ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار ، مەن سىلەرگە ياخشى سوۋغات ئەكەلدىم، ئۇ بولسىمۇ تورغا ھەقسىز ھۆججەت يوللايدىغان تور بەت ئادىرسىللىرى، 7 تور بەتنىڭ ئادىرسى تەمىنلەنگەن، 100% ئىشەنچىلىك ، يوللىغان ھۆججەتنىڭ توردا تۇرۇش ۋاقتى ئۇزۇن، بىر گىگابايىتىلىق، ئىككى گىگابايىتلىق ، 3گىگابايىتلىق ، بەش گىگابايىتلىق ، 1500 گىگابايىتلىق ، تور دىسكىسى بىلەن تەمىنلەيدىغان توربەتلەر بار، بەزىللىرى ئاز بەزىللىرى كۆپ سىغىم بىرىدىغان تور بەتلەر،ھەممسىگە چۇقۇم تىزىملىتىشىڭىز كېرەك، تىزىملاتماق بەك ئاددى، بىر دانە ئېلخەت ئادىرسى بولسىلا بۇلىدۇ،بۇ تېمىنى تەييارلاش ئۈچۈن مەن بىر كۈن ۋاقتىنى زايە قىلىپ مۇشۇنداق ھەقسىز تور دىسكىللىرى بار تور بەتنى ئىزدەش بىلەن ئۆتكۈزدۈم،ئاندىن ئەڭ ئىشەنچىلىكلىرىنى تاللاپ ئۇلارنى بىر بىرلەپ سىناپ ، يەنى ھۆججەت يوللاپ، يوللىغاننى چۈشۈرۈپ بېقىپ سىناقتىن 100% ئۆتكەندىن كىيىن ،ئەڭ ياخشىسى ۋە ئىشەنچىلىكىنى تاللىدىم، بۇنىڭغا بىر كۈن ۋاقتىم كەتتى، شۇڭا ئاز بولسىمۇ بۇ تېمامنى مۇنبەر پۇلىغا ساتماقچى، باشقىلارنىڭ تېما ئىنكاسلىرىنى باھالاۋېرىپ مىنىڭ پۇلۇم ئاز قاپتۇ.
ئاپلا ھەقلىق قىلىپ تېما يوللاشنى بىلمەيدىكەنمەن، بىكارغىلا كۆرۈڭلار ،لىكىن رەھمەت دىيىشنى ئۇنتۇماڭلار ھە،
سىنا تورى بىر گىگابايىتلىق ھەقسىز ئىشەنچىلىك تور دىسكا، ئىشلەتكەنسىرى سىغىمى ئاشىدۇ، ھازىر كۆپىنچە ئۇيغۇرلار مۇشۇنى ئىشلىتىۋاتىدۇ، ئالاھىدىلىكى چۈشۈرۈش سۈرئىتى تىز،
چۇپەن تورى 3 گىگابايىتلىق ھەقسىز تور دىسكىسى 100% ئىشەنچىلىك، ئالاھىدىلىكى يوللىغان نەرسىڭىز ھەرگىز يوقاپ كەتمەيدۇ، ئىشلەتكەنسىرى سىغىمى ئاشىدۇ
ئوپېن تورى . 5گىگابايىتلىق تور دىسكا ھەقسىز، ئىشەنچىلىك، بۇ توربەتكە ماتىريال يوللاش ئۈچۈن مەخسۇس دىتال ئىشلىتىسىز، ۋە كومپىيۇتىرىڭىزغا قاچىلايسىز ، قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن كومپىيۇتىر قايتا قوزغۇلدۇ، ئاندىن مىنىڭ كومپىيۇتىرىم دىگەنگە كىرىپ قارىسىڭىز بىر تال دىسكا پەيدا بۇلىدۇ،بۇ دىتالنى چۈشۈرۈڭ،
چۈشۈرۈش
چوڭ سىغىملىق تور دىسكا تورى1500 گىگابايىتلىق تور دىسكا ھەقسىز .ئىشەنچىلىك، مەن ئىشەنچىلىك دەپ قارىغان تور بەتكە ئىشەنسەڭلار بۇلىدۇ، سىلەرنى ئالداپ نىمىمۇ قىلاتتىم، بىر كېچە مۇشۇنداق ئىشەنچىلىك،ھەقسىز توردىسكا ئىزدەش سىلەرنىڭ پايدىلىنىشىڭلار ئۈچۈندۇر، سىلەرنى ئالداش ئەمەس.
115 تورى 3 گىگابايىتلىق مەڭگۇ ھەقسىز، 5 گىگابايىتلىق ۋاقىتلىق تور دىسكىسى ، 100% ئىشەنچىلىك.ئىشلەكەنسىرى سىغىمى ئاشىدۇ
6دىسكا تورى 2گىگابايىتلىق ھەقسىز، 3 گىگابايىتلىق ۋاقىتلىق تور دىسكا ، ئىشەنچىلىك،
千脑 تورى بىر گىگابايىتلىق ھەقسىز تور دىسكىسى، ئىشلەتكەنسىرى سىغىمى ئاشىدۇ، ئىشەنچىلىك ،
ئەگەر تىزىملىتىشنى ۋە ھۆججەت يوللاشنى بىلمىسەڭلار مەندىن ياردەم سورىساڭلار بۇلىدۇ،چچ، 872795362 649140221
كىيىن ئۇزاق قالماي تىزىملىتىش ۋە بوشلۇققا ھۆججەت يوللاشنى ئۆگىتىدىغان دەرسلىك ئىشلەپ تورداشلارغا سۇنىمەن،
مەنبە؛ نەسرۇللا