مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 763|ئىنكاس: 6

كەچكۈزدىكى ئايال [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63350
يازما سانى: 288
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5228
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 1638 سائەت
تىزىم: 2011-11-2
ئاخىرقى: 2014-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-8 11:37:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

                 كەچكۈزدىكى ئايال

                     (نەسىر)

ئاخشامقى كۆڭۈلسىزلىك ئىچىمنى سىقىپ،مىنى بىئارام قىلماقتا ئىدى.شۇ تاپتا دۇنيادا گۈزەل،قىممەتلىك نەرسىلەرنىڭ بارلىقىدىن گۇمانلانماقتا ئىدىم.ئېرىمنىڭ ئاخشامقى سوغۇق چىرايى،تىلغا ئالغىلى بولمايدىغان ھاقارەتلىرى يۈرىكىمنى ئۆرتىمەكتە ئىدى.ئۇنىمىشقا شۇنداق قىلىدۇ؟ئۇنىڭ يۈرىكىگە تۇنجى ئوتنى  ياققان شۇ گۈزەل مەن ئەمەسمىدىم؟ئۇنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ ،سۈيىدە ئېقىپ بارلىقىمنى ئۇنىڭغا بەرگەن پەرىزات مەن ئىدىمغۇ؟ئۇزۇن يىللاردىن بىرى چىچىمنى سۈپۈرگە قولۇمنى كۆسەي قىلىپ جاھان تۇتۇپ،بىرنى ئىككى قىلغان جاپاكەش ئايال مەن ئىدىمغۇ؟ھالبۇكى،زىلۋا قامىتىم ئۆزگىرىپ،يۈزلىرىمگە قورۇق چۈشۈپ،چاچلىرىمغا ئاق ئارىلىغاندا مەن كىم بولۇپ قالدىم؟توۋا دەيمەن،يۈگۈرۇپ كىلىپ ئىشىك ئاچالمىغىنىمغا شۈنچە تىل ھاقارەتلەرگە قالدىم-ھە؟مەن بۇ ئىشلارنىڭ نىمە ئۈچۈنلىكىنى بىلمەيدىغان ئايال ئەمەسمەن.بۇ پەقەت بىر باھانە،ئۇمەندىن زىرىككەن گەپ.ئۇنىڭ كۆزلىرىنىڭ بەزىدە نىمە ئۈچۈن چاقناپ قالغانلىقىنىمۇ،بەزىدە ئۆزىچە كۈلۈپ كىتىدىغانلىقىنىڭ  سەۋەبىنىمۇ بىلىمەن.ئاھ يۈرىكىمنى غاجىلىغان رەشك مىنى چەكسىز ئازاپلايدۇ.مەن نەقەدەر يارامسىز،كۆرۈمسىز،ئۆلۈپلا تۈگەشسەم بولمامدۇ؟ياق، كىتىپ بارغان سانسىز كىشىلەرگە قاراپ مەستلىگىم كەلدى.قارىماققا ئۇلار شۇنچە قەيسەر،بەختلىكتەك كۆرۈنەتتى.ياق،ئۇلارمۇ دەردىنى ئۆزى بىلىدۇ.يۈرەكتىكى دەرد ۋە خۇشاللىق شۇ قەدەر پىنھان بولىدۇ.تۇرۇپلا ئۇلارغا يەنە ئىچىم ئاغرىپ قالدى.شۇتاپتا نۇرغۇن كىشىلەر ماڭا تولىمۇيىقىن يەردە تۇرغاندەك ھىس قىلدىم.ئاۋۇ ئىگىز كىشى خۇددى ئۆزىگە پىچىرلاپ گەپ قىلىۋاتقاندەك قىلىدۇ.ئىھتىمال ئۇكەسپتىكى مەلۇم بىر مەسلە ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزىۋاتقاندۇ ياكى ئۆيىگە ئالدىراپ ماڭغاندۇ،ياكى خوتۇنى تاشلىۋەتكەن بىر بويتاقتۇ؟! شۇئەر مىنىڭ ئېرىم بولغان بولسا بۇ ئازاپلارغا قالماس ئىدىم.توۋا،مەن ساراڭ بولدۇممۇ؟ بۇخىيالىمدىن كۈلگۈم كەلدى.

تۇيۇقسىز بىر يوپۇرماق قۇلىقىمغا چۈشتى.ئۇنى قولۇمغا ئىلىپ ئۇزاق قارىدىم.سارغايغان بولسىمۇ سولاشمىغانىدى.ئۇنى دەرەخ شاخلىرىنىڭ ئارىسىغا ئىلىپ قوياي،دەسسىلىپ كەتمىسۇن.ئۇقويۇپ قويغان يېرىدىن يەنە چۈشۈپ كەتتى.

مەن بۇ ياپراقنىڭ شاختا تۇرۇشىنى بەكمۇ خالايتتىم.ئۇنى يەنە يەردىن ئېلىپ شاخقا يىرىپ تۇرغۇزدۇم.كۆزۈمگە مۆللىدە ياش كەلدى.يوپۇرماقنىڭ شاختا يىرىلىپ تۇرغان ھالىتى بەك بىچارە ئىدى.

ئاۋۇ ئايال يىتىلەپ كېتىپ بارغان بالا يىغلاپ ئەتراپنى بىشىغا كىيدى.ئايال بالىنىڭ يانپىشىغا بىر نەچچىنى ئۇردى.مىنىڭچە،شۇتاپتا شۇئايالنىڭ تازابىر يىغلىۋالغۇسى بار،لىكىن ئۇنداق قىلالمايدۇ.بالىسىنى پەسلىتىپ بولۇپ ئاندىن چوقۇم ئۆزى يىغلايدۇ.توۋا،مېنىڭمۇ بالىلىرىم مۇشۇ تاپتايىغلاۋاتقاندۇ؟!"ئانا،ئانا"دەپ چاقىرىۋاتقاندۇ؟!تېز بېرىپ ئۇلارنى بەزلەي...

مەنبە:شىنجاڭ ياشلىرى ژورنىلى 2002-يىللىق 9-سان(ئاپتورى راھىلە كامال)

باشقۇرغۇچىلار خاپا بولماي نەسىرى ئەسەرلەر سەھىپىسىگە يۆتكەپ قويساڭلار بوپتىكەن

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ferdawishan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-9 12:23 AM  


ئادەم ئۈمىد بىلەن تۇغۇلۇپ ،ئارزۇ بىلەن ياشاپ، ئارمان بىلەن كىتىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7254
يازما سانى: 10182
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 64069
تۆھپە نۇمۇرى: 2683
توردا: 8019 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2015-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-9 10:54:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاياللار شۇنچە ئاجىز كېلىدىكەنمىز. مەيلى كىم نىمە قىلسا قىلىۋەرسۇن-لېكىن اللە  بىزنىڭ ئەنە شۇ ئەرزىيەتلىرىمىز ئۈچۈن ئۆز ئىنئاملىرى بىلەن  بىلەن بىزنى جەننەتلەردە ھۆرلەردىن قىلىدۇ . ئەلۋەتتە اللەدىن تىلەش بۇ بەكلا مۇھىم . اللە شۇنچە مىھرىبانكى قول كۆتۈرۈپ چىن دىلدىن قىلغان دۇئانى خەيىرسىز قويمايدۇ .

سۇ، ئۇز قىممىتىنى تېپىش ئۇچۇن ئانا تۇپراقنىڭ ئەڭ چاڭقاق توپىسىغا سىڭىپ كىتىشى كېرەك...!

مۇھاببەت ئۈلۈمنىڭ يەنە بىر ئىس

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65194
يازما سانى: 383
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5639
تۆھپە نۇمۇرى: 539
توردا: 1004 سائەت
تىزىم: 2011-11-15
ئاخىرقى: 2013-11-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-9 12:14:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
zulayha يوللىغان ۋاقتى  2012-1-9 10:54 AM
ئاياللار شۇنچە ئاجىز كېلىدىكەنمىز. مەيلى كىم نىمە قىلس ...

شۇ ئەررىىيەتكە مۇناسىپلارنىلا ھۆر-پەرى قىلىدۇ.

مەن قاچان ئەخمەق بۇلىدىكەنمە، قىزلارغا ئالدىنىپ قالىمە.قىزلار قاچان ئەقلىدىن ئازىدىكەن، ماڭا ئىشىنىپ قالىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7254
يازما سانى: 10182
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 64069
تۆھپە نۇمۇرى: 2683
توردا: 8019 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2015-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-9 01:16:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
artiken يوللىغان ۋاقتى  2012-1-9 12:14 PM
شۇ ئەررىىيەتكە مۇناسىپلارنىلا ھۆر-پەرى قىلىدۇ.

ئەلۋەتتە.

سۇ، ئۇز قىممىتىنى تېپىش ئۇچۇن ئانا تۇپراقنىڭ ئەڭ چاڭقاق توپىسىغا سىڭىپ كىتىشى كېرەك...!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72473
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3148
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 37 سائەت
تىزىم: 2012-1-2
ئاخىرقى: 2013-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-9 02:12:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاشۇ قەيسەر ئەرلەرنىڭ ئانىسىمۇ ئايالغۇ؟ ئاياللار بۇنچە يولسىزلىققا يول قويىۋەرسە، دۇنيادا بىر مۇ كۆيۈمچان ئەر قالمايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72219
يازما سانى: 99
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3464
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 141 سائەت
تىزىم: 2011-12-29
ئاخىرقى: 2015-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 06:23:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق ياخشى ئەسەرگە ئىنكاس يازغانلار نېمانچە ئاز؟

زەر ئەمەسكە خار ئەمەسمەن، ئوتى يوق يۈرەككە پار ئەمەسمەن.

ياقۇپجان ئابدۇرشىت ئارقىش

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41410
يازما سانى: 2289
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18631
تۆھپە نۇمۇرى: 95
توردا: 961 سائەت
تىزىم: 2011-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 08:21:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاتاڭنى خاقان بىلسەڭ ، ئاناڭنى جاھان بىل !!!!!!!!

تور دۇنياسىدىكى يېڭى بايقاش:ئارقىش تورىwww.arkix.cn
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش