serikbuya يوللىغان ۋاقتى 2011-12-31 01:08 PM 
119نىڭ ماشىنسى ئۇ كۈنى مۇزلاپ قېلىپ ئوت ئالماپتۇ
توۋا، ناۋادا بۇنىڭدىنمۇ ئېغىرراق ۋەقە بولسا يەنە مۇشۇ بىر تېتىمال جاۋاپ بولسا ، نىمە قىلىدۇ ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسى دەپ ئەنگە ئېلىپ . ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىلىرى ھەر ۋاقىت تەييارلىق ھالەتتە تۇرمامدۇ؟ ئوت كېتىش سەۋەبى ئېنىق بولمىسىمۇ ئۆتنى ئۆچۈرۈش كېرەكتە ، ئوتنى ئۆچۈرۈپ بولۇپ ئېنىقلىسا بولۇدۇغۇ، لېكىن ئوت ساقلاپ تۇرماي كۆيۈپتىغۇ. ماۋۇلار ئېنىقلىۋالغۇچە ئالدىرىمايراق كۆيەي دىمەيتۇ ئوت دىگەن . قارىسام ، ئەتراپ ئادەم دېڭىزى بوپ كېتىپتۇ. بىر-ئىككى ئادەم تىشاڭ بىلەن بىرنەچچە تىشاڭ توپا تاشلىغاننى كۆردۈم . ئەجەبا بىرەسىنىڭ سوپىكى،تەرەكتۇرلىرى بولسىمۇ توپا ئەكەلسە بولۇدۇغۇ. ئاڭلىشىمچە سېرىقبۇيىدا شەخسى يەر كولايدىغان تەرەكتۇرلار بەك كۆپ . بولدىلا مەن قايناۋەرمەي ، اللەنىڭ ھىممىتى بىلەن ئۆلۈم -يىتىم بولماي ئوت ئۆچۈپتۇ .