 |
 |
 |
 |
قەلىبتە قوياش
ئابدۇۋايىت ئابلىز
(باغرى كەڭ،تىرىشچان تاجىك كارخانىچى،ساخاۋەتچى ماھىرجان ئاكىغا ئاتاپ)
شىر پەنجىلىك باھادىر يىگىت، بۈركۈت كەبى كەڭ قانات قېقىپ. نۆلدىن باشلاپ چىقىپ يۇقىرىغا، باغرىنى كەڭ كەلدى ئۇ ئېچىپ. بويى ئېگىز بەكمۇ كېلىشكەن، تىرىشىپ زور ئۇتۇق ئېرىشكەن. خىسلىتى چوڭ ئەلگە بېرىشكەن، قەلبىمىزنى كەلدى ئىرىتىپ.
چوڭقۇر كانمۇ تۈگەيدۇ قازسا، چوڭ ئامبارمۇ قۇرۇيدۇ ئاقسا. ھەممە كىشى بېرىدۇ ئاشسا، توختىماستىن بەردى يېتىشىپ. مەيلى ئېگىز ۋە ياكى پاكار، ئورۇق سېمىز ھەتتاكى« ناكار». بىرنى قويماي ياردەمدە قاتار، شۇڭا ھەممە كەتتى سۆيۈنۈپ.
بۇنداق خىسلەت قوياشقىلا خاس، قەلىبتە ئۇ قوياشقا تەڭداش. ئۇ بار يەردە مۇھەببەت ھەم بار، قەلبىمىزنى كەلدى ئىرىتىپ.
يوللىرىڭىز بولسۇن ئاق يوللۇق، چېھرىڭىز ھەم چاقنىسۇن نۇرلۇق. سىزگە ئىشىنىپ كەلدۇق بىز تولۇق، داۋام ياشاڭ ئەلنى گۈللىتىپ.
2015-يىلى3-ئاينىڭ10-كۈنى ئاقتۇ
|
 |
 |
 |
 |
|