مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4653|ئىنكاس: 20

مېنىڭ ئۇيغۇر دوستلۇرۇم... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8600
يازما سانى: 976
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11662
تۆھپە نۇمۇرى: 1080
توردا: 4998 سائەت
تىزىم: 2010-8-31
ئاخىرقى: 2014-1-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-20 12:03:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مېنىڭ ئۇيغۇر دوسلۇرۇم



ئەسلىمە



گاۋ شېن (خۇيزۇ)



   قەلەمكەش دوستلىرىمدىن بىر نەچچە ئۇيغۇر شائىر، يازغۇچىلار مەندە گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قالدۇرغان ئىدى. ئۇلار كىشىلەرگە سەمىمىي مۇئامىلە قىلاتتى، دوستلۇقنى ئىنتايىن چوڭ بىلەتتى ، تىلنى يۇمۇرلۇق، قىزىقارلىق ئىشلىتەتتى، بەزىدە تاقابىل تۇرۇش قىيىن بولغان ئىشلارغا ياكى ئادەمنى ئوڭايسىزلاندۇرۇپ قويىدىغان ئىشلارغا دۇچ كەلگەندە نەسرىدىن ئەپەندىمنىڭ ئۇسۇلىدىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىپ، مەسىلىلەرنى زېرەكلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلاتتى. بۇ تۇغما قىزىقچى، تىرىشچان، ئۈمىدۋار مىللەت ماڭا تەڭرىتېغىدىكى قار لەيلىسىدەك ئالىيجاناب، دوستانە تەسىرات قالدۇرغانىدى. ئۇيغۇر دوستلىرىم ئىچىدە تۇنجى قېتىم تېيىپجان ئېلىيوف، ئابدۇكېرىم خوجا قاتارلىقلار بىلەن تونۇشقانىدىم. كېيىن مەمتىمىن ھوشۇر، زوردۇن سابىر، ئوسمانجان ساۋۇت، ئەكبەر غۇلاملار بىلەنمۇ تونۇشتۇم.
   مەن تېيىپجان ئېلىيوف، ئابدۇكېرىم خوجا بىلەن 1956-يىلى ئەتىيازدا مەملىكەتلىك تۇنجى قېتىملىق ‹‹ياش ئەدىبلەر ئىجادىيەت يىغىنى››دا تونۇشقانىدىم. يېمەك-ئىچمەك ئادىتىمىز ئوخشاشلىقىدىن يىغىن مەزگىلىدە ھەر كۈنى دېگۈدەك ئۇلار بىلەن بىر شىرەدە ئولتۇرۇپ تاماق يەيتتۇق. بىز بىر نەچچە خۇيزۇ ۋەكىللەرنىڭمۇ ئۇيغۇر قېرىنداشلار بىلەن بىرلىكتە ئەتكەن چاي ئىچىپ، پولۇ، سامسا يەپ، ئىشتىھايىمىزمۇ ئېچىلىپ كەتكەنىدى. ئاشۇ چاغلاردا بىز ئەڭ مودا بولۇۋاتقان كىيىم — جۇڭشەن فورمىسى كىيىۋالغان ئىدۇق، بەزىلىرىمىز ئادەتتىكى كىيىملىرىمىز بىلەن ئىدۇق. بىراق تېيىپجان ئېلىيوف كاستيۇم، شىبلىت كىيىۋالغان بولۇپ، بىز بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولۇپ، بىزنىڭ سەھرالىقىمىز مانا مەن دەپ چىقىپ تۇراتتى. دەسلەپ مەن بىرئاز قورۇنۇپ، ئۇنىڭغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېقىنلىشالماي قالدىم. تېيىپجان ئېلىيوف ئادەمنىڭ كۆڭلىدىكىنى تېپىۋالغاندەكلا:
   — سىز دېگەن ھەم ‹‹يۇقىرى›› ھەم ‹‹چوڭقۇر›› (تىرەن) شائىر، بىز سىز بىلەن بىرگە تۇرۇشقا ئامراق، — دەپ مېنىڭ ئۇلار بىلەن بىللە تۇرۇشتىكى غەم-ئەمدىشەمنى تۈگىتىۋەتتى.
   يىغىندىن كېيىن، گوۋۇيۈەننىڭ ھاۋالىسىگە ئاساسەن جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئاز سانلىق مىللەت ياش يازغۇچىلىرىدىن ئېكسكۇرسىيە ئۆمىكى تەشكىللىگەندە تېيىپجان ئېلىيوف ئۆمەك باشلىقى بولدى. ئېكسكۇرسىيە ئۆمىكى جۇاڭزۇ، مانجۇ، خۇيزۇ، زاڭزۇ، موڭغۇل، ئۇيغۇر، قازاق، تاجىك، بۇيى، چاۋشين قاتارلىق مىللەتلەردىن تەشكىل قىلىنغان بولۇپ، كۆپچىلىك بىر ئايغا يېقىن بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈپ، ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ، شېنياڭ تيېشى سانائەت رايونى، ئەنگاڭ پولات زاۋۇتى، فۇشۇن كۆمۈر كېنى، چاڭچۈن ئاپتوموبىل ياساش زاۋۇتى، چاڭچۈن كىنو ئىستۇدىيەسى ۋە يەنبيەن چاۋشيەنزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇق. بۇ بىر ئاي جەريانىدا كۆپچىلىك خۇددى بىر تۇغقان قېرىنداشلاردەك يېقىن ئۆتتۇق، تېيىپجاننىڭ ئۆمەك باشلىقلىق كىبىرىسى يوق بولۇپ، يول بويى نۇرغۇن يۇمۇر، لەتىپىلەرنى سۆزلەپ بېرىپ، كۆپچىلىكنى كۈلدۈرۈپ تېلىقتۇرۇۋەتتى. ئېكسكۇرسىيە ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خەنزۇ شائىر سەي چىجياۋ بولۇپ، تېيىپجان كۆپچىلىككە:

   — بىز شائىر سەي چىجياۋغا كۆڭۈل بۆلىشىمىز كېرەك، ئۇ بىزنىڭ ئۆمىكىمىزدىكى ‹‹ئاز سانلىق مىللەت››، — دېگەنىدى.
   ئېكسكۇرسىيە قىلىش ئاخىرلاشقان ئىككىنچى يىلى ‹‹ئوڭچىلارغا قارشى تۇرۇش›› باشلاندى، ئارقىدىنلا ‹‹ئوڭچىللىققا قارشى تۇرۇش››، ‹‹تۆتتە ئېنىق بولۇش››، ‹‹مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى›› قاتارلىق ھەرىكەتلەر بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئۈزۈلمەي ئېلىپ بېرىلغاچقا تېيىپجان بىلەن قايتا ئۇچرىشالمىدۇق. شۇنداق بولسىمۇ ھەر خىل يامان خەۋەرلەرنى ئاڭلاپ تۇردۇم. قايسىنىڭ راست، قايسىنىڭ يالغانلىقىنى ئايرىپ بولالمىدىم. تاكى ‹‹مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى›› ئاخىرلاشقاندىلا ئاندىن ھەقىقى ئۇچۇرنى ئىگىلىيەلىدىم. شۇنداق قىلىپ 1979-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى مەن تېيىپجانغا ئاتاپ ‹‹شېئىر ۋە بەخت ئۈچۈن تۇغۇلۇش›› دەپ بىر شېئىر يېزىپ ‹‹شىنجاڭ ئەدەبىياتى›› ژۇرنىلىدا ئېلان قىلدىم. (شېئىر تەرجىمىسى قىسقارتىلدى)
   ئىسلاھات ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن بىز بىر، ئىككى يىلدا بىر قېتىمدىن كۆرۈشۈپ تۇردۇق، ھەر قېتىم ئۇچراشقىنىمىزدا گېپىمىز تۈگىمەيتتى. بىراق ئۇ قىرانلىق چېغىدا بالدۇرلا بىزدىن ئايرىلدى، مەن جەننەتتىمۇ ئۇنىڭ تېخىمۇ ئېسىل شېئىرلارنى يېزىۋاتقانلىقىغا ئىشىنىمەن.
   ئابدۇكېرىم خوجا ئىنتايىن پاراسەتلىك شائىر، ئۇ دوستلار ئارىسىدىكى كۈلكە، چاقچاق ئىچىدىمۇ ئىنتايىن قەتئىي ئىدىيەسىنى ئىپادىلەيتتى. ‹‹مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى›› مەزگىلىدە ئۇمۇ ئاز بولمىغان جاپالارنى تارتىپ، ئوخشاشلا جەبرى-جاپالاردىن خۇشاللىق تېپىپ، ئۆزىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە ھەزىل-چاقچاقلىرى بىلەن ئۇچىغا چىققان ‹‹سولچىل›› ئىدىيەۋى ئېقىمدىن ئەگىپ ئۆتۈپ، ھەر قېتىملىق خەتەرنى ئامانلىققا ئايلاندۇرغانىدى. ‹‹مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى›› مەزگىلىدە ئۇ ‹‹7-ماي›› كادىرلار مەكتىپىگە (ياكى قايسى بىر ئۆگىنىش كۇرسىغا)بارىدۇ، بىر كۈنى ھەربىيلەر تەشۋىقات ئەترىتى قوي ئۆلتۈرمەكچى بولۇپ، ئابدۇكېرىم خوجىنى قوينى سويۇپ، ئىچ قارنىنى تازىلاپ بېرىشكە بۇيرۇيدۇ. ئابدۇكېرىم خوجا قوي گۆشى يەپ باقمىغىلى ئۈچ ئاي بولغان بولغاچقا، يېڭى خام قوي گۆشىنىڭ ھىدى ئۇنىڭغا شۇنداق خۇشپۇراق پۇراپ كېتىدۇ. ئۇ قوينىڭ ئىچ باغرىنى تازىلاپ بولۇپ، بىرەر نەرسىسىنى ئېلىپ قېلىپ ئىشتىھاسىنى باسماقچى بولىدۇ، بىراق پۈتۈن قويدىن بىرەر پارچە كېسىۋېلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ، كاللا، پاقالچاق ۋە جىگەر، يۈرەك، ئۆپكە، ئۈچەي قېرىندىنمۇ ئوخشاشلا ھېچنېمىنى ئېلىپ قېلىشقا بولمايتتى. ئۇ ئاخىرى ئويلا-ئويلا قوينىڭ بۆرىكىنىڭ كۆرۈنەرلىك جايدا ئەمەسلىكىنى، بەزى كىشىلەرنىڭ قوينىڭ بۆرىكىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغانلىقىنى پەملەپ، بۆرەكنى ئېلىپ قېلىپ، ئۇنى يوشۇرۇنچە كاۋاپ قىلىپ پىشۇرۇپ مەززە بىلەن يەيدۇ. ئۇ پاكىز تازىلاپ بولغان بىر سېمىز قوينى ھەربىيلەر تەشۋىقات ئەترىتىگە تاپشۇرۇپ بەرگەن چاغدا، ‹‹ھەربىيلەر تەشۋىقات ئەترىتىدىكىلەر تېخى ئۇنى ماختاپ بەك پاكىز تازىلاپسەن›› دەپ كېتىدۇ.
   يېرىم ئايدىن كېيىن، ھەربىيلەر تەشۋىقات ئەترىتى يەنە بىر قوي ئۆلتۈرۈپ، باشقا بىرسىگە سويدۇرۇپ تازىلاتقۇزىدۇ، ئۇ ئادەم قورقۇنچاق بولۇپ، ھېچنېمىنى قالدۇرۇپ قويمايدۇ. ھەربىيلەر تەشۋىقات ئەترىتى ئۇ تازىلىغان قوينىڭ ئالدىنقى قېتىمقىغا قارىغاندا بىر تال بۆرىكىنىڭ كۆپلۈكىنى بايقاپ، ھىيلىگەر ئابدۇكېرىم خوجىنىڭ قوي بۆرىكىنى ئوغرىلىقچە يەۋالغانلىقىنى بايقاپ، ئۇنى شۇ زامان چاقىرىپ كېلىپ، ئۆزىنىڭ نېمە خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئىقرار قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. ئابدۇكېرىم خوجا ھېچنېمىنى بىلمەسلىككە سېلىۋېلىپ:
   — ھەربىيلەر تەشۋىقات ئەترىتىنىڭ ئالدى تۇرسا، قانداقمۇ خاتالىق ئۆتكۈزۈشكە جۈرئەت قىلالاي، — دەيدۇ.
   ھەربىيلەر تەشۋىقات ئەترىتى بۆرەكنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ:
   — سەن سويغان قوينىڭ بۆرىكى نەگە كەتتى؟ — دەپ سورايدۇ.
   ئابدۇكېرىم خوجا ھاڭ-تاڭ قالىدۇ، ۋە ئارقىدىنلا قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتىدۇ. ھەربىيلەر تەشۋىقات ئەترىتى ئۇنىڭدىن نېمىشقا كۈلگەنلىكىنى سورايدۇ. ئۇ:
   — ئالدىنقى قېتىم ئۆلتۈرگىنىمىز نېمە ئىدى، — دەپ سورايدۇ.
   — ئۆچكە.
   — بۇ قېتىم ئۆلتۈرگىنىمىزچۇ؟
   — قوي.
   ئابدۇكېرىم خوجا تېخىمۇ قاتتىق كۈلۈپ كېتىدۇ:
   — ئۆچكىدە بۆرەك بولمايدۇ، بۆرەك پەقەت قويدىلا بولىدۇ. سىلەر ھەمىشە ‹‹سېسىق توققۇزىنچى››لارنىڭ بىلىمى يوق دەيسىلەر، ئەسلىدىنمۇ سىلەرنىڭ بىلىشىڭلارمۇ تايىنلىقكەنغۇ.
   بۇ بىرنەچچە ھەربىيلەر تەشۋىقات ئەترىتى ئەزالىرى ئۇزۇندىن بۇيان، شەھەردە ياشاپ كەلگەنلەر بولغاچقا، ئۆزلىرىنى بۇ جەھەتتە بىلىمىمىز كەمچىلكەن، دەپ قاراپ يەنە تېخى ئابدۇكېرىم خوجىدىن ئەپۇ سورايدۇ. كېيىنچە ئۇلار قوي بىلەن ئۆچكىنىڭ ئوخشاشلا بۆرىكىنى بولىدىغانلىقىنى ھەقىقى بىلگەن چېغىدا يۈزىنىڭ تۆكۈلۈپ كېتىشىدىن قورقۇپ، بۇ ئىشنى قايتا تىلغا ئالالمايدۇ. ئابدۇكېرىم خوجا مۇشۇنىڭغا ئوخشايدىغان ھېكايىدىن بىر نەچچىنى سۆزلەپ بەرگەنىدى.
   يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر قارىماققا ئاددىي-ساددا مۈرىسىدىن كەتمەن چۈشمەيدىغان پېشقەدەم دېھقانلاردەك كۆرۈنىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ ھېكايىلىرىنى ئوقۇغان ئادەم ئۇنى جەزمەن زامانىمىزدىكى نەسرىدىن ئەپەندىمىكىن دەپ قالىدۇ. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا، بىز گۇيجۇنىڭ خۇاشىدا قەلەمكەشلەر يىغىنىغا قاتنىشىشقا بېرىپ چېڭدۇدا پويىز ئالماشتۇق. بىز پويىزدىن چۈشۈپلا چېڭدۇنى ئايلىنىپ چىقماقچى ھەم بىر مۇسۇلمانچە ئاشخانا تېپىپ چۈشلۈك تاماق يېمەكچى بولدۇق. ئەمما بىر سائەتتىن كۆپرەك ئايلىنىپمۇ مۇسۇلمانچە ئاشخانا تاپالمىدۇق. سائەت 12 بولۇپ قالغان ئىدى، ھەم ھېرىپ، ھەم ئېچىپ كەتكەن بولغاچقا مەن ياتاققا قايتىپ تەييار چۆپ چىلاپ يېيىشنى تەكلىپ قىلدىم. مەمتىمىن ھوشۇر كاجلىق قىلىپ، مېنىڭ نەسىھەتىمگە قۇلاق سالماي، ياتاققا قايتىپ كېتىشكە ئۇنىمىدى.
   — بىر يازغۇچى بىر ئاشخانىنىمۇ تاپالمىسا ئۇ يەنە نېمىسىگە ھېكايە يازىدۇ؟ — دېدى ئۇ.
   مەن راستتىنلا ھېرىپ ھالىمدىن كەتكەن بولغاچقا ئىلاجسىزلىقتىن بىللە ماڭالمايدىغانلىقىمغا ئۆزرە ئېيتىپ ياتاققا ئۆزۈم يالغۇز تەييار چۆپ يېيىش ئۈچۈن قايتىپ كەتتىم.
   مەمتىمىن ھوشۇر چۈشتىن كېيىن سائەت بەشلەردە ياتاققا قايتىپ كەلدى، مەن ئۇنىڭدىن مۇسۇلمانچە ئاشخانا تاپالىدىڭىزمۇ دەپ سورىسام ئۇ مەغرۇرلۇق بىلەن ‹‹تاپمايچۇ!›› دېدى. مەن ئۇنىڭدىن قانداق تاپقانلىقىنى سورىسام، ئۇ:

