ئىسىل خوتۇن گۈلدەك خوتۇن
(خوتۇن ئالساڭ دۆتنى ئال ›› دىن تەسىرات )
ئەرنى ئەر قىلغان خوتۇن ،
ئەرنى يەر قىلغان خوتۇن ،
تەر ئاققۇزۇپ چىھرىدىن،
چولنى بوستان ئەيلىگەن،
ئىسىل خوتۇن گۈلدەك خوتۇن .
داتلىمايدۇ جاپادىن ،
توساپ قالار خاتادىن .
چايغا بارماس ئەسلا ئۇ،
چۈپ قالسىمۇ قاتادىن ،
ئىسىل خوتۇن گۈلدەك خوتۇن .
ئۇ ئويلايدۇ ئېرىنى ،
ئۆزى بىلەن بىر تەن دەپ ،
ئاچچىق يۈتسە ئىرىدىن ،
ئەجەپ تاتلىق قەنكەن دەپ ،
ئىسىل خوتۇن گۈلدەك خوتۇن .
ئۇ ئويلايدۇ ھەر ۋاقىت ،
باللىرىڭنىڭ غېمىنى ،
ئاچ قالسىمۇ مەن توق دەپ
ئاچ قويمايدۇ ھەممىنى ،
ئىسىل خوتۇن گۈلدەك خوتۇن .
پارۋانىدەك پىلدىرلاپ ،
ئۆي غېمىنى قىلىدۇ ،
توغرا يولنى ئىزدەشتە ،
قىلنى قىرىق يارىدۇ ،
ئىسىل خوتۇن گۈلدەك خوتۇن .
بولغاچقىلا ئۆيىڭدە ،
سەن خاتىرجەم يۈرۈسەن ،
چاڭ توندۇرماي كىيىمگە ،
يېڭى ھالەت كىيىسەن ،
ئىسىل خوتۇن گۈلدەك خوتۇن .
ئۆزگىچە تەم تامىقىڭ ،
كام بولمايدۇ ھەر كۈنى ،
ئۆينى ھەم بالاڭنى دەپ ،
مۈكچىيەر يۇمران تېنى ،
ئىسىل خوتۇن گۈلدەك خوتۇن .
ئۇ بولغاچقا يېنىڭدا ،
مۇشكىلاتنى يېڭىسەن ،
ئەل ئىچىدە ھەر ۋاقىت ،
داڭدارلارنىڭ دېڭى سەن ،
ئىسىل خوتۇن گۈلدەك خوتۇن .
ئۇستاز دىسە ئۇنىڭدەك ،
ئۇلۇغ ئۇستاز تېپىلماس ،
پەرزەنتىڭنىڭ بەختىمۇ ،
ئۇنىڭسىز ھەم ئېچىلماس ،
ئىسىل خوتۇن گۈلدەك خوتۇن .
سەن ئۈچۈن پەرزەنت ئۈچۈن،
ھەر ۋاقىت ئوتقا كىرەر ،
زەررە بەختىڭ ئېچىلسا ،
مەپتۇم تەبەسسۇمدا كۈلەر ،
ئىسىل خوتۇن گۈلدەك خوتۇن .