مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 18735|ئىنكاس: 14

ما يۈننىڭ CEO لۇقتىن ئىستېپا بېرىش نۇتۇقى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

79

تېما

135

يازما

214

جۇغلانما

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 115145
يازما سانى:
135
نادىر تېما :
1
مۇنبەر پۇلى :
1424
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
612 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-3-11
ئاخىرقى:
2016-6-3
ما يۈننىڭ CEO لۇقتىن ئىستېپا بېرىش نۇتۇقى

ما يۈننىڭ <<ئەلى بابا>> گۇرۇھىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى (CEO)لىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىش نۇتۇقى

توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى
(شىنجاڭ تەڭرىتاغ تورىنىڭ تەرجىمانى، مۇخبىرى)

   ما يۈن 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى، تاۋباۋ تورى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە 14 يىلدىن بۇيان زىممىسىگە ئېلىپ كەلگەن <<ئەلى بابا>> گۇرۇھىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى (CEO)لىق ۋەزىپىسىدىن رەسمىي ئىستېپا بەرگەن ھەمدە بۇ ھەقتە مەخسۇس نۇتۇق سۆزلىگەن.



نۇتۇق تولۇق تېكىستى:
  كۆپچىلىك كەچلىكىڭلار خەيرلىك بولسۇن! ھەممىڭلارغا رەھمەت، كۆپچىلىكنىڭ مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەنلىكىگە رەھمەت، مەن ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە ھىندىستاندىن كەلگەن خىزمەتداشلارنىڭمۇ بارلىقىنى بىلىمەن، كۆپچىلىكىنىڭ خاڭجوۋغا كەلگەنلىكىڭلارغا تەشەككۈر! كۆپچىلىكنىڭ <<تاۋباۋ>> تورىنىڭ 10 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقىلى كەلگەنلىكىڭلارغا تەشەككۈر!
  بۈگۈن بىر تولىمۇ ئالاھىدە كۈن، ئەلۋەتتە ماڭا نىسبەتەن بۇ مەن ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان كۈتكەن كۈن. مەن بۇ يىغىندا بارلىق خىزمەتداشلار، دوست-بۇرادەرلەر، تور سودىگەرلىرى، بارلىق ھەمكارلاشقۇچى شېرىكلەرگە نېمىلەرنى دېيىشىم كېرەكلىكىنى يېقىندىن بۇيان ئىزچىل ئويلاپ كېلىۋاتاتتىم. كۆپچىلىك ئەجەپلىنىۋاتقانسىلەر! بۇ بەئەينى قىزچاق توي كۈنىگە ئىنتىزار بولغاندەك، كېلىنچەك توي كۈنى كەلگەندە مۇغەمبەرلەرچە كۈلۈشتىن باشقا، نېمە قىلارىنى بىلمەيلا قالغاندەكلا بىر ئىش.
  بىز ئىنتايىن تەلەيلىك كىشىلەرمىز، مەن ئەمەلىيەتتە 10 يىللار ئىلگىرىكى بۈگۈنكى كۈندە، يەنى <<سارس كېسىلى>> جۇڭگونى خەتەردە قويغاندا پەيتلەردە، ھەممەيلەننىڭ ئىشەنچى قالمىغانلىقىنى، كۆپچىلىكنىڭ كەلگۈسىگە نائۈمىدتە بولۇۋاتقانلىقىنى ئويلاۋاتاتتىم. <<ئەلى بابا>> 10 نەچچە ياش بىلەن بىرلىكتە ئىش باشلىغاندا 10 يىلدىن كېيىنكى جۇڭگونىڭ تېخىمۇ ياخشى بولىدىغانلىقىغا، 10 يىلدىن كېيىن ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ جۇڭگودا تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ نەزىرىگە ئېلىنىدىغانلىقىغا، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئىشلىتىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتۇق.
