مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1301|ئىنكاس: 4

تۈركىيە تۈركلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆرپ- ئادەتلى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تۇغرۇل _ قەيسەر قۇش

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34
يازما سانى: 694
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21736
تۆھپە نۇمۇرى: 1017
توردا: 2287 سائەت
تىزىم: 2010-5-19
ئاخىرقى: 2013-12-19
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-23 01:02:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تۈركىيە تۈركلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆرپ- ئادەتلىرى



  تۈركلەر __ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىدىكى ئاساسىي گەۋدە مىللەت بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسى 67 مىليون 310 مىڭ(  2002- يىللىق ستاتىستىكا.) بۇنىڭدىن باشقا يەنە 3 مىليون 500 مىڭدىن ئارتۇق تۈرك گرېتسىيە، بۇلغارىيە، گېرمانىيە، ئالبانىيە، سېپرۇس ۋە بالقان يېرىم ئارىلىدىكى باشقا دۆلەتلەردە تارقاق ئولتۇراقلاشقان. تۈرك مىللىتى ياۋروپا ئىرقىنىڭ ئوتتۇرا دېڭىز تىپىغا مەنسۇپ بولۇپ، ئالتاي تىللىرى سىستېمىسىنىڭ تۈرك تىلى ئائىلىسىدە سۆزلىشىدۇ.
       تۈركىيە تۈركلىرىنىڭ ئانا ۋەتىنى __ ھازىرقى ئاناتولىيە (كىچىك ئاسىيا) رايونى بولماستىن، بەلكى ئەينى ۋاقىتتىكى ئالتۇنتاغ (ئالتاي تېغى) ۋادىسى ئىدى. مىلادىيە 6 - ئەسىردىن 10 -ئەسىرگىچە تۈركلەر تەدرىجىي ھالدا ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە غەربىي ئاسىيا رايونىغا كۆچۈشكە باشلىغان. شۇ قاتاردا ئوغۇز تۈركلىرىمۇ غەربىي جەنۇب يۆنىلىشكە قاراپ سۈرۈلۈپ ئىراننىڭ شىمالىدىكى خۇراسان رايونىدىن ئۆتۈپ، ئىسلام دىنى پۈتۈنلەي ئومۇملىشىپ بولغان غەربىي ئاسىيا رايونىغا كىرگەن.  1055 -يىلى ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان باغدادنى ئىگىلەپ، ئاناتولىيىگە قاراپ سۈرۈلگەن. 1071-  يىلى ئاناتولىيە رايونىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان شەرقى رىم (ۋىزانتىيە) ئىمپېرىيىسىنى مەغلۇپ قىلغان ۋە ئاناتولىيە رايونى ئوغۇز تۈركلىرىنىڭ يېڭى ۋەتىنى بولۇپ قالغان. شۇنىڭدىن كېيىن باشقا تۈرك قەبىلىلىرىمۇ ئارقا - ئارقىدىن كىچىك ئاسىياغا كىرىپ ناھايىتى تېزلا ئىسلام دىنىدىن ئىبارەت بۇ ئورتاق ئېتىقاد ئاستىدا بىر گەۋدە بولۇپ ئۇيۇشقان- 13 . ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى قۇرۇلغان ئوسمان تۈرك ئىمپېرىيىسى 1453 - يىلى ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى كونستانتىنپولنى (ھازىرقى ئىستانبۇل) ئىشغال قىلغان ۋە ۋىزانتىيىلىكلەرنىڭ كىچىك ئاسىيادىكى ھۆكۈمرانلىقىغا  ئۈزۈل - كېسىل خاتىمە بەرگەن.
       تۈركلەر ئاناتولىيە رايونىغا كىرگەن ۋاقىتتا چارۋىچىلىقنى ئاساسلىق ئىگىلىك تارمىقى  قىلىپ ياشىغان مىللەت بولغان بولسا، بۈگۈنكى كۈندە ئاساسەن دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مىللەتكە ئايلاندى ۋە تۈركىيىنى دېھقانچىلىق دۆلىتى قېلىپ قۇرۇپ چىقتى. تۈركلەرنىڭ ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك زىرائىتى بۇغداي بولۇپ، تېرىم ئىشلىرىدا ئاساسەن يامغۇر سۈيىدىن ئىبارەت تەبىئىي سۇغىرىش ۋاسىتىسىگە تايىنىدۇ. ئۆكتەبىردىكى كۈزلۈك ئۇرۇق سېلىش ۋە ئىيۇن ئايلىرىدىكى ھوسۇل يىغىۋېلىشتىن باشقا ۋاقىتلاردا ئاساسەن دېھقانچىلىق بىلەن مەشغۇل بولمايدۇ. دېھقانچىلىقتىكى بۇ خىل ئالاھىدە ھادىسە تۈركلەرنىڭ يېزا ئىگىلىك ساھەسىدىكى خاس ئالاھىدىلىكىدۇر.
       تۈركلەرنىڭ ئەنئەنىۋى قەدىمىي چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى ھازىر گەرچە ئىلگىرىكىدەك ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت كاتېگورىيىسىدىن چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ مۇئەييەن نىسبەتتىكى ئىزنالىرىنى يەنىلا كۆرگىلى بولىدۇ: گەرچە تۈركىيە گىلىمى ئىران گىلىمىدەك دۇنياغا داڭلىق بولمىسىمۇ، ئەمما ياۋروپالاشقان ھەرقانداق تۈرك ئائىلىسىدە، شۇنداقلا ئادەتتىكى ئائىلىلەردىمۇ يەرگە پۈتۈنلەي گىلەم سېلىنىدۇ؛ تاماقتا ھەر قاچان سۈت، پىشلاق، سېرىق ماي قاتارلىقلار كەم بولسا بولمايدۇ، يەنە قوي گۆشىدىن قىلىنغان ھەرخىل تائاملار ۋە بولكا ئىستېمال قىلىدۇ. دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىق ئۆزئارا بىرلىشىپ كەتكەن ئەنئەنىۋى ئىقتىسادىي قۇرۇلما __ تۈركلەرنىڭ يەنە بىر خاس ئالاھىدىلىكىدۇر.
       تۈركلەر ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. سۈننىي مەزھىپىگە تەۋە. پۈتۈن تۈركىيە نوپۇسىنىڭ 90% تىن كۆپرەكى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغانلىقى سەۋەبىدىن، تۈركىيىدە مەسچىت ھەممىلا جايدا كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇرىدۇ. مۇستاپا كامال ئىسلاھاتىدىن كېيىن دىن بىلەن ھاكىمىيەت ئايرىۋېتىلگەچكە، جۇغراپىيىلىك جايلىشىشتىكى تەسىرنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن تۈركلەرنىڭ ئومۇمىي مەدەنىيەت - ئىدىئولوگىيە ساھەسىدە ياۋروپا ئۇسلۇبى بىلەن تۈرك ئۇسلۇبى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈۋېتىلگەن يېڭى سىستېما شەكىللەنگەن. شۇ سەۋەبتىن ئاساسىي قانۇندا «ئىسلام دىنى __ دۆلەت دىنى» دەپ بەلگىلەنمىگەن بۇ بىردىنبىر ئىسلام دۆلىتىدە، باشقا ئىسلام دۆلەتلىرىدىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ئىجتىمائىي فورماتسىيە بارلىققا كەلگەن.
       1934 - يىلى تۈركىيىنىڭ دۆلەت ئاتىسى مۇستاپا كامال پارلامېنتنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزۈپ «فامىلە قانۇنى»نى ئېلان قىلغان ۋە تۈرك بولغانلىكى كىشىنىڭ فامىلە قوللىنىشى لازىملىقىنى جاكارلىغان. شۇنىڭ بىلەن فامىلە قوللىنىشنى ئومۇمىي ئادەتكە ئايلاندۇرمىغان تۈركلەر تېزدىن قەدىمىي تارىخىي تېرمىنلاردىن پايدىلىنىپ ئۆزلىرىگە فامىلە بېكىتىشكە باشلىغان، بەزىلىرى ياۋروپا ئۇسلۇبىدىكى فامىلىلەرنى قوللانغان. ئادەتتە باشقىلارنى چاقىرغاندا، چاقىرىلغۇچىنىڭ ئۆزى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ يىراق - يېقىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، چاقىرىلغۇچىنىڭ ئىسمىنىڭ كەينىگە «بەگ» سۆزىنى قوشۇپ، قارشى تەرەپكە بولغان ھۆرمەتنى ئىپادىلەيدۇ. رەسمىي خەت - چەك ۋە ھۆججەتلەردە بىردەك ئىسىم - فامىلە قوشۇپ تولۇق يېزىلىدۇ.
       تۈرك ئاياللىرى ئەنئەنىۋى كىيىملەرنى كىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، تىرناق ۋە لەۋلىرىنى ھەمىشە قىزىل قىلىپ بويىۋالىدۇ. يېزىلاردىكى تۈرك ئاياللىرى بولسا ناھايىتى ئاددىي كىيىنىدۇ؛ كەڭ شىم، كۆڭنەك كىيىپ ئۈستىگە نېپىز يېپىنچا ۋە شارپا ئارتىۋالىدۇ. شەھەر ئاياللىرى ياۋروپاچە كىيىنىشنى ئادەت قىلغان. تۈرك ئەرلىرىنىڭ كىيىملىرى ئاساسەن دېگۈدەك غەربچىلىشىپ كەتكەن.
       تۈركلەر چايخانا ۋە قەھۋەخانىلاردا دەم ئېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. چوڭ شەھەرلەردىكى ھەر قانداق چوڭ كوچىدا، رەستىلەردە مۇشۇنداق مۇلازىمەت ئورۇنلىرى بار. قەھۋە -15 ئەسىردە ئەرەبلەردىن كىرگۈزۈلگەندىن تارتىپ، تۈركىيىدە قەھۋەخانىلار ئېچىلىشقا باشلىغان. ئەمما، بۈگۈنكى كۈندە چايخانىلار يەنىلا سان جەھەتتىن قەھۋەخانىلارنى بېسىپ چۈشىدۇ. تۈركلەر چايخانىلاردا دوستلىرى بىلەن ئۇچرىشىدۇ، چاي ئىچكەچ پاراڭلىشىدۇ، تاماكا چېكىشىدۇ، قارتا ئوينىشىدۇ؛ شۇ ئارقىلىق ھاردۇق چىقىرىش تۈركلەردە ئومۇميۈزلۈك ئادەتكە ئايلانغان.
تۈركلەر ھەمىشە دوستلار ئارا ئىزدىشىدۇ، ئۆزئارا كۆرۈشكەندە قىزغىنلىق بىلەن قۇچاقلىشىپ مەڭزىلىرىنى يېقىشىدۇ. سەھەردە ئۆزئارا «مەرھابا» دېيىشىدۇ.
       تۈركلەرنىڭ توي ۋە نىكاھ مۇناسىۋەتلىرىدە ئەركىن نىكاھ ئومۇملاشقان (چەت يېزىلاردا نىكاھ ئىشلىرىدا ئاتا - ئانىلارنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن بولىدىغان ئىشلار ھازىرمۇ بار.) توي ئادەتتە تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ: يىگىت تەرەپ قىز تەرەپكە توي قىلىش تەكلىپى قويغاندىن كېيىن، يىگىتنىڭ ئەلچىلىرى قىزنىڭ ئۆيىگە بارىدۇ ۋە قىز تەرەپنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، بىرنەچچە كۈنگە قالماي نىكاھ ئوقۇتۇلىدۇ. نىكاھ ئوقۇلۇپ بىرنەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، ئاخۇنلارنىڭ خەتمە قۇرئانى بىلەن توي مۇراسىمى باشلىنىدۇ. مېھمانلار بىرىنچى كۈنى يىگىتنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولىدۇ. ئاساسىي مۇراسىم قىزنىڭ ئۆيىدە بولۇپ ئاندىن يىگىتنىڭ ئۆيىگە يۆتكىلىدۇ، توي كۈنى تۈركلەرنىڭ ئەنئەنىۋى «دۇپ ئۇسسۇلى» ئوينىلىدۇ (بۇ ئۇسسۇل پەقەت توي مۇراسىمىدىلا ئوينىلىدۇ.) تۈركلەرنىڭ دەپنە ئىشلىرى ئىسلامىيەت قائىدە - يوسۇنلىرى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ. قەبرىستانلىقلار ھەمىشە شەھەرلەردىكى باغچىلارغا، گۈل - گىياھلىرى چىرايلىق جايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ۋاپات بولغۇچىنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى پات - پات قەبرىستانلىققا كېلىپ، خەتمە - قۇرئان قىلىپ تۇرىدۇ.
       تۈركلەر قۇربان ھېيت، روزى ھېيت قاتارلىق دىنىي بايراملارنى، شۇنداقلا ئەنئەنىۋى نورۇز بايرىمىنى ئۆتكۈزىدۇ. ئەڭ چوڭ دىنىي بايرىمى روزى ھېيت بولۇپ، ھەمىشە ناھايىتى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلىدۇ، بايرام كۈنى مەملىكەتنىڭ ھەممە جايلىرى شادلىق كەيپىياتىغا چۆمىدۇ.
تۈركلەر __ نوپۇسى ناھايىتى تېز سۈرئەتتە كۆپىيىۋاتقان مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، يىللىق ئوتتۇرىچە كۆپىيىش سۈرئىتى% 2.4 ئەتراپىدا بولۇپ، كۆچمەنلەر ۋە ئەركىن نىكاھ شەكلىنىڭ مەۋجۇتلۇقى بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ھېسابلىنىدۇ. مەملىكەت زېمىنىنىڭ ئاساسىي قىسمى ئېگىزلىك- تاغلىق بولۇشتەك ناچار جۇغراپىيىلىك ئەھۋالى، تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ قىس بولۇشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى كېلىپ چىققان تېرىلغۇ يەرنىڭ ئەمەلىي بېقىش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىش ھادىسىسى تۈركىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنى نوپۇسنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىپ بېرىش ھادىسىسىگە قارىتا تەدبىر قوللىنىش مەسىلىسىنى ئويلىشىشقا ئۈندىمەكتە.

مەنبە : http://www.seltenet.com/Article_Show.asp?ArticleID=345

قۇياش يېيىشكە بولمايدىغان نان ،
ۋەتەن بېرىشكە بولمايدىغان جان .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 155
يازما سانى: 8385
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1580073
تۆھپە نۇمۇرى: 33134
توردا: 12297 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-23 01:29:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر، كونا يېڭى مۇنبەرداشلار...ئۆزئارا پىكىر ئاملاشتۇرۇشلار بولسا ئۈندىدارغا قۇشىۋالساڭلار بولىدۇ نۇمۇرۇم:295997753
ئەسكەرتىش: قۇشىۋالغاندا كىم ئىكەنلىكىڭىزنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ!

شاتۇر ....ئۆزىڭىز

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 402
يازما سانى: 317
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9122
تۆھپە نۇمۇرى: 364
توردا: 21 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2011-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-23 01:47:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇمۇبىر .......ياشىتىما بوپتۇ ....نادىرلاپ قويساڭلا بولدىگەن.... [s:2]

ئوزىڭىزنى ئالدىماڭ؟تىرىشىڭ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 116
يازما سانى: 525
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10317
تۆھپە نۇمۇرى: 492
توردا: 204 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2010-5-23 02:42:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۈركلەر يۇرۇن غەربىي دېڭىزنىڭ غەربىدە ياشىغان ئىكەن . ئۇلارنىڭ ئۇرۇغىنىڭ ئىسمى ئاشىنا بولۇپ ، باشقىلىرى قەبىلە ئىكەن . ئۇلارنىڭ ھەممىسى خوشنا ئەل تەرىپىدىن يوقىتىلىپتۇ . پەقەت پۈتلىرى كېسىۋېتىلگەن بىر ئوغۇل بالا بىر چىشى ، بإرىنىڭ ئوزۇقلاندۇرۇشى بىلەن ساق قېلىپ چوڭ بوپتۇ . بۆرە بۇ بالىدىن ھامىلدار بوپتۇ . كېيىن ھېلىقى بالا ياۋلەشكەرلىرى تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچراپتۇ . بۇ چاغدا بىر ئەۋلىيا ھېلىقى بۆرىنى غەربىي دېڭىزنىڭ شەرقىدىكى ئىدىقۇتنىڭ غەربىگە جايلاشقان شىمالىي تاققا ئاپىرىپ قويۇپتۇ . بۆرە ئۇ جايدا ئون ئوغۇل تۇغۇپتۇ .ئۇلارنىڭ ئەۋلاتلىرى چوڭ بولۇپ كۆپىيىپتۇ . ئۇلارنىڭ ھەر قايسىسىنىڭ ئإزىگە خاس ئىسمى بولۇپ ، ئاشىناشىر ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى ئىكەن . ئاشناشىرنىڭ ۋاقتىغا كەلگەندە ، ئۇلار تاغدىن ئايرىلىپ جۇرجانلارغا تەۋە بوپتۇ .

<بۆرە توتىم ئەپسانىسى >

پاتەم بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-11 05:52:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش