قانۇن ئۆگەنگەن ئانىنىڭ كېلىنىگە يازغان خېتى
سۆيۈملۈك كېلىىنىم :
ياخشىمۇسىز! سىز پات ئارىدا مىنىڭ ئوغلۇم بىلەن يىڭى ئائىلە قۇرۇش ئالدىدا تۇرىسىز ،ئائىلىمىزنىڭ بۇندىن كېيىنكى تىنىچ خاتىرجەملىكى ئۈچۈن ،مەن سىز بىلەن بەزى مەسىلىلەردە پىكىرلىشىپ ئورتاق تۇنۇشقا ئىگە بۇلۇشنى توغرا تاپتىم.
1.ئىقتىساد مەسىلىسى
1.ئوغلۇم داڭلىق ئالىي مەكتەپنى پۇتتۈردى ،ھازىر خىزمەت ئالماشتۇرغان بىلەن يەنىلا ئىقتىسادتىن غەم قىلىشىنىڭ ھاجىتى يوق.ئۇنىڭ ھازىرقى مائاشى 10000يۈۋەندىن ئارتۇق ، مەن ئويلايمەن بۇ ئىككىڭلانىڭ نۇرمال تۇرمۇشىغا يىتىپ ئاشىدۇ. ئەگەر سىز نىڭ ئۆزىڭىز ياخشى كۈرىدىغان خىزمىتىڭىز بولسا،ئۇنداقتا مەن سىز ئۈچۈن خۇشال بۇلىمەن ،ئەگەر سىز نىڭ ئۆزىڭىز ياخشى كۈرىدىغان
مائاشى يۇقىرى خىزمىتىڭىز بولسا،، ئۇنداقتا مەن سىز ئۈچۈن تېخىمۇ خۇشال بۇلىمەن.بۇسىلەرنىڭ تۇرمۇشۇڭلار ئۈچۈن پايدىلىق. ئەگەر سىزنىڭ خىزمىتىڭىز بولمىسا مىنىڭ باشقا ھېچقانداق پىكرىم يوق. ئەرنىڭ ئۆينى بېقىشى قىل سىغمايدىغان ھەقىقەت ،پەقەت سىز خۇشال بولسېڭىزلا بولدى،مەن بىر ئانا بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن سىزنى قوللايمەن.
2.بىزنىڭ بىر ئۆمۈر ئىشلەپ تاپقىنىمىز ئۆزىمىز گە يېتىدۇ،كېيىنكى كۈنلەردە سىلەرنىڭ نەرسەڭلارغاقول ئۇزاتمايمىز، بۇ تەرىپىدىن ئەنسىرىشىڭلارنىڭ ھاجىتى يوق. سىلەرنىڭ ئۆز كۈچىڭلار ئارقىلىق ئائىلەڭلارنى ياخشى قۇرىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز.
3.مەن ۋە ئۇنىڭ دادىسى ئۇنى 20 نەچچە يىل باقتۇق ،لىكىن ، ئۇنىڭدىن ھېچ نەرسە تەلەپ قىلمايمىز ،سىلەرنىڭ تۇرمۇش پۇلى بىرىشىڭلارنىڭمۇ ھاجىتى يوق. ھەمدە بىزمۇ سىلەرنى ئىقتىساد بىلەن تەمىنلىيەلمەيمىز،سىلەرنىڭ يەنىلا ئۆز كۈچىڭلارغا تايىنىپ بەخىتلىك تۇرمۇش قۇرۇشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز.
4.ئائىلىڭىزدىكىلەر سىزنى بېقىپ چوڭ قىلدى ،ئوغلۇمنى ئەمەس ،سىز ئۇلاردىن مىننەتتار بۇلۇشىڭىز كىرەك،لىكىن ،ئۇلارنىڭ ئوغلۇمدىن بىرەر نەرسە تەلەپ قىلىشىنى خالىمايمەن.ئەگەر ئوغلۇم سىز ۋە ئائىلىڭىزدىكىلەرگە ھۆرمىتىنى بىلدۈرۈپ تىگىشلىك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالسا مەنمۇ قوللايمەن. سىزنىڭ ئائىلىڭىزنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى قانچە ياخشى بۇلۇشىدىن قەتئىنەزەر بىز ئۇلاردىن ياردەم تەلەپ قىلمايمىز .
5.بىزنىڭ پۇل-ماللىرىمىز ۋە پايچەكلىرىمىز ئۇچۇق ئاشكارە ھالدائادۇكاتنىڭ ھەمراھلىقىدا ۋەسىيەت قىلىپ قالدۇرلىدۇ. بۇ مال-مۈلۈكلەر ئوغلۇم ياكى نەرۋىمىزگە قالدۇرلىدۇ.ئەگەر ئوغلۇم ئالەمدىن ئۆتسە،بىراق، نەۋرىمىز 20ياشقا توشمىسا، بۇ مال-مۈلۈكلەرنى باشقىلار ۋاكالىتەن باشقۇرىدۇ،ئادۇكات نازارەت قىلىدۇ. سىزنىڭ بۇ مال-مۈلۈكلەرنى ئىشلىتىش ھۇقۇقىڭىز بولمايدۇ. سىزنىڭ بىزنىڭ قارارىمىزغا ھۆرمەت قىلىشىڭىز ئۈمۈد قىلىمىز. ئوغلۇمنىڭ بۇندىن كىيىن تاپقانلىرىنىڭ ھەممىسى ئىككىڭلارنىڭ بۇلىدۇ ،ئەلۋەتتە.
2.ئۆي مەسىلىسى
1.سىلەر ئولتۇرىدىغان ئۆينى بىز تەمىنلەيمىز،ئۆينىڭ تاۋار ئۆي بۇلىشىغا ،130كۇۋادىرات مىتىردىن يۇقىرى بۇلىشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز. بىراق،ئۆي خېتى ئۈستىدە سىزنىڭ ئىسمىڭىز بولمايدۇ. ئۆيدە يىراق تۇققانلىرىڭىزنى قوندۇرماسلىقىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز. ئۆينى بىزەش ۋە ئائىلە ئېلىكتىر سايمانلىرى سېتىۋېلىشقا سىلەرگە 20000يۈۋەن بىرىمىز.ئۆينى بىزىگەندە مەن ئامال بار قول تىقمايمەن، ھەم پىكىر بەرمەيمەن. چۈنكى مەن كىلىننىڭ قېينىئانسى بىزىگەن ئۆينى ياقتۇرۇپ كەتمەيدىغانلىقىنى بىلىمەن .
2.سىلەر تۇرغان ئۆينىڭ بىر يۈرۈش ئاچقۇچىنى بىز ساقلاپ قويىمىز،ئاساسلىقى سىلەرنىڭ ئاچقۇچ ئالماي سىرتقا چىقىپ كەتكەندە ياكى تاساددىپىي ئەھۋالدا ئىشلىتىش ئۈچۈن. سىلەرنىڭ ماقۇللۇقۇڭلارنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرگىزمۇ ئۈيىڭلارغا كىرمەيمىز،ھەم سىلەرنى يوقلاپ كەلمەيمىز .
3.بىزنىڭ ئۆينىڭ ئاچقۇچىدىنمۇ بڭر يۈرۈشى سىلەردە بۇلىدۇ. بۇنىڭ رۇلى يەنىلا ئوخشاش ، سىلەرنىڭ خالىغان ۋاقىتتا كىلىشىڭلارنى قارشى ئالىمىز. خىزمەتكار ھەرۋاقىت ئۆيدە ئەنسىر مىسەڭلارمۇ بۇلىدۇ.
3.كۈندىلىك تۇرمۇش مەسىلىسى
تويدىن كىيىىن بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى ئەمەس،ئىككىڭلارنىڭ تۇرمۇشى ئايرىم بۇلىدۇ.بەزى كۈڭۈلسىزلىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تۈۋەندىكىلەرگەدىققەت قىلىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.
1.بىزنىڭ ئۆيدە خىزمەتكار بار،شۇڭلاشقا بىزنىڭ ئۆيگە كەلگەندە ئىش قىلمىسىڭىزمۇ بۇلىدۇ،مىنىڭ پىكىرىم يوق،ئەگەر ياردەملىشىمەن دىسىڭىز مەن خۇشال بۇلىمەن.
2.سىزنىڭ ئۆيىڭىزدە خىزمەتكار بارمۇ يوق بۇنىڭ بىلەن كارىم يوق،بىراق،سىلەرنىڭكىگە بارغاندا ھېچقانداق ئىشقا ياردەملەشمەيمەن، ئەگەر سىلەرنىڭكىگە بېرىشىمنى ئاۋارىچىلىك ھىس قىلساڭلار سىلەرنى سىرتقا تاماققا تەكلىپ قىلساممۇ بۇلىدۇ.
3.مىنىڭ ئۆيۈمدە مىنىڭ تۇرمۇش ئادىتىمگە ۋە تازلىق ئۆلچىمىمگە ھۆرمەت قىلىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن ،مەنمۇ سىلەرنىڭ ئۆيۈڭلارغا بارغاندا سىلەرنىڭ تۇرمۇش ۋە تازىلىق ئادىتىڭلارغا ھۆرمەت قىلىمەن،ھېچقانداق قۇسۇر تاپمايمەن.
4.سىرتتا،ئاممىۋىي -سورۇنلاردا ماڭا يول قۇيىشىڭىزنى ۋە ھۆرمەتلىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.
4.بالىلار مەسىلىسى
1.ئەگەر كىيىن بالاڭلار بولسا،تۇغۇتلۇق ۋاقىتتا مەن سىزگە قارىمايمەن. ئاياللار تۇغۇتلۇق ۋاقتىدا كەيپىياتى ياخشى بولمايدۇ ،ئاسان ئاچچىقلىنىدۇ،شۇڭا،مەن سىزگە تۇغۇت باققۇچى ۋە خىزمەتكار ياللاپ بىرىمەن.ئىككى كۈندە بىر بېرىپ نەرسە كىرەك ئېلىشقا ياردەملىشىمەن،سىز ماڭا تىزىملىك چىقىرىپ بەرسىڭىز بۇلىدۇ ،ئەگەر ئانىڭىز كىلىپ سىزدىن خەۋەر ئالماقچى بولسا،مەن يەنىلا شۇ ئىشلارنىلا قىلىمەن .
2.مەن بالىنىڭ ئانا سۈتى بىلەن بېقىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن،بىراق يەنىلا سىزنىڭ ئىختىيارىڭىز بۇيىچە بۇلىدۇ.
3.بالىنىڭ تەربىيلىنىشى مۇھىم مەسىلە،شۇڭا بۇ ئىشلارنى ئەستايىدىل ئويلىشىپ توغرا بولغان تەربىيلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن.
5.ئىككى ئائىلىنىڭ مۇناسىۋىتى
بۇ ھەقتە كوپ سۆزلىشىم ھاجەتسىز،ئىككى ئائىلىنىڭ ئىناق چىقىشىپ ئۈتىشىنى،ئامال بار ئىقتىساد مەسىلىسىدە باردى-كەلدى قىلماسلىقىمىزنى ،بىر-بىرىمىزنى ھۆرمەتلىشىپ ئۈتىشىمىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.
ئەڭ ئاخىرىدا سىلەرنىڭ گۈزەل، ئىناق ئائىلە قۇرۇپ چىقىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ z, w- i+ b! d; o! {5 d
مەنبە:قانۇن ئۈندىدار سۇپۇسى
قانۇن ئۈندىدار سۇپۇسىنى قوشماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئىككىلىك كوتنى سىكانىرلاپ قۇشۇڭ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 q5 O) h. v0 M
قانۇن ئۈندىدار سۇپۇسى