مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 499|ئىنكاس: 11

چىلاننىڭ ئەتىيازلىق پەرۋىشدىكى مۇھىم نۇقتىلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 445
يازما سانى: 116
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11074
تۆھپە نۇمۇرى: 453
توردا: 3292 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-17 11:38:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                          چىلاننىڭ ئەتىيازلىق پەرۋىشدىكى مۇھىم نۇقتىلار
           (چاقىلىق ناھيىلىك چىلانچلىق پەن -تېخنىكا مۇلازىمەت مەركىزىدىن  ئەمەتجان ئۆمەر )

      ئۇزۇن قىش تۈگەپ ئەتىيازمۇ كەپ قالدى ، نۆۋەتتە جەنۇبى شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا چىلان ئۆستۈرلىۋاتىدۇ ، مەن ئۆزۈم بىر تېخنىك بولۇش سۈپىتىم بىلەن چىلان پەرۋىشىنىڭ نۆۋەتتىكى مۇھىم نۇقتىلىرىنى قىسقىچە رەتلەپ چىقتىم ، دىھقان دوستلارغا پايدىسى بولۇر دىگەن ئۈمىدتىمەن .
چىلاننى شەكىلگە كەلتۈرۈپ چاتاش
چىلاننى ئەتىيازلىق چاتاشنى بىخلانغۇچە ئېلىپ بارساق بولىدۇ ، 2-ئايدىن 3-ئايغىچەچاتاشنىڭ ياخشى مەزگىلى .
1. شەكىلگە كەلتۈرۈپ چاتاشنىڭ پىرىنسىپى :
            1).يازلىق چاتاشنى ئاساس ، قىشلىق چاتاشنى قوشۇمچە قىلىش . يازلىق چاتاشتا شاخ تارتىش ، بىخ پۇتاش ، ئۇچىنى ئۈزۈش قاتارلىق ۋاستىلەر ئارقىلىق ئوزۇقلۇقلارنىڭ ئورۇنسىز ئىسراپ بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ، بالدۇرشەكلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ .
2).ئالدىدا قۇيۇۋېتىپ كىيىن كونتىرول قىلىش ، ئۈستىنى توسۇپ ئاستىنى قويۇۋېتىش  . ياش كۆچەت مەزگىلدە سۇ، ئوغۇت پەرۋىشىنى كۈچەيتىپ دەرەخ تاجىسىنىڭ تىز سۈرەتتە چوڭيىشىنى تېزلىتىپ ، مېۋە بېرىش كۆلىمىنى كېڭەيتىش ، مول مېۋىلەش مەزگىلىگە كىرگەندىن كىيىن ئۇچىنى ياندۇرۇش ، قىسقا كېسىش ، شاخ تارتىش قاتارلىق ۋاستىلەرنى قوللۇنۇپ دەرەخ تاجىسىنىڭ داۋاملىق كېڭىيىشىنى تىزگىنلەپ ئوزۇقلۇقنى مەركەزلەشتۈرۈپ مېۋىلەش نىسبىتىنى ئاشۇرۇش . چىلان يورۇقپەرەس دەرەخكە تەۋە ، شاخ ئۇچى ئەۋزەللىكى كۈچلۈك  . ئوڭايلا ئۈستى كۈچلۈك ، ئاستى ئاجىز ھالەت شەكىللىنۋالىدۇ . ئۇچىنى ياندۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللۇنۇپ ئاستى قىسىمدىكى شاخلارنىڭ ئۆسۈشىنى تېزلىتىپ ، دەرەخنىڭ ئىگىزلىكىنى كونتىرۇل قىلىپ ، كۈن نۇرى ، شامال ئۆتۈشدىغان دەرەخ قۇرۇلمىسىنى شەكىللەندۈرۈش .  
3).دەرەخنى ئاساس قىلىپ شەكىلگە كەلتۈرۈش ، شاخقا قاراپ چاتاش: دەرەخنى چاتىغاندا  دەرەختىكى شاخلارنىڭ جايلىشىش ، تارقىلىش ئەھۋالىغا قاراپ شەكىلگە كەلتۈرۈپ چاتاش ، شاخلىرى مۇۋاپپىق تارقالغان ، قۇرۇلمىسى ئىخچام ، ئاساسى شاخ ، يان شاخلىرى ئېنىق ئايرىلغان بۇلۇش ، مەلۇم خىل چاتاش ئۇسۇلىنى ئۆلۈك قوللانماسلىق كېرەك  .
        2. كۆپ ئۈچىرايدىغان دەرەخ شەكىللىرى
1)ئەركىن ئورچۇقسىمان شەكلى
چىلاننىڭ بىر مو يەردىكى تۈپ سانى 50تۈپتىن ئارتۇق بولغاندا بۇ خىل شەكلىنى قوللىنىمىز . ئاساسى شاخلىرى كۆپ 8دىن 10غىچە ئاساسى شېخى بولىدۇ ، ئاساسى شاختا قوشۇمچە شاخلار تەربىيلەنمەيدۇ . ئاساسى شاخلارنىڭ بۇلۇڭ گىرادۇسى گورژىنتال ھالەتتە  مەركىزى غولغا نۆۋەت بويىچە جايلاشقان  بولىدۇ . ئاساسى شاخلارنىڭ ئۇزۇنلىقى بىر مېتىر ئەتىراپىدا بولىدۇ    . ئاساسى شاخلارنىڭ ئارلىقى 40-20سانتىمىتىر بولىدۇ   . دەرەخ ئىگىزلىكى  2.5-2.2مىتىرغىچە بولىدۇ . ئاساسى غول ئىگىزلكى 40-35سانتىمىتىرغىچە بولىدۇ  . بۇ خىل دەرەخ شەكلى پاكارلاشتۇرۇپ زىچ ئۆستۈرۈش تەلىۋىگە ماس كىلدۇ .
2)كىچىك تاجلىق شالاڭ قەۋەت شەكلى
چىلاننىڭ بىر مو يەردىكى تۈپ سانى 50تۈپتىن ئارتۇق بولغاندا بۇ خىل شەكلىنى قوللىنىمىز . . دەرەخ ئىگىزلىكى  2.5مىتىر بولىدۇ . ئاساسى غول ئىگىزلكى 40-35سانتىمىتىرغىچە بولىدۇ پۈتۈن دەرەختە 5-6گىچە ئاساسى شېخى بولىدۇ ، مەركىزى يىتەكچى غولغا ئۈچ قەۋەت بويىچە جايلىشىدۇ . بىرىنچى قەۋەتتە ئۈچ ئاساسى شاخ بولۇپ ئاساسى شاخلارنىڭ گورزىنتال ئارلىقى 120گىرادۇس ، ئاساسى شاخلار بىلەن مەركىزى غولىنىڭ ئارلىقى 70 گىرادۇس بولىدۇ .  ئىككىنچى قەۋەتتە ئىككى  ئاساسى شاخ بولۇپ بىرىنچى قەۋەت بىلەن بولغان  ئارلىقى 80سانتىمىتىر ، ئۈچىنچى قەۋەتتە بىر  ئاساسى شاخ بولۇپ ئىككىنچى قەۋەت بىلەن بولغان  ئارلىقى 70سانتىمىتىر بولىدۇ . ئاساسى شاختا 2-1گىچە قوشۇمچە شاخلار تەربىيلىنىدۇ . باشقا شاخلار  قوشۇمچە تەربىيلەنگۈچى شاخ گۇرۇپىسى قىلىپ تەربىيلىندۇ . . بۇ خىل دەرەخ شەكلى پاكارلاشتۇرۇپ زىچ ئۆستۈرۈش تەلىۋىگە ماس كىلدۇ .
         3 )ئىچى ئوچۇق شەكلى
دەرەخ ئىگىزلىكى  2.5مىتىر بولىدۇ . ئاساسى غول ئىگىزلكى 60-40سانتىمىتىرغىچە بولىدۇ پۈتۈن دەرەختە 5-6گىچە ئاساسى شېخى بولىدۇ ، مەركىزى يىتەكچى غولغا ئۈچ ئاساسى شاخ جايلاشقان بولۇپ  . ئاساسى شاخلارنىڭ گورزىنتال ئارلىقى 120گىرادۇس ، ئاساسى شاخلارنىڭ كېرىلىش بولۇڭى  50-40 گىرادۇس بولىدۇ . مەركىزى يىتەكچى غولى بولمايدۇ . ئاساسى شاختا 4-2گىچە قوشۇمچە شاخلار تەربىيلىنىدۇ . باشقا شاخلار  قوشۇمچە تەربىيلەنگۈچى شاخ گۇرۇپىسى قىلىپ تەربىيلىندۇ  . بۇ خىل دەرەخ شەكلى پاكارلاشتۇرۇپ زىچ ئۆستۈرۈش تەلىۋىگە ماس كىلدۇ . بۇ خىل دەرەخ شەكلىنىڭ شەكلى كىچىك ، قۇرۇلمىسى ئاددى ، ئوڭاي تەربىيلىگلى بولىدۇ كۈن نۇرى ، ھاۋا ئۆتۈششى ياخشى ، پەرۋىشى قولايلىق    .  

3.چىلان دەرىخنى چاتاشتا  كۆپ قوللىنىغان ئۇسۇللار

       1)ئۇچىنى ياندۇرۇش : دەرەخ تاجىسى ھەددىدىن ئارتۇق ئىگىز  ئۆسۈپ كەتكەن چىلانلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىلىدۇ  ،بۇ خىل دەرەخلەرنىڭ  مېۋىلىگۈچى شاخلىرى ئۈستى قىسىمغا جايلىشىقان بولغاچقا ئۇچىنى ياندۇرۇش بەك تېز بوۇلپ كەتسە مەھسۇلاتى تەسىرگە ئۇچىرايدۇ . شۇڭا ئىككى ئۈچ يىلغا بۆلۈپ تاماملاش كېرەك . بىرىنچى يىلى 3.5مىتىر ئورۇندىن ئىچىنى ئېچىپ ئۇچىنى ياندۇرىمىز . كىيىن تەدرىجى  ھالدا دەرەخ ئىگىزلىكىنى 3مىتىر دائىردە تىزگىنلەپ  دەرەخ تاجىسىنىڭ ئىچكى قىسىمنىڭ كۈن نۇرى ، ھاۋا ئۆتۈشۈش شارائىتىنى ياخشىلاش مەقسىتىگە يىتىمىز .
       2)شاخ شالاڭشىتىش : ئاساسى قىسىمدىن باشلاپ زىيادە زىچ ئۆسۈپ كەتكەن شاخلارنى ، بەسلەشكۈچى شاخلارنى ،ئۈستمۇ–ئۈستلەپ ئۆسۈپ قالغان  شاخلارنى ، كېسەللىك ، زىيانداش ھاشارەتلارنىڭ زىيىنىغا ئۇچىرىغان شاخلارنى ، گىرەلىشپ  ئۆسۈپ  قالغان شاخلارنى كېسىپ چىقىرۋېتىپ دەرەخ تاجسىنىڭ ئىچكى قىسمىنىڭ  كۈن نۇرى ، شامال ئۆتىششىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك .
       3)قىسقارتىش : زىيادە ئوزۇن ئۆسۈپ قالغان ،  پەسكە ساڭگىلاپ قالغان شاخلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىلىسا شاخلارنى يېڭىلاپ ، دەرەخ شەكلىنى كۈچەيتىدۇ .
    4)قىسقا كېسىش : ئىككى خىل شەكلى بار ،ئا:<<بىر قايچا بىلەن چەكلەش >>  شاخ ئۇچىغا قارىتا ئېلىپ بېرىلىدۇ  . شۇنىڭ بىلەن بىللە كىيىنكى مەزگىلدە ئۆسكەن ئىنچىكە ئىككىلەمچى شاخلارنى  كېسىۋېتىپ ئوتتۇرا قىسىمدىكى قاۋۇل ئىككىلەمچى شاخلارنى قالدۇرۇپ ئۈگە شاخلارنىڭ مېۋىلەش ئىقتىداى ئاشۇرۇلىدۇ . ب: <<ئىككىنچى قايچا بىلەن چىقىرىش >> شاخ ئۇچىنى قىسقا كەسكەندە  كېسىك ئاغزىنىڭ ئاستىدىكى بىرىنچى ئىككىلەمچى شاخنى كېسىپ ئاساسى بىخنى غىدىقلاپ يېڭى شاخ شەكىللەندۈرۈلىدۇ . بۇ يان شاخنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئۇسۇلى   .
        
     5)زەخمىلەندۈرۈش ، بىخنى ئويۇپ ئېلىۋېتىش : ئادەتتە شاخ تەربىيەلەشتە ئىشلىتىلىدۇ . بىخ ياكى شاخنىڭ ئۈستۈنكى قىسىم دائىرسىدە  قوۋزاق قىسىمىنى زەخمىلەندۈرۈپ ئاساسى بىخنىڭ  بىخلىنىشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ .
        6)شاخ كېرىش : بىۋاستە كەرىگۈ ياغاچ بىلەن شاخ بۇلۇڭى كېرلىپ مەلۇم كەڭلىككە يەتكۈزۇلىدۇ .
     7)شاخ تارتىش : سىم ياكى تانا بىلەن شاخنى تارتىپ مەلۇم كەڭلىككە يەتكۈزۈپ مەلۇم  نوقتىغا باغلىنىدۇ .
      8)غولىنى بەلگىلەش : شۇيىلى تىكىلگەن ياكى2 ~1يىل بولغان كۆچەتلەرگە قارىتا كۆچەت غولى بەلگىلىك ئىگىزلىقتە توختىتىلىپ كېسىلىدۇ . بۇ غولىنى بەلگىلەش دەپ ئاتىلىدۇ .
         4. چىلان ئۇغۇتلاش
         چىلان كۈزدە ئوغۇتلانمىغان بولسا ئەتىيازدا چوقۇم ئورگانىك ئوغۇتلاش كېرەك ، ئوغۇتلاش ۋاقتى توڭ ئېرىگەندىن كىيىن 4-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە بولۇش كېرەك ، ئامال بار تولۇق چىرىگەن ئورگانىك ئوغۇت بېرىش كېرەك ، ئوغۇتلاش ئورنى ئادەتتە دەرەخ تاجىسىنىڭ چوڭلىقىغا قاراپ بىكىتىلىدۇ ، كۆپ قوللىنىدىغان ئوغۇتلاش  شەكىللىرىدىن نۇرسىمان ئورەك كولاپ ئۇغۇتلاش ، چەمبەرسىمان ئوغۇتلاش ، چۆنەك ئېچىپ ئوغۇتلاش قاتارلىق ئۇسۇللىرى بار ، ئوغۇتلاش ئورنى ئادەتتە دەرەخ تاجىسىنىڭ چوڭلىقىغا قاراپ بىكىتىلىدۇ ، مىقدارىمۇ دەرەخنىڭ چوڭ –كىچىكلىكىگە قاراپ بولىدۇ ئادەتتە 1-2يىللىق كۆچەتلەرنىڭ ھەر بىر تۈپىگە 2-5كىلوگىرامغىچە ، 2-4يىللىق كۆچەتلەرگە 5-10كىلوگىرامغىچە ، 4-8كۆچەتلەرگە 15-50كىلوگىرامغىچە ئوغۇت بەرسەك مۇۋاپىق بولىدۇ .
          شۇ  ئۇنىڭدىن باشقا قېرىنداشلارغا چىلانچىلىق تېخنىكىسىدىن ھەقسىزمەسلىھەت بېرىمەن . چىلانچىلىق بىلىملىرىمنى ئېلان قىلغان بلوگىم : http://lopluq.blogbus.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99910
يازما سانى: 713
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1874
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 716 سائەت
تىزىم: 2013-11-22
ئاخىرقى: 2015-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-18 09:25:04 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىزگە. بىزغۇ چىلانلىرىمىزنى چاتاپ بولغان، باشقا چىلانلىرىنى چاتىمىغان قېرىنداشلىرىمىز پايدىلانسا بولغۇدەك

باشقىلارنىڭ ھەقىقىي مۇھەببىتىگە، ياخشى كۆرۈشىگەدوستلۇقىغا، ئېرىشكەن ئادەم ئەڭ بەختلىك ئادەمدۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99910
يازما سانى: 713
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1874
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 716 سائەت
تىزىم: 2013-11-22
ئاخىرقى: 2015-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-18 09:31:59 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قانداق قىلغاندا چىلاننى كۆپ مېۋىگا كىرگۈزگىلى بولىدۇ؟

باشقىلارنىڭ ھەقىقىي مۇھەببىتىگە، ياخشى كۆرۈشىگەدوستلۇقىغا، ئېرىشكەن ئادەم ئەڭ بەختلىك ئادەمدۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101241
يازما سانى: 744
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3866
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 599 سائەت
تىزىم: 2013-12-23
ئاخىرقى: 2015-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-18 01:49:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەڭ دېھقان -چارۋىچىلارنىڭ غېمىنى يەپ ياخشى تىمىدىن بىرنى يوللاپسىز.
رەھمەت سىزگە قېرىندىشىم.

مېھرىماھ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 115279
يازما سانى: 157
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 240
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 148 سائەت
تىزىم: 2015-3-15
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-18 02:31:58 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىزگە بىزنىڭ ئىككى مۇ يەردە چىلان بار ئىدى ببۇ چىلانلارغا كونجور ساغان كونجورنىڭ ئوغوتتەك پايدا قىلارمۇ؟


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97760
يازما سانى: 197
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2133
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 400 سائەت
تىزىم: 2013-9-11
ئاخىرقى: 2015-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-18 04:59:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھورمەتلىك تېما ئىگىسى،جەنۇبى شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكىدە ياڭاق، چىلان قاتارلىق ئىقتىسادى ئورمانلار دىېقانلارنىڭ مۇھىم ئىقتىسادى كىرىم مەنبى بۇلۇپ قالدى.لىكىن خىلى بىرقىسىم دېھقانلارنىڭ بۇ ئىقتىسادى ئورمانلارنى باشقۇرۇش جەھەتتىكى تىخنىكا بىلىملىرى كەمچىل، مۇشۇنداق تېمىلىرىڭىز ئۇلارنىڭ ياخشى ياردەمچىسى بۇلالايدۇ.مۇنبەرگىمۇ ئوزگىچىلىك ئاتا قىلالايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 115208
يازما سانى: 131
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 282
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 57 سائەت
تىزىم: 2015-3-13
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-18 06:20:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يارايسەن ئۇكام

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 445
يازما سانى: 116
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11074
تۆھپە نۇمۇرى: 453
توردا: 3292 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-18 09:43:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
feruq يوللىغان ۋاقتى  2015-3-18 09:31 AM
قانداق قىلغاندا چىلاننى كۆپ مېۋىگا كىرگۈزگىلى بولىدۇ؟ ...

     چىلاننى كۆپ مېۋىگە كىرگۈزۈش ئۈچۈن نۇرغۇن ئەجىر كىتىدۇ ، ئالدى بىلەن ياخشى سورتقا ئۇلايسىز ، ئۇنىڭدىن باشقا چوڭىيىشغا ئەگىشىپ مۇۋاپىق چاتاپ مول -ھوسۇللۇق  دەرەخ شەكلى ھاسىل قىلىسز ، ئاندىن ھەر يىلى مۇۋاپپىق ئوغۇتلايسىز ، ئۇنىڭدىن باشقا ئەڭ مۇھىمى يازلىق پەرۋىشى ، يەنى ئۇچىنى ياندۇرۇش ، ھارام پۇتىقىنى ئېلىش ، قوۋزىقىنى ھالقىسىمان سويۇش ، يۇپۇرماق ئوغۇتى پۈركۈش  دىگەندەك ...... تەدبىرلەر بەك كۆپ ، ئاللا خالىسىا بۇ ھەقتە ئايرىم تېما يوللايمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 445
يازما سانى: 116
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11074
تۆھپە نۇمۇرى: 453
توردا: 3292 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-18 09:45:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پالاكەت. يوللىغان ۋاقتى  2015-3-18 02:31 PM
رەھمەت سىزگە بىزنىڭ ئىككى مۇ يەردە چىلان بار ئىدى ببۇ چ ...

كۈنجىرىمۇ ناھايىتى ياخشى ئورگانىك ئوغۇت .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 445
يازما سانى: 116
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11074
تۆھپە نۇمۇرى: 453
توردا: 3292 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-18 09:47:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
karawul3 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-18 04:59 PM
ھورمەتلىك تېما ئىگىسى،جەنۇبى شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكى ...

مەدىتىڭىزگە رەھمەت ، ئاللاھ خالىسا بۇندىن كىيىنمۇ بۇ ھەقتە تېما يوللاپ تۇرىمەن .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش