شېئىر بولۇپ سىڭسەڭ باغرىمغا
( ئامانگۈل ئابدۇكېرىم زىبانىڭ شېئىر بولۇپ سىڭسەم باغرىڭغا ناملىق شېئىرىغا مۇشائىرە)
otkax0903
چوغ تاشلىساڭ گۈلخانلىرىمغا،
ئىشقىڭدا مەن كۆيۈپ كېتەتتىم.
شېئىر بولۇپ سىڭسەڭ باغرىمغا،
ۋىسالىڭغا شۇئان يېتەتتىم.
شېئىر بولۇپ سىڭسەڭ باغرىمغا،
بىر مىسراسى ئۆزۈم بولاتتىم.
گۈل بويۇڭغا چاچقۇلار چېچىپ،
ھىدلىرىڭنى ھىدلاپ ئالاتتىم.
شېئىر بولۇپ سىڭسەڭ باغرىمغا،
خىيال قۇشۇم سەندە قالاتتىم.
ئۆزۈمدىنمۇ قىزغىنىپ سېنى،
بويلىرىڭغا ئىسرىق سالاتتىم.
شېئىر بولۇپ سىڭسەڭ باغرىمغا،
ۋىسالىڭغا شۇئان يېتەتتىم.
بىر تەن بىر روھ بولۇپ مەڭگۈگە،
گۈل زىبايىم سېنى سۆيەتتىم.
2015-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-10 09:16 PM