مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 799|ئىنكاس: 9

ئالامەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7021
يازما سانى: 541
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12890
تۆھپە نۇمۇرى: 1934
توردا: 626 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-11 08:11:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   

              ئالامەت

مەھەلەمدىكى بىر ‹‹گۈزەلگە››

بېشىڭدىكى رومالىڭ قالغان ئىدى ئاناڭدىن ،
شۇڭا ئالساڭ بېشىڭغا يارىشاتتى ئالامەت .
قاپاق تۇتۇپ سەھەردە سۇغا چىقساڭ بۇلاققا  ،
سېنى كۆرسە يىگىتلەر قارىشاتتى ئالامەت .

زىبالارنىڭ مىراسى ئەدەپ -ئەخلاق يار ساڭا ،
سېنىڭ ھۆسىن جامالىڭ گۈزەل ئىدى ئالامەت .
ھىلال ئايدۇر قاشلىرىڭ چولپان ئىدى كۆزلىرىڭ ،
قۇندۇز كەبىي چاشلىرىڭ ئۇزۇن ئىدى ئالامەت .

كەسپ ئۆگىنەي شەھەردە دەپ يىراققا كەتكەندە ،
ساڭا ئاشىق يىگىتكە ھىجران كەلدى ئالامەت .
بولمىساڭمۇ ئۆيۈڭدە مەھەلەڭدىن كەتمەيدۇ  ،
سېنىڭ كېتىپ قالغىنىڭ ئەلەم بولدى ئالامەت .

بىرەر يىلدەك تۇردۇڭغۇ كەسىپ ئۆگىنىپ شەھەردە ،
قايتىپ كېلىپ شەھەردىن ئۆزگىرىپسەن ئالامەت .
ئالدىممىزدىن ئۆتتۈڭسەن بەللىرىڭنى ئوينۇتۇپ ،
تۈكۈرۈشتۇق كەينىڭدىن نەپرەت بىلەن ئالامەت .

سېنىڭ ئۇزۇن چاشلىرىڭ چۈشمەس بوپتۇ بېلىڭگە ،
تولۇن ئايدەك يۈزۈڭنى بويىۋاپسەن ئالامەت .
تىزدىن ئۈستۈن تۇرۇپتۇ ، كىيىۋالغان كۆڭلىكىڭ ،
كۆڭلەك بىلەن چېچىڭنى قىسقارتىپسەن ئالامەت .

مەھەلىگە ئاڭلىنار ئۆيۈڭدىكى مۇزىكا ،
ئۈنئالغۇغا ئەگىشىپ توۋلاپ كەتتىڭ ئالامەت .
بەللىرىڭنى تولغايسەن مۇزىكىغا كەلتۈرۈپ ،
دېسكو دېگەن ئۇسۇلغا توۋلاپ كەتتىڭ ئالامەت .

ھۆسىن تۈزەپ چاچ ياساپ بەزمىلەردە ئويناشنى ،
قىسغىغىنە  بىر  يىلدا ئۆگىنىپسەن ئالامەت .
ھازىر زامان شۇنداقكەن قۇلاق سالسام سۆزۈڭگە ،
سەن زامانغا  بەكمۇ تېز يۈزلىنىپسەن ئالامەت .

چىقماس مەڭگۈ ئېسىممدىن سېنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىڭ ،
ياشلىق دېگەن بەك قىسقا ئوينىۋاللاي ئالامەت .
ھەممە سەندەك بولسا گەر مىللىتىمىز ياشلىرى ،
ئېيتىڭلارچۇ خالايىق نىمە بولار بۇ مىللەت .

ساڭا قىلاي نەسىھەت ئاڭلاپ قويغىن سۆزۈمنى ،
ئۇيغۇر قىزى بويىما بويالمىغان يۈزۈڭنى ،
ئەمدى تاشلاپ ئويۇننى ئوڭشىمىساڭ ئۆزۈڭنى ،
پۇشايماننى يار قىلىپ ياش تۆكىسەن ئالامەت .

ئاپتورى : مىليونىر


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
sazguri + 11 ئالامەت كەلتۈرۈپسىز

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 11   باھا خاتىرىسى

ئويلان ئۇيغۇر ، ئۇيغۇر دېگەن ئىسمىڭ بىر  .
ئويلان ئۇيغۇر  مەدىنيىتىڭ ، تىلىڭ  بىر  .
ئويلان ئۇيغۇر يېزىقىڭ بىر  ،  دىنىڭ بىر  .
ئويلان  ئۇيغۇر  قاچان بولۇر دىلىڭ  بىر .

گۈزەل ئەتىمىز ئۈ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13953
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8372
تۆھپە نۇمۇرى: 347
توردا: 2408 سائەت
تىزىم: 2010-10-14
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-11 10:54:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋۇ......ي ....ئالامەت يېزىۋىتىپسىزغۇ...........

دوس دىگەن ئاددى سۆز گۆھەردىن قىممەت، قەدىرگە يېتىدۇ چۈشەنگەن كىشى. ھەققى دوسلۇققا خىيانەت قىلىش ،   پەسكەش ،ۋىجدانسىز ، نامەرتنىڭ ئىشى . .

غەلبە مەڭگۈ تىرىشقانلارنىڭ!!!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60911
يازما سانى: 246
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3881
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 152 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2013-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-11 11:08:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىليونىركا شېئرنى ،
يېزىپسىزغۇ ئالامەت.
شۇ گۈزەلنى شېئردا ،
باپلاپسىزغۇ كارامەت.

... سىزنى يىغلىتىشقا ئەرزىيدىغان كىشى سىزنى  ھەرگىز يىغلاتمايدۇ !!!

مەنىسىز سۆھبەتت

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67826
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3578
تۆھپە نۇمۇرى: 240
توردا: 304 سائەت
تىزىم: 2011-12-1
ئاخىرقى: 2012-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-11 11:10:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپىرىن،بۇ شېئىر ناھايىتى ياخشى چىقىپتۇ. يامان ئەمەس يېزىپ قويۇپسىز!

خاراكتىر دىمەك تەقدىر دىمەكتۇر!

ئات ئۆزۈڭنى بەھرىگە يا غەرق بو

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10336
يازما سانى: 8342
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 55732
تۆھپە نۇمۇرى: 3763
توردا: 6666 سائەت
تىزىم: 2010-7-14
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-12 05:50:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەخلاقلىق بولۇشقا ئۈندىگە بۇ شېئىر ئالامەت ياخشى يىزىلىپتۇ....

يازمىقىم مۈشكۈل

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66945
يازما سانى: 130
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8334
تۆھپە نۇمۇرى: 2040
توردا: 609 سائەت
تىزىم: 2011-11-25
ئاخىرقى: 2014-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-12 10:18:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىلىيون گۈلگە دەپ بىرنى يىزىڭە~!قاملاشتۇرۇپ.  بۇ مۇ ياخشى چىقىپتۇ~!

ئانا تىلنىڭ گۈللىرىنى كۈندە كىرىپ سۇغۇرۇش سىز ۋە مىنىڭ مەجبۇرىيتىم.

تىرىشقىن!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38292
يازما سانى: 870
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4833
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 6503 سائەت
تىزىم: 2011-4-21
ئاخىرقى: 2015-5-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-12 11:42:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ شىئېرنى بەك ياخشى يىزىپسىز جۇمۇ.

بەزىلەر دەيدىكەن گۈللەر چىرايلىق،
گۈللەرنى كۈيلىگەن ئۈنلەر چىرايلىق.
مەن دەيمەن ھالال تەر ئەجىرىسى بىلەن،
.گۈل-باغلار ياسالغان چۆللەر چىرايلىق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7021
يازما سانى: 541
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12890
تۆھپە نۇمۇرى: 1934
توردا: 626 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-12 03:29:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

4قەۋەتتىكى(پالۋان) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قا

سۇنغۇم كېلەر قەلبىمدىن سىاڭا ،
بىر مىليون ئەتتىرگۈل ئۈزۈپ .
ساڭا ئىزھار قىلاي قەلبىمنى ،
بىرە مىليون شئېر -قوشاق تۈزۈپ.

ئويلان ئۇيغۇر ، ئۇيغۇر دېگەن ئىسمىڭ بىر  .
ئويلان ئۇيغۇر  مەدىنيىتىڭ ، تىلىڭ  بىر  .
ئويلان ئۇيغۇر يېزىقىڭ بىر  ،  دىنىڭ بىر  .
ئويلان  ئۇيغۇر  قاچان بولۇر دىلىڭ  بىر .

ئوۋچىنىڭ ئوقياس

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 52418
يازما سانى: 464
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3190
تۆھپە نۇمۇرى: 135
توردا: 2970 سائەت
تىزىم: 2011-8-21
ئاخىرقى: 2012-11-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-13 04:29:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوھوييييييييييييييييييييييي  مىليونىر ئەپەندىم  پۇللىرڭىزنى  ساناپ بولدىڭىزمۇ  ؟ سېزنىڭ شىئېريەت باغلىرڭىز  مول  ھوسۇللۇق ھەھ .......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 69718
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3073
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 8 سائەت
تىزىم: 2011-12-11
ئاخىرقى: 2012-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-13 05:52:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راستىنلا ئالامەت كە!!!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش