سىنى سۆيەتتىم.........
(ئابدۇرېھىم ئابدۇۋەلى (ئاسۇق) )
قايغۇلۇق ھېجراندا ئىچتىم قېنىمنى،
قەبىرىگە كىرمەيلا سېسىدى تېنىم.
كۈلۈپ تۇرۇپ دىگۈم بار ئىدى،
-بەخىتلىك بول جېنىم ئەزىزىم.
بەك ئۇزاق بىر
ناخشا يازدىم سەن ئۈچۈن،
ھېجراننىڭ سۇيىدە يۇيۇنۇپ تۇرۇپ.
ياستۇقۇم ئاھاڭنى يېزىپ بەرگەندە،
يىغلىدى يۈرۈكۈم يەنە ئاھ! ئۇرۇپ.
يالغاندىن كۈلۈشنى ئۆگەندىم خېلى،
ئەلەملىك يىغامنى مەڭگۇ بىلمەيسەن.
قاچانمۇ بەخىتلىك بولىسەن مەنچۇن؟
ۋە ياكى شۇ بەخىت سىنڭىدە دەمسەن؟
ھەر كېچە چۇش كۆرسەم چۈشۈمگە كىرسەڭ،
مەن ئامراق ئاشۇنداق تاتلىق كېچىگە.
شۇ قەبىھ ئۈلۈمدىن سېلكىنىپ چىقىپ ،
ئايلىنىپ قالسامچۇ سىنىڭ بەختىڭگە.......
2010-يىلى 27-نويابىر ئاقسۇساجىڭزا(قۇمقۇدۇق)تا يېزىلدى