  ئەمما مەن 10 يىلدىن كېيىن بىزنىڭ مۇشۇنداق ھالەتكە يېتىدىغانلىقىمىزنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم. بۇ 10 يىلدا سانسىزلىغان كىشىلەر بۇنىڭ ئۈچۈن غايەت زور بەدەللەرنى تۆلىدۇق، بۇ غايە ئۈچۈن، بۇ ئىرادە ئۈچۈن بىز 10 يىللىق مۇساپىنى تاماملىدۇق. مەن ئىزچىل ھالدا بۇ يىل <<ئەلى بابا>> گۇرۇھىنىڭ % 99 نەرسىسىدىن قۇرۇق قالساقمۇ بىزنىڭ يەنىلا قىممىتىمىزنىڭ بولىدىغانلىقىنى، ئۆكۈنمەيدىغانلىقىمىزنى ئويلاپ كەلدىم، تېخىمۇ مۇھىمى بىزنىڭ بۈگۈن شۇنچىۋالا كۆپ دوستلىرىمىز، شۇنچىۋالا كۆپ ئىشەنچلىك كىشىلىرىمىز، شۇنچىۋالا كۆپ ئىرادىلىك كىشىلىرىمىز بار.
  ئەمەلىيەتتە ئۆزۈم نېمىلەرنىڭ بىزنى بۈگۈنكى كۈنگە ئېرىشتۈرگەنلىكىنى، نېمىلەرنىڭ ما يۈننى بۈگۈنكى كۈنگە ئېرىشتۈرگەنلىكىنى ئويلاپ كەلدىم، مېنىڭ ئۇتۇق قازىنىشقا سەۋەبىم يوق، <<ئەلى بابا>>نىڭمۇ ئۇتۇق قازىنىشقا سەۋەبى يوق، <<تاۋباۋ>>نىڭ ئۇتۇق قازىنىشقا تېخىمۇ سەۋەبى يوق، ئەمما بىز بۈگۈن دەرۋەقە شۇنچە كۆپ يىللىق مۇساپىنى تاماملاپ، كەلگۈسىگە تولۇپ-تاشقان ئىشەنچ بىلەن ئولتۇرۇپتىمىز. ئەمەلىيەتتە مېنىڭ ئويلىغىنىم بىر خىل ئىشەنچتىن ئىبارەت، ھەممەيلەن بۇ دۇنياغا ئىشەنمىگەندە، ھەممەيلەن كەلگۈسىگە ئىشەنمىگەندە، بارلىق كىشىلەر ئۆزئارا بىر-بىرىگە ئىشەنمىگەندە، بىز ئىشەنچنى تاللىدۇق، بىز ئىشىنىشنى تاللىدۇق، بىز 10 يىلدىن كېيىنكى جۇڭگونىڭ تېخىمۇ ياخشى بولۇشىنى تاللىدۇق، بىز خىزمەتداشلارنىڭ مەندىن ياخشى قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىشنى تاللىدۇق، مەن جۇڭگودىكى ياشلارنىڭ بىزدىنمۇ ياخشى قىلالايدىغانلىقىغا ئىشەندىم.
  20 يىل ئىلگىرى ياكى 10 يىل ئىلگىرى بولسۇن، مەن ھەتتا ئۆزۈمنىڭمۇ ئۆزۈمگە ئىشىنەلمەيدىغانلىقىنىمۇ ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم، مەن خىزمەتداشلىرىمنىڭ ماڭا ئىشەنگەنلىكىگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن، باش ئىجرائىيە ئەمەلدار (CEO) بولۇش تولىمۇ تەس، ئەمما باش ئىجرائىيە ئەمەلدار (CEO)نىڭ خادىمى بولۇش تېخىمۇ تەس. مەن جۇڭگودا، كۆپچىلىك ئىشەنچ تۇيغۇسى قالمىغان دەۋاتقان دەۋردە، سىزمۇ ئۆمرىڭىزدە ئاڭلاپ باقمىغان ئىسىملار، تۈرلۈك-تۈمەن ئادەملەردىن ئۇنىڭغا پۇل تۆلەپ، سىز ئېھتىمال كۆرۈپمۇ باقمىغان نەرسىلەرنى سېتىۋالىدىغانلىقىڭىزنى، ئۇ نەرسىنىڭ نەچچە مىڭ كىلومېتىر مۇساپىنى بېسىپ، سىز تونۇمايدىغان ئادەملەر ئارقىلىق قولىڭىزغا تېگىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم. بۈگۈنكى جۇڭگودا  ئىشەنچمۇ، ئىشىنىشمۇ بار بولدى، ھەر كۈنى <<تاۋباۋ>> تورىدا 24 مىليون يۈەنلىك سودىنىڭ بولۇشى جۇڭگودا 24 مىليون ئىشەنچلىك يۈرەكنىڭ سوقۇۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
  بۇ يەردە ئولتۇرغان بارلىق <<ئەلى بابا>>لىقلار، تاۋباۋلىقلار، تۆۋەن كىرىملىكلەر، مەن سىلەردىن ئىپتىخارلىنىمەن، بۇ ئۆمرۈمدە كۆپچىلىك بىلەن خىزمەتداش بولدۇم، كېيىنكى ئۆمرىمىزدىمۇ بىز يەنىلا خىزمەتداش. چۈنكى سىلەر بۇ دەۋرگە ئۈمىد ئاتا قىلدىڭلار، بۇ يەردە ئولتۇرغانلىرىڭلار بەئەينى جۇڭگونىڭ بارلىق 80-، 90-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان ياشلىرىغا ئوخشاش بىر خىل يېڭى ئىشەنچ ئېلىپ كەلدىڭلار، بۇ خىل ئىشەنچ سەۋەبىدىن دۇنيا تېخىمۇ ئېچىۋېتىلدى، تېخىمۇ ئوچۇق-ئاشكارا بولدى، تېخىمۇ تەڭ ھۇزۇرلىنىدىغان بولدى، مەسئۇلىيەتنى تېخىمۇ دادىل زىممىسىگە ئالىدىغان بولدى، مەن سىلەردىن ئىپتىخارلىنىمەن.
  بۈگۈنكى دۇنيا __ بىر خىل ئۆزگىرىشچان دۇنيا، 30 يىللار ئىلگىرى، ھېچكىممۇ بۇنچىلىك بولۇپ كېتىشىنى ئويلاپ يەتمىگەنىدى، ھېچكىممۇ جۇڭگونىڭ ياسىمىچىلىق چوڭ دۆلىتىگە ئايلىنىشنى ئويلاپ يەتمىگەنىدى، ھېچكىممۇ كومپيۇتېرنىڭ بۇنچىۋالا ئومۇملىشىپ كېتىشىنى ئويلاپ يەتمىگەنىدى، ھېچكىممۇ ئىنتېرنېتنىڭ جۇڭگودىكى تەرەققىياتىنىڭ بۇنچىۋالا ياخشى بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى ئويلاپ يەتمىگەنىدى. ھېچكىممۇ <<تاۋباۋ>>نىڭ قۇرۇلۇشىنى، <<ياخۇ>>نىڭ بۈگۈنىنى ئويلاپ يەتمىگەنىدى. بۇ بىر ئۆزگىرىشچان دۇنيا، ھېچكىممۇ بىزنىڭ بۈگۈن بۇ يەرگە جەم بولۇپ كەلگۈسىنى تەسەۋۋۇر قىلىشىمىزنى ئويلاپ يەتمىگەنىدى.
  بىز كومپيۇتېرنىڭ ئومۇملىشىشى تېز بولسا، ئىنتېرنېتمۇ تېز بولۇشى كېرەك دەپ ئويلايمىز، نۇرغۇنلىرىمىز تېخى نېمىنىڭ PC ئىنتېرنېت، كۆچمە ئىنتېرنېت ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋالمىدۇق؛ بىز كۆچمە ئىنتېرنېتنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋالمايۋاتقان چاغدا، چوڭ رەقەملەشكەن دەۋر يېتىپ كەلدى. ئۆزگىرىشچان دەۋر __ ياشلارنىڭ دەۋرى، بۈگۈن يەنە نۇرغۇن ياشلار گۇگېل، بەيدۇ، تېڭشۈن، ئەلى باباغا ئوخشاش شىركەتلەرنىڭ بارلىق پۇرسەتلەرنى ئېلىپ كەتكەندەك ھېس قىلىشىدۇ.
  10 يىل ئىلگىرى بىز سانسىزلىغان شىركەتلەرنى چوڭ شىركەتلەرنى كۆرگەندە، بىزگە يەنە پۇرسەت قالغانمىدۇ دەپ، بىزمۇ گاڭگىراپ قالغان. ئەمما 10 يىل قەتئىي چىڭ تۇرۇش ئارقىلىق بىز بۈگۈنگە ئۇلاشتۇق، ناۋادا بۇ ئۆزگىرىشچان دەۋر بولمىغان بولسا، نۆۋەت بۇ يەردە ئولتۇرغان ياشلارغا كەلمىگەن بولاتتى، سانائەت دەۋرىدە بايلىقىغا قاراپ رەتكە تۇرغۇزىدىغان بولۇپ، مەڭگۈ بىر <<باي دادا>>غا مۇھتاج بولىدۇ. ئەمما بىزدە يوق، بىز بارى قەتئىي ئىرادە بىلەن غايىدىن ئىبارەت. نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزگىرىشتىن بىزار، ئەمما بىز بارلىق ئۆزگىرىشلەرنى چىڭ تۇتالىغانلىقىمىزدىن كەلگۈسىنى كۆرەلىدۇق، كەلگۈسى 30 يىلدا بۇ دۇنيا، بۇ جۇڭگودا تېخىمۇ زور ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ، بۇ خىل ئۆزگىرىشلەر ھەممەيلەنگە پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ، بۇ پۇرسەتنى تۇتۇش كېرەك. نۇرغۇن كىشىلەر تۈنۈگۈنىدىن، 30 يىل ئىلگىرىكى مەسىلىلەردىن زارلايدۇ، جۇڭگونىڭ بۈگۈنگىچە بولغان تەرەققىياتىنى ھېچكىممۇ بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ باقمىغان، دۇنيانىڭ بۈگۈنگىچە بولغان تەرەققىياتىنى ھېچكىممۇ بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ باقمىغان، بىزنىڭ تۈنۈگۈننى ئۆزگەرتىشكە قۇربىمىز يەتمەيدۇ، ئەمما 30 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، بىز ئۆزىمىزنى ئاز-ئازدىن ئۆزگەرتىشنى قارار قىلدۇق. 10 يىل چىڭ تۇرۇش ھەممىمىزنىڭ ئورتاق ئارزۇسى.
  مەن ئۆزگىرىشچان دەۋرگە رەھمەت ئېيتىمەن، مەن سانسىزلىغان كىشىلەرنىڭ ئاغرىنىشلىرىغا رەھمەت ئېيتىمەن، چۈنكى باشقىلار ئاغرىنغاندىلا سىزگە پۇرسەت كېلىدۇ، پەقەت دەۋر ئۆزگەرگەندىلا ھەممەيلەن ئۆزلىرىنىڭ نېمىلىرىنىڭ بارلىقىنى، نېمىلەرگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى، نېمىلەردىن ۋاز كېچىش كېرەكلىكىنى تونۇپ يېتىدۇ.
  <<ئەلى بابا>>نىڭ قۇرۇلۇشىغا قاتناشقان 14 يىلدا، مەن ئۆزۈمنىڭ بىر سودىگەر ئىكەنلىكىمدىن پەخىرلىنىپ كەلدىم، بۈگۈن ئىنسانىيەت سودا جەمئىيىتىگە قەدەم قويدى، ئەمما ناھايىتى ئەپسۇسكى، بۇ دۇنيادا سودىگەرلەر ئۆزلىرى ئېرىشىشكە تېگىشلىك ھۆرمەتكە ئېرىشەلمەيۋاتىدۇ، سودىگەرلەر بۇ دەۋردە نۇقۇل ھالدا پايدىنىلا كۆزلىمەيدىغان بولدى، مەن بىز ھەرقانداق كەسىپ، ھەرقانداق سەنئەتكار، مائارىپچى، سىياسىيونلارغا ئوخشاشلا ئەڭ زور تىرىشچانلىقىمىز بىلەن بۇ جەمئىيەتنى مۇكەممەللەشتۈرۈۋاتىمىز. 14 يىللىق سودىگەرلىك قىلىش ماڭا كىشىلىك تۇرمۇشنى، نېمىنىڭ جاپا-مۇشەققەت، نېمىنىڭ ئىرادە، نېمىنىڭ مەسئۇلىيەت، نېمىنىڭ باشقىلار ئۇتۇق قازانغاندىلا ئۆزىمىزنىڭ ئۇتۇق قازانغانلىقى بولىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى. بىزنىڭ ئەڭ بەك كۆرۈشنى خالايدىغىنىمىز خادىملىرىمىزنىڭ تەبەسسۇمىدىن ئىبارەت.
  بۈگۈن كەچ سائەت 12:00 دىن كېيىن، مەن ئىجرائىيە باش ئەمەلدار (CEO) ئەمەس، ئەتىدىن باشلاپ سودا مېنىڭ ئىشتىن سىرتقى كەسپىم بولۇپ قالىدۇ، مەن ئۆزۈمنىڭ 14 يىللىق سودىگەرلىك ھاياتىمدىن ئىپتىخارلىنىمەن.
  سىلەرنى، جۇڭگونىڭ ياشلىرىنى كۆرۈپ، مەن ھامان بىر كۈنى بىزنىڭ كەلمەسكە كەتكەن ئوتتۇرا ياش مەزگىلىمىز بولۇپ قېلىشىنى خالىمىدىم. بۇ دۇنيادا ھېچكىممۇ سىزنى مەغلۇب بولمايدۇ، قېرىمايدۇ، گاڭگىرىمايدۇ دېيەلمەيدۇ. مەغلۇب بولماسلىقنىڭ، قېرىماسلىقنىڭ، گاڭگىراپ قالماسلىقنىڭ بىردىنبىر ئامالى ياشلارغا ئىشىنىشتىن ئىبارەت. چۈنكى ياشلارغا ئىشەنگەنلىك ___ كەلگۈسىگە ئىشەنگەنلىك. شۇڭا مەن ئەمدى <<ئەلى بابا>> گۇرۇھىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارلىقىنى قىلسام بولمايدۇ.
  مېنى قايتىپ كەل دېسىمۇ قايتىپ كەلمەيمەن، چۈنكى قايتىپ كەلسەممۇ پايدىسى يوق، سىلەر تېخىمۇ ياخشى قىلالايسىلەر.
  شىركەت قۇرۇپ مۇشۇ ھالەتكە يەتكەندە كىچىككىنە ھۆرمەتتىنمۇ ئالەمچە ئىپتىخارلانماقتىمەن. ئەمما جەمئىيەتكە تۆھپە قوشۇشى ئەمدى تۈزۈك باشلىنىدۇ، بارلىق <<ئەلى بابا>> لىقلار تولىمۇ تىرىشچان، تولىمۇ جۇشقۇن، تولىمۇ ئىشچان، ئەمما بىز ئىنتايىن ئادەتتىكىچە ئادەملەر، ئىخلاس بىلەن ياشايمىز، خۇشال ئىشلەيمىز. بىزنىڭ بۈگۈن ئېرىشكەنلىرىمىز بىز تۆلىگەن بەدەللەردىن ئېشىپ كەتتى، بۇ جەمئىيەت بۇ ئەسىردە بۇ شىركەتنىڭ تېخىمۇ ئۇزاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئۇ دەل ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدۇ، بۈگۈنكى جەمئىيەتتە شۇنچىۋالا كۆپ مەسىلىلەرنىڭ بولۇشى ئولتۇرغانلارغا بېرىلگەن پۇرسەتتۇر. ناۋادا مەسىلە بولمىسا، ئولتۇرغانلارنىڭ لازىمى قالمىغان بولاتتى.
  <<ئەلى بابا>>لىقلار كىچىك كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرىدۇ، چۈنكى كىچىك كارخانىلار جۇڭگودىكى ئارزۇ-ئۈمىد ئەڭ كۆپ جايلاردۇر. بۇ يەردە 14 يىللار ئىلگىرى بىز <<دۇنيادا قىلماق تەس سودا بولماسلىق>>نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كىچىك كارخانىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ياردەم بەرگەنىدۇق. بۈگۈن، بۇ بۇرچ سىلەرنىڭ زىممەڭلەردە روياپقا چىقتى. مەن يەنە كىچىك كارخانىلار ئۈچۈن سۆزلىمەكچىمەن، كىشىلەر ئېلېكتىرونلۇق سودا، ئىنتېرنېتنى ئادالەتسىز دېيىشىدۇ، ئەمما مېنىڭ چۈشەنچەمدە ئىنتېرنېت ھەقىقىي ئادىللىق بەرپا قىلدى. سوراپ باقاي، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەر، رايونلىرىدا، قايسى بىر جايدا كىچىك كارخانىلار، دەسلەپ ئىگىلىك تىكلىگەنلەرگە باجدا ئېتىبار قىلىندى؟ ئىنتېرنېت كىچىك كارخانىلارغا بۇ پۇرسەتنى بەردى. بەزى كارخانىلارنىڭ ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە بەش-ئالتە يۈز مىليون ئابونتى بار بولدى، ئۇلار كىچىك كارخانىلار بىلەن باراۋەرلىكنى ئورتاق قوغلىشىشقا چاقىرىق قىلدى، كىچىك كارخانىلارنىڭ ئېھتىياجلىق بولغىنى 500 يۈەنلىك باج ئېتىبارىدىن ئىبارەت، بارلىق <<ئەلى بابا>>لىقلار ئۇلارنى قوللايدۇ، ئۇلار چوقۇم كەلگۈسىدە جۇڭگودىكى چوڭ باج تاپشۇرغۇچىلارغا ئايلىنىدۇ.
  كۆپچىلىككە رەھمەت، مەن ئۆزۈم قىزىقىدىغان ئىشلار بىلەن، يەنى مائارىپ، مۇھىت ئاسراش دېگەندەك ئىشلار بىلەن شۇغۇللانماقچىمەن. بايىقى <> دېگەن ناخشىدا دېيىلگەندەك، بۇ دۇنيادىكى نۇرغۇن ئىشلارنى بىز قىلالمايمىز، بۇ دۇنيادا ئوبامادىن پەقەت بىرىلا بار، ئەمما نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىنى ئوبامادەك چاغلايدۇ.  بۇ دۇنيادا ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ خىزمىتىنى ياخشى قىلسا، ئۆزى قىزىقىدىغان ئىشلارنى قىلالىسا تولىمۇ قالتىس ئىش بولىدۇ. بىز بىرلىكتە تىرىشىپ، خىزمەتتىن باشقا جۇڭگونىڭ مۇھىتىنى ياخشىلاش، سۈيىنى پاكىزلاش، ھاۋاسىنى ساپلاشتۇرۇش، يېمەكلىكنى خەۋپسىزلەشتۈرۈشنى سىلەرگە ھاۋالە قىلىمەن.
  مەن تولىمۇ ئىپتىخالانغان ھالدا <<ئەلى بابا>>نىڭ كەلگۈسىدىكى كوللېكتىپىنى تونۇشتۇرىمەن، ئۇلار مەن بىلەن بىرلىكتە نۇرغۇن يىللار خىزمەت قىلغان، ئۇلار ئۆزلىرىنى مەندىنمۇ بەك چۈشىنىدۇ. لۇ جاۋشى خىزمەت قىلغىلى 13 يىلدىن ئاشتى، <<ئەلى بابا>>نىڭ ئىچكى قىسمىدا نۇرغۇن ئورۇنلاردا ئىشلەپ، نۇرغۇن مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن، ئۇنىڭ 13 يىللىق قان-تەرى ۋە خۇشاللىقلىرى ئوخشاشلا كۆپ، ما يۈننىڭ بۇ ئورنىنى ئېلىش تولىمۇ مۈشكۈل، مېنىڭ بۈگۈنگىچە كېلەلىشىم كۆپچىلىكنىڭ ماڭا ئىشەنگەنلىكىدىن بولغان، ئىشەنچ شۇنچىلىك ئاددىي.
  مەن ھەممەيلەننىڭ مېنى قوللىغاندەكلا يېڭى كوللېكتىپنى، لۇ جاۋشىنى قوللايدىغانلىقىڭلارغا، ماڭا ئىشەنگەندەكلا يېڭى كوللېكتىپقا، لۇ جاۋشىغا ئىشىنىدىغانلىقىڭلارغا ئىشەنچىم كامىل. كۆپچىلىككە رەھمەت. ئەتىدىن باشلاپ، مەن ئۆزۈمنىڭ تۇرمۇشۇمغا قايتىمەن، مەن تولىمۇ بەختلىك، 48 يېشىمدا خىزمىتىمدىن ئايرىلىدىغان بولدۇم، كۆپچىلىك 48 ياشتىن ئىلگىرى <<خىزمەت مېنىڭ تۇرمۇشۇم>> ئىدى، ئەتىدىن باشلاپ تۇرمۇش مېنىڭ خىزمىتىم بولىدۇ، لۇ جاۋشىنى قارشى ئالايلى.
  سەمىمىي ئەسكەرتىش: بۇ نۇتۇقنى تەرجىماننىڭ نامىنى ئۆچۈرۈۋېتىپ ئىشلەتكۈچىلەر بايقالسا، قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nidayi001 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-3 09:46 PM  


باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2مۇنبەر پۇلى +20 يىغىش سەۋەبى
nur222 + 10 ماختاشقا تېگىشلىك
mastana888 + 10

باھا خاتىرىسى

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

4

تېما

359

يازما

363

جۇغلانما

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 86476
يازما سانى:
359
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
1899
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
246 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-10-25
ئاخىرقى:
2016-5-24
ۋاقتى: 2015-11-20 17:27:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئەمدىلا بىرسىنىڭ تۇرسۇنجان نۇرمۇھەممەت بىلگە يازغان خەلقىمىزنىڭ يەنە بىر پەخرلىك قىزى گۈلمىرە توغرىسىدىكى يازمىسىغا تىما ئىگىسىنى كەمسۇندۇرۇپ ئىنكاس قالدۇرغانلىقىدىن ئىنتايىىن بىئارام بولغان ئىدىم. مەن تۇيۇقسىز شۇنى ئويلاپ قالدىم:مايۇننىڭ سۆزىدىن نىمىشقا كىشلەر قۇسۇر تاپمايدۇ؟قۇسۇر تاپالمامدۇ،ياكى قۇسۇر تىپىشقا پىتىنالمامدۇ؟ ئەمەلىيەتتە مايۇننىڭ سۆزىنىڭ ئارىسىدىن دائىملا نورغۇن تاقا-تۇقا گەپلەر چىقىدۇ، ئەمما بۇ زاماننىڭ ئادەملىرى ھەقىقەتكە ئەمەس نوپۇزغا ئىشەنگەنلىكى ئۈچۈنلا نوپۇزلۇقلار تەرىپىدىن ئەخمەق قىلىنىپ ياشايدۇ.سىز مايۈننىڭ مۇنۇ گەپلىرىگە دىققەت قىلىڭ:
-مەن ئىزچىل ھالدا بۇ يىل <<ئەلى بابا>> گۇرۇھىنىڭ % 99 نەرسىسىدىن قۇرۇق قالساقمۇ بىزنىڭ يەنىلا قىممىتىمىزنىڭ بولىدىغانلىقىنى، ئۆكۈنمەيدىغانلىقىمىزنى ئويلاپ كەلدىم(بۇ قۇرۇق پودىن باشقا گەپ)
-  مېنىڭ ئۇتۇق قازىنىشقا سەۋەبىم يوق، <<ئەلى بابا>>نىڭمۇ ئۇتۇق قازىنىشقا سەۋەبى يوق، <<تاۋباۋ>>نىڭ ئۇتۇق قازىنىشقا تېخىمۇ سەۋەبى يوق.(بۇ كىشلەرنى كولدۇرلىتىشتىن باشقا گەپ)
-ھەممەيلەن بۇ دۇنياغا ئىشەنمىگەندە، ھەممەيلەن كەلگۈسىگە ئىشەنمىگەندە، بارلىق كىشىلەر ئۆزئارا بىر-بىرىگە ئىشەنمىگەندە، بىز ئىشەنچنى تاللىدۇق(خاتالىشىپسىز،ھەممەيلەن تىخى ئۇ ھالغا چۈشۈپ قالغىنى يوق)
-20 يىل ئىلگىرى ياكى 10 يىل ئىلگىرى بولسۇن، مەن ھەتتا ئۆزۈمنىڭمۇ ئۆزۈمگە ئىشىنەلمەيدىغانلىقىنىمۇ ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم.(سىنىڭ ھازىر پۇلۇڭ بار،ئەمما دەۋاتقان ماۋۇ گىپىڭنىڭ نىمە ئەھمىيىتى بار)
-باش ئىجرائىيە ئەمەلدار  بولۇش تولىمۇ تەس، ئەمما باش ئىجرائىيە ئەمەلدارنىڭ خادىمى بولۇش تېخىمۇ تەس(گىنرال بولۇشتىن ئەسكەر بولۇش تەس دېسە سىز ئىشىنەمسىز)
-ھەر كۈنى <<تاۋباۋ>> تورىدا 24 مىليون يۈەنلىك سودىنىڭ بولۇشى جۇڭگودا 24 مىليون ئىشەنچلىك يۈرەكنىڭ سوقۇۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.(ئالەشەنى، ھەربىر ئادەم بىركويلۇق بىرنەرسە ئالسا ئاندىن شۇنداق بولىدۇ، سەن ماتىماتىكىنى تۈزۈك بىلمىگەچكە يۈرەكنىڭ سانىنى ئارتۇق ھىساپلاپ قويۇپسەن)
-بۇ ئۆمرۈمدە كۆپچىلىك بىلەن خىزمەتداش بولدۇم، كېيىنكى ئۆمرىمىزدىمۇ بىز يەنىلا خىزمەتداش.(ئۆتكەندە سودىگەرلەر پۇلدىن باشقىسىغا ئىشەنمەيدۇ،دەۋاتاتتىڭ، ئەمدى كىيىنكى ئۆمۈرنىڭ گىپىنى قىلىپ قاپسەنغۇ؟)
-بۈگۈنكى دۇنيا __ بىر خىل ئۆزگىرىشچان دۇنيا، 30 يىللار ئىلگىرى، ھېچكىممۇ بۇنچىلىك بولۇپ كېتىشىنى ئويلاپ يەتمىگەنىدى.(بۇ گەپلەرنى يەسلىنىڭ باللىرىمۇ بىلىدۇ)
- مەن سانسىزلىغان كىشىلەرنىڭ ئاغرىنىشلىرىغا رەھمەت ئېيتىمەن، چۈنكى باشقىلار ئاغرىنغاندىلا سىزگە پۇرسەت كېلىدۇ(باشتىكى گەپ قاملاشقاندەكمۇ تۇرىدۇ، لىكىن بۇ ئاخىرىدىكىسى قانداق مەنتىقە؟)
-بۈگۈن ئىنسانىيەت سودا جەمئىيىتىگە قەدەم قويدى، ئەمما ناھايىتى ئەپسۇسكى، بۇ دۇنيادا سودىگەرلەر ئۆزلىرى ئېرىشىشكە تېگىشلىك ھۆرمەتكە ئېرىشەلمەيۋاتىدۇ(ئەمەلىيەتتە ئىنسانىيەت سودا جەمىيىتىگە قەدەم قويغىلى2000يىلدىن ئاشتى، خەلق سودىگەربايلارنى ئوبدانلا ئەتىۋارلاۋاتىدۇ،يەنە قانداق قىلسا بولاتتى؟)  
-شىركەت قۇرۇپ مۇشۇ ھالەتكە يەتكەندە كىچىككىنە ھۆرمەتتىنمۇ ئالەمچە ئىپتىخارلانماقتىمەن. ئەمما جەمئىيەتكە تۆھپە قوشۇشى ئەمدى تۈزۈك باشلىنىدۇ(تىخى كۆرىمىز، ئۆتكەندە ئاپەت يۈزبەرگەندە خەير-ساخاۋەت ئورگانلىرى سىنى ئىزدەپ بارغاندا بىشىڭنى ئىچىڭگە تىقىۋالغانلىقىڭنى پۈتۈن جۇڭگۇلۇقلار بىلىدۇ)
-بۇ دۇنيادىكى نۇرغۇن ئىشلارنى بىز قىلالمايمىز، بۇ دۇنيادا ئوبامادىن پەقەت بىرىلا بار(تىخى باياتىن، بىز تىرىشساقلا ھەرقانداق ئىشنى قىلالايمىز دەۋاتاتتىڭ،ئەمدى قىلالمايمىز دەيسەنغۇ؟  ئوبامادىن بىرسى بارلىقىنى تۆۋەندە ئولتۇرغانلار بىلمەسمۇ)


مايۇننىڭ نۇتقىدا تايىنى يوق گەپ-سۆزلەر دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ، ئۇ جۇڭگۇدىكى ئەڭ چوڭ باي بولغاچقا دېگەنلىرىنىڭ ھەممىسى توغرىدەك تۇيۇلىدۇ، ئۇ ئالدىنقى قىتىملىق سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىدا مۇنداق بىر «ھىكمەتلىك» سۆزنى قىلىپ،كىشلەرنى ئەجەپلەندۈرگەن. «ھازىر كىتاب ئوقۇغاننىڭ پايدىسى يوق»، مىنى ئەڭ ھەيران قالدۇرغىنى بۇ گەپنى مايۈننىڭ ئېيىتقانلىقى بولماستىن، مۇنبەردىكى سۆھبەتتە رىياسەتچى ئۈمىد غەنىنىڭ بۇ ئۈزۈندىدىن نەقىل ئىلىپ«مەن ھازىر مىللى يىزىقتىكى كىتابلارنى ئوقۇمايمەن»دېگىنى بولدى. مانا شۇنىڭدەك ئەڭ قورقۇنچلۇقى نوپۇزلۇقلارنىڭ خاتا گەپ-سۆزلىرىگە نورغۇن ئادەم ئىشىنىپ قالىدىغانلىقىدا.ھازىر تۈزۈك مەكتەپ قارىسىمۇ كۆرمەيلا پۇل تىپىۋاتقان بايلار نورغۇن، خەنزۇچىدا «تۇخاۋ»دەيدىغان بىر يىڭى سۆز پەيدا بولدى.بۇ بىلىمسىز باي دېگەن مەنىنى كۆرسىتىدۇ. مايۇن ئەلۋەتتە ئىنتايىن زور ئۇتۇقلارنى قازاندى، ئەمما شۇنىسى ئىنىقكى ئۇنىڭ ھەممە گەپلىرىنىڭ يۈزدە-يۈز توغرا بولۇپ كىتىشى ناتايىن. نۇبىل،ئېينىشتىيىندەك ئالىملار، ئارستوتىل،ئەفلاتون قاتارلىقلاردەك پەيلاسوپلارمۇ خاتالاشقان يەردە، بايلارنى دېگەنلىرى يۈزدە-يۈز توغرا دەپ كىممۇ كىسىپ ئېيتالايدۇ. ئەمەلىيەتتە، بىلىم باشقا گەپ،پۇل باشقا گەپ!  ئابروي باشقا گەپ،ئەخلاق باشقا گەپ!  نوپۇز باشقا گەپ، ھەقىقەت باشقا گەپ!

ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ چىن يۈرەكتىن خەلق ئۈچۈن قىلىۋاتقان چاقرىق سۆزلىرىگە«يىراقتىكى موللام داموللام،يىقىندىكى موللام جا موللام»دېگەن پوزىتسىيەدە بولساق، مەڭگۈ يات تائىپەلەرنىڭ ئوسۇرىقىنى ئىپار بىلىپ بۇ دۇنيادىن نام-نىشانسىز ئۆتۈپ كىتىمىز......
؟؟؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ۋېجدان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-20 05:37 PM  


باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2مۇنبەر پۇلى +20 يىغىش سەۋەبى
otqash405 + 10 مۇنداقلا دەپ قويغان پ.
ئاكىجان + 10 دەلىللەر يېتەرلىك

باھا خاتىرىسى

مەدەنىيەتلىك ئائىلە بىلەن مەدەنىيەتسىز ئائىلىنىڭ پەرقى-ئۆيىدە كىتاب ئىشكابىنىڭ بار-يوقلىقىدا!

10

تېما

512

يازما

522

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 128983
يازما سانى:
512
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
439
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
364 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-10-26
ئاخىرقى:
2016-6-4
ۋاقتى: 2015-11-4 00:05:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇتىمىدا تەسۋىر لەنگەن شەخىسكە ئەسلا قىزىقمايمەن بۇتىمىنى يوللىغۇچى ھارمىغايسىز

www.886kino.cn

3

تېما

769

يازما

772

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 125726
يازما سانى:
769
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
1590
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
273 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-9-2
ئاخىرقى:
2016-5-7
ۋاقتى: 2015-11-4 20:34:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە كىشى ياشلىقىدا قانچە جاپا تارتسىمۇ ياشقا چوڭىيىپ مۈكچىيىشكە باشلىغاندا ياشلىقىدىكى ئەمگەك مېۋىسىنى كۆرىشى كىرەك،تۇرمۇشىنى ئالدىراشچىلىق ۋە بېسىمدىن تارتىپ ئىبادىتىنى جايىدا قىلىپ،كىيىملەرنى راھەت كىيىپ،پاكىزە يۈرۈپ،مۇمكىن بولسا ساياھەتكە چىقىپ،ھاۋالىق جايلارغا بېرىپ ساپ ھاۋادىن نەپەسلىنىپ...........................

سەبىر ۋە شۈكۈرلەرنى ئ‍ۆزىگە يار قىلغان كىشى ھەرگىزمۇ ئ‍ۆزىنى دەپ باشقىلارنىڭ كۆڭلىگە زەرچە ئ‍ازار بەرمەيدۇ

ئابدۇرەھىم تۇرغۇن(قەشقەر ئوغلى

15

تېما

707

يازما

722

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 125431
يازما سانى:
707
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
2443
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
336 سائەت
تىزىملاتقان :
2015-8-28
ئاخىرقى:
2016-1-30
ۋاقتى: 2015-11-3 23:08:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مايۇننىڭ نۇتىقلىرى ھەقىقەتەن ئادەمنى قايىل قىلىدۇ!

13

تېما

859

يازما

872

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 108441
يازما سانى:
859
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
2281
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
521 سائەت
تىزىملاتقان :
2014-7-14
ئاخىرقى:
2016-6-1
ۋاقتى: 2015-11-3 23:09:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«كۆپ مەسسىللەرنىڭ بولىشى ئولتۇرغانلارغا بىرىلگەن پۇرسەتتۇر، ناۋادا مەسىللەر بولمىسا ئولتۇرغانلارنىڭ لازىمى قالمىغان بولاتتى»  ماۋۇ جۈملە ھەربىرىمىزگە لازىملىقكەن!

ئاھ...ماڭقۇرۇتلۇقتىكى ھايات!

ھاياتلا بول،خۇشخۇي ،ئەخلاق،بول

2

تېما

27

يازما

29

جۇغلانما

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 104803
يازما سانى:
27
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
220
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
102 سائەت
تىزىملاتقان :
2014-3-13
ئاخىرقى:
2016-2-19
ۋاقتى: 2015-11-4 03:46:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاللاش دىگەن  شۇنداق نەرسە ، يوقنى بار قىلدىغان ،بارنى ھەم يوق......


نەپسىڭ بالا،خۇشخۇي ئالا،ئەخلاق زىننەت،ئەقىل تۈۋرۈك،
دوسىتلۇق دىن~

بابۇرخان

3

تېما

2083

يازما

2086

جۇغلانما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 18979
يازما سانى:
2083
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
15809
تۆھپە :
400
باھا :
538
توردا:
3067 سائەت
تىزىملاتقان :
2010-11-25
ئاخىرقى:
2016-5-29
ۋاقتى: 2015-11-4 12:38:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان ئادەملا مۇۋەپپىقيەت قازىنىدۇ .ئۇنداقتا باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان ئادەم قانداق ئادەم ؟
ئەمىليەتتەئۇنىڭ بەدەن ئالاھىدىلكى بولسۇن ياكى چوڭ مېڭسىنىڭ تەرەققىياتى بولسۇن كۆپچىلىك بىلەن تامامەن ئوخشاش .پەقەت ئۇنىڭ تەپەككۇرى ۋە غەيرىتىلا باشقىلاردىن پەرقلنىپ تۇرىدۇ.

سىز بارماقلىرى چىڭ تۈگۈلگەن مۇش بىلەن كۆرۈشەلمەيسىز .(گەندى )

1

تېما

44

يازما

45

جۇغلانما

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 111431
يازما سانى:
44
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
252
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
104 سائەت
تىزىملاتقان :
2014-12-4
ئاخىرقى:
2016-2-27
ۋاقتى: 2015-11-5 00:23:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كىشىگە راستىنلا بەك قول قويىمە
بەك ئىرادىلىك ياش بۇ
تىما يوللىغۇچى ھارمىغايسىز

You have to believe in yourself . That is the secret of success BiHLan!!!!

ظأزى ياخىشى كأرگ

1

تېما

258

يازما

259

جۇغلانما

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 6381
يازما سانى:
258
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
8767
تۆھپە :
345
باھا :
296
توردا:
153 سائەت
تىزىملاتقان :
2010-8-14
ئاخىرقى:
2016-2-11
ۋاقتى: 2015-11-5 10:46:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل . ئەھميەتلىك تىما ئىكەن

ۋاپاغا ۋاپا قىل .جاپاغا جاپا ، ياخشىلار كۆڭلىنى قىلمىغىن خاپا ، ئەقلى يوق نامەردكە قىلىپ ياخشىلىق . ئاقىۋەت ئۆزۈڭگە .تاپمىغىن تاپا.

0

تېما

19

يازما

20

جۇغلانما

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نومۇرى: 86092
يازما سانى:
19
نادىر تېما :
0
مۇنبەر پۇلى :
173
تۆھپە :
0
باھا :
0
توردا:
48 سائەت
تىزىملاتقان :
2012-10-15
ئاخىرقى:
2016-1-15
ۋاقتى: 2015-11-9 17:35:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل تىما ئىكەن

ئاچارچىلقىنى باشتىن كەچۈرمىگەن، توقچىلىقنىڭ قەدرىگە يەتمەس
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|قاماقخانا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى ( 黔ICP备15011399号 )

GMT+8, 2016-6-4 11:43 AM, Processed in 0.051972 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team) © 2001-2013 Comsenz Inc.
شىنجاڭ مىسرانىم مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش