ئۈمۈد ئۆلۈمنى يېڭىدۇ، كۆرەش زۇ
دائىملىق ئــەزا
لەگلــەك . نىيازئەلى ئادىل . باھاردىكى ئىزغىرىن شامال، ئەسلىتىدۇ گۆدەكلىكىمنى. چىغ، قەغەزدە لەگلەك ياسىغان، ئاشۇ غەمسىز ئۈلپەتلىرىمنى. . تانا تارتىپ ھەريان يۈگۈرسەك، سەلكىن شامال سۆيۈپ ئۆتەتتى. گاھ، لەگلەكلەر قىلاتتى پەرۋاز، گاھ، بىرلىرى لايغا چۈشەتتى. . چۇرقىرايتۇق ئاسمانغا قاراپ، چۆرگىلەيتى توختىماي غالتەك. غالتەك بىلەن ھەمنەپەس ئىكەن، كۆك ئاسمانغا ئۆرلىگەن لەگلەك. . تانا باغلاپ لەگلەك ئۇچۇرغان، ئەجەپ گۈزەل ئىدى بالىلىق. مانا ئەمدى لەگلەككە ئوخشاش، تۇرمۇش بىلەن باغلاندى ياشلىق. . 2015 - يىلى 18 - مارت چارشەنبە غۇلجا موڭغۇلكۈرە شوتا يېزىسى
پاش قىلىش
ئادەتتىكى ئەزا
ئاكتىپ ئەزا
تىرىشچان ئەزا
ranjimayman يوللىغان ۋاقتى 2015-3-19 12:47 PM خىياللارنى لەگلىك قىلىپ ئۇچۇردۇم، يىپى ئۇنىڭ يۈرىگمگە ...
ablikim.karkax يوللىغان ۋاقتى 2015-3-19 04:10 PM يارنى ساقلاپ،يۈرەك داغلاپ يۈرگەنلەر، تاق ياشايدۇ ، ك ...
ranjimayman يوللىغان ۋاقتى 2015-3-19 04:28 PM كەمتەرلىگىنى قارا... شۇنداق چىرايلىق چىقىپتۇ.
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