   — ناھايىتى چوڭ بىر مەيدانغا بېرىپ قاپتىمەن، مەيداننىڭ ئوتتۇرىسىدا ماۋ جۇشىنىڭ ھەيكىلى تۇرىدۇ، مەن ئاقساقالنىڭ قول پۇلاڭلاتقان يۆلىنىشىدىنلا ‹‹مۇسۇلمانچە ئاشخانا ئاۋۇ يەردە ئەمەسمۇ›› دېگەنلىكىنى بايقاپ، ماۋ جۇشى كۆرسەتكەن يۆنىلىش بويىچە مېڭىۋەرسەم، راستىنلا مۇسۇلمانچە ئاشخانىنى تېپۋالدىم، — دېدى.
   مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ يۇمۇر، چاقچاقلىرى ھەر قاچان تەييار ئىدى. ئىلھامى قوزغالغان چاغدا مۇنداقلا بىرنەچچە ئېغىز سۆزلەپ قويسىلا كىشىلەر ئارىسىدىكى خاپىلىقلار ئاللىقاياقلارغا تاراپ كېتەتتى. بىر قېتىم مەلۇم جايدا يىغىن ئاچقاندا، تاماق بەك غورىگۈل بولۇپ، بېلىقنىڭ بېشى بىلەن قۇيرۇقى، توخۇنىڭ پاچىقى يوق پەنجىسى چىققان، تاماق ئىچىدىن قۇممۇ چىققان، ھاراقمۇ بەك ناچار ئىدى. بەزىلەر:
   — بۇ يەردىكى بېلىقلارنىڭ پەقەت ئېغىزىلا باركەن، توخۇلارنىڭ پاچىقى يوقكەن، گۈرۈچ تامىقىدىمۇ قۇم باركەن، ھارىقىمۇ سۇدەكلا تېتىيدىكەن، — دېيىشتى .
   كۆپچىلىكنىڭ مەسخىرە سۆزلىرى ئۈزۈلمىدى، مەمتىمىن ھوشۇر ئاق مور شورپىسىدىن بىر تال ئاق مورنى چوكىدا قىسىپ تۇرۇپ، قىزىقارلىق قىلىپ:
   — بۇ كىشىلەرنىڭ نېمە قىلغىنى ، بىزنى ‹‹سۇلياۋ گۈلنى›› يەڭلار دېسە قانداق يەيمىز؟ — دېيىشىگە شىرەدىكىلەر پاراققىدە كۈلۈشۈپ كېتىپ كەيپىيات خېلىلا ياخشىلىنىپ قالغانىدى.
   1981-يىلى مەن جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەدەبىيات كۇرسىدا بىر يىل ئوقۇدۇم، ساۋاقداشلار ئارىسىدا ئىككى ئۇيغۇر ئەدىب بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرى يازغۇچى زوردۇن سابىر، يەنە بىرى شائىر ئوسمانجان ساۋۇت ئىدى. زوردۇن سابىر ئۇيغۇرلارنىڭ داڭلىق يازغۇچىلىرىنىڭ بىرى ئىدى. ئۇنىڭ ماڭا بەرگەن تۇنجى تەسىرىدە ھاراق ئىچىشكە، ناخشا ئېيتىشقا ئامراق كۆرۈندى، ئۇخلىغاندا خورەك تارتاتتى. ئۇ ھەر قېتىم سىرتتىن بىر بوتۇلكا ھاراق، بىر بولاق يەر ياڭىقى ياكى زاكۇسكا قىلىشقا ماس كېلىدىغان قورۇمىلارنى كۆتۈرۈپ كىرگەندە، ئۇنىڭ ياتىقى ھامان بىر ئىككى سائەت جىمىپ كېتەتتى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارنىڭ ياتىقىدىن لەرزان، مۇڭلۇق ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرى ئاڭلىناتتى. ئۇنىڭ ‹‹ئابرال شاماللىرى››، ‹‹ئاتا››، ‹‹شەبنەم›› قاتارلىق رومانلىرىنىڭ ئوقۇرمەنلىرىمۇ كۆپ بولۇپ، نۇرغۇن مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەنىدى.
   ئەينى چاغدا مەن شېئىر يېزىشتىن رومان يېزىشقا ئۆتۈشكە تەرەددۇت قىلىۋاتاتتىم ھەمدە ‹‹خەلق ئەدەبىياتى››دا ‹‹ياۋا غازلار قايتىپ كەلدى››، ‹‹مىللەتلەر ئەدەبىياتى››دا ‹‹ھەي زېمىن، زېمىن …›› قاتارلىق ئەسەرلىرىم ئېلان قىلىنغانىدى. شۇنداق بولغاچقا زوردۇن سابىر بىلەن دائىم ھېكايە، رومان يېزىقچىلىقىنىڭ ئېپى ھەققىدە ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇراتتۇق. ئۇ ئىنتايىن سەمىمىيلىك بىلەن ماڭا:
   كىتابخانلار سىزنىڭ رومانىڭىزدىن پۇراقنى، رەڭنى، ھېسسىياتنى، پېرسوناژلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ئوقۇپ چىقالىشى كېرەك، — دېگەنىدى. ئۇ بىر قىسىم رومانلاردىن رازى ئەمەس ئىدى، 200-300 مىڭ خەت ئوقۇپمۇ كىتابخانلار ئۇ يەرنىڭ تەبىئىي شارائىتى، ئۆرپ-ئادىتىنى چۈشىنىپ يېتەلمەيدۇ، ھەتتا تاغ-دەريالارنىڭ قىياپىتىنى ۋە كىشىلەرنىڭ يېمەك-ئىچمەك، كىيىنىشىنى بىلگىلى بولمايدۇ. ئەسەردە ئەكس ئەتتۈرىدىغىنى ‹‹تۇرمۇشنىڭ قايتا يارىتىلىشى››. ئۇنىڭ ھېكايە، رومانلارنى چۈشىنىشى تۇرمۇشنى بىلىش ئىدى، ھەم ئاددىي ھەم تىرەن ئىدى. بۇنىڭ مېنىڭ رومان يېزىقچىلىقىمغا بولغان تەسىرى ئىنتايىن چوڭقۇر بولغان ئىدى. ھەر قېتىم بىر پارچە ئەسەر يازسام مەقسەتلىك ھالدا ئۇنىڭ ئاشۇ قىممەتلىك تەجرىبىسىنى بىر قېتىم ئەسلەپ چىقاتتىم.

   زوردۇن سابىرنىڭ نۇرغۇن خەنزۇ دوستلىرى بار ئىدى، ئىلگىرى شىنجاڭغا 16 يىل سۈرگۈن قىلىنغان يازغۇچى ۋاڭ مېڭ ئۇنىڭ بىلەن يېقىن سىرداش دوستلاردىن بولۇپ قالغانىدى. ۋاڭ مېڭ زوردۇن سابىر بىلەن بىرلىكتە ئىجادىيەت تەجرىبىسىنى ئالماشتۇراتتى، ئۇ زوردۇن سابىر ھېكايىلىرىدىكى شېئىرى تۇيغۇغا ئىنتايىن قايىل ئىدى. ئەمما بۇ تالانت ئىگىسىنىڭ ئۆمرى قىسقا بولۇپ قېلىپ، ئاران 60 يىللا ياشىيالىدى. ۋاڭ مېڭ بۇ ئۇيغۇر قەلەمكەش دوستى ئۈچۈن بىر پارچە چوڭقۇر ھېسسىياتقا تولغان بەش سۆزلۈك (بەشلىك) شېئىر يازغان ئىدى:
تەقدىر يولۇقتۇرۇپ، شۇ يىللاردا
ئۇچراشقانتۇق ئىلى كۆۋرۈكىدە.

ھازا ئاچتۇق تىلغاندى يۈرەكلەر،
ياخشى دوستلار تاشلاپ كەتكەندە.

ئۈستۈڭگە چېچىپ خۇشپۇراق گۈللەر،
ئۇزۇتۇپ قالدۇق ئوقۇپ نەزمىلەر.
تۇيۇقسىز كەلگەندە شۇم خەۋەر،
نەمدىلىپ كۆزلەر تۆكۈلدى ياشلار.
   بۇ ئۇيغۇر دوستلىرىمنى تىلغا ئالغىنىمدا ئۇيغۇرچىنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىدىغان تەرجىمانلارنى ئەسلىمەي تۇرالمايمەن. ئۇلار خەنزۇ، ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان ۋاسىتە ۋە كۆۋرۈكلەردۇر. خۇددى تەرجىمىشۇناس ۋاڭ يىجىغا ئوخشاش. ۋاڭ يىجى 1951-يىلى جياڭشىدىن بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ئىنىستۇتىغا ئوقۇشقا كىرگەن، (كېيىن شەرق تىللىرى فاكۇلتېتى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىغا يۆتكەلگەن)، ۋاڭ ئەپەندى يالغۇز ئۇيغۇرچىنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىشقا ماھىر بولۇپلا قالماستىن بەلكى خەنزۇچىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىشقىمۇ ماھىر ئىدى. ئۇرۇق، ياداڭغۇ كەلگەن ۋاڭ يىجى نۇرغۇن قېتىم بېيجىڭدىن شىنجاڭغا كېلىپ، ئىلىدىن قەشقەرغىچە بېرىپ، تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىغىچە قەدەم بېسىپ، بىر ئۆمۈر زېھنىنى ھاردىم-تالدىم دېمەي تەرجىمە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئاتاپ، ئۇيغۇر، خەنزۇلار مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنىڭ ئاتاقلىق ئەلچىلىرىدىن بولۇپ قالغانىدى. ئەكبەر غۇلاممۇ بىر مەسئۇلىيەتچانلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك مۇھەررىر بولۇپلا قالماستىن، ئۇمۇ نۇرغۇن ئۇيغۇرچە شېئىر ۋە ھېكايىلەرنى تەرجىمە قىلىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرى چوڭ ئائىلىسىنىڭ مەدەنىيىتىنى بېيىتىش ئۈچۈن پەخىرلەنگۈدەك تۆھپىلەرنى قوشقان تەرجىمىشۇناستۇر. ئۇ ‹‹مىللەتلەر ئەدەبىياتى›› ژۇرنىلىدا خىزمەت قىلغان بولغاچقا ھەر مىللەت ئەدىبلىرى بىلەن قويۇق ئالاقىگە ۋە دوستلۇققا ئىگە. ئۇ كۆپ قېتىم مېنىڭ ئەسەرلىرىمنىڭ تەھرىرلىكىنى قىلغان بولسىمۇ مېنىڭ بىر پىيالە چېيىمغىمۇ ئېغىز تېگىپ باقمىدى، ئەكسىچە مەن تاكى ھازىرغىچە ئۇنىڭ ماڭا بەرگەن كانۋاي كۆڭلەك ۋە بادام دوپپىسىنى ساقلاپ كېلىۋاتىمەن.

مەنبە: ‹‹ئەدەبىيات-سەنئەت گېزىتى››نىڭ 2010-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى سانىنىڭ 7-بېتىدىن تەرجىمە قىلىندى.

ئابدۇجاپپار ھامىدىن تەرجىمىسى

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
1241931998 + 1 0000000000000000000000000

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 1   باھا خاتىرىسى

يىگىت قەسەم ئىچمەيدۇ، يىگىتنىڭ سۆزى قەسەم~!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7254
يازما سانى: 10175
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 64095
تۆھپە نۇمۇرى: 2683
توردا: 8015 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2015-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-20 12:49:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھـــەي.... بەخىتلىك گاۋ شېن   سەن شۇنچە بەخىتلىككەنسەن . مەنمۇ ھەم نۇرغۇن كىشىلىرىمىز كۆرۈپ باقمىغان ئەزىزلىرىمىز بىلەن سەن ئەسرالىشىپسەن . ھەم دوستمۇ بوپسەن . دوسلۇقنى قەدىرلەيدىغان بۇ قەلەمكەشكە ھۆرمىتىم بولسۇن .

سۇ، ئۇز قىممىتىنى تېپىش ئۇچۇن ئانا تۇپراقنىڭ ئەڭ چاڭقاق توپىسىغا سىڭىپ كىتىشى كېرەك...!

بۇ جاھاننىڭ ئىشل

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48277
يازما سانى: 103
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4776
تۆھپە نۇمۇرى: 439
توردا: 3694 سائەت
تىزىم: 2011-7-18
ئاخىرقى: 2014-7-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-20 01:05:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەڭگۈ تاش ئەپەندىم سىز ئەسلى خۇيزۇكەنسىز دە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8600
يازما سانى: 976
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11662
تۆھپە نۇمۇرى: 1080
توردا: 4998 سائەت
تىزىم: 2010-8-31
ئاخىرقى: 2014-1-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-20 01:09:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 2قەۋەت  yusup180 كە 2011-10-20 01:05 AMئەۋەتىلدى  :
مەڭگۈ تاش ئەپەندىم سىز ئەسلى خۇيزۇكەنسىز دە




.......
ئۇنداق ئەمەس، مەن ئۇيغۇر.
تېمىغا ئىنكاس يازغاندا ئاۋۋال ياخشى ئويلىنىپ،ئاندىن توغرا يېزىڭ... بولمىسا ئۆزىڭىزگە ئاۋارىچىلىق تېپىۋالىسىز...

يىگىت قەسەم ئىچمەيدۇ، يىگىتنىڭ سۆزى قەسەم~!

؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48047
يازما سانى: 204
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6125
تۆھپە نۇمۇرى: 339
توردا: 1043 سائەت
تىزىم: 2011-7-16
ئاخىرقى: 2011-12-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-20 01:16:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىز قايسى مەڭگۈتاش ؟ بۇ مۇنبەردە ئىككى مەڭگۈتاش بارئىكەن ھە..........سىزھېلىقى نادىر تىمىللىرى بىلەن داڭ چىقارغان مەڭگۈتاش شۇمۇ يا...؟؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2253
يازما سانى: 223
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7323
تۆھپە نۇمۇرى: 359
توردا: 1817 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2015-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-20 01:35:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 4قەۋەت  adalet كە 2011-10-20 01:16 AMئەۋەتىلدى  :
سىز قايسى مەڭگۈتاش ؟ بۇ مۇنبەردە ئىككى مەڭگۈتاش بارئىكەن ھە..........سىزھېلىقى نادىر تىمىللىرى بىلەن داڭ چىقارغان مەڭگۈتاش شۇمۇ يا...؟؟  
ياق ،بۇ دىگەن بىزنىڭ دىيارىمىزدىكى «تاللانغان باشقۇرغۇچى » مەڭگۈتاش.

ئېي بۇرادەر ،سەن مېنىڭ ھەققىمدە نېمىنى ئويلىغان بولساڭ ،رەببىم شۇنى ساڭا ھەسسىلەپ بەرسۇن،ئامىن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 854
يازما سانى: 771
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11853
تۆھپە نۇمۇرى: 401
توردا: 5339 سائەت
تىزىم: 2010-5-26
ئاخىرقى: 2015-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-20 01:38:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ تۇرسىمۇ يەنە ئاپىرىپ سىز خۇيزۇكەندسىزدە دەپ يۇگىنىنى ما باللىنىڭ ئەستا .............

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43087
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3186
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2011-6-4
ئاخىرقى: 2011-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-20 04:42:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خاتالاشمايدىغان كىم با  ؟؟؟؟
  بۇدوستىمىزنى كەچۇرىۋىتەيلى   
«مەڭگۇگە تاش » سىزمۇ  مۇنبەرگە ئىنكاس يازغاندا  ئەستايىدڭل ئۇقۇپ ئاندىن يىزىڭ  
1213

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 749
يازما سانى: 959
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13600
تۆھپە نۇمۇرى: 591
توردا: 3517 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2014-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-20 05:44:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 7قەۋەت  mihrigul520 كە 2011-10-20 04:42 AMئەۋەتىلدى  :
  خاتالاشمايدىغان كىم با  ؟؟؟؟
  بۇدوستىمىزنى كەچۇرىۋىتەيلى  
«مەڭگۇگە تاش » سىزمۇ  مۇنبەرگە ئىنكاس يازغاندا  ئەستايىدڭل ئۇقۇپ ئاندىن يىزىڭ  
1213
ھا ھا  سىزمۇ خاتالاشتىڭىزمۇ قانداق ...؟؟؟  قاراپ بېقىڭ ئۈستىدىكى ۋە ئۆزىڭىزنىڭ ئنكاسلىرىغا .......... ھا ھا ھا

كامال تاپ ئۇيغۇركارخانىلىرى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7631
يازما سانى: 811
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14297
تۆھپە نۇمۇرى: 1501
توردا: 3395 سائەت
تىزىم: 2010-8-24
ئاخىرقى: 2014-8-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-20 10:15:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 2قەۋەت  yusup180 كە 2011-10-20 01:05 AMئەۋەتىلدى  :
مەڭگۈ تاش ئەپەندىم سىز ئەسلى خۇيزۇكەنسىز دە




.......
خۇيزۇنىڭ ماقالىسىنى يوللاپتۇ .ماقالىنى ياخشى بىر كۆرىۋېتىڭە

ئۈزەڭنى بىلەي دىسەڭ تارىخىڭنى ئىزدە .يۇقالماي دىسەڭ تىلىڭنى .مەدەنىيىتىڭنى قوغدا.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش