مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 863|ئىنكاس: 14

بىر سىقىم ھەسرەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تەككەپپۇرلۇق ئى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18013
يازما سانى: 967
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10290
تۆھپە نۇمۇرى: 421
توردا: 2359 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2015-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-18 10:18:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

                               QQ图片20150318222342.jpg



بىر سىقىم ھەسرەتنى قۇچاقلىغىنىمچە خىيال باياۋانلىرىم ئارىسىدىن نامەلۇم ئەتىنى كۆزلەپ ھايات داۋاملىرىنى كىزىۋاتىمەن, ئەتراپىم سۈكۈتنىڭ شەجەرىسىدە تولغانماقتا ،توغرا بۇ يەردە باشقىلار ئەمەس  دەل مىنىڭ زەرداپلىقتىن مەغرۇرلۇق قەدىنى تاپقان قەيسەر يۈرۈكۈم ياشايدۇ، مانا مۇشۇ دەملەردىمۇ بۇ ھاياتنىڭ ئاچچىق ھەقىقەتلىرى كۆڭۈل دىرىزەمنى توختىماستىن چىكپ  يامغۇر بۇلۇپ ھىچ ھالىمنى قويمايۋاتىدۇ . شۇئان كۆزلىرىمنى چىڭ يۇمدۇم ،خۇددى بۇ ھاياتنىڭ ئىنسانغا تۆت كۈنلۈك ھىساپ كىتاپ دۇنياسى ئىكەنلىكىنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇشقا باشلىغان ناتىۋان ئەقىلسىز يىگىتتەك....
ئەلۋىدا ساڭا رەھىمسىز دۇنيا  سىنىڭ ئاشۇ شۇم پەلەكلىرىڭ قانچىلىغان پاك  نىيەتلىك ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان دىللارنى پۇچۇلاپ مەجرۇھ ھىسلارنىڭ قوينىغا تاشلاپ  قۇيىۋاتقىنىنى بىلەمدىغانسەن؟ ھەي دۇنيا ئىنساننى  ھەر نەرسىدە  سىنىساڭ مەيلىكى  ھەرگىز ئون گۈلىنىڭ بىرى ئىچىلمىغان مەسۇم ھاياتلىق بەرگىلىرىڭنى  ئەجەل ھىدى پۇراپ تۇرىدىغان يۈلغۇنلۇق چۆللىرىڭگە رەھىمسىزلەرچە  تاشلاپ قويمىغىن! ساڭا دىسەم مۇشۇ  كۈنلەردە تەغدىر دىگەن سۆزنى  ئاڭلىساملا   ئاجىز تېنىمنى ئىختىيارسىز تىترەك باسىىدىغان بۇلىۋالدى، مانا ھازىرمۇ كۆز ئالدىمدا قايغۇلۇق,  غەشكە تولغان مۇراجەتنامىلەر سوزۇلۇپ ياتىدۇ, ئۇنىڭغا   يالغۇزلۇقنىڭ ماڭا ئاتا قىلغان ئاللقانداق تىگىگە يەتكۈسىز مۇڭلىرى  قۇشۇلۇپ  ئىسمىنىمۇ ئاتاشنى خالىمايدىغان  كىشىلەر ماڭا سىغىنىشتىن ئەستىلىك  ياساشقا تەييارلانماقتا…
شۈكرى ئاللاھ  ماڭا سېخلىق بىلەن بەرگەن شۇ  رىسىق مەدەتلىرىڭگە ،ئۇف  …… روخسەت قىلساڭ مەنمۇ ئەمدى  ئۇيقۇ ئالىمىدىكى سەپىرىمنى باشلاپ كىتەي،  شۇنىسى ئىنىقكى مەنمۇ  ھامان بىر كۈنى ئەجەل تەمىنى تىتىپ سىنىڭ رەھىمسىىز  رىيانلىقلىرىڭدىن بىراقلا  قۇتۇلىمەن ئەڭ ئادىل ھۈكۈمدار بولغان ھەق ئىگەمنىڭ ھۇزۇرىغا قايتىمەن ۋە ياكى  مۇشۇ ياتقىنىمچە  ئەجەل پەرىسى مىنى  يوقلاپ كىلىپمۇ قالار …… ئاڭلا ھەي جاھان، ھاياتىمنىڭ داۋاملىشىۋاتقان ئۇشبۇ قىممەتلىك مىنۇتلىرىدا بىر   ساڭىلا ياڭرىتىۋاتقان   مەكتۇب نىدايىغا قۇلاق سالغىن;
《كۆرەڭلىمەي ھەي دۇنيا كۈلۈپ قويغىن ئىنسانغا》خەيىر  خوش قالغىن ..
.

مانا ھاياتىمنىڭ سىناقلارغا تولغان ھەسرەتلىرىنى بىردەم بولسىمۇ ۋاراقلاشتىن توختاپ شىرىن چۈشلەر دۇنياسىدىن ئۆزۈمگە يىڭىچە بىر تۇيغۇنى ئىزدەپ تىپىش ئۈچۈن يولغا چىقتىم،گەرچە بۇ سەپەر مەنزىلىمنىڭ زادى قەيەرگىچە ھەتتاكى قانچىلىك داۋاملىشىدىغانلىقىنى  بىلمىسەممۇ مەن يەنىلا  شۇ تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز گۈزەللىككە تولغان گىرىمسەن تۇيغۇلار ئىلكىدە قۇش كەبىي ئەركىن پەرۋازىم بىلەن ئارمانلىرىم  بىلەن تامان ئىلگىرلىمەكتە ئىدىم، ئەمدىكى مىنۇتلىرىمدا ھايات رىيانلىقلىرىنىڭ ماڭا بەخىش ئەتكەن ئاچچىق تۇيغۇلىرىنى ئۈمۇمەن ئۇنۇتتۇم ،نىمانچە ئەركىن ھەم رەڭدارلىققا تولغان  يىڭىچە دۇنيا بۇ ھە !
غەمسىزمەن،  مىڭىۋىرەي ئىشقىلىپ بۇ يولدا ھىرىپ چارچىسام تۇپراق ئانام مىنى مىھرى بىلەن قۇچاقلاپ پەرىشتىلەر ئۆزلىرى بىرىپ روھىمنى  رەببىمنىڭ ھۇزۇرىغا  تەييار قىلىدۇ.  مۇشۇ رەۋىشتە قانچىلىك ماڭغانلىقىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن ، ھەم بىلىشنىڭمۇ نە ئەھمىيتى دەيسىلەر...تۇيۇقسىزكىمدۇر بىرىنىڭ پىچاق ھەققىدە قۇلاق تۇۋۇمگە پىچىرلاشلىرى مىنى چۈشلەر دۇنياسىدىن بىراقلا يۇلقۇندۇرۇپ  ھىلىقى قەلىپ ئاسمىنىمىدىن ئەمدىلا يوقىلىشقا باشلىغان بىر سىقىم ھەسرەتنىڭ قوينىغا تاشلىدى...،

چۈشلىرىمدىن يۇلغۇنۇپ ئويغانغان چىغىم،
ئاھ دىدىم بىر سىقىم ھەسرەت قۇچاقلاپ.
ئاپئاق كىرلىك ئۈستىدە نىمجاندۇر تىنىم،
نەپەسلىرىم شىلەنكىدىن چىقار قىينىلىپ.

توغرا مانا بۇ مەندۇرمەن ، ئىنسان بىغۇبار چۈشلەرتەرىپىدىن  ئالدىنىپ ئاقىۋەتتە رىيانلىقتىكى ئاچچىق قىسمەتنىڭ قاراڭغۇ زىندانىغا مەككۈم بۇلۇپ سوغۇق كىسەل كارىۋىتىغا پالانغۇچى  ئاجىز تەن دەل مەن بۇلىمەن ....بۇ يەردە كارىۋات ۋە ھاياتلىقنىڭ تۈرلۈك تۈمەن ھىكمەتلىرى ياشايدۇ، مەن گۇيا شۇ ھىكمەتلەرگە شاھىت بولغۇچى  مىھمان ....‹‹ھەي دۇنيا  مەندىن يەنە نىمىلەرنى كۈتەرسەن؟›› بىلدىم، ئەسلى سەن  نۇرلۇق كۆزلىرىىمنى خىرەلەشتۈرۈپ  چىھرىمنى كۈزدىكى خازان ياپرىقىدەك سارغايتىپ  پۇتلۈرۈمنى تاشتەك قاتتىق گىپىسقا ئىلىپ سەزمەس قىلغان  ۋاقىتلىرىڭدا مىنىڭ ياڭراتقان مەكتۇپلىرىمنى تامان ئۇنتۇپسەن... تىخىمۇ توغرىسى مەغرۇر  قەدىمنى، ھىچ بىر رەھىم قىلماستىن شۇ سۇسىز چۆللىرىڭگەتاشلىماق بوپتىكەنسەن ئەمەسمۇ ! ھايات....  بوپتۇ مەن ئۇتتۇردۇم،  قىسمەتلىرىڭگە تەن بەردىم جاھان، نە ئامال  يەنىلا شۇ بىر سىقىم ھەسرەتنى قۇچاقلاپ ھەر بىرتىنىقىمدىن ئەجەل ھىدىنى پۇراۋاتقاندەك مۇدىھىش تۇيغۇدا ياتماقتىمەن.... نەدىن كەلگەن غايىۋى جاسارەتلىكىنى بىلمەيمەن ئىشقىلىپ بىر كەملەردە قۇلۇمدىكى ھەسرەتنى چىڭ سىقىۋىدىم  ئەلەمدە تولغانغان يۇرىكىم شۇئان قاناپ كەتكەندەك تۇيۇلۇپ ئەنسىز سوقتى...دىمەك ھاياتىم ئازاپ، ھەسرەت دولقۇنلىرى ئارىسىدا داۋام  قىلىۋاتاتتى ، تۇيۇقسىز باشلانغان  يىغا زار بىلەن  چۆچۈپ خۇنىك كۆزلىرىمنى يان كارۋاتقا تىكتىم...توۋا بايىلا پۇشقۇرتۇپ ئۇخلاۋاتقان بىر  ئىسىسق جان،ئاجىرىغان ئىڭەك  مۇشۇ كىچىدە ئاخىرلاشقان بىر پارچە ھەقىقەتلىك ھىكايە  ئۆلۈمدىن ئىبارەت ئاخىرقى پەللىسىنى يىزىپ تۈگەتتى . ھەسرەتلەر ھىلىھەم يۈرىگىمنى تىلغاپ ئويناۋاتاتتى،  كۆزلىرىمنى يەنە يۇمدۇم  خۇددى ھۇجۇدۇمدىكى ئەنە شۇ بىر سىقىم ھەسىرەت ماڭاشۇنداق بىر ھەقىقەتنى چۈشەندۈرەلىگەندەك ئۆز ئۆزۈمگە  پىچىرلىغىنىمچە  كۈلۈمسىرىدىم؛‹‹خەيىر ھەسرىتىم، رىسقىم  بولسا يەنە كۈرۈشۈمىز بولمىسا سىنى جەننەت ئىشىكىنىڭ ئالدىغا چىچىۋىتىپ كىتىمەن›› ۋاھالەنكى  چۈشلەرپاياندازىدا بىر سىقىم ھەسرەتنى ئۈچۇمداپ كىتىۋاتىمەن.  ئەمما ئويغۇنۇش نىسىپ بولسا مەن پەقەت ئاللاھ ھۇزىرىغا قەدەممۇ قەدەم  يىقىنلىشىۋاتقان قەيسەر يۈرەكنىڭ بىرىمەن خالاس....




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   magrurjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-18 10:27 PM  



تولۇقلىما مەزمۇن (2015-3-19 10:42 AM):
ئاپتۇرى  :  مىرئادىل  مەغرۇر
ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
musilina + 200 ماختاشقا تېگىشلىك
jelwa + 300 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 500   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89563
يازما سانى: 1719
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8973
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 355 سائەت
تىزىم: 2013-1-4
ئاخىرقى: 2015-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-19 10:39:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجەپ قالتىس يىزىلغان بىر سىقىم ھەسرەت بوپتۇ، چىن ھىسيات ھەقىقى ئىپادىلنىپ تۇرۇپتۇ، ئاللاھ ھەركىمگە شىپاتلىق ۋە سالامەتلىك خاتىرجەملىك ئاتا قىلغاي

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110532
يازما سانى: 169
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 351
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 22 سائەت
تىزىم: 2014-10-11
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-19 11:16:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەسرە ت  ئادەم ھاياتلا بولىدىكەن بىر ئۆمۈر ھەمراھ بولىدۇ ، خۇشاللىق ۋە بەخـتمۇ ھەم شۇنداق ، ھەسرەتكە پاتقان دەقىقىلەردە ئەڭ يېقىن كىشىلىرىمىزنىڭ بىزگە ھەمراھ بولۇپ تەسەللى بېرىشلىرى ، بىز بىلەن تەڭ ياش تۆكۈشلىرى گەرچە ئازاب ئىچىدە تۇرۇۋاتقان بولساقمۇ ،ياراتقۇچى بىزگە ئاپىرىدە قىلغان ئەڭ قىممەتلىك خۇشاللىق ، ھاياتىڭىز خۇشاللىقلارغا قۇچاق ئاچقاي 1

سەن ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلغان ھەممىلا نەرسىنىڭ  گۈزەل نەرسىلەر بولىشى ناتايى

تەككەپپۇرلۇق ئى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18013
يازما سانى: 967
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10290
تۆھپە نۇمۇرى: 421
توردا: 2359 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2015-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-19 11:46:52 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1263318936 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-19 10:39 AM
ئەجەپ قالتىس يىزىلغان بىر سىقىم ھەسرەت بوپتۇ، چىن ھىسي ...

رەھمەت ھەدە ياقتۇرغىنىڭىزغا تەشەككۈر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110089
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 290
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 133 سائەت
تىزىم: 2014-9-21
ئاخىرقى: 2015-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-19 11:55:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەرقانداق خوشاللىق   ۋەغەمقايغو    مەڭگۆ بولما س



چەبدەس مون بىرىگە ئولىنىش ئادرىسىنى دەپبەرسەڭلا قىرىنداشلار تىمىغا موناسىۋەتسز بوپقالدى كەچۆرۆڭلا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84300
يازما سانى: 1076
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5045
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 205 سائەت
تىزىم: 2012-8-24
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-19 12:20:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يارايسىز ، ئاخىرىنى ئوقۇپ تۈگەتكەندە ، گۈزەل ھاياتقا تەلپۇنۋاتقان بىر جەزبىدار قەلبنى كۆرگەندەك بولدۇم ، ھەسرەتنى ھەسرەت دەپ يۈرسە كىشى ، شۇنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قالىدۇ . شۇڭا يەنىلا شۇ بىر سىقىم ھەسرەتنى گۈزەل تىلەكلەر بىلەن مۇجىۋەتكەن  ياخشى .


تۇرمۇش ـــــ كېسىپ تىكىدىغان مودا كىيىم ئەمەس !

تەككەپپۇرلۇق ئى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18013
يازما سانى: 967
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10290
تۆھپە نۇمۇرى: 421
توردا: 2359 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2015-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-19 12:47:28 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
mehriya يوللىغان ۋاقتى  2015-3-19 12:20 PM
يارايسىز ، ئاخىرىنى ئوقۇپ تۈگەتكەندە ، گۈزەل ھاياتقا ت ...

رەھمەت ھەدە تىمامنى ھەقىقى ئىچىگە كىرىپ تۇرۇپ كۆرۈپسىز ,  ھەممىمىزگە ساقلىق ھەم خوشاللىق مەڭگۈ يار بولسۇن!






ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 115098
يازما سانى: 132
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 219
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 62 سائەت
تىزىم: 2015-3-10
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-19 06:31:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادەم دېگەنمىچۇ ھاياتىدا ھەسىرەت، ئازاپ دېگەنلەرنى تېتىپ باققۇلۇق بولمىسا  ئۆزىنىڭ بۇ دۇنياغا نېمە ئۈچۈن يارالغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ، ئازابلانغاندىلا خۇشاللىقىنىڭ قەدىرىگە يىتىدۇ....

ھەممە ئىشنىڭ بىر ياخشى بىر يامان تەرپى بار، ئىشقىلىپ يىغلىساقمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ بۇ كۈن كۈلسەكمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ بۇ كۈن، ئەڭ ياخشىسى بۇ دۇنيا ئۈچۈن ئەمەس ئۇ دۇنيا ئۈچۈن ياشىغان ئەڭ تۈزۈك...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105067
يازما سانى: 307
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1077
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 267 سائەت
تىزىم: 2014-3-20
ئاخىرقى: 2015-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-19 07:04:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەلبىم ئاجىز ئىڭرىماقتا، تەنلىرىم ئاغرىق ئازابىدىن تولغانماقتا ، ئەمما مەن يىغلاشقا ئامالسىز، چۈنكى مەن ئۈچۈن ئوتۇمدا كۆيۈپ،سۈيۈمدە ئاققان مىھرىبانلىرىمنىڭ ئازاپ ياشلىرىنى كۆرگۈم يوق، دائىم ئۆزەمگە غەيرەتلىك بول، بۇ ئازاپ ،بۇ كۈنلەر ساڭا مەڭگۈلۈك ئەمەس، ھاياتنىڭ سىناقلىرى يەنە بۇنىڭلىق بىلەن ئاخىرلاشمايدۇ ، قۇياشنىڭمۇ ساڭا كۈلۈپ باقىدىغان ۋاقتى كىلىدۇ دەيتىم.

ھايات يولى شۇنداق بولىدۇ، بەزىدە ئىنسان ئۆزتەقدىرىنى ئۆزگەرتىشكە  ئاجىزلىق قىلىدىكەن .

شۇنداق ياخشى يېزىپسىز، بۇندىن كىيىنكى ھايات يولىڭىزنىڭ تېخىمۇ پارلاق، تېنىڭىزنىڭ سالامەت بولۇشىنى ، خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتۈشنى تىلەيمەن.

كۆز كۆڭۈلنىڭ ئەينىكى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102857
يازما سانى: 2163
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1654
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1907 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2015-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-19 11:22:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nawa02 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-19 07:04 PM
قەلبىم ئاجىز ئىڭرىماقتا، تەنلىرىم ئاغرىق ئازابىدىن تو ...

ساپساقلا قىزبالىتى بۇ     سۆزلەپ قالدىمۇ بۇمۇ             توۋا ھازىرقى باللارنى   يۇمۇر بولسا كۈلىدىغان     ،  لىرىكا بولسا يىغلايدىغان  گەپما    .      

[كۆڭلى قارىنىڭ يۈزىدە خەت يوق يۈرىكىدە نەشتىرى بار
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش