مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1439|ئىنكاس: 18

مەڭگۈلۈك كىچىكىش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13872
يازما سانى: 628
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10445
تۆھپە نۇمۇرى: 660
توردا: 1361 سائەت
تىزىم: 2010-10-14
ئاخىرقى: 2015-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-20 02:04:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

(ھېكايە)

   ت.م.خەلپەمبەگ

(1)

    بۇ يىل يازدا ئارام ئېلىش ۋاقتىم چىقىپ قېلىپ، بارمىغىلى بىر يىلدىن ئاشقان كىندىك قېنىم تۈكۈلگەن ئانا يۇرتۇمغا كەلدىمدە، ئاتا-ئانام، ئۇرۇق-تۇققانلىرىم، كۆرگەن-بىلگەنلەرىم ۋە خۇلۇم-خوشنىلارىم بىلەن تىنچ-ئامان دىدارلىشىپ، تۇنجى كۈنۈمنى خوشال-خۇراملىق بىلەن ئاخىرلاشتۇردۇم.

   كەچتە ئانام ئەتكەن تاماقنى يەپلا ئۇيقۇ دۇرىسى يەۋالغاندەك كۆزلىرىمگە ئۇيقۇ ئولاشتى.

  -دادا،ئانا كۆزلىرىم يۇمۇلۇپ كېتىۋاتىدۇ، مەن ئارام ئالاي.

  -بولىدۇ بالام،- دىدى ئانام گېپىمگە قۇشۇلۇپ،-«يول ئازاۋى- گور ئازاۋىدىن يامان» دەپتىكەن، بالدىرراق ئارام ئال، ئەتە يېزىدىكى چوڭ داداڭ-چوڭ ئاناڭ ۋە باشقا تۇققانلارنى يۇقلىمىساڭ بولمايدۇ تېخى. قىزىم ئاكاڭغا دەرۋازا تۈۋىدىكى ئۆيگە ئورۇن سېلىپ بەرگىن.

   سىڭلىم بىلەن ئىككەيلەن ھويلىغا چىقتۇق، ئۇ ماڭا ئورۇن سېلىپ بەرگىلى كىرىپ كەتتى، مەن ھويلىدا تاماكا چىكىشتىن قورۇنۇپ، دەرۋازا تۈۋىگە كېلىپلا قاتقان قۇزۇقتەك تۇرۇپ قالدىم. كۆزلىرىمگە ئىشەنمەي قايتا بىر ئۇۋلىۋېتىپ قارىدىم. يەنىلا باياتىنقى كۆرۈنۈش،نېرىراقتىكى كۇچا چىراقلىرىنىڭ غۇۋا نۇرىدا كۈزۈمگە كۈرىنگىنى ئادىمىزاتمۇ، جىن-ئالۋاستىمۇ بىلگىلى بولمايدىغان بىر مەخلۇق، ئۇققىلى بولمايدىغان بىر نىمىلەرنى دەپ، ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ۋاتىلداپ ئولتۇرۇپتۇ. شۇ ھامان كىچىك ۋاقتىمدا يېزىدىكى چوڭ دادام-چوڭ ئانامنىڭ ئۆيىگە بارغانلىرىمدا سۆزلەپ بىرىدىغان چۆچەك، رىۋايەتلەردىكى ئاجايىپ-غارايىپ ۋەقەلەر دۇنياسى، ئالەمشۇمۇل كۈچلۈك پالىۋانلار، يەتتە باشلىق يەلماۋۇز، دىۋە، ئەجدىرھالارنىڭ تۇيۇقسىز پەيدا بولىدىغانلىقى، جىن- ئالۋاستىلار،  شەيتانلار پاق-پاق جىگدە، كوڭتەي سۆگەت، دونەي توغراق، ئەسكى تاملارنىڭ يۇچىقىدىن چىقىپ، ئىنسانلارغا زىيانكەشلىك قىلىدىغانلىقى يادىمغا يەتتى، شۇنداق قارىسام ئۇمۇ دەل بىز كىچىكىمىزدىن باشلاپ تەڭتۇشلار «جىن بار» دەپ يېقىن يولىمايدىغان  كۇچىنىڭ نېرىراقىدىكى پاق-پاق جىگدە تۈۋىدە ئولتۇرماسمۇ تىنىم شۈركىنىپ سوغۇق تەر باستىدە،مېڭىپ كىردىممۇ، ئۇچۇپمۇ ئۆزەممۇ بىلمەي ئۆيگە كىرىپ قاپتىمەن.  

   - نىمە بولدۇڭ ئاكا!- دىدى سىڭلىم ماڭا ھەيرانلىق نەزىرى بىلەن تىكىلىپ،-  چىرايىڭ تامدەك تاتىرىپ كېتىپتىغۇ؟

   -تالادا بىرسى سۆزلىنىپ ئولتۇرۇپتىكەن، كۆرۈپلا تاسلا قالدىم كەينىمگە تىرىڭڭىدە ئۆرۈلۈپ چۈشكىلى - مەن جان قالمىغان پۇت-قولۇمنى ئوڭشىۋېلىش ئۈچۈن كارۋاتقا ئۆزەمنى ئاتتىم.

-ھە... مۇنداق دىگىن!- دىدى سىڭلىم خاتىرجەم  بولۇپ،- قورقما، ئۇ مەدەنىيەت كۇچىسىدىكى دانى ھاجىمنىڭ ئارزۇلۇق قىزى ئارزى ساراڭ.

سىڭلىم ئۆيدىن چىقىپ كەتتى، لىكىن ئوي- خىيالىم قانداقتۇر بىر چىگىش خىياللار بىلەن بەنت بولۇپ،كۆزلىرىمنى ئامبۇردەك قىسىۋاتقان ئۇيقۇ نەلەرگىدۇ قاچتى.

ئوي-خىيالىمدا يەنىلا سىڭلىمنىڭ «مەدىنيەت كوچىسىدىكى دانى ھاجىمنىڭ ئارزۇلۇق قىزى ئارزى ساراڭ» دىگەن سۆزى تەڭشەلمىگەن تېلۋۇزۇرنىڭ ئىكرانىدەك لەپىلدەپ تەكرار-تەكرار ئۆتمەكتە. سىرتتىن ساراڭنىڭ سۆزلىنىشلىرى يۈرىكىمنى، پۈتۈن تەنلىرىمنى شۈركەندۈرمەكتە.

«شۇمۇ يا...!؟ ياق، ھەرگىز ئۇ ئەمەس، ئۇ ناھىيە ئىچىدىكى ھەممىدىن باي دانى ھاجىمنىڭ ئارزۇلۇق قىزى ئارزىگۈل. ئۇ مەكتىپىمىزدىكى توققۇز گۈلنىڭ بىرى، مۇھاببەت داستانلىرىدا تەسۋىرلەنگەن ئاي يۈزلۈك، شىرىن سۆزلۈك، گۈل ھىدلىق، ئاق ياقۇت بەدەنلىك بىر ساھىپجامال...!»

بىز تولۇق ئوتتۇردا بىر سىنىپتا، بىر پارتىدا ئولتۇراتتۇق. مەقسەت-مۇددائىمىز بىر يەردىن چىقاتتى. سۆزلەشسەك سۆزىمىز تۈگىمەيتى. ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئۈچ نومۇر كام ئېلىپ قېلىپ ئۈتەلمىدى. مەن ئالى مەكتەپكە كېتىپ تۇنجى يىلى قىشلىق ۋە يازلىق تەتىللەردە كۆرۈشكەنچە كۆرۈشۈش مۇمكىنچىلىكى بولمىدى، مانا دەل يەتتە يىل بوپتۇ. «ئاھ خۇدا، ھەرگىز ئۇ بولمىغىدى!»

سىرتىن «ساراڭ»نىڭ سۆزلىنىشلىرى ئاڭلانماقتا. قەھىرتان سوغدا قالغان ئادەمدەك بەدەنلىرىمگە تىتىرەك ئولاشماقتا. تاماكىدىن بىر تال تۇتاشتۇرۇپ، ئۈنئالغۇنى بوش ئاۋازدا قۇيۇۋېتىپ ئورنۇمغا كىرىپ ياتتىم.

ئەتىگەندە ئورنۇمدىن تۇرۇپلا قۇلىقىمغا تۇنجى ئاڭلانغىنى يەنە «ساراڭ» نىڭ ئاۋازى بولدى. مەن كىيىم-كېچەكلىرىمنى كىيىپ ھۆيلىغا چىقتىم ۋە دەرۋازىنى قىيا ئېچىپ ئۇنى كۈزەتتىم.

بېشىغا ھەر خىل، ھەر رەڭدىكى لاتىلارنى قوش-قوشلاپ سەللىدەك يۆگىۋالغان، ھەر خىل رەڭدىكى رەختلەرنى يىرتقانمۇ، ياكى ماشىنچىنىڭ تاشلىۋەتكەن پۇرۇچ لاتىلىرىنى يىغقانمۇ ئەيتاۋۇر پۈتۈن چېچىغا توغۇرلاپ، ئۇزارتىپ چىگكەن، ئەسلى ئۆڭىنى يوقاتقان، ئىنى ئەنلىك گۈللۈك رەخنى خالتىدەكلا تىكىپ، ئىككى قولى، بېشى كىلىدىغان ئورۇننى تىشىپ ئۇزۇن كوڭلەك قىلىپ كىيىۋالغان، كوڭلەكنىڭ ئىچىگە ئوزۇم-قىسقا، كونا-يېڭى قات-قات كونا- يېڭى كىيىملەرنى كىيىۋالغان، چاچلىرى بىرنەچچە ئايدىن، بىر قانچە يىلدىن بېرى نە تاغاق، نە سۈزگۈچ، نە بىرەر قاپاق سۇ كۆرمىگەچكىمۇ چىگلەكلىشىپ، تىگى-تىگىدىن توپا ئۆرلەپ، توپا-ئەخلەت دۆۋىسىگە ھازىرلا بېشىنى، پۈتۈن بەدىنىنى تىقىپ چىققاندەك كۆرۈندىغان، يۈزلىرىمۇ بىرنەچچە ئاي، بىرنەچچە يىللاردىن بېرى بىرەر نوگوي سۇ كۆرمىگەچكىمۇ يۈزلىرىدىكى قاسماقلار قاشاڭ باغلاپ، ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئايلاندۇردىغان، نۇرسىز، خۇنۈك كۆزلىرىنىڭ بۇرۇنقى جىن چىراقتەك پىلدىرلىشىدىنلا ئۇنىڭ تىرىك بىر ئادەم ئىكەنلىكىدىن دىرەك بىرىدىغان، قولىدا بىر بوخچا، بوغچىغا بىر قۇرچاقنى زاكىلۋالغان، پات-پات زاكىدىكى «بوۋاق»نى ئەللەي ئىتىپ، يۈز-كۆزلىرىگە مىڭ ئانىنىڭ ئالەمچە مىھرى-مۇھاببىتى بىلەن چوكىلداپ سۆيۈپ، ھازىرلا بىرسى قولىدىن يولۇپ ئېلىپ كىتىدىغاندەك باغرىغا باسقان ھالدا ئولتۇراتتى.

توۋا! دەپ ياقامنى تۇتتۇم. بىر ئوت چوققامدىن كىرىپ تاپىنىمدىن چىقتى. كۆڭلۈم ئاجايىپ بىر غەشلىك ئىچىدە ئۆيگە كىردىم، پۈتۈن جىسمىمنى غايەت بىر چوڭ تاش بېسىپ، يۈرەك باغرىمنى پارە-پارە، ئۇستىخانلىرىمنى چۇل-چۇل قىلىۋەتكەندەك ئېچىنىشلىق ئاۋازدا دۈم يېتىپ بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتىم...

(2)

ئارزىگۈل شۇ يىلى ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمىگەندىن كىيىن دادىسىغا ئەگىشىپ، چارۋا بازار قوغلاپ، دادىسىنىڭ زەرگەرلىك ھۆنىرىنىڭ سودىسىدىكى غەزىنىنى باشقۇرۇپ، ئازنە بازاردىن شەنبە بازارغا قاتىراپ بىر يىلنىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنىمۇ سەزمەي قالدى. ئىككىنچى يىلى دانى ھاجىمنىڭ شىرەم تۇققانلىرىدىن بىرى بولغان «چاقىرسا ئېتى، تۇتسا سېپى بار» ناھىيە بۇيىچە ئەڭ چوڭ دوڭقۇتان بازىرنىڭ باشلىقى داۋۇت قادىرنىڭ ئوغلى، بازارلىق پارتكومنىڭ شوپۇرى دىلمۇرات بىلەن، ناھىيە بازىرىنى زىل-زىلگە سالغۇدەك كاتتا توي-مەرىكىلەرنى قىلىپ بىر تەكيىگە باش قويدى.

بازار باشلىقى داۋۇت قادىر كىلىنىنى ئۆيگە ئەكىرىپ بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە دانى ھاجىمنىڭ ئالدىدا بەرگەن ۋەدىسىگە ئاساسەن ئارزىگۈلنى «بىر تىنىقى» بىلەن ئاسانلا ئۆز يېزىسىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت ئىشخانىسىغا ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۋالدى. دانى ھاجىم ۋە ئايالى ئۆز قىزىنى كادىر قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ بەرگەن بازار باشلىقىدىن  مىڭ مەرتىۋە رازى بولۇشسا، بازار باشلىقىنىڭمۇ دانى ھاجىم ئالدىدا ئۆز كارامىتىنى بىر تىنىق بىلەن كۆرسەتكەنلىكىدىن كىرىلىپ يۈردى.  ئىككىنچى يىلى ئارزىگۈل دۇختۇرخانىدا چوڭ ئوپراتسىيە بىلەن بىر پاخلاندەك ئوغۇل بوۋاققا ئانا بولدى. بۇ قۇدىلار دوختۇرخانىدىكى ئوپراتسىيىنى ھېساپقا ئالمىغاندا شۇنداق خوشال بولۇشۇپ كەتتىكى، يۈرىكى يېرىلىپ كەتمىدىيۇ،ئەمما ئۇنىڭ بېرىسى بولۇپ گۈل- قەھقەھلىرى ئېچىلىپ، ئېغىزلىرى كاككۇكتەك قولاقلىرىغا يەتىشتى. چۈنكى دانى ھاجىم ئەر-ئايال بىر ئۆمۈر ئاللاھدىن بىر ئوغۇل پەرزەنت بىرىشنى كېچە-كۈندۈزلەپ، نامازلىرىدا مىڭ بىر تىلەپ، ئارزۇ-ئارمانلىرىغا يىتەلمىگەن بولسىمۇ، ئۆزلىرى تىلىگەن تىلەكنىڭ ئۆز قىزى ئارقىلىق ئاپىرىدە بولغانلىقىدىن مىڭ مەرتىۋە رازى بولۇشسا، بازار باشلىقى ۋە ئۇنىڭ ئايالىنىڭ تۇنجى نەۋرىسىنىڭ ئوماققىنە ئالتۇندەك بىر پاقلان ئوغۇل بولغانلىقىدىن ئىدى. ھەممىدىن مۇھىمى بۇ ئىككى چىشى قۇدىلار تويلۇق سېلىش، ئېلىش ۋە توي جەريانىدىكى تۈرلۈك ئالدىغا چىقىشلاردا كۆڭۈلىدىكىدەك ئىش بولماي قالغانلاردا جانان چىنىگە دەز كەتكەندەك تويدىن كىيىنكى نۇرغۇن چارقىرىشلاردا بىر بىرسىگە دىمىقىدا مىلتىق ئېيتىشىپ، قارا مۇقنىڭ قاسراقىدەك گۇناھلارنى بىر-بىرىگە ئارتىشىپ مەندە قانچىلىك بار دىمەي، بۈگۈنكى ئىرى باشلىق بولسا ئايالىنىڭ ئىززەت- ھۆرمىتى ئاشىدىغان، ئىرى باي بولسا ئايالىنىڭ يۈز- ئابرۇيى چوڭ بولىدىغان بۇ جاھاندا «مەن بازار باشلىقىنىڭ ئايالى»، «مەن ناھىيىدىكى داڭلىق باي، زەگەر دانى ھاجىمنىڭ ئايالى» دىيىشىپ، «مەن قۇڭامنى ياراتماي بۇسۇرۇپ ئولتۇرىمەن، قۇڭام مىنى ياراتماي ئۇسۇرۇپ ئولتۇرىدۇ» دىگەندەك يۈرگەن بۇ قۇدىلارنىڭ ئارىسىغا، بۇ بىر نەۋرە بىلەن قىل سىغمىغىدەك ئىجىللىق ئۇرۇقى چېچىلدى.

«بالىلىق ئۆي بازار،بالىسىز ئۆي مازار»دىگەندەك،  بۇ نەۋرىنىڭ قاش- قاپىقىغا، قۇچقاچتەك ۋىچىرلاپ سۆزلىگەن چۈچۈك تىللىرىغا، ئۆردەكتەك ئىغاڭلاپ مېڭىشىغا زۇق بىلەن قاراپ، ئىچى-ئىچىدىن كۆيۈپ-پىشىپ يۈرۈپ، ھايتنى ھۇيت دەپ بولغىچە بالىمۇ 17ئايلىق بولدى.

شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە بازار باشلىقىنىڭ ئىككىنچى پەرزەنتى دىلخۇمارنىڭ تويى بىكىتىلدى.

                                 (3)

بۈگۈن ھاۋا شۇنداق ئوچۇق بولۇپ كۆكتە قاغىنىڭ قانىتىچىلىك بۇلۇت كۆرۈنمەيتى. بازار باشلىقىنىڭ ھويلىسى چوڭ بازاردەك قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن بولۇپ، ھەممە ئادەم ئۆز ئىشلىرىغا ئالدىرايتى. بازار باشلىقىنىڭ باغ ئورنى يېرىگە ئېسىلغان ئىككى داش قازاندا گۆش قاينىماقتا، پولونىڭ مەزىلىك ھىدى مەھەلىنى بىر ئالغان بولۇپ، بىر داش قازاندىكى پولونىڭ تەييار بولىدىغىنىغا ئاز قالغاندى. توي نەزمىسى ئۈچۈن چېلىنۋاتقان ناغرا-سونايلار ھويلىنى، بازارنى، پۈتكۈل ئالەمنى بىر ئالماقتا.

تويغا ئىشلەيدىغان ئادەملەر كۆپ بولغاچقا  تەييارلىقلار بىر-بىرلەپ ئاخىرلاشماقتا. 50 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان يۈزلىرى يەرلىك خورازنىڭ تاجىسىدەك قىزارغان، شاپ بۇرىتىنى تولغاپ ئۈستۈنگە قايرىپ قۇلىقىغا تاقاپ قويغان، سىمىزلىكتىن كېلەڭسىزلىشىپ كەتكەن، قورساق، يۈز تېرىلىرى چىڭقالسىلا يىرتىلىپ كىتىدىغاندەك كۆرۈندىغان، يۈزلىرى، بويۇنلىرىدىن ئېقىپ تۇرغان تەرنى كۆڭلىكىنىڭ ياقىسىنىڭ ئىچىگە قىلىپ، بوينىغا يۆگىۋالغان لۈڭگىسىدە سۈرتۈپ تۇردىغان ئاشپەز قۇدا تەرەپتىن كەلگەن مىھمانلار ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلانغان ئىككى داش قازاندىكى پاقلان  قوينىڭ گۆشلىرىنى سۈزۈپ، سۆڭەك چۇلچۇقلىرى ۋە كۈۋۈكلەرنى ئېلىۋېتىپ، يەنە بىر قازانغا لىقلىدى. ئاندىن ئىككى شاگىرتقا قاراپ بۇيرۇق ئاۋازدا:

-سادىق سەن تاڭمىيەنگە لازىملىق پەمىدۇر، قىزىل مۇش، غول پىياز، كالىنىڭ بېغىرى ۋە باشقا تۇغرامچىلارنى توغراپ ماۋۇ داش قازاندىكى شورپىنى تاڭمىيەننىڭ تېڭىغا تەييارلا،-سىمىز ئاشپەز يەنە بىر شاگىرتىغا قاراپ،- داۋۇت سەن ئازراق ئوتۇن ئەكىلىپ شورپىنى تازا بىر قاينات، ھىلى ئالدىراپ قالمايلى، ھەممىنى تەييار قىلىۋېلىپ  بىزمۇ ھىلى توينىڭ تاماششالىرىدىن ھۇزۇر ئالمىساق بولماس !

ھەر ئىككى شاگىرت خان ئالدىدىكى گۇناھكاردەك «ماقۇل» دىيىشىپ ئۆز ئىشلىرىغا تۇتۇش قىلىشتى.

شۇ ئارىدا قازان بېشىغا كەلگەن ئارزىگۈل، ئوغلى دىليارنىڭ تايتاڭلاپ قازان بېشىدا يۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ، جان ئىمانى چىقتى -دە، كىيىم- كىچەكلىرىدىكى توپا- چاڭنى قېقىشتۇرۇپ، ئوغلىنى باغرىغا بېسىپ، نېرىراقتا ھەمدەم خىيال تۇرغان بالا باققۇچى قىزغا كايىشقا باشلىدى:

- نىمە مۈشۈكتەك تىمىسقىلاپ يۈرۈيسىز بۇ يەردە، بالىغا قاراڭ دىسەم سىز ئۇ  يەردە، بالا قازان بېشىدا يۈرۈپتا؟ مەن سىزگە ‹سىز نەگە بارسىڭىز بالىنى يۆتىلەپ، ياكى كۆتۈرۈپ بالا بىلەن بىللە يۈرۈڭ، بۈگۈن ماشىنا- تەرەكتۇر، ھارۋا- موتو كۆپ، بىرەر ئىشقا يولۇقۇپ قالمىسۇن- يەنە› دىگەن گەپنى نەچچە رەت دىدىم؟

-ئادەمنىڭ گېپىگە ئۇنىمايدىكەن شۇ- دىدى ئۇ قىزمۇ دومسۇيۇپ.

-قاراڭ ئۇكام،-دىدى ئارزىگۈل قۇچىقىدىكى ئوغلى دىليارنى بالا باققۇچى قىزغا تۇتقۇزۇپ تۇرۇپ،- بۇ بالىنى بۇ يەردە تۇرۇڭ دىسە، تۇردىغان، مېڭىڭ دىسە ماڭىدىغان ئىش بولسا سىزنىڭ ئايلىقىڭىزغا 350 يۈەن پۇل بىرىپ، قورسىقىڭىزنى بېقىپ، كىيىم-كىچەك ئېلىپ بىرىپ، سىزگە باقتۇرۋالمىساممۇ، ئۆزەم ماڭ  دەپ ماڭدۇرۇپ، تۇر دەپ تۇرغۇزۇپ يۈرىۋىرەتتىم.

-قىزىم،-دىدى ئارزىگۈلنىڭ ئانىسى،-سىز قىلدىغان ئىشنى مەن قىلساممۇ قىلاي، ئادەم، ھارۋا-تەرەكتۇر، ماشىنا-موتو بەك كۆپ، بالىغا پەخەسرەك يۈرەيلى، بۇ بالا باققۇچىڭىزمۇ بەك كىچىككەن، مەن سەل ئەنسىرەپ قالدىم.

-قىزىم ئارزىگۈل!-دەپ توۋلىدى شۇ ئەسنادا دەرۋازا تۈۋىدە تۇرغان بازار باشلىقى، سىرتتا پەقەتلا ئارزىگۈلنىڭ بىكار تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ،- چاپسان ئۆيدىكىلەرگە ئېيتىڭ، ئوغۇل تەرەپتىكىلەر كەپتۇ، داستىخاننى ئالغىلى چىقسۇن، ئۈنئالغۇغا ئۇسۇل لىنتىسىنى سېلىۋەتسۇن، چاپسان ھە!

بازار باشلىقىنىڭ ھويلىسى بىردەمدىلا قايناق بازاردەك ئوپۇل-تۇپۇل بولۇپ كەتتى. ھەممە ئادەم ئۆز ئىشلىرىغا ئالدىرايتى، قىز ئىگىسىنىڭ ئۆيىدىكى مەرىكە بىلەن ئوغۇل ئىگىسىنىڭ ئۆيىدىكى مەرىكىنى ئېلىۋاتقان سىنئالغۇ بىلەن رەسىم ئاپىراتى بىر نوقتىغا مەركەزلەشتى. قىز ۋە  ئوغۇل ھەر ئىككىلا تەرەپتىكى توي قوشقۇچى ياشلار ئۇسۇلغا چۈشتى. ئوغۇللار قوللىرىدىن قاس چىقىرىپ شوخلۇق بىلەن  قىزلارغا كۆز تاشلاپ، قىزلار بولسا ئۇياتچانلىق ۋە ناز كەرىشمىلىرى بىلەن ئويناۋاتقان ئۇسۇل بۇ توي قۇشۇش سورىنىنى چاڭ كەلتۈرگەن ئىدى.

كېلەڭسىز ئاشپەز ئۇستام بىلەن ئىككى شاگىرتمۇ شادا ئورۇندۇقنى تام توسمىنىڭ تۈۋىگە قويۇپ بۇ كارامەتلەردىن ھۇزۇرلىنىۋاتاتتى. پەقەت دىليارلا بۇ قىزىق نوقتىغا پەرۋاسىزلا قايناپ تۇرغان قازاننىڭ قېشىغا كەلدى. بۇ داش قازاننى ئاسقان ئۇچاقمۇ يەرنى كولاپ، بىرەر تالدىن خام كىسەك قۇيۇپلا ياسالغان ئۇچاق بولۇپ، يەر يۈزىدىن 30 سانتىمىتىرلارچە ئىگىزلىكتە كىلەتتى. بالا بۇلدۇقلاپ  قايناۋاتقان شورپىغا قىزىقتىمۇ ۋە ياكى ئۇنىڭ بۇلاقتەك بۇلدۇقلىشىدىن ھەيران قالدىمۇ، قولىدىكى باش مالتاقتەك تاياقنى داش قازاننىڭ قىرغىقىغا نىقتاشقا باشلىدى، تاياق بىر يەرگە تاقاشتىمۇ ئەيتاۋۋۇر كۈچەپ بىر نىقتىدى، تاياق بىراقلا سىيرىلىپ كېتىپ، دىليار سەنتۈرلۈپ قايناۋاتقان داش قازاندىكى شورپىغا بىرسى ئىتتىرۋەتكەندەكلا چۈشۈپ كەتتىدە، زىمىننى لەرزىگە سالغۇدەك ئېچىنىشلىق چىقىراش ھويلىدىكى كىشىلەرنى قاتتىق ساراسىمگە سېلىۋەتتى. بىرەر پىشكەلچىلىكنىڭ يۈز بىرىپ قېلىشىدىن ۋايىم يەپ، كۆڭلى تۇيۇپ تۇرغان ئارزىگۈلنىڭ يۈرىكى بۇ ئاۋازدىن «قارت»لا قىلىپ، قولىدىكى مىھمانلاردىن ئەمدىلا ئېلىپ تۇرغان داستىخان ۋە لىگەنلەر يەرگە تاراڭلاپ چۈشۈپ كەتتى. ئۇ شۇ ھامان ئىسىنى يىغىپ، ئەتراپقا سەپ سېلىپ دىليارنى ۋە بالا باققۇچى قىزنى ئىزدىدىيۇ، قورقۇنۇشتىن چۈچىگەن كۆزلىرى يۈرەك پارىسى ھەم روھ-تىنىنىڭ بىر قىسمى بولغان ئوماق ئوغلىنى ئۇچرىتىشقا زىنھار قادىر بولالمىدى. ئۇنىڭ ھەر تەرەپكە ئېتىلىپ بېرىپ ئوغلىنى ئىزدەشكە پىداكار بولۇپ تۇرغان قەدەملىرى چاقماق تىزلىكىدە داش قازان يېنىغا توپلىشىپ دات-پەرياتلىنۋاتقان بىر قانچە كىشىلەر يېنىغا ئۇچتى... ئەپسۇس، مىڭ ئەپسۇس!!! ئۇ كىچىككەن ئىدى، كىچىككەندىمۇ، ئەبەدىيلىك ئازاپ يالقۇنىدا، پۈتمەس ھەسرەت-نادامەت گۈلخانىدا كۆيۈپ كۈل بولۇپ كىچىككەن ئىدى. ئاشۇ سەل قارالغان كىچىككىنە بىخۇتلۇقتىن مەڭگۈلۈك داۋا تاپماس داغدا قالغان ئىدىكى، بۇ داغنى ھىچقانداق نەرسە، ھىچقانداق تەسەللى ۋە ھىچقانداق قۇدىرەتلىك ئىلاھى كۈچمۇ يوقۇتالمايتى...

دىليارنى شورپىدىن سۈزۈپ ئېلىپ نېرىدىكى ئورۇندۇق ئۈستىگە قويىۋاتقان ھېلىقى كەلەڭسىز ئاشپەزنىڭ كۆزلىرى تارتىشىپ قالغان، 365 كۈننىڭ ھەممىسىدە قانسىراتمىغان ئۆپكىدەك تۇرىدىغان قىزىل يۈزلىرى، يەتتە باشلىق يەلماۋۇز ھازىرلا پۈتۈن قېنىنى شوراپ بولغاندەك تاتىرىپ، بەزگەكتەك غال-غال تىتىرەپ كىچىك بالىنىڭكىدەك ئۆمچەيگەن ئاغزى گەپكىمۇ كەلمەي قالغان ئىدى. چۈنكى بالىنىڭ بويۇن ۋە يۈز قىسىم تېرىلىرى مايلانغان توخۇ گۆشىدەك ساغۇچ رەڭڭە كىرىپ، پاختىسى تىتىلىپ كەتكەن چاپاندەك سويۇلۇپ تارام-تارام ساڭگىلاپ قالغان، ئاستىدىكى قىزغۇچ گۆشلىرى ئۇ يەر-بۇ يەردىن كىشىنىڭ يۈرىكىگە قىززىق زىخنى سانجىغاندەك شۈركەندۈرۈپ، مانا مەن دەپ كۆرۈنۈپ قالغان بولۇپ بىرەر تىنىق، بىرەر نەپەستىن ئەسەرمۇ قالمىغان ئىدى.

بۇ پاجەلىك ھالەتتىن ئۆز كۆزلىرىگە ئىشەنمەي قالغان ئارزىگۈل داڭ قېتىپ قالدى-دە، تۇساتتىن ئېچىنىشلىق پەرياتلىنىپ بالىنىڭ ئۈستىگە تاشلاندى... يەرنى مۇشتلاپ، چاچلىرىنى يۇلۇپ ھۆڭرەپ يىغلاۋاتقان ئارزىگۈلنى كىشىلەر ھەرقانچە كۈچەپمۇ بالىدىن ئاجىرتالمىدى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ تەن ۋە روھى سەبىيلىكتىن ھالقىماي تۇرۇپلا 11 دوۋزاقنىڭ ئازابىنى بىر يولىلا تارتىپ ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلغان بالىسى بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ كەتكەندى. ئۇنىڭ پەريادى، نالە-زارى توي مەئىشەتلىرىنى ھازىغا ئايلاندۇرۇپ، بەخىتنى بەخىتسىزلىككە، شاتلىقنى ئازاپقا كۆمۈپ، نەچچە يۈزلىگەن خوش چىرايلارنى مۇسىبەت دېڭىزىغا چۆكتۈرگەن، يۈرەك-باغرىنى تىلغاپ لەختە-لەختە قان قىلۋەتكەندى.

-ئاھ، جىگىرىم! يۈرەك پارەم!!!- ئارزىگۈل ئاستا شىۋىرلاپ ھۇشىدىن كەتتى. كىشىلەر كۆزنى يومۇپ-ئاچقىچە بولغان ئارلىقتا يۈز بەرگەن بۇ پاجەدىن ساراسىمگە چۈشكەن ۋە گاڭگىراپ قېلىشقان بولۇپ، خۇددى ھېلىلا روھى تېنىدىن سۇغۇرلۇپ چىقىپ كېتىدىغاندەك ۋەھىمىلىك ھالەتكە چۆككەن ئىدى. ئۇلار ئارزىگۈلنىڭ قاچانلاردا ھۇشىغا كىلىپ: «ئاھ تەڭرىم، بالامنى قايتۇرۇپ بەر، قايتۇرۇپ بەر...!!!؟» دىگىنىچە ئاچچىق نىدا بىلەن ئالدىغا ئۇچۇرغانلىكى ئادەمنىڭ ياقىسىدىن ئېلىپ ھۆڭرەشلىرىنى سەزمىگەندەك قېتىپ قېلىشقان، ئۇنىڭغا نە تەسەللى بىرىشنى، كۆڭلى سۇ ئىچىدىغان بىرەر چارە تېپىشنى ئاڭقىرالماي قېلىشقان ئىدى. ئارزىگۈل ئۆزىگە كەلگەن بۇ تەتىر قىسمەتتىن ئىسىنى يوقاتقاندەك قىلاتتى، ئالدىغا ئۇچۇرغانلىكى ئادەملەرنى، دەرەخلەرنى جان-جەھلى بىلەن مۇشتلايتى، چاچلىرىنى بۈركۈتتەك قاماللاپ يۇلاتتتى، ئۆزىنى گۆلۆپشىتىپ ھەر تەرەپكە ئاتاتتى، ئۇراتتى. يەنە ئورنىدىن تۇرۇپ بايىقى سۆزنى تەكرارلاپ ھۆڭرەپ يىغلايتى، تۇرۇپلا ئاچچىق قاقاھلاپ كۈلەتتى. شۇ تاپنىڭ ئۆزىدە ھىچكىم ئۇنىڭغا ياردەم قىلالمايتى، ئۇ ئۇشتۇمتۇت كەلگەن بۇ شورى قۇرغۇر تەتىر قىسمەتتىن ئىسىنى تامام يوقاتقان بولۇپ دۇنيا، ھاياتلىق، تەقدىر دىگەنلەرگە غايەت نەپىرەت بىلەن قاراپ، چىشلىرى ئارىسىدا قارسىلدىتىپ چايناپ كېتىۋاتاتتى، ئۇنىڭ نەگە بېرىپ، نەدە تۇرىشىنى ھىچكىم بىلمەيتى، بەلكىم ئۇلارمۇ بۇ مۇسىبەتتىن شۇنداق نەپرەتلىك تاشقىنغا مۇپتۇللا بولغاندۇ، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزلىرىگە ئامانەت بەرگەن جانلىرىدىن گومانسىراپ قالغاندۇ ۋە ياكى ئۇنىڭ ئۆز بەندىلىرىگە قاراملىق بىلەن چاقچاق قىلىپ زار قاخشىتىشىدىن، ئەبىدە نادامەتكە سېلىشىدىن مىڭ ئەپسۇسلىنىپ، تۆۋە- ئىستىقبار ئېيتىشۋاتقاندۇ، ئەمما بۇنىڭغا ھىچكىم ئېنىق بىر نەرسە دىيىشكە زىنھار قادىر ئەمەس ئىدى...

                              (4)

شۇ كۈنىدىكى ۋەقەدىن كىيىن دانى ھاجىمنىڭ مىڭڭىسىگە قان چۈشۈپ دوختۇرخانىغا تەستە ئۈلگىرىپتۇ، ئارزىگۈلنىمۇ دوختۇرلار ئىسىنى يوقۇتۇپتۇ، ئۇزۇن مۇددەت ياخشى داۋالانمىسا بولمايدۇ، دىگىنىدىن كىيىن بازار باشلىقىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بۇ قۇدىلاردىن، ئوغلى دىلمۇرات ئارزىگۈلدىن پىشىنى تارتىپتۇ، بار ئاۋارىچىلىق بىچارە ئارزىگۈلنىڭ ئانىسىغا بوپتۇ، دانى ھاجىمنىڭ ئايىقىنى ئادالاش، قىزى ۋە ئىرىنىڭ دارا-دەرمەكلىرىنى، تاماقلىرىنى تەييارلاپ يىگۈزۈش، ئۆينىڭ ئۇشاق-چۈشەك ئىشلىرى، قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئانىنىڭ زىممىسىگە يۈكلىنىپ، ئۆي بىلەن دوختۇرخانا ئارلىقىدا يۈگرەپ يۈرۈپ ئانىمۇ ئېغىر چارچاشتىن يىقىلىپ چۈشۈپتۇ، ھەمدە ئالتە ئايغا بارمىغان ۋاقىت ئىچىدە دانى ھاجىم ۋە دانى ھاجىمنىڭ ئايالى دىيىشىپ قويغاندەك بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئۇ ئالەمگە سەپەر قىپتۇ، ئارزىگۈل شۇ ۋاقىتلاردا خېلى ئىسىگە كەلگەن بولۇپ، بۇ كەينى كەينىدىن كەلگەن زەربىلەردە يەنە ئىسىنى يوقۇتۇپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا قارايدىغان ئادەم بولمىغاچقا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار دىيىشىپ بازارلىق سانتۇريەگە نەچچە رەت ئاپىرىپ بەرگەن بوسىمۇ ئۇ يەردىن قېچىپ چىقىپ، بېشى قايغان، پۇتى تايغان تەرتەپلەرگە چىقىپ كېتىپ، ئاچ-زېرىن، ئىسسىق-سوغاق يەرلەردە قېلىپ كېسىلى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ، ئاخىرى«ساراڭ» بولۇپ قاپتۇ.

*    *     *      *    *

يېقىندا ئاڭلىسام، دانى ھاجىم يىگىرمەنەچچە يىل ئىلگىرى كۇچىدا قالغان ئىگە جاقىسىز سادىق ئىسىملىك بىر ئوغۇل بالىنى ئىچ ئاغرىتىپ بالا قىلىپ بېقىۋالغان بولۇپ، ئۇ بالا ياش قورامىغا يەتكەندە دانى ھاجىم ئائىلىسىگە ئىقتىسادىي جەھەتتىن  تولا زىيان سېلىپ، ئىچىملىك، چىكىملىككە بىرىلىپ بۇ ئائىلنى خاتىرجەم قىلمىغاچقا ئاتا – بالىلىقتىن ئېغىزاكىلا كىچىشىپ نوپۇستىن ئۆچۈرمەي ئۆيدىن چىقىرۋەتكەن ئىكەن، بۇ ئائىلنىڭ ئېچىنىشلىق تىرادىگىيسى سادىققا ئامەت ئېلىپ كىلىپ، دانى ھاجىمنىڭ پۈتۈن بىساتى سادىقنىڭ ئىگدارچىلىقىغا ئۆتۈپتۇ، ئۇ تۆت زەگانى ئايلىققا سېتىۋېلىپ، ئۆزى دۇكانغا مەبلەق سېلىپ، ئىقتىسادنى تۇتىدىغان ھەمدە، مال كىرگۈزۈپ بىرىدىغانغا دىيىشىپ، «سادىق قارى زەگالىق دۇكىنى»دىن بىرنى ئېچىپ،  ساقال قويۇپ، 700 نەچچە مىڭ يۈەنلىك «ئوۋگا» ماشىنىغا چىقىپ، بۇ كىچىككىنە ناھىيە بازىرىدا كىشلەرنىڭ ئاغزىدىن چۈشمەيدىغان، مەسچىت-خانقادىن، خەير-ئىھساندىن ئايرىلمايدىغان «سەمەت قارى»غا ئايلىنىپتۇ.

*    *     *      *    *

 مەن بۇلارنى ئاڭلاپ «توۋا!» دەپ ياقامنى چىڭ چىشلىدىم. قۇلىقىمغا يەنە  «ساراڭ»نىڭ سۆزلىنىشلىرى ئاڭلانغاندەك بولدى-دە، بىر ئوت چوققامدىن كىرىپ تاپىنىمدىن چىقتى. كۆڭلۈم ئاجايىپ بىر غەشلىك ئىچىدە يېزىدىكى تۇققانلارنىڭ ئۆيىگە ماڭدىم، پۈتۈن جىسمىمنى غايەت بىر چوڭ تاش بېسىپ، يۈرەك باغرىمنى پارە-پارە، ئۇستىخانلىرىمنى چۇل-چۇل قىلىۋەتكەندەك ئېچىنىشلىق ئاۋازدا توۋلىغىم كېلەتتى، لىكىن نىمە ئامال، نە چارە؟!!!...

   ئاۋات ناھىيىلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپتىن: تۇرغۇن مىجىت

يۈرىكىمدە لىققى

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20583
يازما سانى: 2591
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 28323
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 2463 سائەت
تىزىم: 2010-12-3
ئاخىرقى: 2012-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-20 03:56:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نېمىدىگەن ئېچىنىشلىق ھېكايە بۇ.......بىچارە قىز، ئەجەب ئىچىم ئاغرىدى...... [s:162]  [s:162]

جۇدالىق دېڭىزى مېنى ئېلىپ ماڭدى، مەن ئېيىتتىم: -مېنى نەگە ئاپىرىسەن؟ ئۇ ئېيىتتى: -ئاشىقىڭنىڭ بەختى ئۈچۈن ئازاب دېڭىزىغا!...

كۆك بۆرە ئىكەنسە

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26217
يازما سانى: 574
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7236
تۆھپە نۇمۇرى: 296
توردا: 608 سائەت
تىزىم: 2011-1-14
ئاخىرقى: 2014-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-20 04:28:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمىدىگەن تەسەرلىك ھىكايە بۇ بولۇپمۇ ئۇكىچىك بالىغا بەكلان ئىچىم ئاغرىدى..............

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3170
يازما سانى: 2250
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 31346
تۆھپە نۇمۇرى: 2856
توردا: 4253 سائەت
تىزىم: 2010-7-2
ئاخىرقى: 2015-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-20 04:46:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھېكايە ۋەقەلىكى ھىقىقەتەن تەسىرلىككەن، ئادەمنىڭ يۈرەك باغرىنى ئىزىۋىتىدىكەن. ئەمما، ھېكايە تىلى تولىمۇ خام، پىرسۇناژلار خاراكتىرى تولىمۇ ئاجىز، بايانچى تىلى كېلەڭسىز چىقىپ قاپتۇ...

پۇرسەت تەييەرلىقى بار  كىشىلەرگىلا كېلىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30492
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4040
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 3 سائەت
تىزىم: 2011-2-15
ئاخىرقى: 2011-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-20 04:54:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك تەسىرلىككەن ئۇ بالگابەك ئىچىم ئاغرىدى

شۈكىرى ئاللاھ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2267
يازما سانى: 2200
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19537
تۆھپە نۇمۇرى: 360
توردا: 5364 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2015-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-20 04:57:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆڭلۈم ئەجەپ يېرىم بولدى ،
بالا باققۇچى قىز بالغا ياخشى قارغان بولسا بۇ ئىشلارمۇ يوق ،
ئارزىگۇلغا بەكلا ئىچىم ئاغرىۋاتىدۇ، بۇنداق ئارقا-ئارقىدىن كەلگەن كىلىشمەسلىككە كىممۇ بەرداشلىق بىرەلىسۇن .
  [s:151]

غىمىمىزنى ئاخىرەت قىلساق بۇ دۇنيادىكى غىمىمىزنى  ئاللاھ ئۆز ئۈستىگە ئالدۇ.

نېمىلەرنى ئويلا

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12654
يازما سانى: 3001
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15429
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 3323 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2015-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-20 05:01:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياراتقان ئىگەم ئاشۇنداق تۇيۇقسىز بالا-قازادىن ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن !

ئىنسان ئىمان بىلەن  بەخىتلىكتۇر .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 766
يازما سانى: 272
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10123
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 4058 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2015-1-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-20 05:07:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمىدىگەن ئىچىنىشلىق ۋەقە بۇ ،ئىچىم ئەجەپ ئاچچىق بولۇپ كەتتا. .....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13872
يازما سانى: 628
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10445
تۆھپە نۇمۇرى: 660
توردا: 1361 سائەت
تىزىم: 2010-10-14
ئاخىرقى: 2015-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-20 05:37:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
10 نەچچە يىل بورون بىر ئايال ساراڭ بولىدىغان،  خۇددى مىنىڭ پىرسۇناژىمغا ئوخشاش، سۈرۈشتۈرسەم، بالىسىنىڭ كۈيۈپ كەتكەنلىكى، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى، ۋاپاسىز ئېرىنىڭ تاشلاپ كېتىشى بىلەن ئاشۇنداق "ساراڭ" بولۇپ قاپتىكەن، شۇ 10نەچچە يىلدىن بىرى مۇشۇ ۋەقەلىك ككاللامدىن بىر كۈنمۇ كەتكىنى يوق، ئۇندا ئويلاپ، بۇندا ئويلاپ ئاخىرى مۇشۇ ئەرزىمەس بىر نىمىنى خاتىرلىدىم.
  ماڭا دوستلارچە مۇئامىلدە بولۇپ پىكىر بەرگەن بارلىق تورداشلارغا مىڭ تەشەككۈر!!! [s:122]  [s:122]  [s:122]

♥LOVE✿KEY♥

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29588
يازما سانى: 682
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7734
تۆھپە نۇمۇرى: 695
توردا: 634 سائەت
تىزىم: 2011-2-8
ئاخىرقى: 2014-1-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-20 06:09:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاران ئوقۇپ تۈگەتتىم ياخشى يىزىپسىزغۇئاينا

گۈل قانچىكى چىرايلىق بولسا ، بولبۇلنىڭ ھەسرەت -پىغانىمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش