قەلەم! قەلەمگە خاس ئىمانىمنى بەر،
ئەل ئۈچۈن قاينىغان ۋىجدانىمنى بەر.
قارىنى ئاق قىلىپ يازسام مۇبادا،
نۇمۇس بەكمۇ يامان زاۋالىمنى بەر.
________ئابدۇقادىر جالالىدىن.
بۇ شېىئىرنىڭ ئاپتۇرى خاتا بۇلۇپ قاپتۇ ئەگەر پىكىرىڭىز بولسا ئالاقىلىشىڭ 1445625814qq:
(يانفۇن نۇمىرىنىمۇ يېزىپ قالدۇرغان ئىكەن،بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇنى يوللىمىدم.)
بۇ مۇشۇ مۇنبەردىكى توردېشىمنىڭ ماڭا يوللىغان قىسقا ئۇچۇرى. مەن ئەزەلدىن ياقتۇرغان شېئىرلارنى ئاساسەن ئىسمىنى ئۇنتۇپ قالمايمەن. مەن
پاراڭلاشقان بولساممۇ ئەمما قايىل بولماي مۇنبەرگە يوللاشنى لايىق تاپقان ئىدۇق. |
شۇڭا ھەرقايسىڭلارنىڭ بۇ تالانتلىق قەلەمكېشىمىزنىڭ بۇ ئەمگەك مىۋىسىنى قايتا بىر ئەسكە ئېلىپ ئويلاپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىپ بۇنى يوللىدىم.
قەلەم ۋە شائىر
قەلەم ، قەلەمگە خاس ئىمانىمنى بەر ،
ئەل ئۈچۈن قاينىغان ۋىجدانىمنى بەر .
قارىنى ئاق قىلىپ يازسام مۇبادا ،
نومۇس بەكمۇ يامان ، زاۋالىمنى بەر .
چىلاپ سېنى تۈندەك قارا سىياغا ،
سىزاي چوغلۇق گۈلى دىللارغا .
ئېرىپ سەندە بوغدانىڭ ئاپئاق قارلىرى ،
ئەگىز بولۇپ ، شارقىراپ كىرسۇن تىللارغا .
قەلەم قەلەم ئەمەس ، مىسالى ئەلەم ،
ئۇنىڭ ھېكمىتىگە بويسۇنار ئالەم .
جاھان تەسۋىرىنى يورۇتۇپ ھەردەم ،
ئۆزىنى قايتىدىن ياراتتى ئادەم .
ھاكىم بىلەن دېھقان تەڭدۇر قەلەمدە ،
پادىچى ھەم دەنا ئوخشاش مۆجىزە .
پاشىنىڭ ئۆلۈمى تەڭداشسىز ماتەم ،
ھايات تەرىپىگە ئەگەر ئەرزىسە .
شائىر كۆرسە توڭلاپ تىترىگەنلەرنى ،
قىپقىزىل قېنىنى ئوت قىلىپ چاچار .
ئۆزگىلەرگە بېرىپ گۈزەل ئەركىنلىك ،
ئۆزى تۇتقۇنلۇقتا ئۆرتىنىپ ياتار .
قەلەم ، قەلەمگە خاس ئىمانىمنى بەر ،
ئەل ئۈچۈن قاينىغان ۋىجدانىمنى بەر .
قارىنى ئاق قىلىپ يازسام مۇبادا ،
نومۇس بەكمۇ يامان زاۋالىمنى بەر .
«كۆيگەن دېڭىز » دىن
ئابدۇقادىر جالالىدىن شېئىرلىرى
جان ئىچىدە
مېھمىنىم بار مېھمان ئىچىدە،
ساھىبخان مەن گۈلخان ئىچىدە.
بولسۇن دېدىم ھالىمنى ئايان،
چاينىڭ ئىچىدە، نان ئىچىدە.
مېھمىنىم بار مېھمان ئىچىدە،
ساھىبخان مەن گۈلخان ئىچىدە.
بىر تۈپ رەيھان ئۆستۈرۈپ قويدۇم،
ئەلگە پىنھان ئىمان ئىچىدە،
بىلسەڭ ئۇنى باھارىم مەڭگۈ،
تەننىڭ ئىچىدە، جان ئىچىدە.
مېھمىنىم بار مېھمان ئىچىدە،
ساھىبخان مەن گۈلخان ئىچىدە.
(1986-يىل. قەشقەر)
***********************
ھايات ۋە شائىر
(1)
بىزنى ئېلىپ ماڭار بىر كىچىك قولۋاق
دېڭىزنىڭ سۇلىرى پايانسىز ئويناق
كۆڭۈلدە بىر سادا، ئېيتىدۇ شۇنى
پەلەكتە يۇلتۇزلار بولۇپ قوڭغۇراق.
(2)
يۇلتۇزلار شائىرنىڭ قەلبىگە كۆچتى
شائىرنى ياندۇرۇپ ھەم ئۆزى ئۆچتى
پەسىللەر لېۋىدە ھەمىشە بىر ئوت
ئوت نىمە؟ ئېيتىڭلار بۇنى كىم يەشتى؟
(1996-يىلى. ئۈرۈمچى)
***********************
شەھەردىكى بالىلار
يېشىل - يېشىل ئورمانلار
نەگە كەتكەندۇ؟
ئاسمان تۇتۇق، نىمە دەرد
ئاڭا يەتكەندۇ؟
ئېگىز بىنا كەينىدىن
چىققاندا قۇياش
ئاپام بولار ئالدىراش
دادام ئالدىراش.
ئاڭلىمايمىز پۈتۈن ياز
قۇشلار سازىنى.
كۆرەلمەيمىز پاقلاننىڭ
ئوماق نازىنى.
ئۆتۈپ گۈزەل بالىلىق
بولماقتا ئادا.
تونۇمدىكىن بىزلەرنى
تەبىئەت ئانا؟
(1999 - يىلى. ئۈرۈمچى)
***********************