپ بېرىڭ ؟›› مەن شۇنداق يازدىم ، ئېكراندىكى شۇ ماڭا ھەې خىل كۆرنۈۋاتقان خەتلەر ئىچىدىن ئۆزۈمگەلازىملىق ئىسىمنى تاپتىم. ماڭا ئىسىمنى يوللاپ بەرگەن ئادەمنىڭ كۆرسەتمىسىبويۇنچە ئىسىمنى كۆچۈرۈپ چاپلىۋالدىم . ئاندىن كىيىن ئەلكەاتىپنى چۈشۈردۈم ، ئانا تىلىم شۇنداق نۇرمال كۆرۈنمەكتە ئىدى . بىر نەچچە كۈندىكى ئالدىراشلىق بىلەن بۇيەرگىمۇ كىرەلمىدىم . كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپ چ چ نى ئاچتىم دوسلۇرۇمنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك يەنە شۇ كۈيچىنى ماختىغىلى تۇرغان ئىدى. مەن يەنە شۇ ناتونۇش يەرگە قاراپ قەدەم ئالدىم . ئۇنى چۈشەنمەك ئۈچۈن قېرىشماقتا ئىدىم. ئۇنى بۇنى قىلىپ بۇ نەرسىىنىمۇ ئۆزۈمگە بويسۇنىدىغان قىلدىم .

كىچىكىمدىن بىر نەرسە يېزىشقا قىزىقاتتىم، ھازىرمۇ شۇ بىر نەرسە يازماي ئۈچ كۈننى ئۆتكەزسەم تۆتىنجى كۈنى ئۆزۈمنى باشقىلاردىن سوراپ قالاتتىم . بۇمۇ شۇ پۈچەك ، ھەممە يەردە تاشلىنىپ تۇردىغان بىرنىمە ئوخشايدۇ دەپ قالماڭلار . ئەزەلدىن باشقىلارنىڭ ما بولماپتۇ دىگننى ئاڭلىمىغان ئىدىم ، ئۈرۈمچىدە خەنزۇ تىلىدىن ئالدىن تەييارلىقتا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدابىر نەچچە ئەسەرلىرىمنى كۆتۈرۈپ ، جالالىدىن بەھرام بىلەن مەمىتىمىن ھوشۇرنىڭئۆيىگە چاپقىنىممۇ يادىمدا بار . شۇ ۋاقىتلاردا يازغان ‹‹كېسىلىمگە شىپا بارمۇ ؟››‹‹ ئوماق يۈرەك سۆزۈمنى ئاڭلاپ باق ›› ‹‹سەن مېنىڭ تۇنجى قىز دوستۇم ›› ‹‹ئەلۋىدامۇھەببەت ، ئەلۋىدا دۇنيا ›› دىگەن ئەسەرلىرىم توردا يامان ئەمەس تەسىرمۇ قوزغىغان. مەمىتىمىن ھوشۇرغا يازغان ئەسەرلىرىمدىن ‹‹كېسىلىمگە شىپا بارمۇ›› دىگەن ئەسەر ھەممىدىن بەك ياققان ئىدى . ئۆزۈمنى قۇرۇق ماختاۋارمەي ، گېپىمنىڭ ، يېزىۋاتقان تىمامنىڭ ئۈستىگىلا چۈشەي .

ئۇنى بۇنى قىلىپ چىمەن بىلەن تونۇشتۇم ،ئۇنىڭ ئاۋازىمۇ شۇنداق يېقىملىق ئىدى . ئەسەرلىرىمنى ئەۋەتىپ بېرۋىدىم ئايرىمئۆيدىن بىرنى قۇرۇپ شۇ كۈنىلا شۇ ئۆيىدە نەخ مەيدان ئوقۇشقا باشلىدى . مەنمۇ كىرىپئاڭلىماقتا ئىدىم . ئۇنى بۇنى دەپ 20 نەچچە ئادەم بولۇپ ئاڭلىدى. كىرگەنلەردىن چىقىپ كېتىۋاتقانلارمۇ يېڭى كىرگەنلەرمۇ بار ئىدى . بەزىلەر مەندى سۇئال سورىماقتا ئىدى. تۇنجى بولۇپ مۇشۇ سورۇندا گەپ قىلغاچقىمىكىن ئاۋازىم تىتىرەپ چىقاتتى. نىمە دىيىشىمنى بىلمەيمۇ قالاتتىم .

شۇنداق قىلىپ كۈيچىدە ماڭىمۇ بىر ئورۇن تېپىلدى ، پات-پات ئۇنىڭ بۇنىڭ بىلەنمۇ پاراڭلاشتىم . كىيىنچە چاپانغا بولغان قىزىقىش مېنىمۇ چاپان ئېلىشقا ئۈندىمەكتە ئىدى . كۈيچىگە ئايرىممۇ خەت يازدىم ، كۈيچى ماڭا ‹‹يېڭىدىن كىرگەنلەر ئۆيىدىن باشلاڭ ، ھەممە رىياسەتچى شۇ يەردىن ئاندىن ئۈستىدىكى پائالىيەت زالىغا چىققان ›› دېدى ، ئەنە شۇ كۈندىن باشلاپ يېڭىدىن كىرگەنلەر ئۆيىدىن چىقمىدىم ، بىر نەچچە قېتىم كۈيچى توغرىسىدا شىئېىر يېزىپ كۈيچىگىمۇ ئەۋەتتىم . بەلكىم شۇ ۋاقىتلاردا چاپانغا بولغان ھېسياتىم باشقىچەبولسا كېرەك . بىرەر ھەپتە ئولتۇرۇپمۇ چاپان كىيەلمىدىم ، كۈيچىگە ئىككىنجى قېتىم خەت يازغىنىمدا ئاندىن چاپاننى بەردى . شۇ كۈنى خۇشاللىقىمدا قانچىلىك ۋاقىت كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرغۇنۇمنى بىلمەيمەن .

2

چاپ-چاپ ، ئالدىراش كۈنلەرنىڭ بىرىدە قۇلۇقۇمغا شۇنداق بىر ئاۋاز ئاڭلاندى، ئۆز قۇلۇقۇمغا ئىشەنمىدىم ، ئىشەنگىممۇ كەلمەيتتى ، كۆزلۈرۈم ئېكراندا ، قوللۇرۇم بولسا كونۇپكا تاختىسىدا قاتقان ئىدى ،ئاۋاز قۇلۇقۇمغا ئەمەس يۈرۈگۈمگە ئۇرۇلماقتا ئىدى. كىمنىڭ سۆزلەۋاتقىننى بىلىش ئۈچۈن قولۇمنى مائۇسقا ئاپاردىم ۋە ئىزدىدىم . يەنە سۆزلىمەكتە ئىدى ، مانا تاپتم. دوسلۇققىمۇ قاتتىم ، قىزىل چاپان بالىلار بولغاندىن كىيىن خاتا چۈشەنمەيلا قېتىشى ئېنىق ئىدى . ئەنە شۇ كۈنى تورنى ئۈزۈپ يەنە بىر ۋاقىتلارغىچە ئۆز ئۆزۈمدىن‹‹ نىمىنى ئاڭلىدىم ؟ بۇ ئاۋازنى راست ئاڭلىدىممۇ ؟ قۇلاقلىرىم مېنى ئالداۋاتقانمىدۇ ؟ ›› بىر كېچە شۇنداق ئۇيقۇسىز ئۆتتۈم . مېنى قىيناۋاتقىنى يەنىلاشۇ ئاۋاز ئىدى .

ئەتىسى كۈيچىگە كىرىپلا يەنە شۇ ئىسىمنى ئىزدىدىم ، ئۇچراتمىغاندىن كىيىن يەنىلا بۇرۇنقى شۇ يېڭىدىن كىرگەنلەر ئۆيىگەچۈشۈپ كەتتىم ، ئۆزۈم ئۇ ئۆيدە بولغان كۆزۈم يەنە باشقا يەرلەردىن شۇ ئىسىمنى ئىزدەيتتى . ئاۋازىڭنى يەنە بىر ئاڭلىماقچى ئىدىم ، ئاخىرى چىقتىڭ ، كەينىڭدىن قەيەرگە بارساڭ شۇ يەرگە بېرىپ دىگۈدەك ئاۋازىڭنى ئاڭلايتتىم . باشقىلار خۇددى تۇيۇپ قالىدىغاندەك ئۆزۈمچە ئۆزۈمدىن گۇمانلىنىپ قالاتتىم . باشقىلار بىلەن چاخچاقلىشىپ يازغان خەتلىرىڭگە خەت يېزىشنى ئويلايتىم يۇ يەنىلا يازالمايتتىم .

كۈنلىرىم پەقەت سېنى قوغلاش بىلەنئۆتۈۋاتقاندەك ئىدى . ئۆز – ئۆزۈمنى بەزلىدىم ھەتتا ئۆز-ئۆزۈمگە بۇمۇ يالغان دېدىم. ئۆزۈمنى تارتىشقا باشلىدىم ، كۈيچىدىن تارتىشقا باشلىدىم . كىنو كۆرەتتىم ،ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان ئويۇنلارنى ئوينايتتىم ، بىراق كاللام يەنىلا كۈيچىدە ئىدى. كۈيچىدىكى بالىلار بىلەنمۇ شۇنداق يېققىن بولۇپ كەتتىم . بەزىلىرى بىلەن سەنلىشىپمۇ كەتتىم . راست گەپنى قىلسام كۈيچىنىڭ مېھرىگىمۇ چىدىمايتتىم . ئۆزەمنى شۇنچە تارتىشنى ئويلىغانسىرى شۇنچە كىرەتتىم . تورنى ئۈزىۋېتىپ ئاۋازىڭنىئاڭلىيالمىسام لۇيىنغا ئېلۋالغان ئاۋازنى ئاڭلايتتىم . ئىشنى قىلىپ ئاۋازىڭنىئاڭلىمىسام ئۆزۈمنى خۇددى يولدىن ئېزىپ قالىدىغاندەك ھېس قىلىدىغان بولدۇم. بالىلار بىلەنمۇ بۇرۇنقىدەك چاخچاقلىشىپمۇ كەتمەيدىغان ، پەقەت ناخشا قويۇش ئۆيىدىن چىقمايدىغان مۇڭ ناخشىلارنى ئاڭلايدىغان بولىۋالدىم . ئاساسىي جەھەتتىن ئۆزۈمنى تاشلىۋەتكەننىڭ ئورنىدا ئىدىم . كۈندە بىر ۋاق تاماق يا بار يا يوق ،ئىككى سائەت ئۇيقۇ يا بار يا يوق ئىدى . مېنى كومپيۇتېر باشقۇرۇۋاتقاندەك ئىدى .ئەنە شۇ ۋاقىتتا بىرنجى قېتىم چاپان سالدىم .

بىراق چاپان سېلىپمۇ كۈيچىدىن مېھرىمنى ئۈزەلمىدىم ، توغرىسىنى ئېيتقاندا سېنىڭ ئاۋازىڭنى ئاڭلاشنى كۈلكەڭنى ئاڭلاشنى خالايتتىم، ئۆز – ئۆزۈمگە بۇ مەندىكى بىر قىزىقىش خالاس دەيتىم يۇ ، ئەمما شۇ دىگىنىمگە ئەمەل قىلالمايتتىم ، يەنىلا ئاۋازىڭنى سېنى قوغلاپ يۈرمەكتە ئىدىم .بىراق سەن بىلەن ئايرىم پارڭلىشالمايتتىم ، ئاۋازىڭنى ئايرىم ئاڭلاپ قانداق ھېسياتتا بولدىغىننىمنى بىلمەيتتىم . شۇڭا سەن بىلەن ئايرىم پاراڭلىشىشتىن قورقاتتىم . ئۆزۈمنى ئۆزۈم قورقۇتاتتىم .

3

كومپيۇتېرىڭدىن نىمىشقىمۇ چاتاق چىققان بولغىيتتى ، مەنمۇ نىمىشقىمۇ كومپيۇتېرنىڭ شۇنداق چاتىقىنى ئوڭشاشنى ئۈگەنگەن ،بىلگەن بولغىيتتىم ؟ نىمىشقىمۇ ياردەم بېرىش ئۆيىدە ئولتۇرغان بولغىيتتىم ؟

‹‹ئاستىدىكى ئۆيدىكى قىزنىڭ كومپىيۇتېرىبۇزۇلۇپ قاپتۇ ، كىم بىلىدۇ ؟ ›› مەن بىر قاراپلا ھەيران بولدۇم ، قارىسام سەن تۇراتتىڭ . چۈشمەكچى بولدۇم ، بىراق قورقاتتىم . يالغۇز بىر يەردە سەن بىلەن پاراڭلىشىتىن قورقاتتىم . ئۆزۈمگە ئۆزۈم جاسارەت بېرىپ توۋلۇدۇم ، ئىسمىڭنى بىرنەچچە رەت توۋلۇدۇم . يا ئېكرانغا خەت يازمايتىڭ ، يا ئاۋازىڭ چىقمايتى . ‹‹ئاڭلىمىغانمىدۇ؟›› شۇ خىيال كېلىشى بىلەن ئېكرانغا ئىسمىڭنى يازدىم . سەنمۇ سوراق ئەۋەتتىڭ . ‹‹ بايامنىڭزى ئاڭلىمىدىڭىز ؟›› ئېكرانغا ‹‹ كومپيۇتېرىمدىن ئاۋازچىقمايۋاتىدۇ ؟ ئاڭلىيالمىدىم ، يا گەپ قىلالمايمەن ، ھازىر يىغلىغۇدەك بوپ كەتتىم. ›› ‹‹ نىمە بوپ ؟›› ساپساق كومپىيۇتېردىن بۇنداق مەسلىنىڭ چىقىشى مۇمكىن ئەمەسئىدى . بېرەر نىمسى كۆيگەنمىدۇ ؟ شۇلارنى خىيال قىلىپ ئولتۇراتتىم .ئېكرانغا ‹‹كومپىيۇتېرغا قايتا سېستىما قاچىلىغان شۇڭا ›› شۇندىلا مەن نىمىنىڭ چاتىقى ئىكەنلىكىنى بىلدىم . ھەر قايسى قوزغاتقۇچىلار(چۈدوڭ ) قاچىلانمىغان . مەن يىراقتىن كونتىرول قىلىپ تەڭشەپ بەرمەكچى بولۇپ چ چرىنى قاچىلىدىم ، راستىنى ئېيتسام مەن قەستەن شۇنداق قىلىپ چ چ نۇمۇرنى ئالدىم ،يېڭىدىن سېستىما قاچىلىغان كومپيۇتېرلارنىڭ قوزغاتقۇچىلىرى قاچىلانمىسا يىراقتىنكونتۇرۇل قىلىپ ئوڭشاشمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى .پەقەت قارا ئېكران ھالەتتىلا تۇراتتى.  قارا نىيەتمىكەنمەن ؟؟  بىراق مەن ئۇنىڭدىن بىۋاستە چ چ نۇمۇرىنىسوراشتىن خىجىل بولغان . نەچچە باسقان بولساممۇ يوللىيالمىغان ئىدىم . شۇنىڭ بىلەنئۇنى چ چ دىكى دوسلۇققىمۇ قوشۇۋالدىم . كومپىيۇتېرىغا لازىملىق دىتالنىڭ چۈشۈرۈشئادىرىسىنى يوللاپ بەردىم . ئۇنىڭ كومپيۇتېر ئوڭشالدى . كۈيچىگە كىرىپ بىرىنجى بوپ مېنى ئىزدەپ ئايرىم رەھمەت ئېيتىپ شۇنداق خۇشال بولغان ۋاقتىدا مېنىڭمۇ قانچىلىك خۇشال بولغىنىمنى ئۆزۈم ھازىر قايسى تىل بىلەن ئىپادىلەشنى بىلەن ئىپادىلەشنى بىلمىدىم . بەلكىم بۇنى ئىپادىلەشكە تىل ئاجىزلىق قىلسا كېرەك .

بىر كۈنى ئۇنى بۇنى قىلىپ ئولتۇرۇپ تۇيۇقسىز ئۇنىڭ چ چ بوشلۇقىغا كىرىپ قالدىم . چ چ رىدىكى رەسىملەر ئىچىدىن قايسىغا كىرىشنى بىلەلمىدىم ، خالىغان بىرىغىلا كىردىم . قوللۇرۇم يەنە بىر كالۋالاشتى ،كۆزلىرىم بولسا تېخىمۇ ھەيرانلىق ئىلكىدە ئېكراندىكى رەسىمدە قاتتى . كومپيۇتېرنىڭ ئېكرانىنى ئاستىغا كۈچەپ باستىم ، ئورنۇمدىن تۇرۇپلا چىقىپ كەتتىم . ئاچچىقىمكەلسە ، خۇيۇم تۇتۇپ قالسا تاماكا چېكەتتىم . بىراق ھازىر نىمىگە خۇيلانغىنىمنى .نىمىگە ئاچچىقلانغىنىمنى بىلمەيمەن . پۇتبول مەيدانىغا چىقىپ دائىم بالىلار بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇردىغان جايدا يالغۇز ئولتۇرۇپ تاما چېكىشكە باشلىدىم . كاللامدابايقى سۈرەت ئۇيان-بۇيان ئۇچۇشقا باشلىدى . ئۆز-ئۆزۈمدىكى شۇ ۋاقىتتىكى ھېسياتنى ھېچقانداق تىل بىلەن يەنە ئىپادىلەپ بېرىشكە ئامالسىز ئىدىم . تاكى ياتاقنىڭ ئىشگىنى تاقۇغىچە شۇ يەردە ئولتۇردۇم .

ياتاققا كىرىپ كومپيۇتېرغا قارىغۇمكەلمىدى ، خۇددى ئۇ مەن بىلەن ئوينىشىۋاتقاندەك ، مېنى سىناۋاتقاندەك بىر قىلىقنىقىلۋاتاتتى، كومپيۇتېرنىڭ ئېكراننى كۆتۈرگۈدەك جۈرئەت مەندە يوق ئىدى . توكمەنبەسىدىن توكىنى تارتىۋەتتىم . شۇنداق قىلسام توك تۈگەپ ئۆچۈپ قالاتتى .

كارۋاتقا چىقىپ ياتتىم ، ئۇيان-بۇيانئۆرىلەتتىم ، ئەمما ئۇخلىيالمايتتىم . كاللامنىڭ ھەممە يېرىنى ئاشۇ رەسسىمئىگەللىگەن ئىدى .

4

تولۇقسىزنىڭ ئۈچۈنجى يىللىقى ھەممەيلەنشۇنداق چوڭ بىلىدىغان ئاشىق-مەشۇق بايرىمى كۈنى كىچىكىمزدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان ئۈچ دوست بىرلا كۈندە ئوخشاش ۋاقىتتا ، يەنە شۇنداق بىز بىلەن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان ، باشلانغۇچتىن بىرگە ئوقۇغان ئۈچ قىزغا تەلەپ قويدۇق . قىزقمىكەنمىز ؟كىچىگلىكتە . بىراق ھەممىمىز ئۆزىمىزگە ئىشەنچ بىلەن شۇنداق قىلغان ئۇلارمۇ قوشۇلدى . بىر بىرىمىزگە چىداشمىغان ئاساستا تولۇقتىمۇ بىر سىنىپقا كىرىپ ئوقۇدۇق.

بارا-بارا چوڭ بولدۇق ، كىچىكلىكتە قىلغان ئىشىمىزدىن پۇشايمان قىلماي ئەكىسىچە خۇشال ئىدۇق . بىر – بىرمىزنى شۇنداقياخشى كۆرەتتۇق . مەيلى مەكتەپتە مەيلى مەھەلىدە بولسۇن دائىم بىللە ئوينايتۇق. 4يىل ۋاقىت ئۇنى بۇنى دەپ بىردەمدە توشۇپ قالدى .

ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىغا 2 ئايچە ۋاقىتقالغاندا ساۋاقداشلىرىمىز بىلەن بىزنىڭ يېزىغا چىقىپ ئوينىدۇق ، ناھايتى خۇشالئوينىدۇق . شۇ كۈنى قىز دوستۇممۇ ناھايتى خۇشال كۆرنەتتى . بىراق ئاخشىمى مەنبىلەن ئىككىگىچە پاراڭلاشقاچقىمىكىن ھارغىن كۆرنەتتى .

ساۋاقداشلىرىمىزمۇ قايتتى ، سائەت چۈشتىنكىيىن ئىككىدىن ئاشقان ئىدى . ئۇنىڭ ھارغىن چىرايىغا قاراپ ككڭلۈم بىر قىسمىلابولۇپ قالغان ئىدى . راڭپىزىغا قەۋەت ئامراق ئىدى . ھەممەيلەن بىر مەھەلىدەبولغاندىن كىيىن پات-پات چىقىپ يەپ كىرەتتۇق ، شۇ كۈنىمۇ شۇنداق قىلماقچى بولدۇق .بىراق ئۇ قايتىپ ئۇخلاي دەپ چىقىڭ تۇرۋالغاچقا ئامال يوق قوشۇلدۇق ، مېنىڭمۇ ئۇنىڭقايتىپ ئۇخلىشىغا باشقىچە قارشىم يوق ئىدى . كەچتە يەنە تىلفۇن قىلاي دېدىميۇبىراق قىلغۇم كەلمىدى .

نامازغا يامان قېرىق ئىدىم ، بولۇپمۇئەتگىنى سەھەر تۇرۇش قەتتى خوشياقمايتتى ، ئانام شۇنداق ۋاقىتلاردا كىرىپ ،قىچىقلاپ ، ئەركىلىتىپ ، بەزى چاخچاق قىلىپ يوتقانلىرىمنى تارتىپ دىگەندە ئويغۇتۇپنامازغا تۇرغۇزاتتى .

ئۇ كۈنى ئۇنداق بولمىدى ، كىرىپئەركىلەتمىدى  ۋە ياكى  يوتقانلىرىمنىمۇ تاتقۇشلاپمۇ يۈرمىدى ، ئىللىققوللىرى بىلەن پېشانەمنى تۇتۇپ سىيلايتى . مەنمۇ چاخچاق قىلىپ ئانامنىڭ قوللىرىنىسۆيۈپ قويدۇم . ئانام بېشىمدا خېلى ئۇزۇن تۇردى . پېشانەمنىمۇ خېلى ئۇزۇنغىچەسىىلىدى . ‹‹ناماز ۋاقتى بولمىغانمىدۇ ؟ ›› . كاللامغا شۇ خىيال كېلىپ كۆزلىرىمنىمىڭ تەستە ئېچىپ تىلفۇننىڭ سائىتىگە قارىدىم ئەتىگىنى سائەت تۆت بولغان ئىدى .

-       نامازۋاقتى بولماپتىغۇ ؟- شۇنداق دەپ ئانامنىڭ قوللىرىغا يەنە سۆيدۈم ، تۇيۇقسىزيۈزۈمگە چۈشكەن بىر تامچە سۇدىن كۆزلىرىمنى ئېچىپ ئانامغا قاردىم .

-       يىغلاپسەنغۇئانا ؟ نىمە بولدۇڭ ؟ بېرەر يېرىڭ ئاغرىدىمۇ ؟ - ئانام گەپ قىلمايتى پەقەتكۆزۈمنىڭ ئىچىگە تىكىلىپ تۇراتتى ، كۆزلىرى لىققىدە ياشقا تولغان ئىدى . - زادىنىمە بولدى ئانا . ماڭا دىسەڭچۇ ؟

-       بالام......... چوڭلا بولدۇڭ . نىمە بولسا ئۆزۈڭنى تۇتۇۋال بولامدۇ ؟

ھېچ نىمىنى چۈشەنمەيلا قالغان ئىدىم ، ياكۆزلىرىدىكى ياشتىن يا دىگەن سۆزىدىن مەنا ئىزدەيتتىم ، بىراق تاپالمايتتىم .

