مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 508|ئىنكاس: 1

داڭلىق ماركا يارىتىش كارخانىنىڭ تەرەققىيا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8600
يازما سانى: 976
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11662
تۆھپە نۇمۇرى: 1080
توردا: 4998 سائەت
تىزىم: 2010-8-31
ئاخىرقى: 2014-1-26
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-23 11:53:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

داڭلىق ماركا يارىتىش كارخانىنىڭ تەرەققىياتىدا ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدۇ


ئابدۇۋەلى مەخپۇللا


   [align=justify] داڭلىق ماركا يارىتىش كارخانىنىڭ تەرەققىياتىدا ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇنى تۆۋەندىكى بىر نەچچە نۇقتىدىن چۈشىنىشكە بولىدۇ.
    بىرىنچى، داڭلىق ماركا ئىستېمالچىلارنىڭ قەلبىدە كارخانىغا نىسبەتەن بىر خىل ئىشەنچ تۇرغۇزىدۇ. ئادەتتە، ئېلان تەشۋىقاتى ۋە كارخانىغا ئالاقىدار ئاممىۋى پائالىيەتلەر كارخانا ماركىسى ۋە ئوبرازىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن ئورۇن ئېلىشىغا ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. كارخانا ماركىسى ئىستېمالچىلار قەلبىدىن ئورۇن ئالغاندىن كېيىن، شۇ كارخانا قانداق مەھسۇلات ئىشلەپ چىقارسا، بۇ مەھسۇلات بازار مۇھىتىدا بىر خىل تەبىئىي قوللاش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشىدۇ.
    ئىككىنچى، داڭلىق ماركا كارخانىنىڭ بازاردىكى ئورنىنى بەلگىلەيدۇ. ئادەتتە، كارخانا كۆپ بولسىمۇ، لېكىن، داڭلىق كارخانىلار ھامان ئاز بولىدۇ، يېتەكچى ئورۇندا تۇرىدىغان كارخانىلار تېخىمۇ ئاز بولىدۇ. كارخانىلارنىڭ بازاردا ئىگىلىگەن ئورنى ئۇلارنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشتا، بولۇپمۇ ئىستېمالچىلارنىڭ ۋە ۋاكالەتچىلەرنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. نورمال ئەھۋالدا، ئىستېمالچىلار ئېھتىياجلىق مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالغاندا، نۇرغۇن ماركا ئىچىدىن ئۆزلىرىگە تونۇشلۇق ماركىدىكى، بولۇپمۇ بازاردىكى ئىناۋىتى يۇقىرى مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالىدۇ، تېخى داڭلىق ماركا سەۋىيەسىگە يېتەلمىگەن مەھسۇلاتلارغا ئانچە ئىشەنچ قىلىپ كېتەلمەيدۇ. بۇنىڭدىن داڭلىق ماركىنىڭ كارخانىنىڭ بازار مۇھىتىدىكى ئورنىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
    ئۈچىنچى، كارخانىلار داڭلىق ماركا ياراتقاندا، ھۆكۈمەتنىڭ بەزى يۆلەش سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ. چۈنكى، مۇئەييەن رايون ئىقتىسادىدا داڭلىق كارخانىلارنىڭ بولۇشى شۇ جاينىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ۋە مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. داڭلىق ماركا قانچە كۆپ بولسا، بازار مۇھىتىنىڭ شۇنچە ياخشى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. شۇڭا جايلار، ئادەتتە، داڭلىق كارخانىلارنى قوللاش سىياسىتىنى ئاكتىپ يولغا قويىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جايلاردىكى ئالاھىدىلىككە ئىگە مەھسۇلاتلار داڭلىق كارخانىلارنىڭ كۈچى بىلەن چوڭ بازارلارغا يۈزلىنىدۇ. بۇ شۇ جاينىڭ يەرلىك مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرۇشتا، كەسىپ بازىلىرىنى شەكىللەندۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. شۇڭا، ئادەتتىكى ئەھۋالدا، جايلار داڭلىق ماركىلارنى بارلىققا كەلتۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ ھەم داڭلىق ماركىلارنى باھالاش ۋە يۆلەش سىياسەتلىرىنى يولغا قويىدۇ.
    تۆتىنچى، داڭلىق ماركا كارخانىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادىي كۈچىنى ئىپادىلەيدۇ. ئادەتتە، داڭلىق ماركىسى بار كارخانىلارنىڭ ئېلان تەشۋىقاتىغا سەرپ قىلىدىغان مەبلىغى كۆپرەك بولىدۇ، بۇنىڭغا ئاساسى ئاجىز كارخانىلار بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. ھەر يىلى نەچچە 100 مىڭ يۈەندىن نەچچە مىليون يۈەنگىچە تەشۋىقات خىراجىتىنى ئاجرىتىش كارخانىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادىي كۈچىنىڭ خېلى سەۋىيەگە يەتكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بۇنىڭدىن، مەيلى ئىستېمالچىلار ياكى ۋاكالەتچىلەر بولسۇن، بىر خىل ئېتىراپ قىلىش، كارخانا تەرەققىياتىغا قايىل بولۇش تۇيغۇسىدا بولىدۇ. دېمەك، داڭلىق ماركا يارىتىش ئۈچۈن كارخانىلار نۇرغۇن مەبلەغ سالىدۇ.
    بەشىنچى، داڭلىق ماركا مىللىي كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىدا مۇھىم ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ. بازار مۇھىتىدا پەيدا بولۇپ، تەدرىجىي زورىيىۋاتقان مىللىي كارخانىلارغا نىسبەتەن بازار ئېچىش ۋە ئۆز كەسىپ ساھەسىدە مەلۇم تەرەققىياتقا ئېرىشىش ئىنتايىن زۆرۈر. ھازىر مىللىي كارخانىلار يۈرۈش قىلغان ساھەلەردە بازار بوشلۇقى تېخى تولۇق ئېچىلمىدى، تەرەققىيات پۇرسىتى ۋە ئىمكانىيىتى ناھايىتى چوڭ. مۇشۇنداق ئەھۋالدا مىللىي كارخانىلارنىڭ تونۇلۇشى، مۇقىم بازار ۋە كەسىپ ئاساسىغا ئىگە بولۇشى ئىنتايىن مۇھىم. داڭلىق ماركا ياراتقاندا، مىللىي كارخانىلار يوشۇرۇن بازار بوشلۇقىنى چوڭقۇرلاپ ئېچىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالايدۇ، بولۇپمۇ ئاممىباب مەھسۇلاتلار بازىرىدا ئەۋزەل بازار نىسبىتىنى ئىگىلىيەلەيدۇ ھەم مۇئەييەن بازار رىقابەت ئاساسىنى تىكلىيەلەيدۇ.


(ئاپتور: شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ كاندىدات تەتقىقاتچىسى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ دوكتور ئاسپىرانت)


مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى


يىگىت قەسەم ئىچمەيدۇ، يىگىتنىڭ سۆزى قەسەم~!

نامراتلىق جىناي

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6045
يازما سانى: 405
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13328
تۆھپە نۇمۇرى: 379
توردا: 2630 سائەت
تىزىم: 2010-8-10
ئاخىرقى: 2014-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-23 03:58:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنتايىن ياخشى ئەسەركەن . ئۇيغۇر مىللىي كارخانىلىرى يوقتىن بارلىققا كېلىپ ئازدىن كۆپلۇككە قاراپ ماڭماقتا ، سودا شەكلى بۇرۇنقى ئۇ ياقتىن ئېلىپ بۇ ياققا سېتىپ ئوتتۇرلۇقتىن پايدا ئېلىشتىن ئۆز ئالدىغا شىركەت زاۋۇت قۇرۇپ تاۋار ئىشلەپچىقىرىشقا يۇزلىنىۋاتىدۇ . بۇ ئىنتايىن ياخشى ئەھۋال ،بولۇپمۇ بىر كارخانىچىنىڭ پۇت تىرەپ تۇرىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ بىر ماركىسى بولىشى كىرەك ، مەسىلەن ئەتراپىمىزدىكى< ئابلاجان نانلىرى> ،<مايگۈلى پولوسى> قاتارلىق شىركەتلەر ئەسلىدىكى بىر كىچىك تىجارەت سورىنىدىن ھازىرقى بىر يىمەك ئىچمەك ساھاسىدىكى چوڭ شىركەتكە ئايلىنىشىدا ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ مەھسۇلاتىنى تاۋار دەرىجىسىگە كۆتۈرگەنلىكى ئەڭ ھالقىلىق رول ئوينايدۇ .

ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا، كىيىكنىڭ خۇداسى يوقمىكەن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش