مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 733|ئىنكاس: 5

نورۇز ئېشى ئىچمىگەن دادام [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79273
يازما سانى: 51
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3999
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 253 سائەت
تىزىم: 2012-4-24
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-18 05:13:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

نورۇز ئېشى ئىچمىگەن دادام

ئابدۇغېنى ساۋۇت ئاچارى

قۇشلار كەلسە سەپ-سەپ ئۇچۇشۇپ،
باھار كەلدى دېدى بالىلار.
سۇلار كەلسە شىلدىرلاپ ئېقىپ،
باھار، نورۇز دېدى دادىلار.

غۇر-غۇر شامال چىقىپ تۇيۇقسىز،
ئەتراپىمنى توپا چاڭ باستى.
ۋىچىرلىشىپ سايرىغان قۇشلار،
قەيەرگىدۇر يوقالدى، قاچتى.

قايسى كۈنى يېزا ئارىلاپ،
كۆرگەن ئىدىم بوت- بوت چالغاننى.
گېزىتلەردىن لەگلەكلەر ياساپ،
ئۇچۇرغاننى ، چۇقان سالغاننى.

باھار، باھار، يىپيېڭى باھار،
ھەممە يەردە باھارنىڭ ھېدى.
سۆيۈپ تۇرۇپ مەڭزىمگە شامال،
مەن باھارمەن، نورۇزوڭ دېدى.

يېلىڭ كىيىپ يۈرگەنتىم مانا،
شامال چىقىپ دۈگدۈيۈپ قالدىم.
باھار دېگەن شوخ، ئەركە بالا،
مەن باھاردىن نېسىۋە ئالدىم.

يېشىللىقتىن تون كەيدى ئالەم،
ياپيېشىلدۇر ئېتىزلار، باغلار.
نورۇز بىلەن كۈلدى تەبىئەت،
خۇشال ھەتتا تاپ-تاقىر تاغلار.

*   *    *    *    *

تۈنۆگۈن كەچ ئايالىم بىزگە،
ئېتىپ بەرگەن كۆك چۆچۈرىسى.
قوشنىلارغا بىر تەخسە ئاران،
چىقارغانتۇق ئوغلۇمدىن تېخى.

كۆك چۆچۈرە يېڭىلىق ئىدى،
قوشنىلاغا نورۇزلۇق سالام.
دادام بەكمۇ جاپاكەش ئىدى،
دادامدىنمۇ جاپاكەش ئانام.

يەنە بۇ يىل نورۇز كەلگەندە،
يوق بوپ قالدى رەھمەتلىك دادام.
كۆك چۆچۈرە يىگەنتى بىراق،
نورۇز ئېشى ئىچمىگەن دادام.

*    *   *   *   *

باھار بەكمۇ ئالدىراش پەسىل،
ئانىلارمۇ، بوۋاقمۇ دېھقان.
ئىشلىمەكتە ئېتىزدا شوخ-شوخ
بالىلارمۇ سېلىشىپ چۇقان.

دېھقان بولماي نەدە بىزگە نان،
قوغۇن، تاۋۇز، ئالما ھەم ئانار.
نان بولمىسا بولار كىمدە جان،
دېھقان دېسە يۈرىكىم يانار.

ئاھ، دېھقىنىم نورۇزۇڭ كەلدى،
نورۇز ئېشى پىشتى ئىچىۋال.
كەلگىنە ئەي ساقاللىق بوۋا،
نورۇز بوۋاي، نورۇز ئوينىۋال.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاچارى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-18 05:14 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79753
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3461
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 31 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-18 10:21:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شېئىرىڭىز ياخشى چىقىپتۇ. مۇبارەك بولسۇن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 115279
يازما سانى: 163
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 258
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 156 سائەت
تىزىم: 2015-3-15
ئاخىرقى: 2015-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-19 12:35:13 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نۇرۇز ئېشىنى قانداق ئىتىدو

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72418
يازما سانى: 935
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1336
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 618 سائەت
تىزىم: 2012-1-1
ئاخىرقى: 2015-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-19 04:08:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى چىقىپتۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 115098
يازما سانى: 138
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 239
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 71 سائەت
تىزىم: 2015-3-10
ئاخىرقى: 2015-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-19 06:55:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشلانغۇچتا ئوقۇيدىغان چاغلاردا بىر نەچچە قېتىم مەكتەپتىن بىر تۇتاش يوغان قازانلاردا نورۇز ئىشى ئىتىپ بەرگەن ئىدى، ئۇ ۋاقتىلاردا قىززىقچىلىق بىلىنىپ بىر قاچىغا بولدى قىلماي ئىككى ئۈچ قاچا ئىچىۋالاتتىم، لېكىن تەمى ئىسىمدە قالماپتۇ،  ھازىر ھەجەپ ئىچكىم كەلدى دېسە، ئۆزۈم ئىتىشنى ئۇقمايمەن، بۇ يىل ئۇكامنىڭ مەكتىپىدە ئىتىپ بەرسە بېرىپ ئىچىۋىلىپ كېلەيمىكى يا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 115085
يازما سانى: 111
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 200
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 40 سائەت
تىزىم: 2015-3-9
ئاخىرقى: 2015-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-20 09:24:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىلغان بىر شىئېرنى ئوقۇپ ھاياجانلاندىم ئەتتىگەندە . رەھمەت سىزگە

ياخشى كۈنلەر ھامان كېلىدۇ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش