ئازاپ غەۋغاسى
م.ئې.ئەسرارى
ماڭىلا كىلەمدۇ ئازاپ دىگەنلەر،
خۇددى مەن ئازاپنىڭ دادىسىدەكلا.
باغرىمغا يامىشىپ ياتىدۇ ئۇزاق ،
مەندەك بىر دەرتمەننىڭ بالىسىدەكلا.
باشقىدىن تۇققىنى يوقمىدۇ ئۇنىڭ؟
باشقىدىن كۆڭلى توقمىدۇ ئۇنىڭ؟
نىچۈن ئۇ ماڭىلا چاپلىشىدىغاندۇ،
خۇددى بىر مەن ئۇنىڭ ئاشنىسىدەكلا.
ئولتۇرسام تۇرسام تۇتىدۇ يىغا،
ئازاپلار دەستىدىن بولدۇم ھەم سەپرا،
قەيەرگە بارسام ئازاپلار ھەمراھ ،
مەن ئاڭا تۇتاش بىر پاشنىسىدەكلا.
خۇشاللىق چىقماسكەن ئازاپلار ئىچرە،
يۇرۇقلۇق چىقىدۇ لېكىن كىچىدە،
قۇياشمۇ، ئايمۇ يوقكەن ئازاپتا،
خۇددى ئۇ قەلپنىڭ دوۋزىخىدەكلا.
ئازاپتا بەزىدە "يىغلىماس" مەن،
بەزىدە سۈكىنات "مۆرىمەس" مەن،
بەزىدە كۈلىمەن قەھقىم بىلەن،
ئۆزەمچە ئۆزەمنىڭ سارىڭىدەكلا.