 ئاڭلا يۈرىكىم ، قاياقتىندۇر ئاڭلىنىۋاتقان باھار لىرىكىسىنى ئاڭلا ، نېمىدىگەن جەلىپكار ، سېھرى كۈچكە تولغان ياڭراق مىلودىيە بۇ !بۇ كىچىكىمدىن ئاڭلاپ كېلىۋاتقان مىلۇدىيە ئەمەسمۇ ؟! ، نېمىشقا دەپ سوراۋاتامسەن ياكى مېنى ئەخمەق قىلىۋاتامسەن ؟ سېنىڭ دۈپۈلدەپ سۇقۇپ قەپەزلىرىڭگە پاتماي قېلىشلىرىڭدىن جاۋابىنى بىلىۋالغىنىڭ 《مانا مەن 》دەپ تۇرمامدۇ . راست دەيسەن ، بوۋام دائىم مەھەللىنىڭ چېتىدىكى سۈپسۈزۈك سۇلىرى بۇلدۇقلاپ تۇرىدىغان بۇلاق بېشىدىكى دۈمچەك سوگەتكە يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ ، كونېرغىنىدىن ئەسكى چۆمۈچكىلا ئوخشاپ قالغان راۋابىنى چېلىپ ئېيتىدىغان باھار كۈيى ئەمەسمۇ ؟!
ئەمما بۇ مىلودىيەنى بوۋام تۈگەپ كەتكەندىن بۇيان بۇنچىلىك ھاياجاندا ئولتۇرۇپ ئاڭلاپ باقمىغىنىمغا خېلى يىللار بولۇپتۇ . تەغدىر -پىشانەمگە ئۆز مەھەللەمدىن ئايرىلىپ ، مەلۇم شەھەردە جان بېقىش پۈتۈلگەچكىمۇ ، ئىشقىلىپ ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپلا مىغ -مىغ ئادەملەرگە تولغان ، شاۋقۇن -سۆرەنلىك بۇ شەھەرگە خىزمەتكە تەقسىم قىلىنىپ ، شۇندىن بېرى <شەھەرلىك > بۇلۇپ قالدىم . شەھەرنىڭ تۇرمۇشى ھەر جەھەتتىن يېزىدىكى تۇرمۇشتىن ياخشىدەك قىلغىنى بىلەن , يەنىلا ئاشۇ مەھەللەمنىڭ ماڭسىڭىز تېزغىچە كېلىدىغان ئۈلۈك توپىسىغا يەتمەيتتى . بەزىدە شۇ توپىنى كۆزلىرىمگە سۈرتكۈم كېلەتتى . رېستۇران ، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىدا نەغمە -ناۋانى ئاڭلاپ تۇرساقمۇ ، ئەمما بوۋام ئېيتقاندەك ، ئېتىز -قىرلاردىن كېلىۋاتقان نەۋقىران يىگىتلەرنىڭ ئەمگەك ناخشىسىدەك دىلىمغا ھوزۇر ئاتا قىلالمايتتى .
مانا بۇ يىل 10 كۈنلۈك دەم ئېلىشىمدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئانا يۇرتۇمغا نورۇز بايرىمىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئالايتەن كەلگەن ئېدىم . گەرچە بوۋام تۈگەپ كەتكەن بولسىمۇ ، ئۆينىڭ تۆرىگە مەرھۇم بوۋامنىڭ راۋاپى ئېسىقلىق تۇراتتى . ئۇنى قۇلۇمغا ئېلىپ كۆڭلۈم يېرىم بۇلۇپ ئولتۇرىشىمغا ، دېرىزىدىن مەيىن شامالغا ئەگىشىپ كىرگەن ياڭراق كۈي مېنى ھاياجانغا سېلىپ ، ئىختىيارسىز بۇلاق بېشىغا ، ئاشۇ دۈمچەك سۆگەت بۇيىغا باشلاپ باردى .
شۇنچە يىللار بولغان بولسىمۇ يەنىلا شۇ كىچىك چاغلىرىمدەكلا تىنىمسىز بۇلدۇقلاپ چىقىۋاتقان بۇلاق سۈيى ،خۇددى قەلبىمنىڭ چوڭقۇر يەرلىرىدىن چىقىۋاتقان ھاياجانلىق ھېسلىرىمغا تەڭكەش قىلىۋاتقاندەكلا بىلىندى . مۇزدەك بۇلاق سۈيىنى قانغىچە ئىچكەندىن كېيىن ، ئەتراپقا زور ئىشتىياق بىلەن قارىدىم . مەھەللەم باھار تۈسىگە كىرگەن بۇلۇپ ، باغلاردىكى ئۆرۈك چېچەكلىرىنىڭ مېزىلىك پۇراقلىرى دېماقلارنى مەس قىلاتتى .ئېرىق بۇيىدا يالپۇز تېرىۋاتقان بىر نەچچە ئايالنىڭ چېھرىدىكى خوشاللىقتىن ، ئېتىزدىن ھېرىپ كەلگەن يولدىشىغا ئىسىققىنە يالپۇز چۈچىرىسى ئەتمەكچى بۇلىۋاتقىنى چىقىپ تۇراتتى . بۇلاق بېشىدىكى دۈمچەك سوۆگەت ئاستىدا شوخ بالىلار چوكانتالدا چاچ ياساپ چوقۇرۇشۇپ ئوينىماقتا ئېدى . كۆز ئالدىمدىكى بۇ مەنزىرە ، يىراقتىن ئاڭلىنىۋاتقان باھار كۈيىگە قوشۇلۇپ ئاجايىپ گۈزەل بىر سىمپونىيەنى شەكىللەندۈرگەن ئېدى .
قەدەملىرىم مېنى يەنىلا ناخشا چىقىۋاتقان تەرەپكە سۆرەپ ماڭدى . تەمبۇرنىڭ مۇڭلۇق تىتىرىشىگە تەڭكەش ئېيتىلىۋاتقان كۈي بارا -بارا ئەۋجىگە چىقىپ مەھەللە ئاسمىنىنى لەرزىگە كەلتۈرۈپ ، باھار شاتلىقىغا تولغان ئوتلۇق قەلىبلەرگە سۆيگۈ ھېسلىرىنى ئاتا قىلماقتا ئېدى .

باھار سۆيگەن قۇشلاردىن كەلدى يەنە خۇشخەۋەر ،
زىمىستاندا توڭلىغان قەلبىم يەنە ئېرىدى .
باقى ئەمەس ھەي ئىسسىت باھار بىزگە مەڭگۈلۈك ،
باھار كېتىپ پېقىرمۇ يەنە بىر ياش قېرىدى .

مەن باھارغا تارتىشىپ قالدىم كۆزۈم كەينىدە ،
ئېيتقىن يارىم شۇ باھار يەنە قايتىپ كېلەرمۇ .
تېنىقىمدا تۈمەنمىڭ شۈكرى قىلسام سېغىنسام ،
بەرگىن جاۋاپ ئەزىزىم بۇنى قەلبىڭ بىلەرمۇ .

مەن قورقىمەن باھاردا ئاسىي بۇلۇپ قېلىشتىن ،
چۈنكى باھار مەن ئۈچۈن سۆيگۈ بەرگەن گۈل بەرگەن .
باھارىمغا قۇت تېلەپ ئېتىزلاردا ئىشچانلار ،
مىڭ قەدەمدە ھەر يەردە سۆيگۈ تەرگەن گۈل تەرگەن .

چىمەن دوپپا باھاردا سوغا قىلاي مەن ساڭا ،
سۆيگۈ تولغان باھاردا قىلچە ئارمان قالمىسۇن .
يىراقلاردىن سېغىنىپ يىتىپ كەلسەڭ ناۋادا ،
دۈشمەن توسۇپ يۇلۇڭنى ساڭا ئازار سالمىسۇن .

تېرىۋالدىم باھاردىن ۋاپا بىلەن گۈلدەستە ،
ئەجىر دېگەن ئاشۇنداق ۋاپا بىلەن گۈللەيدۇ .
مەن باھارغا ئاتىدىم ئەقىدەمنى گۈل قىلىپ ،
چۈنكى باھار بىز ئۈچۈن بەخت ئامان تېلەيدۇ .
نېمىدىگەن يىقىشلىق كۈي بۇ ! ھەر قانداق ئادەمنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلغۇدەك بۇ ياڭراق مىلودىيەنى ياڭرىتىۋاتقان قايسى بىر ئوت يۈرەك يىگىتتۇ ؟ بەلكىم پۈتكۈل ۋۇجۇدى ، بىغۇبار قەلبى چىن سۆيگۈگە تولغان ،ئىللىق باھاردىن ۋۇجۇدى ئوت بۇلۇپ يانغان نەۋقىران يىگىت بولسا كېرەك ...
مەن قىزىقىش ھەم تەلپۈنىشتە قەدەملىرىمنى تىزلەتتىم . ناخشا ، ئالدىمدىكى ئىنچىكە سىم بىلەنلا قورشاپ چىتلاپ قويىلغان ئۆرۈكلۈك باغ ئىچىدىن چىقىۋاتاتتى .
پاھ ! ئەسلىدە بىر بوۋاي ئىكەنغۇ ؟ مەن ئۆز كۆزۈمگە ھەم قۇلاقلىرىمغا ئىشەنمەيلا قالدىم . لېكىن رىياللىققا ئىشەنمەي بولمايتتى .
كۆز ئالدىمدا راستىنلا چاچ - ساقاللىرى كۈمۈشتەك ئاقارغان ، يۈزلىرى ئۇزاق تارىخنىڭ يول -يول ئىزنالىرى بىلەن تولغان بىر بوۋاي ، ئۆرۈك دەرىخىگە يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ قەدىناس تەمبۇرىنى سايرىتىپ شۇنداق يىقىملىق ئاۋازدا ناخشا توۋلىماقتا ئېدى . مەن پۈتكۈل ۋۇجۇدىمنى تىترىتىۋاتقان ھاياجىنىمنى تەستە بېسىپ ، بوۋاينىڭ يېنىغا ئاستا كىلىپ ئولتۇردۇم . بوۋاي بىردىنلا ناخشىسىنى توختاتتى ۋە :
_ قىزىم ، سىزنىڭ تۇرقىڭىزدىن بۇ يەرلىكتەك قىلمايسىز ، نەدىن كەلدىڭىز ، بۇ يەردە نىمە قىلىسىز ؟_ دېدى تەئەججۈپ بىلەن ماڭا قاراپ .
_ ناخشىڭىزنىڭ سېھرى بىلەن بولمامدۇ بوۋا ، ناخشىڭىز مېنى بۇ يەرگە باشلاپ كەلدى .
_ مېنىڭ ناخشام ؟
_ شۇنداق بوۋا ، مەن تۆۋەنكى مەھەللىدىكى ھاپىز كېرىمنىڭ نەۋرىسى بۇلىمەن .
_ ۋۇي ۋۇي قارا بۇنىڭ چوپچوڭلا ئادەم بۇلۇپ كەتكىنىنى ، كىچىكىڭدە ئېغى ئۇچۇق ئىشتان كىيىپ ئالدىمدا يۈگۈرەپ چوڭ بولغان ئېدىڭ بالام، شەھەردە تۇرۇپ تۇنۇغۇسىز بۇلۇپ كېتىپسەن ئەمەسمۇ ؟!
_ ھە ، سىز ھېلىقى سەمەت بوۋام ئىكەنسىزدە ، بايامتىن ناخشىڭىزنى ئاڭلاپ رەھمەتلىك بوۋام ئېسىمگە كېلىپ قالدى . ئەمما مەن سىزنى تېخى باھارغا ئاشىق نەۋقىران يىگىت ئوخشايدۇ دەپتىمەن بوۋا ھى ھى ھى .
_ دۇرۇس بالام ، بىر زامانلاردا بوۋاڭ بىلەن ئىككىمىز مەھەللىدىكى يىگىتلەرنىڭ ئالدى ئىدۇق ، ئېيتقان ناخشىلىرىمىز باش باھاردا باشلانسا ، زىمىستان قىشتىمۇ تۈگۈمەيتتى . ئېتىزلاردا مۈرىمىزگە كەتمەننى ئېلىپ يەرگە سۇ باشلىغاچ ناخشىمىزنى باشلىۋالساق ، مەھەللىنى ناخشىمىز بىر ئالاتتى . مۇشۇ باغدا بوۋاڭ بىلەن قانچىلىغان نورۇز بايراملىرىدا نورۇز ئېشىغا ئىشتەي ناۋاسى قىلمىغان دەيسەن قىزىم . ئەمما بوۋاڭ مەندىن بۇرۇن كىتىپ قالدى ، مېنىڭمۇ ئىككى پۇتۇم گۆرگە ساڭگىلىدى . يىللار ئۆزىنىڭ تەشۋىشسىز قۇدرىتى بىلەن كۆزۈمنىڭ نۇرلىرىنى ، جىسمىمدىكى كۈچ مادارنى ، چېھرىمدىكى جەزبىدارلىقلارنى ئوغرۇلاپ كەتتى . لېكىن روھىمدىكى ھېس- ئىدراكنى ، ئۈمۈت -ئارزۇلىرىمنى ئۇغرۇلاپ كېتەلىگىنى يوق .
ھەر يىلى 3- ئاي كىرىشى بىلەنلا كائىناتتىكى ھەممە نەرسىلەر جانلىنىپ كېتىدۇ . بىز قەدىمدىن تارتىپ بۇ ئاينى نورۇز ئېيى دەپ ئاتايتتۇق . نورۇز دېگەن بۇ ئاتالغۇ < يېڭى كۈن > <تۇنجى كۈن > < قۇياش ياشارغان كۈن > دېگەن مەنالارنى بىلدۈرىدۇ ، ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مېللەتلىرى
نورۇز بايرىمىنى <<يىل بېشى >> ياكى << كۈن توغدى >> دەپ ئاتىغان بالام .
نورۇز بايرىمى تەبىئەتنىڭ قىشلىق ئۇيقىدىن ئۇيغۇنىشى بىلەن باش باھاردا تەنتەنىلىك ئۆتكۈزىلىدىغان مىللىي بايرىمىمىز . ئۇ ھەر يىلى شەمسىيە يىلى ( قۇياش يىلى ) نىڭ بىرىنچى كۈنى يەنى مىلادىيە ھېسابىدا 3-ئاينىڭ 21-كۈنى كۈن-تۈن تەڭشەلگەندە ئۆتكۈزىلىدۇ . ئىلگىرى
بوۋاڭ بىلەن ئىككىمىز بولمىساق بۇ نورۇز بايرىمى قىزىمايتتى . كۈندۈزى ئوغلاق تارتىپ ھارماي يەنە ، كەچتە گۈلخان يېقىپ نورۇزلۇق مەشرىپىمىزنى باشلايتتۇق . ھازىر قېرىپ قالدىم ، ئاتقا مىنەلمەيمەن . ئەمما مۇشۇ تەمبۇرۇم ماڭا يەنىلا ھەمرا بالام ، _ دېدى بوۋاي كۈلۈپ تۇرۇپ .
— بوۋا ، مەنمۇ مۇشۇ مەھەللەمدىكى بۇ يىللىق نورۇز بايرىمىغا قاتنىشاي دەپ كېلىشىم ئېدى .
— ياخشى قىلىپسەن قىزىم . سىلەر شەھەرلىكلەرنى كاتتا رېستۇرانلاردا نورۇز ئېشى ئېتىپ ، كاتتا زىياپەتلەر بىلەن نورۇزنى ئۆتكۈزىدۇ دەپ ئاڭلىغان ئېدىم ، قارىغاندا يۇرتۇڭدىكى نورۇزنى ئۇنتۇيالمىغان ئوخشايسەن بالام . دېمىسىمۇ بۇ نورۇز بايرىمى كىشىلەر باھار پەسلىگە ئولۇشۇپ ، ئوۋغا چىقىش ، مال-ۋارانلىرىنى كۆكلەمگە كۆچۈرۈش ، تېرىقچىلىققا كىرىشىشتىن ئاۋال ئىش ئوقۇتىگە ئۇڭۇشلۇق ، بەركەت ، تۇرمۇشىغا ئاسايىشلىق ، بەخت تېلەپ بۇ بايرامنى تەنتەنىلىك ئۆتكۈزىشكە ئادەتلەنگەن . سىلەر شەھەرلەردە بەلكىم بۇ بايرامنىڭ قانداق بايراملىقىنى بىلىپ تۇرساڭلارمۇ ، لېكىن شۇنى ئەمىليەتتىن كۆرۈشكە شارائىت يوق ھاقىچان ، ئۇ ئىگىز-ئىگىز بىنالاردا گۇس -گۇس دەسسەپ ساماغا چۈشەلمەيسىلەر ، پاكىز ، كەڭ ئاسفالىت يوللاردا ئاتقا مىنىپ ئوغلاق تارتالمايسىلەر ئەمەسمۇ ؟! جەرىمانە تۆلەپ كېتىسىلەر ھى ھى ھى ...
— ھا ھا ھا ، بوۋا سىز بەك قىزىقچى ئىكەنسىز . نورۇز بايرىمى تەبىئەت ۋە گۈزەللىك بايرىمىدۇر . تەبىئەت قىشلىق ئۇيقۇسىدىن ئۇيغۇنىپ جانلىنىشقا باشلىغان ، ئەگىز سۈيى ئېقىپ تاغ -ئېدىرلار ، دەل -دەرەخلەر كۆكىرىشكە باشلىغان ، كىشىلەرگە يېڭى ھاياتلىق ئۈمۈدى بەخش ئېتىلگەن مەزگىلدۇر . تەبىئەتنى سۆيۈش ، تەبىئەتنى گۈزەللەشتۈرۈش ئۈچۈن بۇ مەزگىلدە كۆچەت تىكىش نورۇز بايرىمى ئۆتكۈزۈلدىغان مىللەتلەردە ئورتاق شەكىللەنگەن . شۇڭا مەنمۇ تەبىئەتنىڭ بۇ گۈزەل ئۆزگىرىشلىرىدىن بەھىر ئالغاچ ، بوۋامنىڭ قەبرىسى بېشىغا نەچچە تۈپ مىۋىلىك دەرەخ تىكىپ قۇياي دەپ ئويلاۋاتىمەن .
— ئەقلىڭگە بارىكاللا قىزىم ، يارايسەن . بوۋاڭنىڭ روھى خوش بۇلۇپ قالىدۇ . بوۋاڭ ھايات ۋاقتىدا نورۇز بايراملىرىدا نورۇز توغرۇلۇق نۇرغۇن شېئىرلارنى يېزىپ ، كىشىلەرگە دېكلىماتسىيە قىلىپ بېرەتتى ئۇ كاساپەت ! ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىن نورۇز بايرىمنىڭ تەبىئەت بايرىمىلا بۇلۇپ قالماستىن ، ئەمگەك بايرىمى ، تەنھەركەت بايرىمى ، ئەدىبىيات -سەنئەت بايرىمى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىۋالاتتۇق . مانا ھازىرمۇ بۇ ئەنئەنىلەر داۋام ئەتمەكتە ...
— راسما بوۋا ، بوۋاممۇ شېئىر يازامتى ؟
— ئەلۋەتتە ، بايامتىن ئېيتقان ناخشىنىڭ تېكىستىنى بوۋاڭ يازغانتى . ئاندىن ئىككىمىز ئۇرۇپ -سوقۇپ يۈرۈپ ئوبدانلا ناخشا قىلىۋالدۇق .
— مۇنداق دەڭ ، شۇڭا مەندىمۇ شېئىرغا ئالاھىدە قىزىقىش باركەندە .
— شۇنداقمۇ بالام ، ئەمىسە قېنى مەن سەمەت بوۋاڭغا بىرەنى ئوقۇپ بەرمەمسەن ، بوۋاڭدەك يازالامسەن ياكى يازالمامسەن ؟!
— بوۋا ، ئادەمنى خىجىل قىلدىڭىزغۇ ئەمدى ، مەن شۇ قىزىقىپلا ئانچە -مۇنچە جىجىلاپ باقىمەن
— خىجىل بولما بالام ، مەنمۇ ئۆز بوۋاڭدەكلا ئادەم ، مېنىڭ ئالدىمدا خىجىل بولساڭ ، نورۇز بايرىمىدەك چوڭ جامائەتچىلىك ئالدىدا قانداق قىلىسەن ، قېنى باشلىغىنە بالام .
— ئەمىسە ئەتتىگەندىن بېرى ئويلىغانلىرىمنى دەپ باقاي بوۋا
دېرىزەمدە سايرىدى ئەلچى قالىغاچ ۋىچىرلاپ ،
ناۋاسىدىن ئاياندۇر كۆكلەم كەلگەن ئوخشايدۇ .
مەيىن شامال ئەپ كەلدى چىمەنزارنىڭ ھېدىنى ،
سۆيۈپ شەبنەم ياپراقلار باھار كەلگەن ئوخشايدۇ .

ياڭراپ ئەمگەك ناخشىسى ئېتىزلاردا دالىدا ،
جانلىنىپتۇ جىمى جان نورۇز كەلگەن ئوخشايدۇ .
تۇلۇنئايمۇ باھارغا بولغاچ ئاڭا قەلىبداش ،
دېرىزەمدە مارلايدۇ يارىم كەلگەن ئوخشايدۇ .

يالپۇز پۇراپ قىرلاردىن خەۋەر بەردى باھاردىن ،
زىمىستانغا خوش ئېتىپ يۈرەك كۈلگەن ئوخشايدۇ .
قۇياش سۆيۈپ ئويغاتتى سۈكۈتتىكى خىيالنى ،
مىسكىن دىلنى شاد ئەيلەپ ھايات كۈلگەن ئۆخشايدۇ .
بوۋاي شېئىرىمنى شۇنداق ئىشتىياق بىلەن ئاڭلىدى ، مەنمۇ خۇددى ئۆز بوۋامغا ئوقۇپ بېرىۋاتقاندەك قىلچىمۇ ياتسىراش يوق ھالدا ئوقۇپ تۈگەتتىم .
— بارىكاللا قىزىم ، بوۋاڭنىڭ ئىزىدا مېڭىپسەن . تەشەككۈر ، بۇندىن كېيىنمۇ ھېرىپ قالمىغىن ، ھازىر ۋەزىيەت ياخشى ، پارتىيەنىڭ سىياسەتلىرى سىلەر ياشلارنى قوللايدۇ ، پەقەت توغرا يولدا مېڭىپ ، قۇلۇڭدىن كېلىشىچە باشقىلارغا ياردەم قىلىپ ، شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشلىرىغا قۇلاق سالمىساڭلا ، ھاياتىڭ گۈزەل مەنالارغا تولىدۇ بالام . مانا بىزنىڭ نورۇز بايرىمىمىزنىڭ شۇئارىمۇ شۇغۇ بالام ، كىشىلەرنى ياخشىلىققا ئۈندەيدىغان بايرام بۇ !
— رەھمەت بوۋا ، چوقۇم سىز دېگەندەك قىلىشقا تېرىشىمەن ، ھەم تېرىشۋاتىمەن . راست دەيسىز ، بۈگۈنكى كۈندە نورۇز ئامان -ئېسەنلىكنى ،
سالامەتلىكنى ، مەمۇرچىلىق ، ئاسايىشلىقنى ، ئىناقلىق ، ئۆملۈكنى تەشەببۇس قىلىدىغان ، ماھىر چەۋاندازلارنى ، ئىلھامى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان شائىر -قوشاقچىلارنى تاللايدىغان ، باھالايدىغان ، ناخشا -مۇزىكا ، ئۇسۇل ۋە قىزىقچىلىقلار بىلەن كۆڭۈل ئاچىدىغان ، يېڭىلىقلارنى كۆرەك قىلىدىغان ، مۇقىملىقنى قوغداپ ، ۋەتەنپەرۋەرلىكنى ئۇرغىتىدىغان ،كىشىلەرنى ئىلىم -مەرىپەتكە ئۈندەپ ، ئىناق جەمىيەت بەرپا قىلىشقا يىتەكلەيدىغان ، يىل بېشىدا خوشاللىق بىلەن كۈچ -ئىلھام توپلاپ ، ئىشقا پۇختا ئاتلىنىدىغان خاسىيەتلىك كۈن بۇلۇپ قالدى بوۋا .
— راست بالام راست . بۈگۈن ھاپىز كېرىم بىلەن ئولتۇرۇپ كەڭ -كۇشادە مۇڭداشقاندەكلا كۈن بولدى دېسە قىزىم ، سەن راسلا بوۋاڭنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنىڭ ھەممىسىنى تارتىپسەن ، خۇدايىم بەختىڭنى بېرىپ ، رېسقىڭنى زىيادە قىلغاي بالام ...
— رەھمەت بوۋا ،— دېدىم مەن ئاستا ئورنۇمدىن تۇرۇپ ؛
— كۈنمۇ بىر يەرگە بېرىپ قاپتۇ ، ئۆيدىكىلەر ئەنسىرەپ قالمىسۇن بوۋا ، مەن قايتاي
— ماقۇل بالام ، سېنى خۇدايىمغا تاپشۇردۇم بالام ، — دېدى بوۋاي ھەم تەمبۇرىنى قۇلىغا ئېلىپ قايتىدىن سازلىدى . گويا سۈپسۈزۈك بۇلاق سۇلىرىنىڭ بۇلدۇقلاشلىرىدەك شۇنچە يارقىن كۈي ، مەيىن باھار شامىلىغا جۆر بۇلۇپ پۈتۈن مەھەللىمىزگە تارالدى .
باھار كىلىپ سايرىسا بۇلبۇل ،
غېرىپ چالدى خوشاللىق سازى .
باھار ئاتلاپ باغاشلىسا ياز ،
قەيەردىكىن سۆيگىنىڭ نازى .

مېھرىيە
|