خەنجىرى
. {5 |5 P+ s! Iمىنىڭ پەرزىمچە بالىنىڭ تەربىىيىلىنىش ۋاقتى ئەڭ كىچىككەندە ئىككى ياشتىن بەش ياشقىچە بولغان ۋاقتىدۇر. چۈنكى بۇ ياشتىكى( بولۇپمۇ ئىككى ياش ۋاقتىدىكى) بالىلار گەرچە كىچىك بولسىمۇ، لىكىن ئۇلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتى ئېچىلىشقا باشلىغان، شۇنداقلا ئەڭ كەپسىز بولىدىغان ، نەرسىلەرنى ، بىلىملەرنى ، تۈرلۈك ئىشلارنى ئۆگىنىدىغان ئەڭ ھالقىلىق ۋاقتىدۇر. بەزى ئاتا- ئانىلار كۆپىنچە ۋاقىتتا بۇ نۇقتىغا سەل قارايدۇ. ‹‹ بالام كەپسىز، گەپ ئاڭلىمايدىغان بوپ كەتتى، يىقىلىپ چۈشسە بىر يىرىنى يارلاندۇرۇپ قويىدۇ›› دەپ بەك ئەنسىرەپ بالىنىڭ ئۆزى خالىغان بىرەر ئىش قىلىشىنىمۇ توسىدۇ. ئۇلارنىڭ كەينىدىن بىر ئادەم خۇددى سايىدەك يۈرىدۇ. ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشىنى توغرا ھەم خاتا دىيىشكىمۇ بولمايدۇ. توغرا بولمايدۇ دىيشتىكى سەۋەب شۇكى- بالىنىڭ كەينىگە بىرەرسى كىرىۋېلىپ سايىدەك يۈرسە بالىدا قورقۇنچاقلىق، باشقىلارغا تايىنىۋېلىش خاھىشى كىچىك چاغدىلا شەكىللىنىپ، بىرەر ئىش قىلسا ئاتا- ئانىغا ، باشقىلارغا تايىنىپ ياشايدىغان ئەھۋال يىلتىز تارتىشقا باشلايدۇ؛ خاتا بولمايدۇ دىيىشتىكى سەۋەب بولسا- ئىككى ياشلىق بالا مۇبادا ئۆزى يالغۇز ھالدا بىرەر يەردە يۈرۈپ قالسا تاساددىپىي بىرەر ھادىسە كىلىپ چىقمايدۇ دىگىلى يەنە بولمايدۇ. ئاتا- ئانا بولغۇچى بۇ نۇقتىنى توغرا تونۇپ يىتىپ مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىشى كىرەك.
ئىككى ياشلىق بالا بىر نەرسە ئۆگىنىشكە كەلگەندە خۇددى مايمۇنغا ئوخشايدۇ( يەنى مايمۇن بىرەرسىنىڭ بىر ئىش قىلغىنىنى كۆرۈپ قالسا شۇنى دوراپ قىلىپ باقىدۇ). ئىككى ياشلىق بالىدىمۇ (كۆپىنچە بالىلار ۋە ئەھۋاللاردا) مۇشۇنداق دوراش، قىلىپ بېقىش خاراكتىرى بولىدۇ. مۇشۇنداق ۋاقىتلاردا ئاتا- ئانا ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە بالىغا كۆپرەك ھەمراھ بولۇپ گەپ قىلىشنى ئۆگىتىشى، ھىكايە- چۆچەكلەرنى ئوقۇپ بىرىپ رەسىملەرنى تونۇتۇشى، ئەڭ مۇھىمى بالىنى سىرتلارغا ئېلىپ چىقىپ پات- پات سەيلە- ساياھەت قىلدۇرۇشى، تەڭتۇش بالىلار بىلەن ئويناشقا قويۇپ بىرىشى، ئۇيغۇر بالىلىرى قەدىمدىن تارتىپ ئويناپ كەلگەن ئويۇنلارنى ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق ئوينىتىشى، شۇ ئارقىلىق بالىنىڭ پىكىر قىلىش يولىنى ئېچىشى، مۇستەقىل ئىش قىلىشىنى ئۆگىتىشى، بالىنىڭ كاللىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى، سۆزلەش ۋە تىل قابىلىيىتىنى تەدرىجىي يىتىلدۈرۈشى كىرەك. بالىنىڭ يېشى چوڭايغانسىرى يۇقىرىدا دىيىلگەن ئىشلارنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇشى ( كۆپەيتىشى ) كىرەك. لىكىن ھەرگىز بالىغا بېسىم قىلماسلىق كىرەك. يەنە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك بىر مۇھىم نۇقتا شۇكى- ئاتا- ئانا بۇ ۋاقىتلاردا ئۆزلىرىگە قاتتىق دىققەت قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلەردىكى كەمچىلىكلەرنى تۈزىتىپ ناچار ئادەتلەرنى يوقىتىشى، يوقىتىشقا تىرىشىشى، ۋە ئۆزگەرتىشى كىرەك. پەقەت ئامال بولمىغاندا ئۆزىدىكى ناچار ئادەتلەرنى- ‹‹ بالا دىگەن كىچىك، ھېچنىمىنى ئۇقمايدۇ›› دەپ بۇ ئىشقا سەل قارىماستىن بالا بار يەردە قىلماسلىق كىرەك. ئاتا-ئانا بۇنداق ۋاقىتتا ئۆزىدىكى ناچار ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشكە، يوقىتىشقا ۋە تۈزىتىشكە سەل قاراپ ، بالا بار يەردە قىلسا ۋە داۋاملاشتۇرسا ئېنىقكى بالا كىچىك بولسىمۇ بۇ ئىش بالىنىڭ كاللىسىغا سىڭىپ قالىدۇ ۋە بالا چوڭ بولغانسىرى بالىدا دوراش ئەھۋالى يۈز بىرىدۇ. چۈنكى چاتاقمۇ سەل قارىغان ئىشتىن كىلىپ چىقىدۇ(خاتىرەمدىن). بالا گەرچە كىچىك بولسىمۇ يۇقىرىدا دىيىلگەندەك مايمۇنغا ئوخشاش دوراپ قىلىپ باققۇسى كىلىدۇ. بىر – ئىككى قېتىم ئاتا- ئانىنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى كۆرسە چوقۇم دوراپ بولسىمۇ قىلىپ بېقىشقا ئۇرۇنۇپ كۆرىدۇ، بۇ ئىش ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشسا يامان نەتىجە بىرىدۇ. شۇڭا ئاتا-ئانا بولغۇچى ئۆزىدىكى ھەرقايسى تەرەپلەرگە قاتتىق دىققەت قىلىپ، ئۆزلىرىدىكى ناچار ئادەتلەر ۋە قىلىلارنىڭ بالىغا يۇقۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كىرەك. ئاتا- ئانا بالىنىڭ نىمىگە قىزىقىدىغانلىقىنى چوقۇم بۇرۇن ئىگەللەپ بولۇشى تولىمۇ زۆرۈردۇر. بالىنىڭ قىزىقىشىنى بىلگەندىن كىيىن شۇنىڭغا ئەھمىيەت بىرىشى، بالىنى قىزىقىشى بويىچە يىتەكلىشى كىرەك. بالا مەيلى قايسى ئىشقا قىزىقىشىدىن قەتئىينەزەر، توغرا قىلالىسا ئۇنى ياخشى سۆزلەر ۋە كەمپۈت دىگەندەك يىمەكلىكلەر بىلەن مۇكاپاتلاپ ئىلھاملاندۇرۇشى، خاتا قىلىپ قويسا ئۇنىڭغا ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە چۈشەندۈرۈشى، قانداق قىلىش توغرىسىدا چىرايلىق گەپ- سۆزلەر يول كۆرسىتىشى كىرەككى، ھەرگىزمۇ قوپاللىق بىلەن ۋارقىراپ- جارقىراپ تەنبىھ بەرمەسلىك كىرەك. چۈنكى ، ئالدىنقى ئۇسۇلنى قوللانغاندا(يەنى خاتا قىلىپ قويسا ئۇنىڭغا ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە چۈشەندۈرۈشى، قانداق قىلىش توغرىسىدا چىرايلىق گەپ- سۆزلەر يول كۆرسەتسە )نەتىجە چوقۇم ياخشى بولۇشى،كىيىنكى ئۇسۇلنى قوللانغاندا دەل ئەكسىچە نەتىجە بىرىشى مۇمكىن. مەسىلەن: بالا رەسىم سىزىشقا قىزىقسا رەسىم سىزىدىغان ماتىرىياللارنى، ھۆسنخەتكە قىزىقسا شۇنىڭغا كىرەكلىك ماتىرىياللارنى ئېلىپ بىرىپ ، شۇ قىزىقىشى بويىچە يىتەكلىشى، بىلىمى يۇقىرىلىغانسىرى شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى، ماتىرىياللارنى ئەھۋالغا قاراپ تولۇقلاپ بىرىشى، كۆپەيتىشى ، تەييارلاپ بىرىشى كىرەك. لىكىن ھەرگىزمۇ قىزىقمىغان ئىشقا ئالدىراپ مەجبۇرلىماسلىقى كىرەك. بالا قىزىقمىغان ئىشنى قىلىشقا مەجبۇرلانسا نەتىجە ياخشى بولماسلىقى، ھەتتاكى باشقا ئويلاپ باقمىغان نەتىجىلەرنى بىرىشى مۇمكىن. پەقەت مەجبۇرلىماسلىقمۇ يەنە بولمايدىغان ئىشنىڭ بىرسدۇر. مەجبۇرلاش دىگەن مۇۋاپىق بولسا بەلكىم يەنە ياخشى نەتىجە بىرىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن.
بۇ ئەسەر ئاپتور تەرىپىدىن يېزىلىۋاتقان ‹‹ پەرزەنت تەربىيىسى›› ناملىق ئەسەردىن ئېلىندى.
ئاپتور: مارالبېشى ناھىيە سېرىقبۇيا يېڭى بازار ئىجتىمائى رايونى(3-ئاھالە كومىتىت)دىن
0 z4 ~) H, R, S0 m' i2 }' h