
تاجىكلار ئەۋلادتىن - ئەۋلادقىچە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا ياشاپ كەلگەن ، ئۇزۇن تارىخقا ئىگە مىللەت . تاجىكلار
تۈزلەڭلىك تاجىكلىرى ۋە تاغ تاجىكلىرى دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ . تاغ تاجىكلىرىنىڭ نوپۇسى ئازراق ، ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى پامېر ئېگىزلىكىدە ۋە ئۇنىڭغا يانداش رايونلاردا ئولتۇراقلاشقان . ئېلىمىزدىكى تاجىكلار تاغ تاجىكلىرىنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ ، قەدىمكى زاماندا شىنجاڭنىڭ غەربىي جەنۇبىدا ياشىغان ، ﻫىندى - ياۋروپا تىلى سېستىمىسى ئىران تىلى ئائىلىسىدىكى غەربىي ئىران تىلىدا سۆزلىشىدىغان مىللەت . شىنجاڭدىكى تاشقورغان ئۇلارنىڭ تىرىكچىلىك مەركىزى ئىدى .
"تاجىك" دىگەن نام "تاج" دىگەن سۆزگە "ئىك" دېگەن ئارقا قوشۇمچىسىنىڭ ئۇلىنىشى بىلەن تۈزۈلگەن . بۇ ﻫۆرمەت ۋە يېقىنلىقنى بىلدۈرىدىغان ئاتاق . خەن ، تاڭ دەۋرلىرىدە ، ئېلىمىز تاجىكلىرى ئولتۇراقلاشقان كۆكئارت (پامىر) رايونى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى سۇلالىلەرنىڭ بىر تۇتاش باشقۇرۇشىدا بولغان . تاڭ سۇلالىسىدىن كېيىن قاراخانىيلار سۇلالىسى ، غەربىي لياۋ سۇلالىسى ، چاغاتاي خانلىقى ، يەكەن خانلىقىنىڭ قارمىقىدا بولغان . XVIII ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا چىڭ سۇلالىسىنىڭ زېمىنىغا قوشۇلغان .
ئىسلام دىنى ئوتتۇرا ئاسىياغا كىرىشتىن ئىلگىرى ، شەرقىي ئىران تىلىدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرنىڭ بىرلىككە كەلگەن دىنىي ئېتىقادى يوق ئىدى ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا كەڭ تارقالغان زوروئاستېر دىنى بىلەن خىرىستىئان دىنى ، بۇددا دىنى ۋە مانى دىنىمۇ مەۋجۇت ئىدى . شىنجاڭدىكى تاجىكلار ئارىسىدا ئەزەلدىن "مۇز تاغلار بوۋىسى" دەپ ﻫۆرمەتلىنىدىغان مۇز تاغقا بولغان ئىپتىدائىي ، تەبىئىي چوقۇنۇش مەۋجۇت ئىدى . قەدىمكى زاماندا كىرگەن زوروئاستېر دىنى بىلەن "ئاۋېتسا" نىڭ تەسىرىمۇ خېلى كەڭ ئىدى . مىلادى II - III ئەسىرلەردە ، تاشقورغان ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردا كاۋاتتا دۆلىتى قۇرۇلۇپ ، ئازكەم 500 يىل ﻫۆكۈم سۈرگەن ، بۇددا دىنى بۇ دۆلەتنىڭ دۆلەت دىنى ئىدى .
مىلادى VIII ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئەرەبلەر ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا كەڭ تارقىلىشىغا ئەگىشىپ ، IX ئەسىردە تاجىكلار مىللەت بولۇپ شەكىللەنگىچە بولغان مەزگىلدە ، ئىسلام دىنى ﻫۆكۈمران ئورۇندىكى دىنغا ئايلانغان . شىنجاڭدا X ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا قاراخانىيلارنىڭ ﻫۆكۈمرانى ئىسلام دىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ، مىلادى 960 - يىلى ئىسلام دىنى دۆلەت دىنىغا ئايلانغان . قاراخانىيلار سۇلالىسى سۈننىي مەزﻫىپىنى ئىسلام دىنىغا ۋەكىككلىك قىلىدىغان مەزﻫەپ قىلىپ بېكىتكەن ، سۈننىي مەزﻫىپى بىلەن قارىمۇ - قارشى بولغان شىئە مەزﻫىپى ئاساسەن تاشقورغان رايونىدا ياشايدىغان تاجىكلار ئېتىقاد قىلىدىغان مەزﻫەپ بولۇپ قالغان . تاجىكلار شىئەلەرنىڭ ئىسمائىلىيە مەزﻫىپىگە ئېتىقاد قىلغان ، بۇ ناسىر خۇسراۋنىڭ پامىرغا كېلىپ دىن تارقاتقانلىقىنىڭ نەتىجىسى . شۇڭا ناسىر خۇسراۋ ئېلىمىزدىكى تاجىك مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن پىر ، ئۇستاز ، ئەۋلىيائاتا دەپ ئۇلۇغلانغان . بىراق ، تارىخنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ، پامىر رايونىدىكى ئىسمائىلىيە مەزﻫىپى نىسارى مەزﻫىپى -- مۇﻫەممەدشاﻫ نەسەبى -- قاسىم شاﻫ نەسەبى -- ئاغاخان نەسەبىدىن ئىبارەت تارقىتىش يولى بويىچە تەرەققىي قىلغان .
پاتىمە سۇلالىسىنىڭ 8 - ئەۋلاد خەلىپىسى مۇستەنسىر دەۋرىنىڭ ئاخىرىدا ، پارسلارنىڭ ئىسمائىلىيە مەزﻫىپى ئىشلىرى ﻫەسەن ساباﻫ نىڭ رەﻫبەرلىكىدە گۈللەنگەن . ﻫەسەن ساباﻫ ئىراننىڭ قۇم شەﻫىرىدىن ئىدى ، ئۇ مىلادى 1078 - يىلى سودىگەرچە ياسىنىپ مىسىرغا بارغان ، مۇستەنسىر كۆرۈشكەن ۋە تەيىنلەنگەندىن كېيىن پېرسىيىنىڭ ﻫەرقايسى جايلىرىدا دىن تارقاتقان . ئۇ مىلادى 1090 - يىلى دېرەم تاغ رايونىدىكى ئالامۇت قەلئەسىنى مەركەز قىلىپ ، تەشكىلىي مۇكەممەل ، ئىنتىزامى قاتتىق بىر تاغ پادىشاﻫلىقى قۇرۇپ ، سالجۇقىيلار سۇلالىسىنىڭ ﻫەربىي ﻫۆكۈمرانلىقىغا ۋە ئۆزىگە دۈشمەن بولغان باشقا سىياسىي ، دىنىي كۈچلەرگە يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈش ، ۋەﻫىمە سېلىش يولى بىلەن قارشى تۇرغان . مىلادى 1094 - يىلى مۇستەنسىر ئۆلگەندىن كېيىن ، پاتىمە سۇلالىسىدىكى ئىسمائىلچىلەر ئىچىدە ئىماملىق ئورۇنغا ۋارىسلىق قىلىش ﻫوقۇقىنى تالىشىپ چوڭ بۆلۈنۈش يۈز بەرگەن . مۇستەسنىر ئەسلىدە چوڭ ئوغلى نىسارىنى ۋارىس قىلىپ بەلگىلىگەن بولسىمۇ ، كېيىن ئۇنىڭ كىچىك ئوغلى ئەخمەت باش ۋەزىر ئافدالنىڭ يۆلىشى بىلەن تەختكە چىقىپ ، "مۇستارى" دەپ ئاتالغان . نىسارى قوراللىق قارشىلىق كۆرسىتىپ مەغلۇب بولغاندىن كېيىن زىندانغا تاشلىنىپ ، سولاقتا ئۆلگەن . ئۇ ئىككىيلەننىڭ ئىخلاسمەنلىرى مۇستارىچىلار ۋە نىسارىچىلار دېگەن ئىككى گۇرۇﻫ بولۇپ شەكىللەنگەن . ﻫەسەن ساباﻫ بىلەن پېرسىيىدىكى ئىسمائىلىيىچىلەر مۇستارىنىڭ ۋارىسلىق ﻫوقۇقىنى ئېتىراپ قىلغان . ئىماملىق ئورۇن بوش قالغان مەزگىلدە ، ﻫەسەن ساباﻫ نىسارىچىلارنىڭ ئەڭ كاتتا رەﻫبىرى بولۇپ قالغان . ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن ئالامۇت تېغى پادىشاﻫلىقىنىڭ 4 - ئەۋلاد رەﻫبىرى ﻫەسەن ئاللا زىكرىﻬ سالام ئىمام دەپ ئېتىراپ قىلىنىشقا باشلىغان . شۇنىڭدىن تارتىپ مىلادى 1256 - يىلى مۇڭغۇل ئستېلاچىسى ﻫىلاكۇ ئالامۇت قەلئەسىنى ئېلىپ ، ئىمام رۇفىدىن كۇرشاﻫنى قەتىل قىلغانغا قەدەر ~ نىسارىچىلارغا ئالامۇت قەلئەسىنىڭ رەﻫبىرى ئىمام بولغان . رۇفىدىن كۇرشاﻫنىڭ ئوغلى مۇﻫەممەد شەمسىدىن ( كۇرشاﻫنىڭ نەۋرىسى دېگەنمۇ گەپ بارمىش -- ئايچىۋەر ) ئەزەربەيجانغا قېچىپ كەتكەن . شەمسىدىندىن كېيىن ئىماملىق ئورۇنغا ۋارىسلىق قىلىش مەسىلىسىدە يەنە بۆلۈنۈش يۈز بەرگەن . بىر تارماققا قاسىم شاﻫ ۋارىسلىق قىلغان ، بىر تارماققا مۇﻫەممەد شاﻫ ۋارىسلىق قىلغان .قاسىم شاﻫ ۋارىسلىق قىلغان تارماق بۇرۇن ئىراننىڭ ماخارا شەﻫىرى يېنىدىكى ئانزودىن يېزىسىدا ۋە شەﻫىرى باباق قاتارلىق جايلاردا جىم ياتقان ، XVIII ئەسىردىن باشلاپ بۇرۇنقى پىنﻬان تۇرمۇشىشنى ئۆزگەرتىپ ، سىياسىي سەﻫنىگە چىققان . بۇ نەسەبنىڭ ئىمامى ئەبۇ ﻫەسەن شاﻫ مىلادى 1756 - يىلدىن 1792 - يىلغىچە كىرماننىڭ باش ۋالىسى بولغان . ئۇنىڭ نەۋرىسى ﻫەسەن ئەلى شاﻫ ماخراتقا ( بۇ نەسەبنىڭ 46 - ئىمامى -- ئايچىۋەر ) پادىشاﻫ فاس ئەلى "ئاغاخان" دېگەن مەرتىۋىنى بەرگەن ، بۇ مەرتىۋە ئەۋلاتتىن - ئەۋلادقا مىراس بولۇپ قالغان . ﻫەسەن ئەلى شاﻫ كىرماننى ئۆز ئالدىغا سوراشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ ، ئەمەلگە ئاشۇرالماي ، مىلادى 1840 - يىلى پاكىستانغا كۆچۈپ بېرىپ ، كاراچى ۋە كالكوتتىدا تۇرغان ، كېيىن ﻫىندىستانغا كۆچۈپ بېرىپ ، بومباينىڭ پۇنا دېگەن يېرىدە ماكانلاشقان . مۇﻫەممەد شاﻫ نەسەبىدىكى يەنە بىر تارماق دېرەمدىكى نىسارى گۇرۇﻫى بىلەن بەغلانغان . بۇ نەسەبنىڭ ئەڭ داڭلىق ئىمامى شاﻫ داشىر ﻫۈسەيىن داكانى سافاۋى پادىشاﻫلىقىنىڭ سۇلتانى تەرىپىدىن پېرسىيىدىن سۈرگۈن قىلىنىپ ، دامغاندىكى ئەخمەت ناگار دېگەن يەرگە كېلىپ ، 1594 - يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن . بۇ نەسەبنىڭ ئىماملىقى ئەمىر مۇﻫەممەد باجىرغا كەلگەندە ئۈزۈلۈپ قالغان .
ئوغۇز دەرياسى (ئامۇ دەرياسىنى دېمەكچى -- ئايچىۋەر ( نىڭ بېشىدىكى ئىسمائىلىيە مەزﻫىپى ئالامۇت دەۋرىدىن بۇرۇنلا نىسارىچىلارنىڭ رەﻫبەرلىكنى قوبۇل قىلغان ﻫەم پىشىۋ ﻫۆكۈمرانلىقىدىكى شۇغنان سۇلالىسىنى قۇرغان . مىلادى 1507 - يىلى مۇﻫەممەد شاﻫ نەسەبىدىكى شاﻫ راديادىن بەدەخشانغا بېرىپ ، كۆپ قىسىم يەرلەرنى سورىغان . ئون يەتتىنچى ئەسىردە مۇﻫەممەد شاﻫ نەسەبىدىكى قۇدايبەىش دېگەن يەنە بىر ئىمام بەدەخشانغا ماكانلىشىپ ، 1664 - يىلى ۋاپات بولغان . ئىسمائىلىيە جامائەسىگە شۇ يەردىكى مۆتىۋەرلەر سۇلالىسى داۋاملىق رەﻫبەرلىك قىلغان .XIX ئەسىرگە كەلگەندە ، بەدەخشاندىكى ئىسمائىلىيە مۇخلىسلىرىنىڭ كۆپ قىسمى قاسىم شاﻫ نەسەبىگە ئۆتۈپ ، ئاغاخان نەسەبنامىسىنى ئومۇميۈزلۈك قوبۇل قىلغان . بۇ ئۆزگۈرۈش مۇﻫەممەد شاﻫ نەسەبىدىكى ئىماملارنىڭ ۋارىسلىقىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشى ۋە ئاغاخان I نىڭ ﻫىندىستانغا كۆچۈپ كېتىشى ئارقىسىدا قاسىم شاﻫ نەسەبىنىڭ تەسىرىنىڭ كېڭىيىپ كەتكەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك .
ئېلىمىز تاجىكلىرى ئىچىدىكى ئىسمائىلىيىنىڭ ئۆزگۈرۈشى بەدەخشان رايونىنىڭ ئەﻫۋالى بىلەن ئوخشاش بولغان ، ئىجتىمائىي ، تارىخىي تەكشۈرۈشلەردىن قارىغاندا ، XVI ئەسىرنىڭ باشلىرىدا سەئىدسۈرە دېگەن بىر ئىشان ئىراندىن پامىر رايونىغا ئىسمائىلىيە مەزﻫىپىنىڭ ئەقىدىسىنى تارقاتقىلى كەلگەندە ، 70 ئەسكەرنى باشلاپ تاشقۇرغانغا بېرىپ ، ئۇ يەرنىڭ ﻫۆكۈمدارى جاﻫانگىر بىلەن ئەلەمگەرنى ئۆلتۈرۈپ ، ئۆزى سەئىد شارىخان بولىۋالغان . ئۇ نىسارىچىلارنىڭ مۇﻫەممەد شاﻫ نەسەبىدىكى دىن تارقاتقۇچىسى بولسا كېرەك . كېيىنكى ۋاقىتتا شىنجاڭ تاجىكلىرى ئىسمائىلىيىنى تاشلاپ ، قاسىم نەسەبىگە بەيئەت قىلغان . XIX ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئاغاخان II , ئاغا ئەلى شاﻫ (قاسىم نەسەبىنىڭ 47 - ئىمامى ) كېلىپ تاشقورغاننى كۆزدىن كەچۈرگەن . بۇ چاغدا ئۇنىڭ مۇرىتلىرى ، تاجىك مۇسۇلمانلار بەدەل داۋانغىچە ئالدىغا بېرىپ قارشى ئالغان . شۇنىڭ بىلەن بۇ يەر " ئاغا قەدەم جاي " دەپ ئاتىلىپ ، تاجىك مۇسۇلمانلىرىنىڭ بۇ ئىمامنى خاتىرلەيدىغان جايغا ئايلانغان . كىشىلەر بۇ يەردىن ئۆتكەندە ئۇلاغدىن چۈشۈپ ~ دۇئا قىلىپ ، سەدىقە بېرىپ ئۆتىدىغان بولغان .
ناسىر خۇسراۋدىن كېيىن پامىر تاجىكلىرى ئارىسىدىكى ئىسمائىلىيە مەزﻫىپىدە بىر قاتار ئۆزگۈرۈش يۈز بەرگەن بولسىمۇ ، لېكىن نىسارىچىلار ناسىر خۇسراۋ ئىدىيىسىنىڭ ئورنىنى ئىنكار قىلمىغان .
ناسىر خۇسراۋنىڭ دىنىي ئابرويى جوڭگو تاجىكلىرى ئىچىدە ئۇزاققىچە ساقلانغان . ئۇنىڭ "چىراغ ئايەت" دېگەن ئەسىرى تاجىكلارنىڭ دىنىي تۇرمۇشىنىڭ يېتەكچىسى ، دەپ ئۇلۇغلانغان . تاجىكلار مېيىت يەرلىكىدە قويۇلغان كۈنى كېچىسى چىراغ تىلاۋىتى قىلىدۇ ، خەلىپە چىراغدا خەتمە قۇرئان قىلىدۇ ، "چىراغ ئايەت" شۇنىڭدىن كەلگەن . "چىراغ ئايەت" تە ئۆلگۈچىنىڭ ئۇ ئالەمدە كۆرىدىغان كۈنى بايان قىلىنىدۇ ، ئۆلگۈچىنىڭ ئاخىرەتلىكىنىڭ ئوبدان بولۇشىغا تىكەكداشلىق بىلدۈرىلىدۇ . ئېيتىلىشىچە ، "چىراغ ئايەت" ئوقۇلمىسا ، ئۆلگۈچىنىڭ يەرلىكى ياخشى ، ئاخىرەتلىكى تىنچ بولماسمىش . شۇڭا تاجىكلار ئۇنى بەك ئۇلۇغلايدۇ ، بۇنىڭدىن باشقا بىرمۇنچە نەزىر - چىراغ پائالىيەتلىرىدە تاجىكلار مۇراسىمنىڭ ئاياغلاشقانلىقىنى ناسىر خۇسراۋنىڭ نامى بىلەن ئېلان قىلىدۇ ، ﻫەتتا مەملىكىتىمىزدىكى تاجىكلار ئىچىدىمۇ نۇرغۇن دىنىي زاتلار ئۆزىنى تاشقورغانغا ناسىر خۇسراۋ بىلەن بىللە دىن تەشۋىق قىلىشقا كەلگەن دىنىي مەرىپەتچىلەرنىڭ ئەۋلادى ، دەيدۇ .
ئىجتىمائىي ، تارىخي تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا ، شىنجاڭدىكى تاجىكلار ئېتىقاد ئىدىيىسىنىڭ جەﻫەتتە ئادەم ئۆلگەندە روﻫ ئۆلمەيدۇ ، ياخشى ئىش قىلغانلار ياخشىلىق كۆرىدۇ ، يامان ئىش قىلغانلار يامانلىق كۆرىدۇ ؛ كۆپ ياخشى ئىش قىلغانلارنىڭ ئەرۋاﻫى جەننەتكە كىرىدۇ ، جەننەت توققۇز قات ئاسماننىڭ ئۈستىدە بولىدۇ ، جەننەتكە كىرگەنلەر پەيغەمبەرنىڭ دەرگاﻫىغا بارىدۇ ، ئەبەدىلئەبەت بەختلىك بولىدۇ ؛ يامانلىق قىلغانلارمۇ ئۆلگەندىن كېيىن ئاسمانغا چىقىدۇ ، ئەمما جەننەتكە يېتىپ بارالماي ، يەتتە قەۋەت ئاسمانغا چىقىپلا يامغۇر ، قار بولۇپ يەرگە چۈشىدۇ ؛ يەرمۇ توققۇز قات بولىدۇ ، يامغۇر ، قار يەرگە چۈشكەندە توپىغا سىڭىپ ، پاتقاق بولۇپ ، گىياﻫقا ئايلىنىدۇ ، گىياﻫ چارۋىغا ئوزۇق بولىدۇ ، چارۋىنىڭ قورسىقى دوزاختۇر ؛ يامانلىق قىلغانلار ئەنە شۇ يەردە ئازاب چېكىدۇ ، بەزىلىرى قاغا - قۇزغۇنغا ئايلىنىدۇ ، بەزىلىرى ئېشەك ، تۆگە ، ئىت ، قوي ، كالا قاتارلىق ﻫايۋانلارغا ئايلىنىپ ئادەم تەرىپىدىن ئىشلىتىلىدۇ ، دەپ قارىغان . تاجىكلارنىڭ ئىسمائىلىيە مەزﻫىپى ئېتىقادىنى ساۋابلىق ئىش قىلىش بىلەن ماسلاشتۇرۇپ ، تاجىك مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىبادەت ، جاﻫاندارچىلىق يولىنى گەۋدىلەندۈرگەن . تاجىكلاردا مازارغا چوقۇنۇش خېلى ئومۇملاشقان .................
مەنبە : ھاجى نۇرھاجى بىلەن چېن گوگۇاڭ بىرلىشىپ يازغان " شىنجاڭ ئىسلام تارىخى" ناملىق كىتاب .