-       بالام.... ئارزۇ....... – ئانام دادام .ارزۇ بىلەن بولغان ئىشمىزنى بىلەتتى . شۇڭلاشقابۇ گېپىگە ھەيران بولمىدىم ، ئەمما ئانامنىڭ گېلىغا بىر نەرسە كەپلىشىپ قالغاندەكئاۋاز چىقماي قالغىنىغا قاراپ ئارزۇغا بىر ئىش بولغىننى جەزىم قىلدىم .

-       ئارزۇ؟؟؟ نىمە بولدى ئارزۇغا ؟؟

سىرىتتىن دادام پەلتۇ بىلەن بېشىغا بادامدوپپا كەيگىنىچە كىرىپ كەلدى . مەن لەسسىدە بوشۇدۇم ، ئاناممۇ ئاغزىنى تۇتقىنىچەسىرىتقا چىقىپ كەتتى .

-       بولبالام  ، كىيىملىرىڭنى كەي .

-       ھەممىسىچاخچاق شۇنداقمۇ ؟

-       بۇيەرگە كەلگەندە بۇنداق ئىشلار بولۇپ بولغاندا نىمىسى چاخچاق بولسۇن بالام –دادامنىڭ ئاۋازىمۇ تىتىرەپ چىقىۋاتاتتى .

ئۆزۈمنى قانداق تۇتۇۋېلىشنى بىلمەيتتىم .دادامغا ئېسلىپ شۇنداق يىغلىدىم . داداممۇ بېشىمنى سىلايتتى .

-       بولدىيىغلاۋەرمە ھە ؟ ئوغۇل بالىغۇ سەن ؟ كىيىملىرىڭنى ئاناڭ ئەكىرىپ قويدى ، قارائاناڭمۇ زاڭلىق قىلىۋاتىدۇ ، يىغلاڭغۇ دەپ .

داداممۇ يىغلاۋاتاتتى ، دادامنىڭلا ئەمەسئانامنىڭ ئالدىدىمۇ ئەقلىمنى بىلىپ يىغلاپ باقمىغان ئىدىم . چوڭ دادا ، چوڭئانىلىرمىنىڭ چىرايىغۇ يادىمدىمۇ يوق ئىدى . كىچىك بولغاچقا ئۇلار تۈگەپ كەتكەندەيىغلاپمۇ يۈرمەپتىكەنمەن . بىراق ......

ئۆمۈچۈك چېقىپ تۈگەپ كېتپىتۇ . مېنىتاشلاپ كېتىپتۇ . شۇنداق قىلىپ ئارزۇنى كۆمۈپمۇ قويدۇق ئەمما مەن بۇ رىئاللىقنىقوبۇل قىلالمايتتىم . دەرىس ۋاقتىدا كەينىمدە ئولتۇراتتى . پات-پات كەينىمگە قاراپچاخچاق قىلىپ قوياتتىم . بىراق ئەمدى ئۇنداق چاخچاقلىرىم يوق .

ئۇ تۈگەپ كېتىپ بېرەر ھەپتىگىچە گېلىمدىنبىر تامچە سۇمۇ ئۆتمىدى . ئۆزۈمنىڭ قانداق قىلىشىمنى بىلمەيلا قالغان ئىدىم .گاڭگىراش ، يېتىرقاش ، يالغۇزسىراش . مەندە بار ھېسياتنىڭ ھەممىسى شۇلا ئىدى . مەنشۇ ۋقىتتا ئادەم يېققىنلىرىدىن ئايرىلسا قانداق ھېسياتتا بولدىغانلىقىنىچۈشەنگەناەك ئىدىم . شۇ ۋاقىتتا ئۇنى قانچىلىك ياخشى كۆردىغانلىقمنى ھېس قىلغانئىدىم .

ئاتا-ئانامنىڭ ، دوسلۇرۇمنىڭ ،مۇئەللىملەرنىڭ ماڭا قىلغان نەسىھەتلىرى خۇددى قومغا سۇ سەپكەندەك يوقلا ئىدى .ئانامنىڭ يىغلاشلىرىنى ، دادامنىڭ يالۋۇرۇشلىرىنى ، دوسلۇرۇمنىڭ تىللاش ،يۆتلەشلىرىنى شۇ ۋاقىتلاردا تىيىن قىلغان ئىكەنمەن .

شۇنداق بىر ئەخمەقلىق قىلىپ تا 19ياشقىچەتىللاپ سۆكىدىغان ، ئادەمنى ھايۋان قىلىدۇ دەپ تىللايدىغان شۇ نىجىس سۇيۇقلۇقنى ئاغزىمغا ئالدىم . ئۇنۇڭغا كۆنۈۋالدىم دىسەممۇ بولىدۇ . ئۇيقۇم كەلمىسە ئىچەتتىم .

ئىمتاھانمۇ يېققىنلاپ قالدى . بىر كۈنى ئۆيگە شۇنداق مەس كىردىم . دادام ئاڭلاپىكەن باشتىلا ، ئانام بولسا قولىغا سۈپۈرگەئېلىپ ھويلىنى ئىككىنى ئايلاندۇردى . مەن بېرىپ تۈۋرۈككە ئۈسسىگەندىلا قولىدىكى سۈپۈرگىنى تاشلاپ بېشىمنى قۇچقىغا ئالغىنىچە يىغلاپ كەتتى . دادام يۈلەشتۈرۈپ دىگۈدەك مېنى ياتاق ئۆيۈمگە ئەكرىپ قويدى . كىيىملىرىمنى بىرمۇ- بىر سالدۇراتتى .ئۆزەم سالاي دىسەم ئۇنىمايتتى . كىيىملىرىمنى سالدۇرۇپ بوپ يېنىمغا كېلىپ ياتتى .دادام بىلەن بۇنداق يېقىن يېتىپ باقمىغىلى خېلى بوپتىكەن . دادامنىڭ قۇچقىغاسىڭىپ دىگۈدەك قۇچاقلاپ ياتتىم .

دادام بېشىمنى مېھرىبالىق بىلەن سىلىدى .ئېغىرر ئېغىر تىناتتى .

-  ھازىر گەپ قىلسام چۈشىنىسەنغۇ ئوغلۇم ؟ - بېشىمنى شۇنداق دىگەن مەنىدە لىڭىشتتم . داداممۇ مېنى چىڭ قۇچاقلاپ تۇرۇپ- بالام ، سەن ئۆزۈڭنى بۇنداق تاشلىۋەتسەڭ بولمايدۇ ، ئىمتاھانغىمۇ 10كۈنمۇ قالمىدى . ساڭا دەيدىغان نۇرغۇن گەپلىرىم بار ئىدى ، دىيەلمىدىم ئەمەس دىگۈدەك پۇرسەت چىقىرالمىدىم . ئارزۇدىن ئايرىلىپ قالغانغا شۇنداق قىلامسەن؟

كۆزۈمنى چىڭ يۇمۇۋالدىم ، ئاچساملايىغاممۇ تەڭ كېلىدىغاندەك ئىدى .

-       دادا، مەن چىدىمىدىم دادا ، سىلەردىن قېرىنداشلىرىمدىن باشقا ئەڭ يېققىن ئادىمىم شۇئىدى دادا .

دادام گېپىمنى ئاڭلاپ كۈلۈپلا قويدى .دادامنىڭ مۇشۇنداق كۈلۈپ دىگەن سۆزلىرنىڭ ھېچقايسسىنى ئۇنتۇپ قالغان ئەمەس ئېدىم .

-       ئەخمەق ، ئۇنىڭ يېققىنلىرى پەقەت سەنلىمۇ؟ ئاتا ئانىسىچۇ ؟ ئۇلار چىدىغانمىدۇ ؟ مەن چىغىمدا چىدىمىدىم بالام . ساڭا ئوخشاشكىچىك گۈدەك بولسام مەنمۇ سەندەك قىلىشىم مۇمكىن ئىدى . مەنمۇ ئاتا-ئانامدىنئايرىلغان ، بىلەمسەن ؟ شۇ ۋاقىتتا مەنمۇ گاڭگىرىغان . ئەمما سەندەك ئەخمەقلىق قىلمىغان ، ئارزۇ سېنىڭ مۇشۇنداق قىلىشىڭىنى خالامدۇ ؟ ئەڭ ئاددىيسى بالام . بولدى ئەمدى كىچىكلىك قىلما . كىچىكلىكىڭنى تاشلا . بىز تېخى ھايات ، سېنىڭ بۇ ھالدايۈرۈشۈڭنى خالىمايمىز . ئۆزۈڭنى ئويلىمىساڭمۇ بىزنى ئويلا بالام . ئاناڭ نەچچەكېچە ئۇخلىماي بېشىڭدا قاراپ چىقتى بالام . بىزگە ئىچىڭ ئاغرىسۇن .

دادامنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ چڭقۇچاقلىغىنىمچە بۇقۇلداپ يىغلىۋەتتىم .

-       دادا خاتا قىلغىنىمنى بىلدىم دادا .بىراق ئەزەلدىن تەقدىر دەيدىكەنمىز ، ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرشى دەيدىكەنمىز ، مەنمۇشۇنداق دەپ باقتىم ، بىراق نىمىشقا ئاللاھ شۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇدۇمۇ دېدىم ، ئويلاپباقسام ھەقىقەتەن ئاجىزكەنمەن دادا .

-       ئەخمەق. – دادام شۇنداق دىگىنىچە يەنە مېنى چىڭ قۇچاقلاپ قويدى .

شۇ كېچە شۇنداق تاتلىق ئۇخلاپتىمەن .دادامنىڭ قۇچىقى ھەقىقەتەن مېھىرلىك ئىسسىق ئىكەن .

ئالىي مەكتەپ ئىمتاھاننىمۇ بېرۋالدىم .كاللامدىن ھەممىنى چىقىرىپ تاشلاشقا تىرىشتىم . ئۇنتۇشقا ھەممىنى ئۇنتۇشقا بەلباغلىغان ئېدىم .

5

كېچىچە شۇنى خىيال قىلىپ چىقتىم ،ئەتىگەندە كومپىيۇتېرنى قوزغۇتۇۋېتىپ يۈزۈمنى يۇيۇپ كومپىيۇتېرنىڭ ئالدىغا كەلدىم، قېرىشقاننىڭ ئانىسىنى ئال دىگەندەك كومپىيۇتېر ئېكرانىدا يەنە شۇ رەسسىم تۇراتتى. ئۆز گۆشىمنى ئۆزۈم يىگۈدەك بولدۇم . رەسسىمگە قاراپ ئۆزۈمنىڭ قانچىلىك ئازاپلىنىۋاتقىنىم ئۆزۈمگە ئايان ئىدى . كۆزلىرى ، يۈز شەكلى بىرسى كۆچۈرگەندەك ئارزۇنىڭ يۈز شەكلىگە ئوخشايتتى . كۆزلىرىمنىڭ مېنى ئالدىشىنى ئۈمۈد قىلاتتىم .

يەنە شۇ غەمكىن قىياپەتتە دەرىسكەماڭاتتىم . دەرىسنىمۇ شۇنداق روھسىز ئاڭلايتتىم . پۈتۈن خىيالىم كۈيچىدە ئىدى .نىمىشقىكىن ھېچ ئىش خوشياقمايدىغان بولدى . بەزىدە نامازلىرىممۇ يىغىلىپ قالىدىغانبولدى . كۈندىلىك ئادىتىم ئوخشاش ، كومپىيۇتېرنى قوزغۇتۇش ، باش شەكلى يۇرۇقمۇ شۇنىڭغا قاراش ، قايسى پائالىيەت بىلەن مەشغۇل . كىرىپ ئاۋازىنى ئاڭلاش ، يوق بولسا سائەتلەپ سائەتلەپ كۈتۈش .

قايسى خىل كۈچكىن مەن بىر كۈنى ئۇنىڭغاچاخچاق ئارىلاش بەزى گەپلەرنى دېدىم . ئۇمۇ شۇنداق ياخشى ئىدى ، پات-پات باشقىلاربىلەن بىر يەرگە كىرىپ سۆزلىشىۋاتقان بولسا ئىزدەپ سوراپ چۈشۈپ قويىدغان ، ھەتتاباشقىلاردىن قىزغىنىدىغان بولدۇم ، مەن قانچە قىزغانسىرى ئۇمۇ مەن بىلەنقېرشىۋاتقاندەك ئىدى . كۈيچىدە توي قىلغان كۈنى يەنە بىر چاپان سالدىم . ئۇنىڭماڭا دىگەن سۆزلىرىنى ئويلاپ يەنە كىردىم . مەشغۇلات يەنە كۈندىكىسەك قەيەرگەبارسا كەينىدىن سوراپ ئىزدەش ، قوغلاپ يۈرۈپ ئاۋاز ئاڭلاش .

مەن ئۇ نىمە ئىش قىلسا ھەممىگە چىدايمەن دىگەن ئىدىم . بىراق چىدىيالمىدىم . ھەممىگە سەۋىر قىلىمەن دىگەن ئىدىم قىلالمىدىم. ھېچكىمدىن قىزغانمايمەن دىگەن ئىدىم قىزغاندىم ، ئۆزۈمنى كونتۇرۇل قىلىمەن دىگەنئىدىم قىلالمىدىم ، ئۇنۇڭغا ئوخشاتمايمەن دىگەن ئىدىم ، ئىلاج يوق . ھېچنىمەقىلالمىدىم . شۇنزىۋالا ئاجىز ئىكەنلىكىمگە يەنە بىر قېتىم ھېس قىلىىۋاتاتتىم  . ھەر ئىككى قېتىم ھېس قىلغان ۋقىتتا ئوخشاشبىر خىل سەۋەب بىلەن ئىدى .

دەردىمنى تۆكۈدىغان ، بەش ياش ۋاقتىمدائاكا دەپ چاقىرىپ ھازىرغىچە ئاكا بوپ كېلىۋاتقان ھېلقى ئۈچ جانجىگەر دوستۇمنىڭبىرىنى  كۈيچىگە يالۋۇرۇپ دىگۈدەك ئەكىرىپبىر كۈن كەچ تولۇق پاراڭلاشتىم . ھەممىنى دېدىم . ھەممىنى ...... ، يىغلاپمۇ تاشلىدىم ، مانا يىغلاپ باقمىغىلى ئىككى يىل بوپتىكەن . كۆز ياشلىرىم ماڭا بۇي سۇنىدىغاندەك ئەمەس ئىدى .سەھەرگە يېقىن ئۇئۇخلاپ قالدى ، ئۇخلاشنىڭ ئالدىدا مۇسابىقەم بولغاچقا مەن چىقالمىغاچقا ئۇنى ياردەم قىلىپ تۇر دېدىم .

مۇسابىقىنىمۇ يامان ئەمەس ئويناپ ئۈچۈنجى كۈنىدىكى مۇسابىقىدىن قايتىپ كەلدىم . كۈيچىگە پەقەتلا چىدىيالمىغان ئىدىم ، ئۇنۇڭغا تىلفۇن قىلاتتىم يۇ ، كۈيچىدە نىمە ئىش بولىۋاتقىننى بىلمەي تىت تىت بولاتتىم .

2يىل ئىچمىگەن سۇيۇقلۇقنى قايتىدىن ئاغزىمغا ئېلىپ كۈيچىدىكى بالىلارنى بىر كېچە پاراكەندە قىپتىمەن شۇنىڭغا مەنبەكمۇ خىجىل ، ئەسلى ھەممىنى ناھايتى تەپسىلى يازاي دىگەن ئىدىم . بىراق قولۇم ئاغرىپ يازالمىدىم . ھېلىمۇ بىر قولۇمدا مۇشۇنچىلىك يېزىپ تۇردۇم يەنە بىر قولۇمنىبەش مىنۇت جەن پەنگە قويسام ھېچلقى چېقىلىپ كېتىدىغاندەك ئاغرىماقتا ئىدى .

كۈيچىدىكى بارلىق قېرىنداشلىرىم،دوسلۇرۇم ، ئەل ئاغىنە ، بۇرادەرلىرىم سىلەرگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت ، كۈيچى ۋەجاپاكەش باشقۇرغۇچىلار سىلەردىن كەچۈرۈم سورايمەن ، مەندىن ئۆتكەن يەرلىرى بولسامېنى كەچۈرۈڭلار . مەن زۇننات شۇنداق دەيمەنكى . كۈيچى ھەممەيلەنگە خۇشاللىق ئېلىپكېلىدىغان ئىللىق بىر ماكان . مەن بۇ ماكانغا چىدىمايمەن ، ئەمما مۇز تۇتقان يۈرۈگۈمدىكى توڭنى ئېرىتكەن ، يۈرۈگۈمگە قايتىدىن ھاياتلىق بېغىشلىغان ساڭىمۇ كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن ۋە سەندىن چىن دىلىمدىن كەچۈرۈم سورايمەن . مېنى كەچۈرۋېتىشىڭىنى ھەم ئۈمۈد قىلىمەن . كۈيچى كولۇبىدىكى بارلىق قېرىنداشلىرىم ، دوست يار بۇرادەرلىرىم . سىلەردىن چىن يۈرۈگۈمدىن كەچۈرۈم سورايمەن . مېنى كەچۈرۈڭلار ، سىلەرگە قىيمىغان ھالدا ئايرىلدىم .


2012-يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-15 09:30 AM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
Sir + 300 تەپەككۇرى كۈچلۈك
hackir + 10 ئوغۇل بالا دىگەن ئوغۇ.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 310   باھا خاتىرىسى

بۇ دۇنيادا بەدەل تۆلەيدىغىنى ئەخمەقلەر .............. ھوزۇرلىنىدىغىنى ئالدامچىلار !

چەكلەنگەن ئەزا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78512
يازما سانى: 240
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3900
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 281 سائەت
تىزىم: 2012-4-8
ئاخىرقى: 2012-8-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-15 09:59:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھە بولاپتۇ!

چەكلەنگەن ئەزا   سۆز قىلىش چەكلەندى!   قۇلۇپلانغان
تەۋپىق ئىسلام تورى www.tewpik.com
kishi mini kishi dise`kishi bilen kishi Ishim ،kishi mini kishi dimise`kishi bilen nime Ishim~

بار دەپ تۆكمە،يوق دەپ كۆپمە!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79
يازما سانى: 5671
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18654
تۆھپە نۇمۇرى: 1591
توردا: 904 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-15 10:01:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ‹كۈيچى›› دىگىنىڭىز چايخانىدەك بىر يەرما بۇ؟مەن تازا چۈشىنىپ كەتمىدىم.لىكىن دەرىت كەلدى دەپ قالايمىقان ئىشلارنى قىلماڭ ئۆزىڭىزنى كونتىرول قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ!شۇ نىجىسنى ئىچسىڭىز بىردەملىك ياكى بىر كۈنلۈك دەرتتىن خالاس بولغان بىلەن ئىمانىڭىزنى بۇلغايسىز،
ئوغۇل بالا دىگەن قەيسەر بولىشى كىرەك ئەمدى كىرمەڭ ئۇ ‹‹كۈيچى››گە ئاۋۇ قىزى بىلەن پاراڭلاشقىڭىز بولسا چ چ دا پاراڭلاشمامسىز.

ئىشلىرىڭىز ئاسان بولسۇن  دوستۇم~~

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
hackir + 10 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

مەززىىسى يوق گەپتىن، پاقىنىڭ كۇرۇلدىشى ياخىشى!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47969
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3012
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 595 سائەت
تىزىم: 2011-7-15
ئاخىرقى: 2012-6-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-15 10:45:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇنچىلىك قىپ كەتمە ئوغۇل بالا دىگەن ئوغۇل بالىدە ياشىشى كىرەك،بىز تەرەپلەرگىمۇ ئۆتۈپ قوي مۇنبەرگە كىرمىگىنىڭگىمۇ خېلى بوپ قالدى!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75918
يازما سانى: 385
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4857
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 819 سائەت
تىزىم: 2012-2-16
ئاخىرقى: 2015-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-15 11:07:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۈيچى كۇلۇبى تاقىلىپ كەتتى .ئەپسوس

ماڭا يۇكسەك ئىرادە ھەمراھ.....

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37344
يازما سانى: 1185
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9129
تۆھپە نۇمۇرى: 837
توردا: 4036 سائەت
تىزىم: 2011-4-12
ئاخىرقى: 2014-7-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-15 12:30:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇرۇن ئېلىۋېلىپ ئالدىرماي ئۇقۇي،

ئىسىڭىزدە بولسۇن،ھەربىر كۈن ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ گۈزەل كۈندۇر.!!!!!!!!

ئۆمۈد بىلەن ياشاش كېرەك

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3299
يازما سانى: 1248
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12246
تۆھپە نۇمۇرى: 406
توردا: 7693 سائەت
تىزىم: 2010-7-4
ئاخىرقى: 2014-7-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-15 01:15:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەتتىگەن كۈيچىگە چىقسام ئاشۇ چىمەن دىگەن قىزچاق  رىياسەتچىلىك  قىلغىىتۇرۇپ تىكەن  .

مۇۋاپىقىيەت قازىنېش ئېرادەملا بولىدىكەن ،مەغلۇبىيەت مىنى ئۆرىۋىتەلمەيدۇ

مۇھەببەت ئۇ مەرد كىشىنىڭ ئىشى~

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2134
يازما سانى: 1241
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7174
تۆھپە نۇمۇرى: 933
توردا: 1256 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2015-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-15 01:18:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسەرمۇ ئەسەر ۋەقەلىكىگە ئوخشاش ئالدىراقسانلىق بىلەن ئالدىراپ يەكۈن چىقىرىلىپ يېزىلىپتۇ ھەم يوللىنىپتۇ.ئەسەرگە يەنىمۇ ئىشلەش كېرەك.ئەگەر بۇ ئەدەبىي ئەسەر ھېساپلانسا....يەنىمۇ ئىشلەپ ئانچە مۇنچە باياندىن ئاتلاپ ۋەقەلىك ھەم تەسۋېرلەر قۇشۇلسا تېخىمۇ ياخشى بىر ئەسەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە ئىشىنىمەن.
ئەمما ئەدەبىياتنىڭ پەقەت ئوقۇپ ھوزۇرلىنىشلا  ئەمەس بەلكى تەربىيلەش رولىغىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلسە دىگەن قاراشتا مەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qaxmazulal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-15 01:33 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
Sir + 88 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 88   باھا خاتىرىسى

بۇلىقىسەن مېھرىبانلىقنىڭ،سەن بولمىساڭ قۇرۇيدۇ دەريا!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79713
يازما سانى: 57
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3318
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 65 سائەت
تىزىم: 2012-5-4
ئاخىرقى: 2015-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-15 05:28:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كارۋان يوللىغان ۋاقتى  2012-6-15 10:01 AM
بۇ ‹كۈيچى›› دىگىنىڭىز چايخانىدەك بىر يەرما بۇ؟مەن تاز ...

قىرىندىشىم بۇ كۇيچى بۇلسا   yyدىكى بىر  قانال قىرىندىشىم ئۇيغۇر باللار قۇرغان بىر سۇرۇن .

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
Sir + 66 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 66   باھا خاتىرىسى

نېمىلەرنى ئويلا

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33034
يازما سانى: 1998
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11107
تۆھپە نۇمۇرى: 343
توردا: 1563 سائەت
تىزىم: 2011-3-7
ئاخىرقى: 2015-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-15 10:36:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋوججون   ..............يەنە شۇ  مۇھەببەتما ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

جاھان
